بۇ بەتتىكى تېما:يەرشارىلاشقان سەرمايە | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
tarim722
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 4028
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 21
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 123 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يەرشارىلاشقان سەرمايە

يەرشارىلاشقان سەرمايە
globalization يەرشارىلاشقان  سەرمايە  بولسا  ئىقتىسادنىڭ  يەرشارىلىشىنى  مەركەز يادىرو  قىلغان ،  ھەرقايسى  دۆلەت ، ھەرقايسى  مىللەت ، ھەرقايسى  رايونلارنىڭ  سىياسىي ، ئىقتىساد ،ھەربىي  ئىشلار  ،بىخەتەرلىك ،  تۇرمۇش  ياشاش  شەكىلى ،  قىممەت  قارشى ، كۆپ  قاتلاملىق  ئۆزئارا  مۇناسىۋەت  ،  تەسىر ،  ئۇچىرىشىش، قاتارلىق  كۆپ خىل  ئېلىمىنىتلىق  نەزەرىيە بولۇپ  تېخنىكا ،سىياسىي ،  ئىقتىساد ، قانۇن ،  باشقۇرۇش ، تەشكىللەش ، مەدەنىيەت ،  ئىدىيە  كۆز -قاراش ،  كىشلىك  ئالاقە  مۇناسىۋىتى ،  خەلقئارا ئالاقە  مۇناسىۋىتى  قاتارلىق  ئون  نەچچە  خىل  تەرەپلەرنىڭ  يەرشارىلىشىنى ئۆزئىچىگە  ئالىدۇ.
1171 -يىلى ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۇنيانىڭ گۈللەنگەن سودا مەركىزى بولغان ئىتالىيەنىڭ  ۋىنتىسىيەدە تۈنجى بانكىنىڭ قۇرۇلىشى يەرشارىلاشقان  سەرمايىنىڭ  باشلىنىشى  بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
globalization  يەرشارىلاشقان  سەرمايەنىڭ  بىرىنجى  باسقۇچى  1492 - 1800  يىل  ئارلىقى مەزگىلى . يەنى  ئىسپانىيەنىڭ  ئامىرىكا  قۇرۇقلىقىنى  بايقىشى ،  ئەنگىلىيەنىڭ  ھىندىستان  مۇستەملىكىسىگە  ئىگە  بولۇش  مەزگىلىدىن باشلانغان .
1820-ياكى 1825- يىلدىن  تاكى  2000-يىلغىچە  يەرشارىلاشقان  سەرمايىنىڭ  ئىككىنجى  باسقۇچى
2000-يىلدىن كىيىن  ھازىرغىچە ۋە  يەرشارىلاشقان  سەرمايىنىڭ  ئۈچىنجى  باسقۇچى
    يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا يەككە شەخىسلەرنىڭ يۇقرى كاپتال پايدىغا ئېرىششى مەقسىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، بۇ خىل يۇقىرى كاپىتالغا  ئېرىشىش قىمار خاراكتىرلىك دوغا تىكىش ھەركىتى ئارقىلىق رىئاللىقا ئايلانغان ۋە راۋاجلانغان. ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي  پۇل مۇئامىلە بازىرى بولغان پاي بازىرىدا پايچېكنىڭ بازار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشىشىنى  دۆلەت ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان ئاخبارات بەلگىلىگەن.يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات تارقىتىش ئارقىلىق  پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى پاي چېكنىڭ بازار باھاسىنى بېكىتىشدىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ  شەخسىي كۈچى ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى پاي چېكنىڭ بازار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشۈشىنى بېكىتىش ۋە  بۇ ئارقىلىق ئارلىقتىن يۇقىرى كاپىتالغا  ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي ھەركەتلەر نەتىجىسىدە پەيدا بولغان بولۇپ ، دەسلەپتە  يەككە ھالەتتىكى كاپتالىسىت ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان بولسا كىيىن ئوخشاش مەقسەتتىكى يۇقىرى كاپتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كاپىتالىستاللارنىڭ  ئورتاق ھەركەت قىلىشى ۋە پۇل ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي تەدبىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ غايەت زور يۇقىرى كاپىتالغا  ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كاپىتالىسلارنىڭ  قويۇق  چەمبەرچاس باغلانغان ئالاقىسى ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگىچە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن.
   ئەڭ ئاددى مىسال ئالساق:  1798 يىلى روستچىلىد جەمەتى ئەنگىلىيەدە ئۆز جەمەتىنىڭ تۈنجى بانكىسىنى قۇردى.1815يىلىغا كەلگەندە ، بەش ئاكا -ئىنى لوندون، فىرانكىفورت،ۋىينا، پارىژ ، نابلۇسلاردا  بانكىلارنى ئېچىپ دۇنيادىكى تۈنجى خەلىقئارالاشقان بانكىنى قۇرۇپ چىقتى.مۇشۇ يىللار تارىخىغا نەزەر سالساق ، 1815 يىلى ئەنگىلىيە ۋە ناپالىيون باشچىلقىدىكى فىرانسىيە ئوتتۇرىسدا ئۇرۇش بولدى . نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئەنگىلىيە ياكى فىرانسىيەنىڭ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىسىغا قىمار شەكىلىدە دو تىكتى . ئۇرۇش غەلبىسى ئاخباراتنىڭ بۇ قېتىملىق  قىمارنىڭ پايدا زىيىنىنى بېكىتىدىغان بولغانلىقتىن ، ياۋروپادا  تورلاشقان بانكا قۇرغان روسچىلىد جەمەتى ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئېرىشتى (ناپالىيون مەغلۇپ بولۇپتۇ)ۋە 6-19 -كۈنى دەرھال لوندون پاي بازىرىدا ساختا خەۋەر تارقاتتى(ۋېلىنتون  مەغلۇپ بولۇپتۇ) ، خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىلىپ كىشلەر بىردىنلا ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت زايومىنى سېتىۋالدى ، قايناق بازار كەيپىياتى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كىيىنكى بىر قانچە سائەتتىن كىيىن دۆلەت زايومى  5% چۈشتى .بۇ  ئەھۋاللارنى  سىرتتىن كۆزىتىپ تۇرغان روسچىلىد جەمەتىدىكىلەر  تىز سۈرئەتتە كىشلەر قولىدىكى  باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن زايومنى سېتىۋالدى. 6-21-كۈنى ئەتىگەن  ۋېلىنتون لوندونغا قايتىپ كەلدى ۋە 'سەككىز سائەتلىك ئۇرۇش ئارقىلىق ناپالىيون مەغلۇپ بولدى ، فىرانسىيە ئەمدى تۈگەشتى'دىگەن خەۋەرلەر تارقالدى . بۇخەۋەر لوندونغا روسچىلىد جەمەتىنىڭ خەۋىرىدىن بىر كۈن كىيىن يىتىپ كەلدى. ئەمما راسىت خەۋەر تارقالغاندا ئەنگىلىيە دۆلەت زايومى تىز سۈرئەتتە  ئۆستى (كىشلەر قولىدىكى زايوملارنى روسچىلىد جەمەتىگە سېتىۋېىتپ بولغان ئىدى) روسچىلىد جەمەتى بۇ قېتىملىق سودىدا 20 ھەسسە پايدىغا ئېرىشتى. يەنى ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مال مۈلىكى زايوم شەكلى ئارقىلىق كاپتالىست بولغان روسچىلىد جەمەتىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى.شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى شەكىلدىكى پۇل ئارقىلىق دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە دۆلەت پۇل مۇئامىلىسىنى كونتىرول قىلىپ ، دۆلەت ھۆكۈمەت مالىيەسىنى  قەرزگە بوغۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قارا پەردە ئارقىسىدىن كونتىرول قىلىش بارلىققا كەلدى.        
    ئەينى ۋاقىتىكى ئەنگىلىيە دۆلەت ھۆكۈمىتى تارقاتقان زايوم zf زايوم بولۇپ ، 1670يىلى ئەنگىلىيە خان  جەمەتى پادىشاھ تەرپىدىن تارقىتىلغان ، zfبولسا  بىر مىليون 200 مىڭ فونىستىرلىڭ نەق پۇل قىممىتىدىكى مەڭگۈلۈك زايوم بولۇپ ،يىللىق ئۆسۈمى 8% ، يللىق باشقۇرۇش ھەققى 4000 فونىستىرلىڭ ، يەنى ھەر يىلى پەقەت 100مىڭ فونىستىرلىڭ قىممىتىدىكى zf  زايومنى ، بىر مىليون 200 مىڭ فونىستىرلىڭ نەق پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ . 2005 يىللىق سىتاتىسكىغا قارىغاندا ،1695 يىلى 1مىليون 200 مىڭ  zfزايوم ،2005 يىلى 525مىليارد 900 مىليون  فونىستىرلىڭ بولغان بولۇپ ئەنگىلىيە  گ  د پ سىنىڭ  42.8% نى ئىگللىگەن . ) مانا بۇ نەق بولمىغان تەقلىدىي پۇل دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەسىدە بولماستىن ، كۆپ قىسىمى 300يىللىق تارىخدىن بۇيان تارقىتىلىپ شەخىسلەر قولىدا زور مىقداردا ساقلىنىپ قالغانلىقتىن ، ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مالىيەسىنى باشقۇرۇش ،دۆلەت سىياسىتىنى بەلگىلەش ھوقۇقلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان پۇل ئارقلىق شەخىستىن ئىبارەت كاپىتالىستلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ، پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇلىدىغان چوڭقۇر دۆلەت ۋە دۇنياۋىي خاراكتىرلىك يەرشارىلاشقان سەرمايىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ  مۇشۇ خىلدىكى zf  زايوملارنى ئەنگىلىيەدىن  150 يىل كىيىن ، 1815--1820 يىللاردىن باشلاپ تارقاتقان . نەتىجىدە يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى ئارقىلىق نەچچە يۈز يىللىق تارىخ جەريانىدا دۆلەت مالىيەسىنىڭ ئاستا -ئاستا شەخىسلەر قولىغا  ئۆتۈپ كېتىشى ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇلىدىغان چوڭقۇر دۆلەت ۋە ھازىرقى غايەت زور مىقداردىكى دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى بارلىققا  كەلتۈرگەن .  
   يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامىرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان تەسىرى
     ئىسپانىيەلىكلەر ئەڭ دەسلەپ ئامىرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىدى ، بۇ خەۋەر ياۋروپادا تارقالغاندىن كىيىن ، ئەنگىلىيەلىكلەر ئامىرىكىغا  سەپەر قىلدى ، ئەينى ۋاقىتتا ئامىرىكىدا تېخى ئالتۇن ،كۈمۈش كانلىرى بايقالمىغانتى ،پۇل ئەسلا يوق بولۇپ ، سودىدا پۇل ئارقىلىق ئوبورت قىلىنىش كەم ئىدى. ئەمما ئەنگىلىيەلىكلەر  دەسلەپكى ئىپتىدائىي  ئالماشتۇرۇش شەكىلى ئارقىلىق سودا پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرغان ئىدى.   ئامىرىكىنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان مۇشۇ يىللاردا  ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئامىرىكىدا  zf قەغەز پۇل تارقىتىش ئارقىلىق سودىدا ئوبورت قىلىشقا ئىشلەتتى، ئەمما 1763يىلى  بىنجامىن فىرانكىلىندەك  ئامىرىكىلىقلار بىز مۇستەملىكە زىمىن بولغاندىكىن ، بىز ئۆزىمىنىڭ ' مۇستەملىكە زايومى'مىزنى ئىشلىتىمىز  دېدى.شۇنداق قىلىپ  بۇ يېڭى پۇل ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭ ئامىرىكا مۇستەملىكىسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىۋەتتى.1764يىلى بۇ خىل رىئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغان ئەنگىلىيە بانكىرلىرى 'پۇل سوتى'ئارقىلىق ئامىرىكا مۇستەملىكىسىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قەغەز پۇلىنى تارقىتىشىنى چەكلىدى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ zf نى  ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە تىگىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئىشلەتتى.  بۇ يىللاردا  بىر مەزگىل راۋاجلانغان سودا پائالىيىتى كەينىگە چىكىندى، قىسقارتىپ ئېيتقاندا يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامىرىكا مۇستەملىكىسى زىمىنىدا مەجبۇرىي ھالدا پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى تالىشىش ۋە مۇستەملىكىلەرنى ئۆزىنىڭ 'مۇستەملىكە پۇلى'نى ئىشلەتكىلى قويماسلىقى نەتىجىسىدە ئامىرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتىلىدى . ئەينى يىلى 33 ياشلىق ' مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ يازغۇچىسى ' ئامىرىكىنىڭ ئۈچىنجى نۆۋەتلىك ئەلباشى توماس جېفىرسون ' ئامىرىكا خەلقى ئاخىر ئۆزىنىڭ دۆلەت پۇلىنى تارقىتىش ھوقۇقىنى كونتىرول قىلدى' دىگەن.
   ئالىكساندىر خامىلتون روسچىلىد جەمەتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتى بار شەخىس بولۇپ، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن (يەنى ھازىرقى دەۋردىكى پارە) .  1789 يىلى خامىلتون ئامىرىكىنىڭ مالىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1790 يىلى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كىيىن ، دۆلەت مەجلىسىدە ، ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭ شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى مەركىزى بانكىلىرىنىڭ ئامىرىكىدا  پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە مۇشۇنداق تەكلىپلەرنى بەرگەن.  ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى : شەخىسلەر ئىگىدارلىقىدىكى بانكىلار فىلادىلفىيەدە باش مەركىزى بانكا قۇرۇش ، باشقا رايونلاردا تارماق بانكا قۇرۇش، بانكا دۆلەت پۇلى ۋە زايوم تارقىتىش ،ئۆسۈملۈك zfتارقىتىش، يەنى ئومۇمىي پاي قىممىتى 10 مىليون ئامىرىكا دوللىرىلىق ، شەخىسلەر 80 % پايغا ئىگە ، ئامىرىكا 20% پايغا ئىگە بولۇش .1791-12 -ئايدا ، خامىلتوننىڭ بۇ لاھىيەسى دۆلەت مەجلىسىدە  39:20 ئاۋاز بىلەن تەستىقلاندى . ئەينى يىللىرى جېفىرسون دۆلەتنىڭ پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى شەخىسلەر  كونتىرول  قىلىشقا قاتتىق قارشى تۇردى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق كۆرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاشىڭگىتون 1792-2-25-كۈنى  ئامىرىكا مەركىزىي بانكىسىنى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىمزا قويدى ، بانكىنىڭ مۆھلەت ۋاقتى 20 يىل قىلىپ بېكىتىلدى. خەلىقئارالاشقان بانكا بولغان روسچىلىد جەمەتى بانكىسى 1811-يىلغىچە ، 10مىليونلۇق پاينىڭ شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغان 80 % پېيىنىڭ 70%نى يەنى 7مىليونلۇق پاي قىسىمىنى تولۇق ئىگەلىۋالدى.توماس جېفىرسون ئەلباشىلىققا سايلانغاندىن كىيىن دكلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇش شەكىلى ئارقىلىق 1811-3-3 -كۈنى ئامىرىكىدىكى بىرىنجى بانكىنى تاقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن 'پۇل تارقىتىش ھوقۇقى'دىن كىيىن ئامىرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى يۈز بەرگەن بولسا، پاينى ئەنگىلىيە بانكىرلىرى كونتىرول قىلىۋالغان بانكىنىڭ تاقىلىشىدىن كىيىن 1812 - يىلى ئەنگىلىيە - ئامىرىكا ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولدى. 3يىللىق ئۇرۇشتىن كىيىن  روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئەسلىدىكى بانكىدىكى بايلىقى ھەممىسى قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى. 1816-قايتىدىن ئامىرىكا ئىككىنجى بانكىسىنى قۇردى . پاي شەكىلى يەنىلا خامىلتوننىڭ ئىدىيىسىنى ساقلاپ قالدى.لىكىن ئەنگىلىيە بانكىرلىرى zf ئارقىلىق ئامىرىكىنى كونتىرول قىلىش قەدىمىنى توختاتمىدى. 1845- روسچىلىد جەمەتى ئاخىر يەنە بىر قېتىم ئامىرىكىنىڭ ئىككىنجى  بانكىسىنى  ئۆز كونتىروللۇقىغا ئالدى.1860 يىللاردىكى ئامىرىكا جەنۇپ شىمال ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ دەل  ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ، توقۇمچىلىق فابىرىكا خوجايىنلىرى ، ئىكىنزارلىق خوجايىنلىرىنىڭ  شىماللىقلارنىڭ  ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى چىقىشىدىن كېلىپ چىقتى. بۇ يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامىرىكا تارىخىدا پەيدا قىلغان ئۈچىنجى قېتىملىق ئۇرۇشى بولۇپ ،600 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جەنۇپ شىمال ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كىيىن لىنكولىن يېڭى نۇسخىدىكى پۇل تارقىتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا قويدى ، بۇنداق بولغاندا 1812- يىلدىكى بىرىنجى قېتىملىق ئامىرىكا بانكىسى تاقالغان ۋاقىتتىكىدەك ئەنگىلىيە بانكىرلىرى  ئۆزلىرى ئىگە بولغان zf تىن  مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيتى . شۇنىڭ بىلەن يەرشارىلاشقان سەرمايە بولغان ئەنگىلىيە بانكىرلىرى (جەنۇب شىمال ئۇرۇشىدىكى ئامىرىكا جەنۇبلۇقلىرى )سەنئەتكار جون ۋىلكىس بوسنى  ياللاپ لىنكولىننى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋىتىش ئارقىلىق  يېڭى پۇل تارقىتىش سىياسىتىنى بىكار قىلدى.(لىنكولىننىڭ  يېڭى پۇل سىياسىتىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن بەكلا تۆۋەن ئىدى)
ئامىرىكا  مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ، جەنۇب شىمال ئۇرۇشى ،  1837،1857،1907،1929،  يىللاردىكى ئامىرىكىغا ۋە  لىنكولىن ، كىننىدى  قاتارلىق  يەتتە نەپەر ئەلباشىنىڭ  قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىشىگە ۋە قايسى  دەۋرلەردىن باشلانغان ئامىرىكا ئەلبەشىنىڭ  سايلىنىشىغا  نەچچە يۈز مىليون ئامىرىكا دوللىرى سەرپ قىنىشقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، مانا  بۇ  ھادىسىلەرنىڭ  ھەممىسى يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان ئەنگىلىيە كاپىتاللىرىنىڭ يەنى يەرشارىلاشقان  سەرمايىنىڭ ئامىرىكىدا  پۇل تارقىتىش ھوقۇقى ۋە  zf , ئامىرىكىنىڭ دۆلەت زايومىنى ئىگللەش ، پۇل  سىياسىتى ئارقىلىق دۆلەتنى قارا پەردە ئارقىسىدىن كونتىرول قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر قانداق قىلىپ نەچچە تىرلىيون غايەت زور  قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان دىسەك ، دەل يۇقىرى كاپتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كاپىتالىستلارنىڭ  شەخسىيلەر ئىگىدارچىلىقدىكى مەركىزىي بانكىلار ئارقىلىق  دۆلەتكە  ۋاكالىتەن  دكلەت زايومى ۋە  zf  تارقىتىپ بېرىشى ۋە  بۇ خىل يۇقىرى ئۆسۈملۈك مەڭگۈللۈك zf لارنى  ئۆز كونتىروللىقىغا  ئېلىۋېلىشى نەتىجىسىدە 200 --300 يىل ئىلگىرىكى  ئىگەللىۋالغان  zf لارنىڭ  قىممىتى ئۆسۈپ بۈگۈنكى كۈندىكى نەچچە  تىرلىيون  دۆلەت ھۆكۈمەت  قەرزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ..
ئىقتىسادنىڭ  يەرشارىلىشى   تەرەققىي  قىلىپ   تويۇنۇپ  قېلىش  دەرىجىسىگە  يەتكەن  ،يىتەرلىك  بازار  ئېھتىياجى  بولمىغان  تەرەققىي  قىلغان  كاپىتالىستىك  دۆلەتلەرنىڭ  ئۆزلىرىگە   يېڭى  بايلىق  مەنبەسى  ئىزدەش  ، ئىشلەپچىقارغان  مەھسۇلاتلىرىغا  ۋ ە  ئىشلەپچىقارماقچى  بولغان  مەھسۇلاتىلىر ىغا  بازار  ئېھتىياجى  يىتىشمىگەنلىكتىن  يېڭى  سودا  بازىرى  ئىزدەش ، ئۆزلىرىنىڭ   ھەربىي  قورال  ياراقلىرىنى  تەجىربە  سىناق  قىلىش  ئۈچۈن  رايون  ئىزدەش  ئۈچۈن  بارلىققا  كەلگەن  نەزەرىيە .ئىقتىسادنىڭ  يەرشارىلىشى   بۈگۈنكى  كۈندىكى  نەزەرىيە  بولماستىن  غەرب  كاپتالىزىمىنىڭ  ئۇزۇن  يىللاردىن  بېرى  ئوينىغان  سىياسىي  ئويۇنىنىڭ  ئەمەلگە  ئاشقاندىن  كىيىنكى   كۆرىلىۋاتقان  نەتىجىسى  .
(جوڭگونىڭ  ئۆزىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ  كۆز قارشى  ) تارىخقا نەزەر سالساق : سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ، روبىلىنىڭ قىممىتى ، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە بورىنى، 'تۆت كىچىك ئەجدىھار' نىڭ گۈللىنىشى ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىدا بىز ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاندۇقمۇ ؟ بۇ بىر تاسادىپىيلىق ياكى ماس كېلىشمۇ ؟  ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، پەردە ئارقىسىدىكى  ھەققىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ كىم؟  كىم كىلەركى نۆۋەتلىك قەستلەنگۈچى بولۇشى مۇمكىن ؟  يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە خادىمى ۋە ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ، ياۋروپادىكى بانكىرلارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىشى ،بۇلارنىڭ  سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق ؟ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ  يىمىرىلىشنى سىياسىي ئىنقىلاب ياكى پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى بېكىتكەن؟  ....

ئەنگىلىيە يەرشارىلاشقان سەرمايە تەرەپدارلىرى ئامىرىكىدا زايوم تارقىتىش ، zf تارقىتىش ، پۇل تارقىتىش ھوقۇقىغا قايتا --قايتا ئۇرۇشلارنى قىلىپمۇ ئېرىشگەلمىگەندىن كىيىن ،   .1861 يىلى كاناداغا 8000 ئەسكەر يۆتكەپ كەلدى ۋە جەنۇبتىن ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ ، شىمالىي قىسىمدىكى لىنكولىننىڭ تارقاتقان zf  تەھدىد سالدى ، 1862- ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، ئىسپانىيەلەرنىڭ ئارمىيەسى مېكسىكىدا قۇرۇقلۇققا چىقتىۋە جەنۇبىي قىسمىغا توپلاندى. 1863- فىرانسىيە ئارمىيەسىنى 30 مىڭغا كۆپەيتىپ مېكسىكا شەھرىنى ئىگەللىدى. مۇشۇ  ۋاقىتلاردا  ئەنگىلىيە بانكىرلىرى لىنكولىنغا شەرتلىك تەلەپنى قويدى . ئەسلىدىكى ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ئىگە بولغان zfنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 24% تىن 36% كە  ئۆستۈرۈپ بېرىش تەلىپىنى قويدى . لىنكولىن بۇ تەلەپنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ ئەنگىلىيە بانكىرلىنى ئامىرىكىدىن ئايرىلسۇن دىدى. نەتىجىدە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان جەنۇبتىكى ئارمىيەلەر بىلەن لىنكولىن باشچىلىقىدىكى شىمالدىكى ئارمىيەلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ ، ئامىرىكا تارىخىدىكى جەنۇب شىمال ئىچكى ئۇرۇشى يۇز بەردى . پۇل بولمىسا ، ئۇرۇشنى قىلغىلى بولمايدۇ ، بۇ پۇلنى خەلقئارالاشقان بانكا روسچىلىد جەمەتى بانكىسىدىن قەرز ئالسا ئۆزىنىڭ توزاققا چۈشىدىغىنى بىلگەن لىنكولىن  ئەسلىدىكى zfنى بىكار قىلىپ ، يېڭىدىن لىنكولىن zfتارقاتتى. جەنۇب شىمال ئۇرۇشى دەۋرىدە لىنكولىن 20 يىللىق مۆھلەت بىلەن ، يىللىق ئۆسۈمى 5% بولغان ئومۇمىي قىممىتى 450 مىليون  ئامىرىكا دوللىرىلىق يېڭى zfتارقاتتى. جەنۇب شىمال ئۇرۇشى بولىۋاتقان ئامىرىكا پارچىلىنىپ ياۋروپالىقلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيىتلەردە لىنكولىن 7مىليون 200 مىڭ  ئامىرىكا  دوللىرى بەدىلىگە لىۋىسكىي باشچىلىقىدىكى روسىيە ئارمىيەسى بىلەن سودىلاشتى .1863-9 -24 -كۈنى روسىيە ئارمىيەسى نىيويورىك پورتىغا يىتىپ كەلدى. 10-12 - كۈنى سان فىرانسىسكوغا  باردى. ئاخىر ئۇرۇش لىنكولىننىڭ روسىيە ئارمىيەسىگە 7مىليون 200 مىڭ ئامىرىكا  دوللىرى تۆلەم بېرىپ  شىماللىقلارنىڭ  غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. (قىسقارتىپ ئۆتۈپ كەتسەك ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن يەرشارىلاشقان سەرمايە تەرەپدارلىرى 1867 يىلى  روسىيەنىڭ  بۇ نۆۋەتلىك  ھەربىي  گېنىرالىنى قەستلىدى ، ئەمما تەلىيىگە ئۆلمەي قالدى ، 1881 -يىلى  مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا جەھەنەمگە يولغا سالدى.) شىمال ئارمىيەسى غەلبە قىلغاندىن كىيىن لىنكولىن شىمالدىكى نىگىر قۇللارنى ئازاد قىلدى ، كاپىتللارنىڭ   ئىكىنزارلىقلىرىدا ھەقسىز ئىشلەيدىغان نىگىر قۇللار يوق بولدى ، ئەنگىلىيە بانكىرلىرى يۇقىرى ئۆسۈمگە ئىگە بولالمىدى ۋە  ئەسلىدىن ئىگە بولغان zf  لىنكولىننىڭ يېڭى پۇل سىياسىتىدە  قۇرۇق قەغەز بولۇپ قالدى ،شۇ سەۋەب ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئىكىنزار خوجايىنلىرى لىنكولىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتتى. لىنكولىن ئۆلگەندىن كىيىن ، يىڭى ھۆكۈمەت دۆلەت مەجلىسىدە ئۇرۇش يىللىرىدا تارقىتىلغان ئومۇمىي مىقدارى 400 مىليون ئامىرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى لىنكولىن zf نى بىكار قىلدى ، ئەنگىلىيە بانكىرلىرىنىڭ 24%لىك ئۆسۈمنى 36% كە ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئامىرىكا  zf سىنى ( United  States Notes)  يەنە بىرخىل ئاتىلىشى  Greenback   يېشىل پۇل تارقاتقان بولۇپ ، لىنكولىن يېشىل پۇلى 1994 -يىلغىچە ئامىرىكىدا ئوبورت قىلىنغان. مۇشۇ جەنۇب شىمال ئۇرۇشىدا لىنكولىن يېشىل پۇلغا تايىنىپ غەلبە قىلدى ، 1863- يىلى ئامىرىكا دۆلەتلىك بانكا قانۇنىغا ئىمزا قويدى .مانا بۇ قېتىملىق ئىمزالانغان ئامىرىكا دۆلەتلىك بانكا قانۇنى  لىنكولىننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر خاتالىقى بولۇپ ، ئۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئامىرىكىنىڭ  غايەت زور مىقداردىكى دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى پەيدا قىلدى. يەنى ئامىرىكا بانكىسى تارقاتقان zf  ئۆسۈملۈك ۋە مەڭگۈلۈك zf  بولىدۇ. خەلقئارا بانكىرلار  ئەنگىلىيەنى قەستلىگەنگە ئوخشاش ئۇسۇلدا  ئامىرىكىنىمۇ قەستلىدى. ئۇلار ئامىرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ تۇرىدىغان zf لىرىغا ئىگە بولغان . 2006 يىللىق سىتاتسىكىغا قارىغاندا ،10تىرلىيون ئامىرىكا دوللىرىلىق zf قا ئىگە بولغان بولۇپ ،ھازىر  ھەر سىكۇنتىغا 20مىڭ ئامىرىكا دوللىرىلىق  سۈرئەتتە ئۆسۈپ ماڭماقتا .
1910-11-22-كۈنى كىچىدە ، ئامىرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بانكىرلىرى بىر مەخپىي پويىزغا چىقىپ جەنۇبتىكى گىئورگىيە شىتاتىنىڭ جېكىي ئارىلىغا يىتىپ كەلدى. جېكىي ئارىلى بولسا ئامىرىكىنىڭ پۇل ماگىناتلىرى قىش پەسىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىگەللىۋالغان زىمىن ئىدى.   JP Morgan Chase Et CO (يەنى ھازىرقى ئامىرىكىدىكى دۇنيادا بەشىنجى ئورۇندىكى چوڭ بانكا ) دىكىلەر جېكىي ئارىلىدا بىر ئوۋ ئوۋلاش كۇلۇبى قۇرغان .يەرشارىدىكى 6\1 ئۈلۈش بايلىق مۇشۇ كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ ،ئەزالىق سالايىتى مىراس قالىدۇ ،لىكىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىلمەيدۇ. كۇلۇپنىڭ قائىدىسى : كۇلۇپنىڭ مۇلازىمەتچى خادىملىرى باشقا قۇرۇقلۇقتىن تاللاپ كېلىنگەن ، كۇلۇپ ئەزالىرى  2 ھەپتە ئەتىراپىدا كۇلۇپتا تۇرىدۇ .كۇلۇپ ئەزالىرى كۇلۇپقا كەلگەندە ئۆز ئىسىم فامىلىسىنى ئىشلەتمەيدۇ ۋە باشقا ئىسىم ئىشلىتىدۇ . 50 ئىنگىلىز مىلى دائىرە مۇخىبىرلاردىن خالىي قىلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق مەخبىي يىغىنغا  مورگان  jp  نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ، نىيويورىك بىرىنجى دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ لىدىرى،روكفىللىر جەمەتدىكىلەر، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ۋەكىلىرى قاتارلىق  پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كىشلەر يىغىلغان بولۇپ ، بۇلار Federal  Reserve  Act  فىدىراتسىيە زاپىسى لاھىيەسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان.
paul warburg  پائۇل ۋاربۇرگ  گېرمانىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن يەھۇدىي بولۇپ ، kuhn loeband company  شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ ، بانكا كەسپى بىلىمى مول ،  بۇقېتىملىق لاھىيەنىڭ يازغۇچىسى ۋە چۈشەندۈرگۈچىسى بولغان. nelson  aldrich  نىلسون  بولسا  national  monetary  commission  نىڭ رەئىسى بولۇپ ، روكفىللىر جەمەتدىن ، بۇ پىلان ئوخشاش بولمىغان بانكا گوروھىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا لاھىيەلەنگەن ۋە دۆلەت مەجلىسىدە 9 كۈنلۈك تالاش --تارتىش ئارقىلىق  يولغا قويۇلۇش تەستىقلانغان. بۇ قېتىملىق بانكىرلار پىلانىدىن كىيىن ئامىرىكا مەركىزىي بانكىسىمۇ ئەنگىلىيەنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، پۈتۈنلەي  خۇسۇسىيلاشقان. دۆلەت زاپىسىدىكى ئەسلىدىكى 20% لىك zf مۇ بىراقلا خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بانكا كىرزىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن پۇقرالار بانكىرلاردىن نارازى بولغان ، ئەمما نارازىلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلىيەلمىگەن ، ئامىرىكىنى ئوتتۇرا شەرقىي قىسىم ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ئوتتۇرا قاتلام ئۇششاق كارخانچىلار ۋە كىچىك بانكىرلار بۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىمىغان . شۇنىڭ بىلەن پائۇل قايتىدىن بىر لاھىيە تۈزگەن ،ئۇلار ئوخشاش بولمىغان نامدىكى نۇرغۇنلىغان بانكىلار ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى پايدىغا ئىگە بولغۇچى پەقەت  ئۆزلىرىلا بولىدىغان كىشلەر ئاسان چۈشىنەلمەيدىغان ، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلا چۈشىنىدىغان بىرخىل لاھىيەنى تۈزۈپ چىققان ، مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ يەرشارىلاشقان سەرمايە  بولغان خەلقئارالاشقان بانكىرلار  دۆلەت مەجلىسى (پارلامىنىت) گە سىڭىپ كىرىپ ئەلباشىنىڭ بېكىتىلىشىنى بەلگىلەش، پۇلنىڭ تارقىتىلىشىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئېلىۋالغان. ۋال كوچىسىدىكى 1910- يىللىق جىكىي پىلانىغا قاتناشقان بانكىرلار ئامىرىكىنىڭ زور كۆپ قىسىم بايلىقىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ ، بۇلار روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئەنگىلىيەدە بانكا قۇرۇپ غايەت زور كىرىمگە ئېگە بولۇشىنى ئامىرىكىدا قايتىدىن ئوخشاش تەقلىد قىلىپ ئورۇنداپ چىقتى.  بۇ قېتىملىق مەخبىي يىغىنغا قاتناشقان مورگان jp نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ، نىيويورىك بىرىنجى دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ لىدىرى،روكفىللىر جەمەتدىكىلەر، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ۋەكىلىرى قاتارلىق  پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كىشلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ  ھەممىسى ئامىرىكىنىڭ تارقاتقان zf لىرىنى  بارا -- بارا يىغىۋېلىپ  zf زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرۇپ  ۋە مونوپۇل  سودا تىجارىتى ئارقىلىق  ۋال كوچىسىدا  باش كۆتىرىپ چىققان پۇل ماگىناتلىرى ..
1907-يىلدىكى بانكا كىرزىسى ۋە جىكىي پىلانىدىن كىيىنكى پۇل مۇئامىلە مونوپۇللۇقى ئامىرىكىدا خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارشىلىقىغا ئۇچىرىدى. پىرىنسىتون ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى ۋىلسون ۋال كوچىسىدىكى خەلقئارا بانكىرلارنىڭ پۇل مونوپۇللۇقىغا قارشى كىشلەرنىڭ داڭلىقلىرىدىن بىرى ئىدى. New York Country City Bank بانكىسىنىڭ باش لىدىرى frankvandelip فىرانىك ۋىلسوننى بىر قېتىملىق كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ ، قاتناشقۇچىلار  روكفىللېر جەمەتىدىكى نىلسون بىلەن بىرگە مۇنبەردە نۇتۇق سۆزلەشكە كۆرسەتكەندە كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ۋال كوچىسىدىكى خەلقئارا بانكىرلار  ۋىلسوندىن ئىبارەت بۇ مەيدانى مۇستەھكەم  ،پۇل مونوپۇللۇقىغا قارشى بولغان خەلق بىلەن ئوخشاش ئىدىيەدىكى شەخىسنى سىياسىي كوزۇر نامزات قىلىپ تاللايدۇ . New York Country City Bank بانكىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ClevelandDodge كېلىۋلەنىد ۋىلسوننىڭ پىرىنسىتون ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ساۋاقدىشى بولۇپ ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ۋىلسوننى قارا پەردە ئارقىسىدا قوللاپ ، ۋىلسوننىڭ سىياسىي سايلام رىقابىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پۇلىغا ئىئانە شەكىلىدە پوچتا ئارقىلىق پۇل يوللىنىدىغان ھالەتتە ۋىلسونغا  New York Country City Bank  بانكىسىدىن بىر ھېسابات نومۇرى ئېچىپ بېرىدۇ . ئەمما سايلاپ رىقابىتى ئۈچۈن ئىئانە قىلىنغان پۇللارنىڭ 3\2قىسىمى جىكىي پىلانىغا قاتناشقان ۋال كوچىسىدىكى يەتتە نەپەر خەلقئارا بانكىرلار تەرىپىدىن ئەۋەتىلىدۇ. ۋىلسون دەسلەپ New Jersey state يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولۇپ ،ئەلباشىلىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدۇ . ئەلباشىلىق سايلام رىقابىتىگە ۋىلسون ،قېرى روزىۋېلىت، تافۇتىلار قاتناشقان بولۇپ ، بۇلارنىڭ سايلام رىقابىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىقتىسادنى يەنىلا ۋال كوچىسىدىكى خەلقئارا بانكىرلار تەمىنلىگەن بولۇپ ، ئۇلار باشقۇرۇش كونتىرول قىلىش ئەڭ ئاسان دەپ قارىغان ۋىلسون ئەلباشىلىق نامزاتى قىلىپ كۆرستىپ ئۇنى سايلامدا تولۇق غەلبە قىلغۇزۇش ئارقىلىق تارىختىكى تۈنجى قېتىملىق پۇل سىياسىتى ئارقىلىق ئامىرىكا ئەلباشىنى بېكىتىش سىياسىي ئويۇنىنى ئويناپ چىققان. ۋىلسون دىموكراتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتى. دىموكراتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى  بولسۇن ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى بولسۇن ئوخشاشلا ۋال كوچىسىدىكى  خەلقئارا بانكىرلارنىڭ سايلام رىقابىتىنى پۇل ئارقىلىق كونتىرول قىلىشىدىن ئايرىلالمىغان. ۋىلسون ئەلباشى بولۇپ سايلانغاندىن كىيىنمۇ خەلقنىڭ ۋال كوچىسىدىكى بانكىرلارنىڭ پۇل مونوپۇللۇقىغا قارشى نارازىلىقى توختىمىغان ، ۋەزىيەت  zf ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە ، zfقا پايدىسىز بولغان. شۇنىڭ بىلەن 1913-10-23-كۈنى روكفېللىر جەمەتىدىكى نىلسون  Nation دۆلەت گېزىتىدا zf بىلەن مۇناسىۋەتسىز  بولغان دۆلەت مەركىزى بانكىسى پۇل تارقىتىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان . ۋىلسون zf بىلەن پۇل مۇناسىۋەتسىز بولغاندىكىن ۋال كوچىسىدىكى بانكىرلارنىڭ پۇل مونوپۇللۇقىغا مۇشۇ  ئۇسۇلدا زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.9-18 كۈنى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 287\85 ئاۋاز بىلەن بۇ پىلاننى يولغا قويۇش تەستىقتىن ئۆتكەن.بۇ پىلان مۇۋاپىقىيەتلىك تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن 12-20 كۈنى ۋال كوچىسىدىكى خەلقئارا بانكىرلار ئۆز ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن روجىستىۋو  مەزگىلىدە ، سوت ئارقىلىق ئېنىق قارار چىقىرىلمىغىچە ئارام ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھۆكۈمەتنى قىستىغان. نەتىجىدە سوت Federal Reserve رايونلۇق بانكىلارنىڭ سانى ،  ئېنىق پۇل زاپىسى ، ئالتۇن Reserve نىڭ نىسبىىتى ، دۆلەت ئىچى  خەلقئارا سودا مەركىزىدىكى پۇلنى ھېسابلاش مەسىلىسى،  Federal Reserve تارقاتقان پۇل سودا بانكىسىنىڭ زاپىسىدىكى ئالتۇن ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولامدۇ بولمامدۇ، zf بىلەن  Federal Reserve  تارقاتقان پۇلنىڭ  نىسبىتى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارار چىقارغان.يەنى ۋال كوچىسىدىكى خەلقئارا بانكىرلار خەلقنىڭ قارشىلىقى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى سوت ئارقىلىق قانۇنلاشتۇرغان.  بۇ قانۇن لاھىيەسى بىر كۈندىن كىيىن  دۆلەت مەجلىسىدە 43\25 (27 ۋاز كەچكەن) بىلەن تەستىقتىن ئۆتۈپ 12-23 ۋىلسون بۇ قانۇن لاھىيەسنى تەستىقلىغان. بۇ قانۇن لاھىيەسى ماقۇللانغاندىن كىيىن 1914-5- ئايدا نىيويورىك بانكىسى بىر سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغان بولۇپ ،Federal Reserve تارقاتقان ئومۇمىي پاي زاپىسى 203053 . روكفېللېر جەمتى ئىگىدارچىلىقىدىكى New York Country City Bank  ئوتتۇزمىڭ  پايغا ،  JP Morgan Chase Et CO   ئون بەش مىڭ پايغا ، پائۇل ئىگىدارچىلىقىدىكى NationalBankofCommerceofNewYorkCity  يىگىرمە بىر مىڭ پايغا ، روسچىلىد جەمەتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى HanoverBank ئونمىڭ ئىككى يۈز پايغا، chasenationalbank  ، chemicalbank  ئالتە مىڭدىن پايغا ئىگە بولغان. بۇلارنىڭ ئومۇمىي ئىگە بولغان پېيىنىڭ قىممىتى 143 مىليون ئامىرىكا دوللىرى بولۇپ ، 1949- يىلغا كەلگەندە  45 مىليارد ئامىرىكا دوللىرىغا ئۆسكەن. روسچىلىد جەمەتى ئىگىدارچىلىقىدىكى خەلقئارا بانكىرلار ۋە ۋال كوچىسىدىكى خەلقئارا بانكىرلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئامىركا Federal Reserve نى  قەستلەپ پۇل ئارقىلىق سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ھۆكۈمەتنى قەرزگە بوغۇپ قويۇشى ، جىكىي پىلانىدىن كىيىنكى بۇ قېتىملىق پىلاننىڭ ساختىلىققا تولغانلىقىدىن نارازى بولغان ئامىرىكا Federal Reserve  سى 1914-10-25-كۈنى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى 1812- يىلدىكى ئەنگىلىيە -ئامىرىكا ئۇرۇشى ، جەنۇپ شىمال ئۇرۇشىدىن  كىيىنكى دۇنيا خاراكتىلىك بولغان بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغان.  بىرنجى دۇنيا ئۇرۇشى  ئامىرىكا Federal Reserve  نىڭ خەلقئارا بانكىرلارنىڭ  پۇل سىياسىت ئارقىلىق دۆلەتنى ئىگەلىۋېلىشىدىن كېلىپ چىقتى ، ئەمما ئۇرۇش قىلىشقا پۇل كېرەك ،ئۇرۇش قانچىلىك چوڭ بولسا ئۇرۇشقا كىتىدىغان پۇلمۇ شۇنچە  كۆپ بولىدۇ، ئامىرىكا Federal Reserve  نىڭ ۋە ياۋروپانىڭ  پۇل بېسىپ تارقىتىش ھوقۇقى يوق ،بۇ ئاللىقاچان قانۇنلىشىپ بېكىتىلىپ بولغان ، شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكا  ۋە ياۋروپا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى يەنە قايتىدىن خەلقئارا بانكىدىن زور مىقداردا قەرز ئالغان. دۆلەت ھۆكۈمەت ئارمىەيلىرىگە تايىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ زىمىن ۋە بايلىقلىرىنى ئىگەللەش شەكىلى ئارقىلىق خەلقئارا بانكىرلار بىلەن سودىلىشپ مۇشۇ خىل شەكىلدە دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلدى . شۇنىڭ بىلەن  دۇنيادىكى ئۇنۋېرسال ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئەمما خەلقئارا بانكىرلارغا  تاشقى قەرزى زىيادە كۆپ بولغان دۆلەتلەر  ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە بايلىق ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ بايلىق زاپىسى مول بولغان رايونلارغا قاراپ ئۇرۇشقا ئاتلاندى .  ئەسلى پۈتۈن دۇنيانى بۆلىشىۋېلىپ ، بايلىق ۋە يەر زىمىن ئارقىلىق قەرزنى قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش  كۈچ تەرەپدارى بولغان گېرمانىيەنىڭ  ئېمپىرىيە قۇرۇش ئارزۇسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشى بىلەن مەنپەئەت جەھەتتىن توقۇنۇشۇپ  دۇنيانى بۆلىشىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇش ئەكىسچە  گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشقا  ئايلىنىپ ، ئاخىرىدا  ھەربىي  جەھەتتىن ھالسىرىغان مەغلۇپ بولغان گېرمانىيەدىن  تۆلەم تۆلىتىۋېلىش شەكىلى ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش بىلەن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشتى.
.....
1918-11-11-كۈنى  بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشتى . ئۇرۇش رەسمى شەرتسىز ئاياقلاشقان بولماستىن ، ئەكىسچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشقا ئاجىراتقان ھەربىي چىقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ، ئىقتىسادنىڭ خورىشىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى . ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامىرىكا  قاتارلىق  دۆلەتلەر دۆلەت ھۆكۈمەت  قەرزىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ  زىمىن ۋە بايلىقىنى ئىگەللىۋېلىپ يەرشارىلاشقان سەرمايە بولغان خەلقئارا بانكىرلار بىلەن سودىلىشىش ئارقىلىق دۆلەت تاشقى قەرزىنى قايتۇرماقچى بولغان  ۋە مۇشۇ خىل ئۇرۇش قىلىپ دۇنيانى بۆلىشىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى قۇتقۇزماقچى بولغان ، لىكىن مەقسەتكە يىتەلمىگەنلىكتىن     گرمانىيەنىڭ 13% زىمىنى بۆلىۋېلىش ، گېرمانىيە  32 مىليارد  ئامىرىكا دوللىرى تۆلەم  تۆلەش ، ھەريىللىق ئۆسۈمى  500 مىليون ئامىرىكا دوللىرى ئۆسۈم تۆلەش  ، 20  يىل  ۋاقتىنچە ئۇرۇش قىلماي ئارام ئېلىپ  تۇرۇشتەك  شەرت  ئاستىدا  گېرمانىيەنىڭ  شەرتنامىگە قول قويىشى بىلەن  بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى ، ئەمما  20  يىلدىن كىيىن قايتىدىن  كۈچلىنىپ  ئىككىنجى  دۇنيا  ئۇرۇشىنى قوزغاپ  ئاجىز  دكلەتلەرنى قايتىدىن  بۆلىشىۋېلىش  شەرتنامە  ھالىتىدە  مەخبىي ئىمزالاندى ۋە  ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا  تەييارلىق  قىلىندى.  بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەلقئارا بانكىرلار  ئۇرۇش مەزگىلى قەرز پۇلى تارقىتىش ئارقىلىق غايەت زور مىقداردا  كاپتالغا ئىگە بولدى. 1927-يىلى بىنجامىن مورگەن ۋە  kuhn loeband company  قوللىشى ئاستىدا  نىيويورىك بانكىسىنىڭ لىدىرى ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ، خەلقئارا بانكىرلار ئۇنىڭغا ئامىرىكا بانكىلىرىنىڭ  ئۆسۈمىنىڭ ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشىنى مەسلەھەت كۆرسىتىپ مەخبىي خەت يازغان بولۇپ ، بۇ پىلان ئىجىرا قىلىنغاندىن كىيىن  ،ئۇرۇش ئامىرىكا زىمىنىدا بولمىغانلىقتىن ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇرۇش  رايونلىرىدىكى  ئوتتۇرىھال ئۇششاق  بۇرژۇئازىيەنىڭ  ئامىرىكىغا كىلىپ ئامىرىكىنى گۈللەندۈرۈش  ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى . دۆلەت ئىچى تىپتىنىچ بولغان ئامىرىكا مۇھىتى يارىتىش ، دۆلەت سىرتىدا ئۇرۇش قىلىش  ئارقىلىق  تا بۈگۈنكى كۈنگىچە  بولغان  بارلىق  كىشلەرنىڭ  تىپتىنىچ  ئۇرۇشتىن  خالىي مۇھىتقا ئىگە بولغان  ئامىرىكىغا  سەپەر قىلىشى  ۋە  ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە  ۋەيران  بولۇپ كېتىش  خەۋىپىدىن  ئەنسىرىمەيدىغان مۇھىت بولغانلىقتىن  ، يۇرەكلىك  ھالدا  زاۋۇت  كان  كارخانا  قۇرۇشتەك  ھالەت  دەسلەپكى  قەدەمدە  بارلىققا  كەلدى.. ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن مەبلەغ سېلىش دولقۇنى كۆتىرىلىپ ،  ۋال كوچىسىدىكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق  سودا  ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 1928 -يىلى خەلقئارا بانكىرلار  پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇ پ ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئالتۇننىڭ  بازار باھاسىنى تۆۋنلەتكۈزدى. كۆپتۈرۈلگەن قايناق مەبلەغ سېلىشتىن كىيىن ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن 1927-1929 يىلغىچە بولغان ۋال كوچىسى  پۇل مۇئامىلە بازىرى  پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادى بورىنى كېلىپ چىقتى. ئەمما  نىيويورىك بازىرىدا باھا تۆۋەنلىتىلگەن بولسىمۇ لوندون بازىرىدا باھا ئەسلى ھالىتىدە مۇقىم بولغاچقا ، ئارلىقتىكى باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىندى ، بازار باھاسىدىكى باھا پەرقىدىن ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا  ياخشى پايدىلىنىپ  ، ئۇرۇشتا  ۋەيران بولغان  ئىقتىسادىنى تىزلا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدى. يەنە بىر قېتىملىق پىلاندىن كىيىن لوندون ۋە  نىيويورىك پۇل مۇئامىلە بازىرىدا  باھا  پەرقىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئارلىقتىكى ۋاقىت پەرقى ۋە  باھا  پەرقىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى  مەڭگۈلۈك  پايدىغا  ئېرىشىكىلى بولىدىغان ھالەت  شەكىللەتندى . (ھازىرمۇ  لوندون ۋە  نىيويورىك بازىرىدىكى  ئالتۇننىڭ  بازار  باھاسىدا  ھەر ئۇنسىيەدە  نەچچە  دوللار پەرق بار بولۇپ غايەت  زور  مەبلەغكە  ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار  ئارلىقتىكى  پەرقتىن  توختىماي  پايدىغا  ئېرىشىپ تۇرىدۇ .  ) ئەمدى ئاشۇ يىللاردىكى  ئىقتىسادىي كىرزىس بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇساقمۇ ، يەنە  ئوخشاپ  قالىدۇ ، ئالدىنقى  يىلى  ياز پەسىل ئولىمپىك  مەزگىلىدە  ئالتۇننىڭ  بازار باھاسى  970-980   دوللار   ئەتىراپىدا  ئىدى ، ئىقتىسادىي كىرزىس  داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى  كۈندە  870--890  ئارلىقىدا  ساقلىنىپ  مېڭىۋاتىدۇ .. خەلىقئارا  بانكىرلارنىڭ  قولىدا  غايەت  زور  كاپىتال  بار  ، ئۇلار  دۇنيانىڭ  ھەرقايسى  جايلىرىدىكى  پۇل مۇئامىلە بازىرىدا  تەقلىدى ۋە  رىئال  ئالتۇننى  ئۈزلۈكسىز   سېتىۋالسا ، ۋە  ساقلاپ  قالسا  (بىزدەك  قىسقا  ۋاقىتلىق  باھا  ئۆسكەندە  سېتىپ ،يەنە ئېلىپ دىگەندەك  قىسقا  ۋاقىتلىق  ئوبورت قىلمايدۇ  )  ھەرقايسى  دۆلەت  ھۆكۈمەت  ئاپاراتلىرى  ئىقتىسادىي  تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق  ئۆز دۆلىتىنى ئىقتىسادى  كىرزىستىن  قۇتۇلدۇرۇپ  چىقىش بىلەن  دۇنيا   خاراكىرلىك  بولغان  بۇ  ئىقتىسادىي  كىرزىسنى  تەڭ  ئىقتىسادى  تەدبىرلەرنى  قوللىنىپ ئاخىرلاشتۇرسا ، قايتىدىن  كىرزىستىن  ئىلگىرىكى  دەۋرلەردىكىدەك  گۈللىنىش  بارلىققا  كېلىدۇ  ، كىشلەر  قايتىن  پۇل  مۇئامىلە  بازارلىرىغا  مەبلەغ  سالىدۇ  ، شۇنىڭ  بىلەن  ئىقتىسادىي  كىرزىستىن  كىيىنكى  كۆپتۈرۈلگەن  قايناق  بازار  شەكىلىنىپ  ،  نىيويورىك  ۋە  لوندوندا  پاي  ۋە  ئالتۇننىڭ  باھاسى  قىسقا  ۋاقىت  تىز  سۈرئەتتە  ئۆسىدۇ  . نەتىجىدە  غايەت  زور  مىقداردىكى  كاپىتالغا ئىگە  بولغان  خەلقئارا بانكىرلار  يىغىپ  ساقلىۋالغان  ئالتۇننىڭ  باھاسى   بىراقلا  ئۆسۈپ  كەتكەنلىكتىن   ئارلىقتا  نەچچە  يۈز  مىليارد  ئىقتىسادىي  كىرىمگە  ئىگە  بولالايدۇ . ئەكىسچە ئوتتۇرا  بۇرژازىيە ۋە  ئاددى  خەلقنىڭ  زور  مىقداردىكى  كاپىتالى  بولمىغانلىقتىن  يەنىلا  كۆپ  ئىقتىسادىي  مەنپەئەتكە  ئېرىشەلمەيدۇ  ...
روزىۋېلىتنىڭ  ئەلباشىلىققا  سايلىنىشى ۋە  روزىۋېلىت يېڭى پۇل سىياسىتنىڭ يولغا قويۇلىشىمۇ  قارا پەردە ئارقىسىدىكى يەرشارىلاشقان  سەرمايە بولغان خەلقئارا بانكىرلارنىڭ  پىلانلىشىدىن  مۇستەسنا بولالمىدى .
ئەمدى 20  يىللىق ئۇرۇش قىلماسلىق مۆھلىتى بىلەن توختىتىلغان ئۇرۇشنىڭ داۋامىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك .
گېرمانىيە ئۇرۇش تۆلىمى تۆلىشى كېرەك ،تۆلەمنى تۆلىشى ئۈچۈن دۆلەت تەرەققىي قىلىشى كېرەك . ئامىرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ بانكىرلىرى قايتىدىن پىلان تۈزگەن بولۇپ ، 1924-1931 يىلغىچە  ۋال كوچىسى گېرمانىيەگە 138 مىليارد مارك  قەرز بەرگەن ،ئەكىسچە گېرمانىيە 86 مىليارد ماركنىلا  ئۇرۇش تۆلىمى  ئۈچۈن تۆلىگەن. ئامىرىكا  گېرمانىيەنى غايەت  زور مىقداردا  ئىقتىاسىي ياردەم  بىلەن  تەمىنلەپ گېرمانىيەنىڭ كۈچىيىپ قايتىن ئۇرۇش بولۇشىغا  تەييارلىق قىلغان. ۋال كوچىسىدىن كەلگەن ياردەمنى  مورگان ۋە ۋالبۇرگ جەمەتىدىكى خەلقئارا بانكىرلار ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ ، گېرمانىيەنىڭ  دۆلەت زايوملىرىنى ئىگەللەش ،ئالماشتۇرۇش بەدىلىگە قەرز بەرگەن ، بۇ  قەرزدىنمۇ  خەلقئارا بانكىرلار  غايەت  زور   ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولغان. 1929-1930- يىللاردا روكفېللىر جەمەتىدىكىلەر ۋە نىيويورىك خەلىقئارا بانكىرلىرى ئادولىف ھېتلىر بىلەن ئۈزلۈكسىز ياردەم بەرگەندىن سىرت مەخبىي سودىلاشقان بولۇپ ،  خەلقئارا بانكىرلار   گېرمانىيەگە  ئون  شەھەردىكى  بانكىغا  پۇللارنى  بۆلۈپ  بۆلۈپ  ئەۋەتىپ  بەرگەن.  ۋول كوچىسىدىكى خەلقئارا بانكىرلار ئادولىف ھېتلىرنىڭ  ئۇرۇش قوزغىشى ئۈچۈن  ھېتلىر  ناتسسىت ئارمىيەسىنىڭ  تىز سۈرئەتتە  قۇدىرەت  تېپىشىغا ياردەم قىلىپ  ئارمىيەنى ئۈزلۈكسىز  ئىقتىسادىي  ياردەم  بىلەن  تەمىلەپ  تۇرغان ......
ئەمد ى مۇشۇ يەرلەرگە كەلگەندە گەرچە كىنو فىلىم بولسىمۇ ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ھىتلېر فىلىمىدىكى كۆرىنىشلەرگە دىققەت قىلساقمۇ  ، دەسلەپ ئادولىف ھىتلېر قەھۋاخانىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا بىر ئامىرىكىلىق ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ ۋە كىيىنچە ھىتلېر  بىر ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ .ھەمدە ناھايىتى تىزلا ئادولىف ھىتلېر پارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي مەبلىغى ئېشىپ ماڭىدۇ ۋە ئۇ كىنودا نۇرغۇنلىغان قارا پەردىلەر ئارقىسىدىكى كىشلەر كۆرۈنمىگەن بولسىمۇ ، ئادولىف ھىتلېرنىڭ ھەر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى جەريانىدىكى ، تۈرمىگە قامالغاندىن كىيىن بىراقلا  پارتىيەنىڭ ۋەزىپىسى ئادولىف ھىتلېرنىڭ  قولىغا ئۆتىشى ، ئاخىرىدا  دۆلەت مەجلىسىنى قالايمىقان قىلىۋېتىشى ،  ئەلباشىغا  مەن زۇڭلى بولۇشۇم كېرەك دەپ تەھدىد سېلىشى ، تولۇق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا ئېلىپ بولۇپ  ئادولىف ھىتلېر ناتسسىت ئارمىيەسىنى  تەرەققىي قىلدۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئەينى ۋاقىتتا پارتىيە ئىچىدىن باش كۆتىرىپ چىقىشىغا ياردەم قىلغان نۇرغۇنلىغان كىشلەرنى قەتلى قىلىۋېتىدۇ ...مانا مۇشۇ فىلىمدىمۇ گەرچە بۇ بىر كىنو بولسىمۇ ، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان چالا رىژىسورلۇق قىلىنغان ، بالىلار چۆچىكى ئېيتقاندەك بىر نۇتۇق سۆزلەش بىلەنلا  خەلقنى قايىل قىلىپ پارتىيە ئىچىدە قوللاش نىسبىتى يۇقىرى كۆتىرىلىپ زۇڭلى بولغاندەك  كۆرىنىشلەر  مەۋجۇت. ۋال كوچىسىدىكىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە ئادولىف ھىتلېرنىڭ ناتسسىت ئارمىيەسى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى . بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ . بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى تولۇق ماشىنلاشقان ھەربىي ئۇرۇش ئەمەس ،يەنى نېفىتتىن ئىبارەت بايلىققا ئېھتىياج كۆپ چۈشمىگەن . ئۇلار يىگىرمە يىللىق ئارام ئېلىپ قۇدىرەت تېپىپ قايتا ئۇرۇش قىلىشتىن ئىلگىرى خۇددى ئەينى يىللىرى ئەنگىلىيەلىكلەر تارىم بوستانلىقىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ چىقىپ كەتكەندەك ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە جايلىشىشىنى مەخسۇس ئۆمەكلەرنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان . ئەگەر  ئەينى يىللىرى نېفىت  زاپىسىنىڭ مىقدارىنى ھازىرقىدەك تەقلىدىي ئۆلچەش بارلىققا كەلگەن بولسا ، بەلكىم بىز ياشاۋاتقان تارىم بوستانلىقى  بىر مەيدان قانلىق بايلىق تاللىشىش ئۇرۇشىنىڭ قۇربانى بولۇپ ، بىز ئويلىمىغان دەرىجىدە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن ئىدى.  ئەپسۇس ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرونۋىك قىسىملىرىنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرىشىدىن ئۇ بىر مەيدان ماشىنلاشقان ئۇرۇش بولىدىغان بولغاچقا ، تەبىي ھالدا  نېفىتقا ئېھتىياج چۈشكەن  ۋە  ئىلگىرىكى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئالتۇن  كۈمۈش  بايلىقىنى ئىگەللەش ۋە باشقىلارنىڭ دۆلەت  زىمىنىنى مۇنقەرز قىلىش بولغان بولسا  ، بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغىنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى نېفىت  بايلىقىنى تالىشىش قوشۇلغان .(بۇيەردە بايلىق  ئۇرۇشى ، نېفىت ئۇرۇشى دىگەنلەر يېزىلمايدۇ ...شۇڭا  قىسقارتىپ يازدىم  )   بىرنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ دۆلەت قەرزى ئارتىپ كەتكەن ئامىرىكا رۇزىۋېلىتنىڭ يېڭى سىياسىتى بويىچە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەتئىي قاتناشماسلىق ، ئەكىسچە ئۇرۇش يىللىرىدا قەرز تاقاتقۇچى  ،ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ساتقۇچى  دۆلەت بولۇپ  بۇ ئىقتىسادى كىرىم ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەت  تاشقى قەرزىنى  قايتۇرۇش ئوتتۇرغا قويۇلدى.  1918-11-11 ئۇرۇشنى 20 يىللىق ئۇرۇش قىلماسلىق مۆھلىتى بىلەن توختاتقان بولسا ، 1936 يىللارغا  كەلگەندە  گېرمانىيەنىڭ باش بولۇپ  ئۇرۇشنى باشلىشى ئۈچۈن  بىر مەيدان سۈيقەسىت ، مىيۇنخىن سۈيقەستى  بارلىققا كەلدى.  كۆرىۋالالايمىزكى  ئۇرۇشنى گېرمانىيەنىڭ باش بولۇپ قىلىشى ئۈچۈن ئەنگىلىيە ، فىرانسىيەلەر گېرمانىيەنىڭ  ئاۋىستىرىيە ، چېخوسلوۋاكىيە ، پولشالارغىچە ھۇجۇم قىلىشىغىچە  بولغان دەسلەپكى مەنپەئەتىگىچە  قاراپ تۇردى . ئەمما بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا  ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇرۇش يىللىرىدىكى قەرز پۇلنى يەنىلا  خەلقئارا  بانكىرلاردىن  ئېلىپ تۇردى . نۇرغۇنلىغان ئىقتىساد  ۋە دۆلەت ئىگىلىكى ۋەيران بولغان بولسىمۇ خەلقئارا  بانكىرلار  يەنىلا  پايدىغا ئېرىشىپ كەلدى... ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى .ھەرقايسى دۆلەتلەر  قاتناشچىلىقىدا ب د ت  ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى خەلقئارالىق  تەشكىلاتلارنى قۇرۇش  پىلانلىۋاتقان مەزگىلدە ،   خەلقئارا بانكىرلار  پۈتۈن دۇنيانىڭ پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى كونتىرول قىلىشنى پىلانلىدى ، خەلقئارا بانكىرلار  بىر يادىرولۇق  تەشكىلات  قۇرغان : ئەنگىلىيە   خان جەمەتى خەلقئارا ئىشلار كېلشىمىRoyal InstuteofInernationalAFFAIRS  ئامىرىكا تاشقى دىپلوماتىيە كىلشىمى CouncilonForeignAffairs.....

ئۇلار قۇرغان  ئامىرىكا تاشقى دىپلوماتىيەكىلىشىمىنىڭ 3600  ئەزاسى بولۇپ ، مۇتلەق ئامىرىكا پۇقراسى ، مۇھىم تەسىرى بولغان بانكىرلار چوڭ شىركەت كاپىتالىستلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى ، مىدىئا  ساھاسىدىكىلەر، ھەربىي قىسىم رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 1987-يىلدىكى بىر دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ،  262 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە مىدىئا ساھەسىدىكى مۇتەخەسىس بار  بولۇپ , دىپلوماتىيە كىلىشىمىدىكىلەر : نىيويورىك گېزىتى ، ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى مۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى، بالدىمور قۇياش گېزىتى ،لوس ئانجىلىس گېزىتى، دەۋر ژۇرنىلى،  بايلىق ژۇرنىلى ،تۇرمۇش ژۇرنىلى، پۇل ژۇرنىلى ، ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى ، سودا ھەپتىلىك خەۋەرلىرى ژۇرنىلى، ئامىرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى ژۇرنىلى ، فوبۇس ژۇرنىلى  ، ئاتلانتىك ئوكيان ھەپتىلىك ژۇرنىلى، ئوقۇرمەنلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى  يەنە  بەش  ئالتە  نەشىرىيات قاتارلىق مىدىئا  ساھەسىنى كونتىرول قىلغان بولۇپ شۇلارنىڭ  ئىگىدارچىلىقىدا ...

------------------------
تۈركىيە ، مۇستافا كامالغا باھا بېرىش ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشلىرى ، ئەرەبلەرنىڭ تىنىچ بىرلىككە كىلەلمەي ياكى ئۆز ئىچىدىن يادىرولۇق رول ئوينايدىغان دۆلەتنىڭ بولماسلىقىدىن توختىماي يۈز بېرىۋاتقان ھەربىي ئۇرۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشەنمەكچى بولساڭلار يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ  كىيىنكى قىسىمىلىرى يەرشارىلاشقان  سەرمايىنىڭ ئۇرۇشتىن كىيىنكى ئىسرائىلىيە قۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرق ئۇرشىنى پەيدا قىلىش نۇقتىلىرىغا نەزەر سالساڭلار ...
يەنە بىرسى 21 ئەسىردە بىر كىمگە ياكى بىر دۆلەتكە ئىمان ۋە دىن نۇقتىسىدىن ئىشىنىپ ئالدىراپ باھا بەرمەڭلار ...ئىنسان ئىنسانغا ئىمان  نۇقتىسىدىن ئىشىنىپ باھا بەرسە بىزنىڭ تارىخمىزدەك قىسمەتكە قالۇر ، شۇڭا بارچە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئورتاق ئىسلام دىندا بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئەرەبلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىنغا چېتىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئوخشاش بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە ئەكىلىپ قويماڭلار ، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئەگرىلىكنى ساقلاپ قالسۇنكى ، نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىزنىڭ كۆز قارشىمىز بويىچە  بىر تۈز  سىزىق ئۈستىگە كېلىپ قالمىسۇن...
ئۇنداقتا  ئۈزلۈكسىز  مۇشۇ تېمىلارنى كۆپ كۆرمەي ئوقۇپ باققايسىلەر ...باشقۇرغۇچى ئەپەندىم باشقا مۇنبەرگە يوللاپ بولغان بولساممۇ ، ئورخۇندىكى تۈركىيەگە نەزەر تېمىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىكى كۆز قاراشلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ بۇنى چۈشەنگەندىن كىيىن قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن يوللىدىم ، ئۇلار بەلكىم باشقا تورلاردا كۆرمىگەن بولسا كېرەك... تارىخقا مۇناسىۋەتسىزكەن دەپ قارىماي  تەستىقلاپ  قويسىڭىز ...رەھمەت...  

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-09 21:31 |
tarim722
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 4028
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 21
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 123 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى يەنە بىر قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغان ئۇچۇر : گىئورگىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تارىخ پىرافىسورى CharlesC.Tansill  مۇنداق دەپ قارىغان ، ياپونىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىشى 1933 -يىلى رۇزۋىلىت ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىشتىن ئىلگىرى پىلانلانغان.1932-يىلى ئامىرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پىئارىل خاربوردىن 60 ئىنگىلىز  دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى جايدا بىر دېڭىز فىلوتى قۇرغان.ئامىرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى1940-8-ئايدا، ياپونىيەنىڭ مەخبىي شىفىرىنى يىشىپ تەرجىمە قىلىپ بولغان ۋە ئالدىن ياپونىيەنىڭ ئىلىكتىر تىگىرامىلىرىغا تولۇق ئىرىشىپ تۇرغان،ئامىرىكا ياسىغان مەخبىي شىفىرنى يىشىپ تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ ،پىئارىل خاربور بولسائامىرىكىنىڭ تىنىچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيە پورتى بولغان،نۇرغۇنلىغان تارىخچىلار رۇزىۋېلىتنىڭ ياپونىيەنىڭ ئوغۇرلۇقچە تۇيۇقسىز پىئارىل خاربورغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەنلىكىگە ئىشەنگەن.
1943-1-13 -كۈنى Roosevelt and Churchill كاسابلانكىدا ، گېرمانىيەنىڭ شەرتىسز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ گېرمانىيە ئىچكى قىسىمىدىكى ھېتلىرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان، ئەسلىدە  1942-يىلى8 -ئايدا  گېرمانىيە ئىتتىپاقداش  دۆلەتلەر بىلەن  گېرمانىيە 1939-9-1-كۈنىدىن ئىلگىرىكى تىرىتورىيەسىگە قايتىش ۋە ئۇرۇش گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلىشىش شەرتىنى كۆرسەتكەن.
ئەمما خەلقئارا بانكىرلار بۇ قېتىم كەم تېپىلغۇسىز  پۇرسەتتە غايەت زور ئىقتىسادى كىرىمگە ئىگەبولغان.ئۇرۇش ئوتى 1945-8-ئايدا ئاياقلاشتى،ئامىرىكىنىڭ دۆلەت زايومى1930 يىلدىكى 16 مىلياردتىن 1946 يىلى169 مىلياردقا كۆپەيگەن. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بولسا ئۇرۇش يىللىرىداقۇرۇلغان خەلقئارالىق دۇنيا بانكىسى ھېسابلانغان ھېسابات ئۈزۈش بانكىسىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىگەللىۋالغان بايلىقلار ۋە باشقا بايلىقلار بولۇپ ئۇلارمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادى پايدا مەنپەئەتىگە ئېرىشكەن ، ئەمما تارىختا سۆزلەنگەن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مانچە مىليارد بايلىققا زىيان سالدى دىگەن بايلىقلار بۇلارنىڭ ئۇرۇشتىن ئېرىشكەن پايدا مەنپەتىدىن ئاز بولغان.ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچنى ئىشقا سېلىپ يەرشارىلاشقان سەرمايە بىلەن ھەمكارلىشىپ قوزغىغان دۇنيا ئۇرۇشىدىن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنىق قانچىلىك ئىقتىسادى كىرىمگە ئېرىشكەنلىكى نامەلۇم ،ئۇرۇشتا گەرچە لوندون ،رىم، پارىژ ،بېرلىن شەھەر بىنالىرى ۋەيران بولغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلار ئافىرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق ، ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولغان دۆلەتلەردىن نۇرغۇنلىغان بايلىقلارنى ئۆز دۆلىتىگە توشۇپ ئەكەتكەن..

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-10 06:46 |
tarim722
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 4028
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 21
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 123 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يېقىندىن بېرى ھەرقايسى تور مۇنبەرلىرىدە مۇستافا كامال ۋە تۈكىيە ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىر مۇنازىرىلەر بولدى، شۇ مۇناسىۋەت ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىغا نەزەر سېلىپ باقايلى . بۇلارنى ھەقىقى ئىشەنچىلىك دېگىلى بولمايدۇ ،ئەمما تارىختىكى ئۆز يىل نامىلىرىدە بولۇنغان بىرگە بىر ماس بولغان راستلىقلارمۇ ئاز ئەمەس، راسىتلىق دەرىجىسىنى 60%--80% كىچە دەپ قارايمەن.

يەھۇدىيلارغا ئائىت ئازدۇر كۆپتۇر ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان كىشلەر يەھۇدىيلارنىڭ 1890-يىللاردىن باشلانغان زىئونىزىم ھەركىتىنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەرسىز بولسىمۇ ،ئەمما زىئونىزىم دەپ مۇشۇنداق بىر ئىسىمنى ئاڭلىغانلار كۆپ بولسا كېرەك ، ئۇنداقتا يەھۇدىيلارنىڭ زىئونىزىم ھەركىتى پەقەت يەھۇدىي ئىبراي تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشلىمۇ ياكى باشقىچە ، تېخى يېقىندا بىز يەھۇدىيلار ئەسلىدە ئافىرىقىدا دۆلەت قۇرماقچى بولغان دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىدۇق ، ئۇنداقتا يەھۇدىيلار زىئونىزىم ھەركىتىدىن 50 يىللار كىيىن يەھۇدىي ئىبراي تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپلا قالماي ئىرۇسالىم زىمىنىدا ئىسىرائىل جۇمھۇرىيىتىنى قانداق قۇرۇپ چىقتى.

زىئونىزىم ھەركىتى : ئەينى يىللار ئاز كەم ئىككى مىڭ يىل بەنى ئىسرائىلدىن قوغلىنىپ سەرسان بولغان يەھۇدىيلارنىڭ قەلبىدە قايتىدىن ئىسىرائىل زىمىنلىرىغا بولغان قەلىب تەلپۈنىشىنى پەيدا قىلىش،ئىرۇسالىمدا ئولتۇراقلاشقاندىن كىيىن يات مىللەتلەردەك تىل ئالاقىسى قىلالماي ، كىشلەر قەلبىدە يىتىمسىراش ھېس قىلماسلىق ۋە ئۆم بولۇپ خەلق قەلبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، يېڭى ياشاش تىرىتورىيەسىدە نورمال ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش ۋە كەلگۈسىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ بارچە يەھۇدىي چۈشىنەلەيدىغان ئورتاق جۇمھۇرىيەت تىلى بولۇشى ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن ئالاقە  تىلى بولۇش ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلارنى ئىسىرائىل زىمىنلىرىغا قانداق قايتۇرۇپ ئەكىلىش (خەلقئارا نوپۇس قانۇنىدا بىر دۆلەت ياكى بىر رايون باشقا بىر دۆلەت ياكى رايونغا نوپۇس كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . خەلقئارا كۆچمەنلەر قانۇنىدا: ئۇرۇش تەھدىتىگە ئۇچىرىغانلار مۇساپىر ھېسابلىنىپ كوللىكتىپ باشقا ياشاش رايونى ئىزدىسە  بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.) زىئونىزىم ھەركىتى پىلانى بىر يىلدىلا تۈزۈلگەن پىلان بولماستىن ، بارا -بارا تولۇقلىنىپ تۇرغان پىلان ،ئەمما ئاۋۇ قانۇنلارنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياكى كىيىن تۈزۈلگنلىكىنى بىلمىدىم ۋە تاپالمىدىم.

يەھۇدىيلار دۇنيادىكى بايلار سانى كۆپ بولغان ۋە دۇنيادىكى تۈنجى مىليادىر ماگىناتلار چىققان مىللەت بولۇپ ، 1900 يىللاردىلا نۇرغۇنلىغان مىليادىر يەھۇدىيلار بولغان ،مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، كاپىتالىستنىڭ ئېتىقاد ۋە دۆلەت تەۋەلىكى بولمايدىغانلىقتىن ، بۇ خىل مىليادىر كاپىتالىستلاردا ئالدى بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە ھېسداشلىق پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە يەھۇدىي ئىبراي تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى توختاتمىغان ، يەھۇدىي مىليادىرلىرى مىللىي تۇيغۇ ۋە ھېسىياتقا ئېگە بولۇپ ، ئومۇمىي يەھۇدىيلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىغاندىن كىيىن ، ئۇلار مىليادىر ماگىناتلارنىڭ پۇلى ئارقىلىق زىمىن سېتىۋېلىپ ، ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە مۇشۇ ئۇسۇلدا دەسلەپكى دۆلەت ئاھالىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان ، ئۇلار ئافىرىقىدىن زىمىن سېتىۋېلىش ياكى بىر ئاماللار بىلەن ئىرۇسالىمغا قايتىپ كېلىشنى نۇرغۇن ئويلانغان بولىشى مۇمكىن ، يەنىلا بۈگۈنكى ئىرۇسالىمدا ئىسىرائىلنىڭ قۇرۇلىشىدىن ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىت مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق ئىرۇسالىمغا قايتىشنى تاللىغان دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇنداقتا ئىرۇسالىمغا قانداق قايتىپ كېلىش كېرەك؟

يەرشارىلاشقان سەرمايىدارلىرى بولغان خەلقئارا بانكىر روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئەنگىلىيەنى قەسلەش جەريانىنى ئۈستىدە كۆرۈپ ئۆتتۇق ، بىرنىجى دۇنيا ئۇرۇشىمۇ شۇنداق پىلانلار ئاساسىدا يۈزبەرگىنىنىمۇ كۆردۇق. ئەنگىلىيە نوقۇل ئۆزىنىڭ دكلەت مەنپەئەتىگە ۋەكىلىك قىلماستىن قارا پەردە ئارقىسىدىكى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ۋەكىلىك قىلىدۇ.  

بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا نەزەر سالساق ، قۇتىرىغان روسلار قىرىم ئۇرۇشىدا ئوسمان ئېمپىرىيەسىنى يوقىتىۋېتىش ۋە بىراقلا يۈتىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن 1914-يىلى قىشتا ، تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلدى ۋە تىرابزون، ئەرزىنجانلارنى ئىگەللەپ تۈرك ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلاپ ، بۇ يەرلەرگە ئەرمەنلەرنى كۆچۈرۈپ كەلدى،1914-يىلى ئەرەبلەر مۇپتى ھۇسىيىننىڭ باشچىلىقىدا ئوسمان تۈركلىرىگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانغان بولۇپ،ئۇلار ئەنگىلىيەلىكلەر بىلەن كىلىشىم تۈزگەن.مەزمۇن: ئەرەبلەر بىلەن ئەنگىلىيە بىرلىشىپ ئوسمان ئېمپىرىيەسىنى يوقىتىش، ئەنگلىيە ئەرەبلەرگە سۈرىيە ،ئىراق ،ئىئوردان دەريا بويلىرىغىچە بولغان رايونلاردا ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بېرىش. مانا مۇشۇنداق كىلىشىملەر تۈزۈلگەندىن كىيىن ئەرەبلەر ئەنگىلىيە تەمىنلىگەن قوراللار بىلەن قوراللىنىپ تۈركىيەگە قارشى ھۇجۇم قىلغان، تۈرك ئاھالىلىرىنى قىرغىن قىلغان، 1915-يىلى ئەنگىلىيە -فىرانسىيەلەر سۈۋەيىش قانىلى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ ، ئىستانبۇلغا يېقىنلاپ كەلدى. مۇشۇ ۋاقىت ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ سۇلتانى ،خەلىپە سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىستانبۇلنى تاشلاپ كونىياغا قېچىپ كەتمەكچى بولدى.1915-1917 ئەنگىلىيە بەسىرە ، باغدادلارنى ئىگەلىۋالدى، 1917- يىلى ئەرەب - ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بىرلىشىپ ئىرۇسالىمدىكى 80 مىڭ تۈرك ئارمىيەسىنى يوقىتىپ ، ئىرۇسالىمنى ئىگەلىۋالغان، ئەنگىلىيەنىڭ خىل قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ئەرەبلەر ئەنگىلىيەنى ئۆزلىرىگە سۈرىيە ،ئىراق ،ئىئوردان دەريا بويلىرىدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بېرىدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكتىن ، تۈركلەرنى بۇ زىمىنلارغا قايتا ئاياق باسماس ھالەتتە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەلەپتە ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۈرك ئەسكەرلىرىنى بىراقلا قىرغىن قىلغان، 1918-يىلى تۈركىيە سۇلتانى تەسلىم بولدى .ئەنگىلىيە--فىرانسىيە ئارمىيەسى ئىستانبۇلغا كىردى ۋە ئەرەبلەرنى ئوسمان ئېمپىرىيەسى ھاكىمىيىتىدىن ئازاد قىلغۇچى سۈپتىدە ئىرۇسالىمدا ھەربىي جەھەتتىن ئولتۇراقلاشقان. كىينچە ئىرۇسالىمدا ئەرەبلەر بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەر ئوتتۇرسىدا سودا ئالاقە مۇناسىۋىتى راۋجلاندى ، ئەرەبلەر يەر زىمىنلىرىنى ئەنگىلىيەلىكلەرگە سېتىپ بەرگەن ، ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا نوقۇل ئۆز مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلماستىن پەردەئارقىسىدىكى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭمۇ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقتىن ، ئەنگىلىيەلىكلەر ئەرەبلەردىن سېتىۋالغان يەر زىمىنلارنى يەھۇدىيلارغا سېتىپ بەرگەن شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە يەر زىمىن سېتىۋېلىپ ئاھالە كۆچۈرۈش بولغان ، سېتىۋېلىنغان يەھۇدىيلار دەسلەپ چاندۇرماسلىق ، ئەرەبلەرنىڭ مىلىي ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ، تارقاق چېچىلىپ ئولتۇراقلاشقان ، يەھۇدىيلار كېلىشىمدىكى ئەنگىلىيە ئەرەبلەرگە جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان سۈرىيە ،ئىراق ئىئوردان دەريا بويلىرىدىكى رايونلارغىچە چېچىلىپ تارقاقلاشقان بولۇپ ، پارچە پارچە بولغان دەسلەپكى يەھۇدىي مۇساپىرلار مەھەللىلىرىنى قۇرۇپ چىققان،مانا مۇشۇ خىل پۇل ئارقىلىق يەر زىمىن سېتىۋېلىپ ، مەھەللە قۇرۇپ ئولتۇراقلىشىش ئارقىلىق ، ئوسمان ئېمپىرىيەسى ۋاقتىدا  ئازغىنە نوپۇستىكى يەھۇدىي بار بولغان ئىرۇسالىمدا بارا -- بارا يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيگەن. بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئىرۇسالىمغا كېلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ، يەھۇدىيلار ئەسلىدىن يوق بولغان ئىرىقچىلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ساھەسى ئارقىلىق خەۋەرلەرنى كۆپلەپ تارقىتىش ئارقىلىق پىلانلىق ئىرىقچىلىقنى پەيدا قىلىپ ، يەھۇدىيلارنى يېڭى ياشاش مۇھىتى ئىزدەشكە توغرا كەلگەن بىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەن . ئەمما يەھۇدىيلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆزلىرى ئويلىغان دەرىجىدە بولمىغان، ئىرۇسالىم ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولغاچقا ئەنگىليەلىكلەر ئۇرۇش دەۋرىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئىرۇسالىمغا قايتىپ كېلىۋېلىشىغا كۆپ ياردەم قىلغان بولۇپ ، ئىسرائىل زىمىنلىرىغا قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆپ قىسىمى ئەنگىلىيە ئارقىلىق كەلگەن . ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش مەزگىلىرىدە ئەرەبلەر ئەنگىلىيەنىڭ بىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بېرىشىغا ئىشەنگەن ۋە ئۆز ئارزۇلىرىنى ئەنگىلىيەگە ئېيتقان ، بۇ ۋاقىت ۋاقىت يەھۇدىيلارمۇ ئەسلىدىكى پارچە پارچە مۇساپىرلار مەھەللىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ بولغان بولۇپ ، ئۇلارمۇ دىنىي ئاساسلار ئارقىلىق ئىسىرائىل زىمىنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ زىمىنلىرى ئىكەنلىكى شۇڭا ئىرۇسالىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يەھۇدىيلارنىڭ ئىگىدارچىلىقدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە ئىسرئىل ئارمىيەلىرىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان . سىياسىي ئويۇننىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەن ئەرەبلەر ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ  بىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بېرىشىغا ئىشىنىپ يۈرىۋەرگەن ، ئەمما ئەنگىلىيە بولسا پەردە ئارقىسىدىكى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا  ئۈزۈلكسىز تۈزىتىلىۋاتقان ۋە دەلىل ئىسپات قىلىنغان ، ئوتتۇرا شەرق ئەرەب ۋە ئىسىرائىلىيە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىلىشىمنامىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، يەھۇدىيلار دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ئۆزلىرىڭ ئىسرئىلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە يەھۇدىي يازارمەنلىرى دەرھال خەلقئارلىق ئۇۋالچىلىققا ئۇچىراش، 6 مىليون يەھۇدىينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ، يازمىلىرىنى ئاخبارات تۆكمىسى قىلىپ تارقىتىدۇ ،يەھۇدىي يازارمەنلىرى باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرىنى ھەقىقەتەن ئۆز يازمىلىرى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرگەن ،  باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرى  6 مىليون يەھۇدىينىڭ بەدىلى ئۈچۈن بولسىمۇ ،ئۆزلىرى جاكارلاپ قۇرىۋالغان ئىسرئىلىيەنىڭ قۇرۇلىشىنى قوللىغان .

قىسقىسى خەلقئارا بانكىر، مىليادىر ماگىناتلار بار بولغان يەھۇدىيلارئسرائىلىيە  پۇل سىياسىتى ئارقىلىق پارچە يەرلەرنى سېتىۋېلىپ ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلدى...

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-12 06:21 |
Korxaw
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9397
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 6
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 35 نومۇر
پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
مانداق ماقاللىلەرنى پات - پات يوللاپ تۇرايلى ئاغىنىلەر! بىزنىڭمۇ كۆزىمىز ئىچىلىپ قالسۇن ،قاچان قارسا سۇنىڭ يۈزدىكى كۆپۈكتەك بىر خىل مىتوتىكى ماقالىلىەرنى كۆرىۋەرمەيلى.ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-18 19:10 |
Korxaw
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9397
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 6
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 35 نومۇر
پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرى قىنە ؟بۇرادەر ئۇنتۇپ قالمىغانسىز!

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 13:06 |
tarim722
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 4028
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 21
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 123 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
داۋامىنى يەنە يوللايمەن ،ئۇنتۇلۇپ قالمىدىم ، لىكىن بۇلارنى ھەممىسى راست ياكى يالغان دىيەلمەيمەن ، ئەمما  دۇنيا سىياسىغا قارىتا تەپەككۇر شەكىلىڭلار ۋە كۆز قارىشىڭلارنىڭ ئاستا ئاستا ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن..

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 14:24 |
tarim722
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 4028
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 21
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 123 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ئەمدى  كىتابچىدىكى  كىنىدىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى  ، ئۈزلۈكسىز يۈز  بېرىۋاتقان  ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ پەيدا بولۇشى  ۋە  بۇ ئۇرۇش جەريانىدىكى  ھەربىي قورال ياراق  سودىسى كىرىمى ، نېفىت سودىسى كىرىمى دىگەندەك سىياسىي تارىخي نۇقتىلارنى قالدۇرۇپ يەنىلا ئىقتىساد ھەققىدە مۇلاھىزە  قىلساق ،  ئۈستىدە بايان قىلغان جەريانلارنى  بىر  قۇر چۈشەنگەن  بولساڭلار  ئەمدى  بۈگۈنكى  كۈندىكى  پۇل مۇئامىلە  بازىرىدىكى  سودا  پائالىيەتلىرىگە  نەزەر  سېلىپ بۇلارنى چۈشىنىپ باقساڭلار ... ..ئاندىن  ھازىرقى  ئىقتىسادى بازار ھەققىدە  ئالدىرىماي  مۇنازىرە قىلىشساق ...
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=35505
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=31176
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=35855
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?PageIndex=1&ThreadID=35807

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 05:37 |
tarim722
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 4028
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 21
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 123 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ  يازمىلار  Plot theory سۈيقەستچىلىك نەزەرىيسى بىلەن يېزىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن  ، بۇلارنى مەن راست  ياكى يالغان دىمەيمەن ، ھەم مەن بىر تەرجىمان بولمىغاندىكىن پۈتۈن كىتابتىكى نۇقتىلارنى تەرجىمە قىلىپمۇ يۈرمىدىم . ئەمما كىتاب ۋە تورلاردا ئۇچىرايدىغان بۇ خلدىكى ۋە يەھۇدىيلارغا ئائىت ھەرخىل يازمىلارنى شەرقلىقلەر يازغان بولسىمۇ ، شەرقلىقلەردە بۇخىلدىكى يازمىلارنى ئۆزى مۇستەقىل يازالايدىغان تالانىت يوق ،ئۇلار  ياۋروپا ، ئامىرىكىلاردا ئېقىپ يۈرگەن  مەتبۇئات يازمىلىرىدىن تەرجىمە قىلىشتىن خالىي ئەمەس. سەيمىل خانتىڭتوننىڭكىدەك غەربچە ئىسىم قويىۋېلىپ يازسا راست بولىدىغان ،  ئىسمى باشقىچە بولسا يالغان بولىدىغان ئىش بولمايدۇ ، گەرچە بۇلار  سۈيقەتچىلىك نەزەرىيەسى بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ ، ئىقتىسادقا ئائىت نۇرغۇنلىغان يازمىلار   روسچىلىد جەمەتىنىڭ  ئىش ئىزلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ ،  دۆلەت چىقارغان سىياسىي  دەرسلىك كىتابلارمۇ  ئامىرىكىدا ئەلباشىنىڭ سايلىنىش جەريانى ۋە ئارقا كۆرۈنىشىنى تەسۋىرلىمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما  ئۇلار  ھەرقېتىملىق ئەلباشى سايلىمىغا  قانچىلىك  مەبلەغ  كەتكەنلىكىنى  مىسال ئېلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ ،ئىككىنجى  دۇنيا  ئۇرۇشى قانداق  بولدى ، تارىخ  دەرىسلىكلىرىدە ئۇنىڭدا  قانچىلىك مەنپەئەتلەرگە  ئېرىشىلگەنلىكى سۆزلەنمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما  ئۇلارنىڭ  بىر جوزا ئەتىراپىدا  ئولتۇرۇپ خەرىتىنى ئالدىغا  قويىۋېلىپلا   بىرەر  دۆلەتنى  تورتنى بۆلۈشۈپ يىگەندەكلا   يىۋىتىشتەك مىيۇنخىن سۇيقەستىدەك  نۇرغۇنلىغان سۈيقەسلەرنى  يېزىشنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ ،  
بۇ خىل  خەلقئارا بانكىرلار  ۋە مىليادىر  ماگىناتلار بىلەن تەشكىللەنگەن  كۆپ قىرلىق خاراكتىردىكى  تەشكىلاتلار ئىنتايىن كۆپ ، يەھۇدىيلارنىڭ  نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلىرى بار ، ماسون ، مۇساد  قاتارلىق، ئەمما ئۇلار  باشقىلارنىڭ  سۈيقەستچىلىك نەزەرىيەسىدە تەسۋىرلىشى بىلەن  دۇنيادىكى  ھەقىقىي رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي  ئۇنى ئىسلام بىلەن خىرىستىئاننىڭ  ئۇرۇشى ،  ئەرەب بىلەن يەھۇدىينىڭ ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇپ  خۇنۇكلەشتۈرىۋەتتى ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار  غايەت زور كۈچتۇر..يەرشارىلاشقان  سەرمايىمۇ  ئەنە ئاشۇنداق   گەرچە ئۇ ئېنىق بىر تەشكىلات  بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئىشلىرى تەشكىلاتسىزدەك ئەمەس ،  
Bank of America Corporation  ئامىرىكا بانكىسى  دۇنيادىكى بىرىنجى چوڭ بانكا بولۇپ ، ئامىرىكىنىڭ ئۆزىدىلا  1200 دىن ئارتۇق تارماق بانكىسى بار ،  77 دۆلەتكە  تارقالغان، 2000 يىلىدىكى  سىتاتىستىكىدا ئومۇمىي بايلىقى 700 مىليارد ئامىرىكا دوللىرى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 400 مىليارد يىغىۋالىدىغان قەرز مەبلىغى بار بولغان. يىللىق ئۆسۈم كىرىمى 25 مىليارد .
  hsbc بولسا دۇنياۋى  ئۈچىنجى دەرىجىلىك چوڭ بانكا ،75  دۆلەتكە  تارقالغان بولۇپ ، 1500 دىن ئارۇق  ئىسمى  ئوخشاش ۋە ئوخشاش  بولمىغان نۇرغۇنلىغان تارماق  بانكىلارغا  ئايرىلغان .
ئەنە ئاشۇنىكدەك  ۋال كوچىسىدىكى 7 جەمەت  خەلقئارا  بانكىرلارنىڭ  بانكىسىمۇ  دۇنيادىكى  نۇرغۇنلىغان  دۆلەتلەرگە  نۇرغۇنلىغان  تارماق بانكىلارنى ئېچىپ  تارقالغان .. ھەرقايسى  دۆلەتلەرنىڭ  دۆلەت مەجلىسى  ۋە  پارلامىنتىدىمۇ  كۆپ سانلىق  نىسبەتتە  ئەزالىق سالايىتىگە ئىگە ..  ئەمدى  ئاشۇ  خەلقئارا بانكىرلارنىڭ  بارلىق  بانكىسىنى يىغسا 10مىڭدىن  ئېشىشى مۇمكىن ، ھەرقايسى  بانكىلارنى كونتىرول قىلغان  ئوخشاش  مەنپەئەتتىكى شەخىسلەر تېخمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن ، ئەلۋەتتە بانكىلارنىڭ كەسپى بولسا ، ئابونىت توپلاش ، ئابونىتلىرىغا قەرز بېرىش ، visa ، مىمورال كارتا ، ئىناۋەتلىك كارتا  مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ، بۇنىسى نورمال ئىش ئەلۋەتتە ،  ئەمما  بۇمۇ بانكىلارنىڭ  تاپاۋەت سۈيقەستى خالاس ، سىز يەككە شەخىس بانكىلارنىڭ ئۇ خىلدىكى كارتا مۇلازىمىتىدىن بەھىرلەنگىنىڭىزدىن  ئەلۋەتتە كېرەك  رازى بولىسىز ، ئەمما  بۇ خىل كارتا مۇلازىمىتى ئاساسلىق  نوپۇس كۆپ ، زىچ ئولتۇراقلاشقان  شۇ دۆلەت ياكى جەمئىيەتنىڭ بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان شەھەرلىرىدىكى بانكىلاردىلا  تەمىنلەنگەن ،  دۇنيادىكى بايلىق راستىنلا  22% ئادەمنىڭ كونتىروللۇقىدا بولسا ،ئۇنداقتا  ئەلۋەتتە ئوتتۇرا  تۆۋەن  قاتلام خەلقتە  كۆپ بايلىق يوق دىگەن گەپ  ، ئۇنداقتا  ئۇ كاپىتالىست بانكىرلار   قانداق قىلىپ بايلىقى بولمىغان  ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلام خەلقتىن  تەشكىللەنگەن جەمئىيەتتىن ئۈزلۈكسىز  پايدىغا ئېرىشىشى كېرەك ، ئەلۋەتتە  قارشى تەرەپنى مەنپەئەتلەندۈرگەن  ئاساستا   ئۆزى يۇقىرى مەنپەئەتكە ئېرىشىش ،  بانكىلار  سىزنى ھەرخىل  مۇلازىمەت كارتىلىرى بىلەن تەمىنلىسە  سىزنىڭ  يەككە شەخسىي ئارتۇق ئېشىنچە  بايلىقىڭىز بولمىغاندىكىن  ئۇلاردىن مىنەتدار بولىسىز   ۋە ئۇلار  تەمىنلىگەن  كارتا مۇلازىمەتلىرىدىكى  پۇللارنى ئىشلىتىپ  ئىستىمال  قىلىسىز  ، (گەرچە  سىز كارتا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ نەق پۇل ئوبورتى بىلەن شۇغۇللانسىڭىزمۇ ، ئەمما  پۈتۈن  جەمئىيەت  نۇقتىسىدىن قارىغاندا  بۇ يەردە يەنىلا  تەقلىدى  ئېلىكتىرونلۇق  ھېساباتىكى پۇل ئوبورت قىلىنىدۇ .) سىزگە  ئوخشاش  بۇ خىل كارتا مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىستىمال قىلىدىغانلار  بۇ خىل كۆپ نوپۇسلۇق شەھەردە يالغۇز سىزلا ئەمەس ، ناھايىتى نۇرغۇن ، شۇنداق بولغاندا  بۇ خىل كارتا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئابونىتلارنىڭ  ئىستىمال  سان جۇغلانسىمىسى نەتىجىسىدە  ساختا كۆرۈنۈشلۈك رايون خاراكتىرلىك  ئىستىمال  تۇرمۇش  سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇش پەيدا بولىدۇ ،  كىشلەر بانكا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ توختىماي ئىستىمال قىلىپ تۇرىدۇ ، بازارنىڭ ئېھتىياجى ئېشىپ بارىدۇ ، كارخانچىلار توختىماي ئىشلەپچىقىرىپ تۇرىدۇ ، بۇ يەردە پەقەت  تەبىي بايلىق خوراشلا بولۇپ ، جەمئىيەتنىڭ  ئىستىمالىدىن پەيدا بولغان ئوبورت سۈرئىتى تىزلىشىدۇ ، كىشلەرنىڭ ئىستىمال تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەنسىرى  دەل ھازىرقىدەك  پايچېك ، فونىد ، تەقلىدى ئالتۇن سودىسى قاتارلىقلارغا  مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ  بايلىق ، ئىقتىسادى تۇرمۇش ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇسى كېلىدۇ ، (گەرچە بىزنىڭ  كىشلىرىمىزدە بۇخىل ھادىسە ئانچە كۆپ بولمىغان بىلەن پۈتۈن جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا  بۇخىل ئېقىم ئاساسىي سالماقنى ئىگەلەيدۇ . ) شۇنىڭ بىلەن  يۇقىرى ئىستىمالدىن كىيىن ، پۇل مۇئامىلە بازىرىغا  مەبلەغ سالغان ئابونىتلارنىڭ  كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ،پۇل مۇئامىلە بازىرىدا بىر  قېتىملىق قايناق بازار ھالىتى شەكىلىنىدۇ . يەنى كۆپۈكسىمان  بازار  پەيدا بولىدۇ  . مانا مۇشۇنداق كۆپۈكسىمان بازار  پەيدا بولغاندىن كىيىن  تەجىربىلىك ماگىناتلار  ئاستا  ھەركەتكە كىلىپ  تورنى يىغىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ ، ئەلۋەتتە كىرەك ھەرقېتىملىق خەلقئارا خەۋەرلەردىمۇ كۆرۈپ تۇردۇق ،  شۇنداق بىر قېتىملىق  قىسقا مەزگىللىك باھا ئۈشۈپ يۇقىرى باھا  پەيدا بولۇش ، مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەنپەئەتلەنگۈچى تۆۋەن قاتلام  خەلق بولماستىن  يەنىلا ماگىناتلاردۇر ..

ئەمدى  ھازىرقى  بازارغا قايتىپ كىلەيلى . مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا
\1927-يىلى بىنجامىن مورگەن ۋە kuhn loeband company قوللىشى ئاستىدا نىيويورىك بانكىسىنىڭ لىدىرى ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ، خەلقئارا بانكىرلار ئۇنىڭغا ئامىرىكا بانكىلىرىنىڭ ئۆسۈمىنىڭ ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشىنى مەسلەھەت كۆرسىتىپ مەخبىي خەت يازغان بولۇپ ، بۇ پىلان ئىجىرا قىلىنغاندىن كىيىن ،ئۇرۇش ئامىرىكا زىمىنىدا بولمىغانلىقتىن ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ئوتتۇرىھال ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ ئامىرىكىغا كىلىپ ئامىرىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى . دۆلەت ئىچى تىپتىنىچ بولغان ئامىرىكا مۇھىتى يارىتىش ، دۆلەت سىرتىدا ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان بارلىق كىشلەرنىڭ تىپتىنىچ ئۇرۇشتىن خالىي مۇھىتقا ئىگە بولغان ئامىرىكىغا سەپەر قىلىشى ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ۋەيران بولۇپ كېتىش خەۋىپىدىن ئەنسىرىمەيدىغان مۇھىت بولغانلىقتىن ، يۇرەكلىك ھالدا زاۋۇت كان كارخانا قۇرۇشتەك ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلدى.. ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن مەبلەغ سېلىش دولقۇنى كۆتىرىلىپ ، ۋال كوچىسىدىكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق سودا ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 1928 -يىلى خەلقئارا بانكىرلار پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇ پ ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئالتۇننىڭ بازار باھاسىنى تۆۋنلەتكۈزدى. كۆپتۈرۈلگەن قايناق مەبلەغ سېلىشتىن كىيىن ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن 1927-1929 يىلغىچە بولغان ۋال كوچىسى پۇل مۇئامىلە بازىرى پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادى بورىنى كېلىپ چىقتى. ئەمما نىيويورىك بازىرىدا باھا تۆۋەنلىتىلگەن بولسىمۇ لوندون بازىرىدا باھا ئەسلى ھالىتىدە مۇقىم بولغاچقا ، ئارلىقتىكى باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىندى ، بازار باھاسىدىكى باھا پەرقىدىن ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ياخشى پايدىلىنىپ ، ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئىقتىسادىنى تىزلا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدى. يەنە بىر قېتىملىق پىلاندىن كىيىن لوندون ۋە نىيويورىك پۇل مۇئامىلە بازىرىدا باھا پەرقىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئارلىقتىكى ۋاقىت پەرقى ۋە باھا پەرقىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى مەڭگۈلۈك پايدىغا ئېرىشىكىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەتندى . (ھازىرمۇ لوندون ۋە نىيويورىك بازىرىدىكى ئالتۇننىڭ بازار باھاسىدا ھەر ئۇنسىيەدە نەچچە دوللار پەرق بار بولۇپ غايەت زور مەبلەغكە ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار ئارلىقتىكى پەرقتىن توختىماي پايدىغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ . ) ئەمدى ئاشۇ يىللاردىكى ئىقتىسادىي كىرزىس بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇساقمۇ ، يەنە ئوخشاپ قالىدۇ ، ئالدىنقى يىلى ياز پەسىل ئولىمپىك مەزگىلىدە ئالتۇننىڭ بازار باھاسى 970-980 دوللار ئەتىراپىدا ئىدى ، ئىقتىسادىي كىرزىس داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە 870--890 ئارلىقىدا ساقلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ .. خەلىقئارا بانكىرلارنىڭ قولىدا غايەت زور كاپىتال بار ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا تەقلىدى ۋە رىئال ئالتۇننى ئۈزلۈكسىز سېتىۋالسا ، ۋە ساقلاپ قالسا (بىزدەك قىسقا ۋاقىتلىق باھا ئۆسكەندە سېتىپ ،يەنە ئېلىپ دىگەندەك قىسقا ۋاقىتلىق ئوبورت قىلمايدۇ ) ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرى ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش بىلەن دۇنيا خاراكىرلىك بولغان بۇ ئىقتىسادىي كىرزىسنى تەڭ ئىقتىسادى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاخىرلاشتۇرسا ، قايتىدىن كىرزىستىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدەك گۈللىنىش بارلىققا كېلىدۇ ، كىشلەر قايتىن پۇل مۇئامىلە بازارلىرىغا مەبلەغ سالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كىرزىستىن كىيىنكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق بازار شەكىلىنىپ ، نىيويورىك ۋە لوندوندا پاي ۋە ئالتۇننىڭ باھاسى قىسقا ۋاقىت تىز سۈرئەتتە ئۆسىدۇ . نەتىجىدە غايەت زور مىقداردىكى كاپىتالغا ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار يىغىپ ساقلىۋالغان ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن ئارلىقتا نەچچە يۈز مىليارد ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولالايدۇ . ئەكىسچە ئوتتۇرا بۇرژازىيە ۋە ئاددى خەلقنىڭ زور مىقداردىكى كاپىتالى بولمىغانلىقتىن يەنىلا كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ ...\\  مانا  مۇشۇنداق  يېزىپ  قالدۇرغان .
يەنى بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم  تاشقى پىرىۋوت  پۇل ئوبورت نىسبىتى ، ئالتۇننىڭ باھاسىنى پۇل ئارقىلىق بەلگىلىگەندىكى ئوبورت نىسبىتى ، ئاندىن  ھەرقايسى  رايونلارنىڭ  جۇغراپىيەلىك  ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا  ئاساسەن   بۇ خىل نىسبەتلەرنىڭ  ئوخشىماسلىقى   دەل تاسادىپىي  كىلىپ چىققان ئەمەس، ئەسلىدە  بۇ  خىل نىسبەتلەرنىڭ  ھەممىسى  مۇقىم  تۇراقلىق  ھالەتتە ، ياكى  نىسبىي تۇراقلىق ھالەتتە بولۇپ ، ھەر ئايدا ياكى  پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرغان ، ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك  مىنۇت سىكۇنىت  توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھالەتتە ئەمەس، مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ  ئۇرۇشتىن كىيىن ئامىرىكىدا  رايون خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرگەن ، يەنى بىر مەيدان پىلاندىن كىيىن  نىيويورىك بىلەن لوندوندىكى باھادا  پەرق  پەيدا بولۇپ ، ئارلىقتىكى جۇغراپىيەلىك ئورۇن  پەرقىدىكى  بازارنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ، ئاندىن ئىككى ئورۇننىڭ  باھا پەرقىنىڭ  ئوخشىماسلىقىغا  ئاساسەن  ياۋروپالىقلار  ئارىدىكى پايدىدىن  مەنپەئەتلىنىپ ئۇرۇشتىن كىيىنكى دۆلىتىنىڭ  تەرەققىياتىنى تىز ئەسلىگە  كەلتۈرۈپ ئىككىنجى  دۇنيا  ئۇرۇشىغا  تەييارلىق  قىلغان ، ئەلۋەتتە  بۇنىڭدىن  يالغۇز  ياۋروپالىقلارلا  مەنپەئەتلىنىپ  قالماستىن  ئامىرىكىلىقلارنىڭ  ئۆزىمۇ مەنپەئەتلەنگەن . ئەمدى ھازىرقى دۇنيا خاراكتىرلىك  ئىقتىسادى كىرزىسقا  ۋە  تاشقى پىرىۋوتتىكى دوللار ، ياۋرو ، فونىستىرىلىڭ ، يىن قاتارلىقلارنىڭ  ئۆزئارا ئوبورت نىسبىتىنىڭ  ئۆزگۈرىشىگە  نەزەر سېلىپ باقايلى . ئەمدى تاشقى پىرىۋوت بازىرىدىكى  نىسبەت  ئۆزگۈرىشىگە  ئۇزۇندىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقانلار بولسا  ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن ، ئامىرىكا دوللىرى بىلەن جوڭگو خەلق پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش نىسبىتىدە ، جوڭگو پۇلىنىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا ئايرىلىدىغان نىسبىتى چۈشىۋاتقان يەنى ئامىرىكا دوللىرىنىڭ باھاسى چۈشىۋاتقان بولسىمۇ (ئىلگىرى 7.6 ،  ھازىر  6.8375 ) ئەكىسچە ياۋرو ۋە فونىستىرلىڭنىڭ ئامىرىكا دوللىرى بىلەن ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ، ئامىرىكا دوللىرى بىلەن ياپون يىنى ، فونىستىرلىڭلارنىڭ  ئايرىۋاشلاش نىسبىتى   ئوخشاش ماسلىقتا ئەمەس ، يەنى ئامىرىكا دوللىرىنىڭ فونىستىرلىڭ ۋە ياۋروغا نىسبەتەن چۈشىۋاتقانلىقىنى ماسلىق ھالىتىدە كۆرىۋالغىلى بولمايدۇ  ھەم  جوڭگو ھۆكۈمىتى  ئۆزىنىڭ  سىياسىي مىقەزىنى بۇنىڭغىمۇ ئارلاشتۇرۇپ  نىسبەتنى  ئۈچ  تۆت  ئايدىن  بېرى  6.7--6.8  لىك  ئەگىرىلىك  دەرىجىسى  ئانچە چوڭ بولمىغان  تۈز سىزىق ھالىتىدە  ساقلاپ مېڭىۋاتىدۇ .(ئىلگىرىمۇ  7.5  ۋاقتىدىمۇ  مۇشۇنداق  قىلغان)
(مەن تاشقى پىرىۋوتنى تازا  ياخشى چۈشىنەلمىگەچ باشقا پۇللار ئارىسىدىكى  ئەھۋال ئۆزگۈرىشىنى  قانداق  بولىدىغانلىقىنى ئېنىق  ئۇقالمىدىم)  ھازىر ئامىرىكا  دوللىرى ئۈزلۈكسىز  چۈشىۋاتقىلى  خېلى مەزگىل بولدى . بۇ دۆلەت كىشلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي  سىياسىي ئارقىلىق نىسبەتنى كونتىرول قىلدى ، ئۇنداقتا  دوللار بىلەن  خەلق پۇلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىساق ، بازار باھاسى بىر مو ئۆسسە 29250457038.39  يەنى 29مىليارد250 مىليون ئامىرىكا دوللىرى كىرىم قىلىدۇ ، ئەگەر ئوخشاشلا بازار باھاسى بىر مودىن چۈشۈپ ماڭسا يەنىلا   29250457038.39  يەنى 29مىليارد250 مىليون ئامىرىكا دوللىرى چىقىم بولىدۇ. خەلق پۇلى ئەسلىدىكى  7.8  مەزگىلدىكىدىن  كۆپ چۈشۈپ كەتتى ، مانا  مۇشۇنداق  بولغاندا كىشلەر بۇ دۆلەت ئۇنۋېرسال سېلىشتۇرمىدا ئۈچىنجى ئورۇنغا ئۆتتى ،  تەرەققىي قىلدى ،شۇڭا  پۇلىسىنىڭ  كۈچ قۇدىرىتى ئېشىپ دوللار بىلەن  كۈچ سىنىشىپ تەڭلەشتى دەپ چۈشەنسىمۇ ، ئەمما  بۇ دۆلەت ئىككى پۇل ئارىسىدىكى پەرقتىن قىسقىغىنا  بىر يىل  ۋاقىت ئىچىدىلا  300 مىلياردتىن ئارتۇق  زىيان تارتتى  .ئۇنداقتا  بۇ ئىقتىسادى كىرىملەر  زادى قەيەرگە باردى دىگەندە يەنىلا ، ئامىرىكا ۋە ياۋروپاغا بېرىپ ئۇلارنىڭ  ئىلگىرىكى 1929 يىللاردىكى  ئىقتىسادى كىرزىس مەزگىلىدە  نىيويورىكتا  باھا چۈشۈپ ياۋروپالىقلارنىڭ  تەرەققىي قىلىپ  ئەسلىگە كىلىۋېلىشى ئۈچۈن بولۇنغان بولسا ، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس  شەرقتىكى بۇ كۈچنىڭ  مېڭىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ،  ئارلىقتىكى  پايدىدىن  ئامىرىكا  ۋە ياۋروپانىڭ  ئىقتىسادى قەدىمىنىڭ  تىزلىشى ئۈچۈن بولدى . ئۇنداقتا  دوللار بىلەن ياۋرو ۋە فونىستىرلىڭلاردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىغۇ ، ئۇ چاغدا  بۇ دۆلەت كىشلىرى پايدىغا  ئېرىشەلمەمدۇ دەپ  سورىشىڭلار مۇمكىن ، ئەلۋەتتە ، بۇ يەردىكى جۇغراپىيەلىك رايون پەرقىدىكى ئوخشىماسلىقتىن  ھەم  باھا پەرقىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن مەڭگۈلۈك پايدىغا  ئېرىشكىلى بولىدۇ ، ئەمما  پايدىغا ئېرىشكۈچى ھەرۋاقىت  يۇقىرى كاپىتال مەبلەغ  سالغان ۋە  بۇ ئويۇننىڭ  قائىدىسىنى  چۈشەنگەن ۋە ئالدىن  پىلانلىغۇچىدا كۆپ بولىدۇ  دىگەن گەپ .  چۈنكى  ھازىرقى  ئىقتىسادى كىرزىس بايا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك   يۇقىرى تۇرمۇش  ئىستىمال سەۋىيىسىدىن كىيىنكى  قايناق بازار  سەۋەبىدىن  ،يەنى ئىقتىسادتىكى بازارنىڭ نورمال ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە  ئۇيغۇن ،  ۋە يەرشارىدا ئېنىرەىيە بايلىقنىڭ كېمىيىشى بىلەن كىلىپ چىقتى. ئەمما  بۇ بىر خىل ساختا  ئىقتىسادى كىرزىس  دەپ قاراشقا بولىدۇ ، ئۈستىدىكى ئىنكاستىكى ئالتۇن ئوينىغانمۇسىزدىن  قىسقىغىنا  بىر قانچە ئاي ۋاقىت جەريانىدىكى باھا ئۆزگۈرىشىگە دىققەت قىلدىڭلار ، ئەمدى بۇ   تاشقى پىرىۋوت  بازىرىدىكى باھانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئوخشىمايدۇ ، شۇنداقتىمۇ  ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ  ئىقتىسادى تەدبىرلەرنى قوللىنىشىدىن كىيىن  باھانىڭ  بارا بارا  ئۆسىۋاتقانلىقىنى  كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. (مەن تاشقى پىرىۋوتنى چۈشەنمىگەندىكىن مۇشۇنى مىسال قىلاي )  باھانىڭ  ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدا  870---940  دوللار  بولۇپ ، 70  دوللار  پەرق  بار ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ، لىكىن  بۇ خىل باھا پەرقىدىن  ھەممە كىشى ئوخشاش مەنپەئەتلەنسىمۇ ، ئەمما  تۆۋەن  كاپىتالغا ئىگە  بولغانلارغا  قارىغاندا ، دەل  ئەنە ئاشۇ كىشلەرنىڭ  پايدىسى يەنىلا  كۆپ بولىدۇ . ئەمدى ئويلاپ باقساق  بۇ باھا پەرقى  ناھايىتى تىزلا  شەكىللەنگەن ، ئۇنداقتا بۇخىل باھا ئۆسۈش  قانداق  كىلىپ چىقتى ، نەزەر سېلىپ باقايلى . ئوپىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى  ئازايتتى، نېفىت باھاسى ھەر تۇڭى 10 دوللار ئەتىراپىدا  ئۆستى ، ئەمما  دىققەت قىلىشقا  تىگىشلىكى  پەسىل ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ  ھەرقايسى  دۆلەت ،رايونلاردا  پۇل مۇئامىلە  بازىرىغا  قايتىدىن  مەبلەغ  سالغۇچى  ئابونىتلار  كۆپەيدى ، ئالدىنقى  يىل ياكى ئالدىنقى  پەسىلدە  پۇل مۇئامىلە  بازىرىدىن چىكىنگەنلەر  ۋە يېڭىدىن  قىزىققۇچىلار  قايتىدىن  پۇل مۇئامىلە  بازىرىغا  مەبلەغ  سېلىپ  قايناق  بازار  ھاسىل  قىلدى ، مۇشۇ ھەپتىدىكى شاڭخەي  ئاكسىيە  ئورنىنىڭ  تور خەۋرىدە  كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنقى  يىلى  60 %  ئابونىت  پۇل مۇئامىلە  بازىرىدىن چىكىنگەن بولسا ، ھازىر پەسىل ئالمىشىشى بىلەن قايتىدىن تىز  كۆپىيىپ  ئابونىتلار  38 % ئاشقان .يەنى ھازىر  كۆپۈكسىمان  بازار  شەكىلىنىۋاتىدۇ  دىيىشكە  بولىدۇ . ئەمدى تاشقى پىرىۋوتتا بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا  ئارلاشتۇرىۋېلىپ ھازىرچە باھانى 6.7--6.8  ھالەتتە  ساقلاپ  ماڭماقتا ، ئەمما  بۇلارنىڭ  ئۇلۇغ  ئارزۇ ئارمانلىرىدىن  قارىغاندا  خەلق پۇلى  بىلەن  دوللارنىڭ  نىسبىتى  ئىلگىرىكى  7.6--7.8  لىك  ھالەتكە  ئەمدى  قايتىپ  كەلمەسلىكى  مۇمكىن ، ئېنىقلىق  دەرىجىسىنى چوڭ دەپ  قارايمەن . بۇلار  تېخى ئالدىنقى  قېتىملا  ئامىرىكا  دوللىرىنىڭ  خەلقئارالىق  ئوبورت  پۇل  بولۇشتىن  قېلىپ  ئورنىغا  باشقا  دۇنيا  پۇلى  تەسىس قىلىش  ئارزۇسىنى ئېيتىپ ئۆتتى ،گەرچە  رەت قىلىنغان بولسىمۇ ، بۇلارنىڭ  ئارزۇسىدىن قارىغاندا ، بۇلار  كەلگۈسىدە  خەلق پۇلىنىڭ  دۇنيا  پۇلى بولۇشىنى ، خەلقئارالىق  ئوبۇرت قىلىنىشىنى  ئۈمىد قىلغان ۋە شۇ ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن  تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ ، ئاندىن  چوڭ دۆلەتلەرنىڭ باش كۆتىرىپ چىقىشى بويىچە بۇلار  كەلگۈسىدە ئۇنۋېرسال دۆلەتلەر  قاتارىدا  ياپونىيەنىڭ  ئالدىغا  ئۆتۈپ  ئامىرىكا  بىلەن  تەڭلىشىش  ۋە  تىرىشىپ  ئامىرىكىنىڭ  ئالدىغا  ئۆتۈپ  كىتىشتەك  گۈزەل  ئۇلۇغۋار  ئارزۇلار  بىلەن  ئۈزلۈكسىز  تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ، ئۈستىدىمۇ كۆرۈپ ئۆتتۈق  خەلق پۇلى بىر مو چۈشسە كۆپ زىيان بولىدۇ ، بۇلارنىڭ  ئۇنداق گۈزەل ئارزۇلارغا يىتىپ كېتىشىگىمۇ  غەربمۇ قاراپ تۇرمىسا كېرەك ، شۇڭىمۇ  خەۋەرلەردە كۆرىۋاتىسىلەر ، ئۇنداق بولغانىكەن ،  بۇلارنىڭ  ئارزۇسىغا بالدۇر يەتمەسلىكى ، قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇشى ئۈچۈن  باھا  ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ تۇرىشى  كېرەك ، ئەنە ئاشۇنداق بولغاندىلا  ، بۇلار ئارزۇسىغا تىز يىتەلمەيدۇ ، ھەم  غەربلىكلەرمۇ  ئۈستىدىكىدەك  ئاشۇنداق غايەت  زور  ئىقتىسادىي كىرىمگە  ئىگە  بولالايدۇ ، مۇشۇخىل  سىياسىي مۇھىتتىن قارىغاندا  باھانىڭ  قايتىدىن  ئەسلىگە  كىلىشى  مۇمكىن ئەمەس  ،  باھادا  ئۆسۈش  كۆرۈلىشى  مۇمكىن ئەمەس.........

چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-22 06:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !