بۇ بەتتىكى تېما:موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى كىملەرگە پۇتلاشتى؟ | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
Bozqir
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 132
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى كىملەرگە پۇتلاشتى؟

                          موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى كىملەرگە پۇتلاشتى؟

                                                        بوزقىر

    تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەللامە--ئالىملار، ھەق يولىدا قۇربان بولغان شىر يۈرەك باتۇر-ئوغلانلار، يۇرت--ۋەتەن ئوتىدا كۆيگەن ھۆرمەت تەختىدىكى ئىپپەت قۇربانلىرى بولغان خاتون-قىزلار دەپنە قىلىنغان جايلارنى ئۇلۇغلاپ ، يوقلاپ تاۋاپ قىلىپ، ئۇنى مۇقەددەس مازارەتگاھقا ئايلاندۇرۇش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى ئەڭ خاسىيەتلىك ، ئەھمىيەتلىك ئىش-پائالىيەتلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ.
    يۇرتىمىزدىكى ئەشۇ مازارەت---سەيلىگاھلار ئىچىدە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى سوۋۇتقا مازىرى---سەيلىگاھى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر.ئۈچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى ئاقتوقاي تېغى بېلەن قارا تېكە تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەتراپى بۈك-باراقسان ئورمان بېلەن قاپلانغان تۈزلەڭلىكتە خۇددى فونتان كەبى ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان بىر خىسلەتلىك بۇلاق بار. بۇ تىلسىماتلىق جاي '' سوۋۇتقا '' دېگەن نامى بېلەن يىراق-يېقىنغا مەشھۇردۇر.
      سوۋۇتقا سەيلىگاھى ھەققىدە ئەل ئارىسىدا دىلنى رام قىلغۇچى سىرلىق رىۋايەتلەر تارىلىپ كەلمەكتە. ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى (1836---1917)<<تارىخي ھەمىدى >> ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ  مۇنداق يازىدۇ :
        « ئۇچتۇرپاندا سوۋۇتقۇ مازار دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي جاي بار. 'سوۋۇتقا' دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، ھىجىرىيىنىڭ 33-يىلى (مىلادى 653--654-يىللىرى) سۇلتان قۇرمىش سەيدىلمۇسۇلمىن  شاھادەتلىككە يەتكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئاخىرقى زامان رەسۇلىر راخمان ئەلى شىر يەزدانى ئەلى شىر كېرىمۇللا ۋەجىھۇنى قەھقە جادۇ ۋە زەمزە ئاتەشپەرەسلەرنىڭ شەھرىگە بېرىشقا ئەمىر قىلغانىكەن. بۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلىشىر يەزدانى ئەلىشىر خۇدا ئىككى شاھزادە كېرەم ۋە بىر نەچچە ياش شاھزادىلەرنى ھەمراھ قىلىپ سودىگەر شەكلىگە كىرىپ ، ناھايتى تېزلىك بېلەن كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ ئۇشبۇ شەھرى بەر بەر  ( ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمقى نامى )گە كېلىپ ، بىر بۇلاق بېشىغا چۈشۈپ، دۇلدۇللىرىنى بۇلاق بېشىدىكى سۆگەتكە  باغلاپ سوۋۇتقان ئىكەن. شۇڭا كېيىنكىلەر بۇ مازارنى 'سوۋۇتقا مازار ' دەپ ئاتاپتۇ .شۇندىن كېيىن مۇسۇلمانلار بۇ جاينى زىيارەت قىلىپ ، بۇلاق سۈيىنى شەربىتى تەۋەرۈك ھېساپلاپ  ھەر تەرەپكە ئېلىپ كېتىدىغان بولۇپتۇ...ئەمما بۇ ئادەتتىكى جاي بولماستىن بەلكى ئالاھىدە بىر كارامەتلىك مازاردۇر . »( مۇسا سايرامى :<< تارىخي ھەمىدى >>، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 656-،657-بەتلەرگە قارالسۇن).
    19-ئەسىردە ئۆتكەن رېئالىستىك شائىر موللا شاكىر (1805--1870) << زەفەرنامە >> ناملىق مەشھۇر داستانىدا :

                   بەش ئاي نەزمىگە ۋاقىتنى ئەيلەپ مادام،
                  كىتابى زەفەرنامىگە سۈبھى شام.
                 كى ئىدى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئىدى سەكسەن ئۈچ،
                  سوۋۇت مەۋزەئىي شەھىرى ئۇچ.
                 جامادىيەل ئەۋەلدە بولدى تامام،
                 يىلى قوي يەكشەنبە ئۇشبۇ كالام.

    دەپ يازىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سوۋۇتقا مازىرىدا تۇرۇپ << زەفەرنامە >> داستانىنى يازغانلىقىنى ئالاھىدە قەيىت قىلىدۇ.
    دەرۋەقە، شائىر موللا شاكىر  ئاخىرقى ئۆمرىنى سوۋۇتقا مازىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ، خەتتاتلىق، ۋە ئىستىقامەت بېلەن ئۆتكۈزگەن.1870-يىلى شائىر ۋاپات بولغاندا ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن سوۋۇتقىغا دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەر شائىرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مەخسۇس مەقبەرە ياساپ ، بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ قەبرىسىنىمۇزىيارەت قىلىدىغان ، دۇئا-تەگبىر ئۆتكۈزىدىغان بولغان.
    ئۇچتۇرپاندا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان پىشقەدەم زىيالىي تۇرسۇن بارات ئەپەندىنىڭ شۇ ھەقتە يازغان ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1884-يىلى ئۇچتۇرپاندا تۇغۇلۇپ 108ياش ئۆمۈر كۆرۈپ 1992-يىلى ۋاپات بولغان دىنىي ئۆلىما ھەم تارىخچى ئوسمان داموللام دېگەن كىشى مۇنداق دېگەنىكەن:
      ---ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك، پەلىسەپە ئىلمىدە يازغان بىر نەچچە كىتابلىرى بېلەن شىنجاڭ ھەتتا شەرىق ئالىملىرى ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغان شائىر ھۆسەيىنخىان تەجەللى ئۇچتۇرپانغا كېلىپ سوۋۇتقۇ سەيلىگاھىنى زىيارەت قىلغان ھەم سەيلىگاھقا بىرگە چىققان ئۇچتۇرپان ئۆلىمالىرىغا  : ''موللا شاكىر دىيارىمىزدىلا ئەمەس بەلكى شەرىق دۇنياسىدا تونۇلغان تىل ئالىمى ۋە شائىردۇر. بۇ زاتنى ئەسلەپ دۇئا-تەگبىر ئۆتكۈزۈپ تۇرۇڭلار'' دېگەن( <<شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى >> ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىل 4-سانىنىڭ 69-70-بەتلىرىگە قارالسۇن).
    تۇرسۇن بارات ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، 1937-يىلى ئۇچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەت ئىمىن ( شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان) موللا شاكىر ئۆزدەۋرىدە ئىستىقامەت قىلغان مەسچىتنى ۋە موللا شاكىرنىڭ قەبرىسىنى ياسىتىپ يوپۇق ياپقان ھەم رىشاتكا ئىچىگە ئالدۇرغان. بۇ رىشاتكىلىق قەبرە 1967-يىلىغىچە ساقلانغان بولسىمۇئاتالمىش ''مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى''دا '' تۆت كونا ''ھېساپلىنىپ ئەتراپىدىكى نەچچە يۈز يىللىق دەرەخلەر بېلەن بىرگە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.
     1993-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سابىق ھاكىمى مويدىن سادىقنىڭ تەشەببۇسى ۋە كۈچ چىقىرىشى بېلەن موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى ھەم ئۇ ئىستىقامەت قىلغان مەسچىت قايتا ياسىلىپ، مەقبەرە رىشاتكا ئىچىگە ئېلىنغان ھەم مىللىي ئۇسلۇپتا راۋاق ياسالغان.
      جايتاغ ئۇچتۇرپاندىكى يەنە بىر قەدىمىي ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇزۇندىن بۇيان ئۇچتۇرپان خەلقى ھەر يىلقى نورۇزدا  جايتاغدا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش، چاقپەلەك ئويۇنى ...قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن .ئەمما ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە نېمىشقىدۇر بۇ خىل ئاممىۋى پائالىيەت جايتاغدىن سوۋۇتقۇغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. شۇنىڭ بېلەن ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى ،   مەسچىت ۋە راۋاقلار چېقىپ تاشلانغان.
   ئەمەلىيەتتە ، سوۋۇتقا سەيلىگاھىدىكى قەدىمىي مەسچىت ۋە شائىر موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسىنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇتلىشىدىغان يېرى يوق ئىدى. ئەكسىچە بۇ قەدىمىي ئىزلار خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك بۇ قەدىمىي سەيلىگاھقا تېخىمۇئۆزگىچە مەنا ئاتا قىلىپ تۇراتتى.
      مۇبادا سوۋۇتقا سەيلىگاھىنى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى ۋە ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ ئاچقۇچىلاردا ئۆز مىللىتى ۋە ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ، ئۆرىپ ئادىتى، ئاسار ئەتىقىلىرىگە قارىتا توغرا تونۇش ، ھۆرمەت ھېسىياتى بولغىنىدا ئىدى بۇلارنى چېقىپ تۈزلىۋەتمىگەن بولار ئىدى. بەلكىم ئۇنى ساقلاپ قېلىپ ، تېخىمۇ ئاسراپ ، ئۇنىڭ ئىجدىمائىي ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ توللۇق پايدىلانغان بولار ئىدى.
   چىرىك، مۇستەبىت مەنچىڭ خاندانلىقىنىغۇ دېمەيلا تۇرايلى بوپتۇ. كىنو-فىلىم، نەشىر ئەفكارلىرىمىزدا تەسۋىرلەپ بىزگە يادا بولۇپ كەتكەن تېرورلۇق، قانخورلۇق، ئادالەتسىزلىك، نەپسانىيەتچىلىك ئەۋىج ئالغان گومىنداڭ دەۋرىدىمۇبۇ مەقبەرە مەسچىتلەرگە ھېچقانداق قارا قول تەگمەكتە يوق بىر ئوبدان ساقلىنىپ ،  ھەتتا رېمىنوت قىلىنغان. بۇ ئىزلارنىڭ ئۇلۇغ، توغرا، شەرەپلىك جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسى دەۋرىدە بۇزىۋېتىلگەنلىكى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئەمما بۇ كومپارتىيىدىكى مەسىلە بولماستىن بەلكى كومپارتىيەنىڭ قانۇن-سېياسەتلىرىنى توغرا ئىجرا قىلمىغانلار سادىر قىلغان مەسىلىدۇر.
  مەن شۇنچە تەپسىلى ئاقتۇرۇپمۇ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېچقانداق بىرەر قانۇن -نىزاملىرىدىن، جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھېچقانداق بىرەر فاڭجېن -سېياسەتلىرىدىن << ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمىي ئىز، ئاسار ئەتىقىلىرىنى،كىللاسسىك يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى خالىغانچە ئۇرۇپ چېقىپ يوق قىلىۋېتىش ياكى يۆتكىۋېتىش كېرەك >> دېگەن مەزمۇنلارنى زادىلا ئۇچرىتالمىدىم.
   ۋەھالەنكى، مېنىڭ ئۇچراتقانلىرىم دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى.<<ئاساسىي قانۇن>>،<< مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى >>ۋە << مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قانۇنى>> قاتارلىق جۇمھۇريەت قانۇنلىرى ھەم ج ك پ نىڭ مىللىي سېياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا جۇڭگودىكى ھەممە مىللەتنىڭ قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر ئىكەنلىكى ، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرىپ ئادەتلىرىنى، مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ، قەدىمقى ئىزلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەرقانداق باھانە سەۋەبلەر بېلەن سەۋەبسىز بۇزۇشقا ، يوقۇتۇشقا بولمايدىغانلىقى ماددىلاشقان مەزمۇنلار بويىچە ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.
   ج ك پ ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرىپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش، قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ، روناق تاپقۇزۇشنى؛ بۇ ئارقىلىق مىللىي روھنى جارىي قىلدۇرۇشنى موھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قيۇپ كەلدى.<< زەفەرنامە >>  داستانىنىڭ قايتا رەتلىنىپ ئېلان قىلىنىپ جامائەت بېلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى ھەم شائىر موللا شاكىرنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
   ئەمما، پارتىيە مىللىي سېياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا پارتىيە ،ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ پائال ھەركەتكە كېلىشى بېلەن قايتىدىن قەد كۆتۈرگەن موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى، مەسچىت ھەم مىللىي پوسۇندىكى راۋاقلار نېمە ئۈچۈن چېقىپ تاشلىنىدۇ؟ بۇ قەدىمىي ئىزلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھەم ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەرىگە تاقىشىپ قالغاندۇ؟شەھەر ئىچىدە بولغان بولسىغۇ  يول-قۇرلۇشقا توغرا كېلىپ قالدى دەپ چېقىۋەتسە بىر نۆرە ئىدى.ئەمما خلۋەت سەھرادىكى ھېچكىمنىڭ ھېچنېمىسىگە پۇتلاشمايدىغان بۇ ئىزلارنى يوقۇتۇش  كىملەرگە شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالغاندۇ؟   ئەجىبا،مەدەنىيەت -تەنتەربىيە ئىشلىرىنى قەبرىنىڭ كاللىسىغا ئېلىپ چىقىپ تەرەققىي قىلدۇرسا ئۈنۈمى بەك يۇقۇرى بولامدىغاندۇ-يا؟ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بېلەن قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ساقلاش-قوغداش بىر-بىرىگە شۇنچە زىت نەرسىمىدۇ؟ ئەجىبا، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم-شائىرلارنىڭ مەقبەرىلىرىنى بۇزۇش،خالىغانچە يۆتكەپ ئويناش ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسىمىدۇ؟
   نېچە ئۈچۈن مۇشۇنداق يوقۇتۇشلار ئالدىدا بىزنىڭ مىللىي  رەھبىرىي كادىرلىرمىز  كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ مۈشۈكتەك كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ؟خەلق ئىشىنىپ سايلىغان خلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋىكىللىرى ھەم سېياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە يۇقۇرىغا تەكلىپ پىكىر سۇنماي يىغىن ۋاقىتلىرىدا مۈگدىشىپ ئولتۇرىشىدۇ؟ ئەتىدىن كەچكىچە تۆر تالىشىش، مەنمەنلىكتە بەسلىشىش كويىدىلا يۈرىدىغان ھاكاۋۇر سۈپەت زىيالىلىرىمىز  نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە تۆت ئېغىز لىللا گەپ قىلالمايدۇ؟ئىشقىي شېئىر-قوشاق توقۇشقا كۆنۈپ كەتكەن شۇنچە كۆپ شائىرلىرىمىزدىن شائىر موللا شاكىرنىڭ قەبرىسىنىڭ چېقىلغانلىقىغا قارىتا نېمە ئۈچۈن بىرەر سادا چىقمايدۇ؟ ئاتالمىش ''مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى''دىكى بۇزغۇنچىلىقلارنىغۇ بىچارە ''تۆت كىشىلىك گۇرۇھ''قا دۆڭگەپ قۇتۇلارمىز، ئەمما نۆۋەتتە يۈز بەرگەن بۇ يوقۇتۇشلارنى ئەمدى كىملەرگە دۆڭگەرمىز؟  ''مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى''دەۋرىدىكىكىغۇ جاھان شۇنداق مالىمان ئىدى، ھەق -ناھەق، ئاق-قارا ئاستىن ئۈستىن بوپ كەتكەن دەپ  باھانە كۆرسۈتۈپ تۇرايلى بوپتۇ.ئەمما ھازىرقىدەك ئىتتىپاقلىق ، ئىناقلىق، ئىلمىي تەرەققىيات تەكىتلىنىۋاتقان چوڭ-ياخشى ۋەزىيتتىكى تەكرارلىنىۋاتقان يوقۇتۇشلارغا قانداق باھا بەرگۈلۈك؟ تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، مۇشۇنداق يوقۇتۇشلارغا قول تىققان، ئۇنىڭغا رېژىسورلۇق قىلغانلارنىڭ  مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەكتە يوق ئەكسىچە  ئۇلارنىڭ مەنسەپ تاجى نېمىدەپ توختىماي ئۆسىىۋېرىدۇ؟
    بۇندىن بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن مۇنداق بىر سەتچىلىكنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالغانىدىم: كۇچا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مەكتەپكە ناھىيىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىگى كەپتۇ.دەرىسخانا تېمىغا چاپلاقلىق تۇرغان مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كەبى ئەللامە بوۋىلىرىمىزنىڭ ساقال-بۇرۇتلۇق، سەللىلىك رەسىملىرى ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆزىگە سىغمىغانمۇ قانداق ئۇ رەسىملەرنى ئېلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ.رەسىملەر تامدىن يۇلۇپ ئېلىنىپ پۇرلاپ تاشلىنىپتۇ. بۇنى ئاز دېگەندەك بىر ئۇيغۇر مۇپەتتىش يەردە پۇرلىشىپ تۇرغان رەسىملەرنى پۇتى بېلەن تېپىپ يىراقلارغا ئاپىرىۋېتىپتۇ. ئەمدىلىكتە ئاڭلىسام مەھمۇت قەشقەرىنىڭ رەسىمىنى تەپكەن مۇپەتتىش ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا شۇجى بولۇپ ئۆسۈپتۇدەك!
   ئۇلۇغ زاتلىرىمىزنىڭ مەقبەرىلىرىنى چېقىشقا قوماندانلىق قىلغان، رەسىملىرىنى تېپىپ ھاقارەت قىلغانلارنىڭ مەنسەپ تاجىنىڭ توختىماي ئۆسىشى نورمالنى تەپەككۇرغا ئىگە ھەرقانداق كىشىنى ئەندىشىلىك خىياللارغا غەرىق قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس! بۇ ھالەت كىشىلەرگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن -سېياسەتلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۇنىڭ بېلەن ئوينىشىدىغان ھەتتا قارشىلىشىدىغان؛ مەركەز بېلەن تۆۋەندىكى ئامما ئوتتۇرىسىدا يوچۇق پەيدا قىلىش بەدىلىگە شەخسىي مەنپەتىگە چوغ تارىدىغان قارا كۆلەڭگۈلەرنىڭ ھېلىھەم مۇئەييەن ئىجدىمائىي، سېياسىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكە سالماي قالمايدۇ.
   موللا شاكىر مەقبەرىسى ۋە ئۇ ئىستىقامەت قىلغان قەدىمىي مەسچىدنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى ھەم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ رەسىمىگە قىلىنغان ھاقارەت خۇددى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر كوڭ زىنىڭ ھەيكىلى ۋە كوڭ زى ئىبادەتخانىسىنى چېقىپ ۋەيران قىلغانغا ؛ لى بەي، دۇفۇ، بەي جۈيىلەرنىڭ ھەيكىلىنى بۇزۇپ، قەبرىلىرىنى ئۆرۈپ، رەسىملىرىنى يىرتىپ تېپىپ ئوينىغانغا ئوخشاشلا پۈتكۈل جوڭخۇا مىللىتىنىڭ  غەزىپنى كەلتۈرىدىغان ناشايان ئىشلار جۈملىسىگە كىرىدۇ، ئەلبەتتە.  

2009-يىل  20-ماي ، ئاقسۇ.

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-23 14:36 |
selim_buwa
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9276
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 5
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرىتى: 40 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئىسىتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتت

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-24 22:27 |
xumtak
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9489
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 3
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز مۇشۇنداق ئېسىت دەپلا تۇرامدۇق ؟؟؟  يەنە قاچانغىچە ئېسىت دەيمىز ؟؟؟؟
يەنە قانچىلغان ئېسىتلارنى دەيمىز ؟؟؟  
http://www.xumtak.cn/

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 00:21 |
زار
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9456
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 15
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 60 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
هةهةهةهھەي نىمە دىگۈلۈك؟ئۆزمىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ئەشۇ نادان سىياسەتۋازلار مىللىي ئەنئەنە،مىللىي مەدىنيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمتى؟ئەشۇ كۆۋرۈك ھىساپلانغان سىياسەتۋازلىرىمىز بىلمىگەن يەردە باشقىلار ھاكىميەت تۇتقان بۇ  ھۈكۈمەت قانداق بىلسۇن؟بوپتۇ ئۇغۇ بى نەچچە ئەسىر ئىلگىركى ئەدىبكەن،ئۆتكەن ئەسىردە ياشىغان ئوت يۈرەك شائىرىمىز ل.مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىچۇ نىمە بۇلۇۋاتىدۇ ،ھازىر؟ يا بىر خەلقپەرۋەر كىشىلىرىمىزگە ھوقۇق تەگمىگەن يا......

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 02:44 |
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 1287
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 165
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە165دانە
شۆھرىتى: 251 نومۇر
پۇلى: 1615 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يولداش بوزقىرنىڭ دۆۋلىتىمىز ئاساسى قانۇنلىرىدىن نەقىللەر ئېلىپ ئالىملىرىمىزنىڭ ھۆرمەت ئابرويىنى قوغدىشىنى ھەق يولدا قىلغان ياخشى ئىش دەپ قارىدىم. يولداش بوزقىرمۇ بەلكىم كۆرگەن بولىشى مۇمكىن. ئالدىنقى سان <<ساياھەت ۋە دۇنيا>> پىروگىراممىسىدا ئۈچتۇرپان ۋە ئۈچتۇرپاندىكى جىغانلىق، سۇۋۇتقا قاتارلىق مەنزىرگاھلار تونۇشتۇرۇلدى. شۇچاغدىلا مېنىڭ كۆڭلۇم غەش بولغان ئىدى. يولداش بوزقىرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ غەش كۆڭلۇمنى، قايغۇ-ئەلەم چىرمىۋالدى.
   شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدىلەر تۇنۇشتۇرۇشتىن ئاۋۋال بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر بۇيۇك شەخىسنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ۋە قانداق سەۋەپلەر تۇپەيلى بۇ يەر ھازىرقى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى سۆزلىشى زۆرۇر ئىدى دەپ قارىدىم. شۇنداققۇ چەتئەللەرنى تۇنۇشتۇرغاندا <<2-دۇنيا ئورىشىدا>>، <<پالانى دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىسى دەۋرىدە>> دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى سۆرەتلىنىدىكەنيۇ بىزدىكىسىنىڭ ئۆتمۇشى ۋە بۆگىنىنى سۆرەتلىسە بولمامدىكەن.
يولداش بوز قىر ئېيتقاندەك، مەركەزنىڭ سىياسەت، فاڭجىنلىرى ئىنتايىن ياخشى، بۇنى تۆۋەندە توغرا ئىجىرا قىلىش يېتەرلىك ئەمەس. تۆۋەننى بېسىپ يوقىرىنى ئالداپ، ئۆزىنى ئويلاپ، مىللەتنىڭ، دۆۋلەتنىڭ ئار نومىسىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇش ئەل ئوغلانلىرىنىڭ ئىشى ئەمەس. يۇرۇت كاتتىلىرى ئويلىنىپراق بىر ئىش قىلىشالا. تارىخ ھامان ھەممەيلەننى تارازىغا سېلىپ چىقىدۇ. ئۈچتۇرپان يەرلىك تارىخىدا <<قارا يۇز>> دىگەن ئاتنى ئېلىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشەلا. رەخمەت.

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 10:13 |
aqhun
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 5869
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 91
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
شۆھرىتى: 233 نومۇر
پۇلى: 735 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
يولداش بوزقىر ...باشقىچىلا تۇرىدىكەنيا  

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 11:03 |
samani
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 845
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەشقەردىمۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئائىلە قوروسى ئىچىدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر گۈمبەز بار....ھازىرقى ھالىتىگە قارىسا ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ.....بىركۇنى ۋاقىت چىقىرىپ بىرىپ سۈرەتكە تارتىپ مۇنبەرگە يوللاپ قوياي.


http://www.tajikam.cn

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 19:34 |
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 119
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرىتى: 995 نومۇر
پۇلى: 765 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر ئاددىي پۇقرانىڭ قەبرىسىنى بۇزۇش ئەمەس، كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسىمۇ (بىرەر قۇرۇلۇشقا توغرا كېلىپ قېلىپ)، ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىل ئاۋۋال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆچۈرۈپ كېتىشىنى ئۇقتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ شەخسنىڭ مەنپەئىتىگە تاقىلىدۇ. موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى بولسا شەخسكە ئەمەس، مىللەتكە تەۋە. مىللەت دېگەن نېمە؟ مىللەت باشقىچە ئېيتقاندا كۆپچىلىك دېمەكلىكتۇر. شۇڭا، ئۇنى «مەن» قوغدايمەن دەپ يامان كۆرۈنۈپ يۈرمىسەممۇ، ئۇنى قوغدايدىغانلار كۆپ (ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسى بويىچە بولغاندىمۇ 8مىليوندىن ئاشىدۇ). «مەن» يا مىللەتكە ۋەكىل بولالمىسام...
مىللەت ئادەمدىن تەركىب تاپىدۇ، ئادەملەر ئۆز ھەلەكچىلىكىدە...
ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى، مىللىي غورۇرنىڭ ئاجىزلىشىشى، شەخسىيەتچىلىكنىڭ كۈچلىنىشى...

ئېسىمگە قۇربان ئىمىننىڭ مۇنۇ مىسرالىرى كېلىپ قالدى:

ھېيتكاھتا ئۈچ قىز يۈرەر خارۇ زار،
يۈرسە يۈرمەمدۇ كىمنىڭ كارى بار.

ھەر كىشىنىڭ بىر جانى بار ئىكەن،
جانى ئەمەس يوغان بىر گالى بار ئىكەن ...

چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 08:49 |
Geniral
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 2868
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 35
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرىتى: 88 نومۇر
پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكىنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسىنى ئورخۇندا كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. بوزقىر ئاكا ئۈزلۈكسىز، توختىماي يېزىڭ، بىز سىزنى قوللايمىز.

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 22:02 |
sayahatqi1
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 4646
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 17
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 165 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوروسى ئىچىدە بۇتىخانا شەكىلدىكى ئىمارەتتىن بىرسى بارغۇ دەيمەن ...بىركۈنى بېرىپ مەنمۇ ئۆرىۋىتىپ كىتەيمىكىن

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 19:50 |
555rikabatqi
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 4462
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 47
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە47دانە
شۆھرىتى: 170 نومۇر
پۇلى: 420 سوم
تۆھپىسى: 1573 نومۇر
ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئىشلارغا بىز قايناپلا قالىمىز  ،ئازىراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۇنىڭغىمۇ كۈنۈپ كالىمىز
قانداق ئەمەرجان بۇرادەر ئەھۋالىڭلار يوقاپ كەتتى دەپ ئېلان بېرەي دەۋاتسام مايەرگە كېلىۋاپسىلەدە ........

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-03 00:36 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يادىكارلىقلىرىمىز
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !