Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق غا يۆتكەلدى (2008-01-04)
                        ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

                                 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ

                                          ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ.

        
          ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺗﺎﺭﺧﭽﯩﻠﯧﺮﻯ 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﻰ "ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ" ﺩﻩﭖ ﻫﯚﻛﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻗﺘﺎ.

  ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﮔﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ 650 ﻣﯩﯔ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺘﺎﺑﻴﯩﺰﯨﻠﯩﭗ، ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ، ﻛﯘﻧﯩﮕﻪ 900 ﺧﯩﻠﻜﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ، ﻫﻪﺭ ﻛﯘﻧﻰ 1500ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺩﯦﺴﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﻼﻧﻘﯩﻠﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺩﯦﺴﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ 5 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ 350ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﭘﻪﻥ - ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﺋﯘﭺ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ (ﭘﺎﺭﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ، ﻫﯩﺴﺎﺑﻼﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯧﺴﻰ) ﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ.ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ: "ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ" ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯘﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺷﺌﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﭽﻪ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﺌﯩﻼﺭﻧﯩﯖﺌﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﻧﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻰ 43%؛ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯖﺌﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﻧﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻰ 108%؛ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯖﺌﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﻧﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻰ 300% ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﺘﯩﻦ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯖﺠﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻨﻤﻪﻟﯘﻡ.
ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﻮﺗﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﯩﺌﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ -ﻛﯘﻧﮕﻪ ﮔﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺸﺌﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﻙ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﻮﺭﯗﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﺧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻫﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻐﺎﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯩﯟﯨﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪﺗﺎﺭﯨﺦ ﻳﯩﺰﯨﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﺧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺴﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﯩﻠﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯ - ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﯘﺳﻰ، ﺩﻩﭘﺌﯩﺸﺌﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.

1 - ﺑﺎﺏ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ :

"ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ - ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﻛﺎﺗﻪﮔﺮﯨﻴﻪ" (ﯞ.ﺋﻰ. ﻟﻪﻧﯩﻦ) ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﺠﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯘ "ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ" ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ،ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﺱ ﺗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﯘﺭﺍﻝ - ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﺋﻮﺗﻴﺎﺵ ﻳﯩﻐﯩﺶ، ﺋﻮﻱ ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﺸﺌﯘﺳﯘﻟﻰ، ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭼﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﯦﻨﯩﺶ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯘ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﻟﻪﺗﺘﻰ، ﻛﻪﯓ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﺍﻟﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﺳﺨﺎﻧﺎﺋﯩﺪﻯ.
ﻛﯩﻴﯩﯩﻨﺮﻩﻙ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺕ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺒﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺗﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ.ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﺯﯗﻡ، ﺩﻭﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻮﺑﻴﻜﺘﯩﭗ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻳﯩﺰﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯘﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻳﯩﺰﯨﻖ (ﺧﻪﺕ) ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ 5000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﯗﮔﯩﻠﯩﭗ (ﺷﻪﻛﯩﻞ) ﺧﯩﺘﯩﺪﯗﺭ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍﻣﯧﺴﯩﺮﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻣﺎﻧﻘﻪﻏﻪﺯ، ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭ (ﺷﻪﻣﺴﯩﻴﻪ، ﻗﻪﻣﻪﺭﯨﻴﻪ) ﻣﯘ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﺌﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ.
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. "ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ .
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯩﺒﺒﯩﺲ (ﺗﻬﻪﺑﻪﺱ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺭﺍﻣﯩﺴﺴﯘﻡ (ﺭﺍﻣﯩﺴﺴﯘﻡ) - "ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ" ﺩﻩﭘﺌﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 2870 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﭘﯩﺮﺋﻮﻧﻰ ﺋﻪﺳﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﭘﯩﺘﺎﻫ ﻫﯘﺗﯩﭙﺘﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺳﻪﺑﯘﻳﻪﺕ" ﯞﻩ "ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﺎﻣﻪ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﺌﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩﺑﺎﺑﯩﻠﯘﻧﺪﺍ ﭘﺎﺩﺷﺎﻫ ﺋﺎﺷﺌﯘﺭﺑﺎﻧﭙﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ 25ﻣﯩﯔ ﺟﯩﻠﺪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭘﻠﻪﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﻫﻪﺭﭘﻠﯩﻚ ﺧﻪﺕ ﺋﯩﺠﺎﺩﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻓﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 3000ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ "ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪ" (1)ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،
ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﯞﻩ ﺑﺎﺑﯩﻠﯘﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﯩﭙﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﯩﺐ (ﺋﻪﭘﯩﺐ) ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻢ -ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ،"ﻳﺎﻟﻼﻧﻤﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ "ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﻙ"ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﭘﻪﺏ ﺑﺎﻻ، ﮔﻮﻛﯩﺲ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﻰ - "ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﻪﺵ"ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻜﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮔﯧﺮﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻜﻮﺱ (ﻣﻪﻧﺌﻮﻗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﺯﯗﻣﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﭙﯩﺪﺍﮔﻮﮒ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﺌﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ "ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ" ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ.
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﺗﻤﻪﻱ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻜﻮﺗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﻮﭘﯩﺴﺖ ("ﺋﯩﻠﯩﻢ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ") ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ، ﺑﻪﻛﻬﻮﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﯩﻠﯩﻢ ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻧﺎﺗﯩﻖ (ﺋﺎﺭﺍﺗﯘﺭ) ﻻﺭﺩﯨﻨﺒﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﯘﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻪﺩﯨﻘﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﺪﺍﺋﺎﺭﻗﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻛﺎﺩﻩﻣﯩﻴﻪ (2) ﯞﻩ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻼﺭ (3) ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭ "ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺩﻩﯞﺭﻯ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺱ: ﮔﯧﺮﻙ - ﻻﺗﯩﻨﺘﯩﻠﻰ، ﻧﺎﺗﯩﻘﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ،ﺩﯨﺌﺎﻟﯩﻜﺘﯩﻜﺎ، ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ،ﮔﯩﺌﻮﻣﯩﺘﺮﯨﻴﻪ،ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ "ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕ ﺩﻩﺭﺳﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 776 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﻨﯩﯖﺌﻮﻟﯘﻣﭙﯩﻴﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ (4) ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻜﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯘﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ،ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ ﯞﻩ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﻗﺮﺍﺕ (5)، ﭘﺮﯗﺗﺎﮔﺮﺍﺱ(6)، ﺩﻩﻣﻮﻛﺮﯨﺖ (7) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﻘﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﺌﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ،ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺷﺌﻮﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻨﺒﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 384 - 322 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 335 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻓﯩﻨﺎﺩﺍ"ﺭﻭﻛﻴﺎﻥ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩ ﺯﯗﻟﻘﻪﺭﻧﻪﻳﯩﻨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ 800 ﺗﺎﺭﺍﻥ (8)ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻫﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻑ. ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺲ ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻠﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ "ﻫﻪﻣﻤﯩﻼ ﭘﻪﻧﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﭼﻮﯕﺌﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ" ﺩﯨﮕﻪﻥ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﺋﯘ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﻼ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯘﺯﯗﻡ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ 158 ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.
ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ ﺋﯩﻠﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﯘﭺ ﭼﻮﯓ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﻪ (ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﯟﯨﺒﯩﻠﯩﻢ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﭙﯧﻨﻰ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ) ﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ، ﺩﯨﺌﺎﻟﯩﻜﺘﯩﻜﺎﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ؛ﺋﺨﻼﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﮕﯩﻴﻪﺷﺌﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﺌﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ؛ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎﻫﻪﻣﻤﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ - ﻳﻪﻧﻪ ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ،ﺩﯨﺌﺎﻟﯩﻜﺘﯩﻜﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯖﺌﺎﺳﺎﺳﭽﯩﺴﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ -ﺋﻪﻧﺴﯩﻜﻠﻮﭘﻪﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ ﺋﻪﻧﺴﯩﻜﻠﻮﭘﻪﺩﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ(ﺋﯩﻨﺴﻜﻠﻮ) ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ (ﭘﯩﺪﯨﻴﺎ) ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﺒﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺭﻭﻛﻴﺎﻥ" ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ(ﭘﻪﺩﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ) ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.
"...ﮔﯩﺮﺍﮊﺩﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺯﻭﺭﯗﺭ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ، ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻘﺘﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ...".
ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻘﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﺯﯗﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻧﯩﺮﯨﻐﺎﺑﯚﺳﯜﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ:"ﻗﯘﻟﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﺪﯗﺭ...".

* * * * * *

ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯘﺋﺎﯕﺨﯥ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻴﻤﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺧﯩﻠﯩﻼ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ"ﺟﻴﺎﮔﯘ" ﻳﯩﺰﯨﻘﻰ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﻪﺷﭙﻘﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.
"ﺟﻴﺎﮔﯘ" ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺳﻮﯕﻪﻙ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﭙﺎﻗﺎ ﻗﯧﭙﯩﻐﯩﻼﻳﯧﺰﯨﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﺎﻝ ﺗﻪﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ - ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻘﯩﻴﺎﺳﻼﺭ ﭘﯘﺗﯘﻟﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺋﯩﺴﻼﻫ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺠﯘﯕﮕﻮ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﺯﯗﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻨﺒﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 551 - 479 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ 3000 ﺩﯨﻨﺌﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ 70 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻗﻰ ﺷﯘﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﻠﯧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯦﺸﻰ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﻻﯞﺯﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﺒﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ "ﻣﯩﻦ ﻓﯘ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﻜﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﯨﻨﯩﯔ "ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺨﯧﻠﻰ ﻛﻪﯓ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ "ﻫﻪﻡ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ، ﻫﻪﻡ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ"، "ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭙﺰﯦﺮﯨﻜﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻫﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ" ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ "ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻖ" ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ "ﯞﺍﭘﺎﻧﯩﯖﺸﻪﺭﺗﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ" ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ "ﺋﯚﺯﯗﯓ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻨﯩﺌﯚﺯﮔﯩﮕﻪ ﺗﺎﯕﻤﺎ" ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﻯ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ "ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﺎﻣﻪ"ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮒ ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯘﺯﯗﻣﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ، ﻣﯧﺘﻮﺩﯨﻜﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ (ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ) ﺷﻮﺗﺎﯕﻤﻪﻛﺘﯩﭙﻰ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 276 - ﻳﯩﻠﻰ "ﮔﯚﺯﯨﺸﯘ" (ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ) ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ،ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ،
ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻛﯚﭖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮔﯘﻟﻠﻪﻧﺪﻯ.ﺩﻭﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺗﯧﺮﻩ ﯞﻩ ﻻﺗﺎ - ﭘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﯖﯩﭽﻪ ﻗﻪﻏﻪﺯﻳﺎﺳﺎﺵ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻳﯘﻛﺴﻪﻟﺪﯗﺭﯗﺷﺘﻪ ﺯﻭﺭﺗﯘﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪ ﯞﻩ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯖﺮﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﯘﺭﺗﻜﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ.
ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﯧﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ،ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ - ﺗﯘﺭﻛﯘﻣﻠﻪﭘﺌﯩﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ.

ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ:

(1) ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﻓﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ "ﺋﺎﻟﭙﺎﺑﻪﻳﺖ" ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭙﺎﺋﯚﻛﯘﺯ، ﺑﻪﺋﯩﺖ ﺋﻮﻱ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻛﯘﺯ ﻗﻮﺗﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻓﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺋﯚﻛﯘﺯﻧﻰ "ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ" ﺩﻩﭖ ﻫﯩﺴﺎﺑﻼﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯘﻧﻜﻰ، ﺋﯚﻛﯘﺯ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯖﺘﺎﻳﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
(2) ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻪ ﻳﯘﻧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ.
(3) ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺕ ﮔﯧﺮﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ "ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﻠﯩﺶ"ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺒﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻼﺭ ﻫﺎﯞﺍﻟﯩﻖ ﺑﺎﻏﭽﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺳﺘﻮﺩﯦﻨﺘﻼﺭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯘﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
(4) ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ - ﻳﯘﮔﯘﺭﯗﺵ، ﺩﯦﺴﻜﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺕ ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ،ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ، ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﺩﺭﺍﻣﺎ، ﺋﻮﭘﯧﺮﺍ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪﺗﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ.
(5) ﺳﻮﻗﺮﺍﺕ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 469 - 399 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) "ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺱ - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ.
(6) ﭘﯩﻼﺗﯘﻥ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 427 - 347 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﻮﻣﯘﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 387 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻓﯩﻨﺎﺩﺍ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﻪﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، "ﻏﺎﻳﯩﯟﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ"، "ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﭖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﻴﺎﺯﻏﺎﻥ.
(7) ﭘﺮﯗﺗﺎﮔﺮﺍﺱ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 481 -411 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮒ،ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. "ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻧﺌﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﻫﯩﻢ" ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ.
(8) ﺩﻩﻣﻮﻛﺮﯨﺖ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 460 - 370 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﻪﻧﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﺴﺘﺌﺎﻟﯩﻢ. 52 ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ، "ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻪﻳﺪﯗ" ﺩﯦﮕﻪﻥ.
(9) ﺗﺎﺭﺍﻥ - ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ.

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ:

ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﭼﺎﺗﻤﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ11-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩﺗﻮﺧﺘﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯗﻕ...ﻛﻪﭼﯘﺭﮔﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ،
[ بۇ يازما Elturk تەرىپىدىن 2008-01-09 20:44 دە قايت ]
Posted: 2008-01-03 20:58 | [ئاپتور]
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

                                    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

                                    ( ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

                                            2-ﺑﺎﺏ

                              ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻏﯘﺯ، ﻳﻪﻡ - ﺧﻪﺷﻪﻙ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺭﭘﺎ، ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ، ﺑﯩﺪﻩ ﺋﯚﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺯﯙﺭﯗﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯙﺭﯗﺭﯨﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﯦﻨﻰ ﺋﯩﺖ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯩﺖ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﺷﻘﺎ، ﭼﯩﺪﯨﺮ - ﺋﺎﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ، ﭘﺎﺩﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﻧﭽﯘﻕ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭼﯘﺭﯗﺵ، ﺋﻮﺯﯗﻕ - ﺗﯘﻟﯘﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﺋﺎﺕ، ﻫﺎﺭﯞﺍ، ﻗﻮﺗﺎﺯ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺕ ﻛﯚﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻫﺎﺭﯞﺍ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻫﯘﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﮔﯩﺮﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺷﺎﻣﺎﻥ، ﭘﯧﺮﺧﯘﻥ ﯞﻩ ﭘﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ (ﻣﻮﻟﻠﯩﺴﻰ) ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻼﻫﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ "ﺋﯘﻣﺎﻱ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺴﻪﻟﺪﯨﻦ، ﺩﯨﯟﻩ - ﺷﺎﻳﺎﺗﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺧﺸﻰ - ﭘﯩﺮﯨﺨﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺯﺍﻳﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﯗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻣﻮﻣﺎ ﻗﺎﺩﺍﭖ ﭘﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﺎﺗﺘﻰ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺗﻼﺗﻘﯘﺯﺍﺗﺘﻰ، ﮔﯘﻟﺨﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﭗ، ﺋﯩﺴﺮﯨﻖ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ، ﺋﻮﺕ - ﺳﻮﻗﺘﯩﻦ ﯞﻩ "ﭼﻪﺗﻨﻪﻙ" ﺗﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺗﯘﻣﺎﺭ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ، ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﭘﻪﻧﺪﻯ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺮﭼﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﻧﺪﻩﻳﺘﺘﻰ. ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘﻳﺘﺘﻰ. ﺗﻪﺑﯩﺮﭼﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﭘﺎﻟﻐﺎ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻼﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﭼﯘﺷﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﻮﺭﺳﻪ، ﺋﺎﻣﯩﺘﻰ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ؛ ﭼﯘﺷﯩﺪﻩ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﺴﻪ ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ؛ ﻗﻮﻱ ﭘﺎﺩﯨﺴﻰ ﻛﻮﺭﺳﻪ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﭼﯘﺵ ﻛﻮﺭﺳﻪ، ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﻧﺎﻥ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﭼﯘﺵ ﻛﻮﺭﺳﻪ، ﻛﻮﺯﻯ ﻛﻮﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺳﯘﻏﺎ ﺳﯩﻴﯩﭗ ﭼﯘﺵ ﻛﻮﺭﺳﻪ، ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺕ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ، ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﭘﻪﻧﺪﻯ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ "ﺗﻪﺑﯩﺮﻧﺎﻣﻪ" (ﺋﯧﺮﯨﻖ ﭘﯘﺗﯘﻙ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺗﻪﺧﯩﻤﯘ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
" ﺋﯧﺮﻕ ﭘﯘﺗﯘﻙ " ﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ:
ﺋﯧﻴﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﯕﮕﯘﺯ ﺩﺍﯞﺍﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﭘﺘﯘ، ﺋﯩﻴﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭙﺘﯘ، ﺗﯘﯕﮕﯘﺯﻧﯩﯔ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﻧﯘﭘﺘﯘ. ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ.
ﺋﻮﻏﻼﻥ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﯩﻴﺪﺍﭖ، ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﻳﻐﺎﻥ، ﭘﯘﺗﻰ ﺗﺎﻳﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ، ﭼﯚﻟﺪﻩ ﻏﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻳﻪﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺯﮔﯘ (ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ) ﺩﯗﺭ.
ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﺪﺍ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﻡ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﻛﯘﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯗﻧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻛﯘﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﻮﭖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﻡ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﭘﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﮔﯘﻧﮕﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﺎﺳﺎﺩﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺮﯨﻖ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻧﻮﻛﭽﺎ ﻛﯚﻳﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﻳﯧﻘﯩﺶ، ﻛﯩﻠﯩﻨﻨﻰ ﮔﯘﻟﺨﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻼﺗﻘﯘﺯﯗﺵ، ﻛﯘﻥ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﻐﺎ - ﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﻮﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺭﯨﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﻣﻨﺎﻧﺪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ: " ﺯﯨﻤﺎﺭﻙ (1) ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﺍ ﺋﯩﺴﺘﻪﻣﻰ (2) ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﺴﺘﻪﻣﻰ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﻪﺧﺖ ﭼﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﺎﺳﻤﺎ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻜﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﺳﯚﺭﯨﺘﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﺮﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭼﯩﺪﯨﺮ - ﺑﺎﺭﮔﺎﻫ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻩﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﭽﻰ، ﺑﯚﺭﻩ، ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ، ﺷﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﻰ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯘﺭﻧﺎ ﯞﻩ ﺗﻮﺯ ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻫﻪﻳﻜﻪﻝ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺯﯨﻤﺎﺭﻙ ﭼﯩﺪﯨﺮ - ﺑﺎﺭﮔﺎﻫ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺲ ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻙ - ﺗﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﯘﮔﯘﺭﯗﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯘﻟﺨﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻼﺗﻘﯘﺯﯗﭖ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺪﯨﺮ - ﺑﺎﺭﮔﺎﻫﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ".
ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺳﯩﻤﯟﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 763 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯘﺯﻟﯘﻙ ﻣﺎﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯩﯖﻰ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 274 - 215 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﯞﺍﺋﯩﺰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 241 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ 26 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ: " ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯘﺭﯨﺸﻰ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ، ﻫﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯘﺭﻩﺵ. ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻣﯘ ﻫﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ " ﺩﯨﮕﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ - ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ.
ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﭘﯘﺭﯗﺳﺘﺎﺩﺍﻥ 696 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 755 - ﯞﻩ 762 - ﻳﯩﻠﻠﯧﺮﻯ، ﺗﺎﯓ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﺷﯘﺋﻪﻧﺰﯗﯓ (685 - 762) ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﯕﻠﯘﻙ (ﺋﻪﻧﻠﯘﺷﻪﻥ) ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻰ ﻣﻮﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﺑﻮﻛﻪﺧﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﻟﻮﻳﺎﯓ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﺭﺍﻫﯩﺒﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﺧﯘﻧﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﻣﺎﻧﻰ ﺭﺍﻫﯩﺒﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﺧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺑﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻳﯩﯖﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﺎﻧﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻛﯚﺗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﺎﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯘﺯﻟﯘﻙ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺩﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻮﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﻫﻪﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯚﻳﻠﯘﻛﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻫﯩﺐ (ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ) ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﻣﺎﻧﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﺎﻧﯩﺰﻡ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺳﯩﻤﯟﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﺎﻡ - ﺗﯘﺭﯗﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭼﯩﺪﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﮕﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﻪﺗﺘﻰ(3).
768 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻧﻰ ﺭﺍﻫﯩﺒﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ - ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﻝ ﻫﯘﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭ، ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻫﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ، ﺧﺎﺗﻮﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺭﺍﻳﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﺎﻧﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﺎﻧﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﺎﻧﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﺳﺘﯘﻧﻠﯘﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯩﻤﯩﺰﻡ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺗﯘﺗﯩﻢ (ﺗﯘﺗﯩﻢ) ﻫﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﭽﻪ " ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﺳﯩﻤﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯚﺭﯨﻨﻰ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎﻧﻰ، ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﯩﻴﯩﻘﻨﻰ، ﺑﺎﺑﯩﻠﯘﻧﻠﯘﻗﻼﺭ ﯞﻩ ﻫﯩﻨﺪﯨﻼﺭ ﻛﺎﻟﯩﻨﻰ " ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ " ﺩﻩﭖ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﭖ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﯘﺗﯩﻢ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ " ﺋﺎﻧﺎ " ﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ " ﺋﺎﺳﯩﻨﺎ ﻗﯘﻟﻰ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘ " ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻨﻤﻪﻥ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ (_) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻣﯘ " ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯘﺗﻰ، ﮔﯚﺷﻰ، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯘﭼﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﺳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﻼﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﭘﻪﻳﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯚﺭﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻛﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﻟﯘﻡ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻧﯩﺠﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯚﺭﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ - ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﯩﺠﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﺭﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ، ﺟﯩﻦ - ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ - ﺋﻮﺕ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻧﯩﺰﻡ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ - ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ.
ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻥ، ﻣﺎﻛﺎﻥ، ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯩﯖﻪﻳﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ " ﺳﺎﺭﺕ " ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﭼﺎﺭﯞﺍ، ﺩﻭﺭﺍ - ﺩﻩﺭﻣﻪﻙ ﯞﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩﻛﺎﻟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﭗ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﻮﺧﻪﻱ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ - ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻤﻨﯩﯔ " ﻗﻪﻧﺪﯨﻬﺎﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ " ﺷﻪﺭﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﺷﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺋﯘﺭﺧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺧﻪﻧﺰﯗ، ﺳﻮﻏﺪﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ) ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﻫﯘﻧﻪﺭ - ﻣﺎﻫﺎﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﯘﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ. ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭ" ﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺯﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﻓﻮﻥ. ﮔﺎﺑﺎﺋﯩﻦ: "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯧﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ" ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.
ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﻪﯞﻻﺩﺗﯩﻦ ﺋﻪﯞﻻﺩﻗﺎ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
"... ﺧﺎﻗﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﺩﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﭗ: (ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯘﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ 12 ﺋﺎﻱ ﯞﻩ 12 ﺑﯘﺭﺟﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﻠﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺷﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺭﯦﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯩﺴﺎﺑﻼﻧﺴﯘﻥ. ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻫﯩﺴﺎﺑﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ) ﺩﻩﭘﺘﯘ، ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﭘﺘﯘ - ﺩﻩ، ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻰ ﺋﻮﯞﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺩﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻟﯩﯟﯨﮕﻪ ﻫﻪﻳﺪﻩﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ 12 ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﭖ ﺋﻮﺗﯘﭘﺘﯘ. ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﭘﺘﯘ، (ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﭼﯩﻘﺘﻰ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻱ (ﻛﺎﻻ)، ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ، ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ، ﻟﻪﻫﻪﯓ، ﻳﯩﻼﻥ، ﺋﺎﺕ، ﻗﻮﻱ، ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ، ﺗﻮﺧﯘ، ﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﺗﻮﯕﮕﯘﺯ ﺭﯦﺘﯩﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭ ﺋﯩﺴﻤﻠﯩﻜﻰ ﺗﯘﺯﯗﻟﯘﭘﺘﯘ...".
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ (ﻗﻮﺷﺎﻕ، ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ، ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ) ﺧﻪﻟﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺩﯦﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺳﯚﻳﯘﺵ، ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. "ﺑﻮﻛﻪﺧﺎﻥ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ" ﻫﻪﻡ "" ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭘﯩﺮﻯ - ﭼﻪﯕﮕﻰ " ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺩﯦﺪﺍﻛﺘﯩﻚ (ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﭘﻪﻧﺪﻯ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ) ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻛﻪﺧﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ؛ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯧﺴﺘﯩﺘﯩﻜﯧﻨﯩﯔ ﻛﯘﭼﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ...
ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ:

(1) ﺯﯨﻤﺎﺭﻙ - ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﻪﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 561 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
(2) ﺋﯩﺴﺘﻪﻣﻰ - (530 - 581 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯘﺭﻛﻠﻪﺭ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ.
(3) ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺩﯗﻓﯘ: " ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ، ﻟﻮﻳﺎﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭ - ﺩﺍﻻﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻕ ﻛﻴﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ " ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ،
[ بۇ يازما Elturk تەرىپىدىن 2008-01-09 20:45 دە قايت ]
Posted: 2008-01-03 20:58 | 1 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﻧﻪﻗﯩﻞ:
--------------------------------------------------------------------------------
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

(ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

3-ﺑﺎﺏ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ،

ﻳﯧﺰﯨﻖ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﻛﻪﻟﯩﺮ ﯞﻩ ﻣﻪﺗﯘﺩﯨﻼﺭ (1) ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻼﻳﯟﺍﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﭖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 5 - ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻳﻪﻧﺴﻪﻱ (ﺭﻭﻧﯩﻚ) ﺋﻪﻟﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ،

(1 - ﺟﻪﺩﯞﻩﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ)،



ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ

(2 - ﺟﻪﺩﯞﻩﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ).


ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻮﺷﺎﻕ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ، ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﻠﻪﺭ، ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﯩﭽﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ، ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭ، ﻗﯩﺘﺎﻥ (ﻛﯩﺪﺍﻥ) ﻻﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺋﯧﺴﺘﯩﺘﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1500 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯘﻳﭽﯩﺴﻰ ﻗﻮﻏﯘﺳﯘﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ (507 - 687 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ "ﺗﯘﺭﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ" ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﺳﯚﻳﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺗﯧﻜﺴﺖ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﺑﯘ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮ ﭼﯘﻏﺎﻱ ﺗﯧﻐﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻦ،

ﺋﺎﻗﺎﺭ ﺗﯘﺭﺍ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ.
ﻛﻪﯓ ﺩﺍﻟﯩﻨﻰ ﭘﯘﺭﻛﻪﭘﺘﯘ،
ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭼﯩﺪﯨﺮﻯ.
ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ، ﺩﺍﻻ ﻫﻪﻡ،
ﻛﯚﭘﻜﯘﻙ ﺩﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ.
ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﻮﺗﻼﺭ ﻳﻪﻟﭙﯘﻧﺴﻪ،
ﭘﻪﺳﺘﻪ ﻣﯩﻎ - ﻣﯩﻎ ﻛﻮﺭﯗﻧﻪﺭ-
ﺳﺎﻥ - ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﻗﻮﻱ - ﻗﯘﻻﻥ.
"ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ" ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﻼ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﻗﯩﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺑﯘ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻯ، ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﯟﻯ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ (ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﺍﻻﺭ) ﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ.
"ﺗﯘﺭﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ" ﯞﻩ "ﺋﯧﺮﻕ ﭘﯘﺗﯘﻙ" ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭ "ﭼﺎﺳﺘﺎﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﮒ" ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻛﻮﻙ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ (552 - 744) ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻛﯘﺭﻩﺷﻠﻪﺭ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﯟﻯ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ.
ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭﻟﯩﺮﻯ: "ﻛﯚﻝ ﺗﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﯧﺸﻰ" (732 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ)، "ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﯧﺸﻰ" (735 - ﻳﯩﻠﻰ)، "ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﯧﺸﻰ" (716 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﯞﻩ "ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﮕﻪﻗﺎﻏﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﯧﺸﻰ" (759 - ﻳﯩﻠﻰ) ﺩﯗﺭ.




--------------------------------------------------------------------------------

A small part of the Qara Balghasun Monument,
ﻗﺎﺭﺍ ﺑﺎﻟﻐﺎﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ،
possibly from the reign of Ay Teñride Ülüg Bolmïsh Küchlüg Bilge Qaghan

ﺋﺎﻱ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ،

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﻫﻪﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﻫﻪﻡ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺗﯘﮔﯘﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﺎﺗﺘﻰ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﺎﺳﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯘﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ " ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ " ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺋﯩﻴﺘﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﯘ ﺑﺎﻫﺎﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ:
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﯩﺴﺘﯘﺭﻯ (2) ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ: " ﺋﯩﯟﺍﻧﮕﻠﯘﻡ " (ﺑﻪﺧﺖ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ)، "ﺳﺎﻧﺖ ﮔﺌﻮﺭﻛﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ"؛ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ: "ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﻧﻮﻡ "، " ﻣﺎﻧﻰ ﻣﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﯞﻩﻧﺎﻣﯩﺴﻰ "، "ﺋﯧﺮﻕ ﭘﯘﺗﯘﻙ"؛ ﺯﺍﺭﺍ ﺋﻮﺳﺘﯩﺮ (3) (ﺋﺎﺗﻪﺷﭙﻪﺭﻩﺳﻠﯩﻚ) ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ: "ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ"؛ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ: "ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﺎﺭﯗﻕ"، "ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯘﻛﻤﻪﻙ"، "ﺋﺎﺋﯩﺘﺮﻯ ﺳﯩﻤﯩﺖ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﯩﻚ ﺩﺭﺍﻣﺎ (4)، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ - "ﻣﺎﻫﺎﺭﺍﺑﺎﺗﺎ"؛ 294 ﺗﻮﻡ 25 ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ "ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﯘﭼﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ - ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭ"؛ ﺑﻪﺵ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﭼﻮﯓ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ - "ﭘﻪﻧﭽﻰ ﺗﺎﻧﺘﯩﺮﺍ"؛ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ: "ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﻫﻪﻗﺎﻳﯩﻖ"، "ﺋﯩﺰﻭﭖ ﻣﻪﺳﻪﻟﻠﯩﺮﻯ"، "ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ" ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ؛ "ﭼﺎﺳﺘﺎﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﮒ"، "ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ"، "ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ"، "ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﻪﺕ" ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﺎﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ؛ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ: "ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ"، "ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎﻻﺭ"، "ﻣﻪﺭﺍﺟﻨﺎﻣﻪ"، "ﻛﯚﯕﯘﻟﻨﺎﻣﻪ"، "ﺑﻪﺧﺘﻨﺎﻣﻪ"، "ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺧﺎﺭﺍﺯﯨﻤﻰ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ" ﯞﻩ "ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﻟﯘﺗﻔﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ"؛ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ " " ﺋﺎﺧﺎﯞﺍﺭﻛﺎ "، " ﻗﺎﻟﻴﺎﻣﻘﺎﺭﺍ - ﭘﺎﭘﺎﻣﻘﺎﺭﺍ "؛ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ: " ﺋﺎﺧﺎﯞﺍﺭﻛﺎ "، " ﻗﺎﻟﻴﺎﻣﻘﺎﺭﺍ - ﭘﺎﭘﺎﻣﻘﺎﺭﺍ "؛ ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﻧﻪﺳﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ: " ﭼﻮﯓ ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ ﭘﺎﺗﻤﺎﺭﺍﻝ "، " ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩ "، " ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﻰ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ " ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻮﭖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﯩﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻣﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﻮﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮒ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻼ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻫﻮﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯘﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ! ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ.
ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻥ؟
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻗﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﮔﯘﭼﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ "ﺋﯩﻠﺘﻪﺑﯩﺮ " (ﺋﯩﻠﺘﻪﺑﻪﺭ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﯞﻩ ﻛﯚﭼﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﯞﺍﺑﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ "ﺑﯘﻳﺎﻥ " (ﺑﯘﻳﺎﻥ) ﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﭘﯘﺗﯘﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻼﺗﺘﻰ: " ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﻥ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻐﺎ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﯗ - ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﻠﻪﺭ...".
ﺋﯘﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ (ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ) ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ، ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﻪﺗﻠﻪﺭ (ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺖ - ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ - ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ، ﺗﯘﺧﺎﺭ - ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ، ﺳﻮﻏﺪﻯ - ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ) ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯘﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﺕ ﭘﯘﺗﯘﻟﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻕ ﺷﯩﻠﯩﻢ ﺳﯘﺭﺗﯘﻟﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯ " ﭘﺎﺗﻼﭖ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ " ﺩﻩﻳﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻗﺎﺭﺍﻏﯘﺟﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﻤﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻠﯘﻗﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻫﻪﺭﭘﻠﻪﺭ ﺩﺍﻧﻪ - ﺩﺍﻧﻪ ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻳﺎﻏﺎﭼﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﯘﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﭙﻘﺎ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﯓ ﺳﯘﺭﺗﯘﻟﯘﭖ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﯧﺴﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪ ﻫﻪﺭﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ 100 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ (4).
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻪﻳﻴﺎﻫ ﯞﺍﯓ ﻳﻪﻧﺪﻯ (939 - 1006 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ " ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: " ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﺎﻗﻘﺎ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯘﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻡ...".
ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﺷﺘﺎ ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯘﻻﺭ " ﻗﺎﻏﺎﻥ " ﺳﻮﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﻮﺯ ﻫﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻥ، ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭ، ﺧﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻮﻥ، ﺗﯘﺭﻙ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﺳﻮﺯﻧﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ - ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﺴﻰ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻣﻪﺭﻗﺎﻥ، ﺗﯩﻠﻪﯞﻗﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﻪﺭﯨﻤﺨﺎﻥ، ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩﻙ. " ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ " ﺳﻮﺯﻯ - ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﯩﮕﯘﭼﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. " ﻗﯘﺕ " ﺳﻮﺯﻯ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: "ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ "، "ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﻣﺎﻝ ﻗﯘﺕ ﺋﻪﺗﺴﯘﻥ، ﻗﯘﺗﺎﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ " ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ.
ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 9 - 13 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﻰ، ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺐ - ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﻰ، ﺩﺭﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﻼﺭﻧﻰ، ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮ - ﻫﯩﺴﺎﺑﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﻰ، ﺗﯧﯟﯨﭗ - ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ: ﺳﯩﯖﻘﯘ ﺳﻪﻟﻰ (ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺑﺎﺑﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ)، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺐ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﭘﯩﺮﺗﺎﻧﺮﺍﻛﺸﺖ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﭽﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻨﭽﯘﺭﯨﺘﻜﯩﻦ، "ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ، ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻛﻰ ﻛﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﭼﯩﻨﯘﻳﺎ ﺗﻮﺗﯘﯓ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻗﺎﻟﯩﻢ ﻛﻪﻳﺸﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺗﺴﺎﯓ، ﻛﻮﻟﺘﺎﺭﻗﺎﻥ، ﺋﺎﺳﯩﻬ ﺗﻮﺗﯘﯓ، ﻗﺎﺭﯗﻧﺪﺍﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ.
ﺷﯘﻧﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ: ﻗﻮﭼﯘ (ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ) ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﻫﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯩﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺭﺍﻣﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗ - ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ " ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ " ﻗﯩﺴﺴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺧﯩﻤﯘ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ. " ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺪﯗﺭ.

ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ:

(1) ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﻛﻪﻟﯩﺮ (528 -- 968 ﻛﻪﻟﯩﺮ) ﯞﻩ ﻣﻪﺗﯘﺩﻯ (728 -- 588 ﻣﻪﺗﯘﺩﻯ) ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 855 - ﻳﯩﻞ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯘﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺭﯗﺱ - ﺳﻼﯞﻳﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺳﻼﯞﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﻛﯘﻧﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
(2) ﻧﯩﺴﺘﯘﺭﻯ (401 - 451 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) - ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﻫﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﺴﺘﯘﺭﻯ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ. ﺭﺍﻫﯩﺐ ﺋﺎﺭﺍﺑﺎﻥ 635 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻘﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
(3) ﺯﺍﺭﺍ ﺋﻮﺳﺘﯩﺮ - (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 8 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ) ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺯﻩﺭﺩﻩﺷﯩﺖ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎﺳﻰ.
(4) ﭘﯩﺮﺗﺎﻧﺮﺍﻛﺸﯩﺖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﺭﺍﻣﺎ 9 -، 10 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﭼﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻛﯘﺳﻪﻥ (ﻛﯘﭼﺎ) ﻧﯩﯔ "ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ"، "ﺳﯘﻣﯘﭺ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺩﺭﺍﻣﺎ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﻪ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
(5) 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻟﺪﯨﻨﺒﯘﺭﮒ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﮔﻪ (ﻛﻪﻻﮔﻪﺭﻭﻓﻰ) ﻫﻪﺭﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 100 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﻣﯘﺯﯨﻴﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪ ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﻮﮔﯩﻦ ﻛﻮﺩﯨﻨﺒﻮﺭﮒ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﺘﺎﻝ ﻫﻪﺭﭘﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪ ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﮕﯘﭼﯩﻠﯩﻚ (15 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ) ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ، ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ،
Posted: 2008-01-03 20:59 | 2 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

( ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

4- ﺑﺎﺏ
ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ، ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺗﯘﺭﻛﯘﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﭘﯧﻨﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﺩﯗﺭ. " ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ " ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻫﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﻳﯩﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯩﭽﻪﻙ، ﻗﻮﺭﺍﻝ - ﺳﺎﻳﻤﺎﻥ، ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ، ﺗﺎﺵ - ﻣﻪﺩﻩﻥ، ﺗﺎﻍ - ﺩﻩﺭﻳﺎ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ " ﺩﯨﯟﺍﻥ " ﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﻠﯩﻴﻪ ﺳﻮﺯﻟﻪﺭ، ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﻗﻮﺷﺎﻕ، ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﺭﯗﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺑﯩﺰ " ﺩﯨﯟﺍﻥ " ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﻛﻮﺭﺳﻪﺗﺴﻪﻙ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ:
_ ﻗﯘﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﯩﻚ.
(ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯗﺭ).
_ ﺋﻪﺭﻣﯘﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺕ ﻳﯘﻙ ﺑﻮﻟﯘﺭ.
(ﻫﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺑﻮﻟﯘﺗﻤﯘ ﻳﯘﻙ ﺑﻮﻟﯘﺭ).
ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ ﯞﻩ ﭘﻪﻧﺪﻯ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭ:
_ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ:
ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻨﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﯩﻞ؛
ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺵ،
ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻗﯩﻞ.
_ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺕ،
ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻠﻤﯩﯖﻨﻰ ﺗﺎﺭﺍﺕ.
_ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺗﺎﻏﺪﻩﻙ ﺩﺍﻧﺎﻻﺭ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ ﺳﯚﺯ - ﻫﯩﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﯩﻠﯩﻤﯘ ﺩﯨﻠﯩﻤﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
_ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪ، ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻝ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﯖﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻝ.
_ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻫﯩﻜﻤﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩ؛ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻻﻧﻤﺎ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﺎﺭ، ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﺕ ﺑﻮﻻﺭ.
_ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺳﯚﻳﮕﯘﭼﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺧﯩﺮﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
" ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ " ﺩﺍ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺳﯚﻳﯘﺵ، ﯞﺍﭘﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯗﻟﮕﻪﻥ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
_ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﻪﻛﯩﻨﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ (ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﻮﺷﻘﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ).
_ ﺋﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺰ ﺋﺎﺕ ﻗﯩﺮ ﺋﺎﺷﺎﻟﻤﺎﺱ، ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﯩﺰ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺳﻪﭖ ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﺎﺱ.
_ ﻛﯩﯖﻪﺷﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﯕﺸﯩﻼﺭ، ﻛﯩﯖﻪﺷﺴﯩﺰ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﺯﯗﻻﺭ.
_ ﺗﯘﮔﯩﻤﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﻫﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﮔﯘﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺱ.
_ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﻻﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﯞﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭙﺘﯘ.
_ ﻛﯚﺳﻪﻱ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻮﻝ ﻛﻮﻳﻤﻪﺱ.
_ ﺋﯘﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﻻ ﻣﻮﺯﺍﻱ ﭼﯩﻐﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
_ ﻫﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻥ ﻣﯩﻬﻤﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯘﺗﻜﯘﺯﻣﻪ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺋﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭ.
_ ﻣﯩﻬﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﻪ، ﺩﺍﯕﻘﯩﯖﻨﻰ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻳﺎﻳﺴﯘﻥ.
_ ﺑﯩﺨﯩﻞ - ﭘﻪﺳﻜﻪﺵ، ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺱ ﺋﺎﺩﻩﻡ - ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ، ﺋﯘ ﻳﯩﻤﻪﻱ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻱ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﻮﺯﮔﯩﮕﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

3. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﻳﯘﺳﯘﭖ ﻫﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ ﯞﻩ

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯘﺳﯘﭖ ﻫﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ - " ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﻳﯘﺳﯘﭖ ﻫﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯔ ﺗﺎﺯﺍ ﮔﯘﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﻯ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﺍ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭙﻠﯩﻖ (ﺋﻮﺭﺩﺍ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﻚ) ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﯩﺨﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭ (1609 - 1070 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺩﺍ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ " ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘﺋﻪﻟﻰ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯘﺳﯘﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ ﺧﯩﻠﻰ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ:
"... ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩﻙ ﭼﯩﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻏﺎﺯﺍﯕﻼﺭﻣﯘ ﭼﯘﺷﺘﻰ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻗﯘﺭﯗﺩﻯ. ﻗﯧﻴﯩﻨﺪﻩﻙ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ، ﺋﻮﻗﺘﻪﻙ ﺗﯘﺯ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻳﺎﺩﻩﻙ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﻛﭽﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ...".
ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ 82 ﺑﺎﺏ، 6444 ﺑﻪﻳﯩﺖ، 13 ﻣﯩﯔ 288 ﻣﯩﺴﺮﺍﺩﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺩﯙﻟﻪﺕ - ﻗﺎﻧﯘﻥ، (ﻫﻮﻗﯘﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ)، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ، ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ، ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ، ﺗﯩﻞ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯗﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. " ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " - ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﯘﺭﮔﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
" ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " ﻧﯩﯔ ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﻰ ﺋﻮﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺩﺍﯓ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﭖ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺑﻪﺯﻯ ﺷﻪﺭﻕ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ " ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﯘﻝ ﺋﯘﻣﯩﺮﺍ " (ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﻪﺭ ﺯﯨﻨﻨﯩﺘﻰ) ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ " ﺷﺎﻫﻨﺎﻣﻪﺋﻰ ﺗﯘﺭﻙ " (ﺗﯘﺭﻛﻠﻪﺭ ﺷﺎﻫﻨﺎﻣﯩﺴﻰ) ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ " ﭘﻪﻧﺪﯨﻨﺎﻣﻪﺋﻰ ﺗﯘﺭﻙ " (ﺗﯘﺭﻛﻠﻪﺭ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ) ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
" ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " ﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺗﯚﺕ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﻛﯘﻧﺘﯘﻏﺪﻯ (ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ - ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ)؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ (ﯞﻩﺯﯨﺮ - ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ)، ﺋﯘﭼﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯜﮔﺪﯗﻟﻤﯩﺶ (ﯞﻩﺯﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ - ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ)؛ ﺗﻮﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ (ﯞﻩﺯﯨﺮﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ - ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﺕ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻛﯘﺭﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﭼﯩﺪﺍﻡ - ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﭖ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻏﺎﻳﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ " ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " ﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ:
_ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ، ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻨﻰ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺑﯩﻞ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
_ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻧﻜﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻞ. ﭼﯘﻧﻜﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ؛ ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺷﺌﻪﻟﺪﯗﺭ، ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﻳﻮﺭﯗﺳﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﻣﺎﻳﺪﯗ.
_ ﺋﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪ؛ ﺯﺍﻣﺎﻧﻪﯕﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪ.
_ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻝ، ﺋﯚﺯﯗﯕﮕﻪ ﺗﯚﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻ، ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﺴﻪﯕﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﮔﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﻩﻥ؛ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﻜﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﻮﺭﺍ، ﺳﻮﺭﺍ، ﺋﻮﺯ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯩﺘﯩﺸﻜﻪﻥ.
_ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ؛ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
_ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ: ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﺑﯩﺮﻯ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﺯ.
_ ﺋﻪﻱ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ، ﻛﯘﻣﯘﺵ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯓ ﻛﯚﺭﻣﻪ.
_ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﻛﯚﭖ، ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﻩ.
_ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﭼﺎﻻﻳﺪﯗ.
_ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﭼﺎﭼﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﻧﯘﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
_ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﻪﺭ ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﻰ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﻛﺎﻣﯩﻞ ﻛﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:
_ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﻛﺴﻪﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺪﯗ.
_ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻝ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.
_ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯚﺯﯗﯕﻨﻰ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺋﺎﺗﻤﺎ، ﻫﺎﯞﺍﻳﻰ - ﻫﻪﯞﻩﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻤﺎ.
_ ﺋﺎﭼﻜﯚﺯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﺎ، ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺵ - ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﻪﺭﻣﻪ.
_ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺮﯨﻠﻐﯘ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﻥ ﺗﯩﺮﯨﺴﺎﯓ، ﻫﺎﻳﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻏﻰ ﺋﺎﻟﯩﺴﻪﻥ.
_ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺳﻮﺯﻧﻰ ﺗﯩﻠﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎ، ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺗﯩﻞ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺕ.
_ ﻫﺎﺭﺍﻣﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ، ﺋﯚﻛﺘﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎ، ﺋﯚﭺ ﺋﺎﻟﻤﺎ.
_ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪ، ﭘﯩﺘﻨﻪ - ﭘﺎﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻧﯩﺮﻯ ﻗﺎﭺ!
_ ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺩﺍﻧﺎ، ﻛﯚﺯﻯ ﺗﻮﻕ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻛﯚﻛﺴﻰ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.
_ ﺋﺎﭼﻜﯚﺯ ﺗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺵ - ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ.
_ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ، ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻪﺧﺖ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.
_ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺗﻪﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﺶ ﺗﻪﺗﯘﺭﮔﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻳﻐﯘﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
" ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﺧﻼﻕ - ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﺩﯗﺷﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﺭﺍﻕ - ﺷﺎﺭﺍﭘﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ:
... ﺋﯘﭼﯩﻨﭽﻰ، ﻫﺎﺭﺍﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ،
ﺑﯘ ﺋﻪﺭ ﺋﻮﻣﺮﻯ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﯩﺘﻪﺭ ﺑﻮﺷﻘﯩﻼ.
ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺭ،
ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯘﺭ؟
ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻛﻰ، " ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯗﻟﮕﻪﻥ " ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﻛﯘﭺ؛ ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﺑﻪﺧﺖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ؛ ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﻰ..." ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺧﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯘﺭ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﻮﺯ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﻫﯘﻧﻪﺭ - ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ، ﮔﯘﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯗﺭﻟﯘﻛﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﺩﻭﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺑﯩﻞ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻳﯘﺵ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺟﯩﻜﯩﻠﻪﻳﺪﯗ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻼﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺭﻩﺋﺎﻝ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. " ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺕ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﺧﺎﺭﺟﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ، ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ، " ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﺯﺍ " ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ:

ﻫﺎﯞﺍﻳﻰ - ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:
ﻫﻪﯞﻩﺳﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺑﺎﺳﻘﯩﻦ ﺋﯘﺗﯘﭖ،
ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻳﺎﻧﭽﯩﻐﯩﻦ ﻧﻪﭘﺴﯩﯖﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ.
ﺗﯘﺯﯗﻟﻤﻪﺱ ﺗﯩﻠﻪﺳﻪﻙ، ﻫﻪﯞﻩﺱ ﺑﻮﻳﻨﯩﻦ ﻛﻪﺱ،
ﺗﯘﺯﯗﻟﯘﺭ ﺋﻪﮔﺮﯨﻠﯩﻚ ﮔﻪﺭ ﺋﻮﻟﺴﻪ ﻫﻪﯞﻩﺱ.

ﺋﯚﺯﯗﻣﭽﯩﻠﯩﻚ - ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:

ﺋﻪﻏﯩﺮ ﻳﯘﻙ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻮﺯﻩﻣﭽﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻖ،
ﺋﻮﺯﻩﻣﭽﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﺕ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻖ.
ﻳﺎﻏﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺭ،
ﻳﺎﻏﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﺎﻏﻰ ﻧﻪﭼﯘﻙ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ؟

ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ، ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:

ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﻝ، ﮔﺎﺩﺍﻳﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،
ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ ﻫﻮﺭﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ،
ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﭼﯘﻣﻼ ﻻﻱ.
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯩﻤﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺋﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ،
ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯩﻤﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺧﺎﻥ ﺋﯘ، ﺑﯩﻞ.
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍﻏﺪﯗﺭ، ﻛﻮﺯﻯ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﻛﻮﺯ،
ﺋﯚﻟﯘﻙ ﺗﻪﻧﮕﻪ ﺟﺎﻥ ﺋﻮﻝ، ﮔﺎﭼﺎ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺳﻮﺯ.

ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯧﺌﯩﻠﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:

ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯧﺌﯩﻞ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻕ - ﺳﯘﺭﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺯﺍﻣﺎﻥ،
ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻏﺎ ﺗﻪﮔﻤﻪﺱ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻕ ﻫﺎﻣﺎﻥ.
ﺳﯚﻳﯘﻙ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﯨﻞ ﻛﯩﺸﻰ،
ﺳﯚﻳﯘﻟﻤﻪﺱ ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭ، ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺩﯨﻞ ﻛﯩﺸﻰ.
ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ
ﻛﯚﺯﻯ ﺗﻮﻕ، ﻫﺎﻳﺎﻟﯩﻖ، ﻧﺎﺯﯗﻛﻠﯘﻕ ﻛﻪﺭﻩﻙ،
ﺗﯘﻣﻪﻥ ﻫﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺯﻩﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
ﺩﯨﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ،
ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ، ﺷﻪﻛﻪﺭﺩﻩﻙ ﭼﯘﭼﯩﻚ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﻣﺎﻥ،
ﭼﯩﻘﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﯘﺯ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻫﺎﻣﺎﻥ.

ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:

ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﻛﯩﻢ - ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ،
ﺗﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻤﻪﺱ ﺋﻪﺭﺩﻯ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯩﮕﯘﻟﯘﻙ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﺮﺍﻍ،
ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺯﻣﺎﺱ ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﻮﺭﯗﺳﺎ ﭼﯩﺮﺍﻍ.
ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯚﻱ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪ ﺳﻮﺯﯨﻦ،
ﺗﻮﻻ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ ﺋﯚﮔﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻦ.
ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﻱ ﭘﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺳﻪﺭﻛﯩﺪﯗﺭ،
ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﺎﯕﺴﺎ ﻗﻮﻱ ﺗﯘﺯ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯘﺭﯗﺭ.

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:

ﺗﯘﻏﯘﻟﺴﺎ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﻱ ﻛﻪﺑﻰ ﻗﯩﺰ - ﺋﻮﻏﯘﻝ،
ﺋﺎﯕﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﯕﻼ ﺑﻮﻝ.
ﺋﻮﻏﯘﻝ - ﻗﯩﺰ ﺧﯘﻱ - ﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ،
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻫﺎﻣﺎﻥ.

ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ،
ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﺷﻰ.
ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﺭ،
ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﯩﮕﯩﻦ ﺋﻪﺗﻪﺭ.

ﺋﯘﻳﺎﺗﺴﯩﺰ - ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:

ﺋﯘﻳﺎﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﻩﺯﻟﻰ،
ﺩﯗﺭﯗﺳﺖ ﺳﯚﺯ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﺱ ﺋﯘﻳﺎﺗﺴﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ.
ﺑﯩﺮ ﮔﯚﺷﺴﯩﺰ ﺳﯚﯕﻪﻛﺘﯘﺭ ﺋﯘﻳﺎﺗﺴﯩﺰ ﻳﯘﺯﻯ،
ﺋﻪﺗﯩﻠﻤﻪﺱ ﺗﻮﺷﯘﻛﺘﯘﺭ ﺋﯘﻳﺎﺗﯩﺴﯩﺰ ﻛﯚﺯﻯ.

ﺗﯩﻞ - ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

ﺋﯚﺯﯗﯕﻨﻰ ﻛﯜﺯﻩﺕ ﺑﻪﻙ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻞ،
ﺳﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻗﯩﻞ.
ﻛﯚﭖ ﺋﺎﯕﻼ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﻮﻻ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ،
ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺳﯚﺯ ﺗﯘﺯ، ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻦ ﺋﻪﻗﯩﻞ.
ﻛﯚﻳﻪﺭ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺭ ﻛﯩﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﺳﯚﺯﯗﯓ.
ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎ ﻛﯚﻳﻪﺭﺳﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﯓ.

ﺋﺎﭼﻜﻮﺯ - ﻫﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﮔﻪﺭ ﺑﺎﺳﺴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻍ،
ﻗﺎﭼﺎﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ.
ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ ﻧﻪﮔﻪ ﻗﻮﻝ ﺳﯘﻧﺴﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ،
ﺩﯦﯖﯩﺰﻣﯘ ﺳﯘﺳﯩﺰﻻﺭ، ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻪﺭ ﻳﻪﺭ.

ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﭼﯧﻘﯩﻤﭽﻰ ﯞﻩ ﭘﯩﺘﻨﻪ - ﭘﺎﺳﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:

ﻗﯧﺘﯩﻠﻤﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺭﮔﻪ، ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭ،
ﻗﯧﺘﯩﻠﺴﺎﯓ ﻛﯚﺭﻩﺭﺳﻪﻥ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯗﺭ.
ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﭼﯩﻘﯩﻤﭽﻰ، ﭘﯩﺘﻨﻪ - ﭘﺎﺳﺎﺗﭽﻰ،
ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯘﺯﻟﯘﻙ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ.

ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﯚﻛﺘﻪ - ﺑﯩﺮ ﺗﯘﯞﺭﯗﻙ ﺋﯩﺮﯗﺭ،
ﺋﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﯩﻘﯩﻠﯘﺭ.
ﻳﻮﻕ ﺋﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ،
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺑﯘﺯﺍﺗﺘﻰ ﺧﯘﺩﺍ.
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ،
ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻱ ﺑﻪﮒ ﻳﺎ ﻗﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﻫﯩﭽﻜﯩﺸﯩﻦ.
ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ،
ﺑﯚﻟﻪﻛﭽﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﻪﻥ ﻫﻮﻛﯘﻡ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ.
ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺑﻪﮒ ﺳﯘﺭﻩﻟﻤﻪﺱ ﺑﻪﮔﻠﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ،
ﻛﯚﺗﯘﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﯩﻨﻰ.
ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﺗﺎﺭ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺗﯘﺯﯗﻟﯘﺭ ﺟﺎﻫﺎﻥ،
ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺧﻮﺭﺍﭖ ﺋﻪﻝ، ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ.

4. ﺋﻪﺩﯨﺐ ﺋﻪﻫﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ

ﺋﻪﺩﯨﺐ ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ " ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﻫﻪﻗﺎﻳﯩﻖ " (ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﺳﯘﻏﯘﺳﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﯦﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ.
" ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﻫﻪﻗﺎﻳﯩﻖ " - ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 14 ﺑﺎﺏ، 484 ﻣﯩﺴﺮﺍﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ، ﺑﺎﻱ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﺗﯩﻤﯩﺰ:
ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ:
_ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯨﻨﺎﺭ (ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﺗﯩﻠﻼ)؛ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﻧﺎﺩﺍﻥ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎﻣﺎﻕ، ﭘﺎﺧﺎﻝ.
_ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﯨﻨﻨﯩﺘﻰ - ﺋﻪﻗﯩﻞ.
_ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﯩﯔ ﻧﺎﺩﺍﻧﻐﺎ ﺗﻪﯓ.
_ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ - ﺗﯘﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﯘﻟﯘﻛﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ؛ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﻳﻮﻕ.
ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ:
_ ﺋﻪﺩﻩﺏ - ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ - ﺗﯩﻞ.
_ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻤﺎ، ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ، ﺗﯩﻎ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺪﯗ، ﺗﯩﻞ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﻳﺪﯗ.
_ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻤﯘ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻤﯘ ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﻩﺷﯩﺪ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ (1083 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ) ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻣﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ (11 - ﺋﻪﺳﯩﺮ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻻﺭ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻤﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ " ﺷﻪﺭﻫﻰ ﺋﻪﻟﻘﺎﻧﯘﻥ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
1216 - ﻳﯩﻠﻠﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﯞﻩﻫﺸﯩﻴﻠﻪﺭﭼﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﺩﻯ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻣﻪﺩﺭﺳﻠﻪﺭ ﻛﻮﻳﺪﯗﺭﯗﯞﯨﺘﯩﻠﺪﻯ. ﻛﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﮔﯘﻟﺨﺎﻥ ﻳﺎﻗﺘﻰ. ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺋﺎﻻﺋﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ 3000 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﯘﺭﺗﺨﺎﻥ ﻛﻪﻧﺘﻰ (6) ﺩﻩ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻛﯚﻣﯘﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ " ﺷﻪﻫﯩﺪﺍﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻳﺎﺩﻧﺎﻣﯩﺴﻰ.
ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ:
(1) " ﺧﻪﻟﻖ ﮔﻪﺯﯨﺘﻰ " 1983 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ 7 - ﺑﻪﺕ.
(2) ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻠﻰ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
(3) ﺋﻮﭘﺎﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ 45 ﻛﯩﻠﻮﻣﻪﺗﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯩﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻫﺎﯞﺍﺳﻰ ﺳﺎﭖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻱ.
(4) ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯘﺑﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﻮﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻫﯘﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻳﯘﺳﯘﭘﻤﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
(5) ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1118 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﭘﺎﻟﺪﺍ " ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪﺋﻰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩﯨﻴﻪ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ 1126 - ﻳﯩﻠﻰ 97 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﻮﭘﺎﻟﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
(6) ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ " ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺷﻪﻫﯩﺘﻠﯩﻜﻰ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﺯﺍﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ " ﻳﯘﺭﺗﺨﺎﻥ " ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ،
Posted: 2008-01-03 21:00 | 3 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

(ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

5- ﺑﺎﺏ

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ، ﺷﺎﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (552 - 844 - ﻳﯩﻠﻼﺭ)، ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (850 - 1250 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﯞﻩ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (75 - 992 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯘﭖ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (870 - 1211 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺯﻭﺭ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﻳﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﺳﺘﯘﻧﻠﯘﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﻯ.
ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺯﺍ ﮔﯘﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮﻻ ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ 30 ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ، 36 ﻫﻮﻛﯘﻣﻪﺕ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 830 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﻛﻮﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﻣﯘﺯﯦﻴﻰ (ﺑﻪﻳﺖ ﺋﺎﻝ ﻫﯩﻜﻤﻪ) ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻫﯘﻧﻪﻳﺒﻰ ﺋﯩﺸﺎﻕ (809 - 837 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﯘﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﮕﻪ 500 ﺩﯨﻨﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ؛ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻮﺭﯨﮕﯩﻨﺎﻟﻰ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺳﺎﭖ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﯞﻩ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺩﺭ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻣﯘﺳﺎ ﺧﺎﺭﻩﺯﻣﻰ (750 - 847)، ﺋﻪﺑﯘﻧﻪﺳﯩﺮ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ (870 - 950)، ﺋﻪﺑﯘﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎ (980 - 1037) ﯞﻩ ﺋﻪﺑﯘﺭﻩﻳﻬﺎﻥ ﺑﯩﺮﻭﻧﻰ (972 - 1049) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻫﺴﯘﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 950 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺑﯘﻟﻬﻪﺳﻪﻥ ﺳﻪﻳﯩﺪ ﻫﺎﺗﻪﻡ، ﺳﻪﻳﯩﺪ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻏﺪﺍﺩﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻮﺭﺩﯗﻛﻪﻧﺖ (ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ) ﻛﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻧﯩﯔ ﺩﺍﻻﻟﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 953 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﺴﯩﻼﻡ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﺪﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 24 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﻮﻗﯘﺵ (997 - 1021 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻣﻨﯩﯔ ﺟﺎﻫﯩﻞ ﻗﻮﺭﻏﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﺎﺭ ﻳﻪﯕﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﻪﻟﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﻟﺪﻯ.
"ﺩﯨﻦ - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ..."(1)
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻲ ﺋﻪﺗﯩﻘﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭﻣﯘ ﺩﻩﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯓ: "... ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﯞﯨﺘﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎ ﺳﯘﻥ ﺟﯘﯕﺸﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻨﻰ ﻳﻪﻛﯘﻧﻠﻪﭖ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ..." ﺩﯨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﺎﻣﻪﻳﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ، ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ - "ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪﺋﻰ ﺳﺎﺟﯩﺌﻪ" ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻫﯘﺳﻪﻳﯩﻦ ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺧﻪﻟﻪﭖ، ﺳﻪﻳﯩﺪ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻏﺪﺍﺩﻯ، ﺧﻮﺟﺎ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺳﯘﺯﯗﻛﻰ، ﻫﯘﺳﻪﻳﯩﻦ ﭘﻪﻳﺰﯗﻟﻼ، ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﺭﻩﺷﯩﺪﻩ ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺋﻪﻟﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﺋﯩﻤﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ. "ﺳﺎﺟﯩﺌﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ، ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ، ﺷﺎﺋﯩﺮ - ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯧﻨﯩﭗ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻟﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.
"ﺳﺎﺟﯩﺌﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ، ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ، ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ، ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺭﻭﻫ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﻛﯩﯖﻪﻳﺪﻯ. ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﻪﻟﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻼﺗﺘﻰ (3 - ﺟﻪﺩﯞﻩﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ).
ﺑﯩﺰ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ:

1. ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯩﺪﯨﺴﺖ ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﺋﻪﺑﯘﻧﻪﺳﯩﺮ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ

ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﻪﻟﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﻪﺑﯘﻧﻪﺳﯩﺮ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻫﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 295 - ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 870 - ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﻓﺎﺭﺍﺏ (ﺋﻮﺗﺮﺍﺭ) ﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﻪﺩﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﺍﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﺳﻤﯘﺭﻟﯘﻙ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﯘﮔﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺧﯘﻣﺎﺭ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻓﺎﺭﺍﺏ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪﺋﻰ ﺳﺎﺟﯩﺌﻪ" ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻳﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ - ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺑﯘﻧﻪﺳﯩﺮ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ - ﺗﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ، ﮔﯧﺮﻙ ﯞﻩ ﻻﺗﯩﻦ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮔﯧﺮﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﭼﯘﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ 40 ﻳﯩﻠﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ (ﺋﯩﺰﺍﻫ) ﻳﺎﺯﺩﻯ.
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ، ﻫﯩﺮﺍﺕ، ﻫﻪﺭﺭﺍﻥ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﯞﻩ ﺷﺎﻡ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﯩﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯚﭖ ﺋﯘﺳﺘﯘﻧﻠﯘﻛﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ ﺑﻪﻳﻬﺎﻕ (994 - 1065 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ 20 ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ، ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﻛﺎﺗﻪﮔﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 200 ﭘﺎﺭﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﺩﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ، ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ، ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ، ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯘﺯﯗﻡ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻫﻪﻧﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 119 ﺧﯩﻞ ﺑﯧﺒﻠﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻴﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﻰ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﺴﺖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ "ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﯘﺱ" ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﯩﺪﺍ ﮔﯧﺮﻙ ﯞﻩ ﻻﺗﯩﻦ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻫﻪﻟﻠﯩﻜﺎﻥ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﻰ "ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﯩﭽﻜﯩﻢ ﻳﻮﻕ" ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻼﺭ ﺷﺎﻫﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﻰ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﻰ "ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ" (ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯧﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ.
ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﺩﻯ (1156 - 1233) ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻐﺎ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: "ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯧﺌﯩﻞ ﺯﺍﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘ ﺩﻩﻣﻪﺷﯩﻘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﻛﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻝ ﭘﺎﻧﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﻮﺭﻩﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻬﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﻮﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪﺳﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺗﻪﺭﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ
Posted: 2008-01-03 21:01 | 4 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

( ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

6- ﺑﺎﺏ

ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ

ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﯧﺴﺘﯩﻼﺳﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ (1179 - 1242 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻮﻟﯘﺳﻰ ﻫﯚﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺩﻩﯞﺭﻯ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ.
ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻠﯩﻖ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻠﻰ) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮒ ﺳﯩﺮﺍﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺑﯘ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﻳﯘﺳﯘﭖ ﺳﻪﻛﻜﺎﻛﻰ (1160 - 1128 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ ﻗﯘﺗﺒﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﯞﻩ ﻳﯩﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯩﺮﻯ ، ﻣﻪﺳﺌﯘﺗﺒﻪﮒ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺳﻪﻛﻜﺎﻛﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﺗﺒﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻬﺎﺕ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻟﻠﻪﭖ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﺳﺌﯘﺗﺒﻪﮒ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﺩﻯ.
ﻣﻪﺳﺌﯘﺗﺒﻪﮒ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ - ﻛﯩﺪﺍﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ "ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪﺋﻰ ﺳﺎﺟﯩﺌﻪ" ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1260 - ﻳﯩﻠﻰ "ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ "ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﺎ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ" (ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﻪﺳﺌﯘﺗﺒﻪﮒ 1254 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1289 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﺳﺌﯘﺗﺒﻪﮔﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ - ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﻪﺭﺷﻰ (1230 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، "ﺳﯘﺭﺭﺍﻫ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ) "ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻰ (ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ) ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ، "ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:
"... ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﯖﻼﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯩﻼﻫﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯧﻞ، ﺳﻮﻗﺮﺍﺕ، ﺧﺎﺭﻩﺯﻣﻰ، ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﻠﯩﺮﻯ... ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭﺏ، ﭘﺎﺭﺱ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ" ("ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ" - ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﻪﺭﺷﻰ، 1273 - 1274 - ﻳﯩﻠﻼﺭ).
"ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﻡ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺗﯘﺯﯗﻣﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﮔﯘﭼﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ (ﺋﺎﻛﺎﺩﻩﻣﯩﻚ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ)، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺲ (ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ)، ﺋﯘﭼﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻠﻪﺗﺘﻰ.
"ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﯘﻟﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﻫﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﻗﯘﺑﻼﻱ (1215 - 1294 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ (ﺑﺎﺷﺒﯘﻍ) ﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯘﺵ ﺯﯙﺭﯗﺭﻛﻰ، ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮒ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺗﺎﺗﺎ ﺗﯘﯕﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﺎﯞﺍﺕ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺗﺎﺗﺎ ﺗﯘﯕﺎ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻥ (ﻛﯘﻧﺨﺎﻥ) ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯ ﻫﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺗﺎ ﺗﯘﯕﺎ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯩﺪﺍﻥ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﻪﻟﯩﭙﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯩﺪﺍﻥ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﯘﺭﺟﺎﻥ ﯞﻩ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺗﺎﺗﺎ ﺗﯘﯕﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺪﺍﻥ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﯞﻩ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﺋﻪﻟﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ.
ﺗﺎﺗﺎ ﺗﯘﯕﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻪﯓ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﺩﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﻤﭙﻪﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻫﻮﻛﯘﻣﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻗﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ؛ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﻟﺪﻯ.
ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻝ ﺑﻪﺷﯩﺮ (1388 - 1450 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ: " ... ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ - ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻼﺭ، ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ" (ﻛﯩﺮﯨﭙﻮﺭﺕ، "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ" 56 - ﺑﻪﺕ).
ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺑﯘ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﻮﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻝ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﭖ "ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ.
"ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ" - ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ "ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﯩﻠﻰ" ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﻮﺟﺎ ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﯩﯟﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ 1145 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻫﯩﻜﻤﻪﺕ" ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﺱ ﻧﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺑﯘﺭﻫﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺭﺍﺑﻐﯘﺯﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 1310 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎﻻﺭ ﻗﯩﺴﺴﻪﺳﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻥ "ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ" ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻳﻤﯘ ﺋﯚﻱ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻛﯘﻧﺪﯨﻦ - ﻛﯘﻧﮕﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﻧﺪﻯ.
ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻛﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻮﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﻮﺭﺳﻪﺗﺘﻰ.
ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻣﺎﻟﻮﻑ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ: "ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺶ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ."
ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻝ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﺋﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺋﻪﻳﻴﺎﺭ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪﺕ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺳﺎﻗﻰ، ﻛﻮﭖ ﺗﯩﻞ، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﮔﯧﺮﻙ ﯞﻩ ﻻﺗﯩﻦ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺧﯧﺮﺳﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺭﻩﺑﺒﺎﻧﻰ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺕ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﺭﯗﻝ ﺋﻪﻳﻴﺎﺭ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﻩ ﭼﺎﻏﺎﻥ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻙ ﺗﯚﻣﯘﺭ، ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺐ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﻫﻪﻳﻴﺎﻡ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻳﻪﻫﻴﺎ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺗﯘﯞﺭﯗﻙ، "ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻥ، "ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﻳﺎﻧﺴﺎﺭﻯ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ، ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﻪﻟﺴﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯘﺵ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺗﯘﯞﺭﯗﻙ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﺋﻮﺳﯘﻣﻠﯘﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﯞﻩ ﻗﯘﺑﻼﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﻳﻪﻫﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺳﯘﻧﯘﻕ ﻛﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﺧﯘﺋﺎﯕﺨﯥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺕ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﯞﺍﺭﺍﭼﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﯧﯖﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ - ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ "ﻧﻪﻳﺠﯩﯔ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻗﺎﻣﯘﺳﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯘﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
"ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻥ - ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﮔﯚﺵ، ﻣﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ."
"ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﺯﯗﻡ، ﺑﻪﺩﻩ، ﺋﺎﻧﺎﺭ، ﺯﯨﻐﯩﺮ، ﻳﺎﯕﺎﻕ، ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ، ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯘﺕ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ، ﺯﺍﺭﺍﯕﺰﺍ ﭼﯩﭽﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﺳﯘﻣﻠﯘﻙ ﯞﻩ ﮔﯩﻴﺎﻫﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﻣﻪﺩﺩﻩ ﻗﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻧﺎﺭ ﮔﯘﻟﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﺯﻭﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺯﯨﻐﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯩﺠﻪﺯﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﺯﯗﻡ ﭘﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯕﻪﻛﻜﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ."
ﻳﻪﻧﻪ "ﺟﯘﮔﯩﯖﻠﯘ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﻳﻪﻫﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺘﻘﯘ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﭽﯘﺋﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﯞﺍﺑﺎ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 22 - ﺗﻮﻣﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ:
ﺭﯨﻦ ﺯﯨﺠﺎﯞ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻴﺘﯩﺪﯗ: "ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ﻗﻮﺷﻨﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻪﺷﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ، ﻧﺎﻟﻪ - ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﯟﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯘﺭﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﺕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﺎﺷﺘﻪﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯘﺭﺕ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﺗﻤﻪﻱ ﺋﯚﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺳﺎﻗﺎﻳﺪﻯ."
ﻳﻪﻧﻪ ﺷﻴﺎﺷﯘﺳﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻴﺘﯩﺪﯗ: "ﭘﯩﯖﭽﻴﺎﯓ ﺋﻪﮔﻤﯩﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﻛﯚﭘﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ - ﺩﻩ، ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯩﺴﯩﯟﻩﺗﺘﻰ، ﻫﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ..."
ﻳﯘﺋﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ:
... ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﻭﺭﯨﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﺩﻭﺭﯨﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﺟﻪﺭﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﺶ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻳﻪﻟﻨﻰ ﻫﻪﻳﺪﻩﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﺎﺯ ﻛﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﺭﯨﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺳﯧﺘﯩﻼﺗﺘﻰ ، ﻗﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﺗﻜﯘﺯﯗﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﯩﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺭﻩﻛﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﺭﺗﯩﺶ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ.ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯩﺰ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﮔﻪﻥ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ "ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ ﯞﻩ ﻻﻫﯘﺭﺩﯨﻦ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ﺩﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻫﻪﻡ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺷﻪﻫﻪﺭ - ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﭖ، ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ ﭼﻮﯓ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﻟﯘﺗﻔﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺳﻪﺋﯩﺪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭘﺎﺭﺱ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﻫﻤﺎﻥ ﺟﺎﻣﻰ (1414 - 1492) ﻣﯘ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﻮﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﻟﯘﺗﻔﻰ (1366 - 1465 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ (1441 - 1501 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ.
ﻟﯘﺗﻔﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ "ﭘﺎﺳﺎﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﭗ" ﻫﻪﻡ "ﺋﻪﺯﯨﺰ، ﺗﻪﯞﻩﺭﯗﻙ ﺯﺍﺕ" ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺵ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ﺋﯘﻧﻰ "ﻣﻪﻟﯩﻜﯘﻝ ﻛﺎﻻﻡ" (ﺳﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ) ﯞﻩ "ﺗﻪﯞﻩﺭﯗﻙ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ" ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﻟﯘﺗﻔﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭼﻮﯓ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ؛ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ، ﭘﺎﺭﺱ، ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻞ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ 20 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ 2400 ﻣﯩﺴﺮﺍﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﮔﯘﻝ ﯞﻩ ﻧﻮﺭﯗﺯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻟﯘﺗﻔﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. ﻟﯘﺗﻔﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﻪﯓ (ﺋﺎﻗﺴﺎﻕ ﺗﻮﻣﯘﺭ) ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺯﻩﭘﻪﺭﻧﺎﻣﻪ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺭﺳﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﻮﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﯞﻩ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ - 12 ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻛﯘﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺗﯧﻜﺴﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻧﺎﯞﺍﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ - "ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻧﺎﯞﺍﻳﯩﻨﯩﯔ "ﺧﻪﻣﯩﺴﻪ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ" ﻫﻪﻡ "ﭼﺎﻫﺎﺭ ﺩﯨﯟﺍﻥ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺷﯧﺌﯩﯩﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﻰ، ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﻛﯘﻳﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ "ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﯘﻝ ﻗﯘﻟﯘﭖ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮ - ﻣﯩﻬﻨﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎﻻﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:
"ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯗﺷﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪﻥ ﻗﻮﻏﯘﺷﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻪﯕﺒﺎﺵ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺯﻩﺷﺘﻪ، ﺋﻪﺩﻩﺏ ﺋﻮﮔﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﺎﭘﺎ، ﺋﻪﺟﯩﺮ ﭼﯩﻜﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ، ﺷﻪﻳﺨﯘﻟﺌﯩﺴﻼﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺧﻮﭖ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ..."

ﻫﻪﻕ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯩﻢ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﯩﺶ ﺭﻩﻧﺞ ﺋﯩﻠﻪ،
ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﯩﻦ ﺋﺎﺩﺍ ﻳﯘﺯﮔﻪﻧﭻ ﺋﯩﻠﻪ.
(ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﭖ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻳﯘﺯ ﺗﯩﻠﻼ ﺑﻪﺭﯨﭙﻤﯘ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ) (ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ "ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﯘﻝ ﻗﯘﻟﯘﭖ" 113 - ﺑﻪﺕ)
ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ:
ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﻯ ﺋﯘﻟﯘﺳﻨﯩﯔ ﻫﯘﺩﻛﺎﻣﻪﺳﻰ،
ﺋﻮﺭﮔﯘﻧﯘﺭﮔﻪ ﺟﯩﺪ - ﺟﻪﻫﯩﺪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻟﻼﻣﯩﺴﻰ.
ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ﺧﻪﻟﻘﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:
ﻳﯘﺯ ﺟﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺗﻠﻪ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭﻩﻡ،
ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﭘﺎ ﻳﯘﺯ ﻗﻪﺗﻠﻪ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭﻩﻡ.

ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﺪﺍﻛﺘﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ:

ﺗﻮﻗﻠﯘﻕ ﻫﯩﺮﺳﯩﻦ ﻛﻮﯕﯘﻟﺪﯨﻦ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻞ،
ﺋﯚﺯﯗﯓ ﺋﺎﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭼﻨﻰ ﺗﻮﻕ ﻗﯩﻞ.
ﻟﯩﺒﺎﺱ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﭼﭽﯩﻜﯩﻢ ﺯﯨﺒﺎﺩﯗﺭ.
ﻛﯩﻴﮕﯩﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﺪﯗﺭﮔﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻻﺩﯗﺭ.
ﭼﯩﺮﺍﻏﯩﻨﻰ ﻫﻪﻕ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﺩﻯ، ﻛﯚﻳﺪﻯ،
ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﭘﯘﭖ ﺩﻩﺩﻯ، ﺳﺎﻗﯩﻠﻰ ﻛﯚﻳﺪﻯ.

ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﯩﻨﯩﯔ 16 ﺧﯩﻞ ﻟﯩﺮﯨﻚ ﮊﺍﻧﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ "ﺧﺎﺯﺍﻧﯩﺌﯘﻝ ﻣﻪﺋﺎﻧﻰ" (ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﯩﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ 48 ﻣﯩﯔ 803 ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﻖ 3130 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﺩﯨﯟﺍﻥ ("ﭼﺎﻫﺎﺭ ﺩﯨﯟﺍﻥ") ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯗﺭ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺵ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ "ﺧﻪﻣﺴﻪ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ﻣﻮﻝ ﻫﻮﺳﯘﻟﻠﯘﻕ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ،
Posted: 2008-01-03 21:01 | 5 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ


(ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

7-ﺑﺎﺏ

ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ

14 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯘﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯘﺭﺧﺎﻥ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ (300 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ) ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ (1). ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻘﺮﺍﺑﺎﻧﭽﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ "ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ"، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ "ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﺘﻰ. "ﻗﺎﻟﻤﺎﻕ" ﺳﻮﺯﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﺭﯨﻴﺎﻧﺘﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﻫﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (1514 - 1678 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮔﯘﻟﻠﻪﻧﺪﻯ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯩﻨﭻ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﻯ (ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 2263 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. 1522 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ "ﻣﯩﺮﺯﺍ ﻫﻪﻳﺪﻩﺭ" ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، 1630 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ "ﺳﺎﻗﯩﻴﻪ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ) ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﺷﯘﻧﺎﺳﻼﺭ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ، ﺋﻪﺩﯨﺐ - ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻫﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﯩﺰ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ "ﺳﯩﭙﺎﻫﯩﻴﻪ" (ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ)، "ﺷﯩﭙﺎﻫﯩﻴﻪ" (ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ)، "ﻫﻮﺩﯗﺩﯨﻴﻪ" (ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﺎﯞﺍﺗﻰ) ﯞﻩ "ﺋﺎﻳﯩﻨﻪﺋﻰ ﺳﺎﭘﺎﺭﺍﺕ" (ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ (1510 - 1570 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﻮﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ ﺋﯘﻧﻰ "ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﭘﺎﺯﯨﻞ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺋﻪﺭﻩﺏ، ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﺷﯘﻧﺎﺱ..." ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﮕﻪﻥ. "ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ: "ﺋﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﺴﻰ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﻪﻧﻨﯩﻔﻰ. ﺋﯘ، ﭼﺎﺭﺗﺎﺭ، ﺩﯗﺗﺎﺭ، ﺳﺎﺗﺎ، ﻗﺎﻟﯘﻥ، ﺗﻪﻣﺒﯘﺭ، ﺭﺍﯞﺍﺏ، ﺋﯘﺩ، ﻏﯩﺠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺧﻪﺗﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ، ﺗﯘﺭﻛﭽﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ" ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻥ، ﻣﯩﺮﺯﺍ ﻫﻪﻳﺪﻩﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﻗﻪﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﻯ، ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺧﯘﻟﻘﻰ، ﻣﯩﺮﺯﺍ ﻣﯩﺮﻩﻙ ﭼﺎﻟﯩﺶ، ﺋﺎﻳﺎﺯﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﻫﯚﺳﻨﺨﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻫﻮﺳﻨﺨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ "ﺧﻪﺗﺘﺎﺕ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻣﯘﻫﯘﺭ، ﺗﺎﻣﻐﺎ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ، ﮔﯘﻣﺒﻪﺯ، ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﯚﺳﻨﺨﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﯨﻠﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ. ﮔﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻫﯚﺳﻨﺨﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺳﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﭖ، ﻛﻮﺭﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻫﯩﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻫﻮﺳﻨﺨﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ.
ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ "ﻧﻮﺭﯗﺯ" ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﮔﯘﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﻪﯓ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﻟﻪﺗﺘﻰ. ﻧﻮﺭﯗﺯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﺗﯘﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ: "ﻧﻮﺭﯗﺯ ﭼﯧﻴﻰ"، "ﻫﻪﭘﺘﻪ ﺳﺎﻻﻡ"، "ﻣﯘﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﻛﻪﭼﯩﻠﯩﻜﻰ"، "ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ"، "ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ"، "ﻧﻮﺭﯗﺯﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ"، "ﭼﻪﯞﺍﻧﺪﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺕ ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ"، "ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ"، "ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ"، "ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ"، "ﭼﺎﻗﭙﻪﻟﻪﻙ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ" ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ.
ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ "ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ" ﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻳﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺘﻠﻪﭖ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﻪﺩﻩﺏ - ﺋﻪﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺑﻪﺟﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﻩﺗﺘﻰ:
"ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ، ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ (ﺑﯩﺰ) ﺩﯨﻦ؛ ﺑﻪﺧﺘﻰ - ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﺪﯨﻦ..."
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﺰﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﺎﺋﯩﺮﻩﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ:
"ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﭼﯩﺮﯨﻐﻰ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻱ،
ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻱ..."
ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﯩﺰﺍﻡ - ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
"ﻧﻮﺭﯗﺯﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ" ﺩﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﯞﺍﺋﯩﺰ (ﻧﺎﺗﯩﻖ) ﻻﺭ ﯞﻩ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭘﻪﻧﺪﻯ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:

ﺋﻮﺯﯨﺪﻩ ﺳﻪﺧﯩﻴﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺕ ﺳﯘﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺘﯩﺸﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﺭﺕ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.
ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻ - ﻗﺎﺯﺍﻧﻰ ﺭﺍﻫﻪﺕ ﺑﯩﻞ.
ﺧﻪﻟﻖ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯚﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻝ.
ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻪ - ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯗﯓ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﺧﻮﺭﻟﯩﻨﯩﺴﻪﻥ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻟﻐﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
ﻗﺎﺯﻯ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎ.
ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﺎﯕﻤﺎ.
ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻞ.
ﻧﺎﺩﺍﻥ ﯞﻩ ﺟﺎﻫﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎ.
ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ.
ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎ، ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﺴﻪ، ﻗﻮﺭﻗﻤﺎ.
ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰ ﺗﻪﺗﯘﺭ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﯕﻐﺎ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﺋﯩﻴﺘﻤﺎ، ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﺳﻮﻫﺒﻪﺗﺪﺍﺷﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺩﻭﺳﺘﯘﯕﻐﺎ ﺳﯩﺮ ﺑﻪﺭﻣﻪ.
ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻫﯩﺘﻰ.
ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ - ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ.
ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﮔﯘﯞﺍﻫﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﻧﻰ - ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﻪﻗﻠﯩﯔ ﻳﻪﺗﻤﻪﺱ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎ، ﻛﯘﭼﯘﯓ ﻳﻪﺗﻤﻪﺱ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻤﺎ.
ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻫﯘﻧﻪﺭ ﺋﻮﮔﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ.
ﺗﻪﻟﯟﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﯞﺍﺏ - ﺳﯘﻛﯘﺕ.
ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﺳﯘﻥ.
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﻝ - ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﻫﯘﻧﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ.
ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ:
(1) ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯘﺭﺧﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺋﻪﺭﺷﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻛﯘﭼﺎﺩﺍ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﯞﻩﻟﯩﻴﻪ" ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ،
Posted: 2008-01-03 21:01 | 6 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

( ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

8 -ﺑﺎﺏ

"ﭼﯩﺮﺍﻏﺴﯩﺰ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ" ﺩﻩ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

...ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﻫﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯘﻟﻼ ﺧﻮﺟﺎ (1626 - 1694) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺪﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻘﻨﻰ، ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﺎﺧﯩﺮ 1677 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯩﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯘﭖ، ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﻪﺭﺯ - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ. ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻰ ﻏﺎﻟﺪﺍﻧﻐﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻫﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯘﻟﻼ ﺧﻮﺟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ 12 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ. ﺗﯘﻣﻪﻥ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﯖﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻫﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯘﻟﻼ ﺧﻮﺟﺎ "ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﭼﺎﻕ ﯞﺍﯓ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺳﻮﭘﯩﺰﻣﻨﻰ ﻛﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ "ﭼﯩﺮﺍﻏﺴﯩﺰ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ" ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯨﺘﯩﻠﺪﻯ. ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ، ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ، ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﻣﺎﺗﻪﻣﺎﺗﯩﻜﺎ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘ، "ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﯨﺴﻰ"، "ﺟﻪﺩﯨﺘﻠﯩﻖ" ﺩﻩﭖ ﺟﺎﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ، "ﭘﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ" ﺩﻩﭖ ﭼﯘﻗﺎﻥ ﻛﯚﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. "ﻧﺎﺳﺎﺭﺍ ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﯩﺮﻯ" (1) ﺑﻪﺱ - ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯘﻟﻼ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﭘﻰ ﺩﻩﺭﯞﯨﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺟﻪﻧﺪﻯ - ﻛﯘﻻﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻼ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺪﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺧﻮﺗﯘﻥ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻫﻪﺭﻩﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﺎﻫﯩﻞ ﺳﻮﭘﯩﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻕ - ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:

ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﺩﺍﻟﯟﯨﻴﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ، "ﻗﯘ" ﻧﯩﯔ ﻧﻪﻣﯩﺸﻰ،
ﺩﯨﻠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ، "ﻫﯘ" ﻧﯩﯔ ﻧﻪﻣﯩﺸﻰ.

ﺳﻮﭘﻰ - ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺷﻮﺗﺎﯓ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯩﻠﻤﺎﭺ (ﺗﯘﯕﭽﻰ) ﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﻮﺗﺎﯓ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﭼﯩﻜﻪﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﻰ، ﻏﻮﺭﯗﺭﻯ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﻪﻗﻰ، ﺗﻪﻗﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺑﺒﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﺎﺭﺟﺎﻥ ﭘﯚﭘﯘﻙ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺯﻩﻱ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯩﺰﻣﻪ ﺗﯘﮔﯘﻟﮕﻪﻥ ﻗﯘﻳﺎﺯﻯ ﻛﯩﻴﮕﯘﺯﯗﻟﻪﺗﺘﻰ، ﻗﺎﺭﺍ ﻟﻪﻣﺒﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﺟﯘﻻ ﺋﯚﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺭﯗﻣﻪ ﭼﺎﭺ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺷﻮﺗﺎﯓ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘﭼﻪ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ "ﭼﯩﺮﺍﻏﺴﯩﺰ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ" ﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﺷﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯗﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻫﯚﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﺩﻯ. ﺳﻮﭘﯩﺰﻡ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ:
(1) "ﻧﺎﺳﺎﺭﺍ ﭘﻪﺭﻩﯕﻠﯩﺮﻯ" - ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ
Posted: 2008-01-03 21:02 | 7 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

( ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

9 - ﺑﺎﺏ

ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ


"ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ" (ﯞ. ﺋﻰ. ﻟﯧﻨﯩﻦ)، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺗﺎﻛﻰ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 - ﻳﯩﻠﻠﯧﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﻫﯚﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ، ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺷﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩﻙ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﯞﻩ ﻳﯘﺳﯘﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭙﺘﻪﻙ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ "ﺳﺎﺟﯩﺌﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ "ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ" ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺷﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﭼﯘﭖ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺘﻰ - ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. 1770 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﻤﯩﺲ ﯞﺍﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ، 1804 - ﻳﯩﻠﻰ ﻓﻮﻟﺘﯘﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻰ، 1805 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺗﯩﯟﯨﻨﯩﺲ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﻳﻮﻝ، ﻓﺎﺭﺍﺩﻯ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻙ (ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ) ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ، 1902 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﺭﻩﻳﺖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﻏﺎﭘﯩﻠﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ - ﺗﯘﻣﻪﻥ ﺯﺍﯞﯗﺕ - ﻓﺎﺑﺮﯨﻜﯩﻼﺭ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯘﺭﯗﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ:

ﻗﻮﭖ! ﺋﻰ ﺋﺎﺩﺍﺵ ﺑﯩﺮ... ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﻕ،
ﺑﺎﻕ... ﻧﻪ ﻛﻮﺭﻩﺭﺳﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ!
ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﻫﺎﯞﺍﺩﺍ، ﺳﯘﺩﺍ ﻛﻪﻟﯘﺭﻟﻪﺭ،
ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻝ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﺎﯞﺍﻕ!...

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ "ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺖ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ. "ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺖ" ﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻯ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﻐﺎﻧﻰ (1838 - 1897) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺕ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ("ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺖ" ﻧﻰ) ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ. "ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺖ" ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﻫﯘﺳﻪﻳﯩﻦ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻱ، ﺑﺎﻫﺎﯞﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻱ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﺗﺎﺵ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ؛ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ، ﻛﯘﭼﺎﺩﺍ ﻫﺎﻣﯩﺖ ﻫﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺦ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮒ، ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﯩﮕﯩﭽﻪ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﮊﻏﯩﭽﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺯﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
1907 - ﻳﯩﻠﻰ ﻫﯘﺳﻪﻳﯩﻦ، ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ "ﺩﻭﻻﻕ" ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺧﯘﺭﯗﻡ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﺗﺎﺵ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﺗﯘﯞﺍ ﺗﻮﻗﯘﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻝ ﻫﺎﺟﻰ، ﯞﺍﺟﯩﺖ ﻫﺎﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯘﺭﮊﯗﺋﺎﺯﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، 1916 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﯘﺵ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯗﻧﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﻫﻰ ﺗﯘﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ، ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ ﺋﻮﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﯘﻫﯩﺖ - ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ، ﻫﺎﯞﺍﺳﻰ ﺳﺎﭖ ﺟﺎﻱ، ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯧﻜﯩﻨﺰﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺧﻪﻟﻘﯩﻐﻪ ﺷﯩﺠﺎﺋﻪﺕ، ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﻫ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯗﺭﮔﻪﻥ.
ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯩﻜﺴﺎﻗﺘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯗﺭ.
ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻱ (ﻣﯘﺳﺎ ﻫﺎﺟﻰ) ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯗﺳﯘﻝ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻤﯘ ﺷﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﺗﯘﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﭼﻮﯓ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺳﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ: "ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺷﺮﻩ - ﺯﺍﻛﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻜﻪ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯗﺭ" ﻟﯘﻛﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ - ﻫﯘﺳﻪﻥ ﺑﺎﻱ (1844 - 1926 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﯞﻩ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ (1851 - 1928 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻣﻮﺳﺎ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﺗﻮﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﺘﺎ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﯓ ﺟﺎﻫﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯘﭼﻠﻪﺭ ﻫﯚﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﭼﻜﻮﺯ، ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰ ﺷﻮﺭﺍﭖ، ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﻼ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻟﯩﻠﻼ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺋﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ - "ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﻛﺎﺗﯩﮕﻮﺭﯨﻴﻪ". ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ، "ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ" ﯞﻩ "ﻳﯩﯖﯩﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ" ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﺎﺗﯩﮕﻮﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯘﻧﯩﺪﯗ.
ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ("ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺖ") ﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮒ - ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭼﯧﺨﯩﺴﻠﻮﯞﺍﻙ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﺎﻥ. ﺋﺎﻣﯘﺱ. ﻛﻮﻣﯩﻨﺴﻜﯩﻲ (1592 - 1670 - ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﻗﯘﺭﺩﺍﺵ ﺋﯚﺳﻤﯘﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﻼﺱ (ﺳﯩﻨﯩﭗ) ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﭖ، ﭼﻮﯓ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺩﻩﺭﺱ ﺳﻪﺗﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺗﯘﺯﯗﻣﻰ ﺑﺎﺭ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﯖﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯘﺭﺩﺍﺵ ﺋﻮﺳﻤﯘﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺑﺎﻏﯟﺍﺭﺍﻧﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻛﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﻠﯩﻚ، ﺋﯩﭽﻰ ﻛﻪﯓ ﯞﻩ ﻳﻮﺭﯗﻕ، ﺋﯘﺳﺘﻪﻝ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻝ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ.
ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺩﺍﺭﺍﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯩﻜﺴﺎﻗﺘﺎ ﻳﯩﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ 1885 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯘﺯﺩﻩ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻜﺴﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙ "ﻫﯘﺳﻪﻳﻨﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ(1)" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺳﻪﻫﯩﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺋﯘﭺ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﻠﯩﻚ، ﺩﻭﺳﻜﺎ، ﭘﺎﺭﺗﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﻫﺎﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ، ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ - ﺗﯧﺸﻰ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﺎﺗﺎﻕ، ﻫﺎﻣﻤﺎﻡ (ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻧﭽﺎ) ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﯩﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻗﻮﻧﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ "ﻟﻪﻳﻠﻰ"، ﻛﯩﻠﯩﭗ - ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ "ﻧﺎﻫﺎﺭﻯ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ - ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻼﺭ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻨﻰ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﺎﺧﯘﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ "ﺑﻪﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻴﻪﺕ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ" ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻫﻪﻡ ﻛﻪﺭﯨﻤﺎﺧﯘﻥ، ﻫﯩﺴﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻪﺭ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ "ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ" ﻣﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯩﯖﻪﺵ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻫﻪﻡ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﻛﻪﺭﯨﻤﺎﺧﯘﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻪﺵ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ: ﻛﻪﺭﯨﻤﺎﺧﯘﻥ (ﻣﯘﺩﯨﺮ)، ﭼﻮﯓ ﻏﻮﺟﯩﻜﺎﻡ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ، ﺋﯩﺪﯨﺮﯨﺲ ﻫﺎﺟﻰ، ﺭﺍﺋﯩﻠﻪ ﺑﯘﯞﻯ ﻣﻮﻟﻼﭼﺎﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 105 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯚﺳﻤﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 25 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻯ: ﻫﯧﺴﺎﺏ، ﺗﯩﻞ، ﺋﯩﻤﻼ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺩﻩﺭﺳﻰ (ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ)، ﺋﻪﺭﻩﺏ، ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻰ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ - ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﺎﻝ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺱ ﺟﻪﺩﯨﯟﯨﻠﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯘﺵ ﺗﯘﺯﯗﻣﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺩﻩﺭﺳﻰ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺗﯘﺯﯗﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺯﯗﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﯘﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺵ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﻪﺭ ﻛﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﺠﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﯘﺯﯗﻣﯩﻤﯘ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺩﯨﺠﻮﺭﻧﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﻛﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ - ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ.
ﺑﯘ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺗﯘﺯﯗﻣﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ، ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﻪﻟﯩﻴﯘﻟﺌﻪﻻ (1 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ)، ﺋﻪﻻ (ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ)، ﺋﻪﯞﺳﺎﺕ (ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ)، ﺋﻪﺩﻧﺎ (ﺋﻮﺗﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ).
ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻛﻪﻧﺖ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﯞﻩ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﺗﻜﯘﺯﯗﻟﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﺎﺭﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﯚﺭﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﯘﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﻮﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﻟﯩﻨﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: 1 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ "ﺗﻪﻫﺴﯩﻨﻨﺎﻣﻪ"، 2 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ "ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻨﻨﺎﻣﻪ"، 3 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ "ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﺎﻣﻪ"، 4 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ "ﺷﺎﻫﺎﺩﻩﺗﻨﺎﻣﻪ" ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ "ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ"، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ "ﻣﻮﻟﻼﭼﺎﻡ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯘﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: 1 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ 400 ﭼﺎﺭﻩﻙ، 2 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 300 ﭼﺎﺭﻩﻙ، 3 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 200 ﭼﺎﺭﻩﻙ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺵ (ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ) ﺑﯩﺮﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﺪﯨﻦ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﻮﺷﺮﻩ - ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻼﺗﺘﻰ.
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﯞﻩ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺋﻮﺳﻤﯘﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ "ﺧﺎﻧﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻚ" (ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ) ﺗﯘﺯﯗﻣﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯩﭽﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ 1 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 15 ﭼﺎﺭﻩﻙ، 2 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ 12 ﭼﺎﺭﻩﻙ، 3 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﭼﺎﺭﻩﻙ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﺑﯩﺮﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ "ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ" ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
1888 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﻛﻪﺭﯨﻤﺎﺧﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﯩﺦ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﯩﺰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻣﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﯚﺷﯘﻛﯩﺪﯨﻼ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﺪﻯ. ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 1902 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻣﺪﯨﻼ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺷﻨﻰ ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻣﻪﺳﺌﯘﺕ ﺳﻪﺑﯩﺮﻯ، ﺟﯩﺮﺟﯩﺲ ﻫﺎﺟﯩﻢ (ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ) ﯞﻩ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻞ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﯗﻟﺪﻯ.
ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﯘﮔﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ 1 - ﺗﯘﺭﻛﯘﻣﺪﻩ ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﻜﺴﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ 1890 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1896 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ.
ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﻰ ﻫﯘﺳﻪﻳﯩﻦ ﻫﺎﺟﻰ، ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﯩﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﻮﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯘﻛﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. 1895 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻱ ﻫﺎﺟﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ: "ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻫﻪﺑﯩﺐ ﺋﻪﺟﻪﻡ" ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻫﻪﺑﯩﺐ ﺋﻪﺟﻪﻡ" ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﻫﯘﺳﻪﻳﻨﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ" ﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ 1896 - ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ.
1898 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﻪﺗﻪﺭ - ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﮔﯘﻣﺒﻪﺯ ﻣﯘﻧﺎﺭﻯ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻱ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﻣﺎﺯﺍﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺋﯩﻜﺴﺎﻗﺘﺎ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯘﺭﺩﻯ.
ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻫﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺷﯘﻕ ﻫﺎﺟﻰ ﻻﻳﯩﻬﻠﻪﭖ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺒﯩﺰﻯ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻟﯘﻕ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ 12 ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﺎﺗﯩﻘﻰ (ﻫﯘﺟﺮﺍ)، ﻫﯘﺟﺮﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﯩﺸﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﺑﯩﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﯩﻠﯩﻖ ﺯﺍﻝ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﺋﯚﻳﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﻣﻮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻍ، ﺑﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﺘﺎ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ، ﺑﻪﺵ - ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﻮ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ ﺗﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻚ، ﭘﻪﺷﺘﺎﻕ، ﺗﺎﺵ ﭘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﭽﺎ (ﻫﺎﻣﻤﺎﻡ)، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ 200 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﻖ، ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺋﯚﺳﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﺗﯚﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﺮﻩﻙ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ، ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺕ، ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﻟﻠﻰ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﺯﺍﻟﻰ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺗﺎﻝ، ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﯘﺟﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﻝ، ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﻫﯩﺶ ﭘﯩﺸﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺧﯘﻣﺪﺍﻥ، ﺧﯘﻣﺪﺍﻥ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﻪﺭﻩﺗﺨﺎﻧﺎ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ
Posted: 2008-01-03 21:02 | 8 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

( ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ)

10- ﺑﺎﺏ

4. ﺧﻪﻣﯩﺖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ

ﺧﻪﻣﯩﺖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﭼﯚﭼﻪﻙ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ 50 ﻳﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ 1930 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯘﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺪﻯ. ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻬﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ، ﺗﺎﺗﺎﺭﭼﻪ، ﻗﺎﺯﺍﻗﭽﻪ، ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ، ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ، ﺗﯘﺭﻛﭽﻪ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺧﻪﻣﯩﺖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ 1934 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ "ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ" ﮔﻪ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ "ﺗﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪ"، "ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﻪ"، "ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻴﻪ"، "ﻫﯘﺳﻪﻳﻨﯩﻴﻪ"، "ﺭﻭﺷﻪﻥ"، "ﮔﯘﻟﺸﻪﻥ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﻩﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﻯ.
ﺧﻪﻣﯩﺖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺗﯩﻞ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ، ﻫﯩﻤﯩﻴﻪ، ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻣﯩﻴﻪ، ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﻟﮕﯧﺒﺮﺍ ﯞﻩ ﮔﯩﺌﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻮﻧﺴﭙﯩﻚ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
ﺧﻪﻣﯩﺖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ 1947 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ "ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ" ﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ، ﺗﯩﺮﮔﯩﻨﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪ... ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ 1000 ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﮕﯧﺒﺮﺍ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺘﯩﻚ ﮔﯩﺌﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ 800 ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭖ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺭﻭﻟﭽﯩﺴﻰ، ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻟﯩﻦ ﺟﯩﻠﯘ (1916 - 1943) ﺋﯩﺪﻯ.
ﻟﯩﻦ ﺟﯩﻠﯘ 1938 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺋﯩﻠﻔﯘﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، "ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺵ" ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻓﺎﯕﺠﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ "ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ - ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺭﻭﻫﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ" ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﻛﯚﺗﯘﺭﻩﯕﮕﯘ - ﺭﻭﻫﻠﯘﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ "ﺩﺍﺭﯨﻠﻔﯘﻧﯘﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ" ﻧﻰ ﺗﯘﺯﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﺍﺭﯨﻠﻔﯘﻧﯘﻧﻰ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﻟﯩﻦ ﺟﯩﻠﯘ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ، ﻛﯘﭼﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
"ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭖ ﺩﻩﯞﺭﻯ" ﺩﯨﻜﻰ ﮔﯘﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯘﻑ (1920 - 1949)، ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ (1922 - 1945)، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ (1919 - 1945) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﻟﯩﻦ ﺟﯩﻠﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﻮﺭﯗﻧﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﺭ ﺭﻭﺯﻯ 1919 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﻣﻪﺷﻬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ 1935 - ﻳﯩﻞ ﺑﺎﻫﺎﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ (ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ) ﻧﻰ ﺋﻪﻻ ﺗﯘﮔﯩﺘﯩﭗ، "ﺋﻪﻟﯩﻴﯘﻟﺌﻪﻻ" (ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ "ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺯﯨﺮﻩﻙ، ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﯘﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ" ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﻰ ﺗﯘﮔﯩﺘﯩﭗ، ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻻ ﺋﯚﺗﻜﯘﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﻑ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﻻﻧﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﻫﺎﺷﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﺎﺧﯘﻧﺠﺎﻥ، ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ ﻫﻪﺳﻪﻧﯘﻑ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﮕﻪ ﺩﻩﻝ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻟﮕﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
1936 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ. ﺋﯘ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻧﺪﻩ ﻫﻪﻡ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﺪﻩ ﺗﯩﺰﻻ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ (ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ) ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﻧﺎﺗﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ "ﺩﺍﻫﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ" (ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﺍﻫﯩﻴﺴﻰ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯩﺰﯨﺘﻰ" ﺩﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻮﭼﯘﺭﻛﯩﺴﻰ ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﻗﺎﻣﯩﺘﯩﺪﻩﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ "ﺋﺎﺭﺯﯗ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺱ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﯘ ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ "ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻣﻰ" ﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﭼﺎﺭﻻﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ "ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻞ" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻧﺎﺳﻘﺎ ﭘﺎﻟﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﻣﺎﻧﺎﺳﻘﺎ ﭘﺎﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﻮﺗﻤﻪﻱ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭙﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. 1938 - ﻳﯩﻞ ﻛﯘﺯ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻰ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﯘﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﻮﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﯨﺪﯨﻦ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯘ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯓ - ﭘﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﭼﻮﯕﻼﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯘﻝ ﺑﯚﻟﯘﭖ، ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﻜﻪ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ "ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﺭﺍﻣﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﻪﺷﺘﯘﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺩﺭﺍﻣﺎ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﭖ - ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﻰ، ﻣﺎﻧﺎﺱ، ﻗﯘﺗﯘﺑﻰ، ﺋﺎﻻﯞﯗﺳﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺩﺭﺍﻣﯩﺴﻰ - "ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻯ" ﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯘﺷﯘﺭﯗﺷﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ 1940 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﭙﻪﻛﺘﻮﺭﻯ (ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻰ)، ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﭗ، 1941 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ 1942 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﻩ "ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﻮﭼﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ" ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﻫﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﯘﺯﯗﻟﻤﻪﻱ ﺑﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﭼﻪﺕ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﯩﻨﺴﭙﻪﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﺭﻩﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﭙﻪﻛﺘﻮﺭﻻﺭﺩﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯘ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻛﯘﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻛﯘﺭﺳﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻫﻪﻡ ﺗﯩﻞ - ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﻯ.
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ، 1943 - ﻳﯩﻞ 9 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯘﭺ ﺳﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺩﻭﻻﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﻨﺎﺩﺍ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﻪﭺ ﻛﯘﺯﯨﺪﻩ ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﯞﻩ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯘﺭﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ - ﺋﯘﭺ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍ - ﺩﺭﺍﻣﯩﻼﺭﺩﯨﻦ 10 ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﺩﺭﺍﻣﺎ - ﺋﻮﭘﯧﺮﺍ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ" ﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﻧﻪ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﻰ ﻳﯩﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ "ﻏﯧﺮﯨﭗ - ﺳﻪﻧﻪﻡ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺳﻰ" ﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ "ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎ" ﺩﺭﺍﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻥ.
ﺷﯘﻧﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯩﺮﻩﻛﻜﻰ، ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﺩﺭﺍﻣﺎ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯩﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﺷﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﺴﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯘﺵ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ، ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻫﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﻛﯚﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ. ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ -ﺩﻩ، ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍ ﺩﻭﺳﻜﯩﻐﺎ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ: ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯚﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻼﻫﯩﻲ ﻗﯩﺰﻧﻰ، ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺭﻭﺯﯨﮕﺎﺩﺍ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻼﻫﯩﻲ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ "ﻣﯘﺯﻩﻳﯘﺱ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ - ﺩﻩ، ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻫﺎﯓ - ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ، ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﻪ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺑﯘ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻨﻰ ﻳﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﺳﯘﺭﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻯ "ﻣﯘﺯﻩﻳﯘﺱ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻼﻫﯩﻲ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﯘﺯﻩﻱ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﻪ: ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯧﯟﯨﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﺎﯞﺍﺑﺘﯩﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﻳﻪﻧﻪ "ﺋﺎﺭﺯﯗ" ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. "ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﯧﺌﺮﯨﻴﯩﺘﻰ"، "ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﯞﻩ ﺩﻭﻻﻥ ﺷﯩﯟﯨﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﺳﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﮊﺍﻧﯩﺮﻻﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﻮﭘﯩﻨﭽﻪ ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﻪﺯﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ "ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﯞﻩﺷﺸﻪﻫ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﭘﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﺴﺮﺍﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻫﻪﺭﭘﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﯟﻩﻟﯩﭗ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ "ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﯘﺭﻩﺵ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺷﻮﺋﺎﺭ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﯞﻩﺷﺸﻪﻫ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﯨﻦ "ﻛﯘﭺ ﺋﯘﻻﺵ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﻳﻪﻛﯘﻥ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ. "ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﯘﺭﻩﺵ"، "ﻛﯘﭺ ﺋﯘﻻﺵ" - ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﯩﻤﯘ، ﺩﺍﺭﯞﯨﻨﯩﺰﻡ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻏﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻏﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﭘﺪﯨﺸﻰ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ "ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﻫﻮﻛﯘﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، 1945 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﻯ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ 26 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ...
1942 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ، ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﯞﯨﺘﯩﻠﺪﻯ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، "ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭖ ﺩﻩﯞﺭﻯ" ﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻝ ﮔﯘﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺧﺎﺭﺍﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﺎﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﻮﺗﯘﺭﺩﻯ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮔﯘﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﯩﺪﻯ. ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻛﯘﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯚﺳﺘﻰ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ:
"ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻗﺎﻻﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯩﻬﻨﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﯞﻩ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯩﻬﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻜﺮﻩﻙ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﭼﯘﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯩﻬﻨﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﯩﺪﯗﺭ."
ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 295 ﻛﻪ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﻧﻰ 980 ﮔﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ 1051 ﮔﻪ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ 28 ﻣﯩﯔ 345 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، 1949 - ﻳﯩﻞ 9 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 342 ﮔﻪ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﻧﻰ 1321 ﮔﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 1413 ﻛﻪ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 39 ﻣﯩﯔ 269 ﻏﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. 1950 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﺩﯞﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ 1134 ﺳﯩﻨﯩﭗ، 39 ﻣﯩﯔ 734 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ، ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ 180 ﺳﯩﻨﯩﭗ، 4938 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ؛ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ، ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻫﯘﻧﻪﺭ - ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﺭﯗﺱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 2096 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 46 ﻣﯩﯔ 768 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﻣﯘﺭﺍﺩ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ" 27 ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ، ﯞﺭﺍﭼﻼﺭ، ﺭﺍﺩﯨﺴﺖ، ﭘﻮﭼﺘﺎﻟﻴﻮﻧﻼﺭ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﻛﯩﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻛﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﺴﻰ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻧﯩﻤﺸﯧﻬﯩﺘﻨﯩﯔ "ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ" ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﻫﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ

ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺧﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﯩﺪﻯ:

ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺭﻩﻧﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺮﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﻳﺎﺭ ﻳﻮﻕ،
ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭ، ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺋﯘ ﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭ - ﻳﻮﻕ.
ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺋﺎﻳﻼﺭ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯘﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﯓ، ﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﻫﯩﭻ ﺋﺎﺭ ﻳﯘﻕ.
ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻧﻪﭘﺴﯩﯖﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ، ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻳﺎﺭ ﺗﯘﺗﺴﺎﯓ،
ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﭼﯘﺷﺴﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﺧﺎﺭ ﻳﻮﻕ.
ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﻮﻝ،
ﺋﯜﮔﻪﻧﻤﻪﻛﻜﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮔﯘﻟﺰﺍﺭ ﻳﻮﻕ.
ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﻧﯩﻤﺸﯧﻬﯩﺖ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ،
ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﯘﺯ ﺋﯚﺭﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﻪﺑﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﮔﯘﻧﺎﻫﻜﺎﺭ ﻳﻮﻕ...

ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ:
(1) ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭖ - ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
(2) (3) "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ" 1982 - ﻳﯩﻞ، 5 - ﺳﺎﻥ 176 - ﺑﻪﺕ، 180 - ﺑﻪﺕ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ،
Posted: 2008-01-03 21:03 | 9 -قەۋەت
Elturk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى

ئابدۇللا تالىپ)

11-باب

سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق

بىز يۇقىرىدا 1949 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئۇستىدە قىسقىچە توختالدۇق. ئازادلىقتىن كەيىنكى مائارىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا باشقا بىر كىتابىمىزدا تونۇشتۇرماقچىمىز.
مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە مائارىپ تارىخشۇنى سلىقىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ئۇسۇل سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مەتتوختىى ھەسابلىنىدۇ. ھەربىر مائارىپچى بۇ ھەقتە زۆرۇر ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كەرەك. چۇنكى، سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بىزگە مائارىپ تەرەققىياتىدىكى سان بىلەن سۇپەت ئوتتۇرىسىدىكى، جايلار بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدىكى، دەۋرلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ئەلىمىز مائارىپى بىلەن باشقا ئەللەر مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى يورۇتۇپ بىرىدۇ
مەشھۇر سېلىشتۇرما مائارىپشۇناس بەرىداي: "باشقىلارنى چۇشىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى چۇشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بەكمۇ قىممەتلىك" دىگەنىدى. يەنە بىر سىلىشتۇرما مائارىپشۇناس كاندەل: "سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق مائارىپ تارىخىنى ئۈزۈلدۇرمەسلىكنى مەقسەت قىلىدۇ..." دەيدۇ.
سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىلمى قەدىمقى يۇناندىن باشلانغان. قەدىمقى يۇناننىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سەنوپون (سەنوپون) ئۆزىنىڭ "پادىشاھ سەروسنىڭ تەرجىمھالى" ناملىق ئەسىرىدە: پېرسىيە ياشلىرىنىڭ تەربىيە ئەھۋالى، ئۇ يەردىكى مائارىپ خىزمەتلىرى، پېرسىيە بىلەن يۇنان مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئىككى خىل مائارىپنىڭ مەقسىتى، تەشكىلىي تۇزۇملىرى... قاتارلىق ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرما مېتودى بويىچە تەپسىلىي بايان قىلغان.
قەدىمقى رىمنىڭ ئاتاقلىق سىياسەتچىسى سىستىرۇن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 100 - 43 - يىللار) ئۆزىنىڭ "جۇمھۇرىيەت تۇزۇلمىسى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە قەدىمكى يۇنان مائارىپى بىلەن رىم مائارىپىنى سىلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە تۇنىسلىق ئالىم كاردۇن شەرق مۇسۇلمان مائارىپى بىلەن غەرب مائارىپىنى سېلىشتۇرغان.
لىكىن، سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنى بىرىنچى قىتىم سىستىمىلىق پەن قاتارىغا كوتۇرگەن فرانسىيىلىك مەشھۇر پەداگوگ ئانتۇنى جۇللىيان (8481 -- 5771 ئانتونى جۇللىئەن) بولدى. ئۇ 1817 - يىلى "سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى ئەللەر مائارىپچىلىرى ئۆزئارا نازارەت قىلىش، ئۆز ئەلىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى باشقا ئەللەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە سىلىشتۇرۇش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.
1831 - يىلى يەنە بىر فرانسۇز پېداگوگى ۋىكتۇر (1792 - 1867 - يىللار) "پروسسىيە مائارىپى" ناملىق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ كىتاب نۇرغۇن ئەللەرنىڭ مائارىپچىلىرى ئىچىدە تىخىمۇ زور تەسىر قوزغىدى.
20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق 2 - باسقۇچقا كۆتۇرۇلدى. مەشھۇر ئىنگلىز پەداگوگى سادىرلىر (3491 -- 1681 مىچائەل سەدلەر) "مائارىپ مەسىلىلىرى" ناملىق 28 توملۇق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئەسەردە ئۇ ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سىلىشتۇرۇپ بايان قىلدى.
1898 - يىلدىن باشلاپ سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقايسى ئەللەردە مەخسۇس سەلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق تەتقىقات ئورگانلىرى تەستىق قىلىنىشقا باشلىدى. مەھسۇس مەجمۇئەلەر چىقىرىلىدىغان بولدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن "دۇنيانىڭ مائارىپ ئەھۋالى" دىگەن نامدا كۆپ توملۇق كىتاب نەشر قىلىندى.
سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مېتودى تۆۋەندىكى ئۈچ كاتەگورىيىگە بۆلۇنىدۇ:
1. ۋەرتىكال (مەردىئان) سىلىشتۇرۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە بىر دۆلەت ياكى بىر رايوننىڭ دەۋرىي باسقۇچلىرى بويىچە سىلىشتۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلى يۈرگۇزۇلىدۇ.
2. گورىزۇنتال (پاراللەل) سىلىشتۇرۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە رايونلار بىلەن رايونلار، دولەت بىلەن دولەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر سىلىشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: 1982 - يىللاردىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە ئالغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەر 10 مىڭ كىشىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 40، قەشقەردە 54، ئالتايدا 170، قۇمۇلدا 203، ئاقسۇدا 73، قىزىلسۇدا 75، تۇرپاندا 99 ۋە ئۇرۇمچىدە 224 دىن توغرا كەلىدۇ.
يەنە 1980 - يىلى شىنجاڭدا ھەر 10 مىڭ كىشىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 10، قازاقىستاندا 157، ئوزبەكىستاندا 174، ئاۋسترالىيىدە 230 دىن توغرا كىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئاق ش دا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەر 10 مىڭ كىشىگە 269، سوۋەت ئىتتىپاقىدا 196، دېموكراتىك چاۋشيەندە 155، جۇڭگودا 10.5، تۇركىيىدە 68 دىن توغرا كەلىدۇ.
3. تەھلىل يۇرگۇزۇش مېتودى: بۇ مېتودى بويىچە ئاخبارات - ماتىرىياللار توپلىنىدۇ. تەتقىقاتچى بىۋاسىتە كۈزىتىش ئىلىپ بارىدۇ. ئارىدا توپلانغان پاكىت - ماتىرىياللار سىلىشتۇرۇلۇپ سىستىمىغا سىلىنىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سىلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. چۇنكى ھازىر ئىلىم - پەن ۋە تىخنىكا كەشپىياتلىرى ھەمدە بىلىمنىڭ كونىراش ۋە يىڭىلىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە تىزلەشمەكتە. ئالىملارنىڭ ھىسابلاپ كۆرۇشىچە، 16 - ئەسىردىكى تەبىئىي پەنلەر كەشپىياتى ئاران 26 خىل بولغان بولسا، 17 - ئەسىردە 106 خىلغا، 18 - ئەسىردە 156 خىلغا، 19 - ئەسىردە 546 خىلغا، 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا 961 خىلغا يەتكەن. 60 - يىللاردىن كىيىن ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى يىڭىلىنىش ۋە كەشپىياتلار ئاجايىپ تىز كۆپىيىپ بارماقتا. پەننىڭ يىڭىلىنىش سۇرئىتى ھازىر ھەر 10 يىلدا بىر قاتلىنىۋاتىدۇ. تۈنۇگۇن بىلگەن نەرسە بۇگۇن كونىراپ قېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر نۇرغۇن ئەللەردە "ئۆمۇرۋايەتلىك مائارىپ" يۇرگۇزۇلمەكتە.
بىراق سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئاددىي سانلارنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۇ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تەلىم - تەربىيە نىشانىسى، ئوقۇتۇش تۇزۇمى، مائارىپ ئىقتىسادى، مائارىپ پسىخولوگىيىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىقنىڭ ۋېرتىكال تەتقىقات مىتودى كوپ ھاللاردا مائارىپ تارىخشۇناسلىقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، مائارىپ تەرەققىياتىنى تارىخىي دەۋرلەر بويىچە قاراپ چىقىدۇ. مەسىلەن: مىلادىدىن 3000 يىللار بۇرۇن ئىروگىلىپ خېتى بىلەن يېزىلغان دۇنيانىڭ 1 - توم قەھرىمانلىق داستانى "كەلكىمىش" (1) دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان دۇنيا مائارىپىدا بىرقانچە بۇرۇلۇش دەۋرى بولۇپ ئۆتتى: 1- مەكتەپ ۋە مۇئەللىمنىڭ كىلىپ چىقىشى؛ 2- كلاسسىك مائارىپ دەۋرى؛ 3- ئەدەبىي ئويغىنىش (ئىلىم - مەرىپەت يۇكسىلىش) دەۋرى؛ 4- سانائەت ئىنقىلابى تۇرتكىسىدە پەيدا بولغان يېقىنقى زامان مائارىپى دەۋرى؛ 5- ھازىرقى زامان ئېلىكترلەشكەن مائارىپ دەۋرى.
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىمۇ ئالدىدىكى بابلاردا بايان قىلىپ ئۆتۇلگەندەك، خاراكتەرلىك تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۇنىدۇ. مەسىلەن: 1- ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچى؛ 2- مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 3- كلاسسىك مائارىپ باسقۇچى؛ 4- يېڭى مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى؛ 5- ھازىرقى زامان مائارىپى باسقۇچىدا.
ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكى ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، ئۇ قويۇق دىنىي تۇس ئالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپچىلىرى ۋە ئەدىبلىرى تۇرلۇك تىللارنى ماھارەت بىلەن ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يازما يادىكارلىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئەنە شۇ دىنىي ئەسەرلەر ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن. نېمىس ئالىمى ف. كاردىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بارلىق تىل، ئېدىئولوگىيە، پەلسەپە، سەنئەت پائالىيەتلىرى كەينىدە دىنىي مەقسەتلەر بار ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىلاردا قەدىمقى زامان ھوججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى..." ("جۇڭگودا مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربكە تارقىلىشى.")
مەسىلەن: بۇددىزم دەۋرىدە قالغان نۇرغۇن يادىكارلىق ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق، پەلسەپە ۋە بىلىم - سەنئەت كۆز قاراشلىرى ساقلىنىپ زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەنلىكى ئۇيغۇر مائارىپ تەتقىقاتىمىز ئۇچۇن ئەلۋەتتە زور پايدىلىق.
ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ 2 - مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كلاسسىك مائارىپ نامايەندىلىرى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تالانتلىق تىل ماھىرلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب، پارس تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سانسكرىت، خەنزۇ تىللىرىدا يىرىك ئەسەر يازغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تالانتى غەربنى ھەيران قالدۇرسا، بەزىلىرى شەرقنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئەنە شۇ مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن پەخىرلىنەلەيدۇ ۋە مۇشۇ پەخىرلىنىش روھى بىلەن ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى چوقۇم كەلگۇسىدە نۇرغۇن ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا يىتەكلىشىگە ئىشەنچ باغلىيالايدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىدا سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق بىلەن بىللە مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىقنىمۇ قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىمىز لازىم.
مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىق (فۇتۇروئىئوگىيە) نى 1943 - يىلى تۇنجى قېتىم نېمىس پېداگوگى پولئىستەمىر ئوتتۇرىغا قويغان. 1960 - يىلى ئامېرىكىدا "خەلقئارا كىلەچەكشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى" قۇرۇلدى. ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ 80 دىن ئارتۇق مەملىكەتتە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. مائارىپ كىلەچەكشۇناسلىقنى رەسمىي پەن سۇپىتىدە دەرسلىك ئىچىگە كىرگۇزگەن ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى بىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئاشتى.
لېنىن مۇنداق دىگەنىدى: "يېڭى جەمىيەت قۇرغۇچىلار يالغۇز ئۆتمۇشنى بىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى يۇرەكلىك ھالدا كىلەچەكنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشى كىرەك." ("لېنىن ئەسەرلىرى" 21 - توم، خەنزۇچە نەشرى، 52 - بەت.)
ھازىرقى ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىمۇ كىلەچەكشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئېغىر مەجبۇرىيەتلەر يۇكلەنمەكتە. كەڭ كائىنات ۋە چەكسىز شەيئىلەرنىڭ سىرى ئېچىلغانسىرى پەننىڭ تۇرلىرى، تەتقىقات ئوبيېكتلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىلىم - پەن تەرەققىياتى مائارىپنى ۋە ھەربىر كىشىنى ئۇچكە (زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلەچەككە) يۇزلىنىشكە تەقەززا قىلماقتا. ھەربىر ياش ئەۋلاد ئۇچۇن ئىلىم - پەن تەرەققىياتى بىلەن قەدەمداش بولۇش زۆرۇرىيىتى تۇغۇلماقتا. شۇڭا چەكلىك ئۆمۇر ئىچىدە ھەر بىر كىشى ئۇچۇن يالغۇز بۇگۇننى كۆزلەپ ئۈگىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەتىنى كۆزلەپ ئۈگىنىش لازىم.
ئەمەلىيەتتە تەلىم - تەربىيە نىشانىسى ئەزەلدىنلا ئەتە ئۇچۇن ئادەم تەييارلاشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئالدى بىلەن ھەربىر ئائىلە پەرزەنت ئۇچۇن تەبىئىي مەكتەپ، ئاتا - ئانىلار بولسا تەبىئىي "بىرىنچى" ئۇستاز بولۇشى كىرەك. مەكتەپ تەربىيىسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى بولىدۇ. مۇشۇ مەجبۇرىيەتنى ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەڭ ئۇستىگە ئالغاندىلا، پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى كۇچىيىدۇ. ئۇنىڭ كىلەچەك ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.

ئىزاھاتلار:
(1) 1872 - يىلى بابىلۇننىڭ قەدىمكى "نەۋى ئوردىسى" دىن تەپىلغان 3000 مىسرالىق رېئالىزم بىلەن رومانتىزم بىرلەشتۇرۇلگەن مەشھۇر داستان
[ بۇ يازما Elturk تەرىپىدىن 2008-01-03 21:32 دە قايت ]
Posted: 2008-01-03 21:03 | 10 -قەۋەت
abdullah
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 13
شۆھرىتى: 14 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-10

 

،بۇ ھەممىمىز ئۇقۇشقا تېگىشلىك  ئاجايىپ ياخشى ماتىريالكەن ،ساقلىۋالدىم ،بۇ يەردە  ئابدۇللا تالىپ  ئەپەندىگە ئالاھىدە رەمىتىمنىڭ بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ، بۇنى يوللىغۇچى ئەل تۇرۇك ئەپەدىگىمۇ كوپ رەھمەت !
Posted: 2008-01-04 16:05 | 11 -قەۋەت
vadarih
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-05

 

رەھمەت ھارمىغايسىز ! بۇنى بېسىپ بولغىچىمۇ ھېرىپ بىر بولۇپ كەتكەنسىز ؟ يوقلار ساقلىۋېلىڭلار . ساقلىۋېلىشقا ئەرزىگۈدەك ئەسەر .
Posted: 2008-01-05 12:37 | 12 -قەۋەت
vadarih
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-05

 

ئەگەر قولىدىن كىلىدىغانلار بولسا بۇنى PDF شەكلىدە ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن .
Posted: 2008-01-05 12:41 | 13 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا مائارىپ

Total 0.139608(s) query 4, Time now is:01-11 01:43, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation