كارۇشتى يېزىقىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
ئۇيغۇرلار تارىختا نۇرغۇن يېزىقلارنى ئىشلىتىپ،ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي پائالىيەتلىرىنى خاتىرلىگەن،تەتقىقاتچى قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ "بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز "ناملىق ئەسىرىدە ھازىرغا كەلگۈچە شىنجاڭ رايۇنىدىن 26خىل يېزىق بىلەن خاتىرلەنگەن يادىكارلىقلارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.بۇنىڭدا ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن،تارقىلىش دائىرسى بىر قەدەر كەڭرى بولغان يېزىقلاردىن،سوغدى يېزىقى،ئۇرخۇن-يېنسەي يېزىقى(تۇرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)،قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى،ئەرەپ يېزىقى،چاغاتاي يېزىقى،لاتىن ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.بۇلاردىن تاشقىرى يەنە ئەجداتلىرىمىز نۇرغۇن يېزىقلارنى ئىشلەتكەن.بۇ يازمىدا كۆرسىتلمەكچى بولغان كارۇشتى يېزىقى(بەزىدە قارۇشتى يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەنە شۇنداق يېزىقلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە قارۇشتى يېزىقى شىنجاڭدا كەن دېگەندە مىلادىدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردىن مىلادى4-ئەسىرگە كەلگۈچە تەخمىنەن700يىل داۋام قىلغان.ئۇ لوپنۇر كۆلى رايۇنىدىن خوتەنگىچە بولغان بىر چوڭ دائىرە ئىچىدە قوللىنىلغان.ئەنگىلىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيچى ئاۋرىل سىتەيىن20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭغا كېلىپ نىيە،ئەندىرە،كوروران خارابىلىرىدىن كاراۇشتى يېزىقىدىكى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى تاپقان.ئۇ ئۆزىنىڭ"سېرئىندىيا"ناملىق ئەسىرىدە بۇ ۋەسىقىلەرنى تونۇشتۇرغان.ھەم ئىلىم ساھاسىدە بۇ ۋەسىقىلەرگە نىسبەتەن زور قىزىقىش پەيدا قىلغان.1920-يىلى بويىر،راپسۇن،سېنارت قاتارلىق ئالىملار بىرلىشىپ لوندۇندا"كارۇشتى يادنامىلىرى"ناملىق ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.بۇ كىتاپقا708پارچە ۋەسىقىنىڭ تىرانسكىرپىيىسى ۋە بىر قىسىم ۋەسىقىنىڭ فوتۇ نۇسخىسى كىرگۈزۈلگەن.شۇنڭدىن كىيىن خەقئارادا نۇرغۇن ئالىملار بۇ يېزىقنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن.1940-يىلى ت.بۇرروۋ"شىنجاڭدىن تېپىلغان كارۇشتىچە ۋەسىقىلەرنىڭ تىلى"ناملىق بىر كىتاپنى تۈزۈپ چىققان.ئۇنىڭغا ئۇلاپلا"شىنجاڭدىن تېپىلغان كارۇشتىچە ۋەسىقىلەرنىڭ يەشمىسى"نى تۈزۈپ چىققان.سىز كۆرمەكچى بولغان بۇ كارۇشتى ۋەسىقىلىرى سېتەيىننىڭ1901-يىلىدىكى ئېكىسپىدىتسىيىسى جەريانىدا نىيەدىن بايقىغان ۋەسىقىلىرىدۇر.بۇ ۋەسىقىلەر بويىر،راپسۇن،سېنارتلار تۈزگەن"كارۇشتى يادنامىلىرى"نىڭ بىرىنچى قىسمى"سىتەيىن جۇڭگۇ تۈركىستاندىن بايقىغان كارۇشتى ۋەسىقىلىرى"بولۇپ،بۇ توپلامغا427پارچە ۋەسىقە كىرگۈزۈلگەن.بۇ ۋەسىقىلەر ئاساسلىقى نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان.ئەسەرگە ھەر بىر ۋەسىقىنىڭ تېپىلغان جايى،تىرانسكىرپىيىسى بىللە بېرىلگەن.تۆۋەندە بۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن بىر قانچە كارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
بويىر قاتارلىقلار تۈزگەن"ئاۋرېل سىتەيىن جۇڭگۇ تۈركىستاندىن بايقىغان كارۇشتى ۋەسىقىلىرى"ناملىق كىتاپنىڭ ئىچ مۇقاۋىسى
بىر قىسىم كارۇشتى ۋەسىقىلىرىنىڭ ترانسكىرپىيىسى
كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن كارۇشتى ۋەسىقىلىرىنىڭ فاكسىمىلى
مەزكۇر يازما لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە،باشقا جايلارغا كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
2009.5.21
ئەسلى ماقالە ئادرىسى :
http://lopnuri.blogbus.com/logs/39713775.html