مەلۇم بىر ئۇيغۇر مۇنبىرىدە موجاھىد ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇشۇ سوئالنى قويۇپتۇ ، جاۋابسىز قالسا بولمايتتى ، قېنى دوستلار، بىر ئىزدىنىپ كۆرمەيلىمۇ ؟
_________________________________________
جامائەت، بىز ئۇيغۇرلاردا قابىلىلەر بارمۇ؟
ياكى، رەسمىي كوز قاراش بويىچە تارىخىي كىتابلاردا كەلتۇرۇلگەندەك بىز پەقەت قەشقەرلىك، يەكەنلىك، خوتەنلىك، تۇرپانلىق، تارانچى ۋە باشقا ماكانلارغا قاراشلىق بولۇڭەنمۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي قابىلىلىرى نەگە يوقالغان - ياغلاقار، ئەدىزلەر ئوخشاش؟
ۋە قاغانات دەۋرىدە ئۇيغۇرلار قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا كىرگەن تەيپىلەر - قارلۇقلار، باسمىللار، چىگىللەر؟
ياكى موغۇلستان ۋە موغۇلىيە دەۋرىدىكى قابىلىلەر - دوغلات، بەكچىك، چوراس، كۇكەلتاش ۋە باشقىلار، بۇلارنىڭ ۋەكىللىرى نەگە يوقالدى؟ خەلق ئىچىدە ئوز تەگى ھەققىدە مىراس قالمىغانما؟
ماچىن، نۇگەيت، ئەردەبىل، خورەسەنلەرچۇ؟
لوپلىق، بايات، دولانلىقلارچۇ؟
مېنىڭ بۇ سورىغىنىم، بىز قازاقستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار چوڭ خەلقىمىزنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق تارىخىي مەلۇماتىغا يەتەلمەيمىز، ھەم ئوز يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ، ئالاقەسىزلىنىپ، بەلكىم شۇ ئەھباراتنى ئەستىن يوقاتقانمىز...
سىزلەرگە مەلۇمكى، قازاقلار قابىلىلەرگە بولىنىدۇ، ھەم مەنىمۇ تولا سورايدۇ، سەنىڭ قابىلەڭ قايسى دەپ... ئوزەم قازاقچە ياخشى بىلگەچكە، ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىغان تەلھەتىمگە بېقىپ ھەممىسى مېنى قازاق دەپ ئويلاپ قالىدەكەن. "ياق، مەن ئۇيغۇر" دەپ چۈشەندۈرۈپ ئەيتساممۇ، ئوزەمدە بۇ سوئال چوڭقۇر قالدى...
مەسىلەن، قازاقلارنىڭ چوڭ يۈزىدە (ئۇلي زھۇز، جەنۇبىي ۋە شەرقىي-جەنۇبىي قازاقستان) "دۇلات" دېگەن قابىلە بار. بۇلار شۇ قەشقەرىيە ئەمىرلىرى بولغان موغۇلستان دەۋرىدىكى "دوغلات" قابىلىسىگە يەقىندۇر، ئەگەر بىر قابىلە بولمىغان بولسا. ئۇلارنىڭ ئەڭ دانقلىق ۋەكىلى - مۇھەممەد ھەيدار دوغلات... ھەجەب، قەشقەر ئۇيغۇرنىڭ ئانا دىيارى بولۇپ ئۇ يەردە بىرمۇ دوغلات قالمىغانمۇ؟
مېنىڭچە خەلقىمىز تارىخىدىكى بۇنداق چوڭ ۋە ئۇزۇن ئورۇن ئالغان نەرسىنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كەتىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكىم گەپ تولۇق ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ يوقلىغى ئۇچۇنمىدۇ؟
نازارەتچىلەرگە: ئەگەر بۇ مەسىلە مۇنبەردە ئاۋۋال بايان ئەيلەڭەن بولسا، بۇ يەزىلمىنى شۇنىنغا قوشۇپ چاپلىغايسىلەر...