zulkar
كاللىدا ئويلىمىسا، ئېغىزدىن چىقمايدۇ...
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-19

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا iltebir دىن كونا - يېڭى كىتاپلار غا يۆتكەلدى (2007-12-28)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ئالتۇن تەنلىرىڭلار سالامەت كېتىپ بارامدۇ؟؟
پېقىر بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تور ئارىلاۋېتىپ تۇيۇقسىز مەزكۇر مۇنبەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ھەم ناھايىتى خوش بولۇپ كەتتىم. چۈنكى ھازىرقىدەك ئۇنىۋېرسال ناخشا - مۇزىكا ۋە كىنو فىلىملەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر توربەتچىلىكى ئىچىدە مەزكۇر مۇنبەر ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ۋە خاسلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. چۈنكى ھەممىگە قول سۇنغان بىلەن شۇنىڭغا چۈشلۇق قودرىتىمىز بولسا ئاندىن باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ، بولسا يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىپ ھەممىمىزنىڭ كىيىمىنى ھۆل قىلىدىغان گەپ. مەن دېمەكچى ھازىر ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەممە باشقا مىللەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىگە قارىغان تولىمۇ قالاق دەپ ھېسابلايمەن. قايسىلا تور بېكەتكە كىرسىڭىز ناخشا، مۇزىكا، كىنو دېگەندەك مەزمۇنلار ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە بېكەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئوپمۇ ئوخشاش، ھەتتا بەزى تېمىلارنى قايسى مۇنبەرگە كىرسىڭىز شۇ مۇنبەردە كۆرىسىز، ئۆزئارا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن.
مېنىڭ ئويلايدىغىنىم خۇددى مەزكۇر مۇنبەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە يېڭىلىق يارىتىپ باشقىلارنى بەلگىلىك بىلىمگە ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغان بولسا دەپ دەيمەن. كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ، ھەممىمىز قولىمىزدا بار ماتېرىياللارنى يوللاپ تۇرساق، بىر كۈنلەردە بۇ مۇنبەر تېپىلغۇسىز بىلىم غەزىنىسىگە ئايلىنىدۇ.
مېنىڭ يەنە كىچىككىنە تەلىۋىم بار ئىدى، مۇنبەر ئەھلى ياردەم قىلغان بولسا، كېچىكىپ كىرىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ھېيىتلىق (تۈركىي تىللار دىۋانى) سوۋغىسىدىن مېنىڭ نېسىۋەم قالماپتۇ. چۈنكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنىڭ ۋاقنى ئۆتۈپ كېتىپتۇ. مۇنبەر باشلىقى ئاۋارىچىلىق كۆرمىسە قايتىدىن بىر چۈشۈرۈش ئادرېسى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم.
يېقىندىن بېرى مەنمۇ قولۇمغا چۈشكەن بىر قىسىم ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ (تۇرپان تەزكىرىسى) ناملىق تور بېكەت ئېچىپ قويدۇم. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا قىززىققۇچى دوستلىرىمىز بولسا قەدەم - تەشرىپ قىلارسىلەر..
http://www.turpan.biz
ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئىشلىرىغا ئوتۇق. تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن...
bilqut
Posted: 2007-12-28 17:25 | [ئاپتور]
Boran
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

مۇنبەرگە سىزدەك ھەم بىزدەك تارىخخۇمار دوستلار كۆپلەپ كىرسە ئورخۇن ھەقىقىي ئېسىل مۇنبەر بولۇپ چىقالايدۇ....
1som
Posted: 2007-12-28 21:56 | 1 -قەۋەت
abdullah
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 20
شۆھرىتى: 21 نومۇر
پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-07

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ مەن ئۇچراتقان بىزنىڭ يېزىقتىكى ئەڭ ياخشى بىكەتكەن ~!!
بىرىنجى قەۋەتتىكى قېرىندىشىم سىزمۇ بىر ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز سىزنىڭ ئۇ بېتىڭز دىكى مەزمۇنلارنى مۇشۇ توربەتكە يوتكەپ بىرلەشتۇرۇپ ئايرىم سەھىپە قىلغان بولسا نىمە دېگەن ياخشى بۇلاتتى ، بۇمىنىڭ شەخسەن پىكىىرم باشقۇرغۇچىلار ۋە سىز قانداق ئويلايدۇ بۇ ماڭا نامەلۇم .
Posted: 2007-12-28 23:39 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.048813(s) query 4, Time now is:03-07 19:53, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation