بۇ بەتتىكى تېما:قةەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرىسىدا | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
torlamur
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 6650
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 37
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرىتى: 223 نومۇر
پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قةەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرىسىدا

                                                   قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرىسىدا


                                                                                مۇنىرە ياقۇپ


ھەممىزگە مەلۇم كۇچا قەدىمدە «كۈسەن» دەپ ئاتالغان. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بوستانلىق بۇلۇپ، شەرقتە تۇرپان بىلەن، غەربتە ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان ھەر قايسى شەھەر بەگلىرى بىلەن، شىمالدا غۇلجا بىلەن چېگرىلىناتتى. كۇچانىڭ بۇنداق ئالاھىدە جايلىشىش ئورنى ئۇنى غەربىي يۇرت مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە يىپەك يولنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى بۇددىزمنىڭ مۇھىم مەركىزىدىن بىرى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىدى.
مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادىيە 2-ئەسىرگىچە بولغان كۈسەن دەۋرىدە بۇددىزم كۇچاغا تارقىلىپ كىرىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك گۈللىنىش ئارقىلىق «كۈسەن بۇددىزم مەدەنىيىتى»دىن ئىبارەت پارلاق ئەنئەنىنى بارلىققا كەلتۈردى. يەنى داڭلىق مامايانا راھىبلىرى كۆپلەپ بارلىققا كىلىپ، بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش،ئىزاھلاش پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى.ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇ قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. بىراق قارا خانلار سۇلالىسى ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، كۇچا ئىسلام دىنى بىلەن بۇددا دىننىڭ ئۇچرىشىش سۇرۇنىغا ئايلىنىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك گۈللەنگەن بۇددىزم مەدەنىيىتى ئاستا-ئاستا خارابلىشىشقا يۈزلەندى.
ئىسلام دىنى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ ، خوتەن، چەرچەن، ئاقسۇ ۋە ھازىرقى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە يەتتە سۇ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئاستا- ئاستا ئۈستۈنلىكنى ئىگەنلىگەندىن كېيىن، ئاقسۇدىن كۇچاغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقتىكى بۇددىزم كۈچلىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ خېلى بىر مەزگىل توختاپ قالدى.«ئىسلام دىننىڭ شەرققە تارقىلىشى بىر قەدەر تەسكە توختىدى، ئۇيەردىكى مەدەنىيەتلىك ئويغۇرلار خۇددى توسما تامغا ئوخشاش ئىسلام دىننىڭ شەرققە تارقىلىشىنى تۇسۇپ تۇردى.»①  بۇ يەردە دېيىلۋاتقان «مەدەنىيەتلىك ئويغۇرلار» ئەينى ۋاقىتتىكى ئىدىقۇت ئويغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىكى كۇچا ئويغۇرلىرى ئىدى. چۈنكى 13-ئەسىردىن بۇرۇن قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانلار ئويغۇرلىرى بىلەن تۇرپان بىلەن كۇچانى ئاساس قىلغان ئىدىقۇت ئويغۇرلىرى گەرچە ئوخشاش بىر ئويغۇر بولسىمۇ، بېراق دىنىي ئېتقادىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزئارا، قارىمۇ-قارشى ئىككى سىياسىي ھاكىمىيەتكەئايرىلىپ كەتكەنىدى.
10-ئەسىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمدىن تارتىپ كۇچانىڭ بۇددىزمى خارابلىشىشقا باشلىدى. بۇنىڭدا ئىسلام دىننىڭ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىشىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل سەۋەبلەر بار ئىدى بىر تەرەپتىن كۇچادىكى بۇددا (مامايانا) دىنى ھەر قايسى جەھەتلەردىن چەكتىن ئېشىپ كەتكەنىدى، بۇددا (مامايانا) ئىبادەتخانىلىرىنىڭ سانى زىيادە كۆپىيىپ، كۆلىمى زىيادە چوڭىيىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلغان نانقېپى راھىبلارمۇ كۈنسىرى كۆپىيىپ، تۇرمۇشتا زىيادە ھەشەمەتلىشىپ كەتكەنىدى. يەنى «تىللاۋەتخانىلاربىلەن راھىبلارنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بۇلاتتى». كۇچاغا ئوخشاش بۇنداق كىچىك بوستانلىقتا، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشلەرنىڭ بۇنچىۋالا كۆپىيىپ كېتىشى كۇچانىڭ ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچراتتى. بۇنداق ھالەتنىڭ ئۇزۇن يىل داۋاملىشىشى بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ خارابلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
يەنە بىر تەرەپتىن 10-ئەسىردىن باشلاپ كۇچا قاراخانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇردى، ئۇرۇش بىر تەرەپتىن كۇچانىڭ ئىقتىسادىنى ھالسىراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇددىزمنىڭ (مامايانانىڭ) بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇردى. قاراخانلارنىڭ كۇچاغا ھۇجۇم قىلىشتىكى بىردىنبىر مەقسىتى، كۇچادا بۇددىزمنى يوقىتىپ، ئىسلام دىننىڭ ئورنىنى تىكلەش بولغاچقا، قاراخانلارنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىقى قىسقا مەزگىللىك ئۈنۈم بېرىپ، بىر بۆلەك كۇچا ئويغۇرلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلام دىنغا كىردى. بۇ ھەقتە رۇس تارىخچىسى بارتولد مۇنداق دەيدۇ: «قاراخانلار سۇلالىسى مەزگىللىرىدە، كۇچادا ئىسلام دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان بىر قەھرىمان بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، ئىسمى خىزىر بەگ ئىدى، ئۇ ئىلگىرى ئىدىقۇت ئويغۇرلىرىنى يەڭگەن، قاراخانلار سۇلاسى ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خان دېگەن نامنى بەرگەن». بۇ قېتىملىق ۋەقە ئېھتىمال قارا خانلار سۇلالىسى خوتەننى ئىسلاملاشتۇرۇش جەريانىدا، خوتەنگە ياردەملەشكىلى كەلگەن ئىدىقۇت ئويغۇرلىرىنى چېكىندۈرۈش يولىدا كۇچادىن ئۆتكەنلىكتىن، كۇچادا ئىسلام دىنىنى دەسلەپكى قەدەمدە تارقاتقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە قارا خانلار سۇلالىسىدىكى ئىسلام دىننىڭ تارقىلىشىغا ئائىت مۇھىم قوليازما بولغان«بۇغرا خانلارتەزكىرىسى» دە مۇنداق بايانلار بار:«كاپىرلار بىلەن بولغان جەڭدە قانلار دەريا بۇلۇپ ئاقتى، كاپىرلارنىڭ بېشى ساينىڭ تېشىدەك ياتتى، ئۇلارنىڭ تۇغ- ئەلەملىرى سۇنۇپ ۋەيران بولدى. كاپىرلار ھەر تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى، ھەزىرتى ھەسەن بۇغراخان غازى كاپىرلارنى قوغلاپ ئۇر توقاي-سۇر توقاي
قىلىپ كۈسەن دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ، زەپەر بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.»④  بۇ بايانلاردىن بىز يەنە مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن قاراخانلار سۇلاسىنىڭ خوتەننى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلدىلا كۇچا ئىسلام دىنى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئۇچرىشىپ بولغان.
خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ھېجرىيە 666-يىلى (مىلادىيە1267- يىلى) نىڭ ئالدى – كەينىدە ھىندىستانلىق نىزامىدىن دەھلىۋى دەيدىغان بىر شەيخ كۇچاغا كېلىپ ئىسلام دىننى تارقاتقان. ئۇ كۇچانىڭ شىراق دېگەن يېرىدە ئەڭ دەسلەپ خانىقا ياساپ بىر تۈركۈم مۇرىتلارنى تەرەققى قىلدۇرغان. بۇ مەزگىلدە چىڭگىزخان غەربىي يۇرتنى بويسۇندۇرغان، بۇجايلاردا دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن بولغاچقا، شەيخ نىزامىدىننىڭ كۇچاغا ئىسلام دىننى تارقىتىشى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن، ئەكىسچە يەرلىك ئۇرۇنلارنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن. شەيخ نىزامىدىننىڭ  دىن تارقىتىش كۆلىمى كىچىك، مۇرىتلىرىنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، بىراق ئىسلام دىندىن ئىبارەت بۇيېڭى شەيئىنىڭ كېيىنكى راۋاجى ئۈچۈن زور دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
كۇچا رايوننىڭ پۈتۈنلەي ئىسلاملىشىشى – ئىسلام دىننىڭ بۇددا دىننىڭ ئورنىنى رەسمى ئېلشى، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ  خاقانى تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن باشلاندى. مۇشۇ مەزگىلدە ياشىغان ئەرشىدىن خوجا ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان تۇغلۇق تۆمۈر خاننى ئىسلام دىنغا دەۋەت قىلىپ  كىرگۈزگۈزگەندىن كېيىن، ئالمالىقتا⑤ بىر يىل تۇرۇپ، خاندىن ئۆزىنىڭ كۇچاغا بېرىپ دىن تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ⑥  چۈنكى كۇچا ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا ئىنتايىن قولايلىق ئۇرۇندا تۇراتتى، يەنى غەربتە قەشقەر، جەنۇبتا ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغان خوتەن، شىمالدىمۇ ئاللىقاچان ئىسلام دىنغا كىرىپ بولغان ئالمالىقتىن ئىبارەت ئۈچ مۇسۇلمان كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇلغاچقا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشمۇ زۆرۈر بۇلۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئالمالىق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلدىغان رايون بولغاچقا، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى كۇچادىن ئىبارەت بۇ دېھقانچىلىق بازىسىدىن،
«ئۆشرە» شەكلى ئارقىلىق قامداش يۈزىسىدىن كۇچادىكى بۇ قېتىمقى دىن تارقىتىش باش ھاكىمىيەت بولغان ئالمالىقنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشتى.
ئەرشىدىن خوجىنىڭ پىلانى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن خان يارلىق چۈشۈرۈپ، خانلىق تەۋەسىدىكى بارلىق كىشلەرنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەرشىدىن خوجىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 50دىن ئارتۇق كىشدىن تەشكىللىگەن دىن تارقاتقۇچى قۇشۇننى كۇچاغا يولغا سالدى. بۇ قۇشۇن «كۇچا ئىسلام دىن ئۇيۇشمىسى» دەپ ئاتىلىپ، خانلىقنىڭ بىۋاستە ياردىمىدە كۇچادا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش، تەشۋىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار كۇچادا كۆپلىگەن مەسچىتلەرنى ياساتتى، دىنىي قازى كالان مەھكىمىلىرىنى ۋە دىنىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلدى. خەلققە «قۇرئان»، «سەھىھۇل بۇخارى»...قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلارنى تارقىتىپ ئىسلام دىننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.«ئۇلار ئۇدۇل كەلگەن يەردە كىشلەرنى ئىمان ئېيتىشقا قىستايتتى، ھەممىلا يەردە، چەكتىن ئاشقان دىن تارقاتقۇچىلارنى ئۇچراتقىلى بۇلاتتى» ⑦ «ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغانلارغا ھەر خىل ئېتبار سىياسەتلىرى بار ئىدى، ئەكىسچە قۇبۇل قىلشنى رەت قىلغانلار بولسا ھەر خىل قانۇنسىز ئۇرۇپ سۇقۇشلارغا ئۇچرايتتى» ⑧. مۇشۇ قېتىملىق ئىسلام دىننى كېڭەيتىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان بۇدخانىلار بۇزۇپ چېقىلدى، بەزىلىرى مەسچىتكە ئايلاندى. نۇرغۇن بۇددىزمنىڭ پارلاق نامايەندىلىرى دەپسەندە قىلنىپ، كۇچا راھىبلىرى چەتكە قېقىلىپ، تەرەپ- تەرەپكە سەرسان بولۇپ چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى.
كۇچادىكى ئىسلام دىننى تارقىتىش ھەركىتى ناھايىتى ئەۋجىگە چىققىۋاتقان پەيتتە ئالمالىقتا ئىسلام دىننىڭ مەجبۇرلىشىغا قارىتا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ناھايىتى تېزلا كۇچا، ئاقسۇ،شايار،قارا
شەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تۇتاشتى، توپىلاڭچىلار كۇچا ئىسلام دىنى ئويۇشمىسى بىلەن
ناھايىتى كەسكىن ئۇرۇش قىلدى⑨. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ باستۇرۇشىغا دۇچار بولدى.
يۇقىرقى يازما مەنبەلەردىن سىرت، كۇچانىڭ ئىسلاملىشىشىغا ئائىت يەنە مۇنداق ئارخېلوگىيلىك ئىسپاتلارنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن كۇچادىكى كۆپ قىسىم بۇددىزم خارابىلىرى يۈەن سۇلالىسىد
-دىن كېيىن بارا-بارا خارابلاشقان بۇلۇپ، ھەممىسى باشقىلار تەرىپىدىن بۇزۇلۇشقا ئۇچرىغاندەك تۇرىدۇ، مەسلەن، ئەينى چاغدىكى كۇچا بۇددىزمنىڭ بۈيۈك نامايەنلىرىدىن بولغان بايدىكى قىزىل مىڭ ئۆينى ئالىملار شەرقىي خەن سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياسىلىپ، تەخمىنىەن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خارابلاشقان دەپ قارىماقتا. يەنى ئىسلام دىنى كۈچلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنى پۈتۈنلەي ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىن، رەسمىي تاشلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
يەنە بىر قىسىم ئارخېئولوگىيلىك قېزىلمىلاردىن مەلۇم بۇلۇشىچە، نۇرغۇنلىغان ۋەسىقلىرى چېكىدىن ئاشقان ئىسلام دىنى كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بۇددا راھىبلىرىنىڭ قانلىرىغا مىلۋېتىلگەن بۇلۇپ، نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، قېتىپ تاش پارچىسىغا ئوخشاش بۇلۇپ كەتكەن، ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان راھىبلارنىڭ پۇت- قوللىرى، باشلىرى كېسىپ تاشلانغان ئۆلۈكلىرى تۇراتتى. ⑩ يىغىپ ئېيتقاندا كۇچادا ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان بۇددا دىنى ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان بۇددىزم مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ كونا شەيئى، شۇ مەزگىلدە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئىسلام دىندىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى ئالدىدا، گەرچە نۇرغۇنلىغان قانلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، شۇ دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بەلگىلىنىپ قالغان خارابىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەرەر تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن كۇچادىكى ئەنئەنىۋى بۇددىزم مەدەنىيىتى، ئۆزىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيەتىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
كۇچادىن ئىبارەت بۇددىزم(ماھايانا) ماكانىنىڭ ئىسلاملىشىشى، ئىلگىركى بۆلۈنمە ھالەتتىكى ئويغۇرلارنى مەلۇم دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى ئويغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم  ئاساس ياراتتى.
__________________
ئىزاھات:
③②① ۋ.ۋ بارتولد«ئوتتۇرائاسىيا تارىخىدىن ئون ئىككى لېكسىيە» خەنزۇچە نەشىرى، روسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى لوجىپىڭ، جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر نەشىرىياتى.
④موللاجى«بۇغرا خانلار تەزكىرىسى» چاغاتايچە قوليازمىسىغا ئاساسەن ئابدۇرېھىم سابىت نەشىرگە تەييارلىغان ئويغۇرچە نەشىرى117-بەت.
⑤ ھازىرقى غۇلجا تەۋەسىدە، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ پايتەختى.
⑥ ⑧ ⑨ ⑩ لى جىنشىن«شىنجاڭنىڭ دىن ئۆزگىرىش تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،
2003-يىلى 10- ئاي، 1-نەشىرى. 307-308- بەتلەر،
⑦ يۈسۈپ بەگ« ئىسلام دىننىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشى» شىنجاڭ ئىجتىمائىي  پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دىن تەتقىقات ئورنىدا ساقىلىنىۋاتقان نۇسخا.
_______________
ئاپتۇر: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىدىن.
تەھرىرلىگۈچى:  مەرۇپ مەمتىمىن  
  
مەنبە؛ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى مۇنبىرى
[ بۇ يازماtorlamurتەرپىدىن2009-05-17 19:53دە قايتا ت ]

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-16 15:01 |
honzada
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 9346
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 60
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە60دانە
شۆھرىتى: 550 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
كۇچا رايۇنىنىڭ ئىسلاملىشىشى خوتەن رايۇنىدىن كىيىن ،تۇرپاندىن بۇرۇنراققۇ دەيمەن ھە ؟

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-16 18:42 |
zirek
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 1895
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 188
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە188دانە
شۆھرىتى: 303 نومۇر
پۇلى: 1915 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەقىل
بۇ مەزمونtorlamurنىڭ2009-05-16 15:01دە يوللىغان يازمىسى قةەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرىسىدا :
                                                   قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرىسىدا


                                                                                مۇنىرە ياقۇپ

.......


كۇچادىن ئىبارەت بۇددىزم(مامايانا) ماكانىنىڭ ئىسلاملىشىشى،

بۇددىزىمنىڭ ماھايانا مەزھىپىدۇ؟

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-17 19:40 |
torlamur
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 6650
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 37
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرىتى: 223 نومۇر
پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
نەقىل
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىzirekنىڭ2009-05-17 19:40دە يوللىغان يازمىسى  :


كۇچادىن ئىبارەت بۇددىزم(مامايانا) ماكانىنىڭ ئىسلاملىشىشى،

بۇددىزىمنىڭ ماھايانا مەزھىپىدۇ؟

تەھرىرلەپ  قويدۇم  كورسەتمە بەرگىنىڭىزگە  رەخمەت

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-17 19:54 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » شانلىق مەدەنىيەت دەۋرى
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !