بۇ بەتتىكى تېما:ئورخۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقى دةۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاغ ۋة يادا تاش ئېتىقادچىلىقى ھةققىدة | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
torlamur
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 6650
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 37
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرىتى: 223 نومۇر
پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئورخۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقى دةۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاغ ۋة يادا تاش ئېتىقادچىلىقى ھةققىدة

                  ئورخۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاغ ۋە يادا تاش ئېتىقادچىلىقى ھەققىدە

                                                                             رابىگۈل قادىر

ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى گۆدەكلىك دەۋرىدە ئۆزلىرىنى ئوراپ تۇرغان ئالەمنىڭ سىرىنى تازا تۇنۇپ يېتەلمىگەن، نەتىجىدە كىشلەر دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان، ھاياتى بىلەن پەمبەرچاس باغلانغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا دائىم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. كۆك (ئاسمان)، كۈن، ئاي ، يۇلتۇز، چاقماق، سۇ، تاغ،دەل- دەرەخ، ئوت، يامغۇر قاتارلىق شەيئىلەر بۇنداق چوقۇنۇشنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ، بۇ شەيئىلەر كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئوخشاشمىغان مەزمۇندا سىرلىقلاشتۇرۇلۇپ ‹‹ ئىلاھى›› قىياپەتكە ئىگە قىلىنغان. شۇ سەۋەپتىن، ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ قارام كۈچلىرى (مەسىلەن، چاقماق، قار، بوران، يەر تەۋرەش، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق...) ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئۈمۈدىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ باشقا ئۈمۈدلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئاشۇ كۆك ، ئاي، تاغ، ئوت، سۇ، قاتارلىق ‹‹ ئىلاھلار›› غا بېغىشلاپ، تەبىئى ھالدا تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئېتىقادىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدىكى قەبىلىلەر بىرلەشمىسى دەۋرىنىڭ ئاڭ فورماتسىيسىگە ماس بولغان بىرخىل ئېتىقاد ھادىسىسى. تەبىئەتكە چوقۇنۇش كۆك ( ئاسمان) تەڭرىسىنى مەركەز قىلغان ① بۇلۇپ، تاغلارغا چوقۇنۇش بولسا تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىدىكى غايىۋى چوقۇنۇش شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تاغلارنىڭ ئىنسانلار ئالدىدا قىشمۇ- ياز مەغرۇر تۇرۇشى، ھەيۋەتلىكلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇۇرنىقى ماكانلىرى ئېگىز-ئېگىز تاغلار ئارىسى بولغاچقا ، ئۇلانىڭ نەزىرىدە تاغلار ئۇلارغا ھاياتلىق ۋە ھەرخىل شەرت شارائىت، ئىمكانىيەتلەرنى ھەدىيە قىلغۇچى بولغان.  
بۇنىڭ بىلەن كىشلەرنىڭ ئېڭىدا تاغلارنى مۇقەددەس بىلىش بىلەن ئۇلارغا ئېتىقاد قىلىش ئادىتىنى پەيدا قىلغان.②
ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ، ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان سىنپى جەمئىيەتكە قەدەم قۇيۇپ بۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى يەنىلا مەۋجۇد بۇلۇپ، ئۇيغۇرلاردا تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىنىڭ غايىۋى شەكلى بولغان تاغلارغا ئېتىقادقىلىش خېلىلا كۆرىنەرلىك ئىدى. مەسىلەن، ئۇلار ئۆتۈكەن تېغى، تەڭرىتاغ، قۇتتاغ قاتارلىق تاغلارنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇلارنى ئىلاھلار دەرگاھى دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆتۈكەن تېغى ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيلىك، جۇغراپىيلىك ئورننىڭ  مۇھىملىقى، تەبىئى بايلىقىنىڭ موللىقى، تېغىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ قارار گاھى ( دەسلەپكى پايتەختى، كېيىنكى پايتەختىمۇ ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىدىكى قارا بالغاسۇنغا يۆتكەلگەن) بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئورقۇن ئۇيغۇرلاردىكى تاغ ئېتىقادچىلىقىنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلاردىكى بۇخىل تاغ ئېتىقادچىلىقىمۇ ئۇلارنىڭ ياشىغان رايونلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ياشىغان رايونلىرى تاغلارنى مەركەز قىلغان ئوت-چۆپى سۈيى مول بولغان دەريا بويى رايونلىرى ئىدى. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى تارىخچىلارنىڭ قالدرۇغان يازما خاتىرلىرى ئىسپات بولالايدۇ.
پېرسىيە تارىخچىسى جۇۋەينى ئۆزىنىڭ ‹‹ تارىخى جاھانكوشاي ›› دېگەن ئەسىرىدە : ‹‹ئۇيغۇرلار بىز دەسلەپتە ئورقۇن دەرياسى بويىدا ئاۋۇغان دەپ قارايدۇ.  بۇ دەريانىڭ مەنبەسى قاراقۇرۇم دەپ ئاتىلىدىغان تاغ ( ئۆتۈكەن تېغى) دىن باشلىنىدۇ.›› ③دەپ يازغان.
ئەبۇل غازى باھادىرخان ئۆزىنىڭ ‹‹ شەجەرەئى تۈرۈك ›› دېگەن ئەسىرىدە: ‹‹ ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدا مۇنداق قاراش بار: موغۇل يۇرتىدا ئىككى تاغ بار. ئۇزۇنلىقى كۈن تۇغۇشتىن كۈن پېتىشقا سۇزۇلغان ئىنتايىن ئۇلۇغ تاغلار، بىرىنىڭ ئېتى توقراتۇ بوزلۇق، يەنە بىرىنىڭ ئېتى ئۇسقۇنلۇق تەڭرىم. شۇ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا، موغۇل يۇرتىنىڭ كۈن پېتىشىدا يەنە بىر تاغ بار، ئۇنى قۇتتاغ دەيدۇ. ئاشۇ ئېيتىلغان تاغلارنىڭ ئارىسىدا بىر يەردە ئېقىپ ياتقان ئون ساي، يەنە بىر يەردە توققۇزساي بار، بارچىسى ئۇلۇغ سايلارئىدى، قەدىم ئۇيغۇر ئېلى شۇ سۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى››④ دەپ يازىدۇ.  
تارىخچى ياڭ شېڭمىن ئەپەندى:‹‹ دۆلەت (ئورقۇن ئۇيغۇر خانلقى) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خاقانى قارار گاھىنى خەنۇپقا يۆتكىدى، ئورۇقۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى كەڭ ئوتلاقلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.ئۆتۈكەن تېغىنىڭ شەرقى شىمالى، بايقال كۆلىنىڭ غەربى جەنۇبىدىن ئىبارەت ئىككى دەريا ۋادىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىر دائىرسىگە ئۆتتى. ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاساسى پائالىيەت رايونى بولدى. ›› ⑤ دەپ يازدى.  
753- يىلى ئەتراپىدا تىكلەنگەن تېرخىن مەڭگۈ تېشىنىڭ 18 – قۇرىدا: ‹‹ئوغۇز... مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان. ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى دەريا ( سېلىنگا، تۇغلار) ئارىسىدا، ئورقۇن دەرياسدا... (19- قۇر)... يىل تەختتە ئولتۇرغان...›› ⑥ دېيىلگەن.  
يۇقىرىقى بايانلارمۇ دەل ئۇيغۇرلار ياشىغان جايلارنىڭ ئاساسلىقى تاغلارنى مەركەز قىلغان دەريا بويى رايونى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى ھېسابلانغان ئۆتۈكەن تېغىنىڭ ئورمان ۋە سۇ بايلىقى مول بولۇپ، قوغدىنىشقا، مۇداپىيە كۆرۈشكە ئەپلىك بولغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورقۇن دەرياسى، سېلىنگا دەرياسى، توغلار ( تۇلا) دەرياسى بويلىرىدىكى كەڭ كەتكەن تەبىئى يايلاق ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات كەچۈرشىنىڭ ئاساسى بولغان چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ئۆتۈكەن تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تەبىئى ئەۋزەللىك تەبىئى ھالدا ئۇيغۇرلاردا تاغلارغا بولغان چوقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئېتىقادىدا چوقۇنۇش ئوبېكتلىرى كۆپىنچە ھالدا ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى چىقىش قىلىنىپ تاللىناتتى.
ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت مەڭگۈ تاشلاردىمۇ تاغقا چوقۇنۇشنىڭ ئىزنالىرى توغرىسىدا بايانلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تېرخىن مەڭگۈ تېشىدا: ‹‹ ئەجدىھا يىلى (752-يىلى ) ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەددەس چوققىنىڭ غەربىي تەرپىدە بايلىدىم، شۇ يەردە بارىگاھ تۇرغۇزدۇم، يايلىقىم ئۆتۈكەننىڭ غەربىي ئۇچىدا، تەز دەرياسىنىڭ بېشىنىڭ شەرقىدە، مەن شۇيەردە تۇرارمەن، كۆچەرمەن...››⑦دېگەن بايان بار. مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشىدا:‹‹ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن تېغىنىڭ ئوتتۇرسىدا سوڭۇز باسقان چوققىنىڭ غەربىدە  YABASۋە TOQUS قۇشۇلغان جايدا يازلىدىم ›› ⑧ دېگەن بايان بار. بۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تاغلارنى مۇقەددەس بىلىشىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  
مويۇنچۇر قاغاننىڭ ‹‹ مۇقەددەس چوققا›› دېگەن سۆزىدىن بىز ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ياشىغان جايلاردىكى تاغلارنىڭ ماددىي تۈستە ھۆرمەتلىنىشىدىن مەنىۋى تۈستىكى مۇقەددەسلىككە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بۇخىل مەنىۋى تۈستىكى مۇقەددەسلىكنىڭ شاھىتى بولغان تۆۋەندىكى بايانغا قاراپ باقايلى:‹‹ ئىلگىرى تۇرپاندىن مەلۇم بىر ھۆكۈمراننىڭ تەختكە چىقىشىغا بېغىشلانغان بىر تەبرىكنامە ( كابائىن خانىم بۇنى، ئېھتىمال يايلاقتكى ئۇيغۇر خاقانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قاغانى بولسا كېرەك، دەيدۇ.دەيدۇ) تېپىلغان. بۇ تەبرىكنامىدە ئالدى بىلەن، يايلاق خاقانلىقىنىڭ مەركىزىنى قوغدىغۇچى ‹ئىل ئۆتۈكەن قۇت› ( قەبىلە ئىلاھى ئۆتۈكەن) تىن بەخت تىلىگەن. مانا بۇنىڭدىن بىز ئۆتۈكەن تېغىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدا ئۇلارغا مەڭگۈلۈك سىياسىي قۇدرەت ( ھاكىمىيەت ) ئاتا قىلغۇچى، ئۇلارنى غەم- قايغۇ، ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، تىنىچ- ئاسايىش تۇرمۇشقا، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈگۈچى، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگۈچى ئىلاھىي روھ دەپ قارالغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز››⑨ شۇڭا مۇقەددەس ئۆتۈكەن تېغىغا بولغان ئېتىقاد تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈكەن تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قارا بالغا سۇننى ئۆزلىرىنىڭ پايتەختى قىلغان.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاغقا چوقۇنۇشى ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئېتىقاد قىلغان شامان دىنىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراتقان. شامان دىنىنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئېگىز تاغلار مۇقەددەس ھېسابلانغان، چۈنكى تاغ كۆك تەڭرىگە يېقن بولغاچقا، كۆك ۋە قۇياش تەڭرىلىرىگە ئېتىقاد قىلش، ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ۋە ئۆزئارا بېتىم- ئەھدىلەرنى تۈزۈشمۇ ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ تاغ چوققۇلىرىدا بولغان. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆتۈكەن، خانتەڭرى ( تەڭرىتاغ) ، ئۇلۇغ تاغ( قۇت تاغ، يەتتە سۇ ۋىلايىتى) قاتارلىق ئۈچ تاغنى تەڭرىلەر دەرگاھى دەپ قاراپ، قەدىمكى گرېكلەرنىڭ مۇقەددەس تېغى ئولۇمپىس تېغىغا تەڭلەشتۈرگەن. ⑩ شۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرىگە ئاتاپ قىلىدىغان نەزىر-چىراغلىرى، ئاقساقاللار كېڭىشى، خانلىقىنىڭ چوڭ- چوڭ سىياسىي ئىشلىرى ئاشۇ مۇقەددەس تاغ چوققىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان.
شامان دىنىنىڭ ‹‹ھەممە مەۋجۇ داتتا روھ بولىدۇ›› دەيدىغان كۆز قارىشى ئۇيغۇرلارغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا ئۇلار قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى ‹‹ يەر ئىلاھى›› ، بىزنىڭ مال- چارۋىلىرىمىزنى، بالا- چاقىلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، دەپ قارىغان ⑾.
بۇنىڭدىن باشقا، شامان دىنى ئىنسانلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىسى مەلۇم بىر ئىلاھ. بۇ ئىلاھلار كۆپىنچە رتاغ چوققىلىرى ۋە دەريا مەنبەلىرىدە ياشايدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇيغۇرلارمۇ ئەجدادلىرىغا چوقۇنغاندا، ئەجدادلىرنىڭ روھى كېيىنكىلەرنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە باياشاتلىقىنى قوغدايدۇ، دەپ قارايتتى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىلاھى روھ تۇرىدىغان جاي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھامان ئۇلارمۇ مەلۇم ئاپەتكە دۇچار بولاتتى. مۇشۇلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەۋلادلىرى ئەۋلادلىرى قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ھالاك بولۇشى سەۋەبلىرىنى سۆزلىگەندە:‹‹ ئۇيغۇخانلىقنىڭ قارارگاھىغا يېقىن جايدا قۇت تاغ  دەيدىغان بىر تاغ بارئىكەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى يەر تونۇيدىغان بىر مۇنەججىم بىلەن خاقانلىقنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ:‹‹قارا قۇرۇم ( ئۇيغۇرلانىڭ قارار گاھى ئورۇنلاشقان يەر) نىڭ مۇنچە كۈچلىنىپ كېتىشى مۇشۇ تاغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەگەر بۇ تاغنى بۇزۇۋەتسەك دۆلەتمۇ ئاجىزلايدۇ›› دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تېكىنلەرگە: ‹ سىلەر بىلەن قۇدا چۈشكەن  بولغاچقا ئاز- پاز تەلىپىمىز بار، ئورۇندىيالامسىلەر؟ قۇت تاغنىڭ تېشى دۆلىتڭلارغا (ئۇيغۇر خانلىقىغا نەپ بەرمەيدۇ، بىراق تاغ زېمىندىكىلەرگە لازىم بولۇپ قالدى › دەپتۇ. تېكىنلەر ئۇلارغا تاشنى بەرمەكچى بولۇپتۇ. بىراق تاش ناھايىتى چوڭ بولغاچقا مىدىرلىتالماپتۇ. تاڭ زېمىنىدىن كەلگەنلەر بۇ تاشنى ئاۋۋال ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ئارقىدىن ئۈستىگە قويۇق سىركە تۆكۈپتۇ. تاش پارچىلانغاندىن كېين ئۇلار ئۇنى ھارۋىغا قاچىلاپ ئېلىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قۇشلار، ھايۋانلار زار-زار يىغلاپتۇ. ئارىدىن يەتتە كۈن ئۆتۈپ ئوغۇن تېكىن (خاقان) ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئارقا-ئارقىدىن ئاپەت يۈز بېرىپ، پۇقرالار ساراسىمگە چۈشۈپتۇ، تەخت ۋارىسى بولغانلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈشكە باشلاپتۇ ۋە ئاخىرىدا يارغۇل (تۇرپان) ئايمىقغا كۆچۈپتۇ››⑿دەپ چۈشەندۈرگەن.  گەرچە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇت تاشلىرىنى يۆتكۈلۈپ بۇزۇلۇپ كېتىشى بىلەن ھالاك بولغانلىقىدەك بۇخىل ئەھۋال ئىلمى ئاساسقا ئىگە بولمىسىمۇ (چۈنكى ئۇيغۇر خانلىقى ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدىكى نىزا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەت بىلەن بولغان ئۇزۇنغان سوزۇلغان ھەربىي ئاپات قاتارلىق سەۋەپلەر ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپات قاتارلىق سەۋەپلەر ئويغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان) ، ئەمما بۇ بىزگە شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاغقا چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ھايات قىسمىتىنى ئۆزى مۇقەددەس بىلگەن تاغنىڭ بۇزۇلۇشى-بۇزۇلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قارىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئورقۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردا رتاغقا چوقۇنۇشتىن باشقا يەنە تاشلار (ياداتاشلار) غا ئېتىقاد قىلىش مەۋجۇت ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقا ئېتىقاد قىلىش توغرىسىدا ئىرانلىق تارىخچى جۇۋەينى ( 1226-1286) ئۆز كىتابىنىڭ ‹‹ئىدىقۇت ۋە ئۇيغۇر يېرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادلىرى›› دېگگن بابىدا:‹‹... بۆگۈخان بىر كۈنلەردە چۈش كۆرۈپ، چۈشىدە ئاق چاپان كىيگەن، قولىدا ئاق ھاسا تۇتقان بىر بوۋاي ئۇنىڭغا كۆپكۆك بىر دانە زۇمرەتنى بېرىپ: ‹‹بۇ زۇمرەت تاشنى ساقلىيالىساڭ، پۈتۈن ئالەم سېنىڭ بايرىقىڭ ئاستىدا بولىدۇ› دەپتۇ. بۆگۈخاننىڭ ۋەزىرىمۇ مۇشۇنداق چۈش كۆرگەنىكەن⒀ دەپ بايان قىلغان.  
9-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ماۋارائۇننەھىرىدىن يولغا چىقىپئورقۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقى ( 646- 840 ) پايتەختىگە سەپەر قىلغان ئەرەب ساياھەتچىسى تەمىم ئىبىنى بەھىر ساياھەت خاتىرىسىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: ‹‹ بۇ تۈركلەر (ئەسلىدە توققۇز ئوغۇزلار ياكى ئۇيغۇرلار دېيىلىشى كېرەك ) ئېلىدىكى بىر غەلىتە ئىش شۇكى، ئۇلارنىڭ بىر مۇنچە يادا تاشلىرى بارئىكەن،ئۇلار شۇ تاشلار بىلەن ئۆزلىرى خالىغان چاغدا قار- يامغۇر ياغدۇرارمىش، ھاۋانى سوۋۇتارمىش ۋەھاكازا. بۇيادا تاش توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئۇلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بۇلۇپ، ئۇنى ھەممە ئادەم بىلەرمىش، باشقا خانلارنىڭ ھېچقايسىسىدا يوق ئىمىش...›› ⒁
يۇقارقى بايانلار بىزگە ياداتاش ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئورقۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقى دەۋرىدە كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.بۇخىل يادا تاش ئېتىقادى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ‹‹ھەممە نەرسىدە روھ مەۋجۇت›› دەپ قارايدىغان ئىپتىدائىي ئانىمىزم چۈشەنچىسى ئاساسىدا پەيدا بولغان. تەبىئەتنى ئاساسلىق چوقۇنۇش ئوبيېكتى قىلغان شامانىزىم دەۋرىدە، سېھىرىگەرلىكنىڭ ھەرخىل شەكىللىرى كەڭ ئەۋج ئالغان بولۇپ، تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئارىسىدا،جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ يادا تاش ئارقىلىق سېھىرگەرلىك قىلىش كەڭ ئەۋج ئالغانىدى. ئۇيغۇر خانلىقىدىكى شامان باخشىلىرى بولسا بۇنداق يادا تاش سېھىرگەرلىكىنىڭ ئاساسلىق ئىجرا قىلغۇچىلىرى ئىدى.‹‹ كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرسى››دە يېزىلىشىچە: ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان چاغلاردا جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پېرخونلارنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا مۇراجەت قىلغان ياكى پېرىخونلارنىڭ شامال چىقىرىپ، يامغۇر، قار ياغدۇرغاندىن كېين جەڭگە ئاتلانغان ، يامغۇر، شامال ۋە باشقىلارنى تىلەش ئۈچۈن مەخسۇس تاشلار (يادا تاشلار) ياردىمى بىلەن سېھىر قىلغان.››⒂يەنە مىسال ئالساق، ‹‹765- يىللىرى ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى تۈبۈتلەرگە بىرلىكتە ھوجۇم قىلغاندا، شامانلار بوران چىقىرىپ قار ياغدۇرۋەتكەن. تۈبۈتلەر قار-شىۋىرغاندا قېلىپ، ئوقياسىمۇ كارغا كەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە قوشۇن ناھايىتى ئاسانلا تۈبۈتلەرنى مەغلۇپ قىلغان.››⒃
شامانلارنىڭ يادا تاش شېھىرگەرلىكىدە، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ روھىغا تەسىر ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان يادا تاش ئەپسۇنىدىن پايدىلىنىلغان. يادا تاش ئەپسۇنى ئەينى ۋاقىتتا قار-يامغۇردىن ئالدىن بىشارەت بېرىش، چاقماق چېقىشتىن پەيدا بولغان يانغىننى ئۆچۈرۈش قاتارلىق خىلمۇ- خىل تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللىنىلغان. شامانلارنىڭ يادا تاش ئەپسۇنى ئارقىلىق يامغۇر، قار ياغدۇرۇش، شامال چىقىرىش قاتارلىق ئىشلىرى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىزگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يادا تاش ئېتىقادىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ھەربىي، سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەلكىم شامانلارنىڭ يادا تاش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇشى ۋە شامال چىقىرىشىدا مەلۇم ئاساسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، يامغۇر، قار يېغىشتىن بۇرۇن ھامان ھاۋا رايىدا مەلۇم بىر شەپە بولىدۇ. بەلكىم تاشلارنىڭ ئاسان نەملىشىپ قېلىش، ئاسان سۇ ئۆتۈشۈش (نەم ھاۋا ياكى سوغۇق ھاۋادا) خۇسۇسىيتى شۇ چاغدىكى شامانلار تەرپىدىن بايقالغان بولسا، ئۇلار تاشلاردىكى بەزىبىر ئالامەتلەرگە ئاساسەن يامغۇر، قار يېغىش، شامال چىقىشنى ئالدىن بىلگۈچىلىك رولىنى ئوينىغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بىز شاماللارنىڭ يادا تاش ئارقىلىق يامغۇر، قار ياغدۇرشى سېھىرگەرلىكى  توغرىىسىدا نېمىلا دېمەيلى، ئىشقىلىپ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىق دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلاردا يادا تاش ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىل يادا تاش ئېتىقادى ئەينى دەۋردە ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولغان.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلاردا يادا تاش ئېتىقادىنىڭ يەنە بىر شەكلى تەڭرىدىن يامغۇر، سۇ تىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كوللېكتىپ پائالىيەت مەۋجۇت بۇلۇپ (ھازىر بۇنى بەزىلەر زاراخەتمە پائالىيتى بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ). بۇنىڭدىمۇ مەخسۇس تاشلار ( يادا تاشلار) دىن يايدىلانغان. بۇيەردىكى يامغۇر، سۇ تىلەش پائالىيتىگە نەزەر سالساق، بۇنىڭدىمۇ مەخسۇس تاشلار ئىشلىتىلگەن. بۇمۇ مەلۇم دەرىجىدە تاغ ۋە تاش ئېتىقادچىلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.بۇ پائالىيەتتىكى مەخسۇس تاشلار بولسا ئەنە شۇلار ئېتىقاد قىلغان ھەيۋەتلىك تاغلارنى تەشكىل قىلغۇچى كىچىك ھۈجەيرىلەردىن ئىبارەت. بۇ تاشلار ئارقىلىق يامغۇر، سۇ تىلەش بولسا، سۇ، يامغۇرنىڭ تاغ ۋە تاغلىق رايون ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ۋاستىلىك ئىپادىلىنىشىدۇر. يادا تاشلار ئارقىلىق سۇ تېلەشنى ئېلىپ ئېتساق، ھەممىمىزگە مەلۇم، دەريالارنىڭ كۆپۈنچىسى تاغلارنى ئۆزىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى قىلىدۇ. مەسلەن، ئېلىمىزدىكى چاڭجىياڭ دەرياسىمۇ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى كۆپۈنچە دەريالارمۇ تاغلاردىن باشلانغان ئېقىنلاردىن ھاسىل بولغان.ئەينى ۋاققىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولغان ئۆتۈكەن تېغىمۇ دەل ئورقۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانا دەرياسى بولغان ئورقۇن دەرياسىنىڭ مەنبەسى ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئون ئېقىننىڭ بىرىنىڭ نامىمۇ ئۆتۈكەن ئېقىنىدۇر.بۇ پائاليەتتىكى يامغۇر تىلەشنى ئېلىپ ئېتساق، تاغلىق رايونلارنىڭ ھۆل- يېغىن مىقدارىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونىغا قارىغاندا بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تاغلىق رايوندىكى ھۆل- يېغىننىڭ كۆپ قىسمى دەريا سۈينى تەشكىل قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەخسۇس تاشلارئارقىلىق يامغۇر ۋە سۇ تىلەش پائالىيتىمۇ ئۇلاردىكى تاغ ۋە  تاش ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر.
خۇلاسىلىگەندە، ئورقۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردا تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىنڭ غايىۋى شەكلى بولغان تاغلارغا ۋە يادا تاشلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادى بىر قەدەر ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل تاغقا ۋە يادا تاشلارغا بولغان ئېتىقادىنى ئەينى ۋاقىت (646-840) تىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرگەن بايانلىرى، تەبىئەت ئېتىقادچلىقى ۋە شامان دىنىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.  
ئىزاھاتلار:
①غەيرەتچان ئوسمان: ‹‹ قەدىمكى تارىم مەدەنىيتى›› 276- بەت.  
②گۇلنار ئىسمايىل: ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى توغرىسدا››، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى ، 1998-يىللىق 3- سان، 73- بەت.  
③لىن گەن،گاۋ زىخۇ: ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى›› ( ئابلەت نۇردۇن، ئەزىز يۈسۈپ قاتارلىقلار تەرجىمىسى) 51- 52- بەت.  
④ئەبۇل غازى باھادىرخان: ‹‹شەجەرەئى تۈرك›› 33- 34- بەت.  
⑤ياڭ شىڭمىن: ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ( ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى) 141- بەت.  
⑥ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇق: ‹‹ ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى›› 79- بەت .
⑦قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيسى ئۇيغۇر شۇناسلىق ئىنىستىتوتى تۈزگەن: ‹‹ ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركى خەلىقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى›› (ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمىسى) 521- بەت.  
⑧ ئابدۇقەيۇم غوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما›› 118- بەت.  
⑨يۈسۈپجان ياسىن: ‹‹قەدىمكى تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ شامانىزىم ئېتىقادىكى مۇقەددەس تاغ ‹ئۆتۈكەن› توغرىسىدا›› 129- 130- بەت.  
⑩ ئابدۇكېرەم رەھمان: ‹‹ ئۇيغۇر فولكلور ھەققىدە بايان›› 455- بەت.
⑾ياڭ شېڭمىن: ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇرلار›› (ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى) 302- بەت.
⑿ياڭ شېڭمىن: ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇرلار›› (ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى) 301- 302- بەت.  
⒀⒁⒂غەيرەتجان ئوسمان: ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى يادا تاش چۈشەنچىسى ۋە بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر›› -174، -175،- 176 بەتلەر.  
⒃ لىن گەن، گاۋ زىخۇ: ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى›› (ئابلەت نۇردۇن، ئەزىز يۈسۈپ قاتارلىقلار تەرجىمىسى) 134- بەت.
ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى 2006-يىللىق تارىخ ماگىسىتىر ئاسىپرانتى.

              مەنبە؛  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى ژورنىلى
[ بۇ يازماtorlamurتەرپىدىن2009-05-23 00:26دە قايتا ت ]

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-22 00:05 |
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 105
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە105دانە
شۆھرىتى: 860 نومۇر
پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
مەن ياداتاشنى ئۆتۈكەن ئېتىقاتىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىمىكىن دەپ قارايمەن. بۇ بەلكىم ئۇيغۇر(تۈرك؟) قەبىلىلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزى ئۆتۈكەندىن قارا بالغاسۇنغا (شەرقىي جەنۇبقا ـــ تاشقى موڭغۇل يايلاقلىرىغا) يۆتكەلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان بولۇشى  ياكى قوشۇندىكى قامانلار ئۆتۈكەندىن ئېلىۋالغان (ئۆتۈكەننىڭ سىمۋولى بولغان ) مۇقەددەس تاشلار ئارقىلىق، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كونترول قىلىشقا،ھەربىي يۈرۈش جەريانىدىكى مۇراسىملارغا  ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ئۆتۈكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈلۈك چۈشى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆتۈكەننى تاشلاپ كەتكەن ئەمەس. مەيلى پائالىيەت مەركىزىي شەرقىي جەنۇبقا يۆتكەلگەندىن كېيىن بولسۇن ۋە ياكى غەربكە يۆتكەلگەندىن كېيىن بولسۇن، ئۆتۈكەن يەنىلا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قولىدا تۇرغان، ئۆتۈكەننى ياتلارغا كۆكتاغ، كۆكخوت تېغى دەپ تونۇشتۇرۇپ،قوۋمنىڭ يىلتىزى بولغان بۇ مۇقەددەس تاغنى ياتلاردىن قوغداپ كېلىۋاتقان تۇۋالارنىڭ بەزى قەبىلىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ئاتىشى بۇنىڭ دەلىلى. نامان خانلىقى دەۋرىدە تاتاتۇڭانىڭ بۇ خانلىققا ۋەزىر بولۇشىمۇ ھېچ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، نايمان خانلىقى قۇرۇلغان زېمىن ھازىرقى تۇۋارىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇڭا، بۇ خانلىقنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدە نايمان قەبىلىلىرىدىن باشقا، ئۆتۈكەننى ساقلاپ ياتقان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. تاتاتۇڭانىڭ دەل مۇشۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان ۋەزىر بولۇش ئېھتىمالى زور. چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتنىشىپ يىراق يۇرتلارغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى(قاراقالپاقلار ئارىسىدا، تۈركىيىدە...) ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىللە ئۆتۈكەن ئۇيغۇرلىرىنىمۇ يوق دېيەلمەيمىز. بىراق، بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يەنە بىر قىسمى ئۆتۈكەننى قوغداپ بۇ زېمىندا داۋاملىق قالغان ۋە تۇۋالارنىڭ ئېتنىڭ تەركىپلىرىنىڭ بىرىغا ئايلانغان.

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-22 10:07 |
uyghurbaligh
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 7351
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 18
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 107 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئەمەس ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى .تەھرىرلەپ قويۇڭ!

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-22 20:21 |
Ghalip
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 1793
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 184
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە184دانە
شۆھرىتى: 335 نومۇر
پۇلى: 1640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :840(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
لەشكەرلەر ياساۋۇلغا بۇيرۇق سوققان نەدە بار؟؟!!؟!   
ئورقۇن دەپ ئالغىنىنى خاتا دېگىلى بولماس....

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-22 20:29 |
uyghurbaligh
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 7351
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 18
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 107 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەقىل
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىGhalipنىڭ2009-05-22 20:29دە يوللىغان يازمىسى  :
لەشكەرلەر ياساۋۇلغا بۇيرۇق سوققان نەدە بار؟؟!!؟!   
ئورقۇن دەپ ئالغىنىنى خاتا دېگىلى بولماس....

مەن ئورخۇن دەپ ئاڭلىغان .ئورقۇن دەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.شۇڭا خاتامىكىن دەپتىمەن.ئاشۇنداق ئاتىسىمۇ بولامدا؟تارىخقا قىزىقىمەن.ئەمما بېلىمىم تېخى كەمچىل.كۆپرەك تەلىم بەرگەيسىلەر ئۇستازلار

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-22 20:34 |
yakupjan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 6924
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 41
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 138 نومۇر
پۇلى: 335 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
قاچاندىن بېرى ئورخۇننى ئورقۇنغا ئۆزگەرتىۋالدىڭلار؟؟

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-22 22:16 |
torlamur
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 6650
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 37
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرىتى: 223 نومۇر
پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تالاشماڭلار  تەھرىرلەپ قويدۇم  كىتاپتىكى  شۇنداق بولغاندىكىن مەن شۇنداق يازغان

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-23 00:30 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !