بۇ بەتتىكى تېما:شەرقىي  چاغاتاي  خانلىرىنىڭ  لۈكچۈندە  ئۆتكەن  ئەۋ | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
HALKQIL
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 212
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شەرقىي  چاغاتاي  خانلىرىنىڭ  لۈكچۈندە  ئۆتكەن  ئەۋ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى Yawuz دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىق يۆتكەپ كەلدى(2009-05-13)
شەرقىي  چاغاتاي  خانلىرىنىڭ  لۈكچۈندە  ئۆتكەن  ئەۋلادلىرى  توغرىسىدا


ھېلىمنىياز  قادىر


          شەرقىي  چاغاتاي  خانلىقى  دىگىنىمىز  ------------ تۇغلۇق  تۆمۈرخان  ھۆكۈمرانلىقىنى
قوبۇل  قىلغان  جايلاردىن  ئىبارەت.  
          چاغاتاي  چىڭگىزخاننىڭ  2 - ئوغلى  بولۇپ،  ئۇنىڭغا  بۆلۈپ  بېرىلگەن  زىمىن  چاغاتاي  نامى  بىلەن  ئاتالغان.  چاغاتاينىڭ  كىيىنكى  ئۇيغۇرلاشقان  ئەۋلاتلىرى  توغرىسىدا  سۆزلەشتىن  بۇرۇن  تۆۋەندىكى  تىزىملىكنى  كۆرۈپ  ئۆتسەك  ئارتۇقلۇق  قىلمايدۇ:  چاغاتاينىڭ  ئوغلى  مامۇكەي؛  مامۇكەينىڭ  ئوغلى  يەسۇ  قاراخان،  ئۇنىڭ  ئوغلى  بۇراقخان،  بۇراقنىڭ  ئوغلى  داۋاخان،     داۋاخاننىڭ  ئوغلى  ئىسەنبۇقاخان،  ئىسەنبۇقانىڭ  ئوغلى  تۇغلۇق  تۆمۈرخان  (  تۇغلۇق  تۆمۈرخاندىن  باشلاپ  مۇسۇرمانلاشقان ).  تۇغلۇق  تۆمۈرنىڭ  ئوغلى  خىزىر  خوجاخان،  خىزىر  خوجىنىڭ  ئوغلى  شىرئەلىخان،  ئۇنىڭ  ئوغلى  ئۇۋەيىسخان،  ئۇنىڭ  ئوغلى  يۇنۇسخان،  ئۇنىڭ  ئوغلى  ئەھمەدخان.
          يۇنۇسخاننىڭ  چوڭ  ئوغلى  مەھمۇت  چاغاتاي  خانلىقىنىڭ  غەربىي  قىسمىغا،  كىچىك  ئوغلى  ئەھمەتخان   خانلىقنىڭ  شەرقى  قىسمىغا  ( مىلادى  1488 - يىلى )  خان  بولدى.  ئەھمەتخان  لۈكچۈننى  پايتەخت  قىلدى.  بۇنىڭ  سەۋەبى  لۈكچۈننىڭ  جۇغراپىيىلىك،  تەبىئى  ئىستىراتىگىيىلىك  ئورۇنغا  ئىگە  بولغانلىقىدا  ئىدى.
          ئەھمەت  خان  بولغاندىن  كىيىن  ھەر  قايسى  جايلاردىكى  بۆلۈنمە،  پارچە  ھۆكۈمرانلىقلارنى  يوقۇتۇپ  ئاقسۇدىن  شەرقتە  جيايۈگۈئەنگىچە،  شىمالدا  ئىسسىق  كۆلنىڭ  شەرقى،  جۇڭغار  ۋادىسى  دائىرىسىنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالغان،  بىرلىككە  كەلگەن  خانلىقنى  قۇردى.  
          ئەخمەتخاننىڭ  ئائىلىسى  لۈكچۈندە  بولۇپ،  لۈكچۈندە  تۇغۇلغان  ئوغۇللىرى:  1 .  مەنسۇرخان؛  2 .  ئىسكەندەر  سۇلتان؛  3 .  سەئىدخان؛  4 .  باباچاق  سۇلتان؛  5 .  خېلىل  سۇلتان؛  6 .  ئىمىن  خوجا ( بۇ  ھەرگىزمۇ  كىيىنكى  دەۋرلەردە  ئۆتكەن  ئىمىن  خوجا  ئەمەس )؛  7 .  چىن  تۆمۈر؛  8 .  يوسۇن  تۆمۈر؛  9 .  تەختى  بۇغا  سۇلتان.
ئەخمەتخاننىڭ  ئويىچە  خانلىققا  لايىق  ئوردا  بولىشى  كېرەك  ئىدى.  لۈكچۈننىڭ  غەربى  تەرەپىدە  ھۇنلار  ھۆكۈمرانلىق  قىلغان  دەۋردە  سېغىز  توپا  بىلەن  چىڭداپ  سوقۇلغان،  كەڭلىگى  40m ،  ئۇزۇنلۇقى  55m ،  يەردىن  ئىگىزلىگى  14m   بولغان  قاراۋۇلخانىنىڭ  ئورنىغا  ئوردا  قۇردى.  ئوردا  1494 - 1495 -  يىللىرى  پۈتۈپ  خان  جەمەتى  كۆچۈپ  كىردى.  ئەخمەتخان  نۇرغۇن  جەڭلەرنى  قىلىپ  1504 - يىلى  ئاقسۇدا  ۋاپات  بولدى.
          قارانچۇق  خان  بولىۋاتقان  چوڭ  ئوغۇل  مەنسۇرخان  ئۆزىنى  خان  دەپ  ئېلان  قىلدى.  بۇ  ۋاقىتتا  يەتتە  سۇ  رايونىدا  ۋالېي  بولىۋاتقان  11  ياشلىق  خېلىل  سۇلتان  3 - ئاكىسى  سەئىدخان  بىلەن  بىرلىشىپ  ئۆزلىرىنى  خان  دەپ  ئېلان  قىلدى.  بۇنىڭدىن  خەۋەر  تاپقان  مەنسۇرخان  قاتتىق  غەزەپلىنىپ،  لەشكەر  توپلاپ  ئىنىلىرىنىڭ  ئۈستىگە  يۈرۈش  قىلىپ  ئۇلار  بىلەن  چارۇن - چىلەك (  ھازىرقى  قازاقىستاننىڭ  چىلەك  رايونى  ئەتراپى  )  دىگەن  جايدا  ئۇچرۇشۇپ  قاتتىق  ئۇرۇشتى،  دەھشەتلىك  جەڭدىن  كىيىن  مەنسۇرخان  يەڭدى،  ئىنىلىرى  سەئىدخان،  خېلىل  سۇلتانلار  ئاكىسى  مەنسۇرخاننىڭ  غەزىپىدىن  قورقۇپ  قېچىپ  كەتتى.  مەنسۇرخان  1501 - يىلى  قارانچۇقخان،  1505 - يىلى  رەسمىي  خان  بولۇپ  تىكلەندى.  شۇنىڭدىن  كىيىن  ئاقسۇنىڭ  شەرقىدىكى  جايلار  بىر  مەزگىل  تىنچ  بولدى.  مەنسۇرخان  لۈكچۈندىكى  ئوردىسىدا  خان  بولۇپ  تۇرىۋاتقان  چاغلىرىدىلا  ئىچكىرى  ئۆلكىلەر  بىلەن  قۇيۇق  سودا  مۇناسىۋىتى  بار  ئىدى.   مەنسۇرخان،  دادىسى  ئەخمەتخان  قۇرغان  خانلىق  مەدرىسىنىڭ  پەشتاق  ۋە  مۇنارلىرىنى  1510 - 1515 -  يىللىرى  ئارىلىقىدا  ياسىتىپ  پۈتكۈزدى.  
          مەنسۇرخان  1501 - يىلىدىن  1544 - يىلىغىچە  خان  بولۇپ،  ھايات  ۋاقتىدا  خانلىقنى  ئوغلى  شاھخانغا  ئۆتكۈزۈپ  بەردى.  1513 - يىلى  سەئىدخان  يەكەندە  سەئىدىيە  خانلىقىنى  قۇردى.  سەئىدخان  تىنچلىق،  مۇقۇملۇقنى  كۆزدە  تۇتۇپ  ئاكىسى  مەنسۇرخانغا  ئەلچى  ئەۋەتىپ  كۆرۈشۈشنى  تەلەپ  قىلدى.  شۇنىڭ  بىلەن  ئاقسۇ،  كۇچار  ئارىلىقىدىكى  رابات   دىگەن  جايدا  ئاكا - ئۇكا  ئۇچراشتى،  ئۇچرۇشۇشتا  سەئىدخان  مەنسۇرخانغا :  سىز  ئاتام  ئورنىدا،  ئىسلام  شەرىئىتى  بويىچە  قۇتبىنى  سىزنىڭ  نامىڭىزغا  ئوقۇپ،  سىزنىڭ  نامىڭىزدا  پۇل  قۇيدۇرىمەن  دەپ  ياخشى  مۇئامىلىدە  بولدى.  
          مەنسۇرخانمۇ  يۇمشاپ :  خان  ئىنىم  سىز  سەئىدىيە  خانلىقىنى  قۇردىڭىز،  مەن  سىزنى  ھۆرمەت  قىلىمەن.  بۇرۇنقى  ئۆچ - ئاداۋەتلەرنى  كۆڭۈلدىن  چىقىرۋېتەيلى  دىدى.

شۇنداق  قىلىپ  مۇنداق  توختام  تۈزۈلدى

          1.  ھەر  ئىككى  تەرەپ  ئۆزلىرى  باشقۇرىۋاتقان  جايلارغا  ئۆز - ئارا  دەخلى - تەرۈز  قىلىشمايدۇ.  2 .  ھەر  ئىككى  تەرەپ  ئۆز  ئالدىغا  قوشۇن  ساقلايدۇ.  3 .  ھەر  ئىككى  تەرەپ  يىققان  باج - سېلىقلارنى  ئۆزلىرى  باشقۇرىدۇ.  4 .  ئەگەر  چەتتىن  بىرەر  يات  ئەل  تاجاۋۇز  قىلسا  ھەر  ئىككى  تەرەپ  ئەسكەر  چىقىرىپ  بىرلىكتە  قارشى  تۇرىدۇ.
مەنسۇرخان  1545 - يىلى  ۋاپات  بولىدۇ.  ئوغلى  شاھخان  ئاتىسىنىڭ  ئىشلىرىغا  ۋارس  بولۇپ،  1565 - يىلىغىچە  خان  بولىدۇ.
          شاھخان  ئۆلگەندىن  كىيىن  ئىسكەندەرنىڭ  ئوغلى،  شاھخان  بىلەن  بىر  نەۋرە  مەسئۇت  خانلىق  تەختىگە  چىقىدۇ.  گەرچە  ئۇ  شەرقىي  چاغاتاي  خانى  دىيىلسىمۇ  ئەمەلىيەتتە  شەرقىي  قىسىمغىلا  ھۆكۈمران  بولىدۇ.  مەسئۇت  5 يىل  تەختتە  ئولتۇرغاندىن  كىيىن  مەنسۇرخاننىڭ  كىچىك  ئوغلى  مەھمۇت  خانلىقنى  تارتىۋالىدۇ.  مەھمۇت  1570 - يىلى  ھوقوق  تارتىۋېلىپ  1578 - يىلىغىچە  ھۆكۈمرانلىق  قىلىدۇ.  بۇ  دەۋردە  مەنسۇرخان  سورىغان  جايلار  سەئىدىيە  خانلىقىغا  تەۋە  بولىدۇ.  1578 - يىلى  خوتەندە  نائىپ  بولىۋاتقان  ئابدۇرىشىتخاننىڭ  نەۋرىسى،  قۇرەيىش  سۇلتاننىڭ  ئوغلى  خۇدا بەندى  سۇلتان  خوتەندىن  ئەسكەر  باشلاپ  كىلىپ  مەھمۇتخاندىن  ھوقوق  تارتىۋالىدۇ.  لۈكچۈن  ئېگىز  ئوردىسى يېڭى ھوقوق  تۇتقۇچىلارنىڭ  ئورنى  بولىۋېرىدۇ.  خۇدا بەندى  سۇلتان  1590 - يىلىغىچە  12 يىل  يۇرت  سورايدۇ.   بۇ  ۋاقىتتا  يەكەندە  تەختتە  ئولتۇرغان  مۇھەممەتخان  ئەڭ  كىچىك  ئىنىسى  ئابدۇرېھىم  سۇلتاننى  (  ئاماننىساخاندىن  تۇغۇلغان )  لۈكچۈنگە  نائىپلىققا  تەيىنلەپ،  خۇدا بەندى  سۇلتاننى  يەكەنگە  قايتۇرۇپ  كېلىشكە  مىرزا  شاھنى  ئابدۇرېھىم  سۇلتان  بىلەن  بىرگە  ئەۋەتىدۇ.  گەرچە  خۇدا  بەندى  سۇلتان  قارشىلىق  قىلغان  بولسىمۇ  ئۇنى  باستۇرۇپ،  يەكەنگە  ئېلىپ  ئېلىپ  ماڭىدۇ،  ئەمما  خۇدا  بەندى  سۇلتان  يەكەنگە  بېرىش  بولىدا  كېسەل  بولۇپ  ئۆلىدۇ.  ئابدۇرېھىم  خان ( سۇلتان )  1590 - يىلى  لۈكچۈندە  تەختكە  چىقىدۇ.  ئۇ ( ئابدۇرېھىم  خان )  تەختكە  چىققاندىن  كىيىن  خۇددى  مەنسۇرخاندەك  ھۆكۈمرانلىق  قىلىدۇ.

ئاندۇرېھىم  خاننىڭ  لۈكچۈندە  تۇغۇلغان  ئوغۇللىرى

          1 .  ئابدۇللاخان؛  2 . ئەبۇلمۇھەممەت؛    3 .  ئىبراھىم  خان؛  4 .  باباخان؛  5 .  ئىسمائىلخان؛  6 .  شاھخان؛  7 .  پىچانخان؛  8 .  ئاپاقخان؛  9 .  مەنسۇرخان.  ئابدۇرېھىمخان  1638 - يىلى  50  يىلغا  يېقىن  ھۆكۈم  سۈرۈپ  77  يېشىدا  ئالەمدىن  ئۆتىدۇ.  كۈچانىڭ  ھاكىمبېگى  بولغان  ئەبۇلھادى  ئابدۇرېھىم خاننىڭ  چوڭ  ئوغلى  ئابدۇللانىڭ  قېيىنئاتىسى  ئىدى.  ئەبۇلھادى  ئابدۇرېھىم خان   كېسەل  چېغىدىلا  كۇچادىن  قارا  شەھەرگە  كىلىپ،  ئابدۇرېھىم  خان  ئۈلۈشى  بىلەنلا  ئۇنىڭ  ئۇرۇق - ئەۋلادىنى  يۇقۇتۇپ  ( قىرىپ  تاشلاپ )  ھوقوق  تارتىۋېلىشنى  پىلانلىغان  ئىدى.    بۇ  چاغدا   ئاندۇرېھىم  خاننىڭ   2 -  ئوغلى  ئەبۇل  مۇھەممەت  قۇمۇلدا  قوزغالغان  ئەمىر  ئىسيانىنى  باستۇرىۋاتاتتى.  ئابدۇرېھىم  خاننىڭ  ئالەمدىن  ئۆتكەنلىك  خەۋىرىنى  ئاڭلاپ،  ئىسيانچى  ئەمىر  بىلەن  كېلىشىم  تۈزۈپ  تېزلىكتە  قارا  شەھەرگە  يېتىپ  كەلدى.  مىيىتنى  ئۇزۇتۇپ  بولغاندىن  كىيىن،  قائىدە  بويىچە  چوڭ  ئوغۇل  ئابدۇللانى  ئاتىسىنىڭ  ئورنىغا  قويۇپ،  ئەبۇلمۇھەممەت  لۈكچۈنگە  قايتىپ  كەلدى.  ئابدۇللا  قېيىن  ئاتىسى  ئەبۇلھادىنىڭ  سۈيىقەستىنى  بىلىپ  قېلىپ،  ئۇنى  ئىپتارلىققا  تەكلىپ  قىلىپ  ئەكىلىپ،  داستىخان  ئۈستىدىلا  چېپىپ  تاشلىدى.
          ئابدۇللا  ئاتىسى  ئابدۇرېھىم  خاننىڭ  ئەمەلگە  ئاشۇرالمىغان  ئارزۇسى  بولغان  يەكەندە  تەختتە  ئولتۇرۇش  ئىشىنى  ئەمەلگە  ئاشۇرۇش  يولىدا  باش  قاتۇرىۋاتاتتى.  شۇڭا  ئەبۇلمۇھەممەت  لۈكچۈندىكى  ئوردىدا  ئۇنىڭ  ئورنىدا  ئىش  بېجىردى.  ئابدۇللاخان  تۇرپان  ۋادىسىدىن  يىققان  لەشكەرلىرىنى  باشلاپ  ئاقسۇغا  ھۇجۇم  قىلىپ  ئاقسۇنى  ئالدى،  ئاندىن  يەكەننى  ئالدى،  چۈنكى  بۇ  چاغدا  يەكەن  خانلىقىدا  قاتتىق  جەڭگى - جىدەل  بولىۋاتقاچقا،  ئوردا  ئەمىرلىرى  ئابدۇللانى  قوللىدى.  ئابدۇللا  خانلىق  تەختىگە  چىققاندىن  كىيىن  يەكەن  سەئىدىيە  خانلىقىنى  ئەسلىگە  كەلتۈردى.  شۇندىن  كىيىن  لۈكچۈننىڭ  نائىپلقىغا  ئەبۇلمۇھەممەت،  قۇمۇلنىڭ  نائىپلىقىىغا  باباخان  تەيىنلەندى.  ئەبۇلمۇھەممەت  لۈكچۈندە  20 يىل،  يەنى  1655 - يىلىغىچە  نائىپ  بولۇپ  ۋاپات  بولدى.  بۇنىڭدىن  خەۋەر  تاپقان  قۇمۇل  ھاكىمبېگى  باباخان  ئۆزىنى  < خان >  دەپ  ئېلان  قىلدى.  لۈكچۈن  ئوردىدىكى  بىر  قىسىم  ئەمىرلەر  باباخاننى  قوللىسا،  بىر  قىسمى  قائىدە  بويىچە  3 - ئوغۇل  ئىبراھىم  خان  بولىشى  كېرەك  دەپ،  ئىبراھىم  سۇلتاننى  لۈكچۈن  ئوردىدا  خانلىققا  تىكلىدى.  باباخان  ئوغلى  مۇھەممەتئىمىننى  لۈكچۈندىكى  جەڭگى - جىدەلنى  باستۇرۇشقا  ئەۋەتتى.  بۇنىڭ  بىلەن  باباخاننى  قوللايدىغان  ئەمىرلەر  ئىبراھىم  سۇلتاننى  ئۆلتۈرىۋەتتى.  شۇنىڭ  بىلەن  باباخان  قۇمۇلدىن  لۈكچۈنگە  كىلىپ  تەختكە  ئولتۇردى.  باباخاننىڭ  3  ئوغلى  بار  ئىدى:  1 .  ئابدۇرېشىت؛  2 .  مۇھەممەتئىمىن؛  3 .  مۇھەممەتمۆمىن.  بۇ  چاغدا    باباخاننىڭ  چوڭ  ئوغلى  ئابدۇرېشىت   قۇمۇلغا  ھاكىمبەگ  بولدى.   ئاندۇرېھىم  خاننىڭ  5 - ئوغلى  ئىسمائىلخان  كېرىيىگە  ھاكىمبەگ  ئىدى.  باباخان  تەختكە  ئولتۇرغاندىن  كىيىن  1637 - يىلى  ياڭخىيدا ( ھازىر  پىچان  ناھىيەسىنىڭ  بىر  يېزىسى ) بىر  باينىڭ  ئۆيىدە  ئەسھابۇلكەھىبە  ھەققىدە  بىر  يازما  پەرمان  جاكارلىدى.  يارلىقنىڭ  قىسقىچە  مەزمونى  تۆۋەندىكىچە:
سۇلتان  سەئىد  باباخان  سۆزىمىز ..... خوجا  ئەييۇپ  موللا،  قامۇش  ھەبىب  ئوغلى  كىچىك  موللا،  مۇلىك  ئۈچ  ئۆيلۈك  كىشىنى  ھەزرىتى  سۇلتان  ئەسھابۇلكەھىبە  قۇددۇس  شەرفىنىڭ  خىزمەتلىرىدە  بولغانلىقى  سەۋەبىدىن  ئىنايەت  ۋە  شاھانە  ئىلتىپات  قىلىپ،  بىرىنى  چىراقچى،  بىرىنى  جارۇپكەش،  بىرىنى  بەكاۋۇل  قىلىپ  تەرخان  قىلدۇق.  (  تەرخان __ ئالۋان __ ياساقنى  ئازاد  قىلىش.)  يارلىقنىڭ  ئاخىرىدا  تەرەت  سۈيىنى  كەم  قىلماسلىق،  دائىم  دۇئا  تەگبىر  قىلىش،  ھەرقانداق  ئەمەلدار  بۇ  ئۈچ  ئۆيلۈكنىڭ  تەرخانلىقىغا  ئەمەل  قىلىشى  تەلەپ  قىلىنغان.
ئەنە  شۇنىڭدىن  كىيىن  ئەسھابۇلكەھىبەنى  ئۇلۇقلاش  تېخىمۇ  يۇقۇرى  كۆتۈرۈلگەن.
          باباخان  1655 - يىلىدىن  1675 - يىلىغىچە  20  يىل  كۇچانىڭ  شەرقىدىن  جيايۈگۈنگىچە  سورىغان.  باباخان  ئۆلگەندىن  كىيىن  چوڭ  ئوغلى  ئابدۇرېشىت  لۈكچۈن  ئوردىدا  5 يىل  نائىپ  بولۇپ،  كىيىن  يەكەن  تەختىگە  تەكلىپ  قىلىنىپ  2 يىل  خان  بولۇپ،  باشقىلار  تەرەپىدىن  1682 - يىلى  ئۆلتۈرۈلگەن،  2 - ئوغۇل  مۇھەممەتئىمىن
1680 - يىلى  لۈكچۈن  تەختىدە  نائىپ  بولۇپ،  1688 - يىلىغىچە  ئولتۇرغان.  (  تارىخى   كىتابلاردىكى  ئەبۇلمۇزەپپەر  سۇلتان  مۇھەممەتئىمىن  قەيسەر  باھادىرخان  دىگەن  كىشى  دەل  مۇھەممەتئىمىندۇر  ).  مۇھەممەتئىمىنمۇ  1688 - يىلى  يەكەن  تەختىگە  تەكلىپ  قىلىنىپ،  1690 - يىلى  ئۆلتۈرۈلىدۇ.  شۇنىڭدىن  باشلاپ  ھەرقايسى  جايلاردىكى  بەگلەر  بۆلۈنمە  ھالەتنى  شەكىللەندۈرىدۇ.  چاغاتاي  نەسەبىدىن  بولغان (  بەلكىم  ئەبۇلمۇھەممەتنىڭ  ئوغلى  بولسا  كېرەك )  ئابدۇل  ئەھمەت  ھاجى  بەگ  لۈكچۈننى  بىر  مەزگىل  سورايدۇ.  ئۇنىڭ  چوڭ  ئوغلى  ئاق  سۇلتان  تۇرپاننى  سورايدۇ.  ئابدۇل ئەھمەت  ھاجى  ئۆلگەندىن  كىيىن،  لۈكچۈن  بەگلىكىگە  ئەھمەت  باقى  بەگ  ( ئابدۇل  ئەھمەت  ھاجىنىڭ 2 - ئوغلى )  بەگ  بولىدۇ،  يەرلىك  خەلق  ئۇنى  كېپىش  بەگ  دەپ  ئاتايدۇ.
          1719 - 17120 - يىللىرى  ئىمىن  خوجا  پۇرسەت  تېپىپ  لۈكچۈن  ئوردىنىڭ  ھوقوقىنى  تارتىۋېلىپ،  سىركىپ  تۇرغا  چىقىپ  كەتكەن  ئەھمەت  باقى  ( كېپىش ) بەگنى  ئالداپ  كەلتۈرۈپ  كىلىپ  ئۆلتۈرۋېتىدۇ.  ئەھمەت  خاندىن  باشلانغان  لۈكچۈننى  ئاستانە  قىلىپ  يۇرت  سورىغان  ئۇيغۇرلاشقان  چاغاتاي  ئەۋلاتلىرىدىن  ئەھمەت  باقى  بەگ ( كېپىش  بەگ )  بىلەن  ئۈزۈل - كېسىل  ئاخىرلىشىپ،  ھوقوق  ئىمىن  خوجا  ۋە  ئۇنىڭ  ئەۋلاتلىرىغا  ئۆتىدۇ.

پايدىلانمىلار :  <<  چىڭگىزنامە >>،   <<  سەئىدىيە  خانلىقىغا  دائىر  ماتىرياللار >>،   <<  ئۇيغۇرلار  >>،  <<  پىچان  تارخ  ماتىرياللىرى >>،  <<  شىنجاڭدىكى  مىللەتلەر  تارىخى  >>  قاتارلىقلار.  

  
  HALKQIL  يوللانمىسى



          

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-13 19:25 |
sakrauli
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 919
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
سەئىدىيە خانلىقى دىگەن نام كېيىنكى تارىخچىلار قويغان نامغۇ دەيمەن،ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس.يەنى مەنسۇرخاننىڭ"سىز سەئىدىيە خانلىقىنى قۇردىڭىز"دېگىنى توغرا ئەمەس،ياركەنىت خانلىقى دەپ ئىشلەتسە توغرا بولارمىكىن.

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-13 22:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !