بۇ بەتتىكى تېما:سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل دىئالېكتلىرى تەتقىقاتى توغرىسىدا | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 122
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە122دانە
شۆھرىتى: 1010 نومۇر
پۇلى: 780 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل دىئالېكتلىرى تەتقىقاتى توغرىسىدا

سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل دىئالېكتلىرى تەتقىقاتى توغرىسىدا


غوجائەخمەت سەئىدىۋەققاسوف


رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئايتىللا ئابدۇرېھىم


[غوجائەخمەت سەئىدىۋەققاسوف (1929.6.15 ـــــ 1991.11.15 )قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى، مەشھۇر پېداگوگ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى قارارلىق مۇدىرى، ئالىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېزىلغان «ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى» ناملىق بىر يۈرۈش كىتاب 1983-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا، 1988-يىلى خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلىنغان.
بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ 2000-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «غوجائەخمەت سەئىدىۋەققاسوف تاللانما ئەسەرلىرى» توپلىمىدىن ئېلىنغان بولۇپ، رۇس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.]


ھەممىگە مەلۇمكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ تەتقىقاتى 19-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدىن كېيىن باشلانغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ۋە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت پاكىت خاراكتېرلىك ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساقلانماقتا. دۆلەت ئىچى (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ. ــــ مۇھەررىردىن) ۋە چەت ئەل ئۇيغۇرشۇناسلىقىغا مەنسۇپ بولغان تىل ۋە فولكلور خاتىرىلىرى شۇنىڭ بىلەن قىممەتلىككى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا شەكىللەنگەن، شۇنداقلا ئۇلاردا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر خىل دىئالېكت ۋە يەرلىك شېۋىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇجەسسەملەنگەن. بىز بۇ خاتىرىلەردىن زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تۈركىي تىللىرى ئورتاق سىستېمىسىدىكى ئورنىنى بەلگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىكى شۇ تەركىبلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئايرىم دىئالېكت ۋە يەرلىك شېۋىلەرنىمۇ ئايرىپ چىقالايمىز.
تۈركولوگىيە ئالىملىرى ئۆز دىققىتىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان. بۇ ساھەدە ئۇلار مىسلىسىز كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئەمما بۇنى سوۋېت ( سابىق سوۋېىت ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق.ــــ مۇھەررىردىن) ئۇيغۇرلىرىنىڭ جانلىق تىل تەتقىقاتى دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ جايدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تېخى تەتقىق قىلىنغىنى يوق. بۇ ساھەدە مەخسۇس تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەردىن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ل. ئا. ئاگاننىڭ دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيىسى بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئىشلەتكەن تىل ماتېرىياللىرىنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى چىلەك رايونىدا يىغقان.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جانلىق تىلىنى تەتقىق قىلىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىل نورمىسىنى ئېنىقلاش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئىلمىي پاكىتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر قاتار ئىجتىمائىي تارىخىي سەۋەبلەر ۋە ئەتراپتىكى ھەر خىل تىللار (ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، رۇس ۋە باشقا تىللار)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سوۋېت ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى تەتقىقاتى نۆۋەتتە ناھايىتى مۇھىم ئىشقا ئايلانماقتا. مۇتەخەسسىسلەر ئالدىدا سوۋېت خەلق تىللىرىنىڭ بىر –بىرىگە بولغان تەسىرى ۋە بىر – بىرىنى بېيىتىش قانۇنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋەزىپىسى تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئومۇمىي خەلق تىلىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، سوۋېت ئۇيغۇرلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن فەرغانە ۋادىسىغا، ئىلى چېگرىسىدىن يەتتىسۇ رايونلىرىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن قانداق ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ تىلىدا شۇنچە كۆپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل دىئالېكتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇنداق بىر پاكىتنى قوبۇل قىلماي بولمايدۇ: ئۇ بولسىمۇ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىدىن چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئاساسلىقى ئىككى خىل شېۋىدە سۆزلەيدىغانلاردۇر، يەنى ئىلى شېۋىسى ۋە قەشقەر شېۋىسى ئوخشاش ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىر بۇ شېۋىلەر ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. شۇڭلاشقا، شىنجاڭدىن تېپىلغان تىلشۇناسلىق خاتىرىلىرىگە ئاساسلىنىپلا سوۋېت ئۇيغۇر تىلىنى بېكىتىش مۇۋاپىق ئەمەس.
شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ (بولۇپمۇ فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ) كۆپ قىسمى ئاھالىسىنىڭ ئازلىقىدىن  (94 مىڭ، 1959 – يىل)، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، قازاقىستاندىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن تىل ئالاقىسىنى يوقىتىپ قويغان. ھازىر سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان، ئۇنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە شۇنداقلا پەقەت ياشانغان ئۇيغۇرلارنىڭلا تىلىدىن ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئاشۇ يەرلىك دىئالېكتلارمۇ ئورتاقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتىنى ۋە يەرلىك تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى 1961 – يىلى سوۋېت ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى تۇنجى قەدىمىنى تاشلىدى. بۇ بۆلۈم ئالدى بىلەن بىر – ئىككى ئادەمنى قىسقا مۇددەتلىك كاماندىروپكىغا ئەۋەتتى. ئاۋۋال فەرغانە ۋادىسىغا (1961-، 1962- يىلى)، ئاندىن تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار رايونىغا (1963- يىلى) ئەۋەتتى. 1964-يىلى بىر تۈركۈم ئېكسپېدىتسىيىچىلەر ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونى، فانفىلوف رايونى، چىلەك رايونلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 1965- يىلى فىلولوگىيە گۇرۇپپىسى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ۋە فولكلورغا ئائىت ماتېرىياللىرىنى توپلىدى.
شۇنى تىلغا ئېلىش كېرەككى، بۇ ئىزدىنىشلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى پەقەتلا دەسلەپكى تەكشۈرۈش تۈسىنى ئالغان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ياشايدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئەمما ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ قايسى رايون، قايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقانلىقى بىزگە نامەلۇم. شۇڭا، ئالدى بىلەن تەتقىقات لايىھىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش كېرەكلىكىنى توغرا تاپتىم.
1961- يىلى ئۆكتەبىردە، تەكشۈرۈش – تەتقىقات خىزمىتى تۇنجى بولۇپ فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تەكشۈرۈش تۇنجى بولۇپ، ئەنجان شەھىرىدە باشلاندى. بىز ئۇيغۇر قىشلاقلىرىغا باردۇق. يەنى ئەسكىلىك (ئەنجان شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى)، ئەنجان رايونىدىكى لېنىن كولخوزى (بۇتىقارا مەھەللىسى)، لېنىن شەھىرى، لېنىن رايونىدىكى ئاقتاج يېزىسى، موسكۋا رايونىدىكى شەرىخان يېزىسى، ئىز باسقان رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىسىغا باردۇق. نەتىجىدە بىز نۇرغۇن ھېكايىلەرنى، لىرىك قوشاقلارنى، رىۋايەتلەرنى، شۇنداقلا ئايرىم سۆزلەر ۋە گرامماتىكىلىق شەكىللەرنى خاتىرىلىدۇق. 1962- يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ ئىلمىي ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن ت. تالىپوف، ئى. سىمىيانوف ۋە مەن فەرغانە ۋادىسىدىكى ئاھالىلەر پونكىتىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ شەھەرلەردىن: ئوش، ئۆزكەنت، جالالئاباد، ئەنجان، لېنىن قاتارلىقلار بار. ئۇلارغا قاراشلىق يېزىلاردىن: قەشقەر قىشلاق (ئوش شەھىرىدىن يىراق ئەمەس)، ئۇيغۇر يېزا سوۋېتى، شەرىخان يېزىسى قاتارلىقلار بار. بۇ يەردە تەلىيىمىزگە يارىشا نۇرغۇن تىلشۇناسلىق ۋە فولكلور ماتېرىياللىرىنى خاتىرىلەپلا قالماي، يەنە 1961- يىلى خاتىرىلەنگەن بىر قىسىم تىل پاكىتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە بولالىدۇق.
بىز گەرچە فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ھەم  قويۇق ئولتۇراقلاشقان ھەممىلا شەھەر – قىشلاقلارغا بارالمىغان بولساقمۇ،ئەمما بۇ ئىككى قېتىملىق سەپەر ئارقىلىق يىغىلغان تىل ماتېرىياللىرى بىزگە فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا بەزى خۇلاسىلەرنى چىقىرىش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرۇپ بەردى. خۇلاسە شۇ بولدىكى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئۆزبېك تىلىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا ئاساسەن ئۆزبېكچىلىشىپ كەتكەن.
فەرغانە ئۇيغۇرلىرى ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆزبېك ئېغىز ئەدەبىي تىلىنى قوللىنىدۇ. ئۆزبېك تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تىلى ئوخشىمىغان تۈسلەرنى ئالغان. ئەنجان رايونىدىكى (بۇتىقارا مەھەللىسى) لېنىن كولخوزىدا 400 دەك ئۇيغۇر زىچ ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەردە باشقا مىللەت خەلقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسەن يوق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تىلى بۇ يەردىكى ئۆزبېكلەرنىڭ تىلىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىكەن.
بىز ئىزباسقان رايونىنىڭ ئۇيغۇر يېزا سوۋېتىدە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئەھۋالنى بايقىدۇق.يەنى، بۇ يەردىكى ياشانغانلارمۇ، ياشلارمۇ ئۆزىنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قالغان. ھەتتا مەكتەپ يېشىدىكى كىچىك بالىلارمۇ «كىم»نىڭ ئورنىغا «چىم» دەيدىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە دەل قەشقەر شېۋىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مۇشۇنداق ساپ ھالەتتە ساقلاپ قالالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ زور كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە ئۆزئارا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىكەن. 40-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، بۇ يەردە يەتتە يىللىق ئۇيغۇرچە مەكتەپ بار ئىكەن. بالىلار بۇ يەردە ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. مانا بۇلار بۇ يەردە ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېغىز تىلىنىڭ ساپ ھالەتتە ساقلىنىپ كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
ھازىرقى فەرغانە ئۇيغۇرلىرى، ئۇيغۇرلار ئاساسىي توپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، (100يىلدىن ئارتۇق) ئۆزبېكلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا توپ-توپ بولۇپ ياشىغان. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېقىنلىقى ۋە ئېتىقادتىكى ئورتاقلىق فەرغانە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى بىر قاتار خاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
1963-يىلى نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىرىدا، بىز قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ بۇرۇنقى ئاسپىرانتى باراتوف.ش بىلەن تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلار ئاساسلىقى بايرامئالى شەھىرى، مارى شەھىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق مەھەللىلەردىن تۈركمەنقەلئە، قەشقەر مەھەللە، ئاقتامدا ئولتۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ سانى مىڭچە كېلىدىكەن.
تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا،ئەينى چاغدا شىنجاڭدىن چىقىپ روسىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار يەتتەسۇ ۋە فەرغانە ۋادىلىرىدىلا ئولتۇراقلىشىپ قالماستىن، يەنە زاكاسپىي ئوبلاستىغىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى بولغان 1308 ئادەم 1890-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىن زاكاسپىي ئوبلاستىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىكەن.
ھازىرقى تۈركمەنىستاندا ياشاۋاتقان يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئايرىلىپ، تۈركمەن، ئۆزبېك، قازاق، رۇس، فارىس قاتارلىق تىللارنىڭ تىل مۇھىتى ئىچىدە ياشىغان. بۇ تىللارنىڭ تەسىرىنى ئۇلارنىڭ تىلىدىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا بار بولغان ئالاھىدىلىك ئاساسەن لېكسىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ، بۇ تۈركمەن تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللەنگەن. شۇنداقلا ئەدەبىي تىلدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئايرىم سۆز ۋە فورمىلادا ساقلىنىپ كەلمەتكە. يەرلىك تىل تەسىرىنى ئاساسەن تۈركمەنىستان مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىلىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ياشانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى نىسبەتەن ساپ بولۇپ، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بىز ساپ گرامماتىكىلىق ماتېرىياللارنىلا خاتىرىلەپ قالماستىن، يەنە كۆپ مىقداردىكى ناخشا، ماقال – تەمسىل، ئىدىئوم، تېپىشماق، ئەپسانىلەر، ياشانغانلار سۆزلەپ بەرگەن كۆچۈش جەريانىدىكى ئەسلىمىلەر، گۈل ۋە ئۆسۈملۈك ناملىرى، تاۋۇزچىلىق مەدەنىيىتى، مېۋە – چېۋە، ئالاھىدە ئىسىملار قاتارلىقلارنى خاتىرىلىدۇق.
نەتىجىسى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە مول بولغان سىستېمىلىق تەكشۈرۈش 1964- يىلى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تەكشۈرۈش ئەترىتى 11 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆتى تىلشۇناس ئىدى. 40 كۈن ئىچىدە بىز ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ فانفىلوف، چىلەك رايونلىرىنىڭ تەخمىنەن ئوتتۇزدەك ئاھالىلەر پونكىتىنى زىيارەت قىلدۇق. دەل مۇشۇ رايونلاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى ئاساسەن يەتتىسۇ شېۋىسىگە ئوخشاپ قالىدىكەن. بىز ناھايىتى كۆپ تىلشۇناسلىق ماتېرىياللىرىنى خاتىرىلىدۇق. بۇ ماتېرىيالللاردا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق تىل ئالاھىدىلىكلىرى ئەكس ئەتكەنىدى.
سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدىكى يەتتىسۇ شېۋىسى ئۆزىنىڭ ساپ يەرلىك ئالاھىدىلىكى (بولۇپمۇ لېكسىكا جەھەتتىن) بىلەنلا خاراكتېرلىنىپ قالماستىن، يەنە ئالدى بىلەن ئۇنىڭدا ئورتاق خەلق تىلىغا خاس ھەر خىل شېۋىلەرنىڭ ئېلېمېنتلىرى ساقلانغان. بۇنى تارىخىي سەۋەبلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. 18 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن (ئاقسۇ، تۇرپان، قەشقەر، ياركەنت‹يەكەن›، خوتەن، قۇمۇل، كۇچا، بۈگۈر، كورلا ۋە باشقا) ئىلى ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مۇئەييەنكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇرغۇن دىئالېكت ۋە شېۋىلەرنىڭ ئېلېمېنتلىرى ئەينەن ئەكس ئەتكەن ئارىلاشما تىلدۇر. ئەمما 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، يەنى 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ ئۆتكۈنچى تىل ھەر خىل دىئالېكت ئېلېمېنتلىرىنىڭ تەسىىرى ۋە ئارىلىشىشى ئارقىسىدا، ئاستا-ئاستا ئۆزىنى شەكىللەندۈرگەن ئاشۇ بارلىق شېۋىلەردىن سۈپەت جەھەتتە پەرقىلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھالەتكە كەلگەن. ئەمدى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىغا كەلسەك، ئۇلار 1881ــــ،1883- يىللىرى روسىيە تەۋەلىكىگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، يېڭى بىر تىل مۇھىتى ئاستىدا (قازاق، رۇس، قىرغىز، تۈركمەن ۋە باشقا ) غۇلجا (ئىلى) ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدىن روشەن پەرقلىق بولۇپ قالغان.
يەتتىسۇ شېۋىسى ئۆزىنىڭ فونېتىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىدىلا ئەمەس، بەلكى لېكسىكىلىق قۇرۇلمىسى جەھەتتە بەكرەك نامايەندىلىنىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان بولساق، يەتتىسۇ شېۋىسىدىكى يەرلىك سۆزلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇلاردىكى ئۆسۈملۈك سىستېمىسى، ھايۋانات توپى، تاشقى قىياپەت ئالاھىدىلىكى، ئىش تۈرى قاتارلىقلاردىكى ئۆزگىچىلىكلەر بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇيغۇر رايونلىرىنىڭ تاغلىق مەھەللىرىدە كىشىلەر ئەپيۈن خام ماتېرىياللىرىنى يىغىش ئۈچۈن ئەپيۈن ئۆسۈملۈكىنى تېرىيدۇ. مەزكۇر تېرىقچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى پەقەت ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرلا بىلىدۇ.
مەسىلەن:
خوزا ــــــ ئەپيۈن يىغىدىغان كۇرۇشكا
غاجان ــــــ ئەپيۈن (كۆكنار)
سۇجاڭ ــــــ تېخى سۈيى قۇرىمىغان، پىشمىغان ئەپيۈن گۈلى
ئەمما، چىلەك ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تاماكىچىلىققا دائىر سۆز –ئاتالغۇلار فانفىلوف رايونى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىدا پەقەتلا يوق. چۈنكى، بۇ رايونلاردا تاماكا سانائەت مەقسىتىدە تېرىلمايدۇ. مەسىلەن:
پوپۇشلىماق ـــــ قۇرىغان تاماكا يوپۇرمىقىنى بېسىپ چىڭدىماق.
توقۇناق ـــــ تاماكا يوپۇرمىقىنىڭ باغلىمى
ئىشنۇر ــــــ يىپقا باغلانغان تاماكا يوپۇرمىقى
چوڭ ئاقسۇ ئۇيغۇرلار رايونىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ تىلىدىن شۇنداق بىر تۈركۈم سۆزلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇكى، بۇ سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى چەكلىمىلىك. مەسىلەن:
ئېڭىزمان ـــــ كۆتەك
جىس ـــــ ئادەم ئۆتەلمەيدىغان قويۇق ئورمان
ئىنەكقىسىر ـــــ باش باھاردىكى ياۋا گۈل (سېرىق رەڭدە)
خولتا ـــــ كۆتەك، ئەخمەق
خورخەمەك ـــــ بىر خىل تىكەنلىك ئۆسۈملۈك
چۈشكۈن ــــــ تاغلار ئارىسىدىكى تار جىلغا
مويما ــــــ ئۇزۇن تاياققا باغلىغان قۇشلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىدىغان قاپقان
يۇقىرىقىلاردىن مەيلى نەقىل كەلتۈرۈلگەنلىرى بولسۇن ياكى ئوخشاش مەنىدىكى سۆزلەر بولسۇن، ئۇلاردىن ئەدەبىي تىلدا تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدىغانلارنى تاپقىلى بولمايدۇ. ھەتتا قوشنا رايونلاردىكى (فانفىلوف، چىلەك رايونلىرىدىكى) ئۇيغۇرلارمۇ بۇ سۆزلەرنى بىلمەيدۇ.
يەتتەسۇ شېۋىسىنىڭ ئورتاق لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھازىرقى سۆزلۈكىدە نۇرغۇن باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن،  

رۇسچىدىن كىرگەن سۆزلەر:
ئاخران ــــــ قوغدىغۇچى
ئەپساڭكا ــــــ ئايال مۇلازىم
كەپراتۇپ ــــــ كوپىراتىپ
سەپسىم ــــــ پۈتۈنلەي
پىرەشكە ـــــــ سامسا، سامبۇسا

خەنزۇچىدىن كىرگەن سۆزلەر:
بەلدىڭ ــــ بەندىڭ، ئورۇندۇق
كويزا ـــــ چوكا
پاڭشىڭ ـــــ ئەركىن، خاتىرجەم
لازا ـــــ قىزىلمۇچ
چەيزە ـــــ پىدىگەن
ياڭيۇ ـــــ ياڭيۇ

قازاقچىدىن كىرگەن سۆزلەر:
قارىپايىم ــــ ئاددىي، ئادەتتىكىدەك
ئەسرىسە ـــــ ئالاھىدە، بولۇپمۇ
تېكقىنا ــــ پەقەت
ژاپما ـــــ كەپە
بىيە ــــ بايتال
قىرىقتىق ـــــ قوي يۇڭىنى قىرقىيدىغان قايچا

موڭغۇلچىدىن كىرگەن سۆزلەر:
شىللە ــــ تاغ چوققىسى
سۇدال ـــــ ئۇزۇن كېسىك، تىلىم
خولتا ـــــ كۆتەك، ئەخمەق
يېزىلارنىڭ نامىنى سېلىشتۇرساق: ئاچىكەقا، داردامتۇ، چارىن،چۇنژا، دوۋۇن، گومپا
ئەمدى فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ سۆزلۈكىدىن خەنزۇ تىلىنىڭ ھېچقانداق ئېلېمېنتىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى قىرغىزىستان تېررىتورىيىسىدە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى ھازىرغىچە تەتقىق قىلىنغىنى يوق. ن.ئا.باسكاكوف 1928-يىلى يىغقان پىرژىۋالىسكىي ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىغا ئائىت ماتېرىياللار تېخى ئېلان قىلىنمىدى. 1965-يىلىدىكى سىستېمىلىق تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق پەقەت دەسلەپكى خۇلاسىلا چىقىرىشقا بولىدۇ.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار پىرژىۋاللىسكىي تاغلىرىدا، فرونزى (ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا، ئىردىك يېزىلىرىدا، تېپلاكىلىيۇچىنكا (ئورۇس ئاقسۇسى) قاتارلىق جايلاردا زىچ ۋە قويۇق ھالدا ئولتۇراقلاشقان. ئوش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن چىققانلارنىڭ تىلىدۇر. دىئالېكتلىق ئالاھىدىلىكى فەرغانە شېۋىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرى ياشايدىغان رايونلاردا، شۇنداقلا توقماق، نارىن شەھەرلىرىدە، قارابالتى، سوقلوق، بىلاۋودىك (بۇرۇنقى ئاقسۇ) يېزىلىرىدا قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇلار يەتتەسۇ رايونىدىكىلەردىن ئاز بولسىمۇ، يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى يەتتەسۇ ۋە فەرغانە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر.
پىرژىۋالىسكىي رايونىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى قازاقىستان، ئالمۇتا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇلار ئوخشىمىغان دەۋرلەردە، ئاساسەن ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، توپ-توپ بولۇپ ئىسسىق كۆل ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن. پىرژىۋالىسكىي رايونىنىڭ ئىردىك ۋە ئورۇس ئاقسۇسى يېزىسىدا ياشاۋاتقان زور بىر قىسىم ئاھالە ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ـــ بۇرۇنقى ئاقسۇ يېزىسىدىن چىققانلاردۇر.
كۈندىلىك ئالاقە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى ئايرىلىش ۋاقتىنىڭ ئانچە ئۇزۇن بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرى تىلىغا ئوخشايدىغانلىقىغا سەۋەب بولالايدۇ. قىرغىز ۋە ئۆزبېك تىللىرىدىن بىر قىسىم سۆزلەرنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ لېكسىكىسىدىمۇ بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر شەكىللەنگەن. مەسىلەن:
يالپىراق ـــــ يوپۇرماق ئورنىدا
ئۇۋ ــــــ ئوغا ئورنىدا
ژۇغۇلۇش ـــــ يىغىلىش ئورنىدا
دۈرغىلەڭ ـــــ توپىلاق ئورنىدا
شىلدىڭلاشماق ـــــ ھەزىللەشمەك، چىقىشماق، چاقچاق قىلىشماق ئورنىدا
ژۇماق ــــــ چۆچەك، ھېكايە ئورنىدا
قوتارماق ـــــ كۆتۈرمەك، ئاۋۇشتۇرماق ئورنىدا
ئاخىرىدا مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تەشكىللىگەن دىئالېكت تەكشۇرۈش خىزمەتلىرى سوۋېت ئۇيغۇرلىرى تىلىنىڭ دىئالېكت ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشنى دەسلەپكى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرغىچە يىغىلغان تىلشۇناسلىق ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە مۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ: ھازىرقى زامان سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئېنىق ئايرىلغان ئىككى شېۋىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. بىرى يەتتەسۇ شېۋىسى، يەنە بىرى فەرغانە شېۋىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئېلېمىېنتلىرى بار. ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىش- قىلماسلىقتا يەتتەسۇ شېۋىسى زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى ھازىرچە مۇستەقىل شېۋە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بەزىلىرى يەتتەسۇ شېۋىسىگە، يەنە بەزىلىرى فەرغانە شېۋىسىگە تەۋەدۇر.
شۈبھىسىزكى، يۇقىرىقى ئوي-پىكىرلەر كېيىنكى تەتقىقاتلار ئارقىلىق تېخىمۇ تولۇقلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىئالېكت ئالاھىدىلىكىنى كۆپ تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش مەسىلىسى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئەستايىدىللىق ۋە تەلەپچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدىغان تەتقىقات مەسىلىسىدۇر.


مەنبە:
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2006-يىل 1-سان.

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-27 12:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !