9 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يادىكارلىقلىرى
ئىمىنجان ئەھمىدى
9 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىيى ، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ غەربكە قورىغار رايونىغا يۆتكىلىشى بىلەن ، بۇ رايوندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (850 – 1250 ) بىلەن قاراخانىلار سۇلالىسى (870 – 1212 ) خانلىقى بارلىققا كەلدى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ئىككى خانلىقنىڭ نامى بىلەن باغلىق ھالدا « ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » ، « قاراخانىلار خانلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » دەپ ئاتالغان تارىخىي دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇقىم گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى ھەم ئېلىمىز ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدا شانلىق سەھىپە ئاچتى .
بۇرۇندىنلا شەرىق بىلەن غەربنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىدا مۇھىم تۈگۈن بولۇپ كەلگەن تۇرپان ۋادىسى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي 10 – ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ گۈللەنگەن ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تونۇلدى . بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە دىن ۋە تىل – يېزىق جەھەتتىكى ئۆزگىرىش گەۋدىلىك بولدى . ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئەسلىدىكى شامان دىنى ۋە مانى دىنى ئېتقادىنى ئۆزگەرتىپ ، بوددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى . خانلىق يەنە باشقا دىنلارنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا يول قويدى . قەدىمكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقى خانلىق تەۋەسىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئەدەبىي تىلى ۋە يېزىقى ئورنىغا ئۆتۈپ كەڭ ئومۇملاشتى . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدا ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، ئىلىم – پەن ۋە دىنغا دائىر زور بىر تۈركۈم ۋەسىقلەر بارلىققا كېلىپلا قالماي ، يەنە زور بىر تۈركۈم دىنىي ئەدەبىيات ئۈلگىلىرىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ياكى ئىجادىي تەرجىمە قىلىنىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى .
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلار ئۆزىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقى بىلەن دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى تەشكىل قىلدى . 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بانگ ، لىكوك ، موللىر ، رەشىت رەھمەتى ئارات ، مالوف ، رادلوف قاتارلىقلار « قەدىمكى ئۇيغۇر يازما ھۆججەتلىرىنىڭ تەتقىقاتى » ( ئۇيگۇرىكا ) ، « تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى »، « قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرى» ، « قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەردە بۇ يادىكارلىقلارنى تونۇشتۇردى . شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1983 – يىلى نەشىر قىلغان « ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » قاتارلىق ئەسەرلەردە بۇ يادىكارلىقلار ، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلدى .
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى شېئىرىي ئەسەرلەر ، نەسىرىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر ، دراما ئەسەرلىرى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن . ئۇلاردىن شېئىرىي ئەسەرلەردىن ھازىرغىچە مەلۇم بولغانلىرى : « ئىلاھىيە » ( تاڭ تەڭرى ) ، « ئىلاھىيە » ( پارلاق ، كۈچلۈك بىلگە تەڭرى ) ، « مەدھىيە » ، « ئۆلۈم تەسۋىرى » ، « جەھەننەم تەسۋىرى » ، « بۈيۈك ئىلاھىيە » ، « شۇنداق ئورۇنلاردا » ، « ئون ئىككى ۋەج توغرىسىدىكى شېئىر » ، « ئون تۈرلۈك ياخشىلىققا مەدھىيە » ، « ئوتتۇز بەش بۇرخانغا ھۆرمەت » ، « خاتىمە دۇئاسى » ( شۇ تېمىدىكى ئايرىم – ئايرىم ئۈچ پارچە شېئر ) ، « ئون تۈرلۈك نەزىر ئۇسۇلى » ، « ھەرە ھەققىدە ھېكايە » ، « جانىۋارلارغا پايدىلىق بولماق » ، « توغرا يول » ، « ياخشى تىلەك » ، « ئامىتا يۇرديانا سۇترا » ، « ئىشەنچ » ، « ياخشى نىيەت » ( ئىككى پارچە ) ، « ئېتىراپ » قاتارلىقلارھەم بىر مۇنچە ماۋزۇسىز شېئىرلار ، ئېلىپە تەرتىپىدە يېزىلغان شېئىرلار ، باش – ئاخىرى كەمتۈك شېئىرلار ، شېئىرىي پارچىلار ، سانسىكرىت ( ھىندى ) تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان « ھېكمەت پەزىلەتلىرى » ، « سامانتا بىھادراغا تەزىر » ، « مايتىرىغا مەدھىيە » قاتارلىق شېئىرلار بولۇپ ، ر . ئارات « قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى » ناملىق ئەسىرىگە بۇ خىل شېئىرىي ئەسەرلەردىن 649 كۇپىلېتنى رەتلەپ كىرگۈزگەن . بۇ شېئىرلاردىن يەنە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئاپرىنچور تېگىن ، پراتيا ياشرى ، چىسۇيا تۇتۇڭ ، قالىم قايشى ، بويان قاياقال ، كى كى ، سىللىخ تېگىنگە ئوخشاش شائىرلار نىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىمىز .
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن نەسرىي ۋە تەرجىمە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى : تەخمىنەن 13 – ئەسىردە تۇرپاندا قەلەمگە ئېلىنغان « ئوغۇزنامە » داستانى ، ئاگنى – كۈسەن تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا دىنى رىۋايىتى - « چاستانى ئېلىگ بەگ » ، « بېشبالىقلىق مەشھۇر تەرجىمان سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ 10 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خەنزۇ تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان بۇدد دىنى ھېكايە ، رىۋايەت ، ئەقىدىلىرى توپلىمى - « ئالتۇن يارۇق » ۋە « شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى » ، « خوي يۈەننىڭ تەرجىمىھالى » ، « پراجىنيا مۇكھاسۇترا » ( ئىككى تېگىننىڭ ھېكايىسى ) ، « مىڭ قوللۇق ، مىڭ كۆزلۈك بۇددا ھەققىدە ھېكايە » ، « پانچا تانتىرا قالدۇقى » ( بەش توملۇق چۆچەك ) ، «چوڭ مايمۇن پاتمارال قىسىسى» ، «بادماۋاتى قىزىنىڭ ھېكايىسى» ، «دانىشپالا بەگنىڭ ھېكايىسى» ، «مۇقەددەس توشقان ھېكايىسى » ، «ئىرسوپ ( ئىزوپ) مەسەللىرىنىڭ قالدۇقى » ، «قۋانشى ئىم پۇسار » ( ئاۋاز ئاڭلايدىغان ئىلاھ ) ، «سەنت گېئورگىنىڭ شېھىت بولۇش خاتىرىسى» ، «نىستورىيان دىنىي يازما يادىكارلىقىنىڭ پارچىسى» ، «ئابىدارم كوشاۋاردى شاستىر» ، «سەككىز يۈكمەك» ،«ئاۋاتامساكا سۇترا» ، «ئامىتابا سۇترا» ، « لەنخۇا چېچەك ئۆزەكى ئىتگى ياراتىغى ئاتلىق سۇدۇرنۇم بىگ» ، «ئاريارا جاۋاداكا سۇترا» ( پانى ئالەمدە ئۇلۇغ بولۇپ يارىلىش توغرىسىدا سۇترا) ، «كىمقۇقى» (ۋاجرا-چىتسكا سۇترا) ، «يىتكەن سۇترا» ، «ئامىتايوس سۇترا» (ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش سۇترىسى) ، «ئىككى يىلتىز نوم» ، «ئاگاماس» ، «ساجا پاندشانىڭ نەسھەتلىرى» (چوڭقۇر يول) ، «كىشانتى قىلغۇلۇق نوم بىتگ» ، «پالنامە» ۋە «بەدەندىكى ئالامەتلەرگە قاراپ پال سېلىش» قاتارلىقلار . دراما ئەسىرى تەخمىنەن 8 - ، 9 –ئەسىرلەر ئارىلىقىدا پوتانراكشىت كرماۋاژىك ناملىق كىشى ئاگنى – كۈسەن تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان «مايتىرى سىمىت»تىن ئىبارەت .
قاراخانىلار خانلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئىسلام دىنى پەيدىنپەي خانلىق تەۋەسىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېتقادىغا ئايلاندى . گەرچە بۇ دەۋردە ئەرەب تىلى ئىلىم – پەن تىلى ئورنىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تىلى قاراخانىلار جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋە تۇرمۇش تەلەپلىرىگە ماس ھالدا بۇ دەۋر مەدەنىيىتىىدە مۇھىم ئورۇن تۇتتى . بۇ دەۋردىكى ئەدەبىي تىل ئەرەپ - پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئانچە ئۇچرىمىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بولۇپ ، «خاقانىيە تىلى» (ياكى قەشقەرىيە تىلى) ، «خاقانىيە تۈرۈكچىسى» ، «بۇغراخانلار تىلى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان .
قاراخانىلار دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تازا گۈللىنىشكە يۈزلەندى . شەرقى قىسىمدىكى قەشقەرىيە ۋە بالاساغۇن ، غەربىي قىسىمدىكى سەمەرقەند ۋە بۇخارا قاتارلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە شەھەر ، قەلئە ، مەسچىتلەر ۋە بىلىم يۇرتلىرى زور كۈچ بىلەن قۇرۇلدى . بۇ مەركىزىي شەھەرلەرگە كۆپلىگەن ئىلىم ئەھلىلىرى توپلاندى . تونۇلغان دىنىي ئۆلىمالار ، ئالىملار ، مۇنەججىم – تېۋىپلار مەيدانغا كەلدى . ئەل خارەزمى ، ئەبۇ نەسر فارابى ، بىرونى ، ئەبۇئەلى ئىبن سىنا ، ئەبۇ خەير ھەممار ، ئىبراھىم ئەلفارابى ، نەسىرىدىن تۈسى ، ھۈسەيىن ئىبن خەلق قەشقەرى ، ئىمادىدىن قەشقەرى ، جامالىدىن قەشقەرى ، ئەبۇل فۇتۇھ ئەبدۇلغەپۇر ئىبن ھۈسەيىن ئەلئەلمائى ، مەجىددىن مۇھەممەت ئىبن ئەدنانى ، مۇھەممەت ئىبن ئەلى سەمەرقەندى ، مۇھەممەد دىنى ئەلى قەشقەرى ، ئەبۇ سەئىد بىننى مۇھەممەد ئەل ئىدىرىسى ، ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد بىننى خەئفەر نەر شەھى ، مەۋلانە ھاشىم يەركەندى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرى ئىدى .
جاھان پەلسەپە تارىخىدا «ئىككىنچى ئارىستوتىل» دېگەن نامغا نائىل بولغان مەشھۇر ئالىم فارابى ئىلىم – پەننىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بويىچە 160 پارچە ئەسەر يازغان . ئۇنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق ، مۇزىكاشۇناسلىق جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىمۇ ئالاھىدە كۆرۈنەرلىكتۇر . ئۇ ئۆزىنىڭ «شېئىرىيەت ھەققىدە» ، «شېئىر ۋە قاپىيىلەر ھەققىدە سۆز» ،« شېئىرىيەت سەنئىتى قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە رىسالە» ، «يېزىق ھەققىدە كىتاپ» ،«پەنلەرنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى» ، «پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلى قاراشلىرى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە شېئىرىيەت ۋە يېزىقچىلىق ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان . ئۇ يەنە چوڭقۇر مەزمۇنغا باي بىر مۇنچە پەلسەپىۋى شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .
مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى » 2000 – يىلى5–ئاينىڭ 3- كۈنى