بۇ بەتتىكى يازما : سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

timanbol
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 16
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-10

 سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر

    مەن يېقىندا تۇرپانلىق بىر كىشىنىڭ ئاغزىدىن سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئازراق ئاڭلىغانلىرىمنى تورداشلارغا سۇندۇم. مەن بۇ كەسپنىڭ ئەھلى ئەمەس، شۇڭا خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ، يىل ئاي كۈنلىرىنى بىلىدىغانلار بولسا، قوشۇپ قويۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەسلىدە ئۇ كىشىنىڭ ئاتىسى(دادىسى) ئۆز ۋاختىدا مۇشۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتكىلى بىرنەچچە يىل بولۇپتۇ.
    گەپنى 1932-يىللىرىدىكى تۇرپان دىخانلار قوزغىلىڭىدىن باشلاش كېرەك. شېڭ شىسەي قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ، گۇمانلانغانلا ئادەم بولسا تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلايدۇ ھەمدە گۇناھكار دەپ قارالغانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلايدۇ. گۇناھ ئارتالمىغانلىرىنى قويۇۋەتمەي مەجبۇرى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىپ، ھەربىي مەشق قىلدۇرىدۇ. بۇ ئىشنى ئېيتىپ بەرگۈچى بوۋايمۇ شۇ قاتاردا ئوخشاشلا تۈرمىگە تاشلانغان، كېيىن ھەربىي مەشققە قاتناشتۇرۇلغان. مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى تۈرمىگە كىرگەندىمۇ دۈشمەنگە قەتئى تىز پۈكمەي ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غەزەپ - نەپرىتىنى يالقۇنلۇق شېرى تىللار بىلەن ئىپادىلەپ تۈرمىنىڭ تاملىرىغا يازغان، يۇقۇرى ئاۋازدا ئوقۇپ ھەممىنى تاڭ قالدۇرغان. قەتلى قىلىشقا ئېلىپ ماڭغاندىمۇ بار ئاۋازدا خەنزۇ تىلىدا دۈشمەننى تىللاپ شۇار توۋلاپ ماڭغان. بۇنى چۈشەنمىگەن بەزىلەر : قەتلى قىلىمىز دەۋاتسىمۇ يەنە ئۇلارغا يېلىنىپ نىمە قىلىدىغاندۇ؟ دىيىشكەن.
    بۇ بوۋاي ھەربىي مەشقتىن بىرنەچچە قېتىم ئوڭۇشلۇق قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن ئۆز ئورنىغا تۇتۇلغان ئىنىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن يەنە بېرىپ ئەسكەرلىككە قاتناشقان. كېيىنلىكتە شېڭ شىسەي ئۇلارنى ئالتايغا ئاپىرىپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قوشقان. ھەمدە بۇ قوشۇننى ( قوشۇن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىر نەچچە مىڭ كىشىىگە يېتىدىكەن ) ئوسمان ( قازاق ) غا قارشى ئۇرۇشقا سالغان. قوشۇن ئىچىدە مىللەتچىلىك ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇر ئەسكەرلەرگە تاماقنىڭ ياخشىسى تەگمەيدىكەن. ئۇرۇش سېپىنىڭ ئالدىغا دائىم ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى چىقىرىپ قويىدىغان بولغاچقا ئوقنىڭ نوچىسى شۇلارغا تىگىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوسماننىڭ ئادەملىرى يەر شارائىتنى ياخشى بىلگەچكە بۇلار كەلگىچە ئالدىن مۆكتۈرمە قويۇپ، پىلىموتتىن يامغۇردەك ئوقلارنى ياغدۇرۇپ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بىر نەچچە يۈز ئەسكەرنى يەر چىشلىتىدىكەن. بۇلار ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ ئاتاكاغا ئۆتكىچە ئۇلار كۆزدىن غايىپ بولىدىكەن. مىڭ بىر مۇشەقەتتە كەينىدىن قوغلاپ بىرنەچچە تاغنى بېسىپ بارغىچە، ئۇلار يەنە يېقىن يول بىلەن ئالدىغا چىقىپ مۆكتۈرمە قويۇپ پىلىموتنى تىكلەپ ساقلاپ ياتىدىكەن. ئوقى قالمىغاندا شۇ يەردە ئۆسىدىغان بىر خىل قاتتىق ياغاچتىن ئوق ياساپ ئاتىدىكەن. ۋاقت ئۆتكەنسىرى ئۇيغۇر ئەسكەرلەردىن چىقىم بەك جىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئاخىرى ئۇلار چىداپ تۇرالماي : سەپنىڭ ئالدىدا بىز ماڭساق، ناچار مۇئامىلىگىمۇ يەنە بىز ئۇچرىساق قانداق بولغىنى، بۇنداق كېتىۋەرسەك ئاز كۈنگە قالماي ھەممىمىز قىرىلىپ تۈگەيدىغان ئوخشايمىز ، بۇنداق بىھۇدە ئۆلگەندىن كۆرە مۇشۇلارنى قىرىپلاۋەتمەيمىزمۇ ئاغىنىلەر؟ دىيىشىپتۇ.
    مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يەنە ئۇرۇشقا چىقىپتۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ مىلتىقنىڭ ئۇچىنى كەينىگە قارىتىپ ئوق ئېتىپتۇ. لېكىن ئۇلارغا كېلىدىغان ئوق - دورا ۋە ئوزۇق - تۈلۈك ياردىمى بولمىغاچقا، قابا ناھىيىسى ئارقىلىق ئېرتىش دەرياسىدىن سۇ كېچىپ، سوۋېت زىمىنىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ ( 2000 ئەسكەر ). بۇنى ئاڭلىغان سىتالىن قاتتىق خوش بولۇپ كېتىپ ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى كۈتىۋالغان ( چۈنكى بۇ چاغدا سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى بولىۋاتقان بولۇپ، سوۋېت تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن مەزگىلى بولغاچقا ئەسكەرگە جىددى ئېھتىياجلىق ئىدى). ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى ئورۇنداپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ئالدىنقى سەپكە ئۇرۇش ئەڭ قاتتىق بولىدىغان جايغا ئىۋەتكەن. ئۇلار تاكى بېرلىنغا بارغىچە سەپنىڭ ئالدىدا جەڭگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە خاس جەسۇرلۇق ۋە قەھرىمانلىقنى نامايەن قىلىپتۇ. بۇ بوۋاينىڭ دىيىشىچە، بېرلىننىڭ پارلامىنت بىناسىغا سوۋېت بايرىقىنى بىرىنچى بولۇپ قادىغانلار دەل مۇشۇ ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ئىكەن. ئۇرۇشتا 400 كىشى قۇربان بولۇپ، 1600 كىشى سالامەت قايتىپ كەپتۇ.
    ئۇرۇشتىن كېيىن سىتالىن ئۇلارغا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە كېنىشكا تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، دۇكاندىن ئۆزىگە ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئېلىش، ماشىنىغا ئولتۇرۇش...قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە پۇل تۆلىمەي كېنىشكا نومېرىنى تىزىملىتىپ قويسىلا بولىدىكەن. ئۇلارنى يەنە يۇرتىغا كېتىشنى خالىمايدىغانلار قانچە خوتۇن ئالسا بولىۋېرىدۇ دەپ ھوقوق بەرگەچكە بەزىلىرى 5 - 6 دىن خوتۇن ئېلىپ شۇ يەردە قالغان. بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگۈچى بوۋاي قاتارلىق يەنە بىرمۇنچىلىغان كىشى : يۇرتىمىزدا زالىملارغا قارشى ئۇرۇش بولىۋېتۇپتىدەك، بىزمۇ بېرىپ كۈچ قوشايلى، دەپ قايتىپ كېلىپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپتۇ. ئۇلار تاكى ماناس دەرياسى بويىغىچە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلىپ نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ، ئۇرۇش قىلىشتىكى ماھىرلىقىنى ئىپادىلەپتۇ.   
    ئاخىرى بېتىم ئىمزالىنىپ ئۇرۇشمۇ توختاپتۇ. بۇ بوۋاي ئويلاپ باقسا ئۆيىدىن ئايرىلىپ چىققىلى ئون نەچچە يىل بولغان، ھەي توختاپتۇر، مېنىڭ ئاتا - ئانام، بالا - چاقىلىرىم بار ئەمەسمىدى. بېرىپ شۇلارنى بىر كۆرەي - دەپتۇدە، تۇرپانغا قاراپ يول ئاپتۇ.
Posted: 2008-01-01 01:46 | [ئاپتور]
Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

شۇڭا بەزىدە ئەجدادلارنىڭ مۇشۇنداق قەيسەرلىكىنى ئاڭلىساملا ئۆز ئەجدادالاردىن تۈمەنلەپ پەخرلىنىپ كېتىمەن! ئۇيغۇردىن سۈيۈنۈپ كېتىمەن!
3-ئىمپىرىيە پالامىنت بىناسىغا سوۋېتنىڭ بايرىقىنى قادىغان ھەقىقەتەن ئۇيغۇر!
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2008-01-01 10:32 | 1 -قەۋەت
bares
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

نىمە دىگەن پەخر ؛لىنەر ؛ىك ئىش بۇ ....ياشىسۇ ن ئۇيغۇرۇم .!ياشىسۇن پارلاق كەلگۈسى ئەتەتيىمىز !
Posted: 2008-01-01 15:20 | 2 -قەۋەت
kalbim09
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 17
شۆھرىتى: 18 نومۇر
پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-09

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى bares 2008-01-01 15:20 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
نىمە دىگەن پەخر ؛لىنەر ؛ىك ئىش بۇ ....ياشىسۇ ن ئۇيغۇرۇم .!ياشىسۇن پارلاق كەلگۈسى ئەتەتيىمىز !


توغرا  دەيسىز
Posted: 2008-01-01 16:31 | 3 -قەۋەت
vadarih
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-05

 

مۇشۇ ۋەقە ئىشەنچلىكمۇ ؟ ئەگەر ئىشەنچلىك بولسا قايسى كۈنكى خەۋەردىكى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يوقلىغان ئۇيغۇر قەھرىمانلار شۇلار ئوخشىمامدۇ ؟ئەگەر ئىشەنچلىك بولسا مۇشۇ توغرىسىدا بىرەر ماقالە يېزىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى .
Posted: 2008-01-05 16:38 | 4 -قەۋەت
vadarih
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-05

 

لىكىن مىنىڭ ئاڭلىغىنىم بۇنىڭغا تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ .شۇڭا دەيمەن .
Posted: 2008-01-05 16:39 | 5 -قەۋەت
timanbol
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 16
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-10

 

  vadarih : لىكىن مىنىڭ ئاڭلىغىنىم بۇنىڭغا تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ .شۇڭا دەيمەن
-----------------------------------------------------------------------------------------------------
  بۇ يەر ئۇيغۇر تارىخى بىلىملىرى ھەققىدە ئۆز ئارا مۇنازىرلىشىدىغان، بىلىم ئالىدىغان ياخشى مەكتەپ. شۇڭا سىزنىڭمۇ سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىلىدىغانلىرىڭىز بولسا، يوللاپ قويسىڭىز ھەممىمىز بىللە ئورتاقلاشساقكەن دەيمەن.
Posted: 2008-01-06 15:21 | 6 -قەۋەت
brave-heart
EVERYTHING I HAVE IS FOR MY NATION
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-09

 

مېنىڭچىمۇ ئىشەنچىلىك بولىشى مۇمكىن.ئەينى چاغدا سوۋىت  ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئازئەمەس ئىدى.
Posted: 2008-01-07 16:09 | 7 -قەۋەت
aytoldi311
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 16
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-10

 

مەنمۇ بۇ ماقالىنى شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلىدا كۆرگەن ئىدىم .شۇڭا سىزنىڭمۇ سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىلىدىغانلىرىڭىز بولسا، يوللاپ قويسىڭىز ھەممىمىز بىللە ئورتاقلاشساقكەن دەيمەن
Posted: 2008-01-07 20:58 | 8 -قەۋەت
boztagh
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-09

 

بىز شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەپ، ئاخىرى ھەممىدىن قۇرۇق قاپتۇق، نىمەدېگەن شورپىشانىدۇرمىز! ئەجداتلىرىمنىڭ ئاققۇزغان قانلىرىنى ئويلىساملا كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ دېسە!
Posted: 2008-01-09 00:19 | 9 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.054752(s) query 4, Time now is:01-11 01:43, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation