بۇ بەتتىكى تېما:ماجارلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تۇغقانچىلىقى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 104
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
شۆھرىتى: 855 نومۇر
پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ماجارلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تۇغقانچىلىقى

ماجارلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تۇغقانچىلىقى


ئەلى غوپۇر


ماجارلار ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ، دۆلەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ماجار دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش ئۆز دۆلىتىنىمۇ «ماجارلار دۆلىتى» دېگەن مەنىدە « Magyar orszag»(ماجار ئورساگ) دەپ ئاتايدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچە بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا يېقىنقى يىللاردىن بېرى يېزىلىۋاتقىنىدەك ئۆزلىرىنى «ھونگار»لار، دۆلىتىنى «ھونگارىيە» دەپ ئاتىمايدۇ.
بىزنىڭ تىلىمىزدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان «ۋېنگر» ۋە «ۋېنگرىيە» سۆزلىرى رۇسلارنىڭ ماجارلارنى ئاتىشى بولغان«Vengri » دىن كەلگەن. ماجارلارنى ياۋروپادىكى خەلقلەردىن گېرمانىيىلىكلەر «Ungarn »، ئىنگلىزلار «hungarians »، فرانسۇزلار «hongrois »، ئىتالىيانلار «ungheresi » دەپ ئاتايدۇ.
تىلشۇناسلار ئارىسىدا ماجارلارنىڭ تىلىنى ئورال تىل سىستېمىسىغا كىرىدۇ دېگەن قاراش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. بۇ خىل قاراش بويىچە فىنلاند تىلى، ئىستونىيە تىلى، ماجار تىلى ھەمدە ئورال تاغ تىزمىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى 25 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ 20 خىلغا يېقىن غەيرىي ھىندى – ياۋروپا تىل سىستېمىسى ۋە غەيرىي تۈرك تىل سىستېمىسىدىكى تىللارنى بۇ گۇرۇھ ئىچىگە ئايرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ماجار تىلىدا سىۆزلىشىدىغانلار 15مىليون بولۇپ، بۇ تىل سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان. بۇ تىل ھازىر «فىن –ئوگۇر» تىل ئائىلىسىدىكى «ئوگۇر» تىل تارمىقىغا تەۋە قىلىپ ئايرىلغان.
ماجار تىلى گەرچە تىلشۇناسلار تەرىپىدىن فىن – ئوگۇر تىلى ئائىلىسىگە تەۋە دەپ ئايرىلغان بىلەن «ئورال تىل سىستېمىسىدىكى ئىككى چوڭ ئاساسلىق تىل بولغان ماجار تىلى بىلەن فىنلاند تىلى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق دەرىجىسى بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ئىنگلىز تىلى بىلەن رۇس تىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدىكەن»(1) . يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، «پەقەت ئىنگلىز تىلى بىلەن پارس تىلى ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى يىراق مۇناسىۋەتتۇر»(2).
ھازىر بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ماجار تىلىدا بىر قىسىم موڭغۇل-تونگۇس تىلى ئېلېمېنتلىرىنىڭ بارلىقىغا قاراپ، «ۋېنگرلارنىڭ ئەجدادلىرى»، يەنى قەدىمكى ماجارلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بەلگىلىك ساندىكى موڭغۇل تىللىق تەركىبلەر بولۇشى چوقۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەنە ماجارلارنىڭ موڭغۇلچە خاراكتېر ئايرىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدىن ئايرىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئورال تاغلىق رايونى پەقەت ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا بېرىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلىق قارارگاھى بولغان، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ پەيدا بولغان جايى ئەمەس(3) دەپ قارايدۇ.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار ماجار تىلىدىكى موڭغۇل تىلى سۆزلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خۇلاسىلىگەندە «تۈركىي تىلىنىڭ ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقى»(4)نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىزمۇ بۇ خىل قاراشنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىي تىللارنىڭ ۋاسىتىچىلىك رولى، شۇ تىللارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ماجار تىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەر ئۈستىدە بىر قىسىم مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
ماجار تىلى بىلەن تۈركىي تىللارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغاندا، ئالدى بىلەن ماجارلارنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىغا دائىر بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ماجارلارنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىغا دائىر مەسىلىلەردە ئەڭ ئاۋۋال دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ــــ ياۋروپاغا كۆچۈپ بارغان ھۇنلار بىلەن ھازىرقى ماجارلارنىڭ، شۇ ھۇنلار بىلەن ئون ئوگۇرلارنىڭ ھەمدە يەنە ماجارلار بىلەن ئون ئوگۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىدۇر.
مىلادىيە 91-يىلى، شىمالىي ھۇنلار خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، بۇ بىر قىسىم ھۇنلارنىڭ پائالىيىتى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت خاتىرىلەنمىگەن. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بىر قىسىم مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولغان. مەك گاۋىرىن بۇ ۋەقەلەرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:« غەربكە كۆچكەن ھۇنلار بىر مەھەل تۈركىستان تېررىتورىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان بولغانلىقتىن، شۈبھىسىزكى يەرلىكتىكى نۇرغۇنلىغان ئەسلىدە بار بولغان ئاھالىلەر بىلەن تويلىشىش ئەھۋاللىرى بولغان. بىز كۆپ خىل سەۋەبلەردىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇلار ئۈزلۈكسىز تۈردە غەربكە يۆتكىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئالان (Alans)لار بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئارىلىشىش ئىشى يۈز بەرگەن. ئۇلارنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى سىبىرىيىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي جەنۇبىدا ياشاپ كېلىۋاتقان فىنلار ياكى فىن – ئوگۇر قەبىلىلىرى بىلەن قوشۇلۇش دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەيلى ماجارلار ئېتنىك جەھەتتىن فىن – ئوگۇرلارغا مەنسۇپ بولسۇن ياكى تۈركىي قوۋملەردىن بولغان ئون ئوگۇرلارغا مەنسۇپ بولسۇن، ئۇلارنىڭ تۈركىي قوۋملەر بىلەن ئېتنىك ۋە تىل جەھەتتە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس»(5).
مىلادىيە 374 – يىلى غەربكە كۆچكەن ھۇنلار تۇنجى قېتىم دون دەرياسى قىرغاقلىرىدا پەيدا بولۇپ، ياۋروپاغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىقنى باشلىغان. ئەمما رىم ئىمپېرىيىسىگە بېسىپ كىرگەن ھۇنلار ۋە ئالانلارنىڭ سانى ئاز بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تېخى ئارقىدا، يەنى جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىدا ئىدى.
ۋىزانتىيىنىڭ ئەلچىسى ئولىپئودوروس(Olypiodoros) مىلادىيە 412 – يىلى ھۇنلارنىڭ ئاتامانى دونات (donat) نىڭ تۇرالغۇسىنىڭ دىنىپىر دەرياسى بويىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئاتتىلا ئۆلگەندىن كېيىن تارمار قىلىنغان ھۇنلارمۇ مەزكۇر رايونغا قېچىپ كېلىشكە ئۇرۇنغان. مىلادىيە 454- يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغلى ئىرنىك نىدال دەرياسى بويىدىكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ قۇدرىتى يىمىرىلگەن. ئاز بىر قىسىم تارقاق كۆلەمدىكى ھۇنلار ئۆز ئاقساقاللىرىنىڭ باشچىلىقىدا يەنە داۋاملىق ھازىرقى ۋېنگرىيە زېمىنىدا قىلىپ قالغاندىن باشقا، ھۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى كارپاتىيە تېغىنىڭ شەرقىگە چېكىنىپ، ئۆتكەنكى 70  يىلدا جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىنى ماكان قىلىپ ياشاپ كەلگەن ھۇن قېرىنداشلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.(6)
مىلادىيە 461- يىلى ئاتتىلانىڭ يەنە بىر ئوغلى دېڭىزىك(Dengesik) غەربكە قارىتا يۈرۈش قىلىپ، ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا تىكلەشكە ئۇرۇنغان. 468-  يىلىغا كەلگەندە ئۇلار ئاندىن دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلالىغان. شەرقىي رىم ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپلا قالماي، دېڭىزىك ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ۋەقەلىك ئاتتىلا ۋە ئۇنىڭ ھۇنلىرى توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خاتىرىدۇر.(7) ئاتتىلا ۋە ئۇنىڭ ھۇنلىرى ياۋروپادىكى بىر مەزگىللىك شان – شەرەپ ۋە بويسۇندۇرۇشلاردىن كېيىن، ئاخىرى يەنە مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردىكى يەنە بىر ئىتتىپاق ــــ ئون ئوگۇر ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
ئەمدى بىز «ئون ئوگۇر» نامىنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقى ۋېنگر (ماجار)لارنىڭ نامىغا ئايلانغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا قاراپ باقايلى: ھازىرقى ۋېنگرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىشى بولغان «ماجار» سۆزى ئوگرىيان تىلىدىكى Mansi ياكى magy سۆزىگە، تۈركچە ئۇلانماEri نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن megyeri___magyan___magyar بولۇپ بىر چوڭ قەبىلىنىڭ نامىغا ئايلانغان. مەنىسى «ئەر» دېگەنلىكتۇر. غەرب تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئۇلارغا بېرىلگەن نام بولغانHungarian  (لاتىنچە hungarus) مىلادىيە 5- ئەسىرلەردىكى hungur, on ogur, hun-ogur دىن ئىبارەت تۈرك ئون ئوگۇر–ھۇن ئىتتىپاقىدىكى خەلقلەرنىڭ چەت ئەل تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى يەنە بىر ۋارىيانتىدۇر.(8)
روسىيىلىك ئى. برتشنەيدر (e.bretschneider) 1887- يىلى ۋېنگر (ماجار)لار ئاسىيادىن كەلگەنلەر، ئۇلار بەلكىم ئەسلىدە ۋولگا دەرياسى بويىدىكى بۇلغارلارنىڭ شەرقىدە، ئورال تاغلىرى باغرىدا ئولتۇراقلاشقان دەپ قارىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى توغرىسىدا ئىزدەنمىگەن. قەدىمكى رۇسلار ئۇلارنى «ئوگرلار» ياكى «ئوگرى»لار دەپ ئاتىغان.(9) روسىيىنىڭ سالنامىلىرىدىمۇ مەزكۇر رايوننى «ئۇگرا» ياكى «يوگرا» دەپ ئاتىغان. مىلادىيە 9- ئەسىردە بۇ كىشىلەر مەزكۇر رايوندىن دوناي دەرياسى بويىغا كۆچۈپ بارغان. روسىيىلىك تارىخشۇناس نېستور (Nestor) ئوگرىلارنىڭ 898- يىلى كىيۋغا يېتىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. كلاپروس(klaproth)نىڭ «ئاسىيا تارىخ خاتىرىلىرى» دېگەن ئەسىرىدىكى روسىيىنىڭ سالنامىلىرىدىن ئالغان تۆۋەندىكى نەقىلى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ: 1499- يىلى روسىيىلىك كېنەز ئىۋان ۋاسلىۋىچ ئوگرا رايونىدا ياشاۋاتقان ئوگۇرلارنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن موسكۋادىكى كرىمۋىل ساىيىنىڭ مەلۇم بىر ئىشىك بېشىغا ئەينى ۋاقىتتىن قېلىپ قالغان بىر لاتىنچە لەۋھە ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ۋېنگرلارنىڭ كېنەزى جون ۋاسلى»(10) دېگەن خەت يېزىلغان. « ۋېنگر» سۆزى دەل رۇسچىدىكى «ئوگرا»دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. كارىپنى يەنە ئوگۇرلارنىڭ دوناي دەرياسى بويىدىكى يېڭى تۇرالغۇسىنىHungaria دەپ ئاتىغان. ئوگۇرلارنىڭ ۋولگا دەريا ۋادىسىدىكى ئەسلىي زېمىنىنىڭ نامى «بۈيۈك ئونگارىيە» (magna hungaria) دەپ ئاتىلاتتى. ئوخشاش بىر دەۋردىكى (13-ئەسىردىكى) ياۋروپالىق سەيياھ روبىروك (rubruck)مۇ ئوگۇرلارنىڭ ئەسلىي ماكانىنى«greater hungaria »(11) دەپ ئاتىغان. روسىيە ئالىملىرى «ئوگۇر» دېگەن سۆز تۈركچە «ئون ئوگۇر»دېگەندىن كېلىپ چىققان، «ئون ئوگۇر»دېگىنى «ئون ئوقلار»دېگەنلىك بولىدۇ،بۇ ھازىرقىhungary نىڭ ئەسلىي مەنبەسىدۇر دەپ قارايدۇ. شۇڭا 1964- يىلى تۈزۈلگەن «بىرتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسى»دىمۇ «ۋېنگر(hungary)سۆزى سلاۋىيانلارنىڭ تۈركچىدىكى ئون ئوگۇرلارنى يەنە بىر خىل ئوقۇشىدىن كېلىپ چىققان» (12)دەپ يازغان. «كامبىرىج ئىچكى ئاسىيانىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تارىخى»دا، ماجارلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان: 9- ئەسىردە ماجارلار ۋە بىر قىسىم تۈركىي قەبىلىلەر قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىدا ئون ئوگۇر (تۈركچە ئون ئوق)دەيدىغان بىر قەبىلە ئىتتىپاقىنى ھاسىل قىلغان. بۇ نام يېقىن قوشنىلىرى بولغان سلاۋىيانلار تەرىپىدىن بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىپ، ۋېنگر (Vengr)دەپ ئوقۇلغان. بۇ سۆز ھازىر كىشىلەرگە تونۇش بولغانhungary دۇر(13.
ج. م. خاسسىي (j.m.hussey)«كامبىرىج ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى»دا: «ھۇنلار بىلەن ئون ئوگۇرلار مەلۇم قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە خەلق. ۋىزانتىيىنىڭ مىسسىئونېرلىرى 5-، 6- ئەسىرلەردە ھۇنلار، بۇلغارلار ۋە تۈرك خەلقلىرى توغرىسىدا زور ئۇتۇقلارغا ئىگە بولغان. ماجارلار مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇشى تەبىئىي. 463- يىلى ئەتراپىدا ئون ئوگۇرلار دون دەرياسى بىلەن كاۋكاز تاغلىرى ئارىلىقىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار سابىرلار ۋە باشقا ئوگۇرلار بىلەن بىرگە ۋىزانتىيىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ۋىزانتىيىنىڭ دوستانە مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەن ۋە ئىمپېرىيىنىڭ شىمالىي چېگرىلىرىدىكى زېمىنلارغا بولغان ئىگىدارچىلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇۋالغان«(14) دەپ يازغان. جيەن بوزەن ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى» دېگەن ماقالىسىدە خامىلتوننىڭ ۋىزانتىيە مەنبەلىرىدىن ئىزدەپ تاپقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىغا دائىر ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان «توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر ھەققىدە تەتقىقات»دېگەن ماقالىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ مەلۇماتلارنى جۇڭگونىڭ كلاسسىك تارىخنامىلىرىدىكى بايانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «غەرب مەنبەلىرىدىكى ئاتالمىش ئون ئوگۇرلار، ‹ئون ئۇيغۇر› دېگەنگە ۋەكىللىك قىلىدۇ«(15) دەپ شەرھلىگەن.
ماجارلارنىڭ ئېتنىك جەھەتتىكى مۇرەككەپ ساپاسى ئۇلارنىڭ تىلىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ۋېنگرىيىلىكلەر (ماجارلار)نىڭ تارىخىغا دائىر ئاساسىي بىلىمنى يەنە تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىنمۇ بىلىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا كۆرسىتىلىدىغىنى ماجار تىلىنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلمىسى فىن – ئوگۇر تىللىرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى ۋوگۇل (Manshi) ئوستىياكس (chanti)دىن ئىبارەت ھازىر سىبىرىيىدە ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ تىلىغا يېقىن كېلىدۇ. ماجارلار بىر مەھەل بۇ خەلقلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە ئورال تاغلىرى باغرىدا قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتىمۇ بولغان. ئەمما، ماجار تىلى دەسلەپكى مەزگىللەردە تۈرك تىل ئېلېمېنتى بايراق بولغان بىر خىل تىل بولغان ھەمدە ماجارلارمۇ 10- ئەسىر مەنبەلىرىدە كۆپ خىل تۈركىي خاراكتېرگە ئىگە بولغان، بۇرۇنقى كىشى ۋە قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ تۈركچە نام بىلەن ئاتالغان خەلق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ خىل ئەھۋالدا، فىن – ئوگۇر ماجارلىرى ۋېنگرىيىنى بويسۇندۇرغان ۋاقىتتا، كۈچلۈك تۈرك تەسىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇنى ۋىزانتىيە مەنبەلىرىدىكى بىر قىسىم ئېتنىك ناملاردىمۇ ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.(16)
ئوتتۇرا ياۋروپادىكى قوشنىلىرى ئىچىدە ھېچقانداق تۇغقانلىرى بولمىغان بۇ خەلقنىڭ تىل قۇرۇلمىسىدىن تۈركىي تىلىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى ئېتنىك جەھەتتىن بىۋاسىتە ھالدا قەدىمكى ھۇنلارغا باغلاش پاكىت جەھەتتە كىشىنى تولۇق قايىل قىلالمايدۇ. ھازىرقى ماجارلارنىڭ تىلىدىكى تۈركىي تىل ئامىللىرىنى، ماجارلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك تەركىبلەردىن بولغان ئون ئوگۇرلار ۋە ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىغا قايتىپ كەلگەن ھۇن ئىتتىپاقىدىكى خەلقنىڭ ئارىلىشىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراش بىر قەدەر مۇۋاپىق. بۇ سۆزىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن ياۋروپاغا كۆچكەن ھۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ تىلىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەك گاۋىرىن ھۇنلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ھەمدە ھۇنلارنىڭ قايسى تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ تۆۋەندىكىدەك يازىدۇ: «موڭغۇلىيىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ سۆزلەيدىغىنى بىر خىل ياكى كۆپ خىل تۇرانىيان (ئورال – ئالتاي) تىل سىستېمىسىدىكى تىل بولۇپ، بۇ ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. بىزنىڭ ھازىرقى مەسئۇلىيىتىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەدىمكى موڭغۇلىيىدىكى ئاساسلىق تىلنىڭ زادى ھەر خىل تۇرانىيان تىللىرى ئىچىدىكى قايسى تۈرى ئىكەنلىكىنى بېكىتىش. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى،  تۇرانىيلارنىڭ تىلى ھەمىشە ئوخشىمىغان بەش خىل تىل ئائىلىسىگە ئايرىلغان. بۇنىڭ بىرىنچىسى فىن – ئوگۇر تىل ئائىلىسى بولۇپ، ھازىر بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن ماجارلار، فىنلاندىيە ۋە روسىيىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان ھەرخىل فىنلار بار. ئىككىنچىسى، سامويد تىل ئائىلىسى، ھازىر بۇ خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار سىبىرىيىنىڭ غەربىي ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەر؛ ئۈچىنچىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسى؛ تۆتىنچىسى، موڭغۇل تىلى ئائىلىسى؛ بەشىنچىسى تونگۇس تىلى ئائىلىسى. ھازىر  بىز فىن – ئوگۇر، سامويد ۋە تونگۇس تىل ئائىلىلىرىنى چىقىرىۋەتسەك، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا تېگىشلىكى موڭغۇل ۋە تۈرك تىل ئائىلىسى بولىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، قەدىمكى موڭغۇلىيىدە موڭغۇللار بىلەن تۈركلەرنىڭ تەڭ ياشىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، مەزكۇر رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى زادى موڭغۇل ياكى تۈركلەرنىڭ قايسىسىدىن تۈزۈلگەن؟ كېيىنكى ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىي ئامىلى موڭغۇللارمۇ ياكى تۈركلەرمۇ؟...». ئۇ يەنە بۇ سوئاللىرىنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە مۇنداق يازىدۇ: « ھەر قايسى ئەل ئالىملىرى ئۇزاق يىللىق كەسكىن تالاش – تارتىشلار ئارقىلىق يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆز شەرھلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى، ھازىر كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو سالنامىلىرىدىكى خاتىرىلەرگە قوشۇلۇپ، ھۇنلارنىڭ بىر خىل تۈركىي تىلدا سۆزلەيدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى»(17). ئەمەلىيەتتىمۇ ھۇن ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىن، موڭغۇلىيىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا موڭغۇل تىل  ئائىلىسىدىكى تىللار ئاندىن پەيدىنپەي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. بۇ يەكۈن تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىرىلغان؛ ئەمما بىز بىلىدىغان ھۇنلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. بىز ئىشىنىمىزكى، بۇ قەدىمكى ھۇنلار ئىرقىي ۋە تىل جەھەتتە پۈتۈنلەي «تۈرك» ئائىلىسىگە كىرىدۇ.(18)
ھۇنلار ياۋروپاغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئاتتىلانىڭ ياۋروپا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئاتتىلا ۋە ئۇنىڭ ھۇنلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ياۋروپادا بەلگىلىك زور نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھۇنلارنىڭ تىلىغا دائىر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلارنىڭ ئىچىدە ج. مەنشىن خېلفىن (j.maenchen-helfen) يازغان «ھۇنلارنىڭ دۇنياسى»دېگەن كىتابنىڭ 9 – بابىدا، ھۇنلارنىڭ تىلى بىر قەدەر تەپسىلىي شەرھلەنگەن بولۇپ، كىتابتا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن قېلىپ قالغان ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ تىلىغا ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ھۇنلارنىڭ تىلىغا قارىتا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە تارىخىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
خېلفىننىڭ قارىشىچە، ھۇن تىلىنىڭ فونېتىكا سىستېمىسى بىلەن گرىك تىلى ۋە لاتىن تىلىنىڭ فونېتىكا سىستېمىسى ئوخشاش بولمىغان. شۇڭا، باشقا تىللاردىكى يېزىق-بەلگىلەر ئارقىلىق ھۇن تىلىنى تەرجىمە قىلغاندا، ھۇن تىلىدا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەر ھەمىشە بۇرمىلانغان. ھۇن تىلىدىكى نۇرغۇنلىغان ناملار ھۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىشى ئەمەس، بەلكى مىللەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئاتىشىدىن كېلىپ چىققان. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھۇنلارنىڭ تىلىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. بەزى ئىسىملار ھەتتا باشقىچە ئاتالغان.(19) خېلفىن يەنە ئاتتىلا خانلىقىدىكى مۇھىم ئەربابلارنىڭ ناملىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ يات مىللەت تىللىرىدىكى ئىسىملارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، شۇ ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ھۇنلار تىلىنىڭ ئەبجەش ھالىتىنى چۈشەندۈرگەن. خېلفىن مۇنداق بىر مىسالنى كۆرسىتىدۇ:« ھۇن پادىشاھلىقى يېمىرىلگەندىن كېيىن(مىلادىيە 468-يىلى)، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قوشۇنىدا بىر ھۇن ئوفىتسېرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى Apsik (apsiq دەپمۇ يېزىلغان) بولۇپ، بۇ ئالان تىلىدا Apsa (ئات) ۋە تۈرك تىلىدا (تايچاق) دېگەن Okمەنىدە ئىدى. ئەمما، ئاتتىلا خانلىقىدىكى ھۇنلار ئىچىدە تۈركچە ئىسىملار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن(20).
ياۋروپادىكى ئالىملار ئارىسىدا بىر مەھەل 5-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي چېگرىلىرىدا پەيدا بولغان « Hun »لارنىڭ جۇڭگونىڭ تارىخنامىلىرىدا خاتىرىلەنگەن ھۇن(匈奴)لار بىلەن بىر خەلق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئېنىق تەتقىقاتلار بولمىغان. 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، فرانسىيىدىن جۇڭگوغا كەلگەن ئەيسا دىنى جەمئىيىتىنىڭ دىن تارقاتقۇچىسى يوسېف مورىيا مايلاك (Joseph moyria maillac 1669__1748) جۇڭگودا خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەندىن كېيىن، كاڭ شىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن «ئۆرنەك قامۇسلار»نى فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىپ، 1737-يىلى لىئون كۇتۇپخانىسىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. بۇ كىتاب «جۇڭگو تارىخى» دېگەن نامدا 13 توم بولۇپ 1777ــــ1783-يىللىرى ئارىلىقىدا پارىژدا نەشردىن چىققان. فرانسىيىلىك ئالىم م.دېگوينىس(m.deguignes) مەزكۇر كىتابتىكى شىمالدىكى مەللەتلەرگە دائىر بايانلار ئاساسىدا «ھۇنلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقىپ، hun لار دەل غەربكە كۆچكەن匈奴لاردۇر، دېگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. فرانسىيىدە ئۇزاق مەزگىل تۇرغان شۇ دەۋردىكى ئەنگلىيىلىك ئالىم ئىدۋارد گېبون (Edwaed gibbon 1737___1794) «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش تارىخى» دېگەن كىتابتا بۇ كۆزقاراشنى يەنىمۇ ئىلگىرىگەن ھالدا دەلىللىگەن. شۇنىڭ بىلەن Hun لار دەل جۇڭگو مەنبەلىرىدىكى匈奴لاردۇر دېگەن كۆزقاراش غەرب دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان(21).
خېلفىنمۇ باشقا ئالىملارنىڭ دەلىللىرىدىن ئىسپات ئېلىپ:«ھۇنلار(Huns) بىلەن匈奴ئوخشاش بىر مىللەت، ياۋروپادىكى ھۇنلار سۆزلەيدىغان تىل ۋە شەرقتىكى (غەربكە كۆچۈشتىن بۇرۇنقى) ھۇنلار سۆزلەيدىغان تىلنىڭ ئوخشاشلىقىدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىلدا سۆزلەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۇن خەلقلىرى ئىچىدە تۈركىي تىلدا سۆزلەيدىغان قەبىلىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىش كېرەك(22) دەپ قارىغان. خېلفىن «تىل» بابىنىڭ خاتىمىسىدە:« قەبىلىلەر ناملىرىدىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، كۆپچىلىك ھۇنلار تۈركىي تىلىدا سۆزلەيتتى. مەسىلەن،UltincurۋەBug-cor قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىلىدىكى ناملار بولۇپ، ھەممىسىCur ياكىCor دېگەن تۈركىي تىل بىلەن ئاياغلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىي تىللىق ئىسىملاردىن كۆپ ئۇچرايدىغان سۆز ئاخىرى قوشۇنچىسى Gur بولۇپ، ھۇن قەبىلىلىرى ئىچىدىكى Kutrigur,utigur,on ogur,bittugur, tongur,ugurقاتارلىق قەبىلە ناملىرىداGur دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ»(23) دەپ يازغان.
يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ھۇن ئىتتىپاقىدا تۈركىي تىل ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. ماجار مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئون ئوگۇر ئىتتىپاقىدىكى خەلقلەردىن باشقا يەنە جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن مەزكۇر رايونغا قايتا كۆچۈپ كەلگەن ھۇنلارمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. تۈركىي تىللىق قوۋملەر كېيىنكى ماجار تىلىدا ئۇچرايدىغان موڭغۇل، تونگۇس تىل لېكسىكىلىرىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، مەيلى ھۇنلار بولسۇن ياكى تۈرك-ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھازىرقى موڭغۇل يايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا بىر مەھەل دەۋران سۈرگەن. بۇ خانلىقلار تېررىتورىيىسىدە تەبىئىي ھالدا موڭغۇل-تونگۇس تىللىق خەلقلەرمۇ مەۋجۇت ئىدى.
بىز ماجارلارنىڭ ئېتنىڭ قۇرۇلمىسىغا دائىر بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ماجار تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق جەھەتتىكى ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: ماجار تىلى سۆزلۈكلىرىدە فونېتىكا ۋە لېكسىكا جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن تامامەن ئوخشاش بولغان، شۇنىڭدەك فونېتىكا جەھەتتىن ئازراق پەرقلىنىدىغان، ئەمما مەنا جەھەتتىن ئوخشاش بولغان تۈپ سۆزلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يەنە بەزى سۆزلەر ماجار تىلىنىڭ ئۇزاق مەزگىل باشقا تىللار بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە قوشۇلۇشى جەريانىدا فونېتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. ماجار تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى فونېتىكا ۋە لېكسىكا جەھەتتىن ئوخشاش بولغان تۈپ سۆزلەردىن ھازىرغىچە مەلۇم بولغانلىرى 400 ئەتراپىدا (ۋېنگرىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى ستاتىستىكىسى)، ئەمما بۇ ماقالىدە ماجار تىلىدا ئۆزۈم بىۋاسىتە ئۇچراتقان ئوخشاش سۆزلۈكلەرنىلا كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
ئەسكەرتىش: ماجار تىلىدا «Ny » تاۋۇشىدا «Y » تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ (ئەمما «Ny » تاۋۇشى يالغۇز كەلگەن « N »گە قارىغاندا يېنىك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. «Gy » تاۋۇشىمۇ ئوخشاش).


ماجارچە ـــــــ ئوقۇلۇشى ـــــ مەنىسى ـــــــــ ئۇيغۇرچە

anyaــــــــــــ ئانا ـــــــــــ ئانا ــــــــــــــ ئانا
Apa,papaــــــ ئاپا،پاپا ــــــ دادا، ئاتاـــــــــ دادا،ئاتا
betukــــــــــ بېتۈك ــــــــــ ھەرپ، پۈتۈك ــــ پۈتۈك
oroszlanـــــــ ئوروسلان ـــــــ ئارسلان،شىر ـــــ ئارسلان، شىر
almaـــــــــــ ئالما ـــــــــــ ئالما ــــــــــــــ ئالما
erdemــــــــــ ئېردېم ـــــــــ تۆھپە،نەتىجە ــــ ئېسىل پەزىلەت، قىممەت، ئەمەلىي سۈپەت،قابىلىيەت، كۈچ
batorـــــــــــ باتور ـــــــــــ باتۇر ــــــــــــ باتۇر
kanــــــــــــ كان ــــــــــــ خان،قاغان ـــــــ قاغان،خان
kapuـــــــــــ كاپۇ ـــــــــــ دەرۋازا،قوۋۇق ـــ دەرۋازا، قوۋۇق،قاپۇغ
kekــــــــــــ كېك ـــــــــــ كۆك،كۆك رەڭ ـــــ كۆك
kenderــــــــ كېندېر ــــــــــ كەندىر ــــــــــــ كەندىر
kerekــــــــــ كېرېك ـــــــــ كېرەك،لازىم ـــــــ كېرەك
teveــــــــــــ تېۋې ــــــــــ تۆگە ـــــــــــــــ تۆگە
toklyoــــــــــ توكلو ـــــــــ پاقلان ــــــــــــــ توخلا،پاقلان
baltaـــــــــــ بالتا ـــــــــــ پالتا ــــــــــــــــ پالتا
bazarـــــــــــ بازار ــــــــــ بازارــــــــــــــــــ بازار
bikaــــــــــــ بىكا ــــــــــ بۇقا ــــــــــــــــــ بۇقا
bizarrــــــــــ بىزار ــــــــــ بىزارلىق، غەلىتىلىك ــ بىزار
borــــــــــــ بور ــــــــــــ ئۈزۈم ھارىقى ـــــــــ ئۈزۈم(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا)
borecetــــــــ بورئېچىت ــــــ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئېچىتقۇسى ـــ ئېچىتقۇ
ecetــــــــــــ ئېچېت ـــــــــ ئېچىتقۇ ــــــــــــــ ئېچىتقۇ
dzsungelـــــــ جۇنگېل ــــــــ جاڭگال ــــــــــــــ جاڭگال
maymaـــــــــ مايما ــــــــــ مايمۇن ـــــــــــــــ مايمۇن
kosarـــــــــــ كوشار ـــــــــ سىۋەت،قوشۇغلۇق ــــ قوشۇغلۇق
ejـــــــــــــــ ئېي ــــــــــــ ھەي! ــــــــــــــــ ھەي!
eloterepــــــــ ئېلۆ تېرېپ ـــــ ئالدى تەرەپ ــــــــ ئالدى تەرەپ
gyopـــــــــــ جۆپ ــــــــــــ ئوت-چۆپ ــــــــــ چۆپ
kecskeـــــــــ كېچكې ــــــــــ ئۆچكە ـــــــــــــــ ئۆچكە
(قەشقەرنىڭ ئېغىز تىلىدا «ئۆچكە» دېگەن سۆز «ئېچكە» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.)
anyokaــــــــ ئانوكا ـــــــــــ ئانىكا، چوڭ ئانا ـــــ چوڭ ئانا
(ئاتۇش قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا كېلىنلەر قېينانىسىنى «ئانىكا» دەپ ئاتايدىغان ئادەتلەرمۇ بار.)
soــــــــــــــ شو ــــــــــــــ تۇز،شور ــــــــــــــ شور،تۇز
( سۈپەت بولۇپ كەلگەندە «شورلۇق» ياكى «تۇزلۇق» دېگەننى ئىپادىلەش ئۈچۈن «sos»بولۇپ كېلىدۇ.)
kosـــــــــــــ كوش ـــــــــــ قوچقار ــــــــــــــــ قوچقار
tolmacsــــــــ تولماچ ــــــــــ ئېغىزچە تەرجىمان ــــ تىلماچ، تەرجىمان
sopruــــــــــ شۆپرۈ ـــــــــــ سۈپۈرگە ـــــــــــــــ سۈپۈرگە
arpaـــــــــــ ئارپاــــــــــــــ ئارپا ـــــــــــــــــــ ئارپا
nyakaــــــــــ ناكا ـــــــــــــ كىيىمنىڭ ياقىسى ــــــ ياقا
koldokـــــــــ كۆلدۆك ــــــــــ كىندىك ـــــــــــــــ كىندىك
szakalــــــــــ ساكال ـــــــــــ ساقال ــــــــــــــــــ ساقال
bolcsoــــــــــ بۆلچۆ ـــــــــــ بۆشۈك ــــــــــــــــــ بۆشۈك
bolcsodalـــــــ بۆلچۆدال ـــــــ ئەللەي ناخشىسى ـــــــ ئەللەي ناخشىسى
szinـــــــــــــ سىن ــــــــــــ سىن،رەڭ ــــــــــــــــ سىن،رەڭ
sargaــــــــــــ شارگا ــــــــــ سېرىق ـــــــــــــــــــ سېرىق
kutــــــــــــــ كۇت ـــــــــــ قۇرۇق ـــــــــــــــــــ قۇرۇق
nezــــــــــــــ نېز ـــــــــــــ قارىماق ــــــــــــــــــ نەزەر سالماق
kutyaـــــــــــ كۇچا ـــــــــــ  كۈچۈك،ئىت ـــــــــــ كۈچۈك
(«ty» تاۋۇشى «چ» تەلەپپۇز قىلىنىپ ئىنتايىن يىنىك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.)
kazanـــــــــــ كازان ــــــــــ قازان،ئوچاق ـــــــــــــ قازان
kiـــــــــــــــ كى ــــــــــــ كىم ــــــــــــــــــــــ كىم
kesoــــــــــــ كېشۆ ــــــــــ كېچە،كەچرەك ــــــــــــ كەچ،كېچە
kocsiـــــــــــ كوچى ــــــــــ ھارۋا ـــــــــــــــــــــ ھارۋا
بەزى تەتقىقاتچىلار kocsi سۆزىنى قاڭقىللارنىڭ خەنزۇچە نامى بولغان 高车 دىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. Kocsi سۆزى ھارۋا دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، ماجارلاردا بۇ يەنە بىر چوڭ جەمەتنىڭ فامىلىسى بولۇپ «ھارۋىكەشكەر جەمەتى» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ.
kisــــــــــــ كىش ــــــــــــ كىچىك ــــــــــــ كىچىك
kicsiــــــــــ كىچى ـــــــــــ كىچىك ــــــــــــ كىچىك
Kis بىلەن kicsi ھەر ئىككىلىسى «كىچىك» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «kis»نىڭ كۆپلۈك شەكلى يوق. پەقەت kicsiنىڭ كۆپلۈك شەكلى بار بولۇپ، «كىچىكلەر دېگەننى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىرىنچى شەخسنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى «k» قوشۇلۇپ «kicsik»(كىچىك) بولۇپ تۈرلىنىدۇ. «كىچىك بالا» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئىپادىلىگەندە «kis» سۆزى ئىشلىتىلىپ «kis baba»دەپ يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق ئىستېمال قىلىنىدۇ.
korumــــــــــــ كۆرۈم ــــــــــــ تىرناق
بۇ سۆز گەرچە فونېتىكا جەھەتتە ئوخشاش بولمىسىمۇ، تىرناقنى «كۆرۈم» دەپ ئاتاش پسىخىكىلىق جەھەتتىكى مايىللىققا ياتىدىغان سۆز بولغاچقا، بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
ماجار تىلىدا «سىز»،«سىلى»،«ئۆزلىرى» دېگەنگە ئوخشاش ھۆرمەت-تەكەللۇپ سۆزلىرىمۇ ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرنى مەيلى ئېغىز تىلى ياكى يېزىق تىلىدا بولسۇن، ناھايىتى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، «on» سىز،«maga»سىلى، ئۆزلىرى، كۆپلۈك بولغاندا «maguk» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ماجار تىلىدا سۈپەتنىڭ كۆپلۈك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى بىلەن ئىسىمنىڭ كۆپلۈك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. كېلىش قوشۇمچىلىرى ئىچىدە ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىنىش شەكلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن تامامەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، قىسقا سوزۇق تاۋۇش «i» بىلەن ئاياغلاشقان ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا بىۋاسىتە ھالدا ئۇنىڭ كېلىش قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ. يەنى kocsi(ھارۋا)نىڭ ئىگىلىك شەكلىنى ئىپادىلىگەندە بىۋاسىتە ھالدا 1-شەخسنىڭ ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى«m» قوشۇلۇپ «kocsim»(ھارۋام) بولىدۇ. قىسقا سوزۇق تاۋۇش «a»،«e»نى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش «aa»،«ee»گە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن كېلىش قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:«korte»(نەشپۈت)، «korteem»(نەشپۈتۈم) بولىدۇ.
ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان ئىسىملارغا بىۋاسىتە ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن،toll (قەلەم)، tollam(قەلىمىم).
ئاز ساندىكى ئىسىملارنىڭ ئىگىلىك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئالاھىدە بولىدۇ. مەسىلەن،«apa» (دادا)، «apam»(دادام)،«anya»(ئانا)،anyam(ئانام)،ocs(ئۇكا)،«ocsem»(ئۇكام) دېگەنگە ئوخشاش.
كىشىلىك ئالماش شەكلىنىڭ 1-شەخس ھالىتىمۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. مەسىلەن، «ert»(بىلمەك) بولسا«ertem»(چۈشەندىم، بىلدىم) بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئورۇن كېلىش، بېرىش كېلىش قوشۇمچىلىرىمۇ بىۋاسىتە ئوخشىمىغان بىلەن ئىشلىتىلىش شەكلى جەھەتتە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇي تىلىدا ئورۇن كېلىش قوشۇمچىلىرى «دا»، «دە»،«تا»،«تە» بىلەن ئىپادىلەنسە، ماجار تىلىدا «ba»،«be»،«ban»،«ben»بىلەن، بېرىش كېلىش قوشۇمچىلىرى «ba»،«be»،«ra»،«re» لەر بىلەن، چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىلىرى «bol»،«bool»،«rol»،«rool»،«tol»،«tool»لەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.


ماجار تىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ناملىرى

نامى ـــــــ ئىگىلىك شەكلى ــــ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

A csaladomـــــــــــــــــــــــ ئائىلەم
nagyszuloــــــnagy suleim ـــــ بوۋام،مومام(ئاتا-بوۋام)
(nagyماجار تىلىدا «چوڭ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)
nagyapaــــــــnagyapam ـــــــ چوڭ دادام(ئەر- ئايال ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش)
nagyanyaـــــــnagyanya ــــــــ چوڭ ئانام(ئەر- ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش)
szuloــــــــــــ szuleimــــــــــ ئاتا-ئانام
Papa,apaـــــــapam ــــــــــــ دادام،ئاتام
anyaــــــــــــanyam ـــــــــــ ئانام
enــــــــــــــــــــــــــــــــــ مەن
gyerekekـــــــ gyerekeimــــــــ بالىلىرىم
fiuــــــــــــــ fiamــــــــــــــ ئوغلۇم
lanyــــــــــــ lanyomـــــــــــ قىزىم
unokaــــــــــunokam ــــــــــ نەۋرەم( قىز-ئوغۇل، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش)
nagybatyaـــــ nagybatyamــــــ تاغام(ئاتا-ئانا ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش)
nagyneniــــــnagynenem ــــــــ ھاممام( ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاچا-سېڭىللىرى ئوخشاش)
unokatestverــunokatestverem ـــ نەۋرە ئاكا-ئاچا، ئۇكا-سىڭىللىرىم
testverـــــــــ testveremـــــــــ ئاكا-ئۇكا، ئىگىچى-سىڭىللىرىم
batyaــــــــــ batyamــــــــــــ ئاكام
ocsــــــــــــ ocsemــــــــــــ ئىنىم
noverـــــــــ noweremــــــــــ ئاچام
hugـــــــــــ hugomــــــــــــ سىڭلىم
unokaocsــــــunokaocsem ـــــــ نەۋرە ئىنىم(ئاتا-ئانا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ئوخشاش)
inokahugــــــunokahugom ــــــ نەۋرە سىڭلىم(يۇقىرىقىغا ئوخشاش)
ferjــــــــــferjem ــــــــــــ ئېرىم
felesegــــــfelesegem ــــــــــ خوتۇنۇم
aposــــــــ aposomــــــــــــ قېيناتام
anyosـــــــanyosom ـــــــــــ قېينانام
sogorـــــــsogorom ــــــــــــ يېزنەم
sogornoــــsogornom ـــــــــــ يەڭگەم
voــــــــــ vom,vejemـــــــــ كۈيئوغلۇم
menyـــــــmenyem ــــــــــــ كېلىنىم
ماجارلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ «پالانى ئاكا» دەپ ئاتاش ئادەتلىرىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ماجار تىلىدا يەنە savak(دەرس)،padisah(پادىشاھ)،vezer(ۋەزىر) دېگەنگە ئوخشاش ئوسمان تۈركلىرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان سۆزلۈكلەرمۇ بار، ئەمما بۇ خىل سۆزلۈكلەر كۆپ ئەمەس.
سىرتتىن سۆزلۈك قوبۇل قىلىش ھەر قانداق بىر مىللەت خالىي بولالمايدىغان ئىجتىمائىي مەسىلە. ئەمما قانداق سۆزنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى بۇ باشقا بىر ئىش. گەرچە papa,mamaدېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر نۇرغۇن مىللەتكە ئاساسەن ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما «ئانا» سۆزىنىڭ ماجارلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولۇشى بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك ئېتنىڭ باغلىنىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.بۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنىڭ بىرى.



ئىزاھلار:
(1)،(2)،(3)،(4) جۇشۆيۈەن(ئامېرىكا):«ماجارلارنىڭ يىراق شەرقتىكى ئەجدادلىرى». «ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتى»(خەنزۇچە). جۇڭخۇا كىتابچىلىك ئىدارىسى 1999-87.1-بەت.
(5) مەك گاۋىرىن:«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى»، جۇڭخۇا كىتابچىلىك ئىدارىسى 2004-يىلى خەنزۇچە نەشرى. 193-بەت.
(6) 5-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 228-بەت.
(7) 5-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 229-بەت.
(8) «كورۋىن مۇزېي ماتېرىياللىرى»«timeless nation» ئىنگلىزچە 1-بەت(www.net./corvinus/lib ).
(9) «سوۋېت چوڭ ئېنسىكلوپېدىتىسى» 1956-يىلى نەشرى «ئوگرى» قىسمىغا قارالسۇن. خەن بىچى:«9-ئەسىردىن بۇرۇنقى ماجارلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى»، «نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1980-يىل 2-سان، 79-بەت.
(10) 9-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 80-بەت.
(11) 9-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 80-بەت.
(12) «بىرتانىيە ئېنسىكلوپېدىتىسى» 1964-يىلى لوندون، ئىنگلىزچە نەشرى، 2-توم، 859-بەت.
(13) دىنىس.سنور:«كامبرىج ئىچكى ئاسىيانىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تارىخى»، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1990-يىلى ئىنگلىزچە نەشرى 233-بەت.
(14) ج.م.خاسسىي :«كامبرىج ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى» 4-توم. كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1966-يىلى ئىنگلىزچە نەشرى 567-بەت.
(15) جۇەن بوزەن:«ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى»، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» 1996-يىلى 3-سان خەنزۇچە 52-بەت.
(16) 14-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 566-بەت.
(17) 5-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش،114-،115-بەتلەر.
(18) 5-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 115-بەت.
(19) لىن گەن:«جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا شىمالىي قىسىمدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى 1999-يىلى نەشرى، خەنزۇچە 232-بەت.
(20) 19-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 233-بەت.
(21) جۇ شۆيۈەن(ئامېرىكا):«لارنىڭ سىيانپىي –تونگۇس ئەجدادلىرى»، «ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي ژۇرنىلى» 2000-يىلى 2-سان خەنزۇچە 87-بەت.
(22) 19-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 233-بەت.
(23) 19-ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، 234-بەت.


مەنبە:
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2005-يىل 2-سان.

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-19 21:27 |
ONGUR
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 2082
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 31
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرىتى: 61 نومۇر
پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ماجارچە ـــــــ ئوقۇلۇشى ـــــ مەنىسى ـــــــــ ئۇيغۇرچە
pulin    ــــــ پۇلىن       ـــــ پۇل ـــــــــ پۇل ھەم پۇلنىڭ بىرلىكى

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 15:44 |
kisek
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى: 1354
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 248
ئۈنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە248دانە
شۆھرىتى: 992 نومۇر
پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ۋېنگىرىيەلىكلەرنىڭ  ئېلىپبە كىتاۋىنى مەنمۇ  بۇرۇن ۋاراقلاپ باققان، رەسمى دەرسلىكنىڭ بىرىنچى بېتىدە " ساۋاق" ( خام سۆز -- دىگەندەك مەنىدىمىكىن) سۆزىنىڭ ئاستىدا " ئالما " بىلەن باشلىنىپتۇ، بۇ بىزنىڭ مەنىمىزدىكى ئالما ئىكەن.

  قاسارلار قۇرغان خازارىيە ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە ۋىزانتىيەلىكلەر  خازارلارنى " ئاق ئوگۇر"، ماجارلارنى بولسا " قارا ئوگۇر" دەپ خاتىرىلىگەن ئىكەن.

   خامىلتوننىڭ يۇقۇرىدا ئېيتىلغان كىتاۋىدا توپلىغان 10 ئوگۇر  قەبىلە ناملىرىنىڭ كونكىرت ئىسمى تۆۋەندىكىلەر ئىكەن، قەبىلە ناملىرىدا ئەلۋەتتە ۋىزانتىيەلىكلەر تەرىپىدىن  تەلەپپۇز  ئاز- تولا بۇزۇلغانلىقىنىمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:

Ugur ،Sabir،Bulgar، Kuturgur ،Abar ،Kasdimir ،Saragur ،bagrsiq ،kuns ،Abdal ،Eptalit

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 16:27 |
زار
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9456
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 12
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
Ugur ،Kuturgur ،Saragur ،Abdal ،Eptalit سۆزلىرى تىلىمىزغا نىمىدىگەن يېقىن -ھە؟ئېفتالىت،ھابدال،سارىق ئۇيغۇر،قۇتلۇق ئۇيغۇر،ئۇيغۇر دېگەندەك

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 21:42 |
kisek
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى: 1354
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 248
ئۈنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە248دانە
شۆھرىتى: 992 نومۇر
پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    غەرپتىكى بەزى تارىخشۇناس- تىلشۇناسلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشىچە " ئوگۇر تىلى گۇرۇپپىسى" غا تەۋە دەپ قارالغان ۋېنگىرىيەلىكلەرنىڭ ماجار تىلى بىلەن فىن ( ساامى )  تىلى ئارىسىدا 300دانە ئوخشاش سۆزلۈك بار ئىكەن، ماجار تىلى بىلەن تۈرك تىلى ئارىسىدا بولسا بۇنداق ئوخشاش سۆزلۈك 1500گە يېتىدىكەن. ۋېنگىرىيە ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ   بىرنەچچى ئەسىر  ھۆكۈمرالىغىدا بولغان، لېكىن سېلىشتۇرما سۆزلەر بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ۋېنگىرىيە تىلىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان سۆزلۈكلەر بولغان، بەلكىم يەنە 10 ئوگۇرلاردىن كېيىنرەك ياۋروپا تەرەپكە كۆچكەن ئۆزلىرىنى ئاۋار " دەپ ئاتىغان ئىگىز ھارۋىلىقلارنىڭ ئۇار-كۈننى قەبىلىلىرى--تارىختا  " يالغان ئاۋار" دەپ ئاتالغانلار تۈركلەرنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەچەنەگ- كۇمانلارنىڭ شۇ يەرگە سىڭىشىنىڭمۇ تەسىرى بولۇشى مۈمكىن، لېكىن مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى " تۈرك تىلى" دە.
    تىلشۇناسلارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىدىن يەنە سىنتاكسىس جەھەتتە ماجار تىلى تۈرك تىلىغا ئوخشاش  SOV تىپىدىكى تىل دىيىلىپتۇ، فىن تىلى بولسا SVO تىل تىپىغا كىرىدىكەن. ( S -- ئىگە؛ O-- تولدۇرغۇچى؛ V-- خەۋەر )
   ھازىرقى مەسىلە " ئورال تىلى سېستىمىسى، فىن -ئوگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسى" دىگەن نامنىڭ نىمە سەۋەپلەردىن پەيدا بولغىنى كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ.

   ۋېنگىرىيە مىڭ يىللار بۇرۇنلا خىرىستىيان دۇنياسىغا سىڭىپ كەتكەن، تىل جەھەتتىن بۇنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولىشى  مۈمكىن. لېكىن ھازىرقى دۇنيادىكى ۋېنگىرىيەشۇناسلارنى ھەيران قالدۇرىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، ماجارلار بىلەن گەنسۇدا ياشاۋاتقان غەربىي قىسىم سېرىق ئۇيغۇرلىرى(裕固族) ئوتتۇرىسىدىكى مۇزىكا- ناخشا ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىق ئىكەن، مەسىلەن ۋېنگىرنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئاھاڭلىرىغا ناخشا تېكىستىنىڭ  ئورنىغا يۈگۇرچە تىلدىكى ناخشا تېكىستىگە ئالماشتۇرۇپ سېرىق ئۇيغۇرلارغا ئاڭلاتسا، ياكى ئەكسىچە بولسا بۇ ئىككى تەرەپ تەبىى ھالدا " بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىزغۇ بۇ " دەيمىش...

  مۇشۇ تۈردىكى سېرىق ئۇيغۇر ۋە ۋېنگىرلارنىڭ سېلىشتۇرما مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاپ باقساق بولاتتى...

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 22:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » قېرىنداش مىللەتلەر
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !