بۇ بەتتىكى تېما:بۇرھان شەھىدىنىڭ تۇرمىدە يازغان ئۆگىنىش خاتىرىسى-ئۇيغۇر قەندەرىينىڭ شېئىرى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
iwirgul
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 4480
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 87
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە87دانە
شۆھرىتى: 483 نومۇر
پۇلى: 920 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بۇرھان شەھىدىنىڭ تۇرمىدە يازغان ئۆگىنىش خاتىرىسى-ئۇيغۇر قەندەرىينىڭ شېئىرى

ئۇيغۇر قەندەرىينىڭ مىلادى 815-يىلى خەنزۇچە يازغان شېئىرى
①    خەنزۇلار ئەزەلدىن بىزنىڭ ئۇستازىمىز،
ھارماي تالماي بىزلەرگە بەرمەكتە تەلىم.
مېنىڭ بوۋام ئوقۇيتتى ئون نەچچە يىل،
دادام ئوقۇپتۇ ئون ئىككى يىل.
مەن ئوقۇدۇم ئون ئۈچ يىل.
لى بەي دۇفۇ شېئىرلىرىغا بار مۇھەببەت
–ئىشتىياقىم.
مۇشۇ كۈنگىچە ھەممە ئۆگەنمەكتىلەر ئۇنى.
②    چىلبۆرىلەرگە شىكايەت
زالىم خوجايىنىم چىلبۆرى،
يېگەن مېنىڭ نانىم،ئەمگەن مېنىڭ قېنىم،
ئېلخان ئاشلىقلار ھېلى خارمانگە كىرمىگەن
ماتالار توقۇماستا ن----چۈشمىگەن،
لېكىن ئەمدى ھەممىسى مېنىڭ ئەمەس،
كۈن تۇغۇلۇر ئەلۋەتتە بىر كۈن.
ئاسمان يارىلىپ،يەر ئۆرىلىپ چىلبۆرىلەر ئۆلەر.
مانا شۇ كۈن بۇلۇت تارقاپ ،مەنمۇ كۆرەرمەن
يەنە كۈننى.
ــــــــــــــــــــــــــ
ئەجدادىمىز قەندارىينىڭ شېئىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىكى تەسىراتىم:
كۆردۈم مەن ئەجدادىمىز قەندارىي شېئىرىنى،
بولدى پەيدا چەكسىز تەسىرات ھەم ھۆرمەت.
ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاق-ئىناقلىقىنىڭ سىمۋولى،
ئەۋلادلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.
ئەي،سۆيۈملۈك ئەجدادىمىز قەندەرىي،
بولسۇن روھىڭ تىنچ،ئەۋلادىڭنى ھازىر،
ئۇلۇق ئۇستاز ،ئۇلۇق داھىمىز ماۋجۇشى،
رەھبەرلىكى،تەربىيىسى ئاستىدا پولاتتەك چىڭ
خەنزۇلار ھەنۇز ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمەتلىك،
---ئۇستازى،ئىناقلىقى مۇستەھكەم،
ئۆزئارا ياردەم قىلىشىپ ،ئۆگىنىپ سىلجىماقتا ئالغا قاراپ.
قۇرماقتالەر قۇدرەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت.
ئەي،ئەجدادىمىز،بولسۇن روھىڭ تېنچ،
سىزنىڭ ئەۋلادىڭىز،ئۈلگە ئېلىپ كەزدى جاھانگىرلىك ،شىىيۇجۇڭجۇيى،ئەكسىيەتچى ھەم شەيتانلارنى.
كونا چار پادىشا ۋارىسلارى چىلبۆرىلەرنى،
چوقۇم تولۇق گۆرگە تىققۇسىدۇر،ياۋ ئالالمايدۇر تۇرسىب!»
بورھان شەھىدى
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ بۇرھان شەھىدى يۈرمىدە يازغان ئۆگىنىش خاتىرىسى بولۇپ يوقىرىدىكى شېئىرنى ئۆزى تەرجىمە قىلغاندەك قىلىدۇ.بەزى خەتلەرنى ئۇقۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
بۇ 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان«بۇرھان شەھىدى سۈرەتلەر توپلىمى »دىن ئېلىندى

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-20 16:22 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :982(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
يولداش بۇرھان شەھىدىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، تۈرمىدىكى جاپالىق تۈرمە ھاياتىدا ئۈگۈنۈش خاتىرىسى يېزىشقا ئىلھام ئاتا قىلغان بۇ ئاتالمىش قەندەرىي (بۇرۇنقى ماتېرىياللاردا كەكمەنېر ياكى قەمەر دەپ تەرجىمە قىلىنغان) نىڭ بۇ شېئىرلىرى 1950- يىللاردا شىنجاڭ مۇزېيخانىسىنىڭ بىر خەنزۇ تەتقىقاتچىسى بىلەن بىر ئاتالمىش ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ (ئىسمىنى ئاتىغىم كەلمىدى) بىر مەيدان ئويۇنىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، مىلادىي 815- يىللاردا ياشىغان بۇ ئاتالمىش "ئۇيغۇر شائىرى قەندەرىي" تېخى ئەۋلادلىرىغا ئىسلام نۇرى يېتىپ كېلىپ، ئەۋلاتلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئەرەپ ئېلىببەسىگە كۆچۈشتىن بۇرۇنلا ئۆزىدىن 7 ئەسىر كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يېزىپ چىققان شېئىرلاردۇر. ئۇنىڭ بۇ شېئىرلىرى 15- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان بىر ۋەسىقىنىڭ ئارقا يۈزىگە 15- ئەسىر ھەتتا 18- ئەسىرلەردىكى تىل ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان شېئىرلاردۇر. بۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر شائىرنىڭ بۇ شېئىرى ھەتتا كېيىنكى مەزگىللەردە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تارىخ دەرسلىكىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ جىشىن ئەپەندى "كەكمەنېر شېئىرلىرى ھەققىدە تەتقىقات" دىگەن ماقالىنى يېزىپ، بۇ شېئىرلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، بۇ شېئىرنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ مەقسىدى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر شائىرى قەندەرىي (كەكمەنېر) ھەققىدە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلىپ بولۇنغان. قىزىققۇچىلار شياۋ جىشىن ئەپەندىنىڭ شۇ ماقالىسىنى ئوقۇسا، بۇ ئۇيغۇر شائىرى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولالايدۇ.

1som
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 23:14 |
honzada
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 9346
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 59
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە59دانە
شۆھرىتى: 530 نومۇر
پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياۋۇز ئەپەندىمنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەھمەت ،بولسا شۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ ئىسمى ئاسكارە بولسا .

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 02:13 |
ark_xamili
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 4156
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 113
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە113دانە
شۆھرىتى: 420 نومۇر
پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ياۋۇز ئەپەندىم ،ئاشكارىلارۋەرمەمسىز ؟ بەرىبىز بۇ توغۇرلۇق ماقالىلەر چىقىپ بولغاندىن كىيىن يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق.
بىزمۇ ئاڭلاپ قالىلى ئۇيغۇردىن چىققان مۇنداق ئىسىل ئىنسانلارنى .

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 02:44 |
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 339
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە339دانە
شۆھرىتى: 1370 نومۇر
پۇلى: 3140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :303(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شياۋ جىشىن ئەپەندىنىڭ شۇ ماقالىسىنىمۇ يوللىساق بوپتىكەن مۇنبەرگە .

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 15:40 |
Korxaw
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9397
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 6
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 35 نومۇر
پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ماقالە ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز!

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 16:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !