Xojaniyaz
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئوتتۇرا شەرىقتە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلىقلەر

ئوتتۇرا شەرىقتە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەر
خۇجا نىياز  يوللۇغ تېكىن

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدا ئوتتۇرا  شەرقتە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى، ياشاۋاتقان ئورۇنلىرى، نوپۇسى تىل - يېزىقى، دىنى ئېتىقادى، مائارىپى قاتارلىق ئەھۋاللار يورۇتۇ پ بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆز:  ئوتتۇرا شەرىق         تۈركىي مىللەتلەر          تەرەققىيات.
   ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىي خەلقلەرنىڭ  كۆچۈپ بېرىشى ناھايتى  قەدىمكى  تارىخقا بېرىپ تاقىلىدۇ. سۇمېرلاردىن باشلاپ تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كۆرۈلىشى ساكلار، ھازارلار ۋە ھونلاردىمۇ  داۋام قىلغان. كېيىن ئاق ھونلارمۇ خۇراسانغا كۆچۈپ  بېرىپ يەرلەشكەن،  كۆك تۈرك خانلىقى (552-745)، غەزنەۋىلەر (963-1187)، خارازىم شاھ تۈرك دۆلىتى(1097-1231)، ئېلخانىلار(1256-1335)، قارا قويۇنلۇق (1365-1469)  ۋە ئاق قويۇنلۇق خانلىقى (1398-1501) بىلەن سافەۋىلەر دۆلىتى (1501-1736)،  ئاۋ شار خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرا شەرق    تۈركلەشكەن. بۇئەسىرلەردە  كۆ پلىگەن تۈرك بۇي (قەبىلە) لىرى بۇ جايلاردا يەرلىشىپ ۋەتەن تۇتقان، بىر قىسمى  ئانا دولوغا ۋە بالقانلارغا كۆچكەن. بۇ بۆلۈمىمىزدە، بۈگۈنكى سۈرىيە، ئىراق، ئىران دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
سۈرىيە  تۈركلىرى

1. سۈرىيە ئەڭ دەسلە پكى قېتىم مىلادى 9-ئەسىردە تو لۇ ن ئوغۇللارى دەۋرىدە تۈرك ھاكىميىتى تەۋەسىگە كىرگەن. 11-ئەسىردە سالجۇق تۇركلىر ىنىڭ قېنىق بوي (قەبىلە) دىن ئاتسىز بەي 1070- يىلدىن باشلاپ تۈركمەنلەرگە يابغۇ   تەيىلىنىپ، قۇددۇس ۋە شامنى ئىشغال قىلىپ ،بۇيەردە بىر بەگلىك قۇرۇشنى باشلىغان1 شۇنىڭ بىلەن تۈركلەرنىڭ سۈرىيەدە يەرلىشىشى باشلانغان، سۈرىيەدە تۈرك ھاكمىيىتى تۇغچى ئاتا بەگلىگى، سۈرىيە سالجۇق دۆلىتى، زە ڭگى خانىدانلىقى (1127-1259)2، ئەييۇپ مەملۈكلەر3 ۋە 1516- يىلى4- ئىيۇلدا ياۋۇز (سۇلتان سېلىم ‹1512-1520› ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىگە پاد ىشاھ بولغان) 4 دىن باشلاپ سۈرىيە ئوسمان تۈرك ھاكىمىيىتىگە400 يىل قاراشلىق بولغان. ئومۇمەن سۈرىيە تۈركىي خەلىقلەرنىڭ 850 يىل (مىلادى1070-1920) باشقۇرۇشىدا بولغان.
  1916- يىلى5- ئايدا چاررۇسيىنىڭ قوشۇلىشى ئارقىسىدا، ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئەرەپ  زىمىنىنى خامتالاش قىلىدىغان ‹‹سىكېس پىكوت›› كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. 1920-  يىلى  7 -ئايدا فىرانسىيە قوشۇنلىرى سۈرىيەنى ئىشغال قىلغان. 1920- يىلى10-ئاۋغۇست ‹‹سېۋىر›› كېلىشىمىنى ئىمزالاپ،  ئوسمان تۈرك دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى سۈرىيە فىرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىۋېتىلگەن.
بۈگۈنكى سۈرىيە 1946- يىلى17- ئافرىلدا مۇستەقىل بىر دۆلەت ھالىغا كەلگەن. يەر كۆلىمى185 كۋادرات كىلومېتىر نۇ پۇسى: 16مىليون (2000-يىلى) ئاھالىسنىڭ %80ئەر ەپلەر بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كوردلار ،ئەرمەنلەر، تۈركمەنلەر، تۈركلەر ۋە چېركېسلەربار 5، ئاھالىسىنىڭ %85تى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈننىي مەزھىپىدىكلەر %  80نى ، شىئە مەزھىپىدىكىلەر %20 نى تەشكىل قىلىدۇ، خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلار %15نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەر ەپ تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇ پ، يەنە ئېنگىلىز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ.
1963- يىلى8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ‹‹ئەر ەپ گۈللەندۈرۈش پا رتىيىسى ›› ھازىرغا قەدەر ھاكىميەت بېشىدا تۇرۇپ كەلدى. بۇ پارتىيە پان ئەرەپچى مىللەتچى پا رتىيە بولۇ پ، ھاپىز ئەسەد دەۋرىدىن باشلاپ ‹‹سۈرىيە تۈركلىرىگە زۇلۇم ۋە ئاسمىلاتىسيە( ئەرەپلەشتۇرۇش ) سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ مىللي كىملىگىنى يوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ  كەلدى. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سۈرىيە تۈركلىرى مىللي كىملىگىنى قوغداش غەيرىتى ، ياشاش ئۈمۈدى بىلەن مىللىي بىرلىكنى پا رچىلاشقا قارشى، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇ پ كەلمەكتە .
بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيەدە ياشاۋاتقان  تۈركلەرنىڭ نۇپۇسى :1يېرىم مىلىيوندىن كۆ پ 6، ئۇلار ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ ۋە مەملۈك قىپچاقلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بايىر-بۇجاك تۈركلىرى دىيىلمەكتە. خەلق ئارىسىدا بولسا تۈركمەنلەر دە پ ئاتالماقتا.
سۈرىيەدە ياشاۋاتقان بۇ تۈركلەر: بايات، ئافشار، بە گدىلى، ئېلبەيلى، ئاقچاقويۇنلۇ،   باراقلى، قاراكەچىلى، ئېسابەيلى، مۇسا بېيلى، ئاكار، ھەيران، چاندىرلى، سىنجار ۋە بايىر-بۇجاك تۈركمەنلىرىدۇر، ئۈچ ئوقلارئىچىدە، يىۋا، قېنىق،ب ايىندۇر، سالۇر، ئەيمۇر، قەبىلىلىرى چوڭ قەبىلىلەردۇر.
     سۈرىيەنىڭ تۈركلىرى سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، تۈرلۈك زىددىيەت ۋە ئەر ەپ مىللەتچىلىكى، بېسىم تۈپەيلىدىن 1945-،1951-،1953-ۋە 1967-يىللاردا تۈركىيەگە تو پ ھالىتىدە كۆچۈپ بارغان، بۇ كۆچمەنلەر كېرېكخان، ئىسكەندەرۇن ۋە ئاداناغا يەرلەشتۈرۈلگەن. 1977- يىلدا كېركخاندا، 1994- يىلى ئسكەندەرۇندا ‹‹بايىر-بۇجاك تۈركلىرى بىرلەشمە   جەميىتى››نى قۇرغان.
سۈرىيە تۈركلىرى سۈرىيەنىڭ ئاق دېڭىز ساھىلىرىدا، لازكىيە شەھەرىدە، باسىت، بايىر، بەھلۇلىيە، كەساپ ناھىيىسى ۋە يېزىلىرىدا، ھەلەپ شەھرىدە، كۈرتداغى،  جەرەپلۇس، مۈمبىچ،  مۇسا بەيلى، ئازىز ناھىيەلىرى ۋە شەھەر ئەتراپلىرىدا، ئايرىملىرى ھۇمۇس مەركىزىدە ياشايدۇ.
بۇشەھەر ۋە ناھىيەلەرگە قاراشلىق تۈركلەر ياشاۋاتقان يېزىلار تۆۋەندىكىچە  : 
‹1›لازكىيە ۋىلايەتى مەركىزى ۋە   كەساپ ناھىيەسىگە قاراشلىق 6 يېزا؛
‹2›بۇجاك بۆلگۈسى(ھاتاينىڭ جەنۇبى-لازكىيە ئارىسى)بۇيىنچە 84 يېزا؛
‹3› بەھلۇلىيە بۆلگۈسىگە قاراشلىق  12يېزا؛
‹4›  بايېر ناھىيەسى مەركىزىگە قاراشلىق كەبەلىنىڭ شىمالىدا  27 يېزا، شەرقىدە 8 يېزا، جەنۇبىدا 11 يېزا؛
‹5› ئىنجەسۇنىڭ غەربىدىن جەنۇ پقا ئۇدۇل بۆلۈمدە 20 يېزا، شەرقىدە 17 يېزا؛
‹6› جەبەلى سەمانىڭ شەرقىدە  ناھىيە مەركىزىى بۇلۇ پ يېزا 16؛
‹7› كېلېسنىڭ جەنۇبىدا  ئازەز ناھىيىسىگە قاراشلىق  ئازەز بىلەن ئافەرىن سۈيى ئارىسىدا 17 يېزا، ئازەزنىڭ شەرقىدە 29 يېزا، جەنۇبىدا ھەلەپكە قاراشلىق 3 يېزا؛
‹8› چوبانبېغ ناھىيىسىدىن مۈمبىچ ناھىيىسىگە 54، مۈمبىچ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدا 15يېزا؛
‹9› باراكلى ئويمانلىقىدىن جەرەبلۇس ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزا 26؛
‹10› ساجېر سۈيىنىڭ جەنۇبىدا 23 يېزا؛
 ‹11› ئۇرفا چېگرا ناھىيىسى مۈرشىد پىنارى ۋە ئاقچە قەلئە شەھىرىنىڭ جەنۇبى ۋە بەلەخ دەرياسىغا قەدەر ئۇزۇن ساھەدە 59 يېزا؛
‹12› شام شەھەرى ئىچى، ئەتراپى ۋە ھەۋران بۆلگۈسىدە  زىچ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار تۈركچىنى ئۇنۇتقان، دۆلىتىنى ئۇنۇتقان. لېكىن ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتمىغان، 1967- يىلدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن گۇلان ئىگىزلىكىدىن بىربۆلەك تۈرك شامغا كۆچكەن؛
‹ 13› لۈبنان تاغلىرى ۋە بەكائا ۋادىسىدا 1920- يىلى كافكازىيەدىن كەلگەن تۈركلەر ياشىماقتا. بەكائا ۋادىسىدا ھۇزۇر تۈركمەنلىرى نامى بىلەن بىر چوڭ گۇررۇپ ياشىماقتا؛
‹14› كۇنېيترا ۋە گۇلان تۆ پەدە ئوسمان تۈركلىرى دەۋرىدە ۋە1877-1878- يىلدىكى ئوسمان تۈركلىرى بىلەن چار رۇسسىيە ئۇرۇشى داۋامىدا كافكازىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركلەر ياشىماقتا.                                                                       
‹15›ھاما ھۇمۇس بۆلگۈسىدە بىر قىسىم كافكازىيە تۈركلىرى ياشىماقتا .
 ئومۇمەن سۈرىيە جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە تو پ ھالىتىدە 523دىن كۆ پ تۇرك يېزىسى بار . ئەمما سۈرىيە تۈركلىرى تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە سىياسى ۋە مەدەنيەت ھەق- ھوقۇقلىرى جەھەتتە ناھايتى قىسىلىشقا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئەر ەپلشىشكە مەجبۇرلانماقتا .تۈركچە يەر ناملىرىنى ئەرەپچىلەشتۈرمەكتە، ئىسابەگلى «ئىساۋىيە»، كابامازې «بەلۇتىيە»، تېرېنجا «ئۈمۈتۈيۈر»، كارىنجا «بەھلۇلىيە» دەپ ئۆزگەرتىپ ئە ر ەپچە ئاتالماقتا.   
 ئوقۇتۇش جەھەتتە :
 سۈرىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپ مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمى ئومۇملاشقان، ئوقۇش مۇددىتى ئالتە يىل، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ئۈچ يىل، بولۇ پ قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇل (مەكتە پ) لىرى ئايرىم. سۈرىيەدە تۆت ئالىي ئوقۇل بار. بۇنىڭ ئىچىدە دەمەشىق ئونۋېرسىتىتى ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىكى مەشھۇر ئونۋېرسال ئونۋېرسىتىت بولۇ پ سانىلىدۇ، ئۇ 1943- يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭدا ئىجتىمائي پەن، تەبىئىي پەن، قانۇن، سانائەت، سودا، تېببىي ئىنىستىتوت ۋە ئىسلام ئىنىستىتوتى بار. يەنە ھەرخىل تېخنىكا ئوقۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش ئوقۇللىرىدىن 240 بار.
            ئەمما سۈرىيەدە تۈركىي مىللەت تۈركمەن، تۈركلەرنىڭ بولسا تۈركچە ئۆز ئانا تىلىدا  ئوقۇتۇش ئېلىپ باردىغان ئوقۇل (مەكتە پلەر) يوق. ئەر ەپچە ئوقۇشقا زورلانغان، ھەتتا تۈركلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىدىغان بىرەر تەشكىلاتىمۇ يوق. پەقەت يېزا ۋە مەھەللىلەردە ياشىغان تۈركلەر تۈركچە سۆزلىشش ئېلىپ بارىدۇ .ئالي (يۇكسەك ) مەكتەپلەردە ئوقۇغان تۈركلەر بەك ئاز، ھەممىسى يېقىندىكى تۈركىيە ئوقۇل (مەكتە پ ) لىرىدە  ئوقۇيدۇ. شۇڭلاشقا ئانا تىلىنى ئۇنۇتقانلارنىڭ ئەرەپلىشىشى تىزلەشمەكتە، ئەر ەپلەرگە ئاسمىلاتسسىيە بولماقتا .
 تېرىمچىلىق جەھەتتە : سۈرىيە تۈركلىرى ئاساسەن تېرىمچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
 نەشىرىياتچلىق جەھەتتە :
 1922-1937- يىلىغا قەدەر سۈرگۈندىكى رەفق خالىتنىڭ پاي قوشۇش ئۇسۇلى بىلەن ‹‹توغرا يول›› ۋە ‹‹ۋەھدەت» نامى بىلەن تۈركچە نەشرىيات ئورگانلىرى قۇرۇلۇ پ چىققان. 
 سۈرىيە تۈركلىرى شىۋەلىرى، ئەدەبىياتلىرى تەر ەپتىن تۈركىيە تۈركلىرىدىن سەل يىراقلاشقان، سۈرىيە تۈركلىرى قوللىنىدىغان تىلى، ھاتاي بۆلگۈسىدە قوللىنىلغان تۈركمەن تىلىنىڭ بىر داۋامى بولۇ پ ھېسابلىنىدۇ.
 
2. ئىراق جۇمھۇريىتىدىكى تۈركمەنلەر

مىلادىدىن ئاۋال ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچكەنلەر قاتارىدا، مېسسوپوتامىيەگە كەلگەن تۈرك قەبىلىلىرى بارلىقى بىلىنمەكتە. ئىراقتا ئەڭ دەسلە پ تۈركلەرنىڭ يەرلەشكىنى مىلادى 674- يىلدا ئەمەۋى ۋالىلرىدىن ئوبەيدۇللاھ بىت زىيادىنىڭ بەسرەگە 2000 تۈركنى كەلتۈرىشى بىلەن، بۈگۈنكى ئىراق جۇغراپىيىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن 3000 كىشلىك بىر تۈرك گۇرۇپى باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى بەدرە ناھىيىسىدە يەرلەشتۈرۈلگەن.                                                      
            ئابباس دۆلىتى (750-125) قۇرۇلغاندىن كېيىن خەلىپە ئەبۇ جاپپار ئۇل مەنسۇر زامانىدا قۇرۇلغان باغدات شەھرىگە تۈركلەر يەرلەشتۈرۈلگەن . خەلىفە ھارۇن ئەل رەشىد، مەمۇن ۋە مۇتاسىم دەۋرىلەرىدە ئارمىيە ئىچىدە تۇرك لەشكەرلىرى 20مىڭگە يەتكەن7 . تۈركلەر ئۈچۈن ساماررا ۋە  دوكۇك ناھىيە شەھەرلىرى مۇتاسىم زاماندا قۇرۇلغان. قىسقا مۇددەتتە دۆلەت ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇ تۈركلەرنى باشقا مىللەتلەرگە قارشى (زىت)لاشتۇرماق ئۈچۈن تۈرك مەملىكەتلىرىدىن كەلتۇرگەن قىزلارنى ئۆيلەندۈرگەن. نەتىجىدە ئىراق تۇپرىقىدا دەسلە پكى تۈرك تو پلىغى–جەمىيىتى شەكىللىنىشكە باشلىغان.
ئىراقتا   ئىككىنچى تۇرك دولقۇنى 1040-يىلد ىكى دانداناقان سۇقۇسى دىن كېيىن شەكىلىنىشىگە باشلىغان . ئوغۇز قەبىلىرى بىلەن تۇركمەنلە ر كۆ پ سانلىق گۇر  ۇپلار ھالىتىدە ئىراق تەۋەسىگە يەرلىشىشكە باشلىغان.
 1055-يىلىدا  باغدات سالجۇقلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىگە ( بېقىنىدىسغا) ئۆتكەندىن باشلاپلا تۇركلەر يەرلىشىشى داۋاملاشقان . سالجۇقىلار پا رچىلانغاند ىن كېيىن قۇرۇلغان ئاتا بەيلىكلەر ،مۇڭغۇل ئىستىلاسى ، ئېلخانلىلەر ، جالايىەلەر ،قارا قۇيۇنلۇقلار ، ئاق قۇيۇنلۇقلار دەۋرىدە تۇرۇكلەر گۇر ۇپىسىنىڭ ئىراققا يەرلىشى داۋام قىلغان .
 1534- يىلىدا ئوسمان تۇركلىرى سافەۋىلەرنى يىڭىپ باغداتنى ئىگەلەشى بىلەن ئىراق ئوسمان تۇرۇك ئىمپىرىيىسى ھاكىمىيىتى باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئ ۇ تۈ پ 5 ۋىلايەت ھالىتىدە ئىدارە قىلىنىشقا باشلىغان. يەنى باسىرە ۋە باغدات ۋە بۇگۇنكى شىمالىي ئىراق بۇلۇ پ بىكىتىلگەن مۇسسۇل ۋىلايىتى كېركۇڭ ۋە سۇلايمانىيە شەھەرلىرى .                                                                 
 بىرمەزگىل سەفەۋى تەۋەلىكىگە كىرگەن  بۇ بۆلگە(رايۇن) ، 1683- يىلىىدا مۇرات ıνنىڭ تەكرار باغداتنى ئېلىشى بىلەن تەكرار ئوسمانىڭ تۇرك ئېمپىراتۇرلىق ھاكىمىيىتىگە  كىرگەن . بۇ ۋاقىتتا ، تراكىيەدىن ، ئافيوند ىن ، ئۇرفاد ىن ، توكاتىن ، ۋە دىيار باكردىن مىڭلارچە تۇرك يەنە كەركۇك رايۇننى ئاساس قىلىپ ئىراق تەۋەسىگە يەرلەشتۇرۇلگەن .                                                                    
1- دۇنيا ئۇرشىدا ئېراق ئوسمان تۇرۇك ئىمپىريىسى تەۋەسىدىن چىقىپ كەتكەن ، ئۇززاق مۇددەت تۇركلەر تەۋەلىكىدە بۇلۇ پ كەلگەن ۋە تۇركلەر ياشا پ كەلگەن مۇسۇل شەھرى ئېىنگىلىزلارنىڭ ئۇيۇنلىرى بىلەن جەمىيىتى – ئاكۋام تەرپىىدىن 1925- يىلدا ئىراققا بېرۋېتىلگەن . لوزان كىلشىمىدە مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ ئىراق ياكى تۇركىيە تەۋەلىكىدە قېلىش مەسىلىسنى بىر تەر ەپ قىلىش ئۈچۈن جەمىيىتى– ئاكۋام  يۇلى بىلەن ھەل قىلىنغان ۋە مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ تامامى ئىراق تەۋەلىكىدە قارايد ىغان بولغان .   
 ئېنگىلىزلارنىڭ سۇكالىسى بولغان ئىراق 1920-يىلى قۇرۇلغان . تۇركىيە ھۆكۈمىتى مىلەن بولغان ئەنقەرە شەرتنامىسى قۇبۇل قىلىنغان . 1932- يىلدا ئىراق مۇستەقىلىقىنى قولغا كەلتۇرگەند ىن كېيىن  تۇركلەر ئۇچۇن قورقۇنۇشلۇق ئىشلار يۇز بېرىشكە باشلىغان . ئولتۇرغان تۇ پراقلىرى 1000يىل قانلىرى بەدىلگە قوغد ىغان تۇركلەرگە ، ئەمدى باستۇرۇش ، قەتىلىئام باشلىغان .
 ئۆلكىدە تۇركمەنلەرنىڭ بارلىقى يوقاتماق ئۈچۈن قولانغان ئەرە پلەشتۇرۇش سىياستىى شۇ زامانلاردا ناھايتى پاكىز ، باسقۇچلۇق بالداقمۇ – بالداق ، ئالداپ كۆندۇرۇش ، ھىلىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان . ئاۋال تىلغا ھۇجۇم قىلىش باشلىنىپ، بۇنىڭ ئۇچۇن مەكتە پلەرنى قۇشۋېتىش نامىدا تۇرك بالىلىرى (كېلەچەك ئەۋلادلىرى ) ئوقۇيد ىغان مەكتە پ ۋە ئوقۇتقۇچى شەرت – شارائىتلىرنى چىرايلىق يوقىتىۋېتىش ، ئۇلارنى ئەرە پ تىلى، يېزىقى ، ئۆ گۈتۈشكە قىزىقتۇرۇش ، تۇركچە يايىن (نەشىرىيات ) گېزىت ، ژورنال ، كىتا پ چىقىرىپ  ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئۆ ز مەدەنىيەت ئەھۋالىرىنى تەشۋىق قىلىشنى مەنىئى قىلىش ، كۆچمەن ئەرە پلەرنى تۇرك يۇرتىغا ماكانلاشتۇرش، تۇركلەرنىڭ ئەرە پ لىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش ، ئەرە پ مەدەنىيىتى چەمبىركى ئاستا تۇركلەرنى ئۇن –تۇنسىز يوقىتىۋېتىش، ھەر يىلى تۇركلەرنى ئايرىم ۋاقىت، مەلۇم كۇندە، بىر قانلىق قىرغىنچىلىق، تۇتۇش قاماش، سۇرگۇن قىلىش يۇلىنى تۇتقان ○8 .  
 1959- يىلى 7-ئاينىڭ 14- كۇنى ئېلىپ بىرىلغان بىر يەرگە يىغىپ ئېلىپ بىرىلغان تو پ قەتلى ئامىدا ئىراق تۇركلەرنىڭ ئىلگىرى داڭلىق زىيالىلىرى ، باشلىقلىرى ۋە ھەربىي قوماندانلىرى خونخورچە ئۆلتۇررۇپ تاشلانغان ○9. كېركۈكتىن كۆچۈرۋېتىلگەن تۇركمەنلەر بىر يىلدا 1000ئائىلىدىن ئاشقان . بۇلارنىڭ يەرلىرگە ئەر ەپ ئااىلىرنى يەرلەشتۇرگەن .بۇخىل سىياسەت 20 يىل يۇرگۇزۈل گەن○10 . بۇ بۇلۇ پمۇ سادام ھۈسەيىن بىلە ن باشلانغان بائاس پا رتىيىسى دەۋرىدە بولسا تۇركلەر ئۈچۈن ئايرىم قىرغىنچىلىق ، ئۆلتۇرۇش ئىشلىرنى تەشكىنىلىگەن . سۈرگۈن قىلىش ، ئۆلتۇرۇش، تو پ قەتلىئام قىلشلار  ، مال –مۇلۇكلىرىنى تارتىۋىلىش ، يۇرتنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇرلاش،تۇركلەر يۇرتىغا ئەرە پلەرنى يەرلەشتۇرۈش،  بىر-بىرىنى قوغلاش،ئىزىغا چۈشۈش ئېلىپ بېرىلغان. 
 تۇركلەرنى كۇچسىزلەندۇرۇش ، ئېقتىسادىي كۇچتىن يوقسۇل ھالەتكە كەلتۇرۇش ئۈچۈن ، بۆلۈۋېتىش ، چېچىلۋېتىش ،يۇلى بىلەن ۋەيرانە ، بىچارە لەشتۇرۇلگەن . بۇنىغا قارشى ئىراقتىكى تۇركلەر ، مىللي  كىملىك ۋە ئۇيغارلىقى (مەدەنىيەت )نى داچام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ئۆيدە بىر دانە تۇركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى ، بىر دانە تۇركىيە خەرىتىسىنى ، بىر دانە ئاتا تۇرك – مۇستا پا كامال سۈرتىنى ساقلاپ يۇرۇغلۇق كۇنلەرنىڭ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلغان ○11.ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىگى قوغدالمىغان،شۇڭلاشقا،تۈركلەر تۈركىيە ھۈكۈمىتىدىن، كوردلار ئامرىكا باشلىق غەرىپ دۆلەتلىرىد ىن ئۈمۈت كۈتكەن.
 تۇركمەن سىياسىتى ھەركىتى 1970- يىللاردا چوڭ تەرەقىياتلارغا ئېرىشكەن . يەنى بۇ قېتىمدا تۇركىيەگە ئوقۇش ئۆ گۇنۇش ئۈچۈن كەلگەن ساناقلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان دىققەت چېكى(ئېتىۋار) ئارتىپ بارغان. بۇلارنىڭ باياشاتلىق سەۋىيىسىنىڭ يۇكسىلىشى ئۇچۇ ن ھەسسە قوشقان، 1970- يىلىنىڭ بېشىدا تۇركىيەگە ئوقوش ئۇچۇن كەلگەن تۇركمەن ئوقوغۇچى سانى 10دىن 15 گىچە بولغان ،1975 – يىلغا كەلگەندە 80 دىن ئېشىپ كەتكەن. 1976ۋە 1977- يىللاردا بولسا بۇ سان نەچچە قاتلانغان .1978- يىلغا كەلگەندە ئىراق رەھپەرلىكى تۇركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقوغۇچىلارنى سۇنىئي بانا بىر قارار بىلەن چەكلىگەن . تۇركمەن ئوقۇغۇچىلار كونا سوتسىيالىستىك مەملىكەتلەرگە ئوقۇشقا چىقىشقا تەشۋىق قىلىنغان .1960- يىللاردا قۇرۇلغان تۇركىيە قېرىنداشلىق ئائىلىسى بىر تەرەپتىن زالدا پا ئالىيەت كۆرستۈپ ، يەنە بىر تەرەپتىن تۇركمەن جەمىيىتى مەدەنىي ۋە ئىجتمائىي ئھتىياجلىرنى قىزغىن قارشى ئالغان .1977-يىلدا بائاس ئۇرۇشىدا تەيىنلەنگەن رەھ بەرلەر ،ئاۋال ۋەزىپە – ھوقۇقىدىن ئايرىۋېتىلگەن .1979- يىلىدا بولسا تۇتۇلۇ پ 1980- يىلىدا سادام زۇڭتۇڭ بولغاندىن ئۈلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىتپ تاشلانغان .                             
 1980- يىلىدا ناۋزاڭ رايۇنىدا ئەسكىرى قارا قگاھ قۇرۇلدى ئىراق تۇركمەن تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ دەسلە پكى سىياسى تەشكىلاتنىنىڭ ئورنىنى ئۆزگە رتىپ (يۆتكە پ)تۇرغان.
1983-يىلى –ئىراقنىڭ سىياسى تەشكىلاتىى قۇرلۇ پ ، تىرشىپ بىر قارارغا كەلىپ، ئۇدۇل يول تۇتۇ پ، دەسلە پكى قېتىم تۇركمەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى ،قۇبۇل قىلىپ ،نەتىجىدە باياناتنامە يازغان. 1985- يىلدا تەشكىلات پا ئالىيەتلىرى توڭلۇتۇلغان .1988- يىلدا ئىراق مىللى تۇركمەن پا رتىيىسى قۇرۇلغان .پا رتىيە باغداتنىڭ چالما–كېسەك قىلىپ ئۆلتۇرۇش،  ئۈلۈم جازاسى قاتارلىق ۋەششى سىياسەتلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئىراق كۈۋەيىتنى ئىشغال قىلغانىدىن كېيىن 1991- يىلىدا باياناتنامەئېلان قىلغان.
 ئىراق مىللي تۇركمەن پا رتىيىسىنىڭ جا پالىق كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە ،دۇنيا ئىراقتا تۇركمەن بارلىقىدىن خەۋەردار بولغان .خەلقئارا ئىگىسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى رە ھپەرلىرى رىياد،بېيروت ،لون درا ۋە -ABDئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەردە ئېچىلغان يىغىنلارغا قاتناشقان .ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر (ABD) ، ئەنگىليە قاتارلىق ئىراق سورىنى بىلەن يېقىندىن ئالاقىسى بولغان دۆلەتلەرنىڭ باشكەنىت – پايتەخىتلىرىنى زىيارەت قىلىپ كۈرۈشۈشلەردە بولغان .ياۋرۇ پا  پا رلامىتى ئىراقتىكى تۇرۇكمەن ھەق –ھوقۇق ،داۋالىرى،ئۈلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىقلارنى كوراتلار مەسىلىسىگە ئوخشاش قاراشقا باشلىغان○12 .
بۇ گۇن ئېراقتا 3مىليۇن 200 مىڭ تۇرك مۇلۇنماقتا .تۇركلەر مۇسۇل شەھرىنىڭ 60كېلومېتىر غەربىي شىمالىدىن باشلاپ تۇز سىزىق ھالىتىدە مۇسۇل ،ئىربىل ،كىركوك ۋىلايەتلىرى بىلەن باغداتتىن 12كېلومېتىر شەرقىدىن ئە گرى- بۇگرى داۋام قىلغان بېدرە ۋە تۇرساك ناھىيىلىرنى ئ ۆز ئىچىگە ئالغان رايۇنلاردا ياشىماقتا○13 .
 تارىخقا نەزەر سالغاندا ،مۇسۇل ،ئەربىل ،كەركۇڭ ۋىلايەتلىرى ئەڭ بۇرۇن تۇركلەر ئولتۇراقلاشقان مەركەز بۇلۇ پ،  بۇندىن باشقا ۋىلايەتلەر سىرتىدا سېلاھە ھەتتىن (TiKrit)، سۇلايمانىيە ۋە باغدات ۋىلايەتلىرىدە تۇركلەر ياشىماقتا. 
1991-يىلى ئوتتۇرغا چىققان ئەمەلىي ۋەزىيەتكە كۇرە 36پا راللىلنىڭ ئۇستۇند ىكى بۆلگە (رايۇن ) دا %15،قوغداش تېشىدىكى جايلاردا بولسا %40تۇرك ياشىماقتا .تۇركلەربۇ يەردە قوغدىنىشسىز تاشلېۋېتلگەن ھالەتتا تۇرماقتا. 35-36 – پاراللىل ئارىسىدىكى يەرلەر بولسا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆزى تىككەن نىفىت بار يەرلەر بۇلۇ پ ،بۇ يەردىكى تۇرك    نۇ پۇسى % 65كە بارغان. 34-پ ارالىلنىڭ ئاستىدىكى   باكۇبا ،مىېدېلى،كازانىيە ،بېدرې ۋە خانېكىن ئەڭ قەدىمدە تۇركلەر يەركەشكەن مەركەزلەر بۇل ۇپ  نۇ پۇسنىڭ %33تۇركلەردۇر○14.                
 ئىراقتا تۇركلەر مۇشتۇمزور سادامدىن قاتتق ئاغرىنىدۇ ،رايۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇش-سۇقۇش ،كۇرەشلەر ئىچىدە ئۇن تىنسىز ،قوغداشسىز تاشلېۋېتىلگەن .بۇگۇن ئىراقتىكى تۇركلەر، تۇركلىكىدىن ۋازكەچمىگەنلىكى ئۇچۇن قولغا ئېلىنىپ ،ئەرە پ ۋە كورت مىللەتچىلىرى ئارىسىدا سىقىلغان شەكىلىدە ياشاشنى داۋام قىلدۇرماقتا .
ئىراقتقكى تۇركمەن مىللى پا رتىيىسى شىمالىي ئىراقتا راديىۇ- تىلۋېزىيە ،مەتبەئە،باسما يايىن (نەشىرىيات)قۇرلۇشى ۋە ئەڭ ئۇنۇملۇكى تۇركچە ئوقۇتۇش مەكتە پلىرىنى ئاچتى . بۇندىن باشقا يەنە350 كىشلىك بىر قوغداش ئىتتىپاقى قۇررۇپ چىقتى ،1994-يىلى تۈركمەن ئالد ىنقى سە پ خىزمىتى باشلاندى .1995- يىلى 4- ئايدا ئىراق تۈركمەن ئالد ىنقى سە پ فىرونتى قۇرۇلغانلىغى رەسمىي ئېلان قىلىندى.1997-يىل ئېربىل شەھرىدە 10-ئاينىڭ 4- كۈنىىدىن7-كۈنىگىچە تۈركمەن1-قۇرۇلتاي ئۆتكۇزۇ لگەن،قۇرۇلتايغا ياۋررۇپا  ،ئامرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر،ئاۋېستىرالىيەدىكى تۈركمەن جەمىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللېرى ھەم قاتناشقان
3.ئىران جۇمھۇرىيتىدىكى تۈركى مىللەتلەر
 ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتى ئاسىيانىڭ غەرىبىگە جايلاشقان. ئۇ شىمالداتۇرك مەنىستان، ئازار بەيجان جۇمھۇريىتى، غەرىپ تەرىپىدە ئىراق، تۇركىيە بىلەن قوشنا،  جەنۇبىي تەرەپ ئەر ەپ دېڭىز بۇغۇزى، ئومان قولتوقىغا تۇتىشىدۇ، شەرىقتە پاكىستان، ئافغانىستان بىلەن چىگىرىداش.                                                                                                                                                                                                                            
ئىران تارىختا ئورتا ئاسىيادىن غەرىپكە تۇرك قەبىلىلىرى ئەڭ بۇرۇن كۆچكەن، يەرلەشكەن ۋەقېچىش (كۆچۇش) يولى بولغان، تارىختا مۇھىم رول ئوينىغان بىر يۇرتتۇر.                                                       
تۇركلەرنىڭ ئىرانغا ئەڭ دەسلە پ قايسى زاماندا كەلگەنلىكى ھەققىدە كەسكىن بىر مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما تۇركلەرنىڭ ئىرانغا يېيىلىشى (تارقىلىشى) ھەققىدە ئەڭ قەدىمكى مېىسوپوتامىيە تارىخىدا مەلومات كۈرۈلمەكتە.
سۈمېرلاردىن باشلانغان بۇ كۇچۇش مىلادىدىن بۇرۇنقى 6 - ئەسىرلەردە كاۋكازىيەدىن ئىرانغا كېلىپ يەرلەشكەن ساكا تۇركلىرى بىلەن داۋاملاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جايغا ئالبار تۇركلىرى يەرلەشكەن. دەسلە پكى يۇرتلىرى پامىر(كۆكئارت)بولغان ۋە  ئاريان بولغان ئىرانلىقلار بولسا قارا دېڭىز ۋە ھازار دېڭىزى قىرغاقلىرىدىن م.ب  2000- يىللاردا بۇ جايغا كۆچۇ پ كەلگەن. ئىراندا تۇركلەرنىڭ بارلىقى پا رىسلاردىن4000-يىل ئىلگىرى ئىكەنلىگى بۈلۈنمەكتە. بۇيۇك ھون ئمپراتۇرلىقى دەۋرى (م.ب202- م.ب91-يىلغىچە )بولۇپمۇ باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ئۈيسۈننىڭ غەربىدىن  ئارشاكقىچە(ئىراننىڭ پورتاۋا شەھرىگىچە) بولغان دۆلەتلەر ھونلارغا يېقىن ئىدى. قۇللىرىدا تەڭرىقۇتنىڭ بىر پارچە خېتى بارلىكى ھون ئەلچىلىرىگە ھەممە دۆلەتلەر ئۇزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈپ بېرەتتى،ھەرگىز ھۆرمەتسىزلىك قىلمايتى ( توسالغۇسىز يۈرەلەيتى). ئەمما خەن ئەلچىسگە ئۇنداق ئەمەس ئىدى○15.                                             مانامۇشۇ دەۋىردە كۆپلىگەن ھون تۇركلىرى ئىران   تەۋەسىگە ماكانلاشقان.                                                       مىلادى395-يىلدىن كېيىن غەربىي ھون ئىمپىراتۇرلىقى دەۋرى   ۋە بۇ ئىمپىراتۇرلىقىنىڭ يىقىلىشى بىلەن ۋولگا بويلىرىدىن ئىرانغا كىلىپ خوراسان رايۇنىغا يەرلەشكەن تۇركلەر ئاق ھون دۆلىتىنى قۇرغان.
كۆكتۈرك دۆلىتى دەۋرىدە ئىراندا قانداغار بۆلگۈسىگىچە بولغان يەرلەردە تۈركلەر كېلىپ ماكانلاشقان ۋە ئىلگىرى كەلگەن تۈركلەر بىلەن قۇشۇلۇ پ ئەتراپتىكىلەرنى تۈركلەشتۈرۈشكە باشلىغان.
كۆك تۈرۈك خانلىقى يىقىلغاندىن كېيىن ئىراندا ئوغۇزلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. غەزنە خانلىقى (963-1187) بۇيۇك سالجۇق ئىمپراتۇرلىقى، خوراسان سالجۇق دۆلتى(1119- 1194) ، تۇرك ئاتابېيىلىكلىرى، خارازىم شاھلاردۆلتى (1097-1231)، ئېلخانىلەر (1256-1335)، قارا قۇيۇنلۇق (1365-1469)  ۋە ئاققۇيۇنلۇق خانلىقى (1398-1501)ۋە سەفېۋى دۆلىتى (1501-1736) ۋە 1779-يىلدىن باشلاپ 1925-يىلىغا قەدەر ئىران تەۋەسى ئوغۇزلاردىن قاجار تۇركلەرنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشىدا بولغان○16 .                                                       
فىر دەۋسى(934-1024) ‹‹شاھنامە›› داستانىدا ئەڭ قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپ ئىران پادىشاسى بىلەن تۇران پادىشاھى تۇڭا ئالىپ ئەر(ئەفراسىياپ )ئوتتۇرسىدىكى سۇقاشنى ئەسلىتىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ ئىران تەۋەسىدە تۇرۇكلەرنىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ. ئەگەر ‹‹شاھنامە››دىكى ئىران-تۇران سۇقىشى10- ئەسىرگە تەئەللۇق دە پ قارالغان دىمۇ ئىران تەۋەسىدە 10-ئەسىردە تۇركىي قوۋۇملارنىڭ بارلىقى   بىلىنىدۇ. 11-ئەسىرنىڭ دەسلە پكى يېرىمىدىن باشلاپ ‹‹يىۋا›› بىر تۇركمەن گورو پى ئىرانغا يەرلەشكەن. 12-ئەسىردە بولسا سولگۇرلاربىلەن بىرلىكتە ئاۋشارلار، خوزستاننى يۇرت توتقان. 10-ئەسىردىن كېيىن كۆ پلىگەن تۇرك سوقاشچى جەڭچىلىرى (غەزنەلەر، سەلجۇقلار) ۋە تۇرك قەبىلىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرىقە ۋە ئىرانغا يېقىن كەلگەن ۋە جەنۇبىي ئازاربەيجان( ھازىرقى ئىران تەۋەلىكىدە)غا يەرلەشكەن. تىل جەھەتتە غەربىي ئوغۇز تۇرۇكچىسىنى قولانغان، ئەرەپ ئېلپەسىدە خەت يازغان.
سافەۋى ھۆكۈمرانى ئىسمايىلدىن كېيىن ئىران تۈرك خاراكتىرىدىن      يىراقلىشىشقا باشلىغان. 13-14-ئەسىرلەردە موڭغۇل قۇشۇنلىرى تەركىۋىدە نۇرغۇنلىغان تۈركىي مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئىران تەۋەسىدە تۇرغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بۇلۇپ، پۈتۈكچىلىك ۋەمالىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرئىراننڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە تارقىلىپ پوشتىكەشلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
 ئوسمان تۈرك ئىمپىراتۇرلۇقى دەۋرىدە(1300-1920) تەبرىزدىن ھازار دېڭىزىغىچە بولغان جايلار تەۋەلىك بۈلدۈرگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئىرانغا ھاكىم بولغان ئاۋشار ۋەقاجار   خاندانلىقلىرى شۈ تۈرىك خاندانلىقلىرىنىڭ تارىختىكى يەرلىرىنى ئالغان(18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ،ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تۈركمەنلەرنىڭ قاجار قەبىلىسى ئىراننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ قاجار خاندانلىقىنى قۇرغان).
ئېنگىلىزلارنىڭ كۈچكۈرتىشى بىلەن گېنىرال رىزا قاجار خانلىقىنى  1921 -يىلى2-ئايدا  ئاغدۇرغان. ئىراندا دەسلەپكى قەدەمدە فارىس پەھلىۋى خاندانلىقىنى قۇرغان، بۇ خاندانلىق ئوغلى  رىزا   زامانىدا يەنى 1979- يىلدىن باشلاپ مۇستەبىت ھۆكۇمرانلىققا قارشى ئاممىۋى ھەركەت كۆ پەيگەچكە 1979- يىلى 1-ئاينىڭ 16- كۇنى چەتئەلگە سەرگەردان بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن . 1979-يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۇنى پەھلىۋى خاندانلىقى گۇمران بولغانلىقى جاكارلىنىپ، ھۈمەينى  ھاكىميەتنى رەسمىي ئۆتكۇزىۋالغان
                  بۇگۇنكى كۇندە ئىراندا سىياسى بىلەن دىن بىرلەشتۇرۇلگەن ھاكىميەت مەۋجۇت بۇلۇپ، ھەممىدىن يۇقىرى تۇردىغان بىر دىنى داھى ، ئارمىيە، مەمۇرى ئىشلارغا باشچىلىق قىلىش، ھەممىگە ئىگدارچىلىق قىلىش،‹‹قۇرئان››نى ئەڭ ئالىي قانۇن سۇ پىتىدە ئۆلچەم قىلىش، دىندارلار دۆلەتنى بىۋاستە باشقۇرۇش تۇزىمى مەۋجۇت.   ئەمما ھازىرغىچە ئىران ھۆكۈمىتى  ، تۇرك تارىخى ۋە تۇركى مىللەتلەرنى يوقاتماق ئۇچۇن تۇرلۇك ئۇيۇنلارنى ھېلى ھەم داۋام قىلدۇرماقتا.
 ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ  يەر كۆلىمى 1مىليۇن648مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر،بۇلۇ پ  نۇ پۇسى 68مىليۇن 270مىڭدىن كۆپ(2003-يىللىق مەلۇمات) ئاساسلىق مىللەتلىرى پارسلار بۇلۇپ، ئۇمۇمى ئاھالىنىڭ %46نى، ئازاربەيجانلار %22نى ،كوردلار %9نى تەشكىل قىلىدۇ،ئۇلاردىن باشقايەنە لور،باھد ىيا،برۇز، ئەرە پ، كاشكاي، تۈركمەن،تۈرك ۋە ئەرمەن قاتارلىقلار بار دە پ كىلىنەكتە○17. ئەمەلىيەتتە  ئىرانغا 900 يىل ھاكىم بولغان   تۇركلەر  كۇنىمىزدە يەنىلا كۆ پ سانلىقىنى تەشكىل قىلماقتا. تارىخ ۋە نۇ پۇس جەھەتتىن قارىغاندا ،ئەسلىدە ئىران بىر تۇرۇك ئۆلكىسىدۇر. تۇركلەر ئىران نۇ پۇسىنىڭ % 50 تىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ ○18، تارىخى پاكىتلاردىن قارىغاندا،ئىراندا 35مىليۇن ئەتراپىدا تۈركى خەلقلەر ياشىماقتا○19.   بۇنىڭ ئىچىدە يالغۇز ئازاربەيجانلارنىڭ نۇپۇسىلا 20 مىليۇن481مىڭ بۇلۇپ ئىران ئومۇمىي نۇ پۇسىنىڭ %30تىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما شاھلىق تەختىدە پارىسلار ھۆكۈمران ئۇرۇندا تۇرغاچقا، سان جەھەتتىن ئاز بولغان پا رىسلارنىڭ كۆپ سانلىق تۇرۇكلەرگە ھۆكۇمرانلىق قىلىشى ئىراندا داۋاملاشماقتا، تۈرك تىلى ۋە مەدەنيىتى  فارىس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ  قورشاۋى ئاستىدا داۋام قىلماقتا○20.
         1. ئازار بەيجانلار  : ئىران ئۇمۇمىي نۇپۇسىنىڭ %30تىنى ئىگىلەيدۇ نۇ پۇسى 20مىليۇن  481مىڭ كىشى ،بۇگۇن شەرقى شىمالىي ئىران دە پ ئاتىلىۋاتقان جەنۇبىي ئازاربەيجاندا ياشىماقتا. تۇ پرىقى 107.000كۆادىرات كىلومېتىر بولغان جەنۇبىي ئازاربەيجانىڭ تەبرىز، ئەردەبىل، ھوي، ئۇرمىيە،  سەلماس، ماكۈ، ئاستىرا، جۇلفا، مەرەند، ھال ھال ۋە ھەمەدان شەھەرلىرىدە كۆ پچىلىكىنى تەشكىل قىلىدۇ. 
  2. كاشكايلار: ئازاربەيجان تۇركلەردىن قالسىلا نۇ پۇسى كۆ پ سانلىق خەلق جەنۇبىي ئىراندا فارس ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشقان. نۇ پۇسى 2 مىليۇن ئەتراپىدا بۇلۇ پ ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرىدىن خالاچ، بايات، ئالىبەكلۇ، سەيىخ، فەيلى، كالباند، فەرباند(بۇلار ئولتۇراقلاشقان  قەبىلىلەر )، كاشكۇلى، دەرەشۇلى، سافىخانلۇ، مۇسلو، شەشبۆلۈكلۈ، لەشنى ۋە جافەربەيلى(بۇلارقۇنۇ پ ھەم كۆچۇ پ يۇردىغانلار)دۇر.                                                                       
        3. ئافشارلار : ئەڭ كۆ پى زەنجان، ئاھۋاز ۋە خوراسان رايۇنلىرىدا ئەڭ كۆ پ  ئولتۇراقلاشقان. نۇ پۇسى 1.8 مىليۇند ىن كۆ پ، نادىر شاھ ئىران تارىخىدا ئۇنۇملۇك رول ئوينىغان. 4 . شاخسىۋېنلەر: جەنۇ پتا ساۋا لان تاغلىرى، غەرىپتە قارا سۇ دەرياسى ئارىسدا جەنۇبىي ئازاربەيجانىڭ شىمالىي شەرىقتىكى رايۇنلاردا ياشايدۇ، نۇ پۇسى 740مىڭ ئەتراپىدا .                                          
         5.  كاجار  (قازار- ھەزەر ): لار گۇرگانىنىڭ سوۋار ، ساكاۋە مازاندەران ۋىلايىتىنىڭ ھازار - جەبىر رايۇنىدا يېرىم يەرلەشكەن ھالەتتە ياشىماقتا. نۇ پۇسى 180مىڭ ئەتراپىدا .   
      6. قارا پا پاخلار : سۇلدۇز ۋىلايىتى ئوسنۇنىڭ شەرقىدە ۋە جەنۇبىي ئازاربەيجانىنىڭ سوغوق بۇلاق رايۇنىدا يەرلەشكەن. نۇ پۇسى 180مىڭ بۇلۇ پ، تىل ۋە مىللى ئەن ئەنلىرىدىن ھېچ مەلۇمات يوق.     7. خەمىسە تۇرۇكلىرى: خەمىسە ۋىلايىتىدە ياشىغانلىقى ئۇچۇن خەمىسە نامى بېرىلگەن. ئاسلەن، ئىنىنانلۇ، باھارلۇ ۋە نە پەر قەبىلىلىردىن تەركىپ تا پقان. ئاساسەن جەنۇبىي ئازەربەيجان، ئەردەبىل، فارس ۋە شىراز رايۇنىدا ياشىماقتا، نۇ پۇسى 320مىڭدىن كۆ پ.
   8. كەڭگۈرلۈلەر: تېھرانىنىڭ ۋېرامىن ۋە قۇم رايۇنىدا تارقىلىپ ياشىماقتا، نۇ پۇسى 380 مىڭدىن كۆ پ.                                                                                9. قارا تاغلىقلار:  مەدەنىيەت ۋەئەنئەنىلرى جەھەتتە  شاخسېۋېنلەر  بىلەن ئوخشاش، قارا تاغ رايۇنىدا ياشىماقتا، نۇ پۇسى360مىڭ.                                                               10. خوراسان ۋە بوجاغچى  تۈركلىرى:  ئىرانىنڭ كىرمان ۋە بەلۇجىستان رايۇنلىرىدا ياشىماقتا. ئۇلار13خىل نەسە پكە ئايرىلغان بۇلۇ پ نۇ پۇسى 380مىڭ بولغان بىر تۇرك قەبىلىلەر ئىتپاقىدۇر .
11. كارايىلەر: خۇراسان ۋىلايىتىنىڭ تۈربەتە ھەيدەرەنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراق لاشقان بۇلۇ پ، نۇ پۇسى 600  مىڭ .  12. تۇرۇكمەنلەر: ئىراندا تۇركمەنىستان جۇمھۇريىتىگە يېقىن شەرىقىي شىمالىي ، خوراسان رايۇنىغا يەرلەشكەن بۇلۇ پ يامۇت، سالۇر ۋەسارىق قەبىلىلىردىن تەشكىللەنگەن نۇ پۇسى 2 مىليۇن.    
13.  بايات: نىشا پۇ ر  رايۇن (بۆلگە)دە ياشايدۇ، 14. قارا چۆرلى : جۇمەيىن ۋە ئىسفارائىن رايۇنىدا يەرلەشكەن.  15.تىمورتاشلار:گۇرگەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشقان                                                                                                             16. گوئودارى تۈركلىرى : ناردىن ۋە شەرھەت رايۇنىدا ياشىماقتا .يۇقارقىلارنىڭ كونكىرىت ئەھۋاللىرى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتيوق. 
 يەنە كىچىك تو پلام - جەمىيەت ھالىتىدە ئىرانغا تارقىلىپ ياشىغان تۈركى قەبىلىلەر:                                                                                                      1. خالاچ  2. مىشىكىن 3. دېلىكانلار 4. كېلىشانلار 5. شاتىرانلار  6.چاردولار 7. مۇقەددەم 8. ئىمارلار 9. بېي باغلار 10. كۈندۇزلۈكلەر 11. چېينلىقلار 12.خۇداپو ستلار  13. ئاغاچەرنى 14. گېيمىكلەر بار.    15. قازاقلار – يەنى 1932- يىلى روسىيەدىن ئىرانغا كۆچكەن 200مىڭ قازاق، قۇمبەت، گورگان ۋە  بەھشەرھ   شەھەرلىرىدە ياشىماقتا○21 .
 سىياسى ۋە باشقۇرۇلۇش جەھەتتە:  
ئىراندىكى تۈركلەر ئىسلام دىنىنڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقات قىلىدۇ. تەبرىز شەھرىدە ياشاۋاتقان ئازارىلەر مىللىي  كىملىگىنى قوغداش ئۈچۈن تارىختىن بېرى پا ر ىسلاشتۇرۇش(ئاسسېلىمىلاتسىيەقىلىش)ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق قارشى كۈرەش قىلماقتا.
تىل يېزىق جەھەتتە:
ئىراندىكى تۈركى مىللەتلەر غەربىي ئوغۇز تۈركچىسىنى قوللۇنىدۇ، ئەرە پ ئېلىپبەسى بىلەن خەت يازىدۇ.1925 —1975- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پەھلىۋىلەر زامانىدا تۈركى مىللەتلەرگە پارىسچە ئۆگۈنۈشكە زورلانغان ۋە ئازاربەيجان تۈركچىسىنى  قوللۇنۇش چەكلەنگەن○22 .
 سودا-سېتىق جەھەتتە
تۈركلەر تەبرىز شەھرىدە كۆ پرەك مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،  چۈنكى ئۇ ئىراننىڭ4- چوڭ شەھرى ۋەسودا سېتىق مەركىزى.ئەرلەر كۆ پۈنچە ئىشچى ۋە مەمۇرىي خىزمەتچى،ئاياللىرى بولسا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ.
ئىزاھاتلار:
        ---ئىزاھاتلار؛
1. مەلىك تېكىن؛«تۈرك تارىخى ئىنىسكلو پېديىسى » تۈركىيە مىللىيەت نەشرىياتى،1991-يىلى تۈركچە نەشرى،219- بەتكە قاراڭ.  
 2. بۈيۈك سالجۇق خانلىقىنىڭ مۇسۇل ۋا لىسى ئىمادې دىن   زە ڭگى تەرىپىدىن قۇرۇلغان  
3.  مىسىردا  قۇرۇلغان مەملۈك قىپچاق خانلىقى بۇلۇ پ1260-يىلد ىن باشلاپ سۈرىيىگە 3ئەسىر ھۈكۈمرانلىق قىلغان      
4. ‹‹تۈرك ۋە ئىسلام ئىنسكلو پېدىيسى››، 4-جىلىد،     1982-يىلى ئىستانبۇل تۈركچە نەشرى547-،550-،   551- بەتلەر گە قاراڭ
5. «دۇنيا بىلىملىرى يىلنامىسى» ( 1985-1986) 世界知识年鉴
دۇنيا بىلىملىرى نەشرىياتى،1986-يىلى خەنچە نەشرى،111-بەتكە قاراڭ.
6. ‹‹ تۈرۈكلۈك ھەققىدە مەلۇمات›› 2001  -يىلى  ئەنقەرە  تۈرۈكچەنەشىرى، 514-بەتكە  قاراڭ. بۇھەقتە يېقىنقى ۋاقىتلاردا بېرلگەن تەخمىنلەر بولسا،500مىڭ، 1 مىليۇن ،1مىليۇن500مىڭ ئەتراپىدا  دىيىلمەكتە. 
7، 8، 8، 11، 13، 14 . «تۈركلۈك ھەققىدە مەلۇمات» ، تۈرك مېتال تەتقىقات ئۇيۇشمىسى، 2001-يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشرى ،515-،516-بەتكە قاراڭ.
10, 12.  http://www.nihalatsiz.com/irakturkmenleri.
15 سىماچەن :«تارىخىي خاتىرلەر»،شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي تەتقىقات باشقارمىسى ،1987-يىل شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى506-بەتكە قاراڭ.      
16 «تۈركلۈك ھەققىدە مەلۇمات»،2001يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشرى،517-، ،126-،128- بەتلەرگە قاراڭ.        
17. 世界知识年鉴(1985-1986),1986年8月世界知识出版社看121页
18, 20 ,21 «تۈركلۈك ھەققىدە مەلۇمات»2001-يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشرى،518-،519-بەتكە قاراڭ.
19http://www.nihalatsiz.com/iran turkleri.22
" ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى "  2006- يىللىق 1- سان
ئەسەرلىرىمىڭ توردىكى ھوقۇقى پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگە مەنسۇپ، باشقا تور بەت مۇنبەرلىرىگە كۆچۈرۈپ چاپلاش قارشى ئېلىنمايدۇ.
bilqut
Posted: 2007-12-28 02:10 | [ئاپتور]
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ناھايىتى قىممەتلىك ماتىرىياللاركەن. رەھمەت قىرىندىشىم، ئىشلىرىڭىز تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن.
1som
Posted: 2008-01-09 19:02 | 1 -قەۋەت
Xojaniyaz
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت  .
Posted: 2008-01-13 15:39 | 2 -قەۋەت
hujam
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 8
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-05

 

Xojaniyazسىزگە كۇپ رەخمەت ،داۋالغۇش ئېچىدە تۇرۋاتقان رايۇنلاردىمۇ قىرىنداشلىرىمىز  باركەندە .
Posted: 2008-02-12 00:23 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » قېرىنداش مىللەتلەر

Total 0.083540(s) query 4, Time now is:03-07 19:53, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation