بۇ بەتتىكى تېما:ئاقائىدە زۆرإرىيە | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 48
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاقائىدە زۆرإرىيە

رەھمان ۋە رەھىم سإۈپەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

داموللا ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇل ۋارىس قەشقەرى

       ئاللاھ  تائالانىڭ سۆزى ھەممە سۆزدىن ئۇلۇغ ۋە يإۈكسەكتۇر" س: ئىنساننىڭ بەخت- سائادىتى ۋە ئۇلۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟     

ج: ھەق ۋە راستچىل دىنغا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ
 
س: ھەق ۋە راستچىل دىن قايسىدۇر؟
ج: ھەق ۋە راستچىل دىن - ئاللاھ ھوزۇرىدا قوبۇل بولغان ئىسلام دىنىدۇر.
س: ئىنسان قايسى سۆز بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۆئمىن - مۇسۇلمان بولىدۇ؟
ج: كەلىمە تەيىبە(پاك سۆز) نى تىلى بىلەن سۆزلەپ، مەنىسىنى چإۈشىنىپ،دىلى بىلەن تەستىق قىلماقــلىق بىلەن بولىدۇ.
س: كەلىمە تەييىبە قايسىدۇر؟
ج: "لائىلاھە ئىللەللا مۇھەممەدەن رەسۇلىللا" دۇر.
س: كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: بىر ئاللاھتىن باشقا (ھېچ) ئىبادەت قىلىنغۇچى ۋە ياراتقۇچى يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
ئاللاھ تائالانىڭ بىز ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىدۇر.
س: قانداق كىشى كامىل مۆئمىن ۋە مۇسۇلمان بولىدۇر؟
ج: ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، شەرىئەتتە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكإۈملەرگە ئىمان كەلتۈإرإۈپ،ئىتائەت قىلغان كىشى كامىل مۆئمىن- مۇسۇلمان بولىدۇر.
س: ئىمان دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالاغا ۋە پەرىشتىلەرگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈإنىگە،ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولۇشىغا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ ھەق – راستلىقىغا ئىشىنىپ قوبۇل قىلىشتۇر.
س: ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتإۈرإۈش قايسى يوسۇندا بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا باردۇر، بىردۇر، قەدىمىيدۇر، ھېچ شېرىكى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا بإۈيۈإك سۈإپەتلىرى بىلەن دائىم سإۈپەتلەنگإچىدۇر. بارچە ئەيىب- نوقسانلاردىن پاك ۋە خالىيدۇر.
س: ئاللاھ تائالانىڭ بإۈيۈإك سإۈپەتلىرى قايسى سإۈپەتلەردۇر؟
ج: ئاللاھ تائالا "ھەييۇن"، "ئالىمۇن"، "مۇرىدۇن"، "قادىرۇن"، "مۇتەكەللىمۇن"، "مۇكەۋۋىنۇن"، "سەمىئۇن"، "بەسىرۇن"... دۇر.
س: "ھەييۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا تىرىكتۇر. ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. تىرىكلىكى جىسىم ۋە جان بىلەن ئەمەستۇر،بەلكى ئۆزىگە لايىق سإۈپىتى بىلەن تىرىكتۇر.
س: "ئالىمۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەرنى (مەيلى ئۇ) ئاشكارا بولسۇن ياكى يوشۇرۇن بولسۇن تامامەن بىلــگإچىدۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر. (ئاللاھ تائالانىڭ) بىلمىكى ئاقىل
ۋە زېھىن بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىگە لايىق سإۈپىتى بىلەن بىلگإۈچىدۇر.
س: "مۇرىدۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى بىلەن بولىدۇ.
س: "قادىرۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر كۈإچى يەتكۈإچىدۇر. ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەستۇر.
س: "مۇتەكەللىمۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا سۆزلىگإۈچىدۇر. قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىشى تىل- ئېغىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە لايىق سإ پىتى بىلەن سۆزلىگإچىدۇر.
س: "مۇكەۋۋىنۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە پەيدا قىلغۇچىدۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ يارىـتىشى بىلەن ئاپىرىدە بولغاندۇر.
س: "سەمىئۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر.ئاللاھ تائالانىڭ ئاڭلىشى قۇلاق بىلەن ئەمەستۇر.بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈإپىتى بىلەن ئاڭلىغۇچىدۇر.
س: "بەسىرۇن" نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى كۆرگإچىدۇر. ھەتتا قاراڭغۇ كېچىدە قارا تاش ئإستىدىكى قارا چإۈمۈإلىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىمۇ كۆرۈإپ تۇرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ كۆرمىكى كۆز بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۆزىگە خاس سإۈپەت بىلەن كۆرگإۈچىدۇر.
س: پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈإرإۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرى باردۇر.ئۇلارنى نۇردىن ياراتقاندۇر. ئۇلار ئەركەك-چىشى دېيىلمەيدۇ. ئۇلاردا يىيىش- ئىچىش يوقتۇر. ئۇلار دائىم ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدە بولغۇچى ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا يېقىن چوڭراقلىرى جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسراپىل ۋە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامدۇر.
س: (ئاللاھ تائالانىڭ) كىتابلىرىغا ئىمان كەلتإۈرۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئىسلاھ قىلىش، كىشىلىك ھاياتتا ئادالەتنى بەرپا قىلىش ئإۈچۈإن،پەيغەمبەرلەرگە كىتاب ئىبەرتكەندۇر.ئۇ كىتابلاردا بۇيرۇش، چەكلەش، ۋەدە (يەنى مۆئمىن- مۇسۇلمانلارغا جەنــنەت ئاتا قىلىشقا) ئازاب (يەنى كاپىرلارغا ئازاب بېرىش) لىرىنى ۋە بەندىلەرنىڭ دىنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەنپەئەت ۋە زەرەرلىرىنى بايان قىلغاندۇر.
ئۇ كىتابلار: تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر، قۇرئان ۋە باشقا سەھىيپىلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىدىن ئەۋزىلى ۋە ئاخىرقىسى قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكإۈملىرى قىيامەتكىچە كۈإچكەئىگىدۇر.
س: پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈإرۈإش قايسى يوسۇندا بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا ئۆز پەزىلىتى بىلەن بەندىلىرىنى توغرا يولغا كىرگإۈزمەك ئإۈچإۈن پەيغەمبەرلەنى ئىبەرتــكەندۇر. ئۇلار ئىنسانلارنى تەۋھىدكە، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، ئەخلاقلىق بولۇش...قاتارلىق ئىشــلارغا دەۋەت قىلىپ، شېرىك ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يامان ئىشلاردىن خالىي،راستچىل كىشىلەردۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋۋىلى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممىدىن ئەۋزىلى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
س: قىيامەت كإۈنىگە ئىمان كەلتۈإرۈإش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: قىيامەت كۈإنىدە بەندىلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىگە قارىتا مۇكاپات،جازا بېرىلىدىغانلىقى ھەق ۋە راستتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ئاشۇ كۈإن توغرىسىدا دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈإتۈإنلەي توغرىلىقى شەكسىزدۇر.
س: تەقدىرگە ئىمان كەلتإۈرإۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: بەندىلەرنىڭ مەيلى ياخشى ياكى يامان ئەمەللىرى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا ياخشى ئەمەللەرگە رازى، يامان ئەمەللەردىن رازى ئەمەستۇر.
س: ئىسلام دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھنى بىر دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج تاۋاپ قىلىشتۇر.
س: شاھادەت (گۇۋاھلىق بېرىش) دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە ئىبەرتكەن ئەلچىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بەرمەكتۇر.
س: ناماز دېگەن نېمە؟
ج: بەش ۋاق نامازنى شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق تەئدىل- ئەركانلىرى بىلەن رۇسلاپ ئوقۇماقتۇر.
س: زاكات دېگەن نېمە؟
ج: مال- مإۈلكى ئۆز ھاجىتىدىن ئېشىپ ھېسابىغا يەتكەندە پېقىر مىسكىنلەرگە مەلۇم مىقداردا ئايرىپ
بېرىش، زاكات دىيىلىدۇ. زاكاتنىڭ مەنىسى مال- مإلإكنى پاكلاش دېمەكتۇر. زاكات بەرمىگەن مالـ ـمإۈلإۈك نىجىستۇر. تېرىش- سۇغىرىش بىلەن ئۆستۈإرىلىدىغان زىرائەتلەرنىڭ زاكىتى ئۆشرە دىيىلىدۇ. ئۆشرە بەرمىگەن زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى ناپاك (ھارام) دۇر.
س: روزا تۇتۇش دېگەن نېمە؟
ج: رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن سۈإبھى يورىغان ۋاقىتتىن باشلاپ كإۈن كىرىپ كەتكەنگىچە قەدەر يىمەك- ئىچمەك ۋە جىنسى ئالاقىنى تەرك ئەتمەكتۇر.
س: ھەج تاۋاپ قىلىش دېگەن نېمە؟
ج: بەيتۇللاغا بېرىپ كەلگىچە (ئىقتىسادىي جەھەتتىن) يولدىكى خىراجەت- چىقىملىرىغا ۋە ئائىلىسىدىــكىلەرنىڭ نەپىقە ۋە ھاجەتلىرىگە يەتكإدەك نەرسىگە قادىر بولغان كىشىنىڭ مۇمكىن بولسا ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج تاۋاپ قىلىشى پەرزدۇر.
س: ئىماننىڭ خۇلاسىسى نېمە؟
ج: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ نامىدىن بىرەر ئەمرىگە بۇيرىغان ياكى توسقان بولسا ئەشۇ ئەمرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن دېيىلگەنلىكى قۇرئان كەرىم ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغانلىقى بىلىنسە، ئاڭا تىل بىلەن ئىقرار ۋە دىل بىلەن تەستىق قىلىپ شۇ بويىچە قىلماقلىقتۇر
س: ئىلىم ئۈإگىنىش دېگەن نېمە؟
ج: ئىلىم ئإۈگىنىش ئەر- ئاياللارغا ئوخشاشلا پەرھىزدۇر. ئىلىم ئإۈگىنىش بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخىت- سائادەتنى قولغا كەلتۈإرإشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.
س: مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈإشإۈپ قېلىشىغا سەۋەب نېمە؟
ج: سەۋەب ئىككىدۇر. بىرىنچى، بىلىمسىزلىك ۋە مۇتەئەسسىپلىكتۇر. ئىككىنچى، ئىتتىپاقسىزلىق ۋەئىختىلاپتۇر. ھەر قانداق قەۋم ۋە مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈإشإۈپ قېلىشىدىكى (ئاساسلىق) سەۋەب نادانلىق ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقسىزلىقتۇر.
س: ئىززەت- ئابروي ۋە زور كإچ قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئىلىم مەرىپەت ئۈإگىنىش ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.شۇنىڭ ئإۈچۈإن ئاللاھ تائالا بىزلەرنى ئۆز ئارا ۋە كەڭ مۇسۇلمانلار ئارا ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. "ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھ يولىغا (قۇرئان كەرىم ئەتراپىغا) زىچ ئۇيۇشۇڭلار ئۆز ئارا بۆلۈإنمەڭلار".ھىدايەتكە ئەگەشكإۈچىلەرگە سالام!
ئوچۇق پىكىرلىك دىنداش مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن ئإۈمىدىم شۇكى، بۇ كىتابنى ئائىلە ئەۋلادلىرىغا بىلـدإۈرإۈش ۋە ئوقۇتۇپ، يادا ئالدۇرۇشنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمىغاي "چوقۇم ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ".


مەنبەسى ؛http://ellturk.blogspot.com

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-10 12:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا دىن
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !