Ay~chiwar
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى

   



ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩﻙ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻡ ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ....ﻧﻰ ﺳﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺩﯨﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ... ﺗﯜﺭﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ....

2 . ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ . ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎﻥ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ .

3 . ( 3 - 23 - ﻛﻮﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﻩﭖ (1) - (30) ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ )

24 . ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ) ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ) ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ . ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺗﺎﯕﺴﯘﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ ، ﺗﺎﯕﻐﯘﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ( ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ) ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ، ﻳﯩﻠﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺟﯜﭖ ﺳﻮﻏﺪﺍﺗﻘﺎ

25 . ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ( ﺳﺎﻏﺮﺍﻕ ) ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻗﻰ ﯞﺍﯓ ﺑﻪﺵ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ (ﺑﺎﺷﻼﭖ) ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﻻﻗﺘﺎ ( ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ) ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺋﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ، ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ ﺋﯩﺪﯗﻗﯘﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻕ ...(ﺏ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ( ﺋﻮﻟﺠﯩﻼﺭﻧﻰ ) ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﺗﺘﯩﻢ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﺎ

26 . ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﭼﺎﭼﺎ ﺟﺎﯕﺠﯜﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻟﻪﺷﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ، ﺟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ ، ﻛﻪﻡ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﻮﺭﭘﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﺎﺯ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﻡ .... ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻧﻪﻳﺰﻩ

27 . ﻗﺎﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯚﻛﻤﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﺍ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ . ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯕﺪﺍ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﻪﻟﻘﯩﻐﻪ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ، ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﯜﺭﻛﻪﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﺍ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ . ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ .

28 . ﺑﻮﻟﺠﯘﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ ، ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﻰ ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ، ﺷﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ ..... ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯘﻕ ... ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ ... ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻼﺗﺘﻰ ... ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ . ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ

29 . ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻏﻪﻡ - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﺰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻏﻮﺟﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻍ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ( ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ) ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ( ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ) ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ . ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ

30 . ﻏﯘﻡ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﻮﻏﯘ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﻮﺷﯘﻧﯘﻡ ﺗﻮﻏﻼ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻧﺪﺍﺭﻏﯘﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ... ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯘﺵ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .

31 . ......................................

32 . ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯜﭺ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ (ﺑﯩﺰﻧﻰ) ﻫﯘﺟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺳﯩﯖﺎﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ ... ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﺋﻮﻏﯘﺯ .... ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻛﯜﭺ - ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ( ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ) ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .

33 . ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﯖﻼﺭ !ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻼﺭﻧﻰ (؟) ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ .

34 . ﺋﻮﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺗﻮﻗﯘﺯ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻏﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ، ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺋﯜﭺ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ .... ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﻮﻟﻮﮒ.....

35 . ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ . ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻳﻪﺭ ، ﺳﯘ (ﺋﯩﻼﻫﻰ) ﯞﻩ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻢ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﻪﺭ - ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ..... ﺧﻪﻟﻖ ...

36 . ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯ .... ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻕ - ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﻧﯘﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ (ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ) ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ ... ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ

37 . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﺪﻯ (ﻣﯧﻨﯩﯔ) ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ، ﻗﺎﺭﺍﻏﯩﻦ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﺎﯕﺪﺍ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ...ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﺘﻪﺑﻪﺭ ﻳﯜﺯﭼﻪ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ....

38 . ... ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ . ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺗﯚﺕ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ .... ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻧﯘﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ .... ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻠﺘﻪﺑﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻰ

39 . ..... ﺗﺎﺗﺎﺱ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﻯ . ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﻝ - ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻳﯩﻠﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ... ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺷﯩﯔ ﺋﻪﻧﻠﯩﯔ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ...

40 . ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﻰ . ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻳﺎﻣﺘﺎﺭﺩﻭﻧﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯘ ﺑﺎﺭﺩﻯ .... (ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ) ﺋﯩﻠﺘﻪﺑﻪﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺶ ، ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ( ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺶ )

41 . ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻼﺭ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻱ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ، ﺋﯜﭺ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ . ( ؟ ) ... ﻏﺎ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ


ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ

1 .  ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺑﯩﺰ ... ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ

2 . ..... ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ . ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ....

3 . ..... ﻣﻪﻥ ... ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ . ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ، ﻳﯩﻠﻘﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ

4 . ﺑﯘ .... ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ....

5 . ﺑﺎﺭ ....

6 . ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ......

7 . .... ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ (؟) ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ  ﺑﺎﻟﺒﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺑﻰ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻗﯩﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ ..... ﺗﯘﯕﻜﻪﺭ ....

8 . ﻗﯘﻍ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﺋﻮﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﯘﯕﻜﻪﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯜﭺ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺑﯩﺮ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ... ﺗﺎﺗﺎﺑﻰ

9 . ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﯘﻍ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻧﻨﻰ ﺑﺎﻟﺒﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﯨﻢ . ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻞ ﺷﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ، ﺋﻮﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻞ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﯗﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺑﯩﺮ ....

10 . ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ . ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﯦﺮﯨﭗ  ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﺘﻰ . ﺗﻮﯕﮕﯘﺯ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﺑﯘﻗﺎﻕ ﺗﯘﺗﯘﻕ

11 . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻟﯩﺴﯘﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﻪﺯﺯﯨﻠﯩﻚ ... ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ( ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ) ﺋﯩﺮﯨﻖ ﯞﻩ ﺷﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ . ﺳﻪﻧﺪﻩﻝ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺯ ....

12 . ﻣﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻛﯚﭖ ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻛﻪﺳﺘﻰ . ﻗﯘﻟﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻤﺎ - ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﺎﺕ ، ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﺕ ، ﻛﯚﻙ ﺗﯩﻴﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﯩﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ .

13 . ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩﻙ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ (ﺧﺎﻗﺎﻥ) ﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻡ ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﺪﺍ ، ﺗﯜﺭﻙ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ، ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻟﭽﻮﯓ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯩﺲ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ

14 . ﯞﻩ ﺷﺎﺩﺍﭘﯩﻖ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ، ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﺟﻪﻧﯘﺏ) ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﺧﺎﻥ ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﺑﻮﻳﻼ ﭘﺎﻏﺎﺗﺎﺭﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﻮﻳﻮﺭﯗﻕ ... ﺋﯩﭻ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺳﻪﭘﻪﮒ ﻛﯚﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ  ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻼﺭ ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ....

15 . ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﺪﻯ . (؟) .... ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ( ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ ) ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭼﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﻯ ، ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ .....


ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﺏ )

( 1-8- ﻗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﻝ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ 1 - 11 - ﻗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ )

8 . ( ﺋﺎﺗﺎﻡ )

9 . ﺧﺎﻗﺎﻥ ، ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﯜﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻧﻤﯩﺶ .... ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﯜﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﯨﻢ . ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ .... ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ..... ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻱ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ، ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .

10 . ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻱ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ  ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ .... ﺑﯧﺸﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﺭﺩﯗﺭﺩﯗﻡ ، ﺗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ - ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ .

11 . ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻘﯩﭽﻪ ، ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﻛﯜﻥ ﭘﯧﺘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﻰ . ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ، ﻛﯜﻣﯜﺵ ، ﻣﻪﺷﯜﺗﻠﯜﻙ ﻳﯩﭙﻪﻙ ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ، ﻣﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻼ  ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﻐﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﻥ .

12 . ﻛﯚﻙ ﺗﯩﻴﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ .... ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻏﻪﻡ - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ....

13 . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ..... ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﯕﻼﺭ ! ..... ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ، ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ .... ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ، ﺑﯧﮕﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ .

14 . ﻳﻪﺭ - ﺳﯜﻳﯜﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ، ﺑﻪﺧﺖ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ، ﻏﻪﻡ - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﺰ ﺋﯚﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ! ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .... ( ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ) ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﺳﯘﻧﻜﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻣﯩﺪﻯ . ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﯘﺳﯘﻧﻜﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ . ﺋﯩﭽﻰ - ﺗﯧﺸﯩﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺗﺎﺵ ﻳﺎﺳﺎﺗﺘﯩﻢ . ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ .

15 . ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻕ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ! ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺵ ﻳﺎﺳﺎﺗﺘﯘﺭﺩﯗﻡ .... ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ .... ﺋﯘ ﺗﺎﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ .....


ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ ( ﻥ . ﺵ )


ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ (ﺋﺎﺑﯩﺪﻯ) ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﻜﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻍ ﺗﯧﻜﯩﻦ : ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ . ﺑﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ، ﻧﻪﻗﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (؟) ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﻴﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﻧﻜﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻍ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﺪﯨﻢ ....


ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ

ﻛﯚﻙ ﺋﻮﯕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﻪﭖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﺳﯘﺳﯩﺰ (ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﻰ) ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﭼﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ . (ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼﺭﻏﺎ) ﻛﻪﭼﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﭗ ....


ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ (ﺵ)

1 . ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ( ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ )

2 . ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ( ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﺘﻰ )      (؟)

3 . ﻳﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ( ﺗﻪﯕﺮﻯ )

4 . ﺩﯗﻣﺒﯩﻐﻰ ( ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﯞﺭﯨﻜﻰ ) ﻧﯩﯔ ﺩﺍﺭﺍﯕﻠﯩﺸﻰ (ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺳﯩﻠﺪﯨﺸﻰ)

5 . ﺗﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﺪﻩﻙ

6 . ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ . ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺧﺎﻗﺎﻥ

7 . ﻗﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﯩﻢ .

( ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ )

مەنبە : << ئۇيغۇر كىلاسسىك  ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار >> ناملىق كىتاب ۋە << تۈركلەر تارىخى >> ناملىق كىتابتىن پايدىلىنىلدى ، سېلىشتۇرۇلدى .

رەتلەپ يوللىغۇچى : ئايچىۋەر
Posted: 2007-12-15 21:58 | [ئاپتور]
Ay~chiwar
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

[align=center]ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ


Posted: 2007-12-15 22:00 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يادىكارلىقلىرىمىز

Total 0.077331(s) query 4, Time now is:01-12 22:14, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation