مەجۇسىي يەنى زەردۇشت دىنى --- ئوتقا چوقۇنغۇچى كاپىرلارنىڭ (باتىل)دىنىدۇر. 2004 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە، 124 دىن 190000 غىچە بولۇپ، ئۇلار :
2001 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە، ھىندىستاندا 70 مىڭ؛ پاكىستاننىڭ كاراچىدا 500 دىن ئارتۇق؛ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە 18 مىڭدىن 25 مىڭغىچە؛ ئىراندا 21 مىڭ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادا (ئافغانىستاننىڭ بەلخ ۋە تاجىكىستاندا) 10 مىڭ؛ ئاۋىستىرالىيىدە 3500؛
مەجۇسىيلەرنىڭ دىنى بايرىمى نەۋرۇز(پارسچە: يېڭى كۈن) بولۇپ، شەمسىيە كالىندارى يىل بېشى يەنى باھار پەسلىنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىدۇ. بۇ كۈن مىلادىيە ھېسابى بويىچە 21 - مارت كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ بايرامنى قەدىمدىن ھازىرغىچە، پارس،كۇرد، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ناھايىتى تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئەرەبلەردە بۇ بايرام ئاساسەن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. پەقەت ئىراقنىڭ جەنوبىدىكى بەزى ئەرەبلەرلا ئۆتكۈزىدۇ.
بايرامنى كېچىسى مەشئەلگە ئوت ياندۇرۇش، ئەتىگىنى سۇ چېچىش مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. بايرام ئالتە كۈن ئۆتكۈزىلىدۇ. مەجۇسىي پارسلارنىڭ ئېتىقادىدا: ئاللاھ مۇشۇ نەۋرۇز كۈنى نۇرنى ياراتقان، بۇ كۈننى بايرام قىلىش سەۋەبى شۇكى، پادىشاھ جەمشىد بۇ كۈندە خالايىققا ھاياتلىق ئاتا قىلغان، ئۇلارغا مەڭگۈ، ئېسىل ھاياتلىقنى ۋەدە قىلغان. ئىلاھ خەلقنى مۇشۇ كۈندە ياراتقان، ھەم بۇ قەدىمكى ئىلاھلارنىڭ كۈنىمىش.
نەۋرۇز كۈنىدە كىشىلەر ئوت ئەتىراپىغا توپلىشىپ: ئى قىپقىزىل ئوت! ماڭا پاكلىق ئاتا قىلغايسەن، دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. بۇ كېچىسى ياشلار مەشئەلنى كۆتۈرگىنىچە، تاغ ئۈستىدە مەشئەلنى لاۋىلدىتىدۇ.
نەۋرۇز كۈنى كىرىدىغان كېچىسى ئائىلىلەردە <<يەتتە سىن داستىخىنى>> غا داخىل بولىدۇ. بۇ، پارسچە <<س>> ھەرپى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل خۇرۇچتا ئېتىلگەن تاماق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار:
1 - سەبزى: كۆكتاتلار؛ 2 - سىيب: ئالما؛ 3 - سەنجىد: خورما؛ 4 - سير: سامساق؛ 5 - سەككە: كان بايلىقلىرىدىن؛ 6 - سىركە: ئاچچىقسۇ؛ 7 - ۋەسمىنۇ: بۇغداي قاتارلىقلار.
پايدىلانغان مەنبەلەر: ۋېكپىدىيە تورى ، تارىخ مۇنبىرى. شەرھۇ سەلاسىياتى مۇسنەدى ئەھمەد، ئەلمۇغنى لىبنى قۇدامە.
خۇلاسە:
خوش، بۇ بايرام يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تارىلىپ، ئەسلىدىكى دىنى بايرامدىن ئۆزگىرىپ باھار پەسلىنىڭ كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغان بىر خىل بايرامغا ئايلاندى...
شۇنىڭ بىلەن نەۋرۇزنىڭ ئەسلىدىكى ئىسلامغا قارشى دىنىي بايراملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەجۇسىيلەرنىڭ دىنىي بايرىمىنىغا قاتناشقانلىق ئۇلارنىڭ دىنىغا مايىل بولغانلىق. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق بىلىپ - بىلمەي ئېزىپ كېتىشىنى ئويلىشىپ،بۇ بايرامنى يەكلەيدىغان ئالىملار توپى ئوتتۇرغا چىقتى. ساھابىلەردىن ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: كىمكى، رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: كىمىكى، ئەجەم(پارس) يۇرتىدا پارسلارنىڭ نەۋرۇز ۋە مېھرىجان بايرىمى( كۈزدە كېلىدىغان بايرام)نى ئۆتكۈزپ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىپ ھايات كەچۈرسە، قىيامەت كۈنىمۇ شۇلار بىلەن بىرگە بولىدۇ.(ئىبنى قەييىم: سەھىھ سەنەد)
كېيىنكى سەلەف ئالىملىرىدىن ئەڭ قاتتىق مەيداندا تۇرغان كىشى شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بولۇپ،بۇ كىشى: نەۋرۇز ۋە مېھرىجان قاتارلىقلار مۇشرىكلارنىڭ بايرىمى،ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھارام، دېگەن.
يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار: مۇسۇلمانلار دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەۋرۇز گەرچە، مەجۇسىيلەردىن تارالغان بولسىمۇ ھازىر ئۆزگىرىپ تەبىئەت بايرىمىغا ئايلاندى. شۇڭا، بۇنىڭغا قاتناشسا گۇناھ بولماس، دەپ قارىدى.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دوكتور يۈسۈپ قەرەزاۋىي: ئالىملار نەۋرۇز بايرىمىدەك بايراملارغا قاتنىشىشنىڭ يامانلىقى توغرۇلۇق ئىسپاتلارنى كەلتۈرۈشكەن. بىراق، نەۋرۇز باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ دىنى مەنە ئىپادىلەنمىسىلا قاتناشسا بولىدۇ،دېگەن.
خۇلاسىنىڭ پايدىلىنىش مەنبەسى: قەرەزاۋى، جەزىرە توك مۇنبەرلىرى
[ 此帖被qutluq在2009-03-08 10:47重新编辑 ]