بۇ بەتتىكى تېما:ئۇيغۇرلاردا پۇت ۋە قولغا ئالاقىدار  پەرھىزلەر | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
kumluk138
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 7523
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 108
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە108دانە
شۆھرىتى: 782 نومۇر
پۇلى: 1015 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرلاردا پۇت ۋە قولغا ئالاقىدار  پەرھىزلەر

ئۇيغۇرلاردا پۇت ۋە قولغا ئالاقىدار بەزى پەرھىزلىك ئادەتلەر مەۋجۇت .ئۇلار پۇت ۋە قولنىڭ ھەرىكىتى ، ئوڭ ۋە سول تەرەپلەرنىڭ ئايرىم ئىشلىتىلىشى قاتارلىق تەرەپلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ .
ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئىشلاردا ئوڭ قول بىلەن سول قولنى پەرقلىق ئىشلىتىدۇ . خەلق ئىشەنچىسىدە ئوڭ تەرەپ ۋە ئوڭ قول مۇقەددەس دەپ قارالسا ، سول تەرەپ ۋە سول قول ئۇنداق دەپ قارالمايدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بۇ قارىشى ئىسلام ئېتىقادىي سەۋەبىدىن يەنىمۇ يۈكسەلدى .« قۇرئان » دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئاخىرەتتە ئىنسانلار تىرىلگەندە ، كىشىلەرگە قىلغان -ئەتكەنلىرى يېزىلغان دەپتەر ئوڭ ۋە سول قولىغا بېرىلىدۇ . ئەگەر قىلغان ساۋاپلىق ئىشلىرى كۆپ بولسا دەپتەر ئوڭ قولىغا بېررىلىدۇ . ئەگەر مۇسۇلمان بولمىسا ياكى قىلغان يامان ئىشلىرى كۆپ بولسا دەپتەر سول قولىغا بېرىلىدۇ . دەپتەرنىڭ ئوڭ قولىغا بېرىلىشى ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولسا ،سول قولىغا بېرىلىشى دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، نۇرغۇن ھەدىسلەردىمۇ ئوڭ قول بىلەن سول قولنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئايرىلغان . ئومۇمەن تاھارەت ، كىيىم كىيىش ، ئاياغ كىيىش ، كىيىم سېلىش ، كۆزنى ئۇۋۇلاش ، تىرناق ئېلىش ، ساقالنى ياساش ، چاچ ياساش ، تاماق يىيىش ، سۇ ئىچىش ، قول ئېلىشىش ، نەرسە تاپشۇرۇش ۋە ئېلىش قاتارلىقلاردا بىردەك ئوڭ قولنى ئىشلىتىش ؛ بۇرنىنى تازىلاش ۋە پاكىزلاش ، ئەۋرەتنى تۇتۇش ، پاسكىنا نەرسىلەرنى تۇتۇش قاتارلىقلاردا سول قولنى ئىشلىتىش بۇيرۇلغان . دېمەك ، ئۇيغۇرلار ئاشۇ ئەقىدە تەسىرىدە ئوڭ قول بىلەن پاسكىنا نەرسىلەرنى تۇتۇشتىن پەرھىز قىلىدۇ . ئوڭ قول بىلەن ئەۋرەتنى تۇتۇش بولسا تېخىمۇ پەرھىزلىك ھەرىكەت بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ .
سول قولدا نىسبەتەن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس دەپ بىلگەن شەيئى ۋە نەرسىلەرنى تۇتمايدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇرلار «قۇرئان » نى سول قولىدا تۇتمايدۇ ياكى ھېچبولمىغاندا ئىككى قولى بىلەن تۇتىدۇ .ئۇيغۇرلاردىكى ئوڭ ۋە سول چۈشەنچىسى بەك كۈچلۈك بۇلۇپ ، بۇ يەنە نۇرغۇن ياخشى ، پاكىز ئىشلارنى ئوڭدىن باشلاش ، پاسكىنا ئىشلارنى سولدىن باشلاش ئادىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار ئادەتتە قول يۇيغاندا جۈپ ساندا يۇيمايدۇ . ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ .
يەنە « قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن سىلكىسە بولمايدۇ » دەپ پەرھىز قىلىدىغان ئادەت ناھايىتى كەڭ ئومۇملۇققا ئىگە . بۇنداق قىلىش كىشىلەر تەرىپىدىن ئەدەپسىزلىك دەپ قارالغاندىن باشقا ، بۇ « مەكرو : ( يامان كۈرۈلىدىغان ) ئىشتۇر . ئەلۋەتتە ، ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر سول قولىنى ئىشلىتىپ كۆنگەن بۇلۇپ ، ئۇلار ئادەتتىكى ئىشلاردا سول قولىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ، يەنە مۇقەددەس شەيئى ۋە ئۇلۇغ نەرسىلەرنى تۇتۇشتا سول قولىنى ئىمكان بار ئىشلەتمەيدۇ . ئۇيغۇرلار ئولتۇرغاندا ياكى تۇغاندا ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئولتۇرىدۇ ، تۇرىدۇ . بىراق ، سول قولىنى ئوڭ قولىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئولتۇرۇشتىن ۋە ياكى قول بارماقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئولتۇرۇشتىن پەرھىز قىلىدۇ . بۇنداق قول ھالىتى ئوڭ ۋە سول ھەققىدىكى قاراشلار  بىلەن ئىجتىمائى ئالاقە ۋە قائىدە-يوسۇنلارنىڭ مىللى خاسلىقىدىن كېلىپ چىققان ئەنئەنىدۇر .
ئۇيغۇرلاردا پۇتقا ئائىت پەرھىزلەر ئاساسەن ئولتۇرغاندىكى پۇتنىڭ قىياپىتىگە چېتىلىدۇ . ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشتا پۇتنىڭ قىياپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ . ئالدى بىلەن ، كىشىلەر پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشتىن پەرھىز قىلىدۇ . بۇ پەرھىزنىڭ مۇنداق بىر ئېتىقاد ئاساسى بار . يەنى بىر ئادەم داۋاملىق پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا ، بۇ ئادەت تۈپەيلىدىن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ گۆرىدە پۇتى مىنگىشىپ قالىدۇ . ناۋادا مېيىتنىڭ پۇتى مىنگىشىپ قالسا ، ئۆز ئۆيىدىكى باشقىلارنى سۆرەپ كېتىدۇ ( يەنى باشقىلارمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ ) شۇ چۈشەنچە بۇيىچە ، ئگەر بىر ئۆيدىن ئارقا-ئارقىدىن بىرقانچىسى ئۆلۈپ كەتسە ، كىشىلەر بۇنى يېقىندىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ پۇتىنىڭ مىنگىشىپ قالغانلىقىدىن كۆرىدۇ-دە ، ئۇ ئادەمنىڭ گۆرىنى ئېچىپ راستىنلا پۇتى مىنگىشىپ قالغان بولسا تۈزەپ قۇيىدۇ . مۇشۇنداق قىلسا ، ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىدىغان ئۆلۈم توختايدۇ ، دەپ قارايدۇ .
شۇڭا پۇتنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا بولمايدۇ دىگەن پەرھىزلىك ئادەت كېلىپ چىققان .
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن ئىلگىرىكى ئۆلگەن ئادەمنىڭ گۆرىنى ئېچىپ ئۇنىڭ پۇتىنى تۈزەپ قويىدىغان ئىش شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە بولغان . بىزنىڭچە بۇ چېكىدىن ئاشقان خۇراپىي ھەرىكەت بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ، پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش بولمايدۇ .
مېيىتىنىڭ مىنگىشىپ قالغان پۇتىنى تۈزەپ قۇيۇش بىلەن ئارقا-ئارقىدىن يۈزبەرگەن ئۆلۈم ھادىسىسنىڭ توختىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
ئۇيغۇرلار يەنە ئولتۇرۇش ۋە يېتىشتا پۇتىنى قىبلە تەرەپكە ( غەرب -مەككە تە رەپ ) سۇنۇشتىن پەرھىز قىلىدۇ . ( بىراق ، بىمار كىشىلەرنىڭ يۈزىنى قبلە تەرەپكە قىلىپ ئىشارەت نامىزىنى ئادا قىلىشئۈچۈن پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ يېتىش دۇرۇس ، دەپ قارىلىدۇ ) .چۈنكى ، ئۇيغۇرلار قىبلە تەرەپنى ، جۈملىدىن مەككە تەرەپنى ئۇلۇغ بىلىدۇ . مۇنداق ئادەت ئىسلامىيەتتىن كېيىن شەكىللەنگەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار بولسا كۈن تەڭرىسى چىقىدىغان تەرەپ -شەرق تەرەپنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ كەلگەن . ئولتۇرۇش شەكلى جەھەتتە يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشتىن پەرھىز قىلىدۇ . چۈنكى ، بۇ بىر قەدەر ئازادە ، ئەمما قوپالراق سىياقتىكى ئولتۇرۇش شەكلى بۇلۇپ ،بۇنداق ئولتۇرغاندا ئاياللار كېلەڭسىز كۈرۈنگەندىن باشقا ، يەنە بۇ جىنسىي ئەزانى يوشۇرۇش ھەرىكىتىگە سەل قارىغانلىق بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشنى چوڭ ئەدەپسزىلىك ھېسابلايدۇ .
ئۇيغۇرلاردا يەنە «باشقىلارنىڭ پۇتىدىن ئاتلاپ ئۆتسە ، پۇتى ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ » دەپ ، باشقىلارنىڭ پۇتىدىن ئاتلاپ ئۈتۈشتىن پەرھىز قىلىدىغان ئادەتمۇ بار .
مېڭىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇيغۇرلاردا « كەينىچە ماڭسا يامان بۇلىدۇ » دەيدىغان گەپمۇ بار . كەينىچە مېڭىش ئەگەر چېنىقىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ، ئۇنداقتا يامان كۈرۈلىدىغان ئىش ھسېسابلانمايدۇ . ئەگەر بىرەر مەقسەت بولماي تۇرۇپ ، كەينىچە ماڭسا بۇ نېرۋا كېسىلى بۇلۇپ قالغان قىسمەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاپ قالغىنى ئۈچۈن چەكلەنگەن بۇلۇشى مۇمكىن .
ئۇيغۇرلاردا « ئاق نەرسىگە دەسسىسە يامان بۇلىدۇ » دەپ قاراپ ئۇنداق ھەرىكەتتىن پەرھىز قىلدۇ . ئاق رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مانىي دىنى ئېتىقادىدا ئۇلۇغلانغان رەڭ بۇلۇپ ، ئۇ نۇرنىڭ ، يورۇقلۇقنىڭ ئىپادىسى سانىلىپ ، ئۇنىڭغا ھۈرمەتسىزلىك قىلىش يورۇقلۇق تەڭرىسىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ قارالغان . شۇڭا ، بۇ پەرھىز ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ھازىرغىچە يوقالماي كەلمەكتە .
ئادەمنىڭ قول ۋە پۇتىدىكى تىرناق ھەققىدىكى پەرھىزلەر ئىپتىدائىي ئىنسانلاردىن تارتىپ داۋام ئېتىپ كەلگەن ، نۇرغۇن ۋە چوڭقۇر سېھرىگەرلىك قاراشلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن پەرھىزدۇر . بۇ ھەقتە فېرازىر مۇنداق دەيدۇ : « چاچ ۋە تىرناق ئېلىۋېتىلگەندىن كىيىن ، ئېلىۋېتىلگەن چاچ ۋە تىرناقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قىيىن مەسىلە بۇلۇپ قالىدۇ . چۈنكى ، ئۇلار زىيانغا ئۇچرىسا بەدەنمۇ زىيانغا دۇچار بۇلىدۇ . پۈتۈن دۇيادا دېگۈدەك مۇشۇنداق قاراش باركى ، بۇ قاراش بۇيىچە ئادەم ئۆز بەدىنىدىن ئېلىۋېتىلگەن چاچ ۋە تىرناق ياكى باشقا نەرسىلەر سەۋەبىدىن سېھىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن . نەتىجىدە كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولغان ، ئەمما قائىدە-قانۇنىيىتى بىرخىل بولغان نۇرغۇن ئىشلار مەيدانغا كەلگەن ...» . خۇددى « چاچ ھەققىدىكى پەرھىزلەر » قىسمىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ، تىرناقمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغاچقا ، قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلار ئادەم بىلەن تىرناقنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ، تىرناق قىيىۋېتىلگەندىن كىيىنمۇ ( ئادەم بەدىنىدىن ئايرىۋېتىلگەندىن كىيىنمۇ ) ئادەم تېنى بىلەن بولغان تەسىر مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن . بۇ قاراش دەل قىيىۋېتىلگەن تىرناقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت پەرھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەن . ئۇيغۇرلاردا تىرناققا پەرھىزلەر بىر قەدەر كۆپ . جۈملىدىن ، تىرناقنى قانداق ( قايسى سايماننى ئىشلىتىپ ) قىيىش ، قانداق چاغدا قىيىش ، قەيەردە قىيىش ، قىييىلغان تىرناقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار پەرھىزلەر بار . بۇ پەرھىزلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىپتىدائىي تەپەككۇردىكى سېھرىي قاراشلار ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن قالغان سارقىندىلار ھېسابلىنىدۇ . يەنە بەزىلىرى بولسا كېيىنكى ئەبجەش ئېتىقادنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت .
ئۇيغۇرلاردا قوش بىسلىق ئەسۋابلار ، جۈملىدىن قايچىدا تىرناق ئېلىشتىن پەرھىز قىلىدىغان ئادەت بار . بۇنداق قىلىش بالايۈزى كۆرمەسلىككە ياكى قوش خاپىلىق ئاستىدا قېلىشقا جورۇلغان . قوش بىسلىق ئەسۋابلار گەرچە تىرناق قىيىشقا قولايلىق بولسىمۇ ، بىراق قوش بىسنىڭ تىرناقنى ئارىسىغا ئېلىپ قىيىشى گويا بىر ئادەمنىڭ قوش قىيىنچىلىق ئارىسىدا قېلىشىغا ئوخشىتىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان بولغاچقا ، بۇ پەرھىز كېلىپ چىققان . شۇڭا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر جەمىئىتىدە كىشىلەر ئاساسەن ئۆتكۈر پىچاقنى ئىشلىتىپ تىرناق ئېلىپ كەلگەن .
تىرناقئالغۇچ  مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىشلىتىشكە باشلىغان بولسىمۇ ، بىرقىسىم كىشىلەر تىرناقئالغۇچ ئىشلىتىشنى ھېلىھەم رەت قىلىپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلاردا چىش بىلەن تىرناق ئېلىش ،تىرناق بىلەن چىش كوچىلىماسلىق پەرھىزلىرىمۇ بار .
ئۇيغۇرلار تىرناقنىڭ زىيادە ئۆستۈرۈلۈشىنى ئەيىب دەپ بىلىدۇ . شۇڭا ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تىرناق ئېلىپ تۇرۇش كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تازىلىق ئادىتىگە ئايلانغان .
تىرناق ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە قوش خاراكتىرگە ئىگە نەرسىدۇر . يەنى ئۇھەم پاسكىنا ، نىجىس نەرسە دەپ قارىلىدۇ ، ھەم يەنە مۇقەددەس نەرسە ، بەختنىڭ بەلگىسى دەپمۇ قارىلىدۇ . ئالدىنقى قاراشتا كۆپرەك ساغلاملىق ، سەھىيە نۇقتىئىنەزىرى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرسا ، كىيىنكى قاراشتا ئىپتىدائىي تەپەككۇردىكى خۇراپىي ئاڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇيغۇرلار تىرناق ئالىدىغان ئورۇنغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ . باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تىرناق ئېلىشتىن پەرھىز قىلىدۇ . مۇنداق قىلسا ، قولدىكى بەرىكەت باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قالىدۇ ، دەپ جورۇيدۇ . يەنە « كېچىدە تىرناق ئالسا بولمايدۇ » دىگەن پەرھىزمۇ بار . بۇ پەرھىزلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تىرناق مۇقەددەس نەرسە ، بەختنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تۇنۇلغان .
يەنە تىرناقنى قايسى ۋاقىتتا ئېلىش ۋە قايسى ۋاقىتتا ئالماسلىق بۇيىچە بىر قاتار قائىدە ۋە چەكلىمىلەرمۇ بار .
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىيرەك مەلۇمات مۇھەممەت ئىۋەز قاراقاشىنىڭ « مەجمۇئەتۇل ئەھكام » ناملىق كىتابىدا ئۇچرايدۇ . مەزكۇر ئەسەرنىڭ «تىرناق ئالماسلىق ھەققىدە » دېگەن قىسمىدا مۇنداق يېزىلغان :
« ھەركىم شەنبە كۈنى ئالسا تىرناق ،
بولۇر كىم تەندۇرۇستى بولسە بارماق .
ئەگەر تىرناقنى يەكشەنبە ئالسە ،
ئەزىز بولغاي نەچە خەلق ئىچىدە قالسە .
ئەگەر دۈشەنبە ئالسا كىم تىرناق ئالىپدۇر ،
جافالىق مېھنەتىدىن ئول قالىپدۇر .
ئەگەر سەيشەنبە ئالسا تىرناقنى ،
ھەم ئەندامىي كۆرمەس ئاغرىقنى .
كىشىكىم چاھارشەنبە تىرناق ئالسە ،
بولۇرلار تەندۇرۇستى كىمكى ئالسە .
كىشى پەيشەنبىدە ئالسا نە ھالى ،
قولىغا كىرمىگەي ھەرقانچە مالى .
كىشىكىم ئازىنە ، تىرناق ئالغاي ،
ئانىكىم ھەقتائالا يادىغا ئالغاي .»
كۈرۈشكە بۇلىدۇكى ، پەيشەنبە كۈنىدىن باشقا كۈندە تىرناق ئېلىش خاسىيەتلىك ، پايدا كەلتۈرىدىغان ئىش ھېسابلانسا ، پەيشەنبە كۈنى تىرناق ئېلىش قولىغا مال كىرمەي كەمبەغەل بۇلۇپ كىتىشنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە پەرھىزلىك ئىش ھېسابلانغان .
ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈندە تىرناق ئېلىشتىن پەرھىز قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بار . چۈنكى ، جۈمە كۈنىدە غۇسلى-تاھارەت ، بەدەن تازىلىقى قىلىش -ئىسلامىي قائىدە بۇلۇپ ، كۈپىنچە كىشىلەر مۇشۇ كۈندە تىرناق ئالىدۇ . يەكەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا مۇنداق بىر قاراش كەڭ تارقالغان :« سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنىدە تىرناق ئالسا ، قىزىل تىرناق ( يەنى پەرزەنت دىمەكچى ) قا زار بولغاي » يەنى سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنى تىرناق ئالسا پەرزەنىتكە زار بۇلۇپ كىتىدۇ ، شۇڭا پەرھىز قىلىش لازىم . خۇددى « قايچىدا تىرناق ئالسا بالا يۈزى كۈرەلمەس » دىگەن پەرھىزدەك ، بۇپەرھىزگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ نىمە سەۋەپتىن پەرزەنىت كۈرەلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىش تەس . بۇ بەلكى ئاشۇ كۈنلەردە تىرناق ئېلىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆپتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش بۇلۇشى مۇمكىن . ئاقسۇ تەۋەسدىكى ئۇيغۇرلاردىمۇ « ھەر چارشەنبە كۈنىدە تىرناق ئېلىشنى ئۇدا داۋاملاشتۇرسا ، پەرزەنىت كۈرەلمەيدۇ » دىگەن قاراش بار . بۇنداق خۇراپىي ئېتىقاد ئۇنىڭ مەلۇم تارىخى كىلىپ چىقىشى بارلىقىنى يوشۇرۇن دارىتمىلايدۇ . قىسمەن كىشىلەر ئارىسىدا يەنە قۇربان ھېيىتقا بىر ھەپتە قالغاندا ( ئىسلام كالىندارى بۇيىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى ) تىرناق ئالمايدىغان ئادەت بار . بىز ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەندەك ، بۇ ئاشۇ مۇقەددەس ئاينىڭ ھۈرمىتىنى ساقلاشنىڭ بىرخىل ئىپادىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن پەرھىزدۇر .

ئەنۋەر سەمەد قورغاننىڭ « ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
بۇيەردە!

توردىكى مەنبە-

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-10 14:15 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۆرپ - ئادەت
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !