بۇ بەتتىكى تېما:لۇنجىك | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
samani
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 845
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 لۇنجىك

لۇنجىك-ھازىرقى زامان جۇڭگۇ تاجىك خەلىق ئەدىبىيات سەنئىتىنىڭ ئاساسچىسى، ئىلىمىزنىڭ يىڭى دىمۇكىراتىك مەدىنيەت ھەركىتىنىڭ پامىر رايۇنىدىكى تىپىك ۋەكىلى. ئۇ 1913-يىلى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ دەپتەر كەنتىدە پوپىك ئىسىملىك بىر نامرات چارۋۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھازىر ھايات تۇرۇۋاتقان ئۇرۇق تۇققانلىرى، يۇرتداشلىرى ۋە ئۇنىڭ ھەمساھەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 7 يىشىدا دادىسى ئۆلۈپ كىتىپ يىتىم قالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئۈگەي دادىسى ۋە ئانىسى بىلەن بىرلىكتە جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. كىيىنچە ئۇ باي چارۋۇچىلارغا يالىنىپ پادىچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى چەت يايلاقلاردا مال بىقىش بىلەن ئۆتكەن.
ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك، قايغۇلۇق تۇرمۇش ئازابى، تىل-ئاھانەت ياش لۇنجىكنىڭ قەلبىدە تەڭسىز، ناھەق جاھانغا قارشى كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت ۋە ئەمگەكچى خەلىققە بولغان قىزغىن مۇھەببەتنى قوزغىغان.
لۇنجىك كىچىكىدىن تارتىپلا ئەقىللىق، ئۆتكۈر ئىدى. ئۇ ئەمىليەت جەريانىدا مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ماھىر، مەلۇم قاراشقا ئىگە ئىرادىلىك ياش بولۇپ قالغانىدى. ئەڭ قىممەتلىك يىرى شۇكى، ئۇ تاجىك ئەل ئەدىبىياتىغا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان، خەلىق ئارىسىدىكى ناخشىچىلارنى، مۇقامچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، خەلىق ئىغىز ئەدىبىياتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۈگەنگەن. ئىيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ 20 ياشلارغا كىرگەندە، خەلىق ناخشا قوشاقلىرىنى ئاساسەن يادىلاپ بولغانىكەن. خەلىق ئىچىدىكى گۈزەل فولىكلور نەمۇنىلىرى ئۇنىڭغا كۈچ، ئوزۇق ۋە ئىلھام بەرگەن. كىيىنكى چاغلاردا لۇنجىك ئىجادىيەتكە قەدەم تاشلاپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن خەلىق ئاممىسى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، قىزغىن ماختاشلارغا سازاۋەر بولغان. بۈگۈنكى كۈندە لۇنجىك ناخشا-مۇزىكىلىرى خەلىق ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن پەرىق ئەتكۈسىز دەرىجىدە بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇلۇمنى پاشقىلىدىغان، خەلىقنى جاھالەتلىك كونا دۇنياغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدىغان، خەلىق ئاممىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ناخشا قوشاقلىرى بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ « بىۋاپا »، « ئاققۇشۇم »،« نۇرەنجى » ( قىزىل رومال )، « چىڭگەنگۈل » قاتارلىق ناخشىلىرى تاجىك خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى ئوموملاشقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خەلىق ئارىسىدا ئەتىۋارلىق ناخشىلار ھىسابلىنىدۇ.
لۇنجىك 1934-يىلى شېڭ شىسەيگە مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان. كىيىن تاشقۇرغان ساقچى ئىدارىسى لۇنجىك قاتارلىق بىر قانچە تاجىك ئەسكەرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى قىرغىزنى قەشقەرگە يالاپ ئىلىپ بىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. لۇنجىك ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ ئىككى بىگۇناھ قىرغىزنى تاشقۇرغاننىڭ چىچەكلىك داۋىنىغا ئىلىپ بارغاندا مەسلەھەتلىشىپ، گۇناھسىز ئىككى قىرغىز قىرىندىشىنىڭ جىنىغا زامىن بولۇشنى ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ ۋە شەرمەندىلىك دەپ ھىسابلاپ، ئۇلارنى قاچۇرۋىتىدۇ. ئۆزلىرى بولسا، شۇ دائىرىدە بىر مەزگىل يۇشۇرنىۋالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇنىڭدىن بىرى لۇنجىك ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بەزىلەر ئۇلارنى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ تاجىكىستان جۇمھۇريىتىگە قاچقان دېسە، بەزىلەر شېڭ شىسەي قورچاق ئىدارىسى ئۇلارنى تۇتۇپ يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۋەتكەن دەيدۇ. بۇ لارنىڭ قايسىسنىڭ راس، قايسىسنىڭ يالغان ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنىق مەلۇمات يوق. ئىشقىلىپ شۇنىڭدىن بىرى تاجىك خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك شائىرى لۇنجىك ئىزسىز يوقاپ كەتكەن.



مەنبە-http://www.tajikam.cn/bbs

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-25 19:53 |
arkim
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 4052
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 164
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە164دانە
شۆھرىتى: 339 نومۇر
پۇلى: 1580 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
بۇ تاجىكلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ زور يوقۇتۇش بوپتۇ...شىڭ جاللاتنىڭ قانلىق قولىدا كۈرمىڭلىغان بىگۇناھ خەلقىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق...بەزىلەر تېخى مۇشۇ قانخور ئالۋاستىنى ۋەتەنپەرلىك تەختىگە ئېلىپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ...

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 21:48 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » قېرىنداش مىللەتلەر
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !