Nazimi
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 دۇنيا تارىخىدا بۈگۈن (25-دېكابر)


سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى
( 1991-يىلى 25-دېكابر )


1991-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى موسكۋا ۋاقتى سائەت 19:00 دا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى (زۇڭتوڭى) مىخائىل سېرگېيېۋىچ گورباچېف سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي تېلېۋېزىيىسىدە ئاخىرقى قېتىم رەسمىي نۇتۇق سوزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى رەئىس جۇمھۇرىلىق ۋەزىپەمنى توختىتىمەن.» سائەت 19:38 دە كرېمل سارىيىنىڭ گۈمبىزىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلىپ، روسسىيىنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقى چىقىرىلدى.

شۇ يىلى 17-مارت كۈنى گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى ئومۇمىي خەلق راي سىناش پائالىيىتىدە تۆتتىن ئۈچ قىسىمنى تەشكىل قىلغان ئاۋاز بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ئۇزاققا بارمىدى. 8-ئاينىڭ 19_21-كۈنلىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىك پەۋقۇللەددە ئەھۋال كومىتېتى (ГКЧП) ئېتىبارسىز قالدى. ئالدى بىلەن لاتۋىيە، لىتۋا ۋە ئېستونىيىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىۋىدىن چىقىپ كەتتى. 12-ئاينىڭ 8-كۈنى روسسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بېلوروسسىيە رەھبەرلىرى بورىس يېلتسىن، لېئونىد كرافچۇك ۋە ستانىسلاف شۇشكېۋىچلار «بېلاۋېژ كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇشتى. 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە ئەزەربەيجان، ئەرمەنىستان، بېلوروسسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، مولداۋىيە، روسسىيە فېدېراتسىيىسى، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى «مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى (م د ھ) نى تەشكىل قىلىش خىتاپنامىسى» گە ئىمزا قويدى. 1994-يىلى گرۇزىيە م د ھ تەركىۋىگە قوشۇلدى.

روسسىيىنىڭ ھازىرقى رەئىس جۇمھۇرى ۋلادىمىر پۇتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى (ئالدىنقى) ئەسىردىكى زور جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئاپەت دەپ ئاتىغان. كېيىن سوزىنى تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەربات بولۇشىنى خالىمايدىكەن، ئۇ كىشىدە يۈرەك يوقتۇر، كىمكى ئۇنى (سوۋېت ئىتتىپاقىنى) قايتۇرۇپ كېلىشنى خالايدىكەن ئۇ كىشىدە كاللا يوقتۇر.»


1991

В 19.00 по Центральному ТВ в последний раз официально выступил Президент Советского Союза Михаил Сергеевич ГОРБАЧЕВ: «В силу сложившейся ситуации с образованием Содружества Независимых Государств, я прекращаю свою деятельность на посту Президента СССР». В 19.38 на куполе Кремлевского дворца был спущен флаг Союза и поднят трехцветный стяг России.

Когда 17 марта того же года на Всесоюзном референдуме три четверти проголосовавших высказались за сохранение СССР в обновленном виде, мало кто предполагал, что он доживает свои последние месяцы. Но после трех августовских дней ГКЧП центробежные силы стали необратимы. Первыми ушли Латвия, Литва и Эстония. 8 декабря лидерами России, Украины и Белоруссии Борисом ЕЛЬЦИНЫМ, Леонидом КРАВЧУКОМ и Станиславов ШУШКЕВИЧЕМ было подписано Беловежское соглашение, а 21 декабря в Алма-Ате руководители Азербайджана, Армении, Белоруссии, Казахстана, Киргизии, Молдавии, РСФСР, Таджикистана, Туркмении, Узбекистана и Украины подписали Декларацию об образовании Содружества Независимых Государств (СНГ). В 1994 в состав СНГ вошла Грузия.

Президент России Владимир ПУТИН назвал распад Советского Союза крупнейшей геополитической катастрофой века, а позже добавил: «кто не жалеет о крушении Советского Союза, у того нет сердца, а кто хочет вернуть его обратно – у того нет головы».



 تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: نازىمى

باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەپ پايدىلىنىش قارشى ئېلىنمايدۇ!


... داۋامى بار ...

Posted: 2007-12-25 13:27 | [ئاپتور]
Nazimi
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 


داۋامى:

دۇنيا تارىخىدا بۈگۈن (25-دېكابر)
__________


1876-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى گېرمانىيىلىك خىمىيە ئالىمى ئادولف ۋىنداۋۇس دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1928-يىللىق «نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى.


Адольф ВИНДАУС /Adolf Otto WINDAUS/ (1876 — 9.6.1959),
немецкий химик, нобелевский лауреат 1928 года.


1879-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكىلىق ئاپتوموبېل لايىھەلىگۈچى لۇيى شېۋرولې تۇغۇلغان.


Луи ШЕВРОЛЕ /Louis CHEVROLET/ (1879 — 6.6.1941),
американский автомобильный конструктор.


1904-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى كانادا تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيىلىك فىزىكا ئالىمى گېرخارد خېرتسبېرگ دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1971-يىللىق «نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى.


Герхард ХЕРЦБЕРГ /Gerhard HERZBERG/ (1904 — 3.3.1999),
германо-канадский физик, нобелевский лауреат по химии 1971 года за «его вклад в понимание электронной структуры и строения молекул, особенно свободных радикалов».


1906-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى گېرمانىيىلىك فىزىكا ئالىمى ئېرنېست رۇسكا تۇغۇلغان. ئۇ 1986-يىلى «ئېلېكترونلۇق ئوپتېكا تـېخنىكىسىغا ئاساس سالغانلىقى ھەمدە تۈنجى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپنى ياسىغانلىقى» ئۈچۈن «نوبېل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.


Эрнст РУСКА /Ernst August Friedrich RUSKA/ (1906 — 25.5.1988),
немецкий физик, нобелевский лауреат 1986 года «за фундаментальные работы по электронной оптике и создание первого электронного микроскопа».



1918-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مىسىر جۇمھۇر رەئىسى ئەنۋەر سادات (مۇھەممەد ئەنۋەر ئەس-سادات) دۇنياغا كەلگەن.


Анвар САДАТ /Мухаммед Анвар ас-САДАТ/ /Muhammad Anwar As-SADAT/ (1918 — 6.10.1981),
египетский президент.


1961-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئاۋستىرىيىلىك دوراشۇناس، فىزىئولوگىيە ئالىمى ئوتتو ليوۋى ۋاپات بولغان. ئۇ 1936-يىللىق «نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە تىبەبەتچىلىك مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى. بۇ ئالىم گېرمانىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاۋستىرىيە نامىدا نوبېل مۇكاپاتىنى ئالغان، 1946-يىلى ئا ق ش دۆلەت تەۋەلىكىنى قوبۇل قىلغان.


Отто ЛЁВИ /Otto LOEWI/ (3.6.1873 — 1961),
австро-американский фармаколог и физиолог, лауреат Нобелевской премии по физиологии и медицине 1936 года. Родился в Германии, лауреатом стал как австриец, в 1946 принял американское гражданство. 


1977-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 30 يىل بۇرۇن، ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق ئاكتيور چارلى چاپلىن (چارلىز سپېنسېر) ۋاپات بولغان.


Чарли /Чарльз Спенсер/ ЧАПЛИН /Charlie (Charles Spencer) CHAPLN/ (16.4.1889 — 1977),
американский актер.


( تامام )

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: نازىمى
Posted: 2007-12-25 15:04 | 1 -قەۋەت
UyghurQizi
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەخمەت. روژدىستىۋو بايرىمىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇ كۈنگە ئورۇنلىشىشىدىمۇ بىر تارىخىي سەۋەب باردۇ؟
Posted: 2007-12-25 21:21 | 2 -قەۋەت
Emeren
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

" روژدىستىۋو بايرىمىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇ كۈنگە ئورۇنلىشىشىدىمۇ بىر تارىخىي سەۋەب باردۇ؟"
ئەسسالامۇەلەيكۇم           
ئۇلۇغ كارل<<Карл (Carolus Magnus, 768–814) >> روجدەستۋو سوغا قىلىشى.
800 يىلىدىن باشلاپ روجدەستۋو ياۋروپىدا باشلاندى. تۆۋەندىكى رەسىمدە <<

ئەۋلىيە پەتر بازىلىكىسىدا <<( Лев III (pope St. Leo III, ölgen waqti 816)>>) لەۋ ئىىى چى تىزىنى پۈكۈپ تۇرغان كارلغا
ئالتۇن ئىمپەراتور باش كىيىمىنى كىيگۈزىشى... 800 يىلى 25 دېكابىر كۈنى "روجدېستۋو"نىڭ بىرىنچى كۈنى ئەۋلىيە پەتر بازىلىكىسىدا (پىم شرى، ئىتالىيا) مەرىكە ئوتكۈزىلىۋاتقان مەزگىلدە...
---
Әссаламу Әләйкум
Posted: 2007-12-26 03:24 | 3 -قەۋەت
Nazimi
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى UyghurQizi 2007-12-25 21:21 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەخمەت. روژدىستىۋو بايرىمىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇ كۈنگە ئورۇنلىشىشىدىمۇ بىر تارىخىي سەۋەب باردۇ؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم ئۇيغۇر قىزى! سوئالىڭىزغا يۈزەكى جاۋابىم:

سىز تىلغا ئالغان "روژدېستۋو" بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەزرىتى ئىسا ئەلەھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ "مۇقەددەس" بايرىمى بولغانلىقتىن، تېمىمىزدا تىلغا ئېلىشنى لايىق تاپمىغانىدىم... "روژدېستۋو" سۆزىمۇ ئانا تىلىمىزغا ئورۇسلاردىن كىرىپ ئۆزلەشكەن رۇسچە سۆز بولۇپ، Рождество دېگەننىڭ بىزچە مەنىسى "تۇغۇم" (يەنى تۇغۇلماق، تۇغۇلۇش) دېگەنلىكتۇر! بۇ بايرام تىلىمىزدا يەنە "مىلاد بايرىمى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيا خىرىستيانلىرى ئۆز مەزھەبلىرى بويىچە، بۇ بايرامنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەرتىۋە تەبرىكلىشىدۇ.
(1) كاتولوگ ئېتىقادىدىكىلەر مىلادى 25-دېكابر كۈنى -- غەرب ئەللىرى ئاساسەن مۇشۇ كۈنى ئۆتكۈزىدۇ.
(2) ئورۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پراۋسلاۋىيە ئېتىقادىدىكىلەر مىلادى 7-يانۋار ئۆتكۈزىدۇ -- بۇنىڭ سەۋەبى كونا رۇس كالېندارىدىكى 25-دېكابر دەل مىلادىنىڭ 7-يانۋار كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

كېيىنچە ۋاقىت چىقىرالىسام "روژدېستۋو بايرىمى" نىڭ تارىخى ھەققىدە تەپسىلى تېما تەييارلاپ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشىم مۇمكىن. ھازىرچە مۇشىنچىلىك يېزىپ تۇراي...

ئامان بولۇڭ، ھۆرمەت بىلەن: نازىمى

Posted: 2007-12-26 13:43 | 4 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.053587(s) query 4, Time now is:12-30 10:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation