بۇ بەتتىكى تېما:ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە رەسىم | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
@QAWANDAZ@
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 5194
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 9
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرىتى: 45 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە رەسىم

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە رەسىم





1945-يىلى 6-ئايدا مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى شۇ چاغدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن،دۈشمەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى تەھلىل قىلىپ،گومىنداڭنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاش،قۇراللىق كۈرەشنى راۋاجلاندۇرۇش،ئازاد رايونلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن،جەنۇب،شىمال،ئوتتۇرا-ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭدىن شىمالىي يۆلىنىشنىڭ ۋەزىپىسى تارباغاتاي،ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلىش؛ ئوتتۇرا يۆلىنىشنىڭ ۋەزىپىسى جىڭ،شىخو ناھىلىرىنى ئازاد قىلىپ،ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرلەش؛ جەنۇبىي يۆلىنىشنىڭ ۋەزىپىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەڭ رايونلاردا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى پارتىزانلىق ھەركەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ،گومىنداڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسىملىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،گومىنداڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەسكىرىي كۈچىنىڭ شىمالغا يۆتكلىشىنى تىزگىنلەپ،شىمال،ئوتتۇرا يۆلىنىشتىكى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئومومىي ئۇرۇش مۇددىئاسىغا ئاساسەن،ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇنداق كونكىرىت ئورۇنلاشتۇردى:

1.كەڭساي ئاتلىق 3-پولكى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ،شىخو بىلەن تارباغاتاي،ئالتاينىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ،شىخو بىلەن بۇ ئىككى رايوننىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ھەمدە تارباغاتاي،ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئىشغال قىلىش؛

2.ئىلى پىيادىلەر 2-پولكى،تىكەس ئاتلىق 1-پولكى،ئىلى زاپاس 4-پولكى،خۇيزۇ دىۋىزىيونى،زەمبىرەكچىلەر باتالىيونى،شىبە ئىسكادىرونى جىڭغا ھۇجۇم قىلىش.

3.سۈيدۈڭ پىيادىلەر 1-پولكى،موڭغۇل دىۋزىيونى،زەمبىرەكچىلەر روتىسى،مائىل پارتىزانلار ئەترىتى بىرلىشىپ شىخوغا ھۇجۇم قىلىشى؛

4.ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ،قاسىمجان قەمبىرى،سوپاخۇن قاتارلىقلار ئاتلىق قىسىمنى باشلاپ ئاقسۇ رايونىغا بېرىپ،دۈشمەن ئارقا سېپىدە پارتىزانلىق ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە تاشقورغانغا بىر ۋىزۋود ئەسكەر ئەۋەتىپ،شۇ جايدىكى پارتىزانلارنىڭ كۈرىشىگە مەدەت بېرىش؛

5.شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىزان ئەترەتلىرى دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى كۈرەشنى كۈچەيتىش.بولۇپمۇ شىخو،جىڭ،ماناس،ئالتاي،تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى پارتىزان ئەترەتلىرى ئاكتىپ ھەركەت قىلىپ،ئۈچ يۆلىنىشتىكى ئۇرۇشقا ماسلىشىش.

6.ئۈچ يۆلىنىشتىكى ئۇرۇش ئوپراتسىيىسى 1945-يىل 7-ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان. پالىنوۋ،ئىسھاقبېك قاتارلىقلار ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلدى،ۋاقىتلىق ھۆكىمەت ئىلى رايونىدىكى كەڭ خەلىق ئاممىسىنى ئالدىنقى سەپكە ياردەم قىلىش بويىچە ھەرخىل ھەركەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىلغان.ھەمدە<<ھەممە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن>>دېگەن شۇئارنىڭ ئىلھامى بىلەن ھەرمىللەت خەلقى ئالدىنقى سەپكە قىزغىن ياردەم بەرگەن.

يۇقاردىكىلىرى جەڭچىلەر ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا،گازارما ئىچىدە،ھەربىي مەشىق قىلغاندا،چوڭ يىغىنلاردغا كېتىۋاتقاندا ۋە يىغىندىن تارقاپ گازارمىغا قايتىۋاتقاندا ئېيتىدىغان ناخشىلار.

جەڭچى بالىلار

قاتار-قاتار تىزىلغان جەڭچى بالىلار،
كۈرەش ئۈچۈن قۇرال ئېلىپ ئاتلانغانلار.
ۋەتەن،خەلق قەھرىمانى پىدائىيلار،
جانىم بالام ئوغلانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟

ئوغلىڭىزنىڭ <<باتۇرلۇق>> دەپ ئۈنۋانى بار،
مەيدىسىدە زىننەتلەنگەن نىشانى بار.
ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئامانى بار.
جانىم بالام دەپ يېشىڭىزنى تۆكمەڭ ئانا.

ئەسىرلەردىن قۇلدارلىقنى ھۆكمى سۈرگەن،
قۇتۇلۇپ بىز ئازادلىققا چىققان چاغدا.
ئاسارەتنىڭ زەنجىرىنى ئۈزگەن چاغدا،
جان بالام دەپ يېشىڭىزنى تۆكمەڭ ئانا.


گاڭغا ئايلاندۇق

كۈچلۈك قوللاردا تۇتتۇق قۇرالنى،
گاڭغا ئايلاندى مۇشتۇملىرىمىز.
بىزدە يېڭىلىش يوق،چوقۇم بولمايدۇ،
چۈنكى ئۆسمەكتە قوشۇنلىرىمىز.

يۈرۈڭلار بارايلى ئالدىنقى سەپكە،
ئاتاكا قىلايلى دۈشمەننى قوغلاپ.
ئېتىپ پىلىموت،تاشلاپ گىرانات،
دۈشمەنگە بىرەيلى ئەجەللىك دەككە.


ئانىجان

ئانىجان يادىمدا بار،
تىنماي ئازاب چەككەنلىرىڭ.
كېچىلەردە ئۇخلىماي،
ئاق سۈت بېرىپ باققانلىرىڭ.

ئون سەككىز ياشىمغىچە،
شەربەت بېرىپ باققانىدىڭ.
يىغلىما جانىم ئانا،
ئەمدى كۆرەلمەيسەن مېنى.

چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن،
مەيداندا جەڭ قىلغانىدىم.
كۆپلىرىنى يوقىتىپ،
كۆكرەكتىن ئوق يىگەنىدىم.

يىغلىما جانىم ئانا،
ھەر جايدا باردۇر بۇ ئۆلۈم.
ۋەتىنىم،خەلقىم ئۈچۈن،
شان-شەرەپتۇر بۇ ئۆلۈم.


ھەربىي بىرلىكلەر نامى


مىللىي ئارمىيىدە قوللىنىۋاتقىنى                            ھازىر قوللىنىۋاتقىنى

ئوتدېلىنىيە                                                     بەن
ۋىزۋود                                                           پەي
روتا                                                              لىيەن
ئىسكادىرون                                                    ئاتلىق ئەسكەرلەر لىيەنى
باتالىيون                                                        يىڭ
دىۋىزىيون                                                       ئاتلىق ئەسكەرلەر يىڭى
پولك                                                             تۈەن
بىرگادا                                                            لۈي
دىۋزىيە                                                           شى
كورپۇس                                                          جۈن
ئوپىراتىپ بۆلۈمى                                              زوجەنبۇ

ساۋدانوۋ زاھىرنىڭ <<5-كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى>>ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.


چەۋەندازلار بلوگى
http://qawandazlar.blogbus.com/

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە رەسىم
http://qawandazlar.blogbus.com/logs/39593444.html

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-18 20:46 |
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 104
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
شۆھرىتى: 855 نومۇر
پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
بۇ سۈرەت(خەرىتە)لەر شۇ چاغدىكى ئىنقىلاب دائىرىسى ۋە جەڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىقراق ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن ھازىرقى خەرىتە ئۈستىگە سىزىلىپ، مەزكۇر كىتابقا قىستۇرۇلغانىكەن.

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-19 14:06 |
@QAWANDAZ@
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 5194
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 9
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرىتى: 45 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەقىل
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىارامۇتنىڭ2009-05-19 14:06دە يوللىغان يازمىسى  :
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
بۇ سۈرەت(خەرىتە)لەر شۇ چاغدىكى ئىنقىلاب دائىرىسى ۋە جەڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىقراق ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن ھازىرقى خەرىتە ئۈستىگە سىزىلىپ، مەزكۇر كىتابقا قىستۇرۇلغانىكەن.

توغرا دەيسىز. ساۋدانوۋ زاھىرنىڭ <<5-كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى>> ۋە <<ماناس دەرياسىدىن قايتىش>> ناملىق ئەسەرلىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئىنقىلاب جەريانى بىرقەدەر تەپسىلى يورۇتۇپ بېرىلگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن.

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-19 14:36 |
darwix1
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9181
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 3
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 25 نومۇر
پۇلى: 15 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
بو  خەرتە  ەينى  زاماننىڭمۇ ؟ياكى ھازىرقى زاماننىڭمۇ ؟

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-19 15:27 |
koday
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9300
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 16
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرىتى: 90 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخنى ئەسلەش ئازاولىق بولسىمۇ لىكىن بۇ بىز گە قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا نىشان كۆرسىتىپ بىرىدىغان نىشان بۇلالايدۇ.تىمىڭىزغا رەخمەت .بولسا ئىنقىلاۋى تارىخ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن .

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 14:25 |
erdewil
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى: 1774
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 261
ئۈنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە261دانە
شۆھرىتى: 926 نومۇر
پۇلى: 2605 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
ۋاقتى :135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا خەلقىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان قېرىنداشلارنى مەڭگۈ ھەم مەڭگۈ ياد ئېتىمىز!  

سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-23 18:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !