(داۋامى)
كۇچانىڭ سۇجۇپ مۇزىكا سىستېمىسىنىڭ ئوچىقى بولىشى تاسادىپىي ۋە يەككە – يىگانە ھادىسە ئەمەس ئىدى. راھىپ فاشيەن يازغان «بۇددا ئەللىرى خاتىرىسى، راھىپ سۇڭ يۈن، خۇي شىڭ يازغان ساياھەتنامىلەر بىلەن «جىننامە»نىڭ «كۇچا تەزكىرىسى»،«لۈي گۇاڭ تەزكىرىسى» قىسىملىرى، سۈي خۇاڭ يازغان «16 خانلىق تارىخ»، «كونا تاڭنامە، مۇزىكا تەزكىرىسى»، «يېڭى تاڭنامە، كۇچا تەزكىرىسى»، راھىپ شۇەنجۇاڭ بىلەن بيەنجى يازغان «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدە غەربكە قىلىنغان ساياھەت» قاتارلىق كىتابلاردا كۇچا مەدەنىيىتى ۋە ناخشا –ئۇسسۇلچىلىقى توغرىسىدا قىممەتلىك خاتىرىلەر تىلغا ئېلىنغان(1). كۇچا بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەر، خوتەن، تۇرپانلاردا تىل-ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرىمۇ راۋاجلانغان. شېئىرىيەت، ھېكايىچىلىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە رەسسامچىلىق مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆرۈنەرلىك راۋاجلانغان. قەدىمكى ئۇيغۇر قەبرە يادىكارلىقلىرى ئارىسىدىكى زىبۇزىننەتلەر، تاش قەبرە ۋە ئابىدىلەر، قەدىمكى ئەم-ئىرىم ئەنئەنىسى، ئوغۇزخان، ئاپراسىياپ، چىستانى ئىلىكبېگ، ئىككى تېكىن، رەسسام ۋە ياغاچچى، باتۇر قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ھېكايە ۋە ئەپسانىلەر، شامان ۋە ئاتەشپەرەسلىك(2) مۇزىكا –ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار ئەنە ئۇنىڭ جۈملىسىدىن بولغان. تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر خوتەن رەسسامى ۋىسا ئىراساتگا (尉迟乙僧) بوشلۇق خاراكتېرىدىكى سەنئەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى بولغان «ئويما- قۇيمىلىق قانۇنى»نى ئىجاد قىلىپ، رەسساملىق سەنئىتىنى يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئىگە قىلغان. دۇنياۋى ھادىسە بولغان بوددىنىزم شىنجاڭ خەلقى تەرىپىدىن تېخىمۇ مۇزىكىلاشتۇرۇلغان، ئوبرازلاشتۇرۇلغان ۋە شېئىرىي رىۋايەتلەشتۈرۈلگەن.ئەينى زاماندا ھىندىستاندا ئۈلگىسى بولمىغان ۋە خاس خوتەن، كۇچا، تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭ يادىكارلىقلىرى توغرىسىدا خۇددى شۇنى دېيىش كېرەك.
دېمەك، سۇجۇپ ۋەكىللىك قىلغان « 12 تېمپېرامىنتسىيىلىك كۈي قانۇنىيىتى» قەدىمكى ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ نەزەرىيە ئاساسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكىلىق پاراسىتىنىڭ ئاساسىي جەۋھىرى ئىدى. بارلىق ئۇيغۇر مۇزىكىلىق ئەسەرلىرى ـــ قەدىمكى مۇقاملار، ئەلنەغمىلەر، نەغمە مۇزىكىلىرى ئەنە شۇ كۈيشۇناسلىق سىستېمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى « ئون ئىككى مۇقام» « ئۇيغۇر مىللىتى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مۇزىكا –سەنئەت شەكىللىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مەركەزلىشىشى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى»(3)،ئۇ 12 پارچە چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكىلىق ئەسەر سۈپىتىدە، ئۇيغۇر كۈيشۇناسلىقىنىڭ تارىخىي راۋاجى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.
ئوتتۇرا ئەسىر ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تاڭ دەۋرى سەنئىتىدە، شىنجاڭ ناخشا –ئۇسسۇل سەنئىتى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاۋات بىر مەدەنىيەت گۈلزارى. ئۇ چاغدا ئوينالغان ئويۇنلار ۋە ئۇيغۇر مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇللىرىغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت توغرىسىدا لى بەي، بەي جۈييى، ليۇ يۈيشى، يۈەن جېن، ۋاڭ جيەن، جاڭ خۇ، سېن شېن، شۈي نېڭ، شۈي فېڭ، ليۇ يەنشى، گوكۇاڭ، خۇارۇي خېنىم قاتارلىق نۇرغۇن شائىرلار جانلىق گۈزەل مىسرالار قالدۇرغان.
ۋاڭ جيەن ئۆزىنىڭ «لياڭجۇغا ساياھەت» ناملىق شېئىرىدا:
تاڭ سەھەر ئاڭلاپ خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازىنى،
شەھرى لوياڭدا جىمى ئۆي مەشىق قىلۇر خۇ(4) سازىنى.
دەپ يازسا، يۈەن جىڭ ئۆزىنىڭ بىر شېئىرىدا:
تۈن يېرىپ تاقتاقچى لياڭجۇدا قىلار سەييارىنى،
ئاڭلاپ ئۆتكەچ ئۇ كۇچانىڭ خىلمۇ خىل ئەلنەغمىنى.
دەپ يازغان.
لى يى ئۆزىنىڭ « شياجۇ شەھىرىدە سەپەرچىنى ئۇزىتىپ ئاڭلىغان ئۇيغۇر ناخشىلىرى» دېگەن شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئوقۇدى ئالتە ياقا يۇرت ناخشىسىن ئۇيغۇر راۋان،
قول چۈشۈرۈپ بىرلىشىپ ئېيتقاندا بۇ خورنى شۇئان.
كۆڭلىدە سەزگەن بىلەن قەدىمىي ئاستانە يىراق،
باش بۇراپ سالدى نەزەر يۇرتى تەرەپكە بىر زامان.
فاڭ گەن ئۆزىنىڭ «جاڭنەندە يېڭى نەغمە ئاڭلاش» دېگەن شېئىرىدا، ھەتتا چاڭئەن كوچىلىرىنى كۆرمىگەن جەنۇبىي جۇڭگو سازەندىلىرىنىڭ مۇشۇ يېڭى كۈيلەرگە چالغانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
يېڭى كۈينى ئاڭلاپ ئۆتتۇق گۈل ئاستىدا قەدەھ تۇتۇپ،
ئۆتتۇق يەنە چاۋاك بىلەن ھەر نەغمىگە مەدھى ئوقۇپ.
سازەندە گەر بىلمىسىمۇ چاڭئەننىڭ يول-رەستىسىنى
كېلەر نەغمە بۇياقلارغا مەكتۈپلەرگە بىر-بىر پۈتۈپ.
لى بەي ئۆزىنىڭ «باھار تۈنى لوياڭدا نەي ئاڭلاش» ناملىق شېئىرىدا:
قايسى ئۆيكىن قاشتېشى نەينىڭ ساداسى ياڭرىغان،
تولدى لوياڭ شەھىرىمۇ زوقى ھاۋاغا شۇ ھامان.
نەغمىدىن «سۇنغان سۆگەتتال» كۈيىنى ئاڭلاپ كېچە،
يوق كىشى يۇرتنىڭ سېغىنچى قەلبىنى تولدۇرمىغان.
دەپ يازىدۇ.
بۇ ئەينى زاماندا ئايرىم ھادىسە ئەمەس ئىدى.يۈەن جېن ئۆزىنىڭ شېئىرىدا:
بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز-ئاياللار مەشغۇلى،
زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان.
‹سۇمۇرغ ئاتەش›نىڭ ساداسى مۇڭ بىلەن تۇتۇلسا گەر،
‹نەۋباھار بۇلبۇل كۈيى› ياڭرايتتى بىر سالقىن ھامان.
ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇزىننەت، تىل ئۆگىنىش،
بولدى بەسبەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.
دەپ، كەييۈەن، تيەنباۋ يىللىرى(713ـــ 741-يىللار)دىكى ئەھۋالنى ئىپادىلىدى. ئايال شائىرە خۇارۇي خېنىم (بەرگى خېنىم) ئۆزىنىڭ «قەسىر نەزمىسى» ناملىق شېئىرىدا ئوردا كىشىلىرىنىڭ 12-ئايدىكى چىللە ئايىمىگە ئۇيغۇرچە ياسىنىپ چىققانلىقىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
شاھىمىز چىققاندا چىللە نەزرە-ئايەم قىلغىلى،
بىللە چىقماقچى خېنىملار بەلگىلەندى ئەۋۋىلى.
مىنگىنى ئۇيغۇر ئېتى، ئۇيغۇر لىباسى كىيگىنى،
بۇ لىباستا جىلۋە قىلدى تال چىۋىقتەك بەللىرى.
ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا بولغان قىزىقىش توغرىسىدا يۈەن جېن «پىپا» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
تىل بىلەر سازەندە ئۇيغۇر قاشتېشى چالغۇ چېكىپ،
تۇرىدۇ گەنجۇ ئۇسسۇلى بىزنى شۇنچە جەزىپ ئېتىپ.
ھەزرىتىم ئىش جىقلىقىدىن ئۆزىمىزگە كايىماي،
تىڭشىماق ئەۋزەل بۇ سازنى ئۇيقۇلۇق تۈندىن كېچىپ.
«يېڭى نەغمىلەر»گە تېكىست ئىشلىگەن ئاساسلىق شائىر بەي جۈييى ھەتتا غەربىي رايونلۇق پىپا ماھىرى ساۋ گاڭغا زور قىزىقىش بىلەن مۇنداق يازىدۇ:
چىكىلگەن تارىلاردىن مۇڭ چىقار ھەر مەنىسى ئەلۋەك،
ئۇنىڭ خۇ نەغمىسى بىرلەن ئۇنىڭ سۆز نەزمىسى بىردەك.
قولىنى ئۇستا ساۋ گاڭنىڭ قېنى كىممۇ كېسىپ شۇدەم،
ئۇلار چۇڭليەن قولىغا ئاڭلىتار بۇ سازنى ساۋ گاڭدەك.
سۈي –تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە مۇزىكا بىلەن بىللە شىنجاڭ ئۇسسۇللىرىمۇ راۋاجلانغان. « سۈينامە. مۇزىكا تەزكىرىسى»، «كونا تاڭنامە. مۇزىكا تەزكىرىسى»،« يېڭى تاڭنامە. مۇزىكا تەزكىرىسى»،«قامۇسنامە»، «تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئالتە قامۇسى» ناملىق كىتابلاردا يېزىلىشىچە، كۇچا(كۈسەن)، قەشقەر(سۇلې)،ئىدىقۇت(قارا قوجۇ) قاتارلىق جايلارنىڭ مۇزىكا ئوركىستىرى ۋە سەنئەتچىلىرىنىڭ كىيىنىش ئەھۋالى مۇنداق بولغان:
كۇچا سازەندىلىرى 20 كىشى بىر ئوركىستىر بولۇپ، ئۇلاردا تىك غوڭقا(ئۆرە غوڭ)، بەرباپ، راباپ، سىڭ(18 تۆشۈكلۈك ھىم نەي)، يالغۇز زەك(نەي)، بىلى(بالىمان)، ناغرا، داپ، جاللا قاتارلىق 15 خىل چالغۇ بولغان. قەشقەر سازەندىلىرى 12كىشى بىر ئوركىستىر بولۇپ، ئۇلاردا تىك غوڭقا، بەرباپ، راباپ، يالغۇز زەك، بالىبان، دالا دۇمبىقى(5)، ناغرا، داپ، يان دۇمبىغى، دۇمداپ قاتارلىق 10 خىل چالغۇ بولغان. تۇرپان چالغۇلىرى قاتارىدا يالغۇز زەك، شياۋ، بالىمان(6)، بەرباپ، راباپ(بەش تارىلىق پىپا)، مىس بۇرغا، غوڭقا، داپ يان دۇمبىقى قاتارلىقلار بولغان. قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن داپ –دۇمباقلار مۇزىكا رىتىمىنى ھاسىل قىلاتتى. «داپ، دۇمباق خاتىرەنامىسى» دېگەن كىتابتا داپ «سەككىز ئاھاڭنىڭ يولباشچىسى، ئۇنىڭسىز ساز بولماس» دەپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭ كۇچادىن كېڭەيگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
(1)«تاڭ دەۋرىدىكى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى»، 1-باپقا قارالسۇن.
(2)ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىكى زاراتوستىرانى شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە «غۇزلار تەڭرىسى»(胡天,胡天神)، تاڭ دەۋرىدە «غۇزلار ئوت دىنى»(胡袄) دەيتتى.
(3)ۋەن تۇڭشۇ:«‹ئون ئىككى مۇقام› قايتا باھارىغا ئېرىشتى»(«خەلق» گېزىتى، 1960-يىل، 9-سېنتەبىر سانىدىن).
(4)مۇشۇ دەۋردىكى خۇ دېگەن نام ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان.
(5)ياپونىيە ئالىمى لىن جەنسەن «شەرقىي ئاسىيا چالغۇلىرى تەتقىقاتى»(1962-يىل نەشرى) ناملىق كىتابىدا دالا دۇمبىقىنى «داپلاپ(Tap-lap ) دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنى كۈچادا پەيدا بولغان، ياپونىيىدىكى ئۆزگەرگەن نۇسخىسى دى تەيگۇ(締太鼓) دەپ كۆرسىتىدۇ.
(6)يۇقىرىقى كىتابتا بىلى مۇزىكىسىنىڭ ئىسمىنى بورىيا(Boriya ) سۆزىدىن كېلىپ چىققان قومۇش تىپىدىكى مۇزىكا، كېيىنچە بالىبانغا ئايلانغان،دەپ يازىدۇ.جاڭ خۇ ئۆزىنىڭ «بىن قىزنىڭ داپ چېلىشى»ناملىق شېئىرىدا داپ سۆزىنى خەنزۇچە جيېگۇ(羯鼓) دەپ يېزىپلا قالماستىن، يەنە داپۇ(大酺) دەپ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى دۇڭ-دۇڭ (冬冬)، جىڭ-جىڭ (贞贞)دەپ يازغان.
سەنئەتچىلەرنىڭ كىيىنىشى ئومۇمەن مۇنداق بولغان: چېكىسىگە قىزىل يىپەك ياغلىق چىگىپ، بېشىغا قارا تاۋار ياغلىق ئارتقان؛ ئۈستىگە قىزىل تاۋار نىمچا ياكى ئاق زەرباپ كەمزۇل، ئەرلىرى زەرياقا تون كىيگەن. بەزىدە زەرباپ ياكى رەڭگا-رەڭ دەريايى يەڭلىك تارتىۋالغان. ئاستىغا كەڭ ئاق شارىۋار ئىشتان ياكى قىزىل تار ئىشتان، بەزىدە ئاق گۈل چېكىلگەن ئىتەكلىك قىزىل ياكى سۆسۈن ئىشتان كىيگەن. ئەرلىرى قارا ياكى (تولىراق قەشقەر ۋە تۇرپان تەرەپنىڭ) قىزىل ئۆتۈك، قىزىل قېيىش كەمەر تارتقان.
گۈللۈك بۆك(دوپپا) كىيگەن. چاچقا قىسىدىغان زىننەتلىك قىسقا، پىستانلىق تاراق، ھالقا ۋە ئۈزۈك قاتارلىق زىبۇزىننەت ئەھۋاللىرىمۇ خاتىرىلەنگەن. ئويۇندا يۈزىگە ئۇپا، لاك، سۈرمە ۋە پېشانىسىنى ھەللەش قاتارلىق گىرىم قىلىنىدىغانلىقى تاڭ نەزمىلىرىدە كۆپ قېتىم تەسۋىرلەنگەن.
سۈي-تاڭ دەۋرلىرىدە ئوينالغان غەربىي رايون مۇزىكىلىرى ئىچىدە«قەشقەر تۈزى»(1)، «كىچىك ساما»،«خوتەن بوددا نەغمىسى» قاتارلىق ئۇسسۇللۇق مۇزىكىلەر، « قاڭلىسىران»، «بوستانگا»، «كۇچا بوددا نەغمىسى»،«جويۇز» قاتارلىق نەغمىلەر بولغان. بۇلاردىن باشقا، چاڭئەندىكى كۇچالىق مۇزىكانت بەي مىندا ئىشلىگەن « باھار بۇلبۇل ناۋاسى» ناملىق چوڭ مۇزىكا بىلەن قەشقەرلىق مۇزىكانت پېي شېنفۇ ئىشلىگەن « ئاتەش سۇمۇرغ»(2) ناملىق چوڭ مۇزىكا توغرىسىدا نۇرغۇن شائىر شېئىر يازغان، نۇرغۇن ئۇسسۇلچى ئۇسسۇل ئىشلىگەن......
يۈەن جېن ئۆزىنىڭ «پىقىرىما ئۇسسۇل»غا بېغىشلىغان بىر چىلۈي نەزمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ئايالچە داپ ئۇسسۇلىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان:
...پىقىرىما ئۇسسۇلنىڭ مەنىسىنى بىلمەس كىشى،
سىياقىنى تەسۋىر قىلىپ بېرەلەيمەن سىزگە بىراق.
ئۆز ئىزىدا بوران بولۇپ پىقىرىغان نىلۇپەرنىڭ،
يالتىرىشى چۆگىلىگەن تەخسە ياكى پانۇس چىراق.
نۇر چاقناتسا ھەسەن-ھۈسەن رەڭگىدىكى بىزەك ئىگىن،
يالت-يۇلت قىلىپ ئۈنچە-مارجان ئۆتەر ئۇچقۇن يۇلتۇزسىياق.
قويۇن بولۇپ كەڭ بوشلۇقتا دولقۇن ياساپ ئوينار ئۇسسۇل،
تەكتى دېگىز تىمساقلىرى قوزغىغاندەك ئۇپقۇن شۇچاغ(3)...
ئەرلەر «تاقلىما ئۇسسۇلى» (خۇتېڭۋۇ) توغرىسىدا ليۇ يەنشى مۇنداق شېئىر يازغان:
...يەرگە قويۇپ قولىدىكى ئۈزۈم تولغان سىۋىتىنى،
كۈن پېتىشقا قاراپ بىردىن يادقا ئالدى ئۆز يۇرتىنى.
زەرباپ چەككەن رەڭدار يۇمشاق ئۆتىكىدە تېپىپ سەكرەپ،
يالتىراتتى زەر كەمەرنىڭ ئۈستىدىكى ياقۇتىنى.
......
جىمجىت ھەر يان ھەممە كىشى كۆڭۈل قويۇپ نەزەر سالغان،
پىپا بىلەن يېتىق نەيمۇ كۆرسەتكەچكە قۇدرىتىنى.
ئاق ھەم قىزىل گۈللۈك زىلچە تۆپىسىدە ئەۋجەپ ئۇسسۇل،
تەسۋىر قىلدى چىمەنلىكتە كەچتە يانغان شام ئوتىنى.
مەيلەر تۈگەپ، ساز توختىدى، ئاياغلاشتى ئۇسسۇلمۇ ھەم،
توزغاق كۆلى غەربىدە ئاي كۆتۈرگەندە ئوغىقىنى.
لى دۇەننىڭ بۇ ئۇسسۇلنىڭ ھەرىكىتى ۋە كىيىنىشى ھەققىدە يازغان تۆۋەندىكى مىسرالىرى بىزگە ئىختىيارسىز ئۇيغۇر ئەرلەر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىنى ئەسلىتىدۇ:
لياڭجۇنىڭ ئۇيغۇرلىرى قايناپ ئۇسسۇل ئوينىغان،
ئىلمەك بۇرۇن، ئەتلىرى ئاپئاق قاشتېشىسىمان.
يەرگە تېگىپ سۆرۈلۈپ تۇرسا شۇڭدەك پوتىسى،
كاناپ كۆينەك پەشلىرى قايرىلىپتۇ ئىككى يان.
ئۇ چىدىرنىڭ ئالدىدا ئۆز تىلىدە سىۋىرلاپ،
كۆكرەك سىلاپ يەڭ شۇمۇپ چۈشتى ئۇسسۇلغا شۇئان.
قاش ئۇچۇرۇپ، كۆز ئېتىپ شىرداق كىگىز ئۈستىدە،
مارجان بۆكى يېنىدىن ئاقتى تەرلىرى راۋان.
يالتىرىدى ئۆتۈكى يورۇق چىراق ئالدىدا،
مەست كىشىدەك ئۆزىنى تاشلىغاندا ھەر تامان،
پىقىرىسا، تىز قويسا چۈشەر چالغان پەدىگە،
بەلگە قويسا قولىنى ئورغاق ئايغا ئوخشىغان.
(1)بىزچە بۇ يەردىكى تۈز «قەشقەر تۈز ئاھاڭى»(平调ياكى正律) مەنىسىنى بىلدۈرسە كېرەك.
(2)«تاڭ تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى» دېگەن كىتابنىڭ 33-جىلدىدا ۋە «لوياڭ كالەن»( Samgharama ) ناملىق كىتابتا ئاتەش سۇمۇرغ (火凤) سۆزىنىڭ ئەينى زاماندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭىنى «竝爱倾后室» دەپ يازغان. بۇ يالچىن قۇش دېگەن سۆزگە يېقىنلىشىدۇ. مۇزىكانت ئىسمىنى «قامۇسنامە»دە «پېيلور» دەپ يازسا، «تاڭ تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى»دا پېي شېنفۇ دەپ يازغان. ئۇ ناخۇن بېكىتىپ چېلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان («سىخەي»قامۇسىنىڭ 3881-بېتىگە قارالسۇن).
(3) دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيىنىڭ 220-ئۆيىگە تاڭ دەۋرىدىكى پىقىرىما ئۇسسۇلنىڭ رەڭلىك سۈرىتى سىزىلغان.(داۋامى بار)
[ بۇ يازماارامۇتتەرپىدىن2009-05-10 11:13دە قايتا تەھ ]