ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىش سىرىنى ئېچىپ تاشلىدى
تەكلىماكاندىكى قەدىمكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ـــ ئىنسانلار پائالىيىتىدۇر. ئارخېئولوگلار ئالتە يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تەكلىماكاندىكى قەدىمكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەبىئىي ئامىللار بەلگىلىگەن، دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشقا رىقابەت ئېلان قىلدى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ كۆچمە قۇملۇق، تەبىئىي مۇھىتى ئىنتايىن ناچار بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتىشىدۇ. ئەنئەنىۋى قاراشتا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۇ يەردىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىشى ئاساسەن ئېكولوگىيىلىك ھەرىكەت ۋە دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئامىللارنىڭ رول ئوينىشىدىن بولغان دەپ قارالغانىدى. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارخېئولوگلار ئۇزۇق مۇددەت، سىستېمىلىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلار پائالىيىتى، يەنى سىياسىي داۋالغۇش، ئۇرۇش، ھەددىدىن زىيادە ئوتۇن كېسىس، بوز يەر ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي ئامىللار تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قەدىمكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
1988-يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەتتىكى ئارخېئولوگىيە، جۇغراپىيە، مۇھىت، بىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى نەچچە ئون ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىم تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئىزلىرىنى ھەمدە ئۇ يەردىكى قەدىمكى مۇھىتنى ئارخېئولوگىيە جەھەتتىن ئالتە يىل تەكشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ھەمدە مەملىكەتتىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر يەنە ياپونىيە، فرانسىيە، شۋېيتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەدىمكى تەكلىماكاندىكى ئىنسانلار پائالىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن رايون ــ كېرىيە دەرياسى، نىيە دەرياسى ۋە ياۋا توڭگۇز دەرياسىدا كۆپ قېتىم نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، نۇرغۇن مۇھىم يېڭى نەرسىلەرنى بايقىدى.
تارىم ئويمانلىقىدىكى قۇرغاق مۇھىت بۇنىڭدىن 1مىليون 400 مىڭ يىل ئىلگىرىدىن بۇنىڭدىن 400 مىڭ يىل ئىلگىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى ئوتتۇرا ھايات ئېراسى دەۋرىدە چىڭخەي ــ شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن پەيدا بولغان يەر قىياپىتىنىڭ تەسىرىدە ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە 100 مىڭ يىل ئارىلىقىدا تارىمنىڭ قۇرغاق قۇملۇق مۇھىتىدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.
نۆۋەتتە ئىگىلەنگەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا، تارىم ئويمانلىقىدا، ئەڭ كەم ھېسابلىغاندىمۇ 5000 ـــ 6000 يىل بۇرۇنلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرىكى تەكلىماكان قۇملۇقى ھازىرقىدىن كۆپ كىچىك بولۇپ، ئەينى چاغدا قۇملۇقنىڭ جەنۇبى چېتى ھازىرقى جەنۇبى چېتىدىن تەخمىنەن 100 ــ 200 كىلومېتىر شىمالدىكى قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان. ئۇ چاغدىكى بوستانلىقلارمۇ ھازىرقىدىن كۆپ چوڭ بولۇپ، قۇملۇق ئەتراپىدا تۇتاش كەتكەن بوستانلىقلار، باراقسان ئورمانلار بولغان. ھازىر تەكلىماكان ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنى قۇم بۆلۈپ تاشلىغاچقا، بۇ بوستانلىقلار «يېتىم ئارال»غا ئايلىنىپ قالغان.
شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى -ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ۋاڭ بىڭخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئىپتىدائىي جەمئىيەت باشقۇچىدىكى ئىنسانلارنىڭ تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى تاغ باغرىدىكى پائالىيىتى نەچچە 1000 يىلغا يەتكەن. برونزا دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، نەچچە 100 يىلدا بىر ئۆزگىرىپ تۇرغان. بۇ تارىخىي دەۋردە ئىنسانلار پائالىيىتى جىددىيلەشكەندىن باشقا، چوڭراق ئېكولوگىيىلىك ھەرىكەت قاتارلىق تەبىئىي ئامىللار يۈز بەرمىگەن، لېكىن تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى يەنىلا ئۈزلۈكسىز تېزلەشكەن. بۇ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىر جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قارادۆڭ، نىيە، ئەندىر، كىروران قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم كونا ئىزلارنىڭ گۈللىنىش، خاراپلىشىش ئەھۋالى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەكلىماكان مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار قەدىمكى نىيە خاراپلاشقان چاغدا، كەنت -مەھەللىلەردە بۈكباراقسان دەل-دەرەخلەرنىڭ، بىر -بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئېرىق -ئۆستەڭلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارىسىدا تېخى پېچىتى بۇزۇلمىغان نۇرغۇن ھۆججەت، خەت -ئالاقە، ئاشلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئۇچرىدى. تۇرالغۇ جايلار ئەتراپىدا بىر مۇنچە ئوق ئۇچى كۆزگە چىلىقتى. بۇلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئەينى چاغدا نىيىنىڭ مۇھىتى ھايات كەچۈرۈش مۇمكىن بولمىغۇدەك ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بالايىئاپەتلەرلا كىشىلەرنى ئۆي -ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن نىيە شەھىرى خاراپلىشىپ، قاقاسلىققا ئايلانغان. بۇ شۇ يەردىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان. بۇ جايدىن قېزىۋېلىنغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈكلەردىن ئەينى چاغدا نىيىلىكلەرنىڭ ھەقىقەتەن يات مىللەتلەر تاجاۋۇزىنىڭ كۈچلۈك ھەربىي بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، كىروران، ئەندىر، مازارتاغ، دەندەن ئۆيلۈك قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، قاقاسلىشىشىمۇ ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي داۋالغۇش ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش -ئۇرۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنسانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئوتۇن كېسىشى، بوستانلىقلارنىڭ قۇمنىڭ سىلجىشىنى توسۇش رولىنى يوقىتىشىمۇ قۇملۇقتىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەبتۇر. قارا دۆڭنىڭ خاراپلىشىشى دەل مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېكى ھەم بۈگۈرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر قىسىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بازىلىرى بولسا، شورلىشىش ئېغىرلاشقانلىقتىن ئارقا- ئارقىدىن تاشلىنىپ قېلىپ قاقاسلىشىپ كەتكەن، بۇمۇ ئىنسانلار پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت ئۆزگىرىشىگە كىرىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: ت. ئىبراھىم
مەنبە:
«شىنجاڭ تەزكىرىسى» 1996-يىل 3-سان