بۇ بەتتىكى تېما:«ئاق ئوردا» ۋە «تۇرۇمتاي كۆلى» دېگەن ناملار ھەققىدە | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 105
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە105دانە
شۆھرىتى: 860 نومۇر
پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «ئاق ئوردا» ۋە «تۇرۇمتاي كۆلى» دېگەن ناملار ھەققىدە

«ئاق ئوردا» ۋە «تۇرۇمتاي كۆلى» دېگەن ناملار ھەققىدە


ئوسمان مۇھەممەد


سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھلىرىدىن بولغان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى يولۋاسخان قەشقەردە 30 يىل نائىپ خان بولغانىدى. مىلادىيە 1669ـ،1670-يىللىرى، ئۇ ئاتىسى ئابدۇللاخاننى ئەرەبىستانغا مەجبۇرىي يولغا سېلىۋېتىپ، ئۆزى يەركەندە پادىشاھ بولدى. يولۋاسخان دۆلەت ئەركانلىرى ۋە پۇقرالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغاچقا، شۇ يىلىلا، يەنى 1670-يىلى 3-ئايدا ۋەزىرلەر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى.
يولۋاسخان قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە، ئۇنىڭ بەگ- ۋەزىرلىرى ئاساسەن قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇللار ئىدى. ئەركە بەگ، ئەلى شاھ بەگ، ئېۋەزبەگ، دۆلەتبەگ، تۇرۇمتاي بەگ ۋە باباق بەگلەر شۇلار جۈملىسىدىن ئىدى.
يولۋاسخان گەرچە سەككىز يېشىدا قەشقەرگە نائىپ خان بولغان بولسىمۇ، بالاغەتكە يېتىپ مۇستەقىل ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن لەشكىرىي ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپلەپ ئەسكەر ئېلىپ، ئۆز تەسىر- دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرىدىكى بەگ-ۋەزىرلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىمۇ نۇرغۇن نۆكەرلەر بار بولۇپ، بەگلەر نۆكەرلىرى بىلەن ئۆز يۇرتلىرىغا (تاغ ئارىلىرىغا) يىلدا بىر نەچچە رەت بېرىپ تۇراتتى. يولۋاسخان ئاشۇ قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل بەگلەرنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە قەشقەردە يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۆزى باش بولۇپ، ئىچكىرىكى شەھەردىكى ئوردىنى سېپىل سىرتىغا يۆتكەشكە بۇيرۇپ، يېڭىدىن ئوردا بىنا قىلدۇردى ھەمدە بەگلەرنى ئوردا ئەتراپىدا ئۆي سېلىپ ئولتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئوردا ئەتراپىدا بىر مۇنچە كوچا، مەھەللىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. يېڭىدىن ياسالغان ئوردىنىڭ تاملىرى ئېگىز، ھەيۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈنلەي ئاق گەجدە ئاقارتىلغانىدى. ئوردا يىراق-يىقىنغا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.شۇڭا، بۇ يەر كېيىنچە «ئاق ئوردا» دەپ ئاتالدى. «ئاق ئوردا»نىڭ بىر تەرىپىدە يەنە «بامگىر قەبرىستانلىقى» بار ئىدى.
نەتىجىدە، ئەزەلدىن كۆچمەن ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل بەگلەر قەشقەر، يەركەن، بارچۇق قاتارلىق شەھەرلەردە ماكان تۇتۇپ قالدى. مەخمۇت جۇراسنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە «ئەركە بەگنىڭ ھەمىشە تىلەيدىغىنى، ئىسلام شەھىرىگە ئۆي سالسام، دەيتتى. تەلىپىگە بىنائەن ھىجىرىيە 1080-يىلى ئىسلام شەھىرىدە ۋەتەن تۇتۇپ ئىناۋەتلىك قوماندان بولۇپ قالدى. ياخشى ئىشلارغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆللەرنى چاپتۇرۇپ، ساراي، كۆۋرۈك، مەسچىتلەرنى سالدۇرۇپ، مەملىكەتنى ئاۋات قىلدى» دېيىلگەن.
يەنە قىرغىز بەگلىرىدىن دۆلەتبەگ، تۇرۇمتاي بەگلەرمۇ ئاق ئوردىنىڭ ئەتراپىدىن كوچا ئېلىپ، ئۆي سالدۇرۇپ، كۆل چاپتۇرۇپ، مەسچىتلەرنى بىنا قىلدۇردى. قەشقەر شەھىرىنىڭ ھازىرقى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارما تەۋەسىدىكى «ئاق ئوردا» مەھەللىسىگە جايلاشقان «تۇرۇمتاي كۆلى» ئەنە شۇ تۇرۇمتاي بەگ كولاتقان كۆلدۇر.

مەنبە:
«شىنجاڭ تەزكىرىسى» 2004-يىل 1-سان.

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-18 19:44 |
سەرۋەر
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 8302
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 53
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە53دانە
شۆھرىتى: 455 نومۇر
پۇلى: 305 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ھازىر بۇ يەردە بىرەرمۇ قىرغىز يوق، قارىغاندا كېيىنچە ئۇلار كۆچۈپ كەتكەن ياكى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟

بۇ رىۋايەتنى بۇرۇنمۇ چوڭ ئانامدىن ئاڭلىغانىدىم...

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-18 22:37 |
uyghurqizi
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا

UID نۇمۇرى: 1785
نادىر تىمىسى : 2
يازما سانى : 128
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە128دانە
شۆھرىتى: 409 نومۇر
پۇلى: 1215 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەھمۇد جوراسنىڭ <<تارىخىي رەشىدىي زەيلى>>دىن باشقا يەنە <<تارىخ>> ناملەىق كىتاۋىمۇ بارمىكەن؟ <<ئاق ئوردا>> ۋە <<تۇرۇمتاي كۆل بېشى>> ھەققىدىكى تارىخنى مەنمۇ تۇنجى ئاڭلاۋاتىمەن، رەخمەت.

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 20:37 |
سەرۋەر
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 8302
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 53
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە53دانە
شۆھرىتى: 455 نومۇر
پۇلى: 305 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
مەن پەقەت تۇرۇمتاي كۆلبېشى ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئاڭلىغانتىم...

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 22:56 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 517
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە517دانە
شۆھرىتى: 1448 نومۇر
پۇلى: 4830 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :976(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىuyghurqiziنىڭ2009-05-20 20:37دە يوللىغان يازمىسى  :
مەھمۇد جوراسنىڭ <<تارىخىي رەشىدىي زەيلى>>دىن باشقا يەنە <<تارىخ>> ناملەىق كىتاۋىمۇ بارمىكەن؟ <<ئاق ئوردا>> ۋە <<تۇرۇمتاي كۆل بېشى>> ھەققىدىكى تارىخنى مەنمۇ تۇنجى ئاڭلاۋاتىمەن، رەخمەت.


تارىخى رەشىدى ـــ زەيلى دىگەن بۇ ئىسىمنى كېيىنكىلەر قويغان بولۇپ، سىز مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلغان تارىخى رەشىدى ــــ زەيلى دىگەن بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى ئىسمى تەۋارىخ ئىكەن، بۇ ھەقتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى ئاكىمۇشكىن مەخسۇس ماقالە يېزىپ تۈزەتمە بەرگەن ئىكەن.

تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 23:16 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !