بۇ بەتتىكى تېما:ئافاق خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ دەۋاسى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
سەرۋەر
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 8302
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 49
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 420 نومۇر
پۇلى: 280 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئافاق خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ دەۋاسى


                                                                            ئافاق خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ دەۋاسى
                  
                                                                   مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى
  
             1935-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر خەلىقىگە غەيرى بىر خەۋەر يىتىپ كەلدى،ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى ئىدى، بۇيرۇقتا مۇنداق دىيىلگەن ئىدى،«بۇرۇن قەشقەردە ئافاق غوجىنىڭ خىلى كۆپ يەر-زىمىنلىرى بار بولۇپ ئۇنىڭ ھەر يىللىقلىرىدىن ئەۋلاتلىرى بەھرىمان بولۇپ كەلگەن، لېكىن كىيىنكى كۈنلەردە شىئەندە ياشاپ كەلگەن بىرقىسىم ئەۋلاتلىرى شىن خەي ئىنقىلاۋى مەزگىلدە يول توسۇلۇپ قىلىش سەۋەبىدىن 20نەچچە يىللىق ئاشلىقتىن بەھرىمان بولالمىغان، ئۇلار ھازىر تېگىشلىك ھەققىنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلدى. تەپتىش قىلىشىمىزچە ئافاق خوجىنىڭ زىمىنلىرى قەشقەردە بولۇپ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەسساۋۇپ قىلىپ كەلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەردىكى ئۇيۇشما مەزكۈر كىشلەرنىڭ ئالالمىغان ھەقلىرىنى بىرشى لازىم...» بۇيرۇققا ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭ تەستىق سالغانىدى.بۇ ‹‹بۇيرۇق ›› قەشقەر جەمئىيتىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئالىدىغىنى ھەربىرىنىڭ يىلىغا نەچچە ئون چارەك ئاش بولۇپ، ئون نەچچە كىشنىڭ 20 نەچچە يىلىغا ئالىدىغىنى بىر قانچە مىڭ چارەك ئاشلىقتىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ ئاشلىقلار ھازىر بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى، بۇنچە كۆپ ئاشلىق ئۇيۇشمىنىڭ ئامبىرىدا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. يىللاردىن بېرى ئافاق خوجىنىڭ نامىدىكى ۋەخپە زىمىنلار ھەركىم، ھەركىملەرنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، چىققان ھوسۇلنى ئەنە شۇلار ئىشلىتىپ كەلگەن،ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يوق، بار بولغاندىمۇ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىشلىتىپ كەتكەن، كىشلەر يەپ ئىچىپ، تۈگەتكەن، مۇنچىۋالا كۆپ ئاشلىقنى ئۇيۇشمىنىڭ قايتۇرۇپ بىرىشى مومكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ۋەخپە-زىمننى يىقىندىن بىرى ئۇيۇشما ئىگەللىگەن بولسىمۇ، ئۇيۇشما تەمىنلەپ كىلىۋاتقان مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى، دارىلئاجىزىن،دارىلتام، قىرى چۆرى، مىيىپ، يىتىملارنىڭ خىراجەتلىرى ئەنە شۇيەرنىڭ كىرىمىدىن بىرىلىپ كىلىۋاتاتتى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يىتىم يىسىرلارنى ئەنە شۇ كىرىمدىن تەمىنلەشكە توغرا كىلەتتى. مانا شۇ سەۋەپتىن قەشقەر جەمىيتى بۇ ھەقتەلەپ داۋاسىنى رەت قىلدى.

بۇ رەت قىلىش ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى« قايتۇرۇش كىرەك» دىگەن بىسىم كۈچەيگەندى. دىگەن سۇئال قەشقەر خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى. ئاففاق خوجىنىڭ ھەقتەلەپ دەۋاسى رەت قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ ھەقتە قەشقەردە چىقىدىغان «يېڭى ھايات»گېزىتى ئافاق خوجىنىڭ تەرجىمىھالى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن« خىزمەتلىرى» كەلتۈرۈپ بەرگەن قىرغىنچىلىقلىرى، خەلق ئۇزۇن يىللاپ نادانلىققا، خوراپاتلىققا باشلىغان بىر«زات»ئىكەنلىكىنى ئاممىغا كەڭ تۈردە تونۇشتۇردى.

زىمىن مەسلىسىدە:ئافاق خوجىنىڭ زىمىننى ئەينى زاماندا زالىم ھۆكۈمەت بىلەن تېل بىرىكتۈرۈپ، خەلققە ئالۋاڭ-ياساق سىلىپ توپلىغان زىمىن ئىكەنلىكى، ھەر خىل ئالۋاڭ – ياساققا چىدىمىغان خەلق يەرلىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا بەزىلىرى ئافاق خوجىغا يەرلىرىنى سىلىق ھېساۋىغا بىكارغا بىرىش بىلەن ئالۋاڭدىن قۇتۇلغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن يەرلەر ئافاق خوجىغا مەنسۇپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئافاق خوجىنىڭ مال-مۈلۈكى جۈملىدىن يەر-زىمىنلىرىنى خەلقتىن تارتىۋىلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى،ئۇنىڭ بۇ زىمىندا مىراسى يوقلىقىنى تونۇشتۇردى، بۇنى چۈشەنگەن خەلق: يەرلىكنىڭ نىمە ھەققى بار، ياقا يۇرتنىڭ،دىگەن«پەتۋا»نى چىقىرىپ ئافاق خوجىنىڭ ئەۋلادىغا ھېچنىمە بەرمەيمىز، دىيىشتى.بۇ ئىش ئافاق خوجا تەرەپدارلىرى بولغان بىر تۇركۇم ھوقۇقدارلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتماي تۇرالمىدى. قەشقەردىكى ئافاق خوجىنى ‹‹پەيغەمبەر ئەۋلادى ››دەيدىغان شۇم ئغىزلار ‹‹خوجامنىڭ زىمىننى قايتۇرۇش كىرەك ›› ـــ دەپ جار سىلپ،مەخپى ھالدا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە ئەرىز سۇنۇپ، قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى تاقىۋېتىشنى ياكى ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى تەكشۈرۈشنى، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆتكۈزۋېلىپ باشقۇرشىنى تەلەپ قىلىشىپ، ھەقتەلەپ دەۋاسىنى ئاشكارە قوللىدى.

قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بۇ مىراس ئىتراپ قىلىنغاندا، ئۇيۇشما تەمىنلەيدىغان يىتىم – يىسىرلەر، ئىگە-چاقىسىز قالىدىغانلىقى توغۇرلۇق
قايتا-قايتا ھۆكۆمەتكە ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ مىراسخورلارنى يۆلەشنى ئاساس قىلغان ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئۇيۇشمىنىڭ مالىيىسىنى تەشكۈرۈپ كۆرىمىز ھەتتا ئۆتكۈزۋالىمىزدەپ بىسىم قىلغان بولسىمۇ بۇ دەۋا بىريىلغىچە سۆرۈلۈپ كەتتى، ئاخىرى ئۈرۈمچى «شىنجاڭ گېزىتى»باش مۇھەرىرى مەنسۇر ئەپەندى(ۋەتەن ئوغلى) باشچىلىقىدىكى ھېساپ تەكشۈرۈش كومىسىيىسى قەشقەرگە ئەۋەتىلدى، لېكىن ئۇلار قارشىلىققا ئۇچۇردى، زورلۇق قوللىنىش خەۋپى تۇغۇلغاندا بىرنەچچە قېتىم ئىچىلغان مەجلىسلەردە قەشقەرنىڭ قازىسى ئۆلىما ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ پاسسىپ ئورنىغا چۈشۈۋالغانلىقى ھەممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش كومىسيىسى تەرپىدىن تەقىب ئاستىغا ئىلىنغانلىقتىن، ئەمدى قەشقەر خەلقى ئالدىدا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكمۇقانداق؟ دېگەن سۇئال تۇغۇلدى، خەلقنىڭ قان –تەرىگە كەلگەن بۇ مەبلەغلەرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى ھېچكىم خالىمايتى، بۇھەقىتە ھەيئەت تەشكىل قىلدى، بىر قانچە قېتىملاپ يىغىنلار كومىسىيىسىگە ئەھۋال چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرىۋەردى، سۈركىلىش كۈچەيدى، تالاش-تارتىشلار كۆپەيدى، ئاخىرى ئىش خەتەرلىك باسقۇچقا كىلىپ قالدى.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن گارنىزون قۇماندانى ئۇيغۇر ئاتاغلىق ئەسكىرى ئالتىنجى دىۋىزىيىنىڭ قۇماندانى ماخمۇت موھىتى يىغىنغا قاتنىشىپ خەلق تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر قىلىش قارارىغا كەلدى:

-ئەپەندىلەر دېدى ، ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ -؛ سىلەر ئۇيۇشمىمىزدىن راستىنلا ھېساپ ئالامسىلەر! ئۇيۇشمىمىز مالىيىسىدىكى توپلانغان مەبلەغ پۈتۈنلەي خەلىقنىڭ، ئۇ كىشلەر تەرپىدىن بىرىلگەن ئۆشۈر زاكات، ئىئانە، مازار ۋەخپە كىرمى قاتارلىقلاردىن كىرگەن. ئۇيۇشمىمىز بۇ كىرىم بىلەن نەچچە يۈزلىگەن قىرى، مىيىپ، ئىگە چاقىسىز كىشلەرنى ئاساس قىلغان دارىل ئاجىزىن، نەچچە يۈزلىگەن يىتىمنى ئاساس قىلغان دارىلېتاملارنى باقىدۇ، ئۇنىڭدىكى بالىلارنى ئوقوتىدۇ تەربىيەلەيدۇ، شەھەر ئەتراپىدىكى يۈزلىگەن مەكتەپلەردىكى ئوقوتقۇچىلار ئۇكىرىملەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بۇھەقتە نەچچە قېتىملاپ چۈشەنچە بەرسەك قۇلاق سالمىدىڭلار سىلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ، جەمىئەتنىڭ ئۈمۈدى، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئۈمۈدى بولغان ياش غۇنچىلارغا،ئاجىزلارغا سەرىپ قىلىدىغان بۇمەبلەغنى ئاشۇ مىراسخورلارغا ئىلىپ بىرىشنىڭلارغا قەتئى قارشى تۇرمەن؟! قەتئى قارشى تۇرمەن!

ئۇ يىغىندا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپ ئولتۇرۋالغان قازى رەئىس، كاتتا ئۆلما ئابدىغوپۇر داموللىغا نەپرەت كۆزى بىلەن تىكىلدى – دە ، پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى:

-سىلەر يەنە ھېساپ ئالامسىلەر، ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار ھېسابنى مانا مۇشۇ بىرىدۇ؟!!...

مەخمۇت موھىيىتى بەتلەنگەن تاپانچىسىنى غەزەپ بىلەن شىرە ئۈستىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىرادىسىدىن ۋاز كىچىپ مەجلىسدىن چىقىپ كىتىۋاتقان «ھېساۋاتچىلارغا» مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ تۇراتتى.

مەخمۇت سىجاڭنىڭ بىۋاستە ئوتتۇرغا چېقىپ ئارلىشىشى ۋە خەلق تەرەپتە تۇرۇپ ھەققانىيەتنى ياقىلىشى، كەڭ خەلقنىڭ قاتتىق نارازىيىلىق بىلدۈرشى،ئۇرۇش مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشما مالېىيىسىدە ۋەخپىنى تۆلىگۈدەك ئىقتىسادنىڭ بولمىغانلىق سەۋەپلىك تەپتىش كومىسىيىسى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى، كىيىنكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا بۇ دەۋامۇ بىسىپ قالدى.


   مەنبە :«تارىخ بىتىنى ۋاراقلىغاندا »ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.

  بەرقي مۇنبىرىدىن

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-18 13:46 |
زار
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9456
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 13
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرىتى: 55 نومۇر
پۇلى: 45 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
نىمىدىگەن نۇمۇسسىزلىق ھە؟ يەنە داۋا قىلغىنىنى بۇلارنىڭ؟

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 03:20 |
derya8
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9457
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 7
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرىتى: 35 نومۇر
پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاڭلىساق ،شىڭشىسەي نىڭ تۇغقانلىرىمۇ .خەلقاراجەمىيەتلەردە،ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلىۋاتقۇدەك!.."شىڭ دوبەننىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە" دەپ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،شىڭشىسەي شىنجاڭدىكى غوللۇق مىللى بۆلگۈنچىلەرنى بىر-بىرلەپ يوقاتمىغان بولسا،شىنجاڭ ئۇنداق ئاسانلىقچە تىنىچ "ئازات"بولمايتى...ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە شىڭ...نىڭ تۆھپىسى كۆپ،  دەپ قارايدىكەن.

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 14:32 |
ozbax
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 1543
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 24
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرىتى: 107 نومۇر
پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ۋەتەن ئوغلى زادى قانداق ئوغۇل؟

./BBS/read.php?tid=682&fpage=4

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 00:27 |
untulux
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 2490
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 61
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
شۆھرىتى: 338 نومۇر
پۇلى: 409 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
ۋاقتى :60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خەلىقنىڭ غەزىپىدىن قورىقمىغان مۇناپىقلار مەھمۇد شىجاڭناڭ تاپانچىسىدىن قورقۇپتىدە!!!!!!!!!!!!!قۇرال-ھەقىقەت!

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 19:36 |
pamir007
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 1556
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 78
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە78دانە
شۆھرىتى: 155 نومۇر
پۇلى: 740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :168(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئافاق خۇجىنىڭ  ئەۋلاتلىرى شىئەندە ئىكەندە

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 23:23 |
arkim
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 4052
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 164
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە164دانە
شۆھرىتى: 339 نومۇر
پۇلى: 1580 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شىڭ شىسەينى ئەرىز قىلىش كېرەك...

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-23 16:26 |
halipjan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 4636
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 33
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
شۆھرىتى: 61 نومۇر
پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

"مال ئېگىسىنى دورىمىسا ھارام"دىگەندەك ،ئەۋلادلىرى ئەجدادلىرىنى دوراپتۇ-دە! بۇ مۇرتەتلەر

چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 02:11 |
Bolivar
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 7658
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 24
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 175 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاپپاق خوجا دىگەن بىر مۇناپىق!

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 07:27 |
كۆك
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9505
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 6
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 35 نومۇر
پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھۇ مۇناپىقلار !!!! ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ كەلگەن بالايى _ئاپىتى ئاز كىلىپ قالغان ئوىشايدۇ؟

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 21:35 |
كۆك
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9505
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 6
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 35 نومۇر
پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مازىرىغا بىرىپ بىر چوڭ تەرەت قىلىپ قويغۇم بار بۇ مۇناپىقنىڭ   

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 21:37 |
كۆك
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9505
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 6
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 35 نومۇر
پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەشقەردىكى ئافاق خوجىنى ‹‹پەيغەمبەر ئەۋلادى ››دەيدىغان شۇم ئغىزلار ‹‹<جاللات خىنىم>دىگەن روماننى ئوقۇپ چىقسا بولغۇدەك     

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 21:42 |
نۇر
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9485
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 2
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇ  تۇڭگۇزنىڭ   ئەۋلدلىرى   شىئەندە   نىمە   ئىش  قىلىدىكەن؟

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-30 19:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !