داۋامى: ئەمدى ئەقىللىق كىشىنىڭ يېنىدا دېۋەڭلەر گۇرۇھىغا ياتىدىغان، يېتۈك كىشىلەر جۈملىسىدىن ئالغاندا كەمتۈك ھېسابىغا كىرىدىغان، ئىقتىدار ئىگىلىرى ئالدىدا قابىلىيەتسىز قارىلىدىغان، ئۆلىمالار يىغىلىشىدا جاھىل ۋە نادان ئاتىلىدىغان، باشتىن - ئاياغ ئەيىب ۋە كەمچىلىك بىلەن تولغان مۇھەممەد نىياز ئىبنى ئەبدۇلغەفۇر تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ:
نەپىس مەنىلەرنىڭ خېرىدارلىرىغا مەلۇم ۋە تارىخچىلار توغرىسىدىكى يىغىنلاردا قىسسە سۆزلەيدىغانلارغا چۈشىنىشلىك ھەمدە دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ھەممە ئەربابلىرىغا روشەن، شۇنداقلا ھەممە ئىززەتلىك، ھەم ھۆرمەتلىك سۆھبەتداشلارغا ئوچۇق بولغايكى، مەيلى سۇلتانلار تائىپىسىدىكىلەر بولسۇن، مەيلى ئالىي مەرتىۋىلىكلەر ۋە خاقانلار گۇرۇھىدىكىلەر بولسۇن، ئۇلارنى بۇ يۈكسەك ئورۇنغا ئالەمنى ياراتقۇچى، ھەممىگە قادىر ھۆكۈمران ئىگە قىلىپتۇ ۋە خەلقنىڭ ئاسايىشلىقىنى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا باغلىق ۋە ئالەمنىڭ تەرتىپ - ئىنتىزامىنى ئۇلارنىڭ لۇتف - ئېھسانى بىلەن قەھر - غەزىپىگە قارايدىغان قىلىپتۇ ھەم ئۆزىنىڭ قەدىمىي سۆزىدە ۋەھىيلىك مەرتىۋىسى ۋە پەيغەمبەرلىك دەرىجىسىدىن كېيىنلا ئىسلامىيەت سۇلتانلىرىنى تىلغا ئېلىپتۇ ۋە بۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى يۇقىرى - تۆۋەن ھەممە خەلقنى ئۇلارنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشقا بۇيرۇپتۇ. ئايەت كەرىمىدە "ئاللاغا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش باشقۇرغۇچىلارغا بويسۇنۇڭلار" ("قۇرئان كەرىم"، 3 - سۈرە نىسا، 59 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ، "ئىشتا قەتئىي ھۆكۈم قىلغۇچى يەنىلا ئاللادۇر" دېيىلگەنلىكى بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر، بۇ ئۇ ئۇلۇغ ۋە مۇتلەق ھاكىمنىڭ مۇكەممەل ھېكمىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ ئىنسان جۈملىسىدىن بولغان بىرىگە سۇلتانلىق تونىنى كىيدۈرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدىغان نەچچە مىڭ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغان قىلىپتۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئالەم قانۇنىنى تۇرغۇزۇپ ئىنسانلارغا ئارام يەتكۈزۈپتۇ. نەزم:
.
تەئالەللاھ، ئول خاتالىقى بىنىيار،
جەنابىدا ئەجز ئەھلىدۇر سەرفەراز.
ئاڭا خاس ئېرۇر ئىززەتۇ كىبرىيا،
كى مۈلكىدۇرۇر جۈملەئى ماسىۋا.
ھەكىمىكى كۆپتۇر ئانىڭ ھېكمەتى،
كى بىھىكمەت ئېرمەسدۇرۇر سەنئەتى.
تانۇلماقنى چۈن ئىختىيار ئەيلەدى،
ئەدەمدىن ھەمە يوقنى بارنى ئەيلەدى.
فەلەك تاقىتى قىلدى ئانداغ رەفىئى،
زەمىن سەھنىنى قىلدى مۇنداغ ۋەسىئى.
ئانىڭدا مەلائىككە بەردى ئورۇن،
زەمىن ئۈزرە ئىنسانغە بەردى سۇكۇن.
بەشەر خەيلىغە بەرمەك ئىستەب نىزام،
ياراتتى سەلاتىنى ئالىي مەقام.
ئانىڭ رۇتبەسىنى بەلەند ئەيلەدى،
خەلايىق ئارا ئەرجۈمەند ئەيلەدى.
ئاڭا ئالەم ئەھلىنى قىلدى مۇتىئى،
ۋەزىرۇ، ئەمىرۇ شەرىفۇ ۋەزىئى.
ھەمەسىگە قىلدى ئانى ھۆكۈمران،
ئەگەر زور بازۇ ۋەگەر ناتەۋان.
سالىپ باشىغە ھەيبەتى سايەسىن،
بىيىك قىلدى مۇنداغ ئانىڭ پايەسىن.
ھەمان بۇ ئىشىدا ئانىڭ ھېكمەتى،
ئىدى خەيلى ئىنسان رەفاھىيەتى.
كى باغلاپ ھەمە خاس ئىلە ئامنى،
قەۋى ئەيلەگەي دىنى ئىسلامنى.
رەئىيەتتىن ئولغاي بەسى باخەبەر،
كى بىر - بىرگە يەتكۈزمەگەيلەر زەررەر.
ئەگەر قىلسە ئاجىزنى زالىم سىتەم،
ئىشىتكەچ ۋۇجۇدىنى قىلغاي ئەدەم.
مۇفەتتىنكى فىتنە سالۇر خەلق ئارا،
ئانىڭ ئەيلەگگي روزگاردىن قارا.
يەتىمۇ غەرىبۇ فەقىر ئولسا گەر،
ئانى قىلغاچ ئېھساندىن بەھرەۋەر.
چېكىپ رەنج ئۆزى سۈبھ ئىلە شام ئول،
خەلايىقغە يەتكۈزگەي ئارام ئول.
بۇ ھېكمەت ئۈچۈن ئانى شاھ ئەيلەدى،
رەئىيەتكە ئانى پەناھ ئەيلەدى.
ئەگەر بولماسا شاھ ئالەم ئارا،
ئەمان بولماغاي خەيلى ئادەم ئارا.
بىيىكلىك تەقازا قىلۇر پەستلەر،
سىتەمگە سۇنار قول زەبەردەستلەر.
قىلۇر ئاجىز ئەلنى تەۋانا زەبۇن،
مۇسەللەت بولۇر ئەلگە ھەر رەزلۇ دۇن.
جاھاندا كۆتۈرگەي باش ئەۋباشلار،
بولۇر ئىززە بىباكۇ قەللاشلار.
يامانلار قىلۇر دەئۋەئى سەرۋەرى،
بولۇر ياخشىلار زىندەلىكدىن بېرى.
ھەمە ئالەم ئەھلىگە تۈشكەي نىفاق،
خەلايىق ئارا قالمىغاي ئىتتىفاق.
كېتەر رەۋنەق ئەھكامى ئىسلامدىن،
يىراق تۈشكەي ئەل ئەمنۇ ئارامدىن.
تۈشەي قوزغالىن مۈلكى كىشۋەر ئارا،
بولۇر شۇرۇشەر بەھر ئىلە بەر ئارا.
قەۋانىنى ئالەمدە قالماس نىزام،
بۇزۇلغاي جەھان، جۈملە ھاسىل كەلام.
داۋامى بار.
[ بۇ يازما UyghurQizi تەرىپىدىن 2007-11-18 13:55 دە ]