ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى توغرىسىدا
بۇرھان شەھىدى
(مىللەتلەر نەشىرىياتى 1958-يىلى بېيجىن)
1. ئومۇمى ئەھۋال
چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن 1759-يىلدىن تارتىپ،شىنجاڭدا ئەڭ ئەشەددى بولغان فېئوداللىق ھاكىمىيەتنى تىكلىدى.شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماستىن مەمۇرلارنى ناھايىتى كۆپەيتىۋەتتى.شۇ ۋاقىتلاردا 46تۈرلۈك مەمۇرى ۋە دىنى مەنساپدار بار ئىدى.34 تۈرلۈك مەنسەپ تۇزۇمى ئىشلەپ يەرلىك ئىدارە ئىشلىرىنى يەرلىك ھاكىمبەگلەر ۋە بەگلەرگە تاپشۇردى.چىڭ ئەمەلدارلىرى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىپ تۇردى.ئۆلۈم جىنايىتىدىن باشقا بارلىق ئىشلار يەرلىك بەگلەرنىڭ قولىدا ئىدى.يەرلىك بەگلەرگە چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مائاش يوق بولۇپ،چىڭ ھاكىمىيىتى ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر تۈزۈم ئورنۇتۇپ،ھاكىمبەگ ۋە بەگلەرنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ يەر ۋە يانچى دېھقان بېكىتىپ بەردى.ھاكىم بەگ ۋە بەگلەر بەگ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە يانچى دېھقانلارنى ئىشلىتىپ مۇشۇ يەرلەەردىن ھوسۇل ئېلىپ تۇراتتى.ھاكىم بەگنىڭ ئەڭ يوقىرىسى ئۈچۈنچى دەرىجە بولۇپ ،150پاتمان يەر(بىر پاتمان تەخمىنەن 26.5مو بولۇپ،جەمئى3975مو)ۋە 100ئۆيلۈك يانچى دېھقان بېرىلەتتى.ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بەگكە 2 ئۆيلۈك يانچى دېھقان بېرىلەتتى.بۇنىڭدىن باشقا بارلىق دېھقانلار يەنە ئۇلارغا تۈرلۈك باج-سېلىقلارنى تۆلەيتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن بەگلەرنى،پومشىچىكلارنى،ئەسكەرلەرنى بېقىش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسى يانچى دېھقانلار ۋە دېھقانلار ئۈستىگە يۈكلەندى.بەگلەر يانچى دېھقانلار ۋە دېھقانلارنى ئېكىسپىلاتسىيە قىلىپ تاپقان بايلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چىڭ ئەمەلدارلىرىنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى.شۇڭا دېھقانلار قاتمۇ-قات ئېكىسپىلاتسىيە ئاستىدا قالدى.
دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مانا مۇشۇنداق قەۋەتمۇ –قەۋەت ئېكىسپىلاتسىيە قىلىنىش ۋە مىللى ئاستىدا چىدىغۇدەك ھالى قالمىدى. بۇ ھەقتە موللا موسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى»ۋە ئىمام موللا مۇھەممەد كەرىم موللا سىدىق ئوغلىنىڭ «تەزكىرە »كىتابىدا يازغانلىرىنى مۇنداق خۇلاسە قىلغىلى بولىدۇ:«ئۇ ۋاقىتتا خاقانى چىن يۇرتلارنى يەرلىك بەگلەرگە تۇتۇپ بېرىپ ئۆلۈم ئىشىدىن باشقىنى سورىمايتتى.ھەرخىل ئالۋاڭلار كۆپۈيۈپ كەتتى.ئاجىز پۇقرالارنى ئاتىنى بالىغا،بالىنى ئاتىغا قوشماي ،ئۇلاشتۇرمااي ئالۋاڭ –ياساققا ھەيدىدى.تاقەتلىرى تاق بولۇپ كۆزلىرىدىن دەريا –دەريا ياشلار ئاقتى.يەر-زېمىنلىرىنى تاشلاپ قېچىپ يۈردى.ئۆز يۇرتلىرىدا تېنچ بىر قازان ئاش ئېتىپ ئىچەلمەي پۇقرالارنىڭ ھاللىرى ئېغىر بولدى.خەلقلەەر مازارلارغا بېرىپ بۈكۈپ يېتىپ يىغلايتتى.»شۇڭلاشقا خەلقنىڭ چىڭ ھاكىمىيىتىگە ۋە بەگلەرگە قارشى غەزەپ ئوتى كۈنساناپ كۈچەيدى.بۇ ئەلۋەتتە بىر كۈنى پارتلاپ چىقىشى لازىم ئىدى.ھەقىقەتتىمۇ شۇنداق بولدى.6يىلدىن كېيىن ،1765-يىلى ئۇچتۇرپاندا چىڭ ھاكىمىيىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ قۇرالى بولغان يەرلىك بەگلەر ۋە پومشېچىكلارغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى.گەرچە بۇ دېھقانلار قوزغىلىڭى چىڭ ھاكىمىميىتى تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغان بولسىمۇ ،لېكىن خەلق كۆڭلىدىكى غەزەپ ئوتىنىڭ يالقۇنلىرى ئۆچمىگەن ئىدى.
ئۆتمۈشتە شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن خوجىلارنىڭ ئەۋلادلىرى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەشۇ بۇرۇنقى ھاكىمىيەتنى تىكلەش يولىغا كىرىشتى.ئېزىلگە ن دېھقانلار ئاممىسى ئۆزلىرىگە يەڭگىللىك
ھاسىل قىلىش ئۈمىدى بىلەن ئۇلارنى ھىمايە قىلىشتى.خوجىلارنىڭ ئىككى تۈرلۈك شۇئارى بولۇپ :1-چىڭ ھاكىمىيىتدىن قۇتۇلۇش ؛2-غەيرى دىندىكىلەرگە قارشى جىھاد قىلىش تىن ئىبارەت ئىدى.چۈنكى خوجىلار ئېزىلىشنى چىڭ ھاكىمىيىتىدىن ۋە غەيرى دى كىشىلىرىدىن بولغان دەپ كۆرسىتەتتى.جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە خەلقلىرى مۇشۇ شۇئار ئاستىدا بىرلىشىپ چىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى.لېكىن ھاكىمىيەت خوجىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئارىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشى باشلاندى.قول ئاستىدىكىلەر «بۆرىلەر قوي غە چاققاندەك فۇقرالارنى تالىدى.»ئۆزلىرىگە نىجات ئۈمىد قىلغان دېھقانلار ئاممىسى تېخىمۇ چوڭ ئېغىرچىلىق ۋە چوڭقۇر ئېزىلىش ئاستىدا قالدى.
خوجىلار كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرى 1820-يىلى كۆتۈرۈلگەن جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى بولدى.بۇ قوزغىلاڭ 1828-يىلى بېسىقتۇرۇلۇپ ،جاھانگىر خوجا قولغا ئېلىنىپ بېجىنگە ئەۋەتىلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
بىرىنچى ئەپيۇن ئۇرۇشى چىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ چېرىكلىكىنى نامايەن قىلدى.شۇ ۋاقىتتا چەتئەل كاپىتالىستىك دۆلەتلىرى جۇڭگونى يېرىم مۇستەملىكە دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى.جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەھۋالىمۇ ناچارلىشىشقا باشلىدى.مانا شۇ ۋاقىتتا زور كۆلەمدىكى «تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ چىقتى.ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بۇ ھەرىكەتكە قوشۇلۇپ كەتتى.مەسىلەن :يۈننەن ،سىچۇەن ،گۇيجۇ،گۇاڭشى ،گەنسۇ،شەنشى،ۋە شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.شىنجاڭدا چوڭ كۆلەمدىكى قوزغىلاڭ پارتلاپ چىقىش بىلەن نەتىجىدە 1864-يىلى شىنجاڭدا ئاساسەن 5 ھاكىمىيەت پەيدا بولدى:
1. كۇچارنى مەركەز قىلغان راشىددىن خوجا يەنىي خان غوجا ھۆكۈمىتى
2. ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان داۋۇت خەلپە ھۆكۈمىتى
3. خوتەننى مەركەز قىلغان ھەبىبۇللا خان ھۆكۈمىتى
4. قەشقەرنى مەركەز قىلغان قىرغىز سىدىقبەگ ھۆكۈمىتى
5. ئىلىنى مەركەز قىلغان تارانچى سۇلتانلىقى
قەشقەردىن سىدىقبەگ قوقەند خانى ئالىم قۇلى خانغا .ئەلچى ئەۋەتىپ قوقەندتىكى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجىنى شىنجاڭغا خان قىلىپ ئەۋەتىشنى سورىدى.ئالىم قۇلى خان بۇزرۇك خوجىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەسكەر باشلىقى قىلىپ تاجىك ياقۇپبەگنى ئەۋەتتى.مانا شۇ كۈندىن باشلاپ شىنجاڭدا يەنە يېڭى تارىخى چوڭ ۋەقەلەر پەيدا بولدى.
(داۋامىنى يەنە داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ تۇرىمەن.)