niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شېڭشىسەينىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ماتىرىيال

تاسادىپى قولغا چۈشۈپ قالغان دوكلات كۇپىيىسى

ئەرشىدىن تاتلىق

1957 - يىلى باھار ئايلىرى ئىدى . ئىدارە بويىچە ئومۇمىي تازىلىق يۈرگۈزمەكچى بولۇپ ، ھەممە ئىشچى - خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى . مەرھۇم تېيىپچان ئېلىيوپ ، ئابدېكىرىم خوجا ، ئەخمەت زىيائى ، روزى قاسىم ۋە مەن بىلەن بەش - ئالتە كىشى بىر گۇرۇپپا بولغاندۇق . خىزمەت تەقسىماتى بويىچە بىز شۇ چاغدىكى رۇس كۇلۇبى ( ھازىرقى دوستلۇق كۇلۇبى ) بىلەن شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ( ھازىرقى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئائىلىكلەر قوراسى ) ئارىلىقىدىكى لاپاسلىق كارىدورنى تازىلاشقا كىرىشتۇق . بۇ كارىدورغا 40 - يىللاردا چىققان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى گېزىت ژورناللار توپ - توپى بىلەن باغلاپ تاشلانغان . بىز ئۇلارنىڭ كارغا كېلىدىغان ( سېسىپ - چىرىمىگەن ) لىرىنى بىرلەشمىنىڭ قىرائەتخانىسىغا توشۇپ ، كېرەكسىزلىرىنى ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلىدۇق . ئۇنى تۈگىتىپ كارىدورنىڭ يەر يۈزىنى سۈپۈرۈپ تازىلىغاندىن كېيىن ، تورۇستىكى لىم ياغاچلار بىلەن چەنزىلەرنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان گېزىت - ژورناللار ۋە خەت - چەكلەرنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتۇق . شۇ ئارىدا قولىمىزغا مەشنىڭ كانىيدەك چوڭلۇقتا ، ئىككى بېشى يىلىملاپ چاپلانغان بىر توپ قەغەز چىقىپ قالدى . بىز ئۇنىڭغا قىزىقىپ ، " بۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم قىممەتلىك ماتىرىيال بولۇشى مۇمكىن دەپ ، ئۇنى پىچاق بىلەن كېسىپ ئاچتۇق ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يىپ بىلەن تىكىلگەن خەنزۇچە يېزىقتىكى ئىككى توپ ماتىرىيال چىقتى . مەرھۇم ئابدېكېرىم خوجا ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇپ ، بىزگە مۇنداق دەپ بەرگىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە : " بۇ ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا شېڭشىسەينىڭ ئىشىنى مەخپى تەكشۈرگىلى كەلگەن بىر خىزمەت ئۆمىكى يازغان دوكلاتنىڭ كۇپىيىسى ئىكەن . بۇنىڭدا شېڭشىسەي تۈرلۈك بەدناملار بىلەن قەتل قىلغان ئادەملەرنىڭ سانى جەدۋەللەشتۈرۈپتۇ . بۇنىڭ يەكۈنىدە مۇنداق دىيىلگەن :

1 . جاي - جايلاردىن تۇتقۇن قىلىپ ئەكىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 57000 دىن ئارتۇق . بۇلار ئاساسەن يەرلىك خەلقنىڭ مۆتىۋەرلىرى ، يۇرت چوڭلىرى ۋە ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ، كومۇنىست دەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا خەنزۇلاردىن شېڭشىسەينىڭ ئۆزىنىڭ ئىنىسىمۇ بار .

2 . 1933 - يىلى ماخوسەننى قوغلاش باھانىسى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىگىچە ئەۋەتىلگەن ئاق ئورۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە 1937 - يىلى " شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭغا قاتناشقان " دەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 30000 دىن ئارتۇق

3 . " ئالتايغا ئالتۇن كولاشقا بارىدۇ " دەپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئېلىپ كېلىنىپ ، ئالتايغا بارغىچە بولغان چۆل - جەزىرىلەردە سۇسىزلىق ، ئاچلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەر ۋە ئالتايغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن مىلتىقنى ئوڭلاپ ئاتالماي ئۇرۇشتا نابۇت بولغانلارنىڭ سانى 40000 ، بۇلارنىڭ جۇغى - جەمىئىي 127000 دىن ئارتۇق . ھەرقايسى ۋىلايەت - ناھىيەلەرنىڭ قاماقخانىلىردا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى بۇنىڭ سىرتىدا . چۈنكى ، بىز بۇ ھەقتە ئېنىق ۋە ھەقىقى سانغا ئېرىشەلمىدۇق .

بۇ ماتىرىيال ئارىمىزدا بىر ئاز غۇلغۇلا قوزغىدى . ئاخىر ، ئابدۇكېرىم خوجا بۇ ماتىرىيالنى بىرلەشمىنڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى . بۇ ئىشقا بۈگۈنكى كۈندە 36 يىل بولدى . بۇ ئىش ھەر بىر ئېسىمگە كەلسە ، پاجىئەلىك ئۆتمۈشنىڭ قانلىق ، خۈنۈك ۋە يىرگىنچلىك كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەنگەندەك بولىدۇ .

مەنبە : شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى  35 - سان . ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىل 12 - ئاي 1 - نەشرى )
Posted: 2007-11-18 22:57 | [ئاپتور]
hejran(712)
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2007-12-27

 

شىڭ دىگەن ھارام تاماق خوتۇن تالاق كەلگۈندى ھاراملىق
Posted: 2007-12-12 13:13 | 1 -قەۋەت
eloghli
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 2007-12-25

 

Quote:
1 - قەۋەتتىكى hejran(712) 2007-12-12 13:13 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
شىڭ دىگەن ھارام تاماق خوتۇن تالاق كەلگۈندى ھاراملىق

ھاي ھاي  بۇ ھارامدىن بولغان كاپىرنى مىڭ تىللىساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ لىكىن بۇيەردە ئەمەس ئىچىڭىزدە رەك تىللاڭ .
قاتتىق تەككەتمىسۇن دىمەكچى ئەمەس بەلكى مۇنبەر ھەرقاچان نازارەت ئاستىدا
Posted: 2007-12-25 04:17 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي

Total 0.068055(s) query 4, Time now is:01-12 21:44, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation