ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1757
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 125
شۆھرىتى: 375 نومۇر
پۇلى: 1630 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-12 03:16

 چۇقان ۋەلىخانوۋ ــــ ئۇيغۇرلار ھەققىدە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)
چۇقان ۋەلىخانوپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە
(ھەبىبۇللا ئېلى)

بوستان ژورنىلى 1995-يىللىق 1-2-سان


15-16-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەۋلىيائى-ئەززەم، مازايى ماشايىقلارغا بولغان ئېتىقاد ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتى، ھەتتا ئايرىم شەخسلەرگە، ئۇلارنىڭ قەبرە-مەقبەلىرىگە چوقۇنۇپ سەجدە قىلىش، ئۇلار يولىدا قۇربان بولۇشنى قانداقتۇر «شەرەپ» بىلىشتەك ھەرىكەت ۋە ھادىسىلەر يېڭى-يېڭى شەكىللەردە مەيدانغا چىقتى، بەلكى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدى. بۇھال تەبىئىي ھالدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغىمۇ قىسىلىپ سىڭىپ كىرىپ يېيىلىشقا باشلىدى.
ئىمام رىزا (ئەرەپ) نەسلىدىن دەپ ئاتالغان غوجا مەخدۇم (مەخدۇم ئەززەم) ئۆزىنىڭ ئەۋلىيا ۋە ئۆلىمالىق شۆھرىتىنى بۇخارادا قازانغان ئىدى. ئۇ 15-ئەسىرنىڭ بېشىدا قەشقەرگە كېلىپ، خانلار ۋە خان جەمەتىنىڭ چەكسىز ئىززەت ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولدى. خەلق ئۇنى ئەۋلىيا دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭغا ھەم ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئات، ئەھلى-ئەھيانلىرىغا نۇرغۇن-نۇرغۇن مال-مۈلۈك، يەرجاي، پۇل-پۈچەك سوۋغا قىلدى. بۇ ھاپىز دۇنيانىڭ كۈچىدە غوجا (غوجام)نىڭ ئىجدىمائىيەتتە تۇتقان ئورنى بىراقلا كۆتۈرلۈپ كەتتى. دىنىي، سىياسى، ئىقتىسادى تەسىرى قەۋەتلا مۇستەھكەملەندى... غوجا مەخدۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى- غوجائىمامى كالان بىلەن غوجا ئىسھاق ۋەلى ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە يۈز تاپتى. ئۇلار تەسەۋۋۇپ (سوپىزىم) تەلىماتى ۋە ئۆزلىرىنى ياقلايدىغان دىنى ئەقىدىلەرنى كەڭ دائىرىدە تارقىتىش مەقسىتىدە ھەرقايسىسى ئۆز ئەتراپىغا مۇرت، دەرۋىش، مۇجتەھىد ۋە سوپىلارنى توپلىدى. كېيىنچە بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ داھىيسى بولۇپ قالدى. ئىمامى كالان بىلەن ئىسھاق ۋەلىنىڭ ئۆز ئالدىغا توپلىغان تەرەپدارلىرى كۆپىيىپ، بارا-بارا بۇلار ئىككى سىياسى گورۇھ بولۇپ ئايرىلدى. ئىمامى كالان باش بولغان مەزھەپ «ئاق تاغلىقلار» (قەشقەردە)، ئىسھاق ۋەلى باش بولغان مەزھەپ «قارا تاغلىقلار» (يەكەندە) دەپ ئاتالدى. (بۇئىككى شەھەرنىڭ ھۆكۈمران دائىرلىرى ئالدى بىلەن باش بولۇپ قوشۇلۇپ، كۆپچىللىك، ئاۋام-خەلقنىڭ ئەنە ئاشۇ ئىككى غوجام ئەتراپىغا بۆلۈنۈپ گورۇھلىشىشىغا تۈرۈتكە بولدى) تەبىئىيكى غوجاملارنىڭ« ئۇلۇغۋار» ناملىرى جەمئىيەت، ئىدارە، مەمۇرى ۋە سىياسى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ چېتىلدى.چۈنكى جامائەت ئىشلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك شەرىئەت ئاساسىدا ماڭغاچقا، ھەرقانداق بىر مەسىلىنى غوجاملارنىڭ ھۆكۈمى ۋە ئەمرى بىلەن بىرياقلىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ غوجا ئەۋلاتلىرى ھەم دىنىي ھەم مۈلكى ئىدارىلەر (ئورگانلار)نىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلىرى بولۇشقا تايىن تاپتى.
كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئۆزئارا جەڭگى جېدەل، پىتنە ئېغۋا، دىنىي تەسىردائىرەتالىشىش نەتىجىسىدە پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭ سۈنئىي رەۋىشتە ئەنە شۇنداق ئىككى سىياسى گورۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى، نادان خەلق كىم بەختلىك ھايات ۋە سائادەتلىك ئاخىرەتنى ۋەدە قىلسا شۇنىڭ كەيىگە خۇددى بىر قوتان قوي پادىسىدەك ئەگىشىپ كىرىپ كېتىۋېرەتتى، ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار ئىدى. لېكىن ھاكىمدارلار، مۇستەبىت يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى خلقنىڭ ئازادلىق، بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىدىن ناھايىتى ئەپلىك چارىلەر بىلەن ئۆزمەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىناتتى. شۇڭا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان پاراكەندىچىلىك ھېچبىر مەسلەكسىز ۋە ئايىغى ئۈزۈلمەس تالاش-تارتىش، جاڭجاللار ئاقىۋەت چوڭ سىياسى غەۋغاغا ئايلىنىپ، ئالتە شەھەر دائىرسىدە زور قان تۆكۈلۈش باشلىنىپ كەتتى. بۇ توختاۋسىز ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە خەلقنىڭ ئىقتىسادى تۇرمىشى زەئىپلىەشتى، تۈرلۈك-تۈمەن جاھالەتلىك ئۆرۈپ ئادەتلەر ۋە مۇستەبىت ئىدارە تەرتىۋىدە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى زەئىپلىككە ئۇچرىدى. ئىچكى تاشقى ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشتى، ئەمەلىي كۈچ خورىدى. بارا-بارا ئەھۋال شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، بۇئىككى دىنىي ۋە سىياسى گوروھ ئىدارىسىدىكى خەلقلەر بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمىسۇن ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپ كىشىلىرى ئالاھىدە رەڭلىك ۋە شەكىللىك كىيىم كىيىدىغان بولدى. (مەسلەن: قەشقەردىكى ئىمامى كالان ئاھالىسى ئاق قالپاق كىيسە، يەكەندىكى ئىسھاق ۋەلى ئاھالىسى قارا قالپاق كىيىدى.) مانا شۇ سەۋەپتىن قەشقەرۋە يەكەن ئەتراپىدىكى تاغلارياكى يەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاراپ، بۇئىككى تەرەپ كىشىلىرى «ئاق تاغلىق»(ئىشقىيەچىلەر)، «قارا تاغلىق» (ئىسھاقىيەچىلەر) دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. ئەنە شۇ «ئاق تاغلىق» «قارا تاغلىق» گوروھلىرى ئوتتۇرسىدىكى قانلىق پاجىئەلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقەددەس تارىخىغا چۈشكەن ئەڭ ھاقارەتلىك قارا داغلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئىچكى غەۋغالاردىن پايدىلانغان جۇڭغارلار[ئۇيرات مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى، 17-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيراتلار يەنە ھەركەتلەندى. گەنسۇ ئەتراپلىرىدا، قارا ئېرتىشتا، شەمەي ئەتراپىدا چېچىلىپ، كۆچۈپ يۈرگەن ئۇيراتلارنىڭ چورۇس، تورغائۇت (تۇرغۇت)، غوشۇت قەبىلىلىرى قۇنتەيجى (كۈنتەيجى، قونتاجى) باشچىلىقىدا تىبەتكە توپلاندى. شىمالىي ياقتا قالغان مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى باتۇرخارتەيجى بىرلەشتۈردى. 1659-يىلى بۇقەبىلىلەر دىنى باتۇر سەنگە سۆيكەر دېگەن كىشىلەر باشچىلىقىدا جۇڭغارىيەنى- شىمالىي شىنجاڭنى ئىشخال قىلدى. بۇقۇردا كۆرسىتىلگەن تۆت قەبىلىنىڭ ئومۇمىي نامى «ئۇيراتلار»؛ ئېلى (ئالمالىخ)، ئۈرۈمچى، بارىكۆل، ئىمىل(تارباغىتاي) ۋە قورقارا ئوس قاتارلىق جايلار «جۇڭغارىيە» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.] شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىنى نىسبەتەن ئوڭاي ئىشخال قىلدى. دەرۋەقە جەنۇبى شىنجاڭنى غوجاملارنىڭ بىر گورۇھ ھۆكۈمرانلىرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇردى. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەنمۇ خەلقنىڭ غوجاملارغا بولغان ئىشتىياقى ئۆچمىدى. چۈنكى نادان ئاۋام- خەلق يۇقىرى ھۆكۈمران قاتلاملارنىڭ قايمۇقتۇرىشى بىلەن پەقەت غوجاملارلا ھەقىقى بەخت ئېلىپ كەلگۈچى نىجادلىق كۈچ دەپ قارايتتى.
18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر ھاكىمدارى ئىسمائىل (قارا تاغلىق تەرەپتارى) ئاق تاغلىق غوجا نەسلىدىن (ئىشان كالاننىڭ ئوغلى) بولغان ھىدايۇتۇللا (ئاپپاق غوجا) بىلەن ھۆكۈمرانلىق تالىشىپ ئىككى ئوتتۇرىدا مۇجادىلە كۈچەيدى. ئىسمائىل ئاپپاق غوجىنى يەڭدى. ئاپپاق غوجا 1678-يىلى كەشمىر ئەرقىلىق تىببەتكە بېرىپ، مۇڭغۇل دالاي لاماسىغا ئەرىز سۇنۇپ ياردەم سورىدى. دالاي لاما ئېلىدا (غۇلجىدا) تۇرغان جۇڭغار ھاكىمدارى قونتەيجى غالدانغا قارىتىپ بۇيرۇق يېزىپ بەردى. ئاپپاق غوجا بۇ بۇيرۇقنى ئېلىپ ئېلىغا كەلدى ھەم غالداننىڭ قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ جەنۇبى شىنجاڭغا يول ئالدى. يول بويى تۇرپان ھاكىمدارلىرى خانلار نەسلىدىن بولغان ئابدۇرېشىت ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ جۇڭغارلارغا قوشۇلدى. قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن يەكەندە تۇرغان قارا تاغلىقلار (قارا تاغلىق غوجىلار) كەشمىرگە قاچتى. قەشقەر خانى ئىسمائىل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسىرگە چۈشتى. شۇنداق قىلىپ غوجاملارنىڭ بىر گوروھىنىڭ ياردىمى بىلەن جۇڭغارلار جەنۇبى شىنجاڭغا بېسىپ كىردى. جۇڭغارلار ئاپپاق غوجىنى قەشقەرگە، ئابدۇرېشىتنى يەكەنگە ھاكىمدار قىلىپ قويۇپ، نۇرغۇن ئولجىلارنى، قەشقەرخانىنى ئائىلىسى بىلەن ئېلىپ ئېلىغا يېنىپ كەتتى. ئالتە شەھەر خەلقى غالدانغا سېلىق (يىلىغا 400مىڭ تەڭگە ۋە باشقا نەرسىلەر) تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن ئىدارە تەرتىپلىرى ۋە ئاپراتلار ئىلگىركى ھالىتىدە تۇرىۋەردى. جۇڭغارلار سېلىق ئېلىشتىن باشقا ئىچكى ئىشلارغا كۆپ ئارلاشمىدى.
ئاپپاق غوجا ئابدۇرەشىتتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى پۈتۈن ئالتە شەھەرگە خان دەپ ئېلان قىلدى. كۆپ ئۆتمەي خەلق ئارىسىدا «جۇڭغارلارنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، خەلقنى ئازاپقا دۇچار قىلدى.» دېگەندەك ئاپپاق غوجىغا قارشى نارازىلىق كۈچەيدى. شۇڭا ئاپپاق غوجا دۆلەت ئىشىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆزى ئۈستىدە پەقەت دىنى-روھانىيلىق ۋەزىپىنىلا قالدۇردى. ئىسمايىل خاننىنىڭ ئۈچ تۇرپانىدىكى ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىنى چاقىرىپ ئۆزئورنىغا خان قىلىپ قويىدى. ۋە ئاپپاق خوجا مۇھەممەت ئىمىننى جۇڭغارلارغا قارشى غازات قىلىشىقا دەۋەت قىلدى. مۇھەممەت ئىمىن ئەسكەر توپلاپ جۇڭغارلار ئىگەللەپ ياتقان تېكەس، يۇلتۇز ئەتىراپىغا تۇيۇقىسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى ھالاكەتكە ئۇچراتتى.نۇرغۇن ئولجارمى 30 مىڭ مۇڭغۇلىنى ئەسىر ئېلىپ ياندى.لېكىن بىرتەرەپتىن ئوردا ئىچىدىكى ئاق تاغلىق جوجىلارنىڭ پىتىنە پاساتلىدى،ئىككىنچى تەرەپتىن جۇڭغارلارنىڭ ئۆچ ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىق خەۋىرى مۇھەممەت ئىمنىنى تاققا چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. كۆپ ئۆتمەي ئۆز ئادەملىرنىڭ بىرى تەرىپىدن (ئەلۋەتتە قارشى تەرەپنىڭ تاپشۇرقى بىلەن) قەتلى قىلىندى. بۇھال شۇنى كۆرستىدىكى ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى خەلىقنڭ نارازىلىقىنى بېىسىقتۇرۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق سىياسى تاكتىكا قوللانغان. مۇھەممەت ئىمىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يەنى 1680- يىللاردا ئاپپاق خوجا ھاكىمىيەتىنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنى يەنە خان دەپ ئېلان قىلدى. ئاپپاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن 1710-يىللىرى خوجاملار نەسلىدىن بىر ئايال(خانىم پادشاھ)خانلىق تالاشتى. مۇرتلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوغلى مەھدىگە خانلىق ئېلىش مەقسىتىدە ئاپپاق خوجىنىڭ ئوغلى يەھيانى قەتلى قىلدۇردى. ئاپپاق خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى ئەھمەت خوجا تاققا قىچىپ قۇتۇلدى. ئاندىن خانىم پادشاھمۇ شۇ مۇرىتلارنىڭ بىر گورۇھىنىڭ قولىدا قەتلى قىلىندى. پۇرسەتىن پايدىلانغان مۇھەممەت ئىمىنىنڭ ئىنىسى مۇھەممەت مومىن (ئاق باش خان ياكى ئىسمائىل خانىنىڭ يەنە بىر ئىنىسى) ئۆزىنى خان دەپ ئىلان قىلدى، ئاق باش خان خوجەنىتتە قاچقۇندا يۈرگەن قارا تاغلىق خوجلارىدىن بولغان دانىيال خوجىنى چاقىرىۋالدى. قەشقەرخەلقى ئاپپاق خوجىنى ئومۇمەن ئىمامى كالان نەسلىنى كۆپ ھۆرمەت قىلاتتى، شۇڭلاشقا ئەھمەت خوجىنى خان قىلىپ تىكىلىدى. قەشقەر ۋە يەكەن ئوتتۇرسىدا يەنە قانلىق پاجئەلەر ئەۋىجەئالدى. ئاق تاغلىق خان تەرەپدارلىرى قىرغىزلاربىلەن ئىتىپاق تۈزۈپ، يەكەنىنى مۇھاسرە قىلدى. ئاق باش خان خوجامەھدى بىلەن ھىندىستنغا قاچتى، يەكەنگە قىرغىز ھاشم ھاكىم بولدى. ھاشم باشلىق قىرغىزلار ئەمدىلىكتە قارا تاغلىقلارغا (دانىيال خوجغا) يان باستى، ئۇزاق مۇدەتلىك قانلىق پاجىئەلەردىن كېيىن دانىيال خوجا بارلىق يەكەن ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە ئىگە بولۇپ قەشقەرنى ئىشغال قىلىشقا تەييارلانىدى. شۇ چاغدا مۇھەممەت ئىمىن باشلىق قەشقەرلىكلەرنىڭ جۇڭغارلارغا بەرگەن قاتتىق زەبىسىگە جاۋابەن ئۆچ ئېلىش مەقىسدىدە جۇڭغار ھاكىمدارلىرى ئالتە شەھەرگە قاراپ ماڭدى. دانىيال خوجا باشلىق قارا تاغلىق گورۇھىنىڭ ھاكىمدارلىرىنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىپ، ئۇلار بىرلىشىپ قەشقەرگە ھوجۇم قىلدى. قەشقەر خەلىقى قەھرىمانلىق بىلەن ئۆزشەھەرنى ھىمايە قىلدى. ئۇزۇن مۇدەتلىك جەڭلەردىن مۇھاسىردىن كېيىن قەشقەر ئاخىرى تەسلىم بولىدى. جۇڭغارلار قوزغىلاڭىغا پائال قاتناشقانلارنى قاتتىق جازالىدى. ئەمدى جۇڭغارلارنىڭ ياردىمى بىلەن قارا تاغلىق خوجىلار ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. جۇڭغارلار ئولجا ئېلىپ، خەلىقنى بۇلاپ – تالاپ ، مال دۇنياغا غەرىق بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپىنىڭ خان ( خوجىلىرنى ) ئائىلىرى بىلەن ئىلىغا ئېلىپ كەتتى بۇنىڭدىن مەقسەت بىرىنچىدىن خوجىلارنى گۆرۆرە تۇتۇپ، خەلىقنىڭ جۇڭغارلارغا قارشى جەڭ قىلماسلىقىنى تەمىن ئېتىش. ئىككىنچىدىن ئالتە شەھەرنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ ئىتائەت قىلدۇرۇش ئىدى.غالدان ئۆلگەندىن كېىين ئورنىغا سابان ئارابتان ھاكىمدار بولدى. ھەم 1720-يىلى دانىيال خوجىنى پۈتۈن ئالتە شەھەرگە ھاكىمدار قىلىپ ئەۋەتتى دانىيال خوجا يەكەنىنى پايتەخىت قىلىپ ئالتە شەھەرگە ھەممە جايىلىرىغا ئۆز تەرەپدارلىرىدىن ھاكىم ۋە باشقا ئەمەلدارلىرىنى تەيىنىلىدى. دانىيال خوجا ئۆلگەندە، ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغار ھاكىمدارنى خالدان دانىيالنىڭ تۆت ئوغلىنى تۆت شەھەرگە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىدى. ( يەكەنگە خوجا جاھان، ئاقسۇغا ئايۇپ خوجا، قەشقەرگە يۈسۈپ خوجا، خوتەنگە ئابدۇللا خوجا، ھاكىم بولۇشتى. ) شۇ كۈنلەردە ( 1750- يىللىرى ) بىر تەرەپتىن جۇڭغالار ئارسىدا خانلىق تالىشش ئاساسىدا ئىچكى ماجرالار كۈچەيدى. جۇڭغارلارنىڭ بىر تەرەپى (ئامۇر سانلىق باشلىق ) مانجۇ خانى بۇغدا خانىدىن ياردەم سورىدى. ئىككىنچى تەرەپىتىن خەلىق ئۈسىتىدىكى ئېغىرچىلىقلار، جۇڭغارلارنىڭ ئېلىق- سېلىق ئاخىرقى چەككە يەتتى...
قەشقەر ھاكىمدارى يۈسۈپ خوجا باشلىق خانلىق دۆلىتى قورۇش تەييارلىغى باشلاندى. ھەربى ئىستھكاملار قورۇلۇپ ئەسكىرى كۈچلەر تەييارلاندى. بۇ ھەركەتكە يەكەن ھاكىمدارى (خوجى ) قوشۇلدى. ئاقسۇ چوڭلىرىدىن ئابدۇللا ۋاھاپ، ۋە ئۈچ تۇرپان ھاكىمى خوجا سىدىق ئاسلىق قىلدى. بۇلار جۇڭغار ھاكىمدارلىرىغا قەشقەر ھاكىمدارى باشلىق بولىۋاتقان تەييارلىق پىلانىنى مەلۇم قىلدى. جۇڭغارلارنىڭ يول يورىغى بىلەن يەنە شۇلار قەشقەر ئىشىك ئاغىسى ( مۇئاۋىن ھاكىم )خۇدا يار بەرگىنى ۋە ئاتۇش بېگى ئابدۇساتتارنى دەي- دەيگە سېلىپ يۈسۈپ خوجىنى قەتلى قىلش يولىغا چۈشۇردى. بۇ سۇيقەستلىك پىلان قەشقەر ھۆكۈمىتىگە مەلۇم بولۇپ قېلىپ خۇدا يار بەگ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قېلىندى. ئابدۇساتتار بولسا قېچىپ قۇتۇلۇپ ئىلىغا كېلىپ جۇڭغارلارغا ئەھۋالنى ئېيتتى. جۇڭغارلار ئالتە شەھەرگە نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتمەيلا ( ئۇ كۈنلەردە جۇڭغار ھاكىملىرى ئۆز ئىچىدە ئىتىپاقسىزلىق ۋە جىدەل غوۋغالار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيانىنى باسقۇدەك كۈچكە مالىك ئەمەس ئىدى. ) بىر ئاز ساقچى بىلەن ۋەكىللەر ئۆمىگى ئەۋەتتى. ۋەكىللەرگە جۇڭغارلارغا ئىشەنچىلىك كىشلەر ياردىمى بىلەن خوجىلارنى تۇتۇش، قالغان سېلىقلارنى يىغىش تاپشۇرۇلغاندى. ۋەكىللەر كۇچا ئارقىلىق يەكەنگە باردى، ھەم ھاكىم ئەزىز بەگىنىڭ ياردىمى بىلەن جاھان خوجىنى تۇتۇپ باغلىۋالدى، شۇ ئارىدا يۈسۈپ خوجىنڭ مۇراجىتى بىلەن قەشقەر ۋە خوتەن خەلىقى قوزغىلاڭغا ئاتلاندى. جۇڭغار ۋەكىللىرنى ۋە ئۇلارنىڭ سېتلغانلارنى گۇمران قىلىپ جاھان خوجىنى بوشىتىۋالدى. جاھان خوجىنىڭ مۆمن، كۆڭۈل چەكلىكىدىن ئەزىز بەگكە ئوخشاش كىشىلەر بەنىلا جازالانماي قالدى. ۋەھالەنكى خەلىق بۇلارنى جازالاشنى قاتتىق تەلەپ قىلغانىدى. شۇ چاغلاردا مانجۇلار (چىڭ سۇلاسى ھاكىمىيى ) شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا پائال ئارلىشىپ، بەنە مۇرەسسە يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى. « ئۇنىغانغا يونىغان» دىگەندەك، جۇڭغارىيەدە يېڭى ھادىسلەر پەيدا بولدى. جۇڭغار ھاكىمدارلىقىدىن خانلىق تالاشقان ئامور سانا بىېجىڭغا بېرىپ بۇغدا خاندىن ياردەم سوراپ، مانجۇ ئەسكەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىلىغا ئېلىپ كەلدى ۋە 1750-يىللىرى بولغان جەڭلەر نەتىجسىدە ھاكىمىيەتىنى ئۆز قولىغا ئالدى. ئالتە شەھەرنى قايتا ئشغال قىلش ئۈچۈن ھەركەت قوللاندى. ئەھمەد خوجىنڭ تۇتقۇنىدىكى ئوغۇللىرى بۇرھانىدىن خوجا ۋە خوجىلىرىنى ئىلغار( ئىرەن قابۇرغىدىن ) كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ھاكىمدارلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئۆزىگە مايىل قىلدى. مۇڭغۇل، مانجۇ ۋە باشقا مىللەتلەردىن ئەسكەر يىغىپ بۇرھاندىن بىلەن (ئۇچاغدا ئىنىسى گۆرەگە ئېلىپ قېلىپ ) ئالتە شەھەرگە ئاتلاندۇردى. ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان ھاكىمدارلىرى بۇرھانىدىنغا قوشۇلدى. قارا تاغلىق خوجلار يەكەن، قەشقەر، خوتەن خەلىقىدىن ھەم قىرغىزلاردىن ئەسكىرى كۈچ توپلاپ بۇرھاندىنغا قارشى ئاتلاندى. قىرغىزلار بىلەن ئاق تاغلىقلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ بىر قىسمى خائىنلىق قىلىپ بۇرھاندىن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇرۇشتا جۇڭغالارغا ۋە مانجۇلارغا قول چوماق بولغان بۇرھاندىن ۋە باشقا ھۆكۈمران قاتلاملارنىڭ كۈچى غالىپ كېلىپ، قارا تاغلىقلار چىكىنشىكەمەجبۇر بولدى. شۇكۈنلەردە ۋاپات بولغان يۈسۈپ خوجا ئورنىغا ئابدۇللاخوجا ھاكىمدار بولغان ۋە بوخوجا ئۆز ئىنسى مولان خوجا باشچىلقىدا ئاقسۇغا ئادەم ئەۋەتكەنىدى. ئاقسۇىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن مولان خوجا، يەكيا خوجا (جاھان خوجىنىڭ ئوغلى ) بىرلىكتە قوقانغا قاچتى. يەكەن خەلىقى جاھان خوجا رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۇردى. ئۇلار بۇرھانىدىن خوجىنى قورچاق قىلىپ كەلگەن مانجۇ ۋە جۇڭغار ئەسكەرلىرى بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى. بۇرھانىدىن خوجا مانجۇ ئەسكەر باشلىقلىرىنىڭ تەلۋىې بىلەن جاھان خوجىسىغا خەت يېزىپ، مانجۇلارغا تەسلىم بولۇشقا ئۈندىدى. جاھان خوجا خەلىقنىڭ قەتئې تەلىپى بىلەن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. ۋە «ئاخىرقى تامچە قېنىمىز قالغىچە جەڭ قىلىمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
يەنە شۇ يەكەن ھاكىمى ئەزىزبەگ ئشىك ئاغا نىياز بەگلەر تېخىمۇ چوڭ مەنسەپ ۋە ئىنئام ئېلىش ئۈمۈدى بىلەن (ئۇلارغا مانجۇلار تەرپىدىن شۇنداق مەنسەپلەر ۋەدە قىلىنغان ئىدى) دۈشمەن تەرەپكە سېتىلدى. بۇلار جەڭلەر راسا قىزىپ، دۈشمەنلەر ھالاكەتكە ئۇچىراپ چېكىنىشكە ئاز قالغان ھالقىلىق پەيىتتە جەڭچىلەر ئارىسىدا ئالاقزادىلىك پەيدا قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئارقىسىغا بىر توپ تۇراقسىز ،مەھسىلەتسىز كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ قاچتى، ھەم شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتتى. نەتىجىدە مانجۇ ۋە جۇڭغار ئەسكەرلىرى شەھەر ئىچىگە سەلدەك ئېلىپ كەلدى .
يول باشچىسىز قالغان جەڭچىلەر تېرى-پېرەڭ بولۇپ پېتىراپ كەتتى يەكەن تەسلىم بولۇشغا مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ 1755 – يىللىرى يەنە ئاق تاغلىق خوجىلارنى ۋاستە قىلىپ، ئالتە شەھەرنى مانجۇ، جۇڭغالار ئىشغال قىلدى، شۇ چاغلاردا يەنە جۇڭغارلار بىلەن مانجۇلارنىڭ ئارىسمۇ بۇزۈلدى. ئامۇرسانا مانجۇلارنىڭ كۇچى بىلەن ھاكىمىيەتكە ئىگە بولىۋېلىپ ئۆزىگە كۇچ توپلىدى ۋە مانجۇ ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلدى. مانجۇ خانلىقى جۇڭغارلاردىن ئىنتىقام ئېلىش باھانىسى بىلەن ناھايىتى كۆپ، خىل قوراللانغان ئەسكەرلەرنى ئەۋەتتى. جۇڭغار خانلىقى بىر تەرەپتىن شىنجاڭ خەلقىنڭ ئازادلىق كۆرەشلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ماجىرالىرى سەۋەبتىن بەكلا زەئىپلەشكەندى، پۇرسەتتىن پايدىلانغان مانجۇ قوشۇنلىرى جۇڭغارىيە زېمىنىغا بېسپ كىردى. جۇڭغار (موڭغۇل)لارنى قىرغىن قىلدى. ئامۇرسانا ئۆز يېقىنلىرى بىلەن روسىيەگە قاچتى قېچىپ ئۈلگۈرەلمىگەن مۇڭغۇللار قېرىپ تاشلاندى. (شۇ قېتىمدا بىر ملىيوندىن ئوشۇق موڭغۇل قېرغىن قىلنىغان)
شىنجاڭ خەلقى مانجۇ – موڭغۇللار ئىشغالىيىتگە قاتتىق نارازى بولدى ۋە بۇرھانىدىن باشلىق خوجىلارنى ئۆزلىرىنىڭ مانجۇ پەرەسلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى.
1756 – يىللىرىدىن باشلاپ بۇرھاندىن ۋە خان خوجىلار باشچىلىقىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭلىرى باشلاندى، ئۈچ يىل داۋام قىلغان كۆرەش نەتىجىسىدە مانجۇ باسقۇنچىلىرى بىر قانچە قېتىم يېڭىلىپ چېكىندى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ خەلقى ئازادلىق تۇغىنى قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالې شىنجاڭنى ھەم ئازاد قىلشقا ھەركەتلەندى. لېكىن، بىر تەرەپتىن خوجاملارنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئىدارە تەرتىپسىزلىگى گوروھۋازلىق كۆرەشلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈسىدىكى ئېغىرچىلىقلارنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىگى كۆرەش ئىرادىنىڭ بوشىشىپ زەئىپلىششىگە سەۋەب بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن مانجۇ مۇستەملىكچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ھەربې كۈچ توپلىدى. ۋە ھەر قاچان تەييار تۇرغانلاردىن پايدىلاندى، نەتىجىدە 1758 – يىلى مانجۇ گېنىرالى جاۋخۇي مۇئاۋىن گېنىرال فۇدى باشچىلىقىدا بېسىپ كىرگەن زور قوشۇن شىنجاڭنى ھېچ كۈچىمەيلا ئىگەللىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلقى 78 يىل ھوكۈم سۈرگەن جۇڭغارلاردىن قۇتۇلۇپ مانجۇ ھوكۈمرانلىغىغا تۇتۇلدى .
مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ قاچقان شىنجاڭدىكى خوجا ئەۋلاتلىرندىن بۇرھانىدىن ۋە خان خوجىلار باشچىلىقىدىكى تۆت خوجا بەدەخشانغا باردى. ئۇ يەرنىڭ ھاكىمدارى سۇلتان شاھ مانجۇلارغا خوشامەت قىلىپ ھەم ئۆز تەسىردار ئىزىنى كېڭەيىتىش مەقىستىدە خوجىلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئارقىلىرىدىن قوغلاپ كەلگەن مانجۇلارغا تەغدىم قىلدى. قالغان تۆت خوجا جەڭلەردە شەھىد بولدى. ئاپپاق خوجا نەسىلىدىن بولغان بۇرھانىدىنىنڭ ياش ئوغلى سامساق خوجا قېچىپ قۇتۇلۇپ ئائىلە ۋە يېقىنلىرى بىلەن قوقان خاندانلىقىنىڭ ھىمايىسىگە يېرىۋالىدى. «19-ئەسرنىڭ ئالدىنىقى يېرىمىدا قوقان ۋە مەرغىلانغان قېچىپ بارغان قەشقەر خوجىلىرىنىڭ ئەۋلادىلىرى 800كشدىن ئېشىپ كەتتى.» («ۋەلىغا بوپ ئەسەرلىرى 1958-يىل ئالمۇتا بەشرى. 52بەت ) مانجۇ ھاكىمدارلىرى قوزغىلاڭغا قاتقاشقانلارغا قاتتىق جازا چارىلىرىنى قولاندى. خەلق ئۈستدىكى ئېلىق- سېلىق، ئالۋان ياساق ھەدىدىن ئاشتى ئازادلىق قوزغىلاڭلىرىدا جان پىدالىق كۆرسەتلەنلەرنى مانجۇلار ئېنىقلاپ چىقىپ «خەتەرلىك ئۇنسۇرلار» تىزىملىگىگە ئالدى...
مانجۇ زالىملىرىنىڭ زۇلىمىغا چدىمىغان شىنجاڭ خەلقى يەنە قوزغىلىپ، جەڭ مەيدانلىرىغا مۇقەددەس قانلىرىنى تۆكۈشنى داۋام ئەتكۈزدى. 1765-يىللرى ئۈچتۇرپان خەلقى ئازادلىق تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى، ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلىپ شەھەر ۋە پۈتۈن ناھىينى ئازات قىلدى. ئاقسۇ ۋە كۇچادىن ئەۋەتىلگەن مانجۇ ئەسكەرلىرىمۇ يېڭلىپ قاچتى. ئەمما بۇ قوزغىلاڭغا شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرى بىردەك ئشتراك قىلالماي قىلدى، چۈنكى قوزغىلاڭنىڭ تەشكىلى رەھبەرلىكى ۋە ئېنىق پروگراممىسى يوق ئىدى. شۇڭا مۇزارتىنى ئېشىپ ئۆتكەن 10 مىڭ مانجۇ ئەسكەرى ئۈچتۇرپاننى مۇھاسىرگە ئالدى. ئۈچتۇرپان خەلقى قەھرىمانلارچە مۇداپىيە تۈزۈمىنى داۋام قىلغان بولسمۇ، لېكىن ئۈچ ئاي مۇھاسرىدىن كېيىن ئاچ يالاڭغاچلىققا دۇچاربولغان شەھەر يېڭىلدى. شەھەرگە بىسپ كىرگەن باسقۇنچىلار بىلەن خەلق ئاخىرقى مىنۇتىقچە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ جەڭ قىلدى. چىڭ ھۆكىمىتىنڭ ئەمىرى بىلەن بۇلارنىڭ ئورنىغا ھەر قايسى جايلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىپ جايلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن 60 يىلىغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدا كەڭ مىقىياسدا ئازادلىق ھەرىكىتى بولمىغىنى بىلەن ئۇششاق- چۈشەك، ئۇيەر- بۇيەرلەردە قوزغىلاڭلار بولۇپ تۇرىدى. مانجۇ ھاكىمىيىتى بارغانسىرى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزدى، خەلىقىنىڭ ئىقدىسادى ۋە جىسمانىي كۈچى بىلەن سېپل ئستھكاملارنى كۆپەيتىپ، خەلق ئۈستىدىكى سېلىق، ئالۋاڭ ياساقلارنى كۈچەيتتى. خەلقنىڭ ئىقدسادى تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە يامانلاشتى. ھەر يىلى يۈزلىگەن، مىڭلىغان كەمبەغەل مەدىكارلار ئوقەت ئىزلەپ جان باقماق ئۈچۈن ئوتتورا ئاسىياغا ئېشىقا باشلىدى. گۆدەك سامساق خوجا چوڭ بولدى. ئۇ ئاتىسىنڭ ئىنىتىغا مىنى ئېلش نىيىتىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ كۈچ يىغدى. ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ خوجاملىرىغا بولغان ئىدىقادى تېخى ساقلانغان ئىدى، بولۇپمۇ كېيىنكى جەڭلەردە قۇربان بولغان خوجاملارنىڭ خاتىرسى خەلىقتىكى بۇ ئىدىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيىتكەندى، شۇڭلاشقا خەلق خوجاملارنىڭ كېلىشنى ۋە ئۆزلىرىگە يېتەكچىلىك قىلشنى كۈتەتتى. 1816-يىلى قاراتاغلىق زىياۋۇدۇن باشچىلىقىداقوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى، قىرغىزلارنىڭ بىر قىسمى قوزغىلاڭغا قوشۇلدى. قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ئاجىز كېلىپ مەغلۇبىيەتكەئۈچىرىدى. زىياۋۇدۇن جەڭدە شەھىد بولدى. ئۇنىڭ بىر گۆدەك ئوغلىنى مانجۇ ئەمەلدارلىرى بىېجىڭغا ئېلىپ كېتىپ بالاغەتكە يەتكەندە دارغا ئاستى. بۇ ۋەقە خەلىقنىڭ قاتتىق غەزەپ-نەپرەت ئوتنى لاۋۇلداتتى. قەشقەرىيە خەلقى تاقەتسزلىك بىلەن ئازادلىق ھەرىكتىنڭ باشلشنى، سامساق خوجىنىڭ كېلشنى كۈتەتتى، 1820-يىلى سامساق خوجا ۋاپات بولدى. (شۇ يىلى قوقان خانى ئۆمەربۇ ۋاپات بولغاندى. ) سامساق خوجىنڭ مەديۈسۈپ خوجا، باھاۋۇدۇن خوجاۋە جاھانگىر خوجا دىگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى، جاھانگىر خوجا زەردىلىك، زېرەك، قابل ۋە تەشكىلاتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، شىنجڭدىن چىققان ئۇيغۇرلارغا-مەدىكار، ئوقەتچىلەرگە، ئۆزبىك، تاجىك، قىرغىز خەلىقنىڭ ياردىمى ۋە تىلەك داشلىقىغا تايانغان جاھانگىر خوجا قوقان خاننىڭ روخستىسز تەڭرى تېغىغا قېچىپ چىقىتى. (چۈنكى ئۇ چاغلاردا شىنجاڭ بىلەن ئوتتورا ئاسيا ئارسدا قىززىق كېتىۋاتقان سودا ئالاقىسى ئۇرۇشلار نەتىجىسدە سۇسلاشقاندى. قوقان خانلىقى شىنجاڭ ئارقىلىق مانجۇ خانلىقى بىلەن كەڭ كۆلەمدە سودا ئالاقسى ۇۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ مىننەتدار ئىدى. مانجۇلار بولسا بۇنداق سودىدىن مەنپەئەتدار بولۇشتىن باشقا جوجاملارنىڭ خەتەرلىك كۈچ ئىكەنلىگىنى بىلەتتى ۋە بۇ كۈچنى پەقەت قوقان خانلىرى ئوتتۇرسدا پۇتۇم ھاسىل قىلنىغانىدى. بۇ كېلىشمدە قوقان خانى ئۆمەر خوجىلارنى بوجى قىلىپ ئۆز پايدىسنى تەمىن ئەتتى، كېلىشم بويىچە خوجا ئەۋلاتلىرىنى دائىملىق تەقىپ ئاستدا تۇتۇپ تۇرۇش بەدلىگە مانجۇ خانلىقى ھەر يىلى 200 يامبۇ تۆلەپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن قوقان ھۆكۈمىتى. خوجاملارنى قەشقەرىيەگە ئەۋەتمەي، تېخىمۇ چىڭ تۇتىدىغان بولغاندى.)ھەم شۇ يەردە كۈچ توپلىدى. قوقان خانلىرى مانجۇ تەرەپتە بولسمۇ، خەلق قوزغىلاڭچىلار تەرەپتە بولغاچقا، خەلىقنىڭ نارازىلىقىدىن قورقۇپ جاھانگىر خوجىغا قارشى قاتتىق ۋە قەتتى چارە كۆرەلمدى، جاھانگىر خوجا ئۇيغۇر، ئۆزبىك، تاجىك، قىرغىزلاردىن كۈچ توپلاپ 1825-يىلى قەشقەرگە بىرىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلدى. لېكىن جاھانگىر خوجىنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىغى، مانجۇلارنىڭ ئايغاقچلار ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىشى نەتىجسىدە قەشقەرنى ئالالمىدى. جاھانگىر خوجا تەڭرى تېغىغا چېكىنىپ، قايىتىدىن كۈچ توپلاشقا كىرشىتى. قەشقەر ئەتراپىدا قوزغالغان خەلقتىن يېڭى كۈچلەر قوشۇلدى. مانجۇ ھاكىمىيىتى قوغلاشقا ئەۋەتكەن 500 ئەسكەر بىر تاغ قسلىچلىغدا جاھانگىر خوجا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلنىندى ھەم تامام قىرىپ تاشلاندى. بۇلارنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ھەسىلەپ ئاشتى،پۇخىتا تەييارلىقتىن كېيىن1826-يىلى ئەتىيازدا جاھانگىر خوجا يەنە لەشكەر تارتىپ قەشقەرگە يەنە ئاتلاندى شۇ چاغدىكى جەنۇبى شىنجاڭىنىڭ ھەربى ۋە دۆلەت ھاكىمدارى (جاڭجۈن) نىڭ بىۋاستە قوماندانلغىدا قوزغىلاڭچىلارغا قارشى مانجۇ ئەسكەرلىرى چىقتى، قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن مانجۇ ئەسكەرلىرى يېڭلىپ قاچتى ۋە گۈلباغ (يېڭى شەھەر) سېپىلغا بېكنىۋالدى.قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتىراپىدىكى پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ جاھانگىر خوجا سېپىگە قوشۇلدى، تېخى تەجىربىسىز، يۇمشاق كۆڭۈل، تەقۋادار ۋە ياۋاش جاھانگىر خوجا مانجۇچە رەسلەرگە نىسبەتەن قاتىتىق سىياسەت قوللانمدى، شۇنداقلا پۈتۈن ئالتە شەھەرنى ئازات قىلىش يولىدا قەتئى ۋە تېز چارە كۆرمىدى. جاھانگىر خوجا باشچىلىقىدا قەشقەر ئازات قىلنغاندىن كېيىن قوقان خانى «ياردەم بىرىمىز دەپ» 15مىڭ ئەسكەر ئەۋەتتى. قوقان خانننىڭ مەقسدى شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، جاھانگىر خوجا قەشقەرنى ئىگەللىگەندىن كېيىن مانجۇلار بەربىر ئۆزلىرىگە ئىلگىرىكىدەك مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئشەنمەيىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا بولار ئىش بولغاندىن كېيىن ئالتە شەھەرنى ئۆز تەسىرىدە تۇتۇش ۋە ئۆزبىك خەلقىقنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئەپكارى ئومۇمىيەسىنى خاتىرجەملەندۈرۈش يۈزسىدىن قەشقەرگە ئەسكەر ئەۋەتكەندى، لېكىن قوقان ئەسكەرلىرنىڭ باشلىقلىرى ئولجا ئېلش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلشتەك تەرتىپسىزلىكلەر بىلەن مەشغۇل بولغاچقا خەلق نارازى بولدى. شۇڭلاشقا قوقان ئەسكەرلىرى ئاران 12كۈن تۇرۇپلا 70 كۈن مۇھاسىرىدە تۇرغان مانجۇ ئەسكەرلىرى تەسلىم بولدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغانلىرى جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى، قالغانلىرى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئسلام دىىننى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتتى. يوقۇردا كۆرستىپ ئۆتۈلگەن تارىخى ۋەقەلەرگە، بولۇپمۇ 1750-يىللىرىدىن كېيىنكى (مانجۇلار ئستىلاسىدىن كېيىنكى) دەۋرلەرگە توختىلىپ قىسقچە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق يەنە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇپ قالىدۇكى مانجۇ خانلىقى شىنجاڭنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلماي، غەرپكە قاراپ كېڭەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۇيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. چۈنكى شۇ چاغدىكى شىنجاڭنىڭ ئىچكى –تاشقى ۋەزىيىتى بۇنىڭغا زادىلا يار بەرمەيتتى. توجتاۋسىز رەۋشتە، ئۇيەر-بۇيەرلەردە بولۇپ تۇرغان خەلق قوزغىلاڭلىرى مانجۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمىلى كۇچىنى خىلىلا خورىتىۋەتكەندى. مەسىلەن:1825-1827-يىللىرىدىكى جاھانگىر غوجا باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر خەلىق قوزغىلڭى بۇننىڭغا دالىل.بۇنىڭغا چۇقان مۇنداق دەپ يازغان:«جاھانگىرغوجا قوزغىلىڭىدىن كىيىن شۇڭغىچە ئاسىيىا خەلقى ئالدىدا ‹يېڭىلمەس كۈچ›بۇلۇپ كەلگەن مانجۇلارنىڭ كارامىتى ئاشكارا بۇلۇپ قالدى،قەشقەر ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ،ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقىنىڭ ئەركىنىلىكىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا يېڭىدىن-يېڭى ئىشەنچ پەيدا قىلدى.»جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭىدىن كىيىن قوقان خانلىقى بىلەن مانجۇلار ئوتتۇرسىدىكى شەرتنامە بۇزۇلۇپ،قوقانلىقلار شىنجاڭدىكى مەنپەئەتىدىن ئايرىلىپ قالدى.قەشقەر خەلقىنىڭ ئازاتلىق ھەركەتلىرىدىن پايدىلانغان قوقان خانى-مەدەلى خان(مۇھەممەت ئېلى خان)جاھانگىرغوجامنىڭ ئاكىسى مەديۈسۈپنى خان قىلىپ تىكلەش مەقسىتىدىن 1830-يىلى مانجۇلارغا قارشى«غازات»ئېلان قىلدى.بۇقېتىم قوزغىلاڭچىلار غالىپ كىلپ مانجۇلار ھالاكەتكە ئۇچىرىدى.لىكىن شۇچاغدىكى بۇخارا ۋەقوقان خانلىرى ئارىسىدىكى ئاداۋەت،زىممىسىدىن زۇلۇم ۋە ئېغىرچىلىق چۈشمىگەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قوقان ھاكىمىيىتىگە سەمىمىي ئىتائەت قىلماي قويغانلىقى سەۋەپلىك قوقان خانلىقى مانجۇلار بىلەن يەنە(قايتا)پۇتۈمگە كەلدى.
1846-يىلى قوقاندا باشلانغان ئىچكى غەۋغا دىن پايدىلانغان غوجا ئەۋلاتلىرى 1847-يىلى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ قەشقەر شەھىرىنى ئىگىلىدى.بۇماجرا شىنجاڭ تارىخىدا«يەتتە غوجا يېغىلىقى»دەپ ئاتالدى.لىكىن،غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكمىرانلىقى ئۇزاققا بارمىدى.سەۋەبى غوجا ئەۋلاتلىرى خەلققە زىمىن ئىگىلىرىگە يان بېسىش ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىگى بىلەنلا بۇلۇپ كىتىپ،خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ،ئىشەنچىدىن قالغانىدى.شۇنىڭ بىلەن ئاقىۋەت ھالاكەتكە ئۇچىرىدى.
چۇقان شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن دەۋرلەر تارىخىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگەيەنە1857-يىلقى ۋەقەنىمۇ تۇلۇق قىلىپ تەسۋىرلىگەن.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمى تارىخى ئەسەرلىرىدە شىنجاڭدىكى سىياسى،ئىجتىمائى ھەركەتلەرنىڭ دىنى ھەركەتلەر بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ ئۆتكەن.لىكىن شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى،چۇقان شىنجاڭنىڭ شۇ زامانلاردىكى سىياسى تۇرمۇشىداغوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇتقان ئو رنىنى كۆرسەتكەندە،بۇمەسىلىنى قوزغىلاڭنىڭ ئاساسى كۈچى بولغان خەلقتىن ئايرىۋەتمەيدۇ،ئەكسىچە غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەش يولىدىكى ھەركەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبىدادىن قۇتۇلۇش يولىدا باشلىغان ھەركىتى بىلەن توغرا كىلىپ قالدى دەپ چۈشەندۇرىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەرگە قىلغان ساياھىتىدىن كىيىن يازغان ماقالىلىرىدە ۋە رەسمىي ھۆججەتلىرىدە شىنجاڭدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى ئەنە شۇنداق تەھلىل قىلىدۇ.چۇقان شىنجاڭ خەلقىنىڭ بۇ قوزغىلاڭلىرىنى قانداقتۇر«غەۋغا»ئەمەس،بەلكى ئېزىلگەن مىللەت ۋە ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئەزگۈچى ھاكىم مىللەتكە قارشى ھەقىقىي ئازاتلىق كۆرىشى دەپ قارايدۇ.
چۇقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى ۋە ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىگە قېرىنداشلارچە سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىدۇ.شۇڭلاشقا ئۇ:«قەشقەر خەلقىنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى- ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىدە»دەپ يازىدۇ.
چۇقان 1864-يىلى يازغان بىر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:«قانداقلا بولمىسۇن ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز يولىدا تەرەققىي ئېتىشى ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسە- ئۆزىنى ئۆزى ھىمايە قىلىش،ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ....»
17-ئەسىرنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە مانجۇلار پۈتۈن جۇڭگودا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ غەربى دىيارغا كۆز تىكىدۇ.ئەنە شۇ سىياسەت تۇرتكىسىدە ئۇلار 1757-يىلى مۇڭغۇللارنىڭ كۆپچىلىكىنى قىرىپ تاشلاپ،جۇڭغارىيىنى بېسىۋالىدۇ ۋەشۇيىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلايدۇ،لىكىن ئۇيغۇر خەلقى مانجۇلارغا قارشى ئىككى يىلغىچە قاتتىق تىركىشىپ كۆرەش ئېلىپ بارىدۇ،ئوتتۇرىدىكى ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پەرق زور بولغاچقا مانجۇلار 1759-يىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىنىمۇ ئاخىرى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ.
مانجۇلارنىڭ جۇڭغارىيە بىلەن جەنۇبى شىنجاڭنى شۇنچە تېز ئىشغال قىلالىشىغا ئۇلارنىڭ قانداقتۇر «كۈچلۈك»بولغانلىقىدىن ئەمەس،بەلكى شۇ چاغدا شىنجاڭدا مەركەزلەشكەن قۇدرەتلىك ھاكىمىيەتنىڭ بولمىغانلىقى،ئەكسىچە شىنجاڭنىڭ بىر نەچچە چوڭ كىچىك ۋىلايەتلەرگە بۆلۈنۈپ پارچە-پارچە ئۇششاق يەرلىك بەگلىك ھالىتىدە تۇرغانلىقى سەۋەپ بولغانىدى.بۇ بەگلىكلەر ئوتتۇرسىدا ئۆز ئارا ئىتتىپاقسىزلىق،مەسلەكسز،ئايىغى چىقماس جەڭگى-جېدەللەر بۇلۇپ تۇراتتى.جۇڭغارىيە ياكى جەنۇبى شىنجاڭ رايونلىرىدا مەركەزلەشكەن خەلق ھاكىمىيىتى ياكى خەلق ئۆملىكى يوق ئىدى.
مانجۇ خانلىقى ئىدارىسىدىكى جۇڭگو خەلقى ئوتتۇرا ئەسىر فىئوداللىق مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا ياشاپ،ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خېلىلا ئارقىدا قالغانىدى.شۇڭا بۇ ئەلدە ئەكسىل ھەركەتلىك،خۇراپاتلىق،نادانلىق ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتچىلىك چوڭ ئورۇن ئېلىپ كەلدى.مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئۆزلىرىنى قانداقتۇر«غوجا»ۋە «ئالى دەرىجىلىك»مىللەت دەپ،شىنجاڭدىكى كەڭ ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز، خۇيزۇقاتارلىق مىللەتلەرنى «قۇل» ھېساپلاپ كەلدى.مانجۇ ھۆكمىرانلىرىنىڭ ئېزىش شەكىللىرى تۈرلۈك-تۈمەن يوللار بىلەن ماڭدى.پەقەت سودا-سېتىق ئىشلىرىنىلا ئېلىپ ئېيتساق،مانجۇ خانلىقى مانجۇ سودىگەرلىرىگە كەڭ ھوقۇقلارنى بېرىپ،ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەرگە ئەركىنلىك بىلەن سودا-سېتىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى.... مانجۇ مەنساپدارلىرىنىڭ چوڭدىن كىچىكىگىچە ھەممىسى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇششاق ۋە ئوتتۇرھال سودىگەرلىرىنى بۇلاپ-تالاپ،يالماپ يۇتۇپ كەلدى.ھەربىر مانجۇ ئەمەلدارلىرى ھەرقانداق يەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ دۇكانلىرىدىن مال ئالسا ھەقسىز تارتىۋېلىشقا ياكى ئاشخانىلىرىدىن تاماق يېسە ھەقسىز يېيىشكە ئۆزلىرىنى تولۇق ھوقۇقلۇق دەپ ھېسابلايتتى. بۇھەقتە مەشھۇر سەيياھ ۋە ئالىم چۇقان ۋەلىخانوپ مۇنداق يازىدۇ: «مانجۇ مەمۇرلىرى خەلقنى تالايدۇ، ماللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە ھاقارەت قىلىدۇ... دۇكانلاردىن ماللارنى ھەق تۆلىمەي ئالىدۇ ۋە ئاشپۇزۇللاردا ھەق تۆلىمەي تاماق يەيدۇ...». شۇنىڭ بىلەن بىللە مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئەشەددى پارىخورلار بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق ئىشنى پارىسىز قىلمايدۇ. بۇ پارىخورچىلىقتىن ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى تولىمۇ خورلۇق كۆرەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پارە بېرىشكە چېغى يەتمەيتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقلىق سۆزىنى ھېچيەردە ئۆتكۈزەلمەيتتى، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «بېگىڭگە يەتكىچە بېلىڭ ئۇشتۇلار» دېگەن ماقالى ئەنە شۇنداق ئېغىر تۇرمۇشنى ئىپادىلەيدۇ. شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرى پۈتۈنلەي مانجۇ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلار ھەربىر مەنسەپ ئورنىنى پارىسىز بەرمەيتتى. كىمنىڭ پۇلى كۆپ بولسا مەيلى ئۇ قانداق ئادەم بولسۇن مەنسەپنى شۇنىڭغا سېتىپ بېرەتتى. بۇھەقتە موللا موسا سايرامى مۇنداق دەپ يازىدۇ:«قەيەردە بى نام، بى نىشان ئوغرى قىمارۋاز ۋە سەرگەردانلار بولسىلەرمۇ پۇل بەرسىلا مەنسەپ بەردىلەر... خوتەنلىك رۇستەم بەگدىن ئىككى مىڭ يامبۇ ئالىپ يار كەنتىگە ھاكىم قىلدى، سايىت بەگ بىرمىڭ بەشيۈز يامبۇ بېرىپ ئاقسۇغا ھاكىم بولدى...»
(«تارىخىي ئەمىنىيە» 42-43-بەتلەر)
ئۇيغۇر خۇيزۇ ۋە باشقا ئېزىلگەن خەلقلەر مانجۇ مەمۇرلىرى تەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك خورلۇقلارنى كۆرەتتى. بىرەر مانجۇ ھاكىمدارى كېلىۋاتقان بولسا،ئولتۇرغان بولساڭ ئورنىڭدىن تۇرۇپ،ئاتلىق بولساڭ ئاتتىن چۈ شۈ پ تازىم قىلىپ تۇرۇشىڭ كېرەك ئىدى. ئەگەر بىرەر سەۋەپ بىلەن ئۇنداق قىلالمىساڭ مانجۇ سېنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا ھاقارەت قىلىپ قامچا ئاستىغا ئالاتتى. «ئەگەر ئاتلىق كېتىپ بارغان ئۇيغۇر مانجۇنى كۆرگەندە ئاتتىن چۈشمىسە مانجۇ ئۇنى ئۇرۇشقا ئۆزىنى ھەقلىق دەپ قارايدۇ»(ۋەلخانوپ ئەسەرلىرى.353-بەت) بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر خورلاش شۇ بولدىكى، ئەگەر مانجۇغا ئۇيغۇت ياكى خۇيزۇنىڭ قىزى ۋە خوتۇنى يېقىپ قالسا، ئۇ مانجۇ شۇ زامات زورلۇق بىلەن تارتىۋالاتتى.بۇنداق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ مىسالى ئاز بولمىدى.بۇنىڭدىن تاشقىرى مانجۇ مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىر قەدەملىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە دىنى ئېتىقادىنى بۇزۇپ ئاياق ئاستى قىلىپ كەلدى. بۇ مىللىي ئېزىشلەرنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك شەكلى ئىدى. بۇتوغۇرىلىق ۋەلخانوپ مۇنداق يازىدۇ:«مانجۇلار...شەھەرلەرنى تالايدۇ،ئاتلىرى بىلەن ئاشلىقلارنى چەيلەيدۇ، مەسچىت ۋە مازارلارنى بۇزىدۇ. خوتۇن قىزلارغا زورلۇق قىلىدۇ.»(ۋەلخانوپ ئەسەرلىرى.44-بەت) .
مانجۇ مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى باشقا ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭمۇ مىللىي تەرتىپلىرىنى بۇزۇپ، خورلاپ كەلدى. خۇيزۇلارنى ئۇزۇن چاچ قويۇشقا قىزلىرىنى مانجۇلارغا ئەرگە بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇمۇمەن مانجۇلار شىنجاڭنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ھىچقانداق ئىش قىلمىدى. شۇنداق قىلىشىنى ھىچقاچان ئويلاپمۇ باقمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان مەدەنىيىتىنى دەپسەندە قىلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى«مەڭگۈ» ساقلاپ قېلىش مەقسىدى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېزىلگۈچى خەلقلەرنى نادانلىقتا، قاراڭغۇلۇقتا تۇتۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مەكتەپلىرى، مەتبۇئاتى ۋە سەنئىتى بولمىدى. ئۇيغۇرلارنى مانجۇ تىلىدا سۆزلەشكە، بالىلرىنى مانجۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا مەجبۇر قىلدى. مانجۇ خانلىقىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ئاستىدا شىنجاڭدا ھەرتۈرلۈ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پەيدا بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى ھېساپسىز ئۆلۈم يىتملارغا دۇچار بولدى. خۇسۇسەن ياش ئۆسمۈ ر بالىلارنىڭ ئۆلۈم يىتىملىرى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە كۆپ بولدى. خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان دوختۇرخانىلار(شىپاخانىلار)، كېسەلخانىغا ئوخشاش مۇئەسسەسىلەر تەسىس قىلىنمىدى. دىمەك، ئۇمۇمەن شىنجاڭ خەلقى ئەڭ ۋەھشىيانە ۋە ئەشەددى مىللىي ئېزىلىشلەر ئاستىدا يەنجىلىپ ياشاپ كەلدى. مانا بۇ ئېزىلىشلەرگە ھەمىشە قەھرىمانلارچە مىللىي ئازاتلىق ھەركىتى بىلەن جاۋاب بېرىپ كەلدى. لىكىن كۆپىنچە مەقسەت ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. بۇنىڭغا ئىچكى-تاشقى ئامىللار سەۋەپ بولدى. ئىچكى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىرىچىدىن بەزىبىر چوڭ ئۇيغۇر ھاكىملىرى مانجۇ خانلىقى تەرىپىدە تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئازاتلىق ھەركەتلىرىگە قارشى كۆرەش ئېلىپ باردى. مانجۇ ھۆكۈمەتلىرى مانا شۇ سېتىلغان يەرلىك بەگ-ھاكىملارغا تايىنىپ، ئازاتلىق ھەركەتلىرىنى باستۇردى.بۇھەقتە ۋەلخانوپ مۇنداق دەيدۇ:«مانجۇلار پەقەت خەلقتىن يىراق بولغان ۋە ئۇنى سىقىپ كەلگەن يەرلىك بەگلەرگىلا ئىشىنىدۇ.مانجۇلار مانا شۇ يەرلىك بەگلەرنىڭ مەنپەتى بىلەن خەلقنىڭ مەنپەتىنىڭ قوشۇلۇپ كىتىشىدىن قورقىدۇ،چۈكى بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قورقۇنچ تۇغۇلغان بولار ئىدى.» ئىككىنچىدىن، ئازاتلىق ھەركەتلىرى كېتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار «ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق»دىگەن ئىككى سىياسىي، دىنى گورۇھقا بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا جەڭگى –جېدەل قىلىپ كەلدى.مانجۇ مۇستەبىتلىرى بىرلىك بولمىغانلىقىدىن ئوبدان پايدىلاندى.ئۈچىنچىدىن، مانجۇ خانلىقى ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئېزىلگەن خەلقلەر ئوتتۇرسىدا مىللىي ۋە مەھەللىۋى زىتلىق سىياسىتى يۈرەۈزۈپ كەلدى.ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا سۈنئىي رەۋىشتە مىللىي زىتلىق تۇغدۇرۇپ ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى قىلىپ قويدى. شۇ سەۋەپتىن قوزغىلاڭ پەيتىدە ئېزىلگەن خەلقلەر ئوتتۇرسىدا بىلىك بولمىدى.
مانجۇ خانلىقىنىڭ ۋەھشىيانە مىللىي مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي بايلىقى تامامەن ۋەيران قىلىنىپ، تەرەققىياتى پۈتۈنلەي توختاپ قالدى.ئۆتكەن زامانلاردا شەرق خەلقلىرى ئىچىدە باي يۇقىرى مەدەنىيەتلىك بۇلۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئەمدىلىكتە ئىقتىسادى،مەدەنىيىتى تولىمۇ ئارقىدا قالغان بىچارە خەلققە ئايلانغانىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى سىياسى جەھتتىمۇ ئارقىدا قالدى. مانجۇ مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «...ئەشەددى ئېلىق- سېلىقلار، باشباشتاقلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە قاتتىق جازالار خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى، ئىچكى تۇرمۇشىنى ۋە مەنىۋى تەرتىپلىرىنى بۇزۇپ، ۋەيران قىلىپ كەلدى. خەلقنىڭ تەرەققىي قىلىش ھىممىتى ۋە غەيرىتىنى مانجۇ ئەجدىھالىرىنىڭ تىمساھلىرى بوغۇپ تاشلىدى...»(د.فىدروف «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەربىي سىتاستىكىسىنى تەرىپلەش تەجىربىسى»). چۇقان ۋەلخانوپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋەمەدەنىيىتى جەھەتتىن ئارقىدا قېلىش سەۋەپلىرىگە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:«خەلق كەمبەغەل ياشىماقتا، يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تارتماقتا ۋە ھەمىشە ئەمگەك قىلماقتا. ئەگەر شەرق تۈركسىتان خەلقى ئۆز ئەمگەكلىرىنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرسە ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ،ئىلگىرى قانداق باي خەلق بولغان بولسا شەرق خەلقلىرى ئىچىدە شۇنداق باي بىر خەلق بولغان بولار ئىدى.»مانجۇ خانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەملىكىچىلىكى بىر يېرىم ئەسىر داۋام قىلدى. مانا شۇ ئۇزاق بىر دەۋر ئىچىدە بولغان مىللىي مۇستەبىتلىك ئېزىشلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىقتىسات ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلپ شىنجاڭنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەپ بولدى. مانجۇلار شىنجاڭنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى تامامەن ئىشغال قىلىپ بولدىن كىيىن بۇدىياردا ئۆزلىرىنڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكمىرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ھەركەت قىلىدۇ ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىللىي ئازاتلىق ھەركىتىگە قاتناشقانلارنى تۇتقۇن ۋە سۈرگۈن قىلىشقا كىرىشىدۇ. مانجۇلار جۇڭغارىيىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا مۇداخىلە يۈرگۈزۈشكە شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن 40مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئەسكەرلىككە تۇتىدۇ. مانا بۇ ئەسكەرلەرنى بۇرۇن ئورنىشىۋالغان مانجۇشىبەلەردىن تەركىپ تاپقان ئەسكەرلەرنى بېقىش،ئۇلار ئۈچۇن قەلئە قورغان سېلىش،ئۆي ئىمارەت سېلىش ئۈچۇن نۇرغۇن ئشچى كۈچى كېرەك بۇلۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۇن مانجۇلار ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن جۇڭغارىيەنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە مەجبۇرى ھالدا كۆچۈرۇشكە كىرىشىدۇ.
ئۇيغۇرلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۇش 1760-يىلدىن باشلىنىدۇ ۋەشۇيىلى ئاقسۇ شەھىرىدىن 300ئادەم كوچۈ رىلىدۇ.ئۈ چتۇرپان قوزغىلىڭىدىن 1767-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈ چتۇرپان،ئاقسۇ، كۇچا، خوتەن، يەكەن قۇمۇل ۋەباشقا شەھەر لەردىن 6000 تۈ تۈ ن ئىلىغا كۆچۈ رىلىدۇ.‹‹بۇ كۆچۇرۇلگەن ئۇيغۇر لار ئىلىنىڭ قاينۇق، قاش ،بولابورغۇس،جىرغىلاڭ ،تاشئۆستەڭ ،بايتوقاي،غونوغاي،دارولدامتۇ،ئارا ئوستەڭ،دىگەن جايلىرىغا جەمى 1000 تۇتۇن ئاھالە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.›› رلدۇمان :‹‹چىن ھۆكۈ مىتىنىڭ 18-ئەسىر نىڭ ئككىنچى يېرىمىدىكى شەرقى تۈ ركستانداتۇتقان ئۇيغۇر لار ئاگدارسىياسىتى››ئېنىقراق ئىيىتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈ رۈ لۈ شى چىيەنلۇڭ خان دەۋرىدە باشلانغان بۇلۇپ تۇرپانلىق ئىمىن ۋاڭ بۇ قېتىمقى ئاھالە كۆچۇ رۈشتە مانجۇ ھۆكۈ مىتىگە جان جەھلى بىلەن ئشلەپ چوڭ ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى موسا مانجۇلارغا خۇددى ئۆز ئاتىسىغا ئوخشاش ئشلەپ چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۇن ئىلىدا ئۇيغۇر لارغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.
كىيىن بۇ 1000ئائىلە ئۇيغۇر لار دىن باشقا يەنە 2000 ئۆيلۈك ئادەم ئلىنىڭ نىلقا ،توققۇزتارا ۋەباشقا جايلىرىغا كۆچۇرۇلۇپ، جەنۇبىي ۋە شەرقى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلىغا كۆچۈ رۈ لگەن ئا ئىلە جەمى 8000 غا يىتىدۇ.دىمەك ھازىرقى ئىلى ئۇيغۇرلىرى 18-ئەسىردە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقى رايونلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈ رۈ لگەن ئۇيغۇر لار دۇر.
ئىلىغا كۆچۈرۇلگەن بۇ ئۇيغۇرلا ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن مانجۇ ئەسكەرلىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار مانجۇ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۈچۇن دېھقانچىلىق قىلغانلىقتىن ئۇلار بۇلارنى ‹‹تارانجى››دەپ ئاتايدۇ. بۇ ھوقوقسىز ئىلى ئۇيغۇرلىرى دىھقانچىلىق قىلىپ تاپقان ھوسولىنىڭ تولىسىنى مانجۇ ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۇرۇشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئىلىدىكى شەھەرلەر،قەلئەلەر،ئۆستەڭلەر،يوللارنىڭ ھەممىسى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قېنى ۋە ماڭلىيىدىن ئاققان ئىسسىق تەرلىرى بىلەن قۇرۇلغاندۇر.بۇ ھەقتە فىدروف ‹‹ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەربى ئستاتىستىكا تەرتىپى››دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ ؛‹‹ئىلى ۋىلايىتىدە مانجۇلار ھاكىمىيىتى ئۈچۇن ئىمارەتلەر، قەلئەلەرسېلىش ئۆستەڭلەر چىپىش ۋە يول ياساش ، كۆۋرۇك ياساش ئىشلىرى ئۈچۇن نۇرغۇن ئىشچى كۇچىنى تەلەپ قىلىدۇ .بۇ تەلەپنى قاندۇرۇش ئۈچۇن مانجۇلار قەشقەرىيە مۇسۇلمانلىرىدىن 8-10 مىلىيونغا يېقىن ئائىلە ئىلىغا كۆچۇرىلىدۇ .بۇلار ‹‹تارانچىلار››دەپ ئاتىلىدۇ.››.
مانجۇ قەبىلىلىرىدىن بولغان ئىلى شىبەلىرىدىن بىرى 1864-يىلى ئىلىدا بولغان خۇيزۇ ۋە ئۇيغۇر قوزغىلىڭى ھەققىدە مانجۇ تىلىدا خاتىرە يېزىپ قالدۇرىدۇ .بۇ خاتىرىنى غۇلجا شەھىرىدە ياشاپ كەلگەن دىتالوف روس تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ .شىبە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىدەمۇنداق دەيدۇ:‹‹مانجۇلار بىر ئەسىر بويى تارانچىلارنىڭ نېنىنى يەپ ،دۆلەتتىن ياىشى ئايلىق ئېلىپ ،شەھەرلەردە غەمسىز ،بۇزۇقچىلىق قىلىپ ياشاپ كەلدى.....››
چوقان ۋە لىخانوپ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كورەشلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ .
19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا مانجۇلارغا ۋە چەتئەل جاھانگىرلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابى تۈرۇتكىسى ئارقىسىدا ھەر قايسى جايلاردىمۇ ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئېزىلگەن خەلىقنىڭ مانجۇ ئستىدات ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللى ئازاتلىق قوزغىلاڭلىرى باشلىنىدۇ .1862-يىلى خۇيزۇ خەلقى ئازاتلىق قوزغىلاڭلىرىغا ئاتلىنىدۇ .شىنجاڭدا ئۈرۇنچى-ماناس خۇيزۇلىرىمۇ قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ.
1863-يىلى ئازاتلىق قوزغىلاڭ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا باشلىنىپ دەسلەپ راشىدىن ھاجىم (راشىدىن خوجام)باشچىلىقىدا كۇچا خەلقى مىللى ئازاتلىق تۇغىنى كۆتىرىپ چىقىدۇ .1864-يىلى ئازاتلىق قوزغىلىڭى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايىرىغا كېڭىيىدۇ. شۇ يىلى ئىلى ۋىلايىتىدىكى خۇيزۇ لار بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ قوزغىلاڭغا ئاتلىنىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە شۇ دەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمى مىرزەمزات ۋە ئۇنىڭ مۇئا ۋىنى ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىدى.ئىلى جاڭجۈنى چاڭ چىڭ مىرزەمزاتتىن قوشۇمچە سېلىق تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ھاكىم مىرزەمزات بۇ قوشۇمچە سېلىقنى تۆلەش ئىمكانىيىتى يوق دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن جىياڭجۈن گۇنى زىندانغا تاشلاپ ئورنىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنى ھاكىم قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جىياڭجۈننىڭ خۈيزۇلارنى يوقۇتۇش مەقسىتىدە يوشۇرۇن تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى خۈيزۇلارغا مەلۇم بولۇپ قالىدۇ. خۇيزۇلا تەييارلىقسىز تەخىرسىزلا قوزغىلاڭ باشلىۋىتىدۇ. لىكىن بۇ قوزغىلاڭ تىزلا باستۇرىلىدۇ . ئۇنىڭ يولباشچىلىرىدىن يەن سن فى تا لار دار غا ئېسىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كىيىن خۇيزۇلانىڭ چوڭلىرىدىن ئاشۇر ئاخۇن، غەنجە ئاخۇن، ئسمايىل ئاخۇن، ۋە ياقۇپ ئاخۇن يەنە بىر ئسمى (ماۋەنشىن )لار ئابدۇرۇسۇل ھاكىمغا مۇراجەت ياردەم سورايدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ قازى نەسىردىن ئاخۇنۇم ۋە باشقا يۇرت چوڭلىرى بىلەن كېڭەش. نەسىردىن ئاخۇنۇم ئابدۇرۇسۇل بەگكە :« خۇيزۇلارغا ياردەم بىرىش ۋە ئسلام ئۈچۈن قوراللىق كۆرەش قىلش كېرەك » دىگەن مەسلھەتنى بىرىدۇ. بۇ كېڭەشكە ئشتىراك قىلغۇچىلار خۇيزۇلار بىلەن بىرلىشىش ئازاتلىق ئۈچۈن قوراللىق كۆرەشنى باشلىۋىتش ھەققىدە پىكىر بىرلىگگە كېلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىلەن خۇيزۇلانىڭ بىرلەشمە قوراللق قوزغىلىڭى باشلىنىپ كېتىدۇ.
ئابدۇرۇسۇل بەگ تەييارلىقىنى تېزلا پۈتتۈرۈپ تاشئۆستەڭ، ئارا ئۆستەڭ، ئۇلاستاي،دادامتۇ كەتمەن، غالجات، غونۇغاي، توققۇز تارا ۋە باشقا يېزىلىرىدىن ئەسكەر ئالىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ئېلى جىياڭجۈننىڭ بۇيرىقى بويىچە تۇرغۇتلاردىن بىرمىڭ ئىككى يۈز ئات ئېلىپ كۈرەگە كېتىپ بارغان ساغالداي بىلەن ۋۇدارىن ئاتلىرى بىلەن قولغا چۈشىدۇ. مانا بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى شىبەلەرنىڭ سومونلىرىغا، ئىككىنچى قىسمى تېكەست تەرەپتىن كېلىپ مانجۇلارغا ياردەم بېرىدىغان مۇڭغۇللارغا قارشى تۇرۇشقا، ئۈچىنچى قىسمى مانجۇلارنىڭ كۈچلۈك قەلئەسى بولغان بايانداينى ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئاساسلىق كۈچ بايانداي قەلئەسىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ، قوزغىلاڭچى جەڭچىلەر ناھايىتى تېزلىكتە باياداي قەلئەسىنى قورشىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ جىياڭجۈن چاڭچىڭ قانداقلا بولمىسۇن ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلارنىڭ بىرلىگىنى بۇزۇش پىلانى تۈزىدۇ. شۇ مەقسەد بىلەن جىياڭجۈن زىنداندا ياتقان مەامزاتنى بوشىتىپ ئۇنىڭغا:«ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قوشۇمچە سېلىقنى ئېلىپ تاشلاي، سېنىڭ ھاكىملىق مەنسىپىڭنى قايتۇرۇپ بېرەي، ئۇرغۇرلار قوزغىلاڭنى توختاتسۇن، ئۇيغۇرلار تۇڭگانلارغا قارشى ھەرىكەت قىلسا، مەن ئۇلار ئۈچۈن كەڭچىللىك تۇغدۇرۇپ بېرىمەن ... » دەپ مەزامزاتقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. جىياڭجۈننىڭ بۇ تەكلىپى مەزامزاتقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جىياڭجۈننىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا رايى بارمايدۇ. چۈنكى قوزغىلاڭ ئۇچاغدا ئومۇمى خەلق ھەركىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا مەزانزات قوزغىلاڭچىلار تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى.
خەلق ئىنقىلابى ھەركىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن چوڭلار يەنە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ قوزغىلاڭنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ۋە ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر رەھبەرلىك ئاپراتى – ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. ھەمدە بۇ قەھەتتە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىنىدۇ. چوڭلار كېڭەشنىڭ قارارى بويىچە قازى نەسىردىن ئاخۇن قازى كالان ، مەزامزات سۇلتان، ئابدۇرۇسۇل بەگ ئەمىر، موللا شەۋكەت ئاخۇن قازى موفىتى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ.
ئېلىدا كۆتىرىلگەن قوزغاىلاڭ جەريانىدا چوڭلار ئوتتۇرسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت پەرەسلىك، بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك كۈچلۈك بولۇپ، قوزغىلاڭنىڭ ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. بۇچاغدا ئەخمەتخان دېگەن بىر غوجا (غوجىلار نەسلىدىن) پەيدا بولۇپ، بۇقېتىمقى قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز شەخسى غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. نادان خەلق ئەخمەتخاننىڭ غوجىلىقىغا ئىشىنىپ ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. ھەتتا ئۇ مەزامزاتنىمۇ ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغان ئىدى. مەزامزات بولسا ئۆزىنىڭ شەخسى غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئەخمەتخان غوجىدىن ياردەم ئېلىشقا تولۇق كۆزى يېتەتتى. سۇلتان مەزامزات شەخسى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، قوزغىلاڭدا ياخشى ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرۇسۇل بەگ بىلەن ئۇنىڭ قېيىن ئاتىسى ئەخمەت غەزىنىچى بەگنىڭ ئابرويلۇق بولۇپ كېتىشىدىن قورقاتتى. ئۇ مەنسەپ ۋە ئابرويدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قېيىن ئاتا-كۈيئوغۇل ئىككەيلەننى يوقىتىش سۇيقەيستتىنى پىلانلايدۇ. مانا بۇ قارانىيەت مەزامزات پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئەخمەتخان غوجا بىلەن بىللە (ئۇلار يېقىن دوست بولۇپ قالغان ئىدى) ھەرىكەت باشلايدۇ. نەتىجىدە ئەخمەتخان غوجا غەزىنچى بەگنى ئۆلتۈرىدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، لېكىن ئەخمەت غوجىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مەزامزات بىلەن ئەخمەت غوجا ئەخمەت غەزىنىچى بەگنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ. ئۇلار ئابدۇرۇسۇل بەگنى، ئىسھاق بەگنى، قازى نەسىردىن ئاخۇننى يوقىتىش چارىلىرىنى تېپىشقا كىرىشىدۇ.
شۇپەيتتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جىددى ۋەزىپە كۈچلۈك دۈشمەن يوشۇرۇنغان بايانداي قەلئەسىنى ئېلىش ئىدى. بايانداي قەلئەسىنى ئېلىشتا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن كىشى – مەشھۇر ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىسى سادىر پالۋان بولىدۇ. سادىر پالۋان بۇ ئازادلىق قوزغىلاڭغا ئاددى خەلق يول باشچىسى سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ. ئۇ بايانداي قەلئەسىنىڭ ئېگىز ھەم قېلىن سېپىلىنى دورا كۈچى بىلەن پارتىلىتىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئومۇمى ھۇجۇم باشلىشىغا ئوڭايلىق شارائىت تۇغدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ جەڭچىلەر سادىر پالۋان، ئابدۇرۇسۇل بەگ ۋە باشقىلارنىڭ باشچىلىقىدا 1866-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بايانداي قەلئەسىنى ئىشغال قىلىدۇ.
باياداي قەلئەسىنى ئېلىشتا ئومۇمى جەھەتتىن ھەربىي رەھبەرلىك قىلغان كىشى ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىدى. قەلئە ئېلىنغاندىن كېيىن ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئىناۋىتى بىراقلا يۇقىرى كۆتىرلىپ كېتىدۇ، خەلق ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئابرويلۇق بولۇپ كېتىشى سۇلتان مەزامزات ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق ئىش بولىدۇ. چۈنكى مەنسەپ پەرەس مەزامزات سۇلتانلىقتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەن ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلايتتى. ئۇشۇنچىلىك قارانىيەت ئىدىكى، سۇلتانلىق مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭدا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن خەلق ئوتتۇرسىدا چوڭقۇر مۇھەببەتكە، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنى يوقىتىش چارىسىنى ئىزدەيدۇ. شۇ مەقسەت بىلەن ئۇ ھېلىقى ئەخمەت غوجىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنى ۋە ئۇنىڭ دوستى ئىسھاق بەگنى قەتلە قىلىشنى تاپشۇرىدۇ. ئەخمەتخان غوجا سۇلتاننىڭ بۇ تەكلىپىنى چىن دىل بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا:«ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى قارىلايدىغان بىر پارچە يالغان ھۆججەت توغرىلاش لازىم. چۈنكى ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئابرويى كۈچلۈك، بولمىسا ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مانجۇ تىلىدا بىر پارچە ھۆججەت تەييارلاپ، تۆھمەت بىلەن ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. بۇ سۇيقەستلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىمۇ ئەخمەتخان غوجا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەخمەتخان غوجا ئۆز شايكىلىرى بىلەن ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ چېدىرىغا بېرىپ، ئۇنى ئولتۇرغان يېرىدە تۇيۇقسىزلا غەنجەر سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن يەنە ئىسھاق بەگنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان خەلق ئارىسىدا ئىززەتلىك ھېسابلانغان قازى نەسىدىن ئاخۇنۇمنى قازى كالانلىق مەنسىۋىدىن ئېلىپ تاشلاپ زىندانغا سالىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەزامزات بىلەن ئەخمەتخان غوجا ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ۋە ئىككىسى ئېلىنى ئوڭچە سورىماقچى بولىدۇ.
مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن غۇلجىدا پوچى مەھمۇد («قېرى غوجا»، يەنە بەزى مەنبەلەردە «ئاففانىستانلىق مەھمۇد ئەھمەدخان» دېيىلگەن) دېگەن بىر كىشى پەيدا بولىدۇ. بۇ كىشى ئۆزىنى غوجاملار نەسلىدىن قىلىپ كۆرسىتىدۇ. نادان خەلق ئۇنى «غوجا» دەپ ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر-چىراغلار بېرىدۇ. مەھمۇد ئۆزىنىڭ ياغاچتىن زەمبىرەك ياسىيالايدىغانلىقىنى خەلققە جاكار قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ بار ھۈنەر ۋە ھىيلىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، نادان خەلقنى ئالدىماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدى بۇ ئىنقىلابتىن پايدىلىنىپ مەنسەپ ئورنىغا ئىگە بولۇش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىرىنچى بولۇپ مۆجىزە يارىتىپ، ياغاچتىن زەمبىرەك (پو) ياساپ بولىۋاتقان جەڭلەرگە قاتنىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئۇنىڭغا «پوچى مەھمۇد» دېگەن لەقەمنى بېرىدۇ. ئۇ بارا-بارا ئۆز ئەتراپىغا بىر قىسىم ئادەملەرنى توپلايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ياسىغانياغاچ زەمبىرەكلىرى بىر قېتىم ئېتىش بىلەنلا پاچاقلىنىپ كېتىدۇ. مەھمۇد بۇنىڭ بىلەن كۆزلىگەن مەقسىدىگە يېتىش مۇمكىن ئمەسلىكىنى ھېس قىلپ، باشقا بىر چارە ئىزلەيدۇ. ئۇ ئاخىر زىنداندا ياتقان قازى نەسىردىن ئاخۇننى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ نەسىردىن ئاخۇنۇمنى قۇتقۇزىشتىكى مەقسىدى- ئۇنىڭ ئابرويى بىلەن خەلقنىڭ رايىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، چوڭ مەنسەپكە- سۇلتانلىققا ئېرىشىشتىن ئىبارەت پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى.
پوچى مەھمۇد ئۆز ئادەملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن نەسىردىن ئاخۇنۇمنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. سۇلتان مەزامزات پوچى مەھمۇدنىڭ بۇ ئىشىغا ھەيران بولۇپ، نەسىردىن ئاخۇنۇمنى يوقىتىش كويىغا كىرىدۇ. شۇ ئەسنادا ئەخمەتخان غوجا پوچى مەھمۇد بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىدۇ. سۇلتان مەزامزات نەسىردىن ئاخۇنۇمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولغان بولسا، پوچى مەھمۇد بىلەن ئەخمەتخان غوجا سۇلتاننى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى قولغا ئېلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. نەتىجىدە سۇلتان مەزامزات نەسىردىن ئاخۇنۇمنى ئۆلتۈرىدۇ. پوچى مەھمۇد بىلەن ئەخمەتخان غوجا بىرلىشىپ سۇلتاننى ئۆلتۈرۈش قەستتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پوچى مەھمۇد ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئېلىدا بىر مەھەل «قېرى غوجا»نىڭ سۇلتانلىقى باشلىنىدۇ. لېكىن پوچى مەھمۇد ۋە ئەخمەتخان غوجا ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلىقلىرى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ قارا نىيەتلىك بولىشى كۆپچىلىك خەلىققە ئوپ-ئوچۇق بولىدۇ.شۇڭا ئەينى دەۋىرنىڭ ئابرويلۇق كىشىللىرىدىن بولغان شەمسىدىن خەلپەم يول باشچىلىقى بېلەن ئىنقىلابنىڭ مىۋىسىنى تارتىۋالغان بۇ بىر توپ بۇزۇقلارغا قارشى كۆرەش باشلىنىدۇ.بۇكۆرەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلار ئارا ئۆستەڭلىكلەر بۇلۇپ، ئۇلار ئارانلا 36 كۈن سۇلتان بولغان پوچى مەھمۇدنى سۇلتانلىقتىن چۈشۈرىدۇ. پوچى مەھمۇدقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئەخمەتخان خوجا جازادىن قورقۇپ سۈيدۈڭگە قېچىپ قۇتۇلىدۇ. پوچى مەھمۇدنىڭ سۇلتانلىغى يوق قىلىنغاندىن كىيىن موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتان، ئەلا پالۋان(ئەلاخان) ئەسىر بۇلۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ قوزغىلاڭچىلار نىڭ ئالدىدا مانجۇلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ قەلئەسى كۈرەنى ئېلىش ئىشى تۇراتتى . ئۇلار قىسقا ۋەقىت ئىچىدە جىددى تەييارلىق قىلىپ، كۈرەنى ئېلىشقا كىرىشىدۇ. كۈرەنى ئېلىشتا ئومۇمى جەھەتتىن يول باشچىلىقنى (قوماندانلىقنى) ئەمىر ئەلاخان ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن كۈرەنى تېزلا ئالالمايدۇ. كۈرەنى ئېلىش يەنە خەلق قەھرىمانى سادىر پالۋانغا تاپشۇرىلىدۇ. سادىر پالۋان كۈرە قەلئەسىنىڭ سېپىلى ئاستىدىن ئۇزۇن لەخمە كپلاپ، ئۇنىغا دورا قويۇپ پارتىلىتىپ، سېپىلنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. كۈرە قەلئەسىدىكى مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئومۇميۈزلۈك تەسلىم بولىدۇ. كۈرە قەلئەسى تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئەلاخاننىڭ ئەل ئىچىدىكى ئابرويى يۈكسەك دەرىجىدە كۆتىرلىدۇ. سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن بۇھالدىن خاۋاتىرلىنىپ، قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ، ئەلاخاننى ئىشىدىن بوشىتىش چارىسىنى تېپىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزىنىڭ سۇلتانلىق مەنسىۋىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئىدى. چۈنكى سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن ئەمىر ئەلاخانغا قارىغاندا تەدبىرسىز، پاراسەتسىز ئادەم ئىدى ۋە ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا ھۆرمىتى تۆۋەنرەك ئىدى. بىراق سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن ئەمىر ئەلاخاننى ئىشتىن بوشىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەپ تاپالمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئەمىرلىك مەنسىۋىدىن ئېلىپ تاشلىدى. كۆپچىللىك خەلق بۇنىڭغا ھەيران بولدى. خەلقنىڭ ئابرويلۇق ھۆرمەتلىك ئادەملىرى يىغىلىپ، سۇلتان شەۋكەت ئاخۇندىن «ئەلاخاننىڭ ئەمىرلىك مەنسىپى قايتۇرۇپ بېرىلسۇن» دەپ قاتتىىق تەلەپ قىلدى. سۇلتان بۇنىڭغا كۆنمىدى. شۇنىڭدىن كىيىن كۆپچىللىك خەلق قوزغىلىپ:«شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىقتىن چۈشسۇن،بىز ئەلا خاننى سۇلتان قىلىپ كۆتۈردۇق.»دەپ جاكارلىدى. شەۋكەت ئاخۇن كۆپچىللىك خەلققە قارشى تۇرالمىدى، ئاخىرى سۇلتانلىق تەختىدىن چۈشتى.1867-يىلى ئەلا خان ئىلىغا سۇلتان بۇلۇپ كۆتۈرۈلدى.توختاخۇن ئەمىر بۇلۇپ بەلگىلەندى.
قوزغىلاڭ تامام بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىرپەيتتە خۇيزۇلارنىڭ يولباشچىسى ياگور ئاخۇن ئۇيغۇر-خۇيزۇ خەلقلىرىنىڭ بىرلىگىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە يول تۇتۇپ، سۇلتانلىقنى تالىشىپ، پۈتۈپ بولغان ئىشنى بۇزۇشقا ھەركەت قىلىدۇ.بۇھەركەتكە ئەخمەتجان خوجا بىلەن شەۋكەت ئاخۇن قوشۇلۇپ خۇيزۇلارنى ئەلا خاننىڭ سۇلتانلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا قۇتۇرىتىدۇ. شۇۋاقىتتا ئەمىرلىك مەنسىپىگە رازى بولماي سۇلتانلىقنى تەمە قىلىپ يۈرگەن ئەمىر توختاخۇن ھېلىقى بىر توپ تەرەپكە ئۆتۈپ كىتىدۇ.ياگور ئاخۇننىڭ مەنسەپپەرەسلىكى، ئەخمەتجان خوجا، شەۋكەت ئاخۇن، توختاخۇنلارنىڭ ھەركىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر لار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرسىدا قانلىق قىرغىن باشلىنىپ كىتىدۇ. لىكىن ئاز سانغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار بۇ ئۇرۇشتا زور تالاپەت تارتىپ يېڭىلىدۇ. ياگۇر ئاخۇن ئۆلتۈرىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەپچىلىرى بولغان ئەخمەتجان خوجا، توختاخۇنغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. شەۋكەت ئاخۇننى بولسا قاپقا سېلىپ ئىلىدەرياسىغا تىرىك تاشلاپ سۇغا غەرق قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

تامام
كونا مۇنبەردىن
ئەركەم تورى
نازىمى
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 3603
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 110
شۆھرىتى: 423 نومۇر
پۇلى: 4230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-03-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-14 13:50
چوقان ۋەلىخانوف
Чокан Валиханов

(1835 -- 1865)


چوقان ۋەلىخانوف -- تۈنجى ئەۋلات قازاق ئالىمى، مائارىپچىسى، تارىخچى، ئېتنوگراف، ئېكسپىدىتسىيىچى، ۋە دىپلومات. قازاق خانى ئابلايخاننىڭ چەۋرىسى، ئۇ رۇسلارنى ياقلايدىغان قازاق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى، قازاق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئەرەب تىلى ئۆگىنىپ، شەرق شېئىريىتى ۋە ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشتى. ئومسكىي شەھىرىدىكى كادېتسكىي كورپۇس* - кадетский корпус (- * كونا روسسىيە دەۋرىدىكى ئاقسۆڭەك بالىلىرى ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفېتسېرلار مەكتىپى) نى پۈتتۈرۈپ لېيتىناتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى ھەم ھەربىي فورما كىيدى. بولغۇسى ئوفېتسېر ھەم چىنوۋنىك (ئەمەلدار) پادىشاھ روسىيىسى ھاكىميىتىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇنداشقا كىرىشتى.

ئۇنىڭ مەجبۇريەتلىرى ئىسسىق كۆل، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا ئاتلانغان ئېكسپىدىتسىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن باشلاندى. بۇ سەپەرلەر جەريانىدا ۋەلىخانوف كۈندىلىك خاتىرىلەر يازدى، مۇشۇ خاتىرىلىرىگگ ئاساسەن، قىرغىزلار* ( - * 19-ئەسىردىن بۇرۇن رۇسچە ماتېرىياللاردا قازاقلارمۇ «قىرغىز» دېيىلگەن.) ھەققىدە ئوچېرك ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى، جەمىيەت-قەبىلىلەر ئەھۋالى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، ئەپسانە-رىۋايەتلىرى قاتارلىقلار خاتىرىلەندى. («قىرغىزلار ھەققىدە خاتىرىلەر» - Записки о киргизах).

ۋەلىخانوف قەھىرمانلىق ئېپوسى (داستانى) «ماناس» نىڭ بىر قىسمى -- «كۆكوتايخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە نەزىر چىرىقى» نى، قازاق خەلقىنىڭ نەسرىي پوئىمىسى بولغان «قوزىكۆرپېش ۋە بايانسۇلۇ» (Козы-Корпеш и Баян-сулу) نى تۈنجى بولۇپ خاتىرىگە ئېلىپ، رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ۋەلىخانوۋ ئۆز ئەمگەكلىرىدە يەنە قازاق شېئىرىيىتىنىڭ ئاقىنلار ئېيتىشىشى شەكلىگىمۇ بەلگىلىك ئورۇن ئاجراتتى.بىر قاتار ئىزدىنىشلىرىدە يەنە قازاق ئەجداتلىرىنىڭ ئىلاھىيەتچىلىكىدىن زوروئاستېر (ئاتەشپەرەسلىك)، شامانىزىمنىڭ يايلاق خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئىسلامىيەت بىلەن ئارىلاشمىسىنمىنى تەتقىك قىلدى. ئەسەرلىرى: «قىرغىز (قازاقلا) لاردا شامانىزىم ئىزلىرى» - ( Следы шаманства у киргизов (казахов «يايلاقتىكى مۇسۇلمانچىلىق ھەققىدە» - О мусульманстве в степи ، ئۇنىڭ «جۇڭغراىە ئوچېرىكلىرى» - Очерки Джунгарии ناملىق ئەسىرى 1861- يىلى باھاردا ئېلان قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەمگەكلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىگە بېغىشلاندى («قىرغىز ئۇرۇقلىرى» - Киргизское родословие ، «قىرغىزلارنىڭ كۆچۈشى» - О кочевках киргиз ، «بۈيۈك قىرغىز-قايساق ئوردىسىنىڭ ھىكايەت ۋە رىۋايەتلىرى» - Предания и легенды большой Киргиз-Кайсацкой орды ۋە باشقىلار.).

ۋەلىخانوف 1860-،1861- يىللىرى پېتربۇرگتا تۇرغان مەزگىلدە، قىرغىزلارنىڭ ئېنوگرافىيىسى ھەققىدىكى ئوچېرىكلىرىنى ئىشلەشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ بۇ جەرياندا رۇس دېمۇكرات ئىنقىلاپچىلىرىنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن تونۇشتى، كۆپلىگەن ئىلغار دېمۇكراتىك زىيالىلار -- ف.دوستويېاسكىي، س.دۇروف، ئى.بېرېزىن، ئا.بېكېتوفلار بىلەن دوستلىشىپ، سۆھبەتلەشتى. پ.سېمېنوف-تيانشانسكىينىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن «روسسىيە ئىمپېراتورلۇق جۇغراپىيە جەمئىيىتى» - ( Императорского Русского географического общества ) گە رەسمىي ئەزا بولۇپ قوبۇل قىلىندى.

ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئىدىيالىزىمچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋالىخانوف قازاق فىئوداللىرىنىڭ شەخسى ئارزۇ ئىستەكلىرى (مەنپەئەتلىرى) نى ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئەيىپلىدى ھەمدە قازاقلارنى رۇس مەدەنىيىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى


______________________

ئەسكەرتىش:


بۇ مەزمۇنلار مەن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان ۋە «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ بۇ يىللىق 19-ئىيۇل سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە «قازاق يازما ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجى» نىڭ بىر بۆلىكى، ماقالىنى «قازاق ئەدەبىياتى» (КАЗАХСКАЯ ЛИТЕРАТУРА) ناملىق رۇس تىلىدىكى ئەمگەكتىن رەتلەپ تەرجىمە قىلىپ، يېزىپ چىققانىدىم. رۇسچە «قازاق ئەدەبىياتى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تارىخي ئەسەرنىڭ مەن پايدىلانغان ئىنتېرنەتتىكى ئەسلى مەنبىيىنىڭ تور مەنزىلى: http://www.krugosvet.ru/articles/124/1012468/1012468a1.htm

ھۆرمەت بىلەن: نازىمى


ئەركەم تورى
turan
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1118
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-06
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-17 17:19
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!!!
نازىمى ئەپەندىنىڭ چۇقان ۋەلىخانوف ھەققىدىكى مەلۇماتىغىمۇ رەھمەت.
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1791
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-13
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-11
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-13 23:37
    ئەينى ۋاقىتتا چار روسىيە ھۇكۇمىتى مەلۇم سىياسى غەرەزنى كۆزدە تۇتۇپ ، چۇقان ۋەلىخانوفنى سودىگەر قىياپىتىدە ياساندۇرۇپ ، ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزگەن . بۇلار ئەمەلىيەتتە بىزنى شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنى چۈشۈنىشىمىزگە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بىرىنچى قول ماتىرياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن .
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1827
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-18
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-04-18
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-18 10:50
ئۇيغۇرلارغا قانلىق تارىخ قالدۇرۇپ كەتكەن خوجا-ئىشانلارنىڭ دىيارىمىزدىكى ھەر بىر ئىش -ھەركەتلىرى،مىللىمىتىزنى نادانلىق ھەم جاھالەت پاتقىقىغا ئىتتىرىپ ،ئىچىنىشلىق قىسمەتلەرنى بىزگە يالدامد قىلىغان ،بىزنىڭ ھازىرقىدەك كۈنگە قىلىشىمىزدىكى تۇپكى سەۋەپ دول ئاشۇ قىزىل كۆز موللىلاردۇر.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 921
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-28 01:48
ئۇيغۇر تارىخىدا خوجا - ئىشانلارنىڭ كەلتۇرگەن پاجئەلىرى تا ھازىرغىچە ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ . ئەشۇ دەھشەتلىك يىللار ئارقا كۇرنۇش قىلىنغان ، تارىىخى چىنلىقى يۇقىرىراق بولغان بىرەر فىلىم ئىشلەپ چىقىدىغان كۇنلىرىمىزمۇ بولارمۇ .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1621
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 24
شۆھرىتى: 43 نومۇر
پۇلى: 240 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-25
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-08 01:11
مەن بۇ يازمىلارنى كورۇش ئارقىلىق غوجىلار دەۋرىگە ئائىت تارىخى قىسمەتنى تونۇپ يەتتىم.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 2262
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-24
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-05-28
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-24 01:01
توغرادەيسىز رۇخسارخوجا - ئىشانلارنىڭ كەلتۇرگەن پاجئەلىرى تا ھازىرغىچە ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ             
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 2300
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-25
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-05-27
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-26 16:30
qokan  weliHanop gerqe rusiyaning  jasusi bolsumu u emeliyette uyghurlarga iq agiritkan /u hette kexkerde /uygur kiziga oylengen.zalim ,baskunqi hokumetning jinayetlirini pax kilgan  demek u hekkaniyet tuygusiga ige alim
Körgülükni körgülük ya Tarim Dadxah Ölgülük
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 29
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-06-30 10:15
ئۇرغىلى بولماس خوجىنى،
تىللىغىلى بولماس خوجىنى.
مۇسۇلماننى خار قىلغان.
خۇدا ئۇرسۇن خوجىنى.
-(تارىخىي قوشاقلاردىن)
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 2138
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 14
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-13
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-06-30 14:53
    ئاغا- ئىنىلەر، بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتا دىققەتلەرگە سازاۋەر بولۇشى كېرەك:

    چار پادىشاھنىڭ ئالاھىيدە ۋەزىپە بىلەن ۋەتنىمىزگە ئەۋەتىلگەن خادىمى ھىساپلانغان چوقان   ۋەلىخان تەرىپىدىن بۇ زىمىننىڭ ھەقدارلىرى "ئۇيغۇر" دەپ ناملىنىپتۇ. بۇ ئەسەر 1861- يىلى نەشىردىن چىققان بولسا ئۇنداقتا "ئۇيغۇر" دىگەن نام 19 -ئەسىردە ئىستىمالدا بار(ئۇنتۇلمىغان) دىگەن گەپ چىقىدۇ. قانداقتۇر 20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا پۇرېلتاريات داھىسى سىتالىن تەرىپىدىن  تېڭىلىش بىلەن ئاسماندىن چۇشۇپ قالمايدۇ ...
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 3034
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 35 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-30
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-28
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-06-30 18:17
qoute
4 - قەۋەتتىكى Ruhsar0903 2008-04-18 10:50 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئۇيغۇرلارغا قانلىق تارىخ قالدۇرۇپ كەتكەن خوجا-ئىشانلارنىڭ دىيارىمىزدىكى ھەر بىر ئىش -ھەركەتلىرى،مىللىمىتىزنى نادانلىق ھەم جاھالەت پاتقىقىغا ئىتتىرىپ ،ئىچىنىشلىق قىسمەتلەرنى بىزگە يالدامد قىلىغان ،بىزنىڭ ھازىرقىدەك كۈنگە قىلىشىمىزدىكى تۇپكى سەۋەپ دول ئاشۇ قىزىل كۆز موللىلاردۇر.

                                                                 

                                                                      قېرىندىشىم ،مۇللام بىلەن خوجا -ئىشاننڭ پەرقى چوڭ بۇنى ئايرەۋېلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن  توي قىلسىڭىز نىكاھيىڭىزنى ئۇقۇغۇچى مۇللام بۇلۇدۇ ،بۇ دۇنيادىن كەتسىڭىز چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويغۇچى يەنىلا شۇ مۇلللار بۇلىدۇ .بىزگە ھازىر ئاپەت مۇللىلاردىن ئەمەس مۇللا بولمىغانلاردىن كىلىۋاتىدۇ ....... قاغاشقا توغرا كەلسە ،مىللىتىنى قۇل قىلىپ ساتقان ،ئوغۇللۇرىمىزنى ئوغۇرى -يانچۇقچى قىلىپ ،قىزلىرىمىزنى پاھىشە قىلىپ سېتىپ تاپقان پۇلىغا  سىز بىزلەرگە خىروئىن ئەپكىلىپ بەرگەن  نامەرت خۇمسىلارنى قاغاڭ .....
yol
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 2469
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 66
شۆھرىتى: 95 نومۇر
پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-05
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-06
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-05 21:03
مىللەت مۇناپىقى ئۈلۈمگە مەككۇم
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 3468
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-07-15
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-07-15
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-15 16:18
  بۇنداق ئەسەرلەرنى پەقەتلا ئاخىرغىچە ئوقۇيالمايمەن .  چۇنكى، ھەسرەت-نادامەتكە تولغان ئازاپلىق تارىخىمىزدىن يۈرەكلىرىم پۇچۇلىنىپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتسە ياكى پىچاق تەككەن كۆكچىدەك ۋاككىدە يېرىلىپ كەتسە،  كەلگۈسىىدە  نۇمۇسلۇق تارىخىمىزدىكى قارا  داغلارنى يۇغان كۈنلەرنى كۆرەلمەي ،ئارماندا كۆزى ئوچۇق كىتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن.
yol
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4400
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 102
شۆھرىتى: 152 نومۇر
پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-18 01:07
qoute
11 - قەۋەتتىكى tohtalmix 2008-06-30 18:17 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

                                                                 

                                                                       قېرىندىشىم ،مۇللام بىلەن خوجا -ئىشاننڭ پەرقى چوڭ بۇنى ئايرەۋېلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن   توي قىلسىڭىز نىكاھيىڭىزنى ئۇقۇغۇچى مۇللام بۇلۇدۇ ،بۇ دۇنيادىن كەتسىڭىز چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويغۇچى يەنىلا شۇ مۇلللار بۇلىدۇ .بىزگە ھازىر ئاپەت مۇللىلاردىن ئەمەس مۇللا بولمىغانلاردىن كىلىۋاتىدۇ ....... قاغاشقا توغرا كەلسە ،مىللىتىنى قۇل قىلىپ ساتقان ،ئوغۇللۇرىمىزنى ئوغۇرى -يانچۇقچى قىلىپ ،قىزلىرىمىزنى پاھىشە قىلىپ سېتىپ تاپقان پۇلىغا  سىز بىزلەرگە خىروئىن ئەپكىلىپ بەرگەن  نامەرت خۇمسىلارنى قاغاڭ .....
yol
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !