• «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
بۇ بەتتىكى تېما:"ئۇيغۇر چىڭگىزخان"نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
lopnuri
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 533
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 "ئۇيغۇر چىڭگىزخان"نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى


"ئۇيغۇر چىڭگىزخان"نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ئەسلى ماقالىنىڭ تېمىسى:ئابلىز ھوشۇر-"چىڭگىزخان"نىڭ تەرجىمھالى

ئابلىمىت مەخسۇم
ئىنىم ئابلىز(ئابدۇل ئېزىز)1912-يىلى1-ئايدا بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار يېزا موللا ھوشۇر داموللا ھاجى دېگەن دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1952-يىلى 40يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۈلۈم جازاسى بېرىلگەن.ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئەرەپچە،ئىنگىلىزچە،پارىسچە،تۈرۈك تىلى قاتارلىق 7 تىلنى بىلەتتى ھەم تەرجىماللىق قىلاتتى.
   ئۇ تۇغۇلۇپ 16ياشقىچە(1928-يىلغىچە)ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان ۋە ئۆز ئاتىمىز موللا ھوشۇر ھاجىدا ئوقۇغان.1928-يىلدىن1931-يىلغىچەكۇچا ناھىيىسىدە موسايىپ داموللىدا ئوقۇغان.شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن "ئەندىرىپ"دېگەن نام بېرىلگەن.بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ،مەنىسى"بۇلبۇل"دېگەن بولىدۇ.1932-يىلدىن1934-يىلغىچە3يىل قەشقەر دىنىي خانلىق مەدىرىستە ئوقۇپ داموللا دېگەن ئۈنۋاننى ئالغاندىن كىيىن ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن1936-يىلغىچە ھىندىستانغا بېرىپ ئىككى يىل دىنى دەرس ئوقۇغان.1937-يىلىدىن1942-يىلىغىچە 6يىل ئەرەبىستاندىكى مەككىدە ئوقۇغان.ھەم شۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولغان.1942-يىلىدىن1946-يىلغىچە مىسىردا 4يىل ئوقۇغان ھەم جامىل ئەزھەر ئۈنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەل 35ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر دېگگن ئاتاقلىق مەكتىپىدە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى،پادىشاھلىرى ھەم دىنىي ئۆلىمالارنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار تەرپىدىن چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتەئابدۇلئەزىزنىڭ بەرگەن جاۋابى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قېتىملىق يىغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنى ماختاپ"بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ <چىڭگىزخان>بولسۇن،چۈنكى بۇرۇندا جۇڭگۇدا چىڭگىزخان دېگەن كىشى ئۆتكەن.بۇ قېتىم سەن جۇڭگۇدىن 2-قېتىم چىقتىڭ"دەپ جاكارلىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇلئەزىز دېگەن ئىسىم "چىڭگىزخان"دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
   "چىڭگىزخان"دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى"ئاتاقلىق"،"مەشھۇر"،"ناھايىتى كۈچلۈك"،"تەڭداشسىز"دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.ئۇ مىسىردىن ئەرەبىستانغا بېرىپ مامۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپۇنيەگە بارغان.شۇ مەزگىللەردە جۇڭگۇنىڭ ياپۇنغا قارىشى ئۇرىشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ئىنىم ئابدۇلئەزىزنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشچە ياپۇننىڭ بىر باشلىقى"ھازىر جۇڭگۇ-ياپۇن ئۇرۇشى بولىۋاتىدۇ.بىز جۇڭگۇنى چوقۇم بويسۇندۇرىمىز،سىلەر شىنجاڭدىكى موھىم ئادەملەر،سىلەر بېيجىڭغا بېرىڭلار بىز غەلبە قىلغاندا چىڭگىزخان سەن شىنجاڭنىڭ مەمۇرى باشلىقى،مامۇت سىجاڭنى سەن ھەربىي باشلىق بولىسەن"دېگەن.بۇ ئىككىسى ياپۇنيەدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا كومۇنىستلارنى،ۋەتەبپەرۋەر زاتلارنى،زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ شىنجاڭغا بارماي ئاخىرى نەنجىڭ داشۆسىدە ئوقۇغان.بۇ چاغدا مامۇت سىجاڭ ۋاپات بولغان،نامىزىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ  يەرلىككە قويغان.
   چىڭگىزخان ئاخىرى جۇڭگۇنىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىدا بىر مەزگىل ئىشلەپ1947-يىلى1-ئايدا مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن.15كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىسارغا كېلىپ ئۈچ ئايدەك تۇرغاندىن كىيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجۇڭ،مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى ماشىنا ئەۋەتىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازارىتىدە كوجاڭ،قوشۇمچە سەنمىنجۇيى ياشلار ئىتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.(ئەيسا بەگ رەئىس ئىدى).مۇشۇ ۋاقىت بېتىم بۇزۇلۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى راۋاجلانغان مەزگىل بولۇپ توخسۇن،تۇرپان،پىچان ناھىيىلىرىنىڭ ھاكىملىرى ھاكىملىقنى تاشلاپ غۇلجا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن.بۇ ئۇرۇنلارنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى مۇرەككەپلىشىپ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئۈچ ناھىيىگە جەمىيەت تەرتىپىنى تىنجىتىپ باشقىدىن ھاكىم سايلاش ئۈچۈن ئىنىم چىڭگىزخاننى باشلىق،لى....نى مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ 25دەك كىشىنى 1947-يىلى7-ئاينىڭ15-كۈنى توخسۇن،تۇرپان،پىچان ناھىيىلىرىگە ئەۋەتىپ توخسۇن ناھىيىسىگە مامۇن داموللىنى ھاكىم،تۇرپانغا ئابدۇراخمان موھىتىنىڭ ئورنىغا ئابلىمىت دېگەن چوڭ ئاخۇننى شەنجاڭ،پىچان ناھىيىسىگە لۈكچۈن ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئىسكەندەر غوجىنى ھاكىملىققا بەلگىلەپ تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ مبېرىپ ۋەزىپىنى تاماملاپ8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان.بۇ خىزمەتكە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ بارغان.
ئىنىم ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان بۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.1948-يىلىئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە جخاڭجېشىنى زۇڭتۇڭ سالايدىغان ۋەكىل نامزاتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندە چىڭگىزخاننى بۈگۈردىن ۋەكىل قىلىپ كۆرسەتتى.شۇ يىلى4-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ9-ئايدا قايتىپ كەلدى.جىياڭ جېشىنى زۇڭتۇڭ سايلايدىغان قۇرۇلتايغا بېرىپ قاتناشتى.قايتىپ كەلگەندىن جەنۇبىي شىنىجاڭنىڭ ھەر بىر ناھىيە،ۋىلايەت ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن باردى ھەم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دىنى نازارەتكە باشلىق بولۇپ ھەر بىر ناھىيىنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرىنى بېكىتىش،تەستىقلاش ئىشلىرىنى بېجىردى.
1949-يىلى7-ئايدا تۇغقان يوقلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىساردىكى ئائىلىمىزگە كەلدى.9-ئاينىڭ21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك تەمىنەت نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا،باش كاتىپ ئەيسا بەگ،قۇربان قوداي،ھاجى ياقۇپ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا  يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن  كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇپقا(چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق بەگنى بىرگە كىتەيلى دېسە ئۇنىمىدى.ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە ئېلىپ ماڭدى.ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ،400سەر ياڭچەن،17سەر ئالتۇن ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.چىگىرىغا بارغاندا باشقىلار چىگىردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىنىم ئۆتەلمەي(كىچىكىپ قېلىپ)يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى.قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ  قەشقەر خانلىق مەدىرىستە خەلق ھۆكۈمىتى،قەشقەر،ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ،ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىپ1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ بىر يېرىم يىلدىن كىيىن1952-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

مەنبە:بايىنغۇلىن تارىخى ماتىرىياللىرى4-توپلامدىن ئېلىندى.(1990-يىلى1-ئاي نەشىرى)

بەزكۇر ماقالە لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە باشقا جايلارغا يۆتكىمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

2009-يىلى5-ئاينىڭ26-كۈنى

  ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://lopnuri.blogbus.com/logs/40002505.html

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-27 00:00 |
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 104
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
شۆھرىتى: 855 نومۇر
پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
گومىنداڭنىڭ قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلگەن جاي توغرىلىق خاتا ئەستە قالغاندەك قىلىدۇ.
گومىنداڭنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلتىيى 1948-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە نەنجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ قېتىمقى سايلامدا لى زۇڭرېن جياڭ جيېشىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 07:42 |
qutluq
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 7408
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 72
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە72دانە
شۆھرىتى: 347 نومۇر
پۇلى: 495 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەمتىلى ئەپەندى،دېگەن كىتابتا يالقۇن روزى بەرگەن تەرجىمھال مۇنىڭدىن كۆپرەك. ئالىمنىڭ <<تۈركىستان قەلب ئاسىيا>> ناملىق ئەرەبچە تارىخ كىتابى بارمىش.
[ بۇ يازماqutluqتەرپىدىن2009-05-27 20:03دە قايتا تەھ ]

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 19:47 |
qismet
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9165
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 11
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرىتى: 165 نومۇر
پۇلى: 85 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
... 9-ئاينىڭ21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك تەمىنەت نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا،باش كاتىپ ئەيسا بەگ،قۇربان قوداي،ھاجى ياقۇپ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇپقا(چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق بەگنى بىرگە كىتەيلى دېسە ئۇنىمىدى.ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە ئېلىپ ماڭدى.ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ،400سەر ياڭچەن،17سەر ئالتۇن ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.چىگىرىغا بارغاندا باشقىلار چىگىردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىنىم ئۆتەلمەي(كىچىكىپ قېلىپ)يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى.قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ قەشقەر خانلىق مەدىرىستە خەلق ھۆكۈمىتى،قەشقەر،ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ،ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىپ1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ بىر يېرىم يىلدىن كىيىن1952-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ...

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ؟ بۇ .. بۇ .. نېمە گەپ ئەمدى ؟

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 20:21 |
qutluq
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 7408
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 72
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە72دانە
شۆھرىتى: 347 نومۇر
پۇلى: 495 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاشۇنداق گەپقۇ؟ نېمە دېمەكچىسىز؟

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 20:59 |
Geniral
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 2868
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 35
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرىتى: 88 نومۇر
پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
نەقىل
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىqismetنىڭ2009-05-27 20:21دە يوللىغان يازمىسى  :
... 9-ئاينىڭ21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك تەمىنەت نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا،باش كاتىپ ئەيسا بەگ،قۇربان قوداي،ھاجى ياقۇپ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇپقا(چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق بەگنى بىرگە كىتەيلى دېسە ئۇنىمىدى.ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە ئېلىپ ماڭدى.ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ،400سەر ياڭچەن،17سەر ئالتۇن ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.چىگىرىغا بارغاندا باشقىلار چىگىردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىنىم ئۆتەلمەي(كىچىكىپ قېلىپ)يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى.قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ قەشقەر خانلىق مەدىرىستە خەلق ھۆكۈمىتى،قەشقەر،ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ،ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىپ1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ بىر يېرىم يىلدىن كىيىن1952-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ...

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ؟ بۇ .. بۇ .. نېمە گەپ ئەمدى ؟

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شۇ دەۋرلەردە دەل <<ئۈچ ئەپەندىچىلەر>>نىڭ بىرى ئىدى.<<ئۈچ ئەپەندى>>نىڭ يېنىدا ئۇلارغا ئەگىشىپ بىرگە خىزمەتلەرنى قىلغان. 1949-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ،ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىقلار چەتئەلگە ماڭغاندا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ بىرگە ماڭغان، لىكىن چېگرىغا بارغاندا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قايتىپ كەلگەن.1980-يىللىرى بولسا ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ ۋاقىتتىكى <<ئۈچ ئەپەندى>>لەرنى ئۇچۇق-ئاشكارا ۋەتەن پارچىلىغۇچى ،بۆلگۈنچى دەپ باھا بەرگەن. مەرھۇملارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 21:53 |
darwix1
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9181
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 3
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 25 نومۇر
پۇلى: 15 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ  زاتى مۇبارەكنىڭ   پەرزەنتلىرى  بارمىدۇ بولسا  ھاياتمىدۇ؟نىمە سەۋەپتىن  كىچىكىپ  قېلىىپ  چىگرادىن ئۇتەلمىگەندۇ؟ئۇتەلىگەن بولسا  ھايات قالگان بۇلاتتى.بۇ قاتاردا مەن  بىلىدىغان زاتلارنىڭ  خېۋىر تۇمۇر  ،ئ ۆتكۇر  ئەپەندىم  بار  ئىدى.قۇربان  قۇدايمۇ  بىرگە  ئىكەن.مەن  ئۇقۇغان تارىخى ماتىرياللاردا  تەپسىلى  ئەمەسكەن.  بىلىدىغانلارنىڭ  تەلىم  بىرىشىنى  تۆۋەنچىلىك  سورايمەن.بولسا  غوجانىياز ھاجىمنىڭ  ئەۋلاتلىرىنى  دەپ  بەرگەن   بولساڭلار؟  بۇ مىنىڭ  تۇنجى ئنكاسىم  ئدى،خەتنى  يامان   تەستە   يازدىم،خەت  ئۇرۇشنى ئۆگۇنىۋاتىمەن   

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 22:39 |
yakupjan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 6924
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 41
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 138 نومۇر
پۇلى: 335 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەقىل
بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىdarwix1نىڭ2009-05-27 22:39دە يوللىغان يازمىسى  :
بۇ  زاتى مۇبارەكنىڭ   پەرزەنتلىرى  بارمىدۇ بولسا  ھاياتمىدۇ؟   

بۇ كىشى دەل بىزنىڭ يەرلىك، كىشىلەر ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىدى، ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىدۇ
پەرزەنتلىرى بارلىقىنى تازا بىلمەيدىكەنمەن، لېكىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار
باشقىلاردىن ئاڭلىسام، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندا ئاۋال "ئېتىڭلار" دېگەن بۇيرۇق، ئېتىلىپ بولغاندىن كېيىن " ئاتماڭلار، گۇناھسىز كىشىكەن" دېگەن بۇيرۇق كەپتىكەنمىش، خەقنىڭ ئاغزىنى بېسىش ئۈچۈن

چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 11:36 |
arkim
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 4052
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 164
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە164دانە
شۆھرىتى: 339 نومۇر
پۇلى: 1580 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نۇرغۇنلىغان ئىسىل كىشىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋەتتى...بىلىملىك كىشىلەر يوقالسا...پادىدەك سەركىسىز قالغان خەلق نەگىمۇ بارالايدۇ...

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 14:43 |
karahan0998
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 1327
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 27
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
شۆھرىتى: 152 نومۇر
پۇلى: 185 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇم مەھمۇد مۇھىتىنى مۇشۇ كىشى يەرلىكىگە قويغان ئىكەن ،
<< يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخدا ئۆتكەن مەشھۇر  شەخسىلەر>> ناملىق كىتاپتنىڭ 2-قىسمىدا  بۇ كىشىنىڭ سۈرتىمۇ بار .

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 15:14 |
sayahatqi1
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 4646
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 17
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 165 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چىڭگىزخان داموللىنىڭ رەسىمى كومپىيۇتىرىمدا بار ئىدى يوللىيالمىدىم ئەپسۇس

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 19:11 |
قۇم
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9521
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 2
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇ مۇبارەك زاتنىڭ يىراق بۇلسىمۇ تۇققانلىرىدىن بىرى  بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن ،ئىككى ئىغىز گەپ قىلىشنى لايىق كۆردۇم .چىڭگىزخان دامۇللام يەنى ئابلىز ھۇشۇر بۇگۇر يىڭساردا ئۆيلەنگەن،ئايالى ھازىرمۇ ھايات ،يەنى بۇگۇر يىڭسارنىڭ قۇدۇق كەنىتىدە،چىڭگىزخان دامۇللام چەتكە چىقىپ كەتمەكچى بۇلغان ۋاقىتتا ئامالسىزلىقتىن ئاجىرىشىپ كەتكەن،ئۇ ئايال كىيىن تۇي قىلىپ بىر نەچچە بالىلىرى بار .ئاڭلاشلارغا قارىغان ۋاقىتتا دامۇللام سەئودى ئەرەبىستاندا بىلىم ئىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆيلەنگەن ،بىر بالىلىق بۇپتىكەن ،ئۇ بالىسى يىقىندا شىنجاڭغا كەلگەنمىش ،ئەمما ئويغۇچىنى بىلمەيدىكەن ،چىڭگىزخان دامۇللامنىڭ قىرىنداشلىرىدىن ھازىر ئۆرۇمچىدە ئوكىسى ئاي مەخسۇم ھايات .يىڭساردىمۇ كۆپلىگەن تۇققانلىرى بار بۇگۇر يىڭسار خەلىقى دامۇللامدىن بەك پەخىرلىنىدۇ ،ھازىرمۇ شۇ كىشىنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىدۇ .ئەمدى ئابدۇرىھىم ئۆتكۆرگە كەلسەك ئۇ پەخىىرلىك ئالىمىز ئۇز ۋاقتىدا ئۇچ ئەپەندى بىلەن پىكىرداش ،مەسلەكدەش ئىكەندۇق ،كىيىن ئامالسىزلىقتىن ئىدىيە ئۇزگەرىتكەن

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-30 15:05 |
Geniral
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 2868
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 35
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرىتى: 88 نومۇر
پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەقىل
بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىقۇمنىڭ2009-05-30 15:05دە يوللىغان يازمىسى  :
مەن بۇ مۇبارەك زاتنىڭ يىراق بۇلسىمۇ تۇققانلىرىدىن بىرى  بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن ،ئىككى ئىغىز گەپ قىلىشنى لايىق كۆردۇم .چىڭگىزخان دامۇللام يەنى ئابلىز ھۇشۇر بۇگۇر يىڭساردا ئۆيلەنگەن،ئايالى ھازىرمۇ ھايات ،يەنى بۇگۇر يىڭسارنىڭ قۇدۇق كەنىتىدە،چىڭگىزخان دامۇللام چەتكە چىقىپ كەتمەكچى بۇلغان ۋاقىتتا ئامالسىزلىقتىن ئاجىرىشىپ كەتكەن،ئۇ ئايال كىيىن تۇي قىلىپ بىر نەچچە بالىلىرى بار .ئاڭلاشلارغا قارىغان ۋاقىتتا دامۇللام سەئودى ئەرەبىستاندا بىلىم ئىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆيلەنگەن ،بىر بالىلىق بۇپتىكەن ،ئۇ بالىسى يىقىندا شىنجاڭغا كەلگەنمىش ،ئەمما ئويغۇچىنى بىلمەيدىكەن ،چىڭگىزخان دامۇللامنىڭ قىرىنداشلىرىدىن ھازىر ئۆرۇمچىدە ئوكىسى ئاي مەخسۇم ھايات .يىڭساردىمۇ كۆپلىگەن تۇققانلىرى بار بۇگۇر يىڭسار خەلىقى دامۇللامدىن بەك پەخىرلىنىدۇ ،ھازىرمۇ شۇ كىشىنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىدۇ .ئەمدى ئابدۇرىھىم ئۆتكۆرگە كەلسەك ئۇ پەخىىرلىك ئالىمىز ئۇز ۋاقتىدا ئۇچ ئەپەندى بىلەن پىكىرداش ،مەسلەكدەش ئىكەندۇق ،كىيىن ئامالسىزلىقتىن ئىدىيە ئۇزگەرىتكەن

شۇنداق ئەمدى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ ئىدىيە ئۆزگەرتىپ <<ئۈچ ئەپەندىلەر>>دىن مۇناسىۋىتىنى تۈ پتىن ئۈزمىگەن بولسا بەلكىم شۇ مەشھۇر ئالىمىمىز تۇرغۇن ئالماسلارنىڭ كۈنىگە قالغان بولار ئىدى. لىكىن يەنىلا ياشاپ كېتىۋېرەتتى،تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىمۇ ياشاپ كەتتىغۇ، شۇ ئۆزىنىڭ بىباھا ئەسەرلىرىنى بىزگە قالدۇرۇپ ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى، لىكىن بىباھا ئەسەرلىرى يەنىلا قەلب تۆرىمىزدە ساقلاغلىق.مەرھۇملارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-30 20:04 |
قۇم
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9521
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 2
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇ مۇبارەك زاتنىڭ يىراق بۇلسىمۇ تۇققانلىرىدىن بىرى  بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن ،ئىككى ئىغىز گەپ قىلىشنى لايىق كۆردۇم .چىڭگىزخان دامۇللام يەنى ئابلىز ھۇشۇر بۇگۇر يىڭساردا ئۆيلەنگەن،ئايالى ھازىرمۇ ھايات ،يەنى بۇگۇر يىڭسارنىڭ قۇدۇق كەنىتىدە،چىڭگىزخان دامۇللام چەتكە چىقىپ كەتمەكچى بۇلغان ۋاقىتتا ئامالسىزلىقتىن ئاجىرىشىپ كەتكەن،ئۇ ئايال كىيىن تۇي قىلىپ بىر نەچچە بالىلىرى بار .ئاڭلاشلارغا قارىغان ۋاقىتتا دامۇللام سەئودى ئەرەبىستاندا بىلىم ئىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆيلەنگەن ،بىر بالىلىق بۇپتىكەن ،ئۇ بالىسى يىقىندا شىنجاڭغا كەلگەنمىش ،ئەمما ئويغۇچىنى بىلمەيدىكەن ،چىڭگىزخان دامۇللامنىڭ قىرىنداشلىرىدىن ھازىر ئۆرۇمچىدە ئوكىسى ئاي مەخسۇم ھايات .يىڭساردىمۇ كۆپلىگەن تۇققانلىرى بار بۇگۇر يىڭسار خەلىقى دامۇللامدىن بەك پەخىرلىنىدۇ ،ھازىرمۇ شۇ كىشىنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىدۇ .ئەمدى ئابدۇرىھىم ئۆتكۆرگە كەلسەك ئۇ پەخىىرلىك ئالىمىز ئۇز ۋاقتىدا ئۇچ ئەپەندى بىلەن پىكىرداش ،مەسلەكدەش ئىكەندۇق ،كىيىن ئامالسىزلىقتىن ئىدىيە ئۇزگەرىتكەن.مەسئۇت سەبىرى،مۇھەممەتئىمىن بۇغرا،ئەيسا ئالىپتىكىنلەر  قاتارىدا يەنە شۇھرەتلىك يازغۇچى تىلشۇناسلىرىمىزدىن تۇمۇر سىجاڭنىڭ ئوغلى خىۋىر تۇمۇر ،ئىبراھىم مۇتىئى قاتارلىقلار باركەنتۇق ،   چىڭگىزخان دامۇللام شۇ مەزگىللەردىكى يىتۇك ،ئىنتايىن بىلىملىك ئالىملىرىمىزدىن بىرى ئىكەنتۇق ،

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-02 17:12 |
iwirgul
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 4480
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 86
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە86دانە
شۆھرىتى: 463 نومۇر
پۇلى: 910 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

[/img]

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-02 22:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئورخۇن مۇنبىرى » شانلىق دەۋر
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !