رەسىم:
جۇڭگو قىرغىزلىرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئەرباب، ئاتاقلىق تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر 1938-يىلى 8-ئاينىڭ1-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىداتۇغۇلغان.بالىلىق دەۋرىدە زىھىنى ئۆتكۈر، شوخ ئىدى.ئەنۋەر 1945-يىلىدىن1949-يىلغىچە بوزدۆڭ قىرغىز باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1953-يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان.شۇيىلى كۈزدە شنجاڭ ئىنىستۇتىنىڭ(ھازىرقى شىنجاڭ داشۆ)تارىخ-جۇغراپىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.1956-يىلى شىنجاڭ ئىنىستۇتىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتۈرگەن.دەسلەپ خوتەنگە خىزمەتكە چىققان.1962-يىلى تەكلىمانغا ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشكە كەلگەن بىر ئامىرىكىلىق ئارخىئولوگ ئەنۋەرنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭدىكى مول بىلىمنى كۆرۈپ، ئاتايىتەن تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، 1962-يىلى بۇ ئوقۇمۇشلۇق زات شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە يۆتكىلىپ ئىشلەيدۇ.
بۇ يەردە پاتلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئىككى ئايدىن كىيىن ، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى خىزمىتىنى يۆتكەپ، بېيجىڭدا ئىشلەيدۇ.
«ئالماس ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دىگەندەك، بۇ يەردە ئۇ تىخمۇ تىرىشىپ، تەتقىق قىلىشنى باشلايدۇ.
شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىرلىك ئوقۇمۇشلۇق ئوغلانى، قىرغىز لارنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوتسېنتى، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئوقۇمۇشلۇق تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر ئىلىمنىڭ يوقۇرى پەللىسىگە ئۆرلىگەن، كۆپ قىرلىق زات ئىدى.ئۇ تارىخچىلا بولۇپ قالماستىن، خەنزۇ تىل يېزىقىغا پىششىق بولغاندىن تاشقىرى، چاغاتاي تىلى، ئوردو تىلى، تۈرك تىلى، موڭغول تىل -يېزىقىغا پىششىق تىلچى ئىدى.ئۇ قىرغىز -ئۇيغۇر مىللەتلىرىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، كۆپلىگەن
قەدىمىي كىتاپلارنى تەرجىمە قىلغان. موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە»سىنى چاغاتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھەم كىرىش سۆز يىزىپ، خەنزۇچە«خەلىق گېزىتى»غا تونۇشتۇرغان.تۈركىيە ئالىملىرى بۇ كىتابقا قىزىقىپ، بۇ زاتنى ئەنقەرە ، سىتامبۇل ئۇنىۋېرسىتلىرىغا شەرىقتىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان.1986-يىلى تۈركىيىدە ئىلىم زىيارىتىدە بولغان ھەم لېكسىيە سۆزلىگەن. ئەنۋەر بايتۇر ئۇزاق ۋاقىت جاپالىق تەتقىق قىلىپ، كۆپلىگەن كىتاپلارنى يازغان.«قىرغىز قىسقىچە تارىخى»، «شىنجاڭ رايونى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەر(ماقالە)»، «موللا مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى- تارىخىي ئەمىنىيە(ماقالە)»، «ئاپاق خوجا ھەققىدە»، «چاغاتاي
يېزىقى ۋە چاغاتاي( تىلىدىكى) ئەسەرلىرى»، «جۇڭگو قىرغىزلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدىن ئومومىي بايان(ماقالە)»، «قىرغىز مىللىتىنىڭ تەزكىرىسى»، «قىرغىز تارىخى لېكسىيىلىرى»، «قىرغىز مىللىتىنىڭ ۋەتەن بىرلىكىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرى»، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»
قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلىمىي ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر. 1980-يىلىدىن 1990- يىللار بۇ ئوقۇمۇشلۇق زاتنىڭ ئىلىمىي ھاسىلات،
ئىجاتكارلىقىنىڭ چوققا مەزگىلى بولدى.«تارىىخى موسقۇيۇن»، «قىرغىز شەجىرىسى»، «سايرامى شېئرلىرىدىن تاللانما»، «تارىخىي ئەمىنىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى چاغاتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «قىرغىز ئەدەبىيات تارىخى» نى يېزىشقا مەسئۇل بولۇپ،
ئۆزى بىۋاستە قىرغىزچە تېزىسىنى يېزىپ چىقتى.«ئۇيغۇر تارىخى(1-قىسىم)»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تېزىسلىرى» قاتارلىق كىتاپلارنى تەكشۈرۈپ بىكىتتى.«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(ش خ نەشرىياتى،1989-يىل)»دىگەن كىتاپقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش گۇرپپىسىغا مەسئۇل بولۇپ، تۈزدىن-تۈز قول سېلىپ ئىشلىدى.1986-يىلى جەمئىيەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپسى تەشكىللەپ، شنىجاڭنىڭ شىمال-جەنۇبلىرىدىكى قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان جايلارنى ئارىلاپ، قىرغىزلارنىڭ
شەجەرىسى، تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ، رەتلىگەن.ئۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخ ، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ئوقۇمۇشلۇق، ھۆرمەتلىك زات ئىدى.1989-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2 -قېتىملىق تەكلىپى بىلەن، ئەنقەرە ئۇنىۋىرستىتىدا لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش سەپىرىدە بولغانىدى. 1991-يىلى1-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە لېكسىيە سۆزلەش سەپىرىدە، تۇيۇقسىز بەختكە قارشى 53 يىشدا ۋاپات بولدى.شۇ چاغلاردا پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى بولۇپ، ھاۋا يولى توسۇلغانلىقتىن، مەرھۇمنىڭ غەيرەتلىك رەپىقىسى خەيرنىسا مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى ئەنقەرەدىن گېرمانىيىگە، گېرمانىيىدىن موسكىۋاغا، موسكىۋادىن
بېيجىڭغا، بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئايروپىلان بىلەن يۆتكەپ ئېلىپ كىلىپ، ئۈرۈمچىدە يەرلىككە قويدى. مەرھۇم ئىلىم ئاسمنىدىكى پارلىغان چولپان يۇلتۇز ئىدى، ياتقان جايى جەننەت بولغاي!
