بۇ بەتتىكى يازما : ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل يۈەن سۇلالىسىدە ئوينىغان رولى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Ertoghrul
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل يۈەن سۇلالىسىدە ئوينىغان رولى

ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل يۈەن سۇلالىسىدە ئوينىغان رولى
چىڭگىزخان (مىلادىنىڭ 1206– يىلىدىن 1227– يىلىغىچە قاغان بولغان) ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئوكتاي خان (1228–1241)، گويۇك خان ()1246–1248) مۇنىكى خان (1251–1259)نىڭ ۋاقتىدا (مىلادىنىڭ 1206–1259– يىلىغىچە) شەرقتە تىنچ ئوكياندىن تارتىپ غەربتە دۇناي دەرياسىنىڭ دېڭىزىغا قويۇلىدىغان جايغىچە ۋە شىمالدا سىبىرىيە دالالىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا كىچىك ئاسىياغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان يەرلەرنى ئىگىلەپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئىمپېرىيىنى قۇرغان موڭغۇللار خېلىلا قالاق ئىدى. ئۇلار دەسلەپ شەرقىي ئاسىيانىڭ دالالىرىدا، ئورمانلىقلىرىدا، چۆللىرىدە ياشايىتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يايلاق ۋە ئورمانلىق رايونلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەركىزىي ۋە تايانچ جايى قىلىشقان ئىدى. مۇنداق ئەھۋال مۇنىكى خان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاغان بولغىچە (1251– يىلىغىچە) داۋام قىلدى.
موڭغۇللار ناھايىتى قالاق بولۇشىغا قارىماي جەڭگىۋار، باتۇر خىسلەتكە ۋە بەكمۇ چىڭ ھەربىي ئىنتىزامغا شەرتسىز بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئىگە ئىدى. دالىدا، چۆل – باياۋاندا، قاتتىق تەبىئىي شارائىتتا ھايات كەچۈرۈش، چارۋا – ماللارنى قىرغىنغا ئۇچرىتىدىغان، دائىم بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر (قارنىڭ قېلىن يېغىشى، قۇرغاقچىلىق يىللىرى، ئوت – چۆپ ئۈنمەسلىكى)، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى موڭغۇللارنى قىيىنچىلىققا چىدايدىغان، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئۆگەتكەن ئىدى. موڭغۇللاردا قەبىلىۋى مۇناسىۋەت ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە موڭغۇللار چىڭگىزخاندەك ساۋاتسىز بولسىمۇ، ناھايىتى ئەقىللىق، ھۇشيار، بەكمۇ ھىلىگەر، ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە، كارامەت قەھرىماننىڭ يېتەكچىلىكىگە ئىگە ئىدى.
چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا بەل باغلىغاندىن تارتىپ، قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەن ئىدى.
دەل شۇ چاغدا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ئىدى. چىڭگىزخان ئالتايلىق، بەشبالىقلىق، تۇرپانلىق، قارا شەھەرلىك، قەشقەرلىك، خوتەنلىك ئۇيغۇرلاردىن يۈزلىگەن، مىڭلىغان قابىل كىشىلەرنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى، تاشقى چوڭ، مۇھىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلغان ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك باش ۋەزىرى قىتان شاھزادىسى يىلوچۇساي كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىڭگىزخانغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئوقتا ياسايدىغان ئۇستا كېرەك بولغاندەك جاھاننى سوراشنى بىلىدىغان ئۇستا كېرەك» (چىيوشۇسىڭ «جۇڭگو تارىخى ھېكايىلىرى» خەنزۇچە 11– بەت).
ئۇيغۇرلاردىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان كىشىلەر تەجرىبىلىك سىياسيونلار، ھۇشيار، ئۇستا دىپلوماتلار، ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ ئەڭ نازۇك سىرلىرىنى بىلىدىغان ھەربىي ستراتېگىيىلەر، تاكتىكىلەر، ھەربىي تېخنىكلار، چىداملىق، قەيسەر سەيياھلەر، دېڭىزچىلار، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى، ئىلىم – پەنگە توشۇق ئالىملار، تۈرلۈك ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان تىلماچلار، شائېرلار، تارىخچىلار، خەتتاتلار، رەسساملار، مۇزىكانتلاردىن ئىبارەت ئىدى.
چىڭگىزخان بىرىنچى قەدەمدە موڭغۇل قەبىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچ توپلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىمال (شەرقىي سىبېرىيە) ۋە غەرب (شەرقىي ئالتاي)دىكى تۈركى قەبىلىلەرنى بۇيسۇندۇرغان ئىدى.
چىڭگىزخان مىلادى 1204– يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.
چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىدا يېزىلدى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان ئىلخانىلار (مىلادىنىڭ 1258– يىلىدىن 1335– يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نىڭ ئالاقىلىرى ئۇيغۇر، پارىسچە يېزىقتا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى (1231– 1370) بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1227–1502)دا بولسا رەسمىي دۆلەت تىلى، يېزىقى ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيە قىلىنىپ، تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسلام دىغا كىرگەن ئىدى. موڭغۇل خانلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق تىل، موڭغۇل بەگلىرى ئارىسىدىكى ئەدەبىي تىل، رەسمىي سىياسىي ئالاقىلەردە قوللىنىلىدىغان تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بائورچوق ئارتىكىن مىلادىنىڭ 1210– يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بەشبالىقلىق (ھازىرقى جىمسار ئەتراپىدا) ئۇيغۇرلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىندى.
چىڭگىزخان مىلادى 1206– يىلى قاغان بولغاندىن باشلاپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى باشلىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1215– يىلى جورجىت خانلىقى (1115– 1234)غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاتناشقاندىن تاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1219– يىلىدىن 1225– يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب ۋە شەرققا قىلغان يۈرۈشلىرىگىمۇ مەسلىھەتچى بولۇپ بارغان ئىدى.
چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغانلىرىغان ئۇيغۇرلار جەلپ قىلىندى.
چىڭگىزخاننىڭ غەبكە قىلغان ھەرقىي يۈرۈشىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى بولغان توراقايا، بۇلادقايا قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىش يېتەرلىك.
توراقايا بەشبالىقلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ھەربىي ستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قوللىنىشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى. توراقايا چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغ خارزىم شاھ دۆلىتىگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئىچىدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي ئالىملاردىن ئىدى. بۇلادقايا بولسا چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى يولىخاننىڭ ئۇرۇنباسارى بولغان. بەشبالىقلىق بۇلادقايا، چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1215– يىل بېسىپ ئالغان جۇڭدو (جورجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى)غا ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەلچى ۋە نازارەتچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن (مىلادىنىڭ 1215– يىلىدىن 1223– يىلىغىچە) جۇڭدودىكى باش ۋالىي موڭغۇل سەركەردىسى موغالى ئىدى. موغالى مىلادىنىڭ 1223– يىل ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭدوغا بۇلادقايا ئەۋەتىلگەن. بۇلادقايا جۇڭدودا تۇرغان مەزگىلىدە شىمالىي جۇڭگوغا مۈڭغۇللار نامىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇ چاغدا جەنۇبىي جۇڭگو جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى (1227– 1279)نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى.
موڭغۇللار مىلادى 1279– يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، تولىيخاننىڭ ئوغلى قوبلايخان 87 يىل ھۆكۈم سۈرگەن يەن سۇلالىسى (1279–1368)نى قۇرغان، ئۇيغۇرلار مانا شۇ يەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇقلىرىنى ئىگىلەپ ئالغان.
قوبلايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىگە (1279–1368) ئۇيغۇرلاردىن لەنششەن (مىلادىنىڭ 1231– يىل تۇغۇلۇپ، 1280 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ساڭگا (؟–1291)، ئەھمەت (مىلادىنىڭ 1282– يىلى ئەلەمدىن ئۆتكەن)، ئەل يىغمىش (مىلادىنىڭ 1320– يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، مەڭگوتىكىن (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، شىيبان (مىلادىنىڭ 1197– يىلى تۇغۇلۇپ، 1276– يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، موڭسۇر (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، ئەختەرىددىن (13– ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن) قاتارلىق ئۇيغۇرلار خان بالىقتا (ھازىرقى بېيجىڭدا) ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاددىيلىقى، كەمتەرلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، قابىللىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان لەنششەن، موڭسۇر، مەڭگوتىكىن، شىيبان، ئەل يىغمىش، ئەختەرىددىن قاتارلىقلار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش كېرەك.
لەنششەن مىلادىنىڭ 1231– يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى بەشبالىقتا تۇغۇلغان. ئۇيغۇر قوبلايخاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان، مىلادىنىڭ 1259– يىلى مۇنكى قاغان ئەلەمدىن ئۆتكەن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارا قۇرۇمنى ساقلاشقا تەيىن قىلىنغان ئارىغ بوقا (قوبلايخاننىڭ ئۇكىسى) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارا قۇرۇمدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ قاغانلىق ئورنىنى تارتىپ ئالماقچى بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق جەددىيلەشكەندە، قوبلاخان مىلادىنىڭ 1260– يىلى لەنششەننىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن قاغان سايلاشتىكى ئەنئەنىسىگە خىلاپ ھالدا كەيفىندە ئۆزىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى دەپ جاكارلايدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ قوبلايخان بىلەن ئارىغ بوقا ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. قوبلايخان ئارىغ بوقانى تار – مار كەلتۈرۈپ، قارا قۇرۇمنى ئىگىلەپ ئالىدۇ، مىلادىنىڭ 1264– يىلى ئارىغ بوقا قوبلايخانغا تەسلىم بولىدۇ.
موڭغۇللار مىلادى 1279– يىلى پۈتۈن جۇڭگونى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، قوبلايخان يۇەن سۇلالىسىغا خان بولۇپ، بېيجىڭنى پايتەخت قىلىدۇ. لەنششەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قوبلايخانغا باش ۋەزىر بولىدۇ.
مەڭسۇر قوبلايخاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. قوبلايخان ئۇنى باش ۋەزىرلىككە يەتىنلىگەندە، باش ۋەزىرلىكنى قوبۇل قىلمىغان. مەڭسۇر ناھايىتى ئەقىللىق، بەكمۇ بىلىملىك ئادەم ئىدى.
مەڭگۇتىكىن بولسا قوبلايخاننىڭ ئۇستازى ئىدى، قوبلايخان ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشكەن.
شىيبان بولسا مەشھۇر، ئۇستا دىپلومات ئىدى. ئۇيغۇر قوبلايخاننى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن كېلىشتۈرۈش جەھەتتە ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، شىيبان ئوكتايخان بىلەن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادى 1276– يىلى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئەھمەت قوبلايخانغا ۋەزىر بولغان. ئۇيغۇر ناھايىتى قابىل بولۇپ، باش ۋەزىرگە تەڭ ئابرويغا ئىگە ئىدى.
يۇەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى قوبلايخان، تۆمۈرخان، ئىسەنخانلارنىڭ ۋاقتىدا (مىلادى 1270– يىلىدىن 1320– يىلىغىچە) مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ئەل يىغمىش ئاتلىق ئۇيغۇر بىر نەچچە قېتىم ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىگە بارغان. ئەل يىغمىش مىلادى 1272– يىلىدىن باشلاپ ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە ئەلچى بولۇپ بارغان. ئەل يىغمىش دېڭىز ئوكيان ئارقىلىق ھازىرقى سېرىلانكا، ماۋرىييە (ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ھىندى چىنى، ھىندونوزىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇيغۇر قايتىشىدا چەل ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ ۋە شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغان دورا – دەرمەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن.
قوبلايخانىڭ ئەل يىغمىشنى شەقىي جەنۇبىي ئاسىياغا (ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە ۋە ھىندىستانغا)، ھىندىنوزىيەگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى شۇ دۆلەتلەر توغرىسىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىدى. چۈنكى قوبلايخان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندونوزىيىنى بېسىپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى تەييارلانماقتا ئىدى.
دېگەندەك قوبلايخان مىلادى 1279– يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، شەرققە — ياپونىيىگە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا، ھىندونوزىيىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى.
قوبلايخاننىڭ مىلادى 1280– يىلى يۈزلىگەن، مىڭلىغان كېمىلەر بىلەن تەمىنلىگەن 165 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان قۇدرەتلىك چوڭ قوشۇنىنى (بۇنىڭ 120 مىڭى خەنزۇ ۋە كورىيىلىك جەڭچى) دېڭىز ئارقىلىق ياپونىيىگە ماڭدۈردى. لېكىن بۇ چوڭ تاجاۋۇزچى قوشۇندىن ناھايىتى نۇرغۇنى تىنچ ئوكياندا بورانغا ئۇچراپ غەرق بولغان، نەتىجىدە موڭغۇرلارنىڭ ياپونىيىگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغان.
قوبلايخان ياپونىيىگە قىلغان يۈرۈشىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1283– يىلى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىرىدىكى ۋيېتنام، مالاييا، بېرما، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ئەل يىغىمىش موڭغۇللارنىڭ ھىندىچىندىكى دۆلەتلەرگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان، ئۇ يەنە موڭغۇللارنىڭ 1293– يىلى ھىندونوزىيىگە قىلغان يۈرۈشىگىمۇ قاتناشقان. ئەل يىغمىش قوبلاينىڭ ھىندونوزىيىگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (موڭغۇللار ئوكيانىيىنىڭ ئىسسىق ھاۋا كېلىماتىغا ماسلىشالماي ئىچ ئۆتكۈ كېسىلىگە موپتىلا بولغان ئىكەن) خان بالىققا قايتىپ كېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئورۇنباسارى بولغان. مىلادى 1320– يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
قوبلايخاننىڭ ۋاقتىدا، ئەختەرىدىن ئاتلىق ئۇيغۇر ئېنژېنىر ئۆتكەن ئىكەن. ئەختەرىدىن ئوردا ۋە شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرىدىغان چادىر مەھكىمىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن.
ئەختەرىدىننىڭ شەرق تارىخىدىكى تۆھپىسى ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى لايىھىلەپ بىنا قىلىشىدا.
بېيجىڭ جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. بېيجىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى — «يىلنامە دەۋرى» (مىلادىدىن 770– يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 475– يىل بۇرۇنقى چاغقىچە)، «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى» (مىلادىدىن 475– يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 221– يىل بۇرۇنقى چاغقىچە)دىكى يەن بەگلىكىگە پايتەخت بولغان، ئۇ چاغدا جىچىڭ دەپ ئاتىلاتتى. چېن شىخۇاڭ مىلادىدىن 221 يىل بۇرۇن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن جىچىڭ شەھىرى چېگرا مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان. جىچىڭ شەھىرى خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن 207 – يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادى 220– يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، سۈي سۇلالىسى (581–618)، تاڭ سۇلالىسى (618–907) دەۋرلىرىدىمۇ مۇھىم ھەربىي شەھەر بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (960–1279) جىچىڭ شەھىرىنى مىلادى 960– يىللىرى قىتانلار بېسىپ ئالغان. جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن جورجىت خانلىقى (1115–1234)، يەن سۇلالىسى (1368–1279)، مىڭ سۇلالىسى (1368–1644)، چىڭ سۇلالىسى (1644–1911) قاتارلىق تۆت سۇلالە جىچىڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان.
شەرقىي قىتان خانلىقى (916–1125) مىلادى 1053– يىلى جىچىڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ بېيجىڭ 800 يىلدىن كۆپرەك تارىختا ئىگە.
تارىخى ئۇزۇن بولغان بېيجىڭ نامى تۈرلۈك تارىخىي شارائىتتا ھەر خىل ئارتىلىپ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (168–907) يۇجۇ، قىتان خانلىقى دەۋرىدە (916–1125) پىدۇ، يەنجىڭ، جورجىت خانلىقى دەۋرىدە (1115–1234) جۇڭدو دەپ ئاتالغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە (1279–1368) خان بالىق دەپ ئاتالغان. پەقەت چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا (1644–1911) بېيجىڭ دەپ ئاتالغان.
ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسىي يەن بەگلىكى (مىلادىدىن 7 ئەسىر بۇرۇن)نىڭ پايتەختى جىچىڭ شەھىرىمۇ ئەمەس، شۇنىڭدەك شەرقىي قىتان خانلىقى، جورجىت خانلىقى دەۋرىدىكى يەنچىڭ، جۇڭدو شەھىرىنىڭ ئاساسىمۇ ئەمەس. بېيجىڭ پەقەت موڭغۇللار بىنا قىلغان خان بالىق شەھىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى ھالغا كەلگەن.
چىڭگىزخان مىلادى 1251– يىلى چۇڭگۇغا 2– قېتىم ناھايىتى چوڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، جورجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى جۇڭدونى بېسىپ ئالغاندا، شەھەرگە ئوت قويۇپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭدو شەھىرى بىر ئايدىن ئارتۇق كۆيۈپ، قۇرقۇنچلىق بىر خارابىزارلىققا ئايلىنىپ كەتكەن.
مانا شۇ ۋەقەدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن (مىلادىنىڭ 1268–يىلى) قوبلايخان جۇڭدو شەھىرىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە، يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، پايتەخت قىلىش قاراىغا كەلگەن.
ئەختەرىدىن قوبلايخاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پايتەختنىڭ غايەت چوڭ، مۇرەككەپ لايىھىسىنى ئىشلەپ چىققان ۋە شۇ لايىھە بويىچە «خان بالىق» دەپ ئاتالغان پايتەختنى بىنا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان.
موڭغۇل قۇرغان يەن سۇلالىسى (1279–1368)نىڭ تۇنجى خانى قوبلايخاننىڭ زامانىسىدا خان بالىقنىڭ بىنا قىلىنىشى تارىختا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ.
«ئەختەرىدىننىڭ لايىھىسى بويىچە، بىرىنچى قەدەمدە يەرنىڭ قىيپاش شەكلىگە ئاساسەن، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسى ياسىلىپ سۇ ئاقىدىغان ساپال نوكەشلەر ئورنىتىلغان، ئىككىندە قەدەمدە، خانلار تۇرىدىغان ئوردىلار تەبىئىي مەنزىرىسى چىرايلىق جايلارغا سېلىنغان. ئەختەرىدىننىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن، ھازىرقى جۇڭنەنخەي، ۋە بېيخەي كۆللىرى بىنا قىلىنىپ، خان ئوردىلىرى شۇ كۆللەرنىڭ ئىككى قىرغىقىغا سېلىنغان. ھازىرقى جىڭشەن باغچىسىنىڭ ئەتراپىغا خان ئائىلىسىنىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى بىنا قىلىنغان» (لييۇۋيجۈن: «غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1– كىتاب، 122– بەت).
خان بالىقنىڭ «كۈچىلىرى چوڭ كوچا، كىچىك كوچا ۋە خۇتۇڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ خىل كوچىدىن ئىبارەت بولغان ...... چوڭ كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 24 قەدەم، كىچىك كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 12 قەدەم ئىدى. شەھەرگە 364 چوڭ ۋە كىچىك كوچا، 2009 خۇتۇڭ ياسالدى ...... بۇنداق كوچىلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى قاتناشنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىغا ئاساسلىنىپ، تار قىلىپ ياسالغان. كوچىلارنىڭ كەڭلىكىنى ھازىرقى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، چوڭ كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىر، كىچىك كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ» (لييۇۋيجۈن: «غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 7– كىتاب، 124– بەت).
خان بالىقتىكى ئوردىلار، كۆللەر، باغچىلار، كۆۋرۈكلەر، كوچىلار، شەھەر دەرۋازىلىرى، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسى «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ شەرت – شائىتلىرى ۋە يەرلىك ئەھۋالىنىڭ بەزىبىرى جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ياسالغان» (لييۇۋيجۈن: «غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1– كىتاب، 122– بەت).
ئەجدادلىرىمىز ھۇنلار دەۋرىدىن تارتىپ (بۇنىڭدىن 5000 يىللار بۇرۇن) ھازىرقى جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەختەرىدىننىڭ خان بالىقنى (بېيجىڭنى) بىنا قىلىشتا ياراتقان ئۇلۇغ، شانلىق تۆھپىسى تارىختا مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز مۆجىزە.

مەنبە: بىلىك كۇلۇبى ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1988– يىل 4– سان
bilqut
Posted: 2007-12-17 02:27 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.053997(s) query 3, Time now is:03-13 12:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation