بۇ بەتتىكى يازما : ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

1koktugh
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ

ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ .

ئاماننىسا خېنىم مىلادى 1533-يىلى يەركەننىڭ بەشكەنت يېزىسىدا مەخمۇت ئىسىملىك نامرات ئوتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەخمۇر ئاكا ئوقۇمۇشلۇق ئادەم بولۇپ، ئانىسىدىن يېتىم قالغان يالغۇز قىزى ئاماننىسانى ئۆزى ئوقۇتۇپ تەربىيىلىدى. ئاماننىساخېنىم كىچىگىدىنلا چېچەن، زېھنىلىك، ئەقىللىق قىز ئىدى. سازغا ھەۋەس قىلاتتى ھەم شائىرەلىكتە ئىزدىنەتتى. ئۇ يۆسۆپ سەككاكى، نەۋائى، لۇتفى... قاتارلىق مۇتەپپەككۆر ئالىم ۋە مۇزىكاشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنەتتى ھەم ئۆزى شېئىر يېزىپ ئاھاڭ ئىشلەپ چالاتتى... سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇرېشىتخان، بىر كۆنى پۇخراچە كىيىنىپ، يېنىغا ئەكرەم دېگەن مۇھاپىزەتچى يىگىتنى ئېلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ۋە ئۆز ئەمەلدارلىرىغا نىسبەتەن پۇقرالارنىڭ پىكىر-باھالىرىنى بىلىش مەقسىتىدە شەھەر ۋە يېزىلارنى ئارىلاپ يۆرۆپ بىر خارابە كەپە ئالدىدا توختاپ، مۇشۇ نامرات ئائىلىدىن ئەھۋال سوراشنى ئويلايدۇ. ئەسلىدە بۇ ئوتۇنچى مەخمۇت ئاكىنىڭ كەپىسى ئىدى. ئابدۇرېشىتخان مەخمۇت ئاكا بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تامغا يۆلەكىلك ساتارغا كۆزى چۆشىدۇ ۋە مەخمۇت ئاكىدىن ساتار چېلىپ بېرىشنى سورايدۇ. مەخمۇت ئاكا ساتارنى قىزىنىڭ ئۆزىدىن ياخشى چالالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇلۇڭدا تارتىنىپ ئولتۇرغان ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىزىنى كۆرسىتىدۇ. مېھمانلارنىڭ ۋە دادىسىنىڭ ئىلتىپاتىنى رەت قىلىش ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىغان ئاماننىسا، دەرھال قولىغا ساتارنى ئېلىپ ئۆزى نەزمە تۆزەپ پەنجىگاھ مۇقامىغا ماھىرلىقى بىلەن چېلىپ، ئابدۇرېشىتخاننى ھەيران قالدۇرىدۇ. قىزنىڭ: ساڭا يۆز شۆكرى، يارەب، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ، پېقىر- مىسكىنلەرگە ئابدۇرېشىتخاننى پاناھ قىلدىڭ. نەفىسە كېچەيۆ كۇندۇز دۇئا قىلدى تەڭرى قۇددۇسقا، كى شاھ ئالدىدا قىلماس قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ. دەپ ئوقۇغان غەزەللىرىدىن مەڭدەپ قالغان سۇلتان ھاياجانلاغان ھالدا قىزدىن <<نەفىسە>> دېگەنىڭ كىملىكىنى، ئۇنىڭ بۇ غەزەل، مۇقاملارنى كىمدىن ۋە قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى بىلمەكچى بولىدۇ. قىز مېھمانغا قاراپ: <<نەفىسە>> مېنىڭ تەخەللۇسۇم، مەن نەۋائى، فۇزۇلى... قاتارلىق شائىرلارنىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇيمەن، يۇقىرىدا ئوقۇغانلىرىم ئۆزۆمنىڭ غەزەللىرى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە سۇلتانغا ئۆزىنىڭ يازغان غەزەللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئابدۇرېشىتخان يۇقىرى ماھارەتلىك بۇ قىزنىڭ غەزەللىرىگە چالغان سازىغا ئاپىرىن ئېيتىپ: مەن قاراپ تۇراي، سىز بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ، دەيدۇ. ئاماننىسا قولىغا دۆگەت، قەلىمىنى ئېلىپ شېئىر يازىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرقى كۇپلىتى مۇنداق: <<... يارەپ پۇسەنت قىلدى ئەجەب سۇئى زەن ماڭا، گويا بۇ ئۆيگە ئۆندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا>> دەپ يازىدۇ. ئابدۇرېشىتخان بۇنى كۆرۆپ كۆلۆپ: ئىشەندىم، شائىرە ھەجۋىي قىلمىسىلا... دەيدۇ. ئاماننىسا خېنىمنىڭ خۇش خېتى ئۆزىنىڭ گۇزەل چېھرىسى بىلەن ھۆسىن تالاشماقتا ئىدى. ياش سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئاماننىسا خېنىمغا ئاشىق-بېقارار بولۇپ، دەرھال ئوردىسىغا قايتىپ، مەخمۇت ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار رازى بولغاندىن كېيىن، شاھانە توي مەرىكە قىلىپ، ئاماننىسا خېنىمنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ. ئابدۇرېشىتخان مەدەنىيەت سۆيەر، مۇزىكا خۇشتارى، ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولۇپ، ئاماننىسا خېنىمنىڭ مۇزىكا ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشىغا زور ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۆچۆن، ئاماننىسا خېنىم ئابدۇرېشىتخان بىلەن يىگىرمە يىل بىرگە ئۆتۆش جەريانىدا پۆتۆن ھاياتىنى مۇزىكا مۇقاملىرىنى تەتقىق قىلىش، رەتكە سېلىش، ئىجاد قىلىش، سىستېمىلاشتۇرۇش، مۇزىكا تالىپلىرىنى يېتىشتۆرۆش...تەك ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بېغىشلىدى ۋە << 12 مۇقام>> قامۇسىنى يېزىپ جاھان مۇزىكا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قىلىپ قوشتى. ئۇيغۇر خەلقىىڭ تارىخىي ھاياتىنى ھەر تەرەپلىمە مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلىگەن چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكا قامۇسى <<12مۇقام>>غا كىرگۆزۆلگەن ئاھاڭلار فورمىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز.12مۇقام <<راك>>، <<چەببىيات>>، <<مۇشاۋرەك>>، <<چارىگاھ>>، <<پەنجىگاھ>>، <<ئۆزھال>>، <<ئەجەم>>، <<ئوششاق>>، <<بايات>>، <<ناۋا>>، <<سىگاھ>>، <<ئىراق>>لاردىن ئىبارەت بولۇپ، پۆتۆن 12 مۇقام 170تىن ئارتۇق ئاھاڭ، 2 7 خىل نەغمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى باشتىن ئاياغ بىر قېتىم ئوقۇش ئۆچۆن 20 نەچچە سائەتتىن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. ئاماننىسا خېنىم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شىجائەت ۋە ئىجتىھات بىلەن12مۇقامنى رەتلەپ، ئىسلاھ قىلىپ سىستېمىلاشتۇرغاندا مۇنۇ ئۆچ نۇقتىنى ئاساس قىلغان: بىرىنچى، 10 - 15-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان ۋە ئىنتايىن كەڭ تېررىتورىيىگە يېيىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان، بىراق ئۆزلەشمىگەن غەيرىي مۇقاملاردىكى ئېلىشاڭغۇلۇققا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئاھاڭ خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە قايتا رەت سالغان. ئىككىنچى، <<چوڭ نەغمە>>، <<داستان>>، <<مەشرەپ>>تىن ئىبارەت مۇقام شەكىللىرىنى ھەرقايسى مۇقاملىق كۆي شەكلى بويىچە يۆرۆشلەشتۆرگەن ۋە قېلىپلاشتۇرغان. ئۆچىنچى، مۇقام مۇزىكىلىرىنى خۇراپاتلىق ۋە بىرقەدەر چۆشىنىكسىز ئىبارىلەر بىلەن تولغان شېئىرىيەتتىن ئازاد قىلىپ، ئوز دەۋرىدە كۆچلۆك مەرىپەتپەرۋەرلىك رولىنى ئويناۋاتقان ئۇيغۇر-تۆرك شېئىرىيىتى بىلەن تېكىسلەشتۆرگەن. ئاماننىسا خېنىم ئۇنىڭدىن باشقا، <<دىۋانە نەفىسە>>(نەفىسە شېئىرلىرى)، <<ئەخلاقىي جەمىلە>> (گۆزەل ئەخلاق) (بۇ ئەسەرلەردە ئاياللارغا قارىتا تەربىيە ۋە نەسىھەت قىلىنغان). <<شوروئىل قۇلۇپ>> (قەلبلەر ھېكمىتى) ناملىق كىتابلارنى يازدى ۋە <<ئىشرەت ئەڭگىز>>(شادلىق قوزغىغۇچى كۆي)ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلدى. ئۇ، مىلادىيە 1567-يىلى 34 يېشىدا تۇغۇتىدا ۋاپات بولدى. ئاماننىسا خېنىمنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى گۆللىنىۋاتقان سەئىدىيە سۇلتانلىقى ئۆچۆن زور يوقىتىش بولدى. خۇسۇسەن سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئۆچۆن ئېغىر يوقىتىش بولۇپ، ئۇ، بۇ ئېغىر جۇدالىقنى كۆتۆرەلمەي سەۋدايى كېسىلىگە دۇچار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنى قانۇنلىرىدا دىنىي ئەقىدىلەردىن ھالقىپ كېتىدىغان بىرەر ئىلغار كۆز قاراش ۋە ئىلمىي مۇتالىئەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەتتا ئەرلەر ئىچىدىمۇ تەقىپ قىلىناتتى. مۇزىكا، ئۇسسۇل سەنئىتى بولسا ئاللىقاچان چەكلەنگەن بولۇپ، پەقەت مەخپىي ھالەتتە ئېلىپ بېرىلاتتى. ئاياللار بۇ جەھەتتە ھوقۇقسىز دېگۆدەك بولۇپ، ئىلىم-سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنالمايتتى. ئاماننىسا خېنىم ئەنە شۇنداق دىنىي خۇراپى ئىجتىمائىي تۇسالغۇلارنى بۆسۆپ ئۆتۆپ، تارىخ سەھنىسىدە نامايان بولدى، ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى سەھىپىسىدىن كۆرۆنەرلىك ئورۇن ئالدى.





bilqut
Posted: 2007-12-17 23:49 | [ئاپتور]
adil
ئادىل
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئاماننىسا خېنىم ھەققىدە بۇنداق تەپسىلى ماتىرىيالنى تاپالماي يۈرەتتىم، كۆپ رەھمەت سىزگە
بۇ يازمىنى ساقلىۋالدىم .
1som
Posted: 2007-12-22 03:08 | 1 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 261
شۆھرىتى: 264 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-11

 

[quote]1 - قەۋەتتىكى adil 2007-12-22 03:08 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئاماننىسا خېنىم ھەققىدە بۇنداق تەپسىلى ماتىرىيالنى تاپالماي يۈرەتتىم، كۆپ رەھمەت سىزگە
بۇ يازمىنى ساقلىۋالدىم .



بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلىسى: ئاماننىسا خېنىم تۇغۇتىدا ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ بالىسى قالغانمۇ -يوق؟
ئاماننىسا سۇلتان ئابدۇرەشىتخاندىن بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئىسمى ئابدۇرەھىمخان.  1590- يىلى يەكەن خانى مۇھەممەتخان  ئۇنى لۈكچۈنگە نايىب قىلىدۇ، ئۇ  50 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرۈپ، 1638- يىلى 77 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
  ئابدۇرەشىتخاندەك مۇنداق پادىشاھ ئايالىنىڭ دەردىدە ئەمەس ، بەلكى خوتەندىكى توپىلاڭنى باستۇرۇپ قايتىشىدا قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-11 02:20 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.084841(s) query 4, Time now is:03-13 12:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation