![]() |
ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
ertoghrul
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
---|
شىنجاڭ ھەققىدە غەربتە يېزىلغان ئەسەرلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنياسىدا شىنجاڭ تارىخى توغرىسىدا بەزى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىقلىرى ئەنگلىيە تارىخشۇناسى ئاندرېۋ فوربېسنىڭ " جوڭگو مەركىزىي ئاسىياسىدىكى مىلىتارىستلار ۋە مۇسۇلمانلار، شىنجاڭنىڭ 1911- 1949- يىللىرىدىكى سىياسىي تارىخى" ناملىق كىتابى بولۇپ، بۇ ئەسەر 1986- يىلى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. مەزكۇر كىتابتا تۇنجى قېتىم بىر قەدەر سىستېمىلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ 20- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىنى يورۇتۇشقا تىرىشىلغان بولۇپ، ئاپتور ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ دىپلوماتىك ئارخىپلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە تۈركچە، خەنزۇچە ئەسەرلەردىنمۇ پايدىلانغان. ئاندرېۋ فوربېس ھەقىقەتەن، 30- يىللاردىكى قەشقەردە قۇرۇلغان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى »نىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى بەرگەن ھەمدە 40- يىللاردىكى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى » ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ توختىلىپ، ئۆزىگە خاس يەكۈنلەرنى چىقارغان. بىراق، ئۇنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى ئاساسەن دېگۈدەك ئىنگلىز، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرى بولغاچقا مەسىلىلەردىن خۇلاسە چىقىرىشتا بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى بولالمىغان. 1944- يىلىدىن 1949- يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭ ھەمدە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى » ۋە ئۇنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى، سىياسىي مەسلەك كۈرەشلىرى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان كىشى ئامېرىكا ئالىمى لىندا بېنسون بولۇپ، ئۇنىڭ " ئىلى ئىنقىلابى" ماۋزۇلۇق كىتابى 1990- يىلى نىيۇيوركتا نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتاب غەرب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم 1944- 1949- يىللىرىدىكى شىنجاڭدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەمدە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى » ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات قىلىنىش نەتىجىسىدە يېزىلغان مونوگرافىيە بولۇپ، بۇ ئەسەر مەزكۇر تەتقىقات تېمىسى بويىچە كۆرۈنەرلىك تۆھپە بولۇش بىلەن ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. لىندا بېنسون غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ ۋە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھەمدە دىپلوماتىك ھۆججەتلەردىن تولۇق دېگۈدەك پايدىلانغاندىن تاشقىرى تەيۋەندىكى گومىنداڭ ئارخىپلىرى شۇنىڭدەك تەيۋەن ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتا نەشىر قىلىنغان خەنزۇچە ماتېرىياللارنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىشلەتكەن. ئەلۋەتتە ، لىندا بېنسون يەنە تۈركچە ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردىن پايدىلىنىش ئاساسىدا مەسئۇد سابىرى ، ئەيسا يۈسۈپ ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان 1946- يىلىدىن 1949- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سىياسىي ئىدىيە توقۇنۇشلىرى ھەققىدىمۇ تۇنجى قېتىم مەخسۇس توختالغان غەرب ئالىمىدۇر. ئىلى ئىنقىلابىغا ئائىت ئاخىرقى يېڭى كىتاب ئاۋستىرالىيىلىك خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان داۋىد ۋاڭنىڭ " ئىلى ۋەقەسى، 1944-1949- يىللىرىدىكى شىنجاڭدىكى مىللىي توقۇنۇشلار ۋە خەلقئارا رىقابەتلەر " ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىدۇر. شىنجاڭنىڭ 20- ئەسىردىكى ئومۇمى سىياسىي تارىخى، بولۇپمۇ ، 1912- 1949- يىللىرىدىكى سىياسىي تارىخى، ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئاز بولسىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرچە مەنبەلەرنى ئىشلىتىش ئاساسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ توختالغان ئالىم ئامېرىكىدىكى جورج توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جامېس مىللۋارد بولۇپ، ئۇ يېقىندا غەرب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى قىسقارتىپ بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن يېزىپ چىقتى. ئاپتورنىڭ "ياۋرو ئاسىيا ئۆتكىلى ــــ شىنجاڭنىڭ تارىخى" ناملىق كىتابى 2007- يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور كىتابىنىڭ 60 بەتكە يېقىن قىسىمىنى ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىگە بېغىشلىغان. بۇلاردىن باشقا يەنە جوھن خوپكنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا- كاۋكازىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنتى فرېد ستار رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ يىللىق "شىنجاڭ تەتقىقات پىلانى " نىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە چىقىرىلغان پروفېسسور فرېد ستارنىڭ باش تەھرىرلىكىدە نەشىر قىلىنغان " شىنجاڭ: جوڭگونىڭ مۇسۇلمانلار چېگرىسى" ناملىق كىتابنىڭ پروفېسسور جامېس مىللۋارد بىلەن دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بىرلىشىپ يازغان " 1884- 1978- يىللىرىدىكى سىياسىي تارىخ ۋە كونترول قىلىش ئىستىراتېگىيىسى" ماۋزۇلۇق 3- بابىدىمۇ «ئىلى ۋەقەسى» ۋە 1933- يىلىدىكى «قەشقەر ۋەقەسى » دەۋرى تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىلگەن. |
||
![]() |
TarimDadxah
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
niyazdixan
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kimsiz
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
uyghurqizi
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
yawuze
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
MARSHALL
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
palwan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
anatil
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
irpan9
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
yexiltugh
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
arkim
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|