دۇنيا تارىخىدا رۇس ئېمپىرىيىسى نىسبەتەن بىرقەدەر ياش ئېمپىرىيە ھىسابلىنىدۇ.پادىشاھ پېتــر بىرىنجى1721-يىلىدارۇسسىيەنى ئېمپىرىيە،دەپ ئېلان قىلغان بولسا،1917-يىلى ئۆكتەبىر ئېنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن،ۋ.ئى.لېنىن بۇسەلتەنەتنىڭ ۋارىسى،يەنى دەھشەتلىكرەك داۋاملاشتۇرغۇچىسى بولغان قىزىل ئېمپىرىيەگە ئاساس سالدى.ھالبۇكى،پەيدا بولغان كۈنىدىن باشلاپ،پۇتۇن دۇنيادا ئىنقىلاپ قوزغاپ،تەنھا ھۆكۈمران بولۇش نىيىتى بىلەن،ئىنسانىيەتكە بالايىي-ئاپەت ياغدۇرۇپ كەلگەن،ئەشۇ [قىزىل ئېمپىرىيە]ئېگەللەپ تۇرغان،بىپايان كەڭ زىمىندا،قەدىمدە كۆپلەپ ئېمپىرىيەلەرھۆكۈمىرانلىق قىلىپ ياكى تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنىدى؛رىم،يۇنان،گېرمانىيە ،ۋىزانتىيەئېمپىرىيەلىرى؛پولشا،لېتۋا،شۋېد خانلىقلىرى؛ئاسىيادىن خىتاي،پارس،تۈرك ئېمپىرىيەلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر.بۇيەردە يەنە ئېيتىپ ئۆتۈش جائىزكى،تۇرك خەلقلىرىنىڭ ئاتا-بوۋېلىرى ئۆتمۈشتە ئون ئالتە بۇيۇك ئېمپىرىيە قۇرغان،بۇلارــ بۈيۈك ھون،غەربىي ھون، ياۋرۇپاھون،كۆكتۈرك،ئاۋار، ھازار،ئۇيغۇر،قاراخانىيلار،غەزنىلەر،بۈيۈك سەلچۇقلۇلار،خارەزمىلەر،ئالتۇنئوردا،بۈيۈك تىمۇر،بابۇرىلار،ئوسمانلى ئېمپىرىيىلىرىدۇر.بۇئورۇندا رۇس خەلقى ئۈچ يۈز يىلغا يېقىن مابەينىدە مۇڭغۇل-تاتارخانلىقلىرى قاراملىقىدا بولغانلىقىنى ھەم ئۇنۇتماسلىق كېرەك. لېكىن،يەريۈزىدە مەۋجۇدبولغان ئېمپىرىيىلەرنىڭ بىرەرسى،رۇسسىيە ئېمپىرىيەسى ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە ۋارىسى بولغان،قىزىل ئېمپىرىيەگە ئوخشاش،بىرىنجىدىن،پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق دەۋاسىنى ئوڭىدىمۇ،چۈشىدىمۇ زوراۋانلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرمىگەن.ئىككىنجىدىن، ئۆزتەسەررۇپىدىكى خەلىقلەرنى،ھەربىر ئىنساننى پۈتۈن يۈرۈش-تۇرىشى،روھىيىتى،مەنىۋىيىتى بىلەن ئۆزىگە تولۇق بويسۇندۇرۇشقا،ئۇستى-ئۈستىلەپ قىلغان قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى پۇتۈن جاھانغا[نومۇسسىزلارچە]ماقۇللىتىشقا باركۈچ-قۇدرىتىنى سەرپ قىلغان ئەمەس. ئالتۇن ئوردا[خانلىقى]نىڭ ساھىبقىران ئەمىر تىمۇر تەرىپىدىن پارچىلاپ تاشلىنىشى،رۇس ۋە باشقا خەلقلەرنى موڭغۇل-تاتار زۇلمىدىن ئازاد قىلدى.ئەركىنلىككە چىققان رۇس كىنەزلىكلىرى بىرلىشىپ، تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىشىگە ئىمكان يارىتىلدى.بىرىنجى رۇس ھۆكۈمدارلىرى سۇلالىسىدىن بولمىش يۇرىكوۋىچ كىنەزلىكى دەۋرىدە كۆپ مىللەتلىك رۇس دۆلىتى [تۇنقى قەدەمدە ]بەرپا قىلىندى.رومانوف سۇلالىسى[1917-1613]دىن بولغان،پېتـــربىرىنجى18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسسىيە تارىخىدا نامى بار ئېمپىرىيە قۇردى.شۇدەۋردىن باشلاپ رۇسلارباسقۇنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ،ئۇچرىغان تەرەپكە ــــ غەربۇ-شەرققە،جەنۇبۇ-شىمالغا ھەربىي يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى. ــــــــــ ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. [داۋامى بار]