تۈركى تىلللار دىۋانىنى چۈشۈرىۋېلىڭ
تۇركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىگىنىڭ تەكلىپى بىلەن UNESCO (united nations Educational scientific and cultural organization, ئۇيغۇرچىسى: بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت بىرلىگى) 2008 - يىلىنى مەھمۇت قاشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتتى. 2007- يىلىنى مەۋلانا يىلى ۋە 2009- يىلنى ھاجى بەكتاشى ۋە كاتىپ چەلەبى يىلى قىلىپ بېكىتتى.
4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگە قەدەر، قىرغىزىستاننىڭ مەركىزى بىشكەك شەھىرىدىكى " ئاتا-تۇرك ئۇنىۋەرىسىتىتى"دا،تۈركىيە تۇرك دۇنياسى مەركىزى ۋە قىرغىزىستان مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ھەمكارلىغىدا ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ۋە تۇرك دۇنياسىنىڭ تىل-ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى توغرىسىدا خەلتئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئوتكۇزۇلدى.
تور خەۋەرلىرىدىن
" تۇركى تىللار دىۋانى " يېزىلغىنىغا 900 يىل بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تارقاتقان خاتىرە ماركا
تور بېتىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتىنىڭ 2008- يىلىنى قوللاش ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ تور بېتىمىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگىنىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇلۇغ ئالىم، بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرىنىڭ " تۈركى تىللار دىۋانى " ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنىڭ ئۈچىلى تومىنى سايىلەپ PDF فورماتىدا ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق. تورداشلارنىڭ بۇ ھېيتلىق سوۋغىمىزنى ئاز كۆرمەي كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قوبۇل قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمۈت قىلىمىز
ھېيت ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەش ۋاقتىنچە توختىتىلدى، لھزىم بولغانلارغا چۈشۈرىۋالغان تورداشلار تەمىنلەپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن بوشلۇققا يوللاپ چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىنلەش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ ۋە قارشى ئېلىنمايدۇ. مۇنبىرىمىز داۋاملىق سوۋغات بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمدى دىققىتىڭىز نورۇزلۇق سوۋغىمىزدا بولسۇن.
ھۆرمەت بىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى