ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 6599
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 71 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-11-19
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن

 مىللىتىنى تاجىكقا ئۆزگەرتىۋالغان ئۇيغۇرلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: 本帖被 Yawuz 执行锁定操作(2009-03-10)
1993-يىلى ياز پەسلىدە مەلۇم ئىش بىلەن ئاقتۇ ناھىيە تار تاجىك مىللي يېزىسىغا بارغان ئىدىم بۇيەرگە كېلىپ ئەرلەرنىڭ بېشىدىكى تاجىكچە تۇماق بىلەن ئاياللارنىڭ بېشىدىكى تاجىكچە كۇلتا دېيىلىدىغان دوپپىغا قاراپ ئۇلار نى ھەقىقى تاجىك مىللىتى دەپ ئويلىغان ئىدىم .شۇكۇنى ئابدۇرېھىم توختاش ئىسىملىك بىر بوۋاي مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.مەن بۇ ئۆيدە بوۋاينىڭ 5ۋاخ نامازنى تەرك قىلماي ئوقۇيدىغان تەقۋادار ئىكەنلىكىنى كۆردۇم .بىراق ئوخشىمايدىغىنى بۇكىشىنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى تاجىك قېرىنداشلار بىلەن پەقەت ئوخشىمايتتى.مەن بۇ كىشىگە؛سىزنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىڭىز تاجىكلارغا ئوخشىمايدىكەن-دىسەمبۇ كىشى -بىز ئەسلى ئۇيغۇر -دەپ جاۋاپ بەردى. مەن تېخىمۇ قېزىقىپ -نىمە ئۇچۇن تاجىك بولۇپ قالدىلا؟-دىسەم ،بىزنىڭ يېزىدا ئالمىلىق كەنتىدىن باشقا كەنتلەر دە پۇتۇنلەي ئۇيغۇرلار ياشايمىز.بىراق بىزنىڭ ئاقتۇ،يەكەن ،تاشقورغان،قاغىلىق ناھىيىلىرى بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارېلىقىمىزمۇ 150كىلومېتىردىن ئاشىدۇبىز ئۆلكە قۇرۇلۇپ ئشەك مىنىشتىن قۇتۇلۇپ بولالمىدۇق،نوپۇس كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوق ،تېرىلغۇ يەر ئاز ،يايلاق يېتىشمەيدۇ.شۇسەۋەپتىن بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلالمدۇق ئاخېرى قارغاباي (تار يېزىسىدىن،تاجىك،تاشقورغان ناھىيىسىگە مۇئاۋېن ھاكىم بولغان،ئالمىلىقنى مىللى يېزا قىلىشقا كۆپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ نوپۇسى ئۆلچەمگە يەتمەي ئۇيغۇرلارغا مۇراجەت قىلغان) نىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىز مىللىتىمىزنى تاجىك مىللىتىگە ئۆزگەرتتۇق،ئاخېرى تار تاجىك مىللى يېزىسى قۇرۇلدى ،ماشىنا يولى ياسالدى ،ھۆكۈمەتتىن ئىلگىرى ئېرىشىپ باقمىغان نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشتۇق.ھەقىقى تاجىكلار بىزنى تاجىك دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ،بىراق بىز نىمىلا دىگەنبىلەن تاجىك بولغاننىڭ پايدىسىنى كۆردۇق -دېدى. مەن-شۇنداق بولغاندا يېزىدا ھەقىقى ئۇيغۇردىن قا نچىلىكى چىقار ؟ -دىسەم ، -تەخمىنەن 80%دىن ئاشىدۇ ،لېكىن ئۇلار ھەممىسى مىللىتىنى تاجىكقا ئۆزگەرتتى-دېدى. مەن سىلەر تاجىكچىنى بىلەمسىلەر دىسەم ياق دەپ جاۋاپ بەردى. قېنى قېرىنداشلار ،بىر مەھەل مۇنبەردە ئۆزبېكستاندىكى ئۇيغۇرلار نىڭ ئۆزبېك ئاتېلىپ ياشاۋاتقانلېقىنى كۆپ كۆردۇق،مانا ئەمدى دىيارېمىزدىكى بۇ بىر توپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نىمە دەيمىز؟؟؟؟؟؟
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
نامازنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى ھەممە يەردە ئوخشاشتۇ، بۇنىڭدا ئاپتور خاتالاشتىمۇ ياكى بوۋاي خاتالاشتىمۇ؟
بۇنىڭغا يەنىلا مۇنبىرىمىزدىكى تاجىك قېرىنداشلاردىن samani ئەپەندى بىلەن faryad ئەپەندىلەر بىرنىمە دەپ باقسۇن.
yol
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1797
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 355
شۆھرىتى: 533 نومۇر
پۇلى: 3575 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 538(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
ئىلگىرى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە، مىللىي يېزا دېگەنلەرنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشىمۇ، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يارىدىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەندۇق.
terjime guruppisi
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 8008
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 104
شۆھرىتى: 609 نومۇر
پۇلى: 875 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-06
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
qoute
引用第1楼Yawuz于2009-03-08 18:17发表的  :
نامازنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى ھەممە يەردە ئوخشاشتۇ، بۇنىڭدا ئاپتور خاتالاشتىمۇ ياكى بوۋاي خاتالاشتىمۇ؟
بۇنىڭغا يەنىلا مۇنبىرىمىزدىكى تاجىك قېرىنداشلاردىن samani ئەپەندى بىلەن faryad ئەپەندىلەر بىرنىمە دەپ باقسۇن.

تاجىكلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئادىتى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن بىراز پەرقلىنىدۇ.چۇنكى ئۇلار شىئە مەزھىپىدە.ئۇلارنىڭ بىزبىلەن نەزىر-چىراق ئىشلىرىمۇ پەرقلىنىدۇ.يەنە ئۇلارنىڭ بىرقىسىم پەرقلىق دىنىي قاراشلىرى بۇلۇپ،ھەتتا شىئەلەردىنمۇ پەرقلىنىدىكەن.ئۇلار يەنە شىئەلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە نامازدا ئىمامنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 544
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-08-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
qoute
引用楼主mijit1971于2009-03-08 16:46发表的 مىللىتىنى تاجىكقا ئۆزگەرتىۋالغان ئۇيغۇرلار :
بىز مىللىتىمىزنى تاجىك مىللىتىگە ئۆزگەرتتۇق،ئاخېرى تار تاجىك مىللى يېزىسى قۇرۇلدى ،ماشىنا يولى ياسالدى ،ھۆكۈمەتتىن ئىلگىرى ئېرىشىپ باقمىغان نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشتۇق.ھەقىقى تاجىكلار بىزنى تاجىك دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ،بىراق بىز نىمىلا دىگەنبىلەن تاجىك بولغاننىڭ پايدىسىنى كۆردۇق -دېدى. مەن-شۇنداق بولغاندا يېزىدا ھەقىقى ئۇيغۇردىن قا نچىلىكى چىقار ؟ -دىسەم ، -تەخمىنەن 80%دىن ئاشىدۇ ،لېكىن ئۇلار ھەممىسى مىللىتىنى تاجىكقا ئۆزگەرتتى-دېدى. مەن سىلەر تاجىكچىنى بىلەمسىلەر دىسەم ياق دەپ جاۋاپ بەردى. قېنى قېرىنداشلار ،بىر مەھەل مۇنبەردە ئۆزبېكستاندىكى ئۇيغۇرلار نىڭ ئۆزبېك ئاتېلىپ ياشاۋاتقانلېقىنى كۆپ كۆردۇق،مانا ئەمدى دىيارېمىزدىكى بۇ بىر توپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نىمە دەيمىز؟؟؟؟؟؟



مەنمۇ بىر قىسىم پىيىشقەدەملەردىن  ئۆز ۋاقتىدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇش ئۈچۈن قىرغىزلارنىڭ نۇپۇسى ئۆلچەمگە يەتمەي ئۇيغۇرلارغا مۇراجەت قىلغان(ئوبلاست قۇرۇش ئۇچۇن بەلگىلىك نۇپۇس بولىشى كېرەك ئىكەن ) . شۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ئاقتۇ تەۋەسىدىكى  ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى مەجبۇرەن(يۇقارقى سەۋەپمۇ بار) قىرغىزغا ئۆزگەرتكەنلىگىنى ئىشتكەن ئىدىم .
ئەركەم تورى
Körgülükni körgülük ya Tarim Dadxah Ölgülük
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 29
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ئادەملەر ئاشۇناق بولىدۇ ، دىنىي تەربىيىدە مىللەت دېگەن ئۇقۇم بولمايدۇ، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ...
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 2641
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 35
شۆھرىتى: 166 نومۇر
پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
مېنىڭچە يۇقۇرقى تىمىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ،مەزكۇرنىڭ پىكرىگە قۇشۇلىشقا بۇلۇدۇ.مۇنبەر باشلىقلىرى......
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
مۇنبىرىمىزگە كىرىۋاتقان تاجىك قېرىنداشلارمۇ يوق ئەمەس، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاشۇ تار تاجىك مىللىي يېزىسىدىكىلەرمۇ بولۇشى مۈمكىن، شۇلارمۇ بىر پىكىر قىلىپ باقسۇن.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1287
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 161
شۆھرىتى: 236 نومۇر
پۇلى: 1600 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
يولداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. جان بېقىش مەسىلىسى ھەل بولمىغان ئاشۇ زامانلاردا مېللەت نامىنى ئۆزگەرتىپ يۇرگەنلەر بىزلا ئەمەس. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مانجۇلاردىن، خەنزۇ، تۇڭگانلارغا ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئۆزگۇرۋالغانلارنىڭ سانى يوق. يولداشلار ئەسلى يوللانمىنى يەنىمۇ تەپسىلى ئوقۇپ باقساق. ئۇيغۇرلار ئۆزىچىلا تاجىك بولىۋاپتىمۇ ياكى مەلۇم سىياسى تەشەببۇسمۇ بارمىكەن؟ مالىمانچىلىق يىللارغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن. 21-ئەسىرگە كەلگەندە يېزىلاردا چوشقا بېقىشنى سىناق قىلىمىز دىسە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ چوشقا باققانلارنى نىمە دەيسى؟ دەسلەپتىكىسى مىللەت نامىنى يوقاتتى، كېيىنكىسىچۇ؟ غۇرۇرىنى يوقاتتى. يولداشلار بەزى ئەيىپلەشلەرنى تېگىنى بىلىپرەك ئەيىپلىگەن ياخشى. يولداشلارغا رەخمەت.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1140
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 287
شۆھرىتى: 399 نومۇر
پۇلى: 125 سوم
تۆھپىسى: 59 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
بۇنداق ئىشلار كۆپ !!!! مىنىڭ بىر تاجىك ئاغىنەم بار ئۆزى بەك ئوڭلۇق يىگىت،بىز شۇنداق يىقىن ئۆتىمىز  ، ئۇنىڭ ئىيتىشىچە تاجىكلار «ئىسمائىليە » مەزھىپىدە بولۇپ ، ناماز ئوقوشى ئاساسەن سۈننى مەزھەپكە ئوخشايكەن .....
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1585
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 20
شۆھرىتى: 56 نومۇر
پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-08
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
مەن  دەل  ئۆزەم   ئاشۇ   ئۆزىنى  ئەسلى  ئۇيغۇر   ئاندىن  تاجىك   دىگەن  ئادەمنىڭ  يۇرتىدىن  ،  ئەجەب  نىرۋامنى  ئۆرلەتتى   ئاۋۇ   مىللەت   خايىنى .
جوڭگو  تاجىكلىرىنى  نوپۇسى   2008  يىللىىق  سىتاستىكىغا  ئاساسلانغاندا   41000 ئەتراپىدا  
ئۇلار   سۇنئىي   مەزھەپ  ۋە    ئىسمالىيە   مەزھىپىدە.شۇڭا   ئەجەپلەنمەڭ،  تاجىكستاننىڭ  80%ئارتۇق  تاجىكلىرىمىۇ   سۇنئىي   مەزھەپتە   سىز  ئومۇملىقنى  چىقىش   قىلىڭ.

تار تاجىكلىرىنىڭ كەتۈر قارىشىدىن قارىغاندا ،تار تاجىكلىرىنىڭ %90ىنىڭ تارغا كىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ ئولتۇراقلاشقىنىغا 400يىل ئەتراپىدا بولدى.بەزىبىر تاىخىي ماتىريال ۋە ئوقۇمۇشلۇق زاتلاردىن ئىگەللشىمىزچە تارنىڭ كۆپ قىسىم ئاھالسى ئاففانىستاننىڭ بەدەخشانرايۇنىدىن كەلگەن.ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تەرەپكە يىغنچاقلاشقا بولىدۇ.
1.مىللىي زۇلۇم ۋە ئېكىسپىلاتسىيىدىن كەلگەن.
باباجان غاپۇرۇفنىڭ <تاجىكلار تارىخى >دېگەن يىرىك ئەسىرىدە قەيىت قىلنىشىچە ،
بەدەخشان رايۇنى خىۋە خانلىقىغا قىسمەن دەرىجىدە يىقىن بولغاندىن كىيىن (16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا)، خىۋە خانى سوبىھان كولخان سىياسەت ئېجرا قىلىش جەريانىدا بەزى مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ،لىكىن ئۇ يەنىلا يەرلىك فېئوداللارنىڭ قارىشلىقىنى يىڭىيەلمىدى. سوبىھان كولخان ئىلىىپ بارغان ئۈزلۈكسز ئۇرۇش ئەمىگەكچى خەلىقىنى ئېكىپالاتسىيە قىلىش ۋە ئىزىشنى كۈچەيتىش ئاقىۋىتىنى پەيدا قىلدى.بويسۇنمىغان
فئوداللارغا قارشى جەڭ ئۈچۈن ،كۆپلىگەن پۇل،مال- مۈلۈك لازىم بولاتتى،شۇڭا ئۇ ئاھالىلەردىن يەتتە يىللىق باجنى مۇددەتتىن بۇرۇن يىغىۋالدى.شۇ چاغدا دۆلەت ئەنە شۇنداق ئىغىر ئەھۋالدا تۇرۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇنداق تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى خەلىققە تىڭلغان،خەلق زادى كۆتۆرەلمەيدىغان ئېغىر سىلىق يولغا قويولدى.باج –سىلىقلىرىنى يىغىۋالغاندا ساختىپەزلىك ،خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرى خەلق ئاممسىنىڭ خانىۋەيران بولۇشىنى تىزلەتتى .سەمەرقەنىد يازغۇچىسى مالغا ئۆزىنىڭ <تاللانمىلار >دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ"<ئەگەر مەلۇم بىر كىشى بىر تەڭگە تاپشىرىدۇ دىسەك ،ئۇ جەمئىي يەتتە تەڭگە تاپشۇردى .ھەرقايسى دىۋانلارنىڭ ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى تەمىنلىنىدىغان خىراجەت 70ھەسسە ئاشتى.شەخىسلەرنىڭمۇ يىرىدىن ئا لىدىغان باجمۇ
شۇنداق ئىغېر بولدىكى ،يەر ئېگىلىرى ھەقسز ئۆتۆنۈپ بەرگەن بولسىمۇ ،ئۇ يەرنى ھىچكىم ئالمىدى>". مانا مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا ،خەلق ئىگىلىكى مۇئەسسەسەلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئىچىش مۇمكىن بولماي قالدى،ھەتتا قول –سانائەتچىلەرمۇ چوڭ-كىچىك فىئوداللارنىڭ ھەرخىل زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ تۇردى .شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم تاجىكلار ئۆز يۇرۇتلىرىنى تاشلاپ كىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. شىمالىي ئاففانىستاندىكى يەنە بىر قىسىم تاجىكلارمۇ يۇرۇتلىرىنى تاشلاپ كۆچۆپ كەتتى . بۇ قىتىمقى كۆچۆشتە ھەتتا چوڭ –چوڭ شەھەرلەردىمۇ ئادەم ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى.مانا شۇنداق ۋاقىتتا تار تاجىكلىرى ئاشۇنداق مىللىي زۇلۇمنىڭ تەسىرىدىن تارغا كىلىپ ئولتۇراقلاشقان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
2.ئۇرۇش،نىزا تۆپەيلىدىن كىلىپ چىققان
بۇ خىل قاراش مەشھۇر تارىخشۇناس روشەنئەلى ھەزىزيار(1864-1930)نىڭ تار تەزكىرىسىدىنمۇ تىلغا ئىلنغان. مۇبادە بۇنىڭ ئاساسى بار دىيىلسە بۇ ۋاقىت 1584-يىلى بۇ خارا خانى (1583-1588-يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان ) نىڭ بەدەخشانغا يۈرۈش قىلىپ بۇ جاينى بىسىۋىلىشقا توغرا كىلدۇ.<تار تەزكىرىسىدەئېيتىلىشىچە ،تارغا كەلگەن بەزىكىشىلەر ئاففانىستاندىكى يەرلىكئەۋلاتلاردىن بولۇپ ،بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ قىچىپ كەلگەن>دىيىلگەن،<<چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بۇخارا خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇللا خان بەدەخشانغا يۈرۈش قىلىپ بۇ جاينى تامامەن بېسىۋىلىپ ،تۆمۆر خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخرقى خاندانلىىقى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئېگە قالدۇق ھاكىمىيىتىنى يوقاتقان.>> مۇبادا تاردىكى بەزى قۇۋۇملار راستىنلا بەگ ئەۋلادىدىن بولسا ،ئۇلارنىڭ تارغا كىلش ۋاقتى ۋە سەۋەبى يۇقىرىدىن ئىبارەت خالاس. لىكىن،تاردىكى تاجىكلار بىرلا ۋاقىتتا بىر جايدىن تارغا كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئەمەس.ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تارىخىي شارائىتتا يەنە بىر رايۇندىكى ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئېگىلىكىنى تىكلەپ تارنىڭ ھازىرقى تاجىكلرىنى شەكىللندۈرگەن.
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1585
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 20
شۆھرىتى: 56 نومۇر
پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-08
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
تاردىكى تاجىكلارنىڭ دىننى ئىېتىقادى
تاردىكى تاجىكلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ،مەزھەپ جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىگە تەۋەدەك قىلسىمۇ بىراق شىئە (ئىسمائىلىيە)مەزھىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ساقلانغان. بۇھال تاردىكى تاجىكلارنىڭ سەركوھ تاجىكلىردىن قىسمەن پەرىقلىنىپ تۇرۇدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.تاردىكى تاجىكلار بىر تەرەپتىن بەش ۋاخ ناماز ئوقۇپ ،روزا تۇتۇپ ،ھەج قىلىپ ،ئۆشرە زاكات بىرىپ سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىتلىرىنى ئادا قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلگۈچىنىڭ روھغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇش،پىلىك كۆيدۈرۈش ،خوجا نىشانلارنى پىر تۇتۇش،قۇرئان تۇتۇپ دوس بولۇش ...........قاتارلىق ئادەتلىرى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ قائىدە يوسۇنلىرىنىمۇ بەجا كەلتۈرىدۈ.
تار تاجىكلىرىنىڭ تىلى
قەدىمقى ۋە ھازىرقى تىلى ھىندى—ياۋرۇپا تىل سىستىمىسى ،ئىران تىل گۇرۇپپىسىنىڭ شەرىقى تىللار
تارمىقىغا كىرىدۇ. تارختا تاردىكى تاجىكلار سەرىكوھ تىلى ،ۋاخان تىلىدا سۆزلىشەتتى ،ھازىر تاجىك تىلى يېلتىزى ساقلاپ قىلنغان ،تۈرۈك تىلى ئارىلاشقان، تار شېۋىسىدە سۆزلىشىدۈ.بۇنىڭدىكى سەۋەپ تاردىكى تاجىكلار ھەريەردىن كىلىپ تاردا پاناھلانغىنىغا بىر نەچچە يۈز يىل بولدى،ئۇلار بۇ جەرياندا ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ،قىرغىز ،قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ،بارا-بارا-تاجىك تىلىنىڭ يىلتىزىنى ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا تۈرۈك تىلى ئارىلاشقان،ئۆزىگە خاس تار شىۋىسىنى شەكىللەندۈرگەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا تامامەن ئۇيغۇر تىل يىزىقى قوللانغاچقا ،يىقىنقى زامان تاردىكى تاجىكلار نىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تىل ئۆزگىرىشدا زور بۇرۇلۈش ھاسىل قىلىنىپ ،تۈرۈك تىلىنىڭ ئومۇملىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا سەركوھ تىلى ۋە پارىس تىلىنىڭ ئىزنالىرى چوڭقۇر ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن: قىر،تۈشرۈك،گەردىشى،تېرەك،قۇز،كۇلتا،تەبەن،ئايرى،كونج،غىجىد،ئەسرە.........ۋە ھاكازالار. بۇ سۆزلەر تاجىك تىلى لۇغىتىگە مەنسۈپ سۆزلەردۈر
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9202
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 6
شۆھرىتى: 40 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-03-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
mijit1971 سىز ئاساسى يوق بىر پارچە بولۇمسىز تەكشۈرۈش «ئەسىرىڭىز»ئارقىلىق نىمە مۇددىئاغا يەتمەكچى؟
سىز تارىخلارنى ۋاراقلاڭ،كۆپلەپ ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەردە بولۇڭ.مىللىي يېزا قۇرۇش ھەققىدىكى نېزام،سىياسەت،تارىخي ئارقا كۆرۈنۈش،دەلىل-تەھقىقلەش،تەستىقىي رەسمىيەتلەر تۇغرىسىدىكى بىلىم قۇرۇلمىڭىز نۆل تۇرۇپ قالايمىقان بىلجىرلىماڭ.
قاراڭ:

تار تاجىك مىللىي يېزىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى

مەدەلخان

تار تاجىك مىللىي ېيزىسى ئەسلىي ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى سەرىكوي رايونىنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، ئېلىمىز تاجىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ناھىيىتى قەدىمىي دەۋرلەردىن تارتىپ ھايات كۆچۈرۈپ كەلگەن رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تار تاجىك مىللىي يېزىسىدىكى تاجىكلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى پۈتكۈل جۇڭگو تاجىكلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئۇنىڭ تاخىنى سەرىكوي رايونىنىڭ تارىخىدىن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ سەرىكوي رايونىنىڭ تارىخى ناھايىتى قەدىمكى زامانلارغىچە بېرىپ تاقىلىدۇ. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى تاشقورغان يېزىسى توغلۇنشور كەنتىگە قاراشلىق جىرغال دېگەن يەردىن تېپىلغان ئىپتىدائىي ئىنسانلار پائالىيىتىگە ئالاقىدار كونا تاش قورال دەۋرىگە مەنسۇپ مەدەنىيەت ئىزىنىڭ تېپىلىشى سەرىكوي رايونىنىڭ تارىخىنى تۈمەن يىللاپ ئالدىغا سۈردى. 1983- يىل 8- ئايدا شىنجاڭ مۇزېيى، بېيجىڭ تەبىئەت مۇزېيى ۋە شىنجاڭ گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ رايون تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىدىكى كەسپىي خادىملاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتى، تاشقورغان ناھىيە بازىرىدىن جەنۇبتا 34 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جىرغال دېگەن يەردىن كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە تەۋە بولغان مەدەنىيەت ئىزىنى تاپتى. ئەترەتنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ مەدەنىيەت ئىزى كەم دېگەندىمۇ ھازىرقىدىن 10مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىز ئىكەن. بۇ مەدەنىيەت ئىزى ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ پامىر رايونىدىن تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەت ئىزى بولۇپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ كونا تاش قورال دەۋرىگە دائىر ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت بوشلۇقىنى تولدۇردى. ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ يازما تارىخىدىن بۇرۇنقى تارىخى ۋە مۇشۇ رايوننىڭ 4- ئىراغا دائىر گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى زور تۈرتكىلىك رولغا ئىگە. 1976- يىل 7-، 8- ئايلاردا ۋە 1977- يىل 6- ئايدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى تاشقورغان ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى شامبابا (تاشقورغان ناھىيە تاشقورغان يېزىسىنىڭ ۋەرشىدى كەنتىگە قاراشلىق) دېگەن يەردىن سەرىكوي رايونىنىڭ قۇلدارلىق جەمئىيىتىگە (تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە) تەئەللۇق مەدەنىيەت ئىزىنى تاپتى. ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بۇ يەردە قەدىمكى قەبرىلەردىن 40 قەبرىنى قازغان بولۇپ، بۇ قەبرىلەردىن بۇنىڭدىن 4000 — 2500 يىلدىن بۇرۇنقى دەۋرگىچە بولغان نۇرغۇن مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تاپتى. 2003- ، 2004- يىلى يەنە بەلدىر يېزىسىدىنمۇ شۇ دەۋرگە دائىر نۇرغۇن قەدىمىي قەبرىلەر قېزىلىپ، خېلى كۆپ مەدەنىي يادىكارلىق ھەم جەسەتلەر تېپىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سەرىكوي رايونىنىڭ يازما تارىختىن بۇرۇنقى تارىخىنى چۈشىنىشتە مول ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە تېپىلغان بۇ خىلدىكى ئارخېئو- لوگىيىلىك بايقاشلارنىڭ ھەممىسى تاشقورغان دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا بولۇپ، تاشقورغان دەرياسىنىڭ سەرىكوي رايونىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى پەرپا بولغان ئاساسىي زېمىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ (زەرەپشان دەريا بويلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلمىغاچقا بۇ ھەقتە بىرنېمە دېمەك تەس). شامبابا قەدەمكى قەبرىستانلىقىدىن چىققان ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىدىن ئاتاقلىق ئىرقشۇناس خەنكاڭشىن ۋە فەنچىفىڭ ئەپەندىلەر ياۋروپا ئىرقىي خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دەپ بېكىتتى. بەلدىردىن چىققان جەسەتلەردىمۇ ياۋروپا ئىرقىي خۇسۇسىيىتى ناھايىتى روشەن. دېمەك، بۇ قەبرىلەردىن چىققان مەدەنىي يادىكارلىقلار تاجىك مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئەجدادى بولمىش ساك قەبىلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدىن ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كۆپىيىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
تار تاجىك مىللىي يېزىسىدىكى تاجىكلارمۇ ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا، مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كۆپەيگەن، تەرەققىي قىلغان، ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە شەرقىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان ساك قەبىلىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاغلىق تاجىكلارنىڭ ھەممىسى ساكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىز تاجىكلىرى ھازىر قوللىنىۋاتقان سەرىكوي تىلى ۋە ۋاخان تىلى كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرقى ھايات ساك تىلى دېيىلمەكتە. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى ⅷ ئەسىر ۋە ⅶ ئەسىردە ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ساك قوۋمىنىڭ پائالىيىتى پەيدا بولدى. شۇڭا، جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرى، قەدىمكى يۇنان تارىخىي ماتېرىياللىرى، قەدىمكى پېرسىيىنىڭ نەقشى رۇستەم تاش ئابىدىسى ۋە بىھۇستون قىياتاش ئابىدىسىدە ساك قوۋمى توغرىسىدا خاتىرىلەر پەيدا بولدى.
ئېلىمىز تاجىكلىرى شەكىللىنىش داۋامىدا ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈردى. شەرقىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەردىن تارىم ئويمانلىقىدا ئولتۇ- راقلاشقانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن شۇ يەردىكى مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتتى. پامىر ئېگىزلىكىدە ئولتۇراقلاشقانلىرى شەرقىي ئىران تىلىنى ساقلاپ قالغان ھالدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئېلىمىز تاجىكلىرىنى شەكىللەندۈردى. ئەلۋەتتە، ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە يەنە سەرىكوينىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار(شوغنان، زىباك، ۋاخان ۋە باشقا رايونلار) دىن كۆچۈپ كېلىپ مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان قېرىنداش خەلقلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، تار تاجىك مىللىي يېزىسىدىكى تاجىكلارنىڭ شەكىللىنىشىمۇ پۈتكۈل جۇڭگو تاجىكلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئېلىمىزنىڭ سەرىكوي رايونى پۇلى، ئىناي، ساكنا قاتارلىق كىچىك بەگلىكلەر پەيدا بولغان، مىلادىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سەرىكوي رايونىدا قىرپانە بەگلىكى قۇرۇلدى. بۇ بەگلىك بىرقانچە 100 يىل مەۋجۇت بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى كەييۈەن يىللىرى (مىلادىيە 713–741 - يىللىرى) دا تۈبۈتلەر تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى (تۈبۈت ئېلىمىزدىكى بىر قەدىمكى مىللەت بولۇپ، ھازىرقى زاڭزۇلارنىڭ ئەۋلادى) . ئۇنىڭدىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى بۇ يەردە سۇڭلىڭ بۇقالى (سۇڭلىڭ ھەربىي كەنتىمۇ دېيىلىدۇ) تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ھەربىي قاراۋۇلى قىلدى. تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن دېڭىز قاتنىشىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئېلىمىز تاجىكلىرى ئولتۇراقلاشقان سەرىكوي رايونىدىن ئۆتىدىغان قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى ئۆزىنىڭ شەرق - غەرب قاتنىشىدىكى مۇھىملىقىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، سەرىكوي رايونى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر يوقىلىپ كەتتى. سۇڭ ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سەرىكوي رايونى توغرىسىدا ئۇنىڭ خوتەنگە قارايدىغانلىقى يېزىلغاندىن باشقا، يەنە پەقەت «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دېگەن كىتابتا جەبەنوياننىڭ تۇرشاۋۇلى ئىسمائىلنىڭ كۈچلۈكخاننى قوغلاپ سەرىكويدا (سەرىكوي دېگەن نام تۇنجى قېتىم مۇشۇ كىتابتا قەيت قىلىنغان) تۇتۇۋالغانلىقىلا خاتىرىلەنگەندىن تاشقىرى، باشقا خاتىرىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما، بۇ دەۋر تاجىكلارنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب ئىستېلاسىدىن كېيىن تاجىكلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكلار ئەجدادلىرى تاھىرىلەر سۇلالىسى، ساخارىلەر سۇلالىسى ۋە سامانىيلار سۇلالىسى قاتارلىق سۇلالىلەرنى قۇردى، بولۇپمۇ سامانىيلار سۇلالىسى تاجىكلار تارىخىدا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. سامانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە تاجىكلارنىڭ بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشۇش جەريانىنى ئورۇندىدى. تاجىكلار ھەممىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەرەب تىلى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش داۋامىدا بىرلىككە كەلگەن تاجىك ئەدەبىي تىلى – دارى تىلى شەكىللەندى. بۇ تىل تاجىك مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئىتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى.
موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، سەرىكوي رايونى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم رايونلار بىلەن بىرلىكتە، چاغاتايخانغا سۇيۇرغۇل قىلىندى. ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە سەرىكوي رايونى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىغا تەۋە بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقى ھاكىمبەگ تەيىنلەپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. سەئىدىيە خانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تەبرىقىچىلىك سەۋەبىدىن سەرىكوي رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى. خەلق رىۋايەتلىرىدە بۇ دەۋرلەردە ئىران زېمىنىدىن سەئىد سوراب ۋەلى ئىسىملىك ئىسمائىلىيە تەرغىباتچىسى سەرىكوي رايونىغا كېلىپ بۇ يەرنىڭ ھاكىمبەگلىك ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان ھەم مىلادىيە ⅺ ئەسىردە بۈيۈك ئىسمائىلىيە پەيلاسوپى ۋە شائىرى ھەكىم ناسىر خىسراۋ تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئىسمائىلىيە ئېتىقادىنى يەنىمۇ چىڭىتقان. سەئىد سوراب ۋەلى (قىسقارىتىپ، سەئىد سالى دەپ ئاتىلىدۇ) سەرىكويدا بىرقانچە ئەۋلادقىچە ھاكىمبەگلىك قىلغان.
1759- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، شىنجاڭدا ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل شىنجاڭنى ھەربىي تۈزۈم بويىچە باشقۇرغان. سەرىكوينىڭ ھاكىمبېگى مۇرادبەگ سەرىكوينىڭ ئاھالە ۋە يەر - زېمىن سانىنى ئوردىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى سەرىكويدا يەكەن خان ئامبىلىغا قاراشلىق سەرىكوي مۇسۇلمانلار دىيارى مەھكىمىسى تەسىس قىلغان، سەرىكوي مۇسۇلمانلار دىيارى مەھكىمىسىگە ھازىر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىگە قاراشلىق جايلار قارىغاندىن باشقا يەنە ھازىرقى تار تاجىك مىللىي يېزىسىنىڭ پۈتكۈل زېمىنى تەۋە قىلىنغان ئىدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلىفبەگنى سەرىكوي باش بەگلىكىگە تەيىنلەش توغرىسىدىكى پەرمانىدا سەرىكوي مۇسۇلمانلار دىيارى مەھكىمىسىگە قاراشلىق 19 يېز ا كەنت تىزىملىكى ئىچىدە ھازىرقى تار تاجىك مىللىي يېزىسىنىڭ ئالمالىق قاتارلىق يېزا - كەنتلىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان («چىڭ ۋنزوڭ ئوردا خاتىرىلىرى»، گۇاڭشۈنىڭ 3 - يىلى مىلادىيە 1877 - يىل 12- ئاينىڭ 23- كۈنى). 1884 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ھەربىي تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ ئۆلكە تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ ئاستىدا ۋىلايەت، مەھكىمە، ۋازارەت، ئايماق، ناھىيە قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلارنى تەسىس قىلدى. 1902- يىلى سەرىكويدا يەكەن مەھكىمىسىگە قاراشلىق «پۇلى مۇداپىئە ھۆكۈم شۆبە ۋازارىتى»تەسىس قىلدى. «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» ناملىق كىتابتا پۇلى شۆبە ۋازارىتىگە قاراشلىق يېزا - كەنتلەر تىزىملىكىدە ھازىرقى تار تاجىك مىللىي يېزىسىنىڭ ئالمالىق، تار، باغ كەنتلىرى تىلغا ئېلىنغان («شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»، مەمۇرىي ئورگان تەزكىرىسى ⅳ- توم 12–، 16- بەتلەر). شۇ كىتابتا يېزىلىشىچە پۇلى ۋازارىتىدە شۇ ۋاقىتتا سەرىكوينىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 7000 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن تاجىكلار 5000، بۇيرۇت (قىرغىز)لار 2000 ئىكەن. تار يېزىسىدىكى تاجىكلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئېلىمىز زېمىنىدا قەدىمدىن ياشاپ كەلگەن ئاھالىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يەنە بىر قىسمى بولسا، سەرىكوي رايونىغا قوشنا بولغان ۋاخان، شوغنان، زىباك ۋە باشقا جايلاردىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە تەدرىجىي ھالدا يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر گەۋدە بولغان ئاھالىلەردۇر، بولۇپمۇ ⅺⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چارروسىيە ۋە ئەنگلىيە جاھانكىرلىكى پامىر رايونىدا تەسىر دائىرە تالىشىپ، ئېلىمىزنىڭ پامىر رايونىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى. ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ كۈشكۈرۈتۈشى بىلەن، ئافغانىستان ئەمىرى ئابدۇراھمان ۋاخان رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ۋاخان ئەمىرى شاھ ئەلى مەرداننى ئۆلتۈرۈۋەتكەندە، كۆپ ساندىكى ۋاخان ئاھالىلىرى زۇلۇمغا چىدىماي پىتىراپ قېچىپ كەتكەن. نۇرغۇن ۋاخان ئاھالىلىرى ئېلىمىزنىڭ سەرىكوي رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، يەنە بىر قىسمى بولسا ھەتتا قاغىلىق، گۇما ناھىيىلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. تار يېزىسىدىكى ئۆزىنى «ۋاخان كەتۇر» دەپ ئاتايدىغانلار ئەنە شۇ دەۋرلەردە كۆچۈپ كېلىپ تاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنى كۆرسەتسە كېرەك. بۇ يەردە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، تاجىك تىلىدىكى «كەتۇر» دېگەن سۆز ئادەتتە بىرەر جەمەتنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن تار يېزىسىدا بۇ «كەتۇر» دېگەن سۆز بىرەر جەمەتنىمۇ (مەسىلەن مەمەتخالىق، گۈلىستان، غەزىبەگ، ئەليار قاتارلىق) ھەم شۇ ئاھالىلەرنىڭ ئەسلىدىكى يۇرتىنىڭ نامىنىمۇ (ۋاخان، بالتى قاتارلىقلار) كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئاددىي ھالدا قەبىلە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئېلىمىز تاجىكلىرى ئارىسىدا ھازىر يەنىلا «كەتۇر» دېگەن بۇ ئاتالغۇ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز قەبىلە ئەمەس. ئۇ ئىككى خىل مەنىگە ئىگە: بىرى، بەزى جەمەتنى، يەنە بىرى، بىرەر يۇرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزدىكى تاجىك مىللىتى ئۆزىنىڭ شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىشى داۋامىدا قايسى جەمەتكە تەۋە بولۇشى ياكى قايسى يەردىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، پۈتۈن بىر گەۋدە بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس بىر چوڭ ئەزاسى. تار تاجىك مىللىي يېزىسىدىكى تاجىك ئاھالىلىرى ئېلىمىز تاجىك مىللىتىنىڭ پۈتۈن بىر گەۋدىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.
تار تاجىك مىللىي يېزىسى كوئىنلۇن تاغلىرىنىڭ ئەڭ غەربىي چېتىدىكى ئانا دەريا تارىمنىڭ ئەڭ يىراق تارماقلىرىدىن بىرى بولغان تاشقورغان دەرياسىنىڭ ياقىسىدىكى چوڭقۇر جىلغا ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، دەريانىڭ ئىككى ياقىسىدىكى پارچە - پارچە يەرلەر شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئەمگەكچان خەلقنىڭ قولى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان باغۇبوستانلىق كەنتلەرگە ئايلانغان. دەريانىڭ شاۋقۇنلۇق ئېقىنى بۇ كەنتلەرگە مەڭگۈلۈك پۈتمەس - تۈگىمەس ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان. تار پامىر ئېگىزلىكىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە (پامىردا تاغلار دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغىنى بىلەن نىسبەتەن تەكشى، ھاۋاسى سوغۇق، تاردا بولسا تاغلار تىك قىيالىق، جىلغا چوڭقۇر، دېڭىز يۈزىدىن نىسبەتەن پەس، تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا  باب كېلىدۇ.) گېئوگرافىيىلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە بولۇپ، تار خەلقى   ئۆزىنىڭ ئاجايىپ پاراسىتى، ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن چىمەنزار باغۇبوستانلارنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، شۇ تەبىئىي شارائىتقا باب كېلىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەدەنىيەت ياراتقان. بۇ مەدەنىيەت ئېلىمىز تاجىك مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇنى قېزىپ، تەتقىق قىلىش ۋە شۇ ئاساستا داۋاملىق گۈللەندۈرۈش تاجىك مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تېما.
تارىخ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئۇ ئېلىمىز تاجىك خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ۋە كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىشىنىمىزكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم بەرپا قىلىش كۈرىشى داۋامىدا تاجىك خەلقى، جۈملىدىن تار خەلقى مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەت ۋە غەيرەت بىلەن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ ھەشەمەتلىك ۋە پارلاق يېڭى تارىخىي سەھىپە يارىتالايدۇ. بىز تار خەلقىنىڭ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى غەيرەت – شىجائىتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، جاپالىق ئەجرىنىڭ قۇت، بەرىكەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9202
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 6
شۆھرىتى: 40 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-03-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
تار تاجىكلىرىنىڭ ئېتنوگرافىيىسى

1. تار تاجىكلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى
تار تاجىكلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مەزھەپ جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىگە تەۋەدەك قىلسىمۇ، بىراق شىئە ( ئىسمائىلىيە ) مەزھىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ساقلانغان. بۇھال تار تاجىكلىرىنىڭ سەرىكوھ تاجىكلىرىدىن قىسمەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تار تاجىكلىرى بىر تەرەپتىن بەش ۋاخ ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇپ، ھەج قىلىپ، ئۆشرە - زاكات بېرىپ سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇش، پىلىك كۆيدۈرۈش، خوجا - ئىشانلارنى پىر تۇتۇش، قۇرئان تۇتۇپ دوست بولۇش... قاتارلىق ئادەتلىرى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنىمۇ بەجا كەلتۈرىدۇ.

2. تار تاجىكلىرىنىڭ تىلى
قەدىمكى ۋە ھازىرقى تىلى ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسى، ئىران تىل گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تىللار تارمىقىغا كىرىدۇ.تارىختا تار تاجىكىلىرى سەرىكوھ تىلى، ۋاخان تىلىدا سۆزلىشەتتى.ھازىر تاجىك تىلى يىلتىزى ساقلاپ قېلىنغان، تۈرك تىلى ئارىلاشقان، تار شېۋىسىدە سۆزلىشىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب تار تاجىكلىرى ھەر يەردىن كېلىپ تاردا پاناھلانغىنىغا بىرنەچچە يۈز يىل بولدى، ئۇلار بۇ جەرياندا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تۈرك تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بارا - بارا تاجىك تىلىنىڭ يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا تۈرك تىلى ئارىلاشقان، ئۆزىگە خاس تار شېۋىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا تامامەن ئۇيغۇر تىل - يېزىقى قوللىنىلغاچقا، يېقىنقى زامان تار تاجىكلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ تىل ئۆزگىرىشىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، تۈرك تىلىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا سەرىكوھ تىلى ۋە پارس تىلىنىڭ ئىزنالىرى چوڭقۇر ساقلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، قىر، تۈشرۈك، گەردىشى، تېرەك، قۇز، كۇلتا، تەبەن، ئايرى، كونج، غىجىد، ئەسرە... ۋاھاكازالار. بۇ سۆزلەر تاجىك تىلى لۇغىتىگە مەنسۇپ سۆزلەردۇر.
دېمەك، خېلى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بۇ ئورۇندا تاجىكلار ياشاپ كەلگەن. تارىخىي ۋە جۇغراپىيە، ئىجتىمائىي ئامىل، تۇرمۇش، مۇھىت شارائىتى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى تىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگىرىپ، يەرلىك تىل شېۋىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مانا بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە بولۇپ تۇرىدىغان نورمال ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.

3. تار تاجىكلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى
تار تاجىكلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى جۇڭگو تاجىكلىرى ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يەنى توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرار جاي، ھېيت - ئايەم، مېھماندارچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە قىسمەن مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشىنى نەزەرگە ئالمىغاندا، سەرىكوھ تاجىكلىرى بىلەن تامامەن ئوخشاش.
▲ ئائىلە ۋە نىكاھ
قەدىمدىن تارتىپ تەبىئىي شارائىتى بىرقەدەر ناچار بولغان مەزكۇر زېمىندا يېرىم چارۋىچىلىق، يېرىم دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن تار تاجىكلىرىنىڭ ئائىلە تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى ئازادلىقتىن ئىلگىرى فېئوداللىق تۈزۈم ئاسارىتىدە ئىدى. ئەڭ چوڭ ئەركىشى ئائىلە باشلىقى بولۇپ ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. مال – مۈلۈكلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئائىلە ئەزالىرىغا تەنبىھ بېرىش، پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرى بار ئىدى. پەرزەنتلەر ئاتىسىنىڭ ئەمرىگە مۇتلەق بويسۇنۇشى شەرت ئىدى، ئاياللار ئەرلىرىگە پۈتۈنلەي بېقىناتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايتتى. قىز – يىگىتلەرنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشى ناھايىتى ئېغىر ئىدى. كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا - ئانا، ئاكا - ئۇكىلار، ئاچا - سىڭىللار، كېلىنلەر توپلىشىپ ئولتۇراتتى. باي پومېشچىك چارۋىدارلار ھەمىشە بىرقانچە خوتۇن ئالاتتى. بىر ئاتا - ئانىدىن بولغانلاردىن باشقا قىز - يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ياش قۇرامىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە، بوغۇن پەرقىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە، قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق - يېقىنلىقىغا قارىماي ئەر - خوتۇن بولۇۋېرەتتى، نەۋرىلەرنى بىر - بىرىگە چېتىش بەكمۇ ئومۇملاشقان ئىش ئىدى. ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىگە بالىلىق ۋاقتىدىلا توي چېيى ئىچۈرۈپ قويىدىغان ئىشلار ئەۋج ئالغان ئىدى. نىكاھ ئىشلىرى سودا – سېتىق خاراكتېرىدە ئېلىپ بېرىلاتتى.
ئازادلىقتىن كېيىن يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىلدىكى كونىچە ئائىلە مۇناسىۋىتى، فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمى كەلمەسكە كەتتى.
▲ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ جاي
ئەرلەر قارا قوزا كۆرپىسىدە قارا مەخمەل بىلەن تاشلانغان، كەشتىلەنگەن تەلپەك كىيىدۇ. بۇ خىل تەلپەك ئۇلارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى بولۇپ، قار - شىۋىرغان، سوغۇقلاردا تەلپەكنىڭ قاسقىنى چۈشۈرۈۋېتىلسە قۇلاق ۋە يۈز - كۆز سوغۇقتىن ساقلىنىدۇ. يازدا كىيىدىغان يىپەك يىپ بىلەن ئاق شايى ياكى خەسىگە گۈل چىقىرىپ كەشتىلەنگەن قايما شاپاق دوپپىنى كىيىدۇ. بېلىگە قارا مەخمەل ياكى باشقا رەختلەردىن كەشتىلەنگەن تۆت چاسا ياغلىق، يىپەكتىن توقۇلغان قۇر، كەشتىلەنگەن تەبەن دەپ ئاتىلىدىغان پوتا باغلىۋالىدۇ.
ئاياللار ھەر خىل نۇسخىدا نەپىس كەشتىلەنگەن كۇلتا، قىز جۇۋانلار شەيدايى دەپ ئاتىلىدىغان باش كىيىمى كىيىدۇ.ئۇلار سىرتقا چىققاندا ھەمىشە ئاق، قىزىل، سېرىق روماللارنى ئارتىۋالىدۇ.
ئىلگىرى بارلىق ئەرلەر ۋە ئاياللار جۇراپ ياكى يۇڭ پايپاق كىيىپ، ئاندىن قونجلۇق قىزىل چورۇق كىيىۋالاتتى. چورۇق يەڭگىل ھەم چىداملىق بولۇپ، تاغلىق رايونلاردا يۈرۈشكە ناھايىتىمۇ باب كېلەتتى. ئاياللار ئۇچىسىغا ئالدى ئىزمىلىنىدىغان ئۇزۇن چاپانلارنى، ئەرلەر قوي ۋە كېيىك تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋىلارنى، تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان چەكمەنلەرنى كىيەتتى. ھازىر شىم - كاستۇم، ئۆتۈك، شىبلىت، شىلەپە، پەلتولارنى كىيىدىغان بولدى.
ئاياللار قۇلاقلىرىغا ھەر خىل ھالقا، سىرغا ئاسىدۇ. بوينىغا ئۈنچە - مارجان، مەرۋايىت ۋە دىۋەرەك دەپ ئاتىلىدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. ياش ئاياللار چاچلىرىغا باشتىن - ئايىغىغىچە ئاق سەدەپ ۋە كۈمۈش تۈگمىلەرنى ئاسىدۇ. چېچىنىڭ ئۇچىغا پۈپۈكلۈك چۇلۇك ئېسىۋالىدۇ. كۇلتا، شەيدايىلىرىغا سىلسىلا دەيدىغان كۈمۈش زەنجىر ئېسىۋالىدۇ. قوللىرىغا بىلەزۈك، ئۈزۈك سالىدۇ. كۆكرەك ئالدى قىسمىغا كۈمۈشتىن ياسالغان ھالقا تاقايدۇ.
يېمەك - ئىچمىكى ئاساسلىقى ئاشلىق، گۆش، سېرىقماي، قايماق، سۈت - قېتىق، مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى ئاساس قىلىدۇ. سۈت چاي ئىچىشكە ئامراق. ئۆزگىچە تاماق تۈرلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، بۇلماق، يەجمەن، مەكۈت، غىچ، خەش، پىشلاق، ئېجىگەي، كۆك، قاتلىما، قۇيماق، بوغۇرساق، ئۈگرە - چۆپ، زاڭ، يوبدان، چۆچۈرە، ئاتىلا، پولۇ قاتارلىق بار. كۆكتاتلاردىن چامغۇر، پىياز، پىننە، يېسۋىلەك، كاللەكسەي، تۇرۇپ، ياڭيۇ ۋە بىرقىسىم ياۋا كۆكتاتلارنى قوشۇمچە ئىستېمال قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا ھالال دەپ قارالغان مال، ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشىنى يەيدۇ، ئات گۆشىنى يېمەيدۇ.
تار تاجىكلىرىنىڭ مۇقىم، ئازادە، كۆركەم بولغان ئولتۇراق ئۆيلىرى بار. سەۋرۇنخانا، مېھمانخانا، ئايرىلىق ئۆي ( لەڭگەر ئۆي ) قاتارلىق ئۈچ يۈرۈش ئۆي بىر گەۋدە قىلىنىدۇ.
▲ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغلىرى
توي مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. تويغا ھەممە كىشى يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ بېرىپ، توي ئىگىسىنى مۇبارەكلەيدۇ، تويغا ئاتاپ كەلگەن مۇبارەكباد (سوۋغا) لىرىنى قويىدۇ، داپ ۋە سۆڭەك نەي چېلىپ بۈركۈت ئۇسۇلىنى ئوينايدۇ. يەرلىك مىللىي ناخشىلارنى ئوقۇيدۇ. ئەرلەر ئوغلاق تارتىدۇ، ئاياللار داپ بىلەن ئوغلاق تارتىش مۇزىكىسىنى چېلىپ بېرىدۇ، ئات بەيگىسى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. قىز - ئوغۇل ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ توي قىلىدۇ، يېڭى كېلىن كۇلتىسىنىڭ ئالدى ماڭلاي تەرىپىگە سىلسىلا ئاسىدۇ، قىزىل شايى رومال ئارتىدۇ، تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن چىرايلىق ياساندۇرۇلىدۇ. كۆزىگە چوكا سۈرمە دەيدىغان تەبىئىي گىرىم بۇيۇمىنى سۈركەيدۇ، قوللىرىغا ئاق، قىزىل شايىدىن لېنتا ئېسىلغان ئۈزۈك سالىدۇ. كۈيئوغۇل بولغۇچىنىڭ بېشىدىكى كۆركەم تەلپەككە ئاق ھەم قىزىل شايىدىن سەللە ئورىلىپ، بىر ئۇچى سول مۈرىسىگە ساڭگىلىتىپ قويۇلىدۇ. ياساندۇرۇلغاندىن كېيىن قىز گوياكى پەرىزاتقا، يىگىت بەئەينى جەسۇر شاھزادىگە ئايلىنىدۇ. نىكاھ قىزنىڭ ئۆيىدە ئوقۇلىدۇ، موللا ( ئەئلەم) لار ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە نىكاھ قىلىپ بېرىدۇ. بىر نەپەر يېقىن تۇغقان ئىچىدىن پەدەرخان ( ۋەكىل ئاتا ) بەلگىلىنىلىدۇ. توي مۇراسىمى تۈگەپ بىر ھەپتىدىن كېيىن يىگىت بىلەن قىز قىز تەرەپنىڭ ئاساسلىق تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توي ئاخىرلىشىدۇ.
ئۆلۈمنى ئۇزىتىش ئادىتىمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ. قازا قىلغۇچىنىڭ بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يىراق - يېقىندىن توپلىشىپ كېلىپ، تەلقىن ( مۇسىبەت قوشاقلىرى) ئېيتىشىپ يىغلىشىدۇ. ئەرلەر قازا قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بوينىدىن، مۈرىسىدىن تۇتۇپ يىغلايدۇ. ئاياللار تۆردە ئولتۇرۇپ يىغلايدۇ، كېيىن ئۆلۈم ئىگىلىرىگە قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا تەسەللى بېرىپ، كۆڭۈل قويىدۇ. شۇ كۈنى ئاياللار تۇپراق بېشىغا چىقمايدۇ. مېيىت ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە - يوسۇنى بويىچە يۇيۇپ - تارىلىپ، نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن يەرلىكىدە قويۇلىدۇ. دەپنە قىلىنىپ شۇ كۈنى نەزىر بېرىلىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن قەۋرىسى قاتۇرۇلىدۇ. يەتتە كۈنلۈك، 40 كۈنلۈك ۋە يىللىق نەزىرىسى بېرىلىدۇ. يىللىق نەزىرىسى – مەرىكىسى داغدۇغىلىق بولىدۇ، مەرىكە قازا قىلغۇچىنىڭ روھىغا ئاتىلىپ بېرىلىدىغان نەزىر بولۇپ، بىرقەدەر ياخشى ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.
▲ مىللىي ھېيت - ئايەملىرى
تار تاجىكلىرىدا مىللىي ۋە دىنىي بايراملاردىن قۇربان ھېيت، روزى ھېيت، شاۋگۇن باھار( نەۋرۇز بايرىمى)، بارات ھېيت، ئۇرۇق چىقىرىش، سۇ باشلاش بايرىمى قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇربان ھېيت، روزى ھېيت، نەۋرۇز بايرىمى، بارات ھېيت بىر قەدەر كاتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
قۇربان ھېيت – ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. تار تاجىكلىرىنىڭ قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش ئادىتى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ، لېكىن بەزى بىر نازۇك پەرقلىرى بار. قۇربان ھېيتنىڭ پەيدا بولۇش رىۋايىتى، مەركىزىي ئىدىيىسى، نامىزى، ۋاقتى، قۇربانلىق قىلىدىغان مال قاتارلىقلار بىردەك. پەرقى تار تاجىكلىرى قۇربان ھېيتنى مىللىيچە تۈس – ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى ۋە ماددىي تۇرمۇش شارائىتى ئاستىدا ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلار قۇربان ھېيتنىڭ قىسمەن تەييارلىقىنى بىر يىل بۇرۇنلا باشلايدۇ. ھەربىر ئائىلە قوربانلىق قوينى بەلگە سېلىپ ئاتاپ قويىدۇ، ھېيت يېتىپ كەلگەن كۈنى نامازدىن كېيىن شۇ قوي قۇربانلىق قىلىنىدۇ. قۇربانلىق قوي سويۇلۇشتىن ئىلگىرى قوينىڭ كۆزىگە سۈرمە تارتىلىدۇ، يۇيۇپ - تاراپ تەرەت ئالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە ئېلىپ چىقىپ بوغۇزلىنىدۇ. قوي گۆشى مۇچىلانغاندىن كېيىن، تولۇق گەۋدىسى بىلەن پىشۇرۇلىدۇ، نامازدىن قايتقان ئەل - جامائەت توپلىشىپ ئۆيمۇئۆي ھېيتلايدۇ، بىر - بىرىنى مۇبارەكلىشىدۇ، گۆش ۋە ھېيتلىق تائاملارنى يېگەچ بىريىلدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىشىدۇ، كەلگۈسى ئۈستىدە خۇشال - خۇرام پاراڭلىشىدۇ، ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىپ قالغانلار ياراشتۇرۇلىدۇ. قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن تۇغقانلارنىڭ قەبرە بېشىغا چىقىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ، مال سويۇپ ياكى ئاش ئېتىپ نەزىر بېرىدۇ.
روزا ھېيت – ئىسلام دىنى بايرىمى. تار تاجىكلىرى روزا تۇتىدۇ، ئۆزئارا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داغدۇغىلىق بولمىسىمۇ، ھەممە ئائىلىلەر بىر - بىرىنى ھېيتلىشىدۇ.
بارات ھېيت – بۇ بايرام بارات ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئىككى كۈنىنىڭ كېچىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. قازا قىلغانلارنىڭ قەبرە بېشىغا بېرىپ، دۇئا – تەكبىر قىلىدۇ، قۇرئان ئوقۇلىدۇ، مال سويۇپ ياكى ئاش ئېتىپ نەزىر بېرىدۇ.
نەۋرۇز بايرىمى – بۇ ئۇلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، باھار بايرىمى. بۇ بايرامدا ھېچقانداق دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بايرام ئىنتايىن تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9202
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 6
شۆھرىتى: 40 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-03-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
تار تاجىكلىرىنىڭ خاسىيەتلىك ئەنئەنىلىرى

تاجىكلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىسى بار. ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يادنامىسى بولۇپ، تاجىكلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتىگە مۇناسىپ تەسىر كۆرسىتىپ، شۇلاردا چېلىقارلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنى قانداق تونۇش، قانداق داۋاملاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئۈچۈن قانداق پايدىلىنىش – يېڭى ئەسىردىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئېھتىياجى.
▲ ئەخلاق - پەزىلەت ئەنئەنىسى
تاجىكلاردا ئەخلاق - پەزىلەت تەربىيىسى ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن، مۇكەممەل ئەخلاق مىزانى ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن ھەمدە مۇپەسسەل ئەخلاق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە شارائىت ھازىرلىغان. تاجىك جەمئىيىتىدە ھەربىر ئېغىز سۆز، ھەربىر ئىش - ھەرىكەت، ماقال - تەمسىللەر، چۆچەك، مەسەل، ناخشا - قوشاقلار، نەغمە - ئۇسسۇل، مەشرەپ، مۇقام - پەلەكلەردە ئەخلاقىي تەربىيە ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك، يۇرتنى سۆيۈش، باراۋەرلىك، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ياردەم بېرىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سەمىمىي، تىلى گۈزەل بولۇش، دىيانەتلىك، مېھرىبان بولۇش... تەشەببۇس قىلىنىپ كەلگەن. ئەزەلدىن ئاتا - ئانىلار چەكسىز ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ياردەمدە بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئادەملەر ئارىسىدىن بۆلۈپ ماڭماسلىق، دوستانە، كەمتەر بولۇش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئۇلار قانۇن - ئىنتىزامغا قەتئىي بويسۇنىدۇ، ھەرقانداق جىنايى قىلمىشلار سادىر بولغىنى يوق، كىچىلىرى ئىشىك تاقالمىسىمۇ، چارۋىلار قوتانغا كىرگۈزۈلمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، قويۇپ قويغان نەرسە ھەرگىز يوقالمايدۇ...
▲ قىزغىن، مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسى
تاجىكلار مېھماندوست خەلق. ئۆيگە كەلگەن مېھماننى ئۆز – يات، چوڭ - كىچىك، باي - نامرات دەپ ئايرىماستىن، ئوخشاش كۆزدە قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. مېھمان تۆردىن ئورۇن ئېلىشقا مەرھەمەت قىلىنىدۇ، ھەممەيلەن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ساھىبخان ئەنئەنە بويىچە «خوش ئامەدى»(خۇش كەپسىز) دەيدۇ، مېھمان «بارىكاللا»دەپ جاۋاب بېرىدۇ. مېھمانلارغا ئەڭ ئېسىل تائام تەييارلىنىدۇ، قوي كىرگۈزۈپ، دۇئا قىلدۇرۇپ، مېھمانغا ئىززەت كۆرسىتىلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى مېھمانلار ئالدىدا يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىشمايدۇ، مېھمانلار ئالدىدىن توغرا كېسىپ ئۆتمەيدۇ، مەھەللىدىكىلەرمۇ قىزغىنلىق بىلەن مېھمانلارنى چاقىرىۋېلىپ، ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ، مېھمانلاردىن ئاشقان تائاملارنى «رەھمەت»، «ھەشقاللا» بىلەن قولىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا بىرەر قوشۇق، بىرەر كاپامدىن ئېغىز تەگكۈزۈپ قويىدۇ. ئەگەر مېھمانلار قونۇپ قالسا ئۇلارغا ئەڭ يېڭى يوتقان- كۆرپە تەييارلىنىدۇ. بىرەر ئادەمنىڭ باي - كەمبەغەللىكىنى ئايرىشتىمۇ كەلگەن مېھمانلارنى ياخشى كۈتكەن - كۈتمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچەيدۇ... مېھمانلار ئۇزاپ ماڭغاندا ساھىبخان ئۇلارغا ئوزۇق - تۈلۈك تەييارلايدۇ ۋە خېلى يەرگىچە ھەمراھ بولۇپ ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. «مېھماننىڭ كېلىشى ئۆيگە بەرىكەت» دېگەن ماقال كەڭ تارقالغان.
▲ ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ئەنئەنىسى
تاجىكلار ئىچىدە «ئانىلار – ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادچىسى، ئىنسانلار تارىخىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر» دەيدىغان قاراش بار. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئاياللارنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدۇ. «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار»، «چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا« دەيدىغان فېئوداللىق ئەنئەنىۋى قاراشلار مەۋجۇت ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئىنسانىي ئىززەت - ھۆرمىتى ھىمايە قىلىنىدۇ، ھوقۇقتا باراۋەر، ئائىلە ئىشلىرىدا بەلگىلىك ئىمتىيازلىق، ئائىلە ئىشلىرىغا باشچىلىق قىلالايدۇ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ. ئاياللارنى خورلاش، بوزەك قىلىش، تاشلىۋېتىش قاتتىق ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. ئۆيگە كىرگەندە ئالدى بىلەن ئاياللار كىرىدۇ ۋە قائىدە بويىچە تۆردىن ئورۇن ئالىدۇ. قولىغا سۇ بېرىش، داستىخان سېلىپ تاماق تارتىش قاتارلىقلار ئالدى بىلەن ئاياللاردىن باشلىنىدۇ. سەپەرگە چىقىشتا ئەڭ ياخشى ئات، ئەڭ ياخشى جاي ئاياللارغا بېرىلىدۇ. توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدا ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
▲ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ئەنئەنىسى
تاجىكلارنىڭ ھېچقانداق دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىمىغان، ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، مىللىي ساپلىقى ۋە ھېسسيات ساپلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۆزئارا سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ئادەتلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەرلەر ئۇچراشقاندا قىزغىن ھال ئەھۋال سورىشىپ، قول ئېلىشىپ سالاملىشىدۇ. يېقىن تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر قۇچاقلىشىپ، بىر - بىرىنىڭ قوللىرىغا سۆيۈشۈپ مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ پېشانىسىگە، كۆزلىرىگە، مەڭزىگە سۆيۈپ، بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ. سىڭىللار ئاكىلىرىنىڭ قولىغا سۆيىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللار كۆرۈشكەندە، ئاياللار ئاۋۋال ئەرلەرگە سالام قىلىدۇ، ئەرلەر ئىلىك ئېلىپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئاياللار ياشتا چوڭ، ئاقساقال ھەرقانداق كىشىنىڭ قولىغا سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ، دىنىي مۆتىۋەرلەرنىڭ قولىغا ھەممە كىشى سۆيىدۇ. تەڭ ياشتىكى ئاياللار بىر- بىرىنىڭ لېۋىگە، قىز - جۇۋانلار ياشانغان ئاياللارنىڭ قولىغا، ياشانغان ئاياللار ياش ئاياللارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ.
▲ ئائىلە نەسەبنامىسى تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسى
تاجىكلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنىڭ نەسەبنامىسى (ئائىلە شەجەرىسى) نى يېزىپ قالدۇرۇش، ئۆز يىلتىزىغا ئەھمىيەت بېرىشتەك قىممەتلىك ئەنئەنىگە ئىگە. ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەر تەرەپنى ئوق قىلىپ نىكاھ ئىشلىرىدىن شەكىللەنگەن قان - قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى خاتىرە قىلىپ يېزىپ قالدۇرۇش ۋەياكى بىر جەمەتنىڭ توغقاندارچىلىق دەرىجىسىنى خۇددى ئېقىننىڭ تارماقلىرىدەك، دەرەخنىڭ شاخلىرىدەك قىلىپ تەسۋىرلەش نەچچە يۈزيىلدىن بېرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇلار بالىلىرىنى كەم بولغاندا يەتتە ئەجدادىنىڭ ئىسىملىرى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلار بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئائىلە نەسەبنامىسى ئائىلە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ قورالى دەپ قارايدۇ. كېلىپ چىقىش تارىخىنى بىلمەسلىكنى ئەيىب كۆرىدۇ، ھەممىز بىر تۇغقان – قېرىنداش دېگەن مەنىۋى ھېسسىياتنى ئويغىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت دائىرىسىدە ئۆزئارا كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق، ئىتتىپاقلىق، خالىس ياردەم، ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
▲ سەمىمىي - راستچىللىق ئەنئەنىسى
تاجىكلار باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت - مۇئامىلىدە راستچىللىقى، ئاددىي - ساددىلىقى، سەمىمىي - كەمتەرلىكى بىلەن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، لەۋزىدە - گېپىدە تۇرىدۇ، پەرزەنتلىرىنى مېھرىبان، سەمىمىي - ساپ دىل، كەمتەر ۋە راستچىل بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تەربىيىلەيدۇ. بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئۆزئارا ياردەم، غەمخورلۇق قىلىدۇ، بىر - بىرىگە مەدەت - ئىلھام بېرىپ، قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ، ئۆزئارا يېتەكچىلىك قىلىپ ئورتاق گۈللىنىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىدۇ، كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق باش قاتۇرىدۇ. مىللەتلەر ئارا دوستانە، بېرىش - كېلىشتە سەمىمىي - سادىق بولۇپ، ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن ئىجابىي تەسىر قالدۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدە پائال رول ئوينايدۇ.
▲ دوست تۇتۇش ئەنئەنىسى
تاجىكلاردا «مىڭ دوست كەملىك قىلىدۇ، بىر دۈشمەن ئازلىق قىلمايدۇ»، «دوست پىچاقتەك كېلۇر، دۈشمەن شېكەردەك»دېگەن ماقاللار كەڭ تارقالغان. دوست تۇتۇش مەرىكىسى ( مۇراسىمى) ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئاۋۋال، دوستلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئەل - جامائەت شۇ ئۆيگە توپلىشىپ كېلىپ قىزغىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بېرىپ دوست بولۇش ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى قائىدە رەسمىيەت بولۇپ، دەبدەبىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئەل - جامائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەرىكە باشلانغاندا، ئىككى تەرەپ تەرەت بىلەن يېڭى - پاكىز كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ. مېھمانلار، ئەل - يۇرت ئىككى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىق، كەمچىللىكى ئۈستىدە مۇتائىلە قىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، ياردەمدە بولۇپ، دوستلۇقنى قەدىرلەشنى، ئىززەتلەشنى، مەڭگۈگە داۋام ئەتكۈزۈشنى، دوستلاردىن بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ، پەند - نەسىھەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا قۇرئان قۇچاقلىتىپ، ئىككىسىنىڭ مەيدىسىگە نۆۋەت بىلەن تۇتۇپ، ئۇلارغا ساداقەتمەنلىك تىلەپ دۇئا بېرىپ مەرىكىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەپ جاۋابەن دوستلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
ئىككى تەرەپ دوستلاشقاندىن كېيىن، بىر - بىرىگە زىيادە ئىززەت - ئېكرام بىلدۈرۈشىدۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئورتاقلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىمۇ يېقىن تۇغقاندەك بولۇپ كېتىدۇ، شۇ ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككى تەرەپتىكى ئاتا - ئانىلارنى «ئايشىئاتا»، «ئايشىئانا» دەپ ئاتاپ، «ئاتا - ئانا» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئۇلۇغلاپ، ئۆز ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
▲ تەبىئەتنى سۆيۈش ئەنئەنىسى
تاجىكلار «تەبىئەت – ئىنسانلارنىڭ ئانىسى» دەپ قارايدۇ. تاجىكلار ياشاۋاتقان جايلاردا گۈزەل باغلارغا گىرەلەشكەن ئوت - چۆپ، رەڭگارەڭ گۈل - چېچەكلەر، زىلال سۇلار بار. يايلاقلىرى تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، تەبىئىي ئورمانلار بىلەن ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل قىلغان. ھاۋاسى ساپ، بۇلغىنىشتىن خالىي، مەدەنلەرگە باي، ياۋايى ھايۋانلار ۋە سەرخىل ئۇچار قۇشلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئىگە.
تاجىكلار ھەمىشە تەبىئەتنى ئاسراش، تەبىئەتنى سۆيۈش تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ. تەبىئەتنى قوغدايدۇ، دەريا بويىدا كىر- قات يۇمايدۇ، چېچىنى تارىمايدۇ، گۈل - چېچەكلەرنى خالىغانچە ئۈزمەيدۇ، قىر - يايلاقلارنى خالىغانچە بۇزمايدۇ، ئورمان كېسىپ بىنەم ئاچمايدۇ، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلارغا ئازار يەتكۈزمەيدۇ.
تاجىكلارنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش ئەنئەنىسى يەنە تەبىئىيلىكنى، تەبىئىي گۈزەللىكنى سۆيۈش قارىشىنىمۇ تەۋەللۇت قىلغان، بولۇپمۇ قولى گۈل تاجىك خوتۇن - قىزلىرى نەپىس كەشتىلەنگەن «كۇلتا»، «شەيدايى»، «سەرشاھى» ( باش كىيىم) لىرىنىڭ بىر كۋادرات سانتىمېتىر كەلمەيدىغان جىيەكلىرىگە بىر پۈتۈن چىمەنزارلىقنىڭ مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ. ئۇندىن قالسا گۈل چېكىلگەن كىيىملەر، ئائىلە بۇيۇملىرى، ئات جابدۇقلىرى، ياغاچ نەققاشلىرى قاتارلىقلاردىكى كەشتە، ئويمىلار تەبىئەتتىن ئېلىنىپ ئاجايىپ زوق بەخش ئېتىدۇ.
▲ مۇبارەكلەش، بىر - بىرىگە بەخت تىلەش ئەنئەنىسى
تاجىكلار ئادەتتە ئاق رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاق رەڭ پاكلىق ۋە ساپلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ئۇلار تۇرمۇشتىكى بارلىق خۇشاللىقلار ئاق رەڭ ئۈستىگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئاق رەڭ ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئاق ئۇن ئەڭ پاك، ساپ ھېسابلىنىدۇ. ھېيت - ئايەملەردە ئاق رەڭنىڭ سىمۋولى بولغان ئاق ئۇن تاملارغا سېپىلىپ بەخت تىلىنىدۇ، بايرام مەرىكىلەردە مېھمانلارنىڭ مۈرىسىگە ئاق ئۇن سېپىپ مۇبارەكلەيدۇ، تويدا كۈيئوغۇل - كېلىننىڭ مۈرىسىگە ئاق ئۇن سېپىپ بەخت - ئامەت تىلىنىدۇ، ئاياللار بوۋاققا ئۇن سېپىپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ئادەمزاتقا سالامەتلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، ئاق يول تىلەيدۇ. دېمەك، ئاق ئۇن سېپىپ بىر - بىرىنى مۇبارەكلەش، بەخت تىلەش – تاجىكلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى.
▲ تەۋەككۈلچىلىك ئەنئەنىسى
تاجىكلار تەۋەككۈلچىلىك ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان شەكلى بىلەن ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تەۋەككۈلچىلىك – ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى كۈچ، ئۇلۇغ روھ بولۇپ، ئۇ يېڭىچە كىشىلىك تۇرمۇش يولى ۋە ئۆزلۈك ئېڭىنى يارىتىشنىڭ ئۇل تېشى، مەدەنىيەتكە قەدەم قويۇشنىڭ بوسۇغىسى ھېسابلىنىدۇ. ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىتتىكى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ھالاكەت كرىزىسى، ئۇلارنى ھاياتلىق ئۈچۈن يېڭى يول، يېڭى تەدبىر تېپىشقا قىستىدى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ياشاشقا، ھاياتلىق كۈرىشىگە بولغان ئىرادىسى كۈچىيىپ باردى. تاجىكلار ئۆزىگە ئۆزى ئىشىنىدۇ، يۈكسەك ئىرادىلىك بولۇپ، يىراقنى كۆرەلەيدۇ. ئۇلاردا تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ياكى تاشقى سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈرلۈك كەلگۈلۈكلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چىدام ۋە تەڭداشسىز قەيسىرانە كۈچ بار. كەسكىن مۇھىت ۋە ئەجدادلاردىن مىراس قالغان جەڭگۋارلىق ئۇدۇمى بۇ قەدىم مىللەتتە قەيسەرلىك، باتۇرلۇق، جەسۇرلۇق، سەزگۈرلۈك، ھوشيارلىق تەلەپ قىلىدىغان غالىبلارچە خاراكتېر، يۈكسەكلىك، بەردەملىك ۋە قەھرىمانلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ يالقۇنلىتىپ، ئۆزىگە خاس بولغان تەۋەككۈلچىلىك ئەنئەنىسىنى ياراتتى. ئۇلاردا «تەۋەككۈلچىلىك – يېڭىلىق يارىتىش دېمەكتۇر» دەيدىغان ھېكمەتلەر ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !