HALKQIL
ئابدۇخالىق  كامىل  بەگ
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 كونا جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا iltebir دىن ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي غا يۆتكەلدى (2008-01-05)
كونا جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى
         
          ياڭ زېڭشىن باشچىلىقىدىكى فىئودال ھۆكۈمران كۈچلەر خەلقنى خۇراپاتلىق، نادانلىق، جاھالەت ئىچىدە قويۇش ئۈچۈن بارلىق سۈيىقەستلىك ھەركەتلەرنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت، ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئويغۇنىشىنى جان - جەھلى بىلەن بوغدى. ئۇيغۇرلارنى سىياسى ھۆكۈمرانلىقتا، ئىقتىسادى مۇھتاجلىقتا، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە نادانلىق، جاھالەت ھالىتىدە قالدۇرۇشنى سىياسى مەقسەت قىلىپ، دىنى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىلەن سىنىپىي بىرلىك تۈزۈپ، دىنغا خۇراپاتلىققا كەڭ كۆلەمدە يول قويۇپ، مىللەت تەركىبىدىن چىققان ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلارنى ۋە تەرەققى پەرۋەر زاتلارنى ئومومىيۈزلۇك باستۇردى. ھەتتا بىخ ھالىتىدىكى ئىلغار كۈچلەرنى ۋە بەزى بىر ئىلغار شەكىللەرنىمۇ بېسىمغا ئۇچراتتى.
            ياڭ زېڭشىن 1923 - يىلى 1 - ئايدا ناھىيە، ۋىلايەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا بەرگەن بىر مەخپىي يوليۇرۇقىدا مۇنداق دىگەن : « يېقىندىن بېرى جايلاردىكى ئەمەلدارلا دىنغا قارىتا كەمسىتىش پوزىتسىيىسى تۇتىۋېتىپتۇ ھەمدە سەۋەپسىز ئاخۇنلارنى ئالماشتۇرۇش، باھەنە - سەۋەپ بىلەن جازالاش ئىشلىرى كۆرۈلۈپتۇ، دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇم. بۇنداق قىلىش ئۇ < ئۇيغۇر > لارنىڭ رايىغا توغرا كەلمەيدۇ. چەنخۇيلارنىڭ < ئۇيغۇرلارنى دىمەكچى > دىنغا ئېتىقات قىلىشى، ئاخۇنلارنى ھۆرمەت قىلىشى ئۇلارغا سىڭىپ كەتكەن ئادەت. ئۇلارنىڭ نادانلىقىمۇ دەل مۇشۇنىڭدا، ئەگەر چەنخۇيلار دىنغا ئېتىقات قىلمىغان، ئاخۇنلارغا ھۆرمەت قىلمىغان بولسا بىزنىڭ ئۇلارنى باشقۇرىشىمىز تېخىمۇ تەسكە چۈشكەن بولاتتى. ئۇلارنى ئەشۇ ئاخۇنلارنىڭ قۇلى ئارقىلىقمۇ قىسمەن باشقۇرۇپ كېتەلەيمىز ئەمەسمۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلاي ھىچنىمىدىن ھەزەر ئەيلىمەيتتى - دە، ئۇلارنى ھۆكىمەتنىڭ قانۇن - پەرمانلىرى بىلەن باشقۇرۇش تەسكە چۈشەتتى ........ كىشىلەرنىڭ رايىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ دىندىن ئوڭۇشلۇق پايدىلانغىنى، خۇيزۇ < تۇڭگانلانى دىمەكچى >، چەنخۇي < ئۇيغۇر > لارنىڭ دىنى كىتاپ - ناملىرىگە ھۆرمەت قىلغىنى تۈزۈك. »
ئىزاھات : ياڭ زېڭشىن << سەۋەنلىكلىرىمىزدىن ساۋاقلار >> دىگەن كىتاپنىڭ 2 - قىسىم 14 - جىلت 45 - بەت.
          ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ئۇمومەن شۇ خىل سىياسەت يۈرگۈزۈلدى، بىر قىسىم دىنىي مۇتەئەسسىپ كۈچلەرمۇ جاھالەتلىك ئىدىيىۋى ئاڭنى تەشەببۇس قىلىپ، فىئودال ھۆكۈران كۈچلەر بىلەن ماسلاشتى.   نەتىجىدە پارلاق مىللى مەدەنىيىتىمىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. مىللى ئاڭ، مىللى بىرلىك، مىللى ھىسىيات چەتكە قېقىلدى. تەرەققىپەرۋەرلىك، مەرىپىتپەرۋەرلىك ۋە ئىلغار ئىدىيىۋى ئېقىملارنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىش << جەدىدلىك >> دەپ قارىلىپ، فىئودال ھۆكۈران كۈچلەر تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچرىدى، چەتكە قېقىلدى. بىر قىسىم دىنىي مۇتەئەسسىپلەر تەرىپىدىن ھاقارەتلەندى.
            19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان بىر ئەسىر داۋامىدا << يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا >> خەنزۇ ئەمەلدارلار، مانجۇ ئەمەلدارلار ھەم شۇلار بىلەن ئارىلاشقان بىر قىسىم كىشىلەر خەلقىمىزنى << چەنتۇ >> ( ھازىر كۆپرەك تۇڭگانلا، ئۇيغۇرلارنى شۇنداق دەپ ئاتايدۇ. )، << چەنخۇي >>، << چۈئەنمىن >>( چەنمىن) دەپ ئاتاپ كەلگەن. بۇ گەرچە بىر ھاقارەت نامى بولسىمۇ، ھۆكۈران كۈچلەر خەلقنى، مىللەتنى ھاقارەتلەپ كەمسىتىپ شۇنداق ئاتاپ كەلگەن بولسىمۇ، كىيىنچە نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق ئاتايدىغان بولىۋالدى، ھەتتا مىللەت تەركىبىدىكىلەرمۇ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ھاقارەتلىك نام تەدرىجى مىللەتنىڭ ئېتنىك نامىنىك نامىنى ئېگىلىدى. تارىخىي پاكىتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرسىدا مىلادى 789 - يىلى << ئۇيغۇر >> دىگەن نامنى خەنزۇچە يېزىقتا قانداق خەتلەر بىلەن ئىپادىلەش ھەققىدە بىر تۈرلۈك كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ << 回纥 >>( hui he ) دىگەن خەتلەر << 回骨 >>
( hui hu - hui gu ) غا ئۆزگەرتىلگەن. شۇڭقارنى بىلدۈرىدىغان << 骨鸟 >> دىگەن خەت << چەبدەس، ئالغۇ >> دىگەن مەنىلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ، << ئۇيغۇر >> دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە يېقىنلاشتۇرۇلغان، دىمەك ئەينى تارىخنىڭ دانىشمەنلىرى، يىتۈك تىل - تەرجىمە ئۇستىلىرىمۇ « ئۇيغۇر » دىگەن نامنى « چىۋەر، ئۆتكۈر، قۇدرەتلىك » چۈشۈنۈپ كەلگەن ھەم شۇنداق ئاتالغان.
                ئۇمومەن، تارختا خەنزۇلار ئۇيغۇرلارنى   خۇيخې،   خۇيگۇ، ۋېي ۋۇئېر   دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەنىدى. بۇ خىل ئاتاش « ئۇيغۇر » دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىلا بولۇپ، ئۇلارغا ئاساسەن كەمسىتىش تۈسى ئارىلاشنىغان، ئەمما، بەزى ھاللاردا بۇ نامنىڭ ئىتنك مەنىسى بىلەن ئىجتىمائى تۈسىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە سەل قارىغان تەرەپلىرى بولدى. كىيىن « خۇيخۇي » دىگەن سۆزمۇ « ئۇيغۇر » نىڭ   يەنە بىر خىل ئاھاڭى بولدى. ئەمما بۇ « ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلىكى » دە « مۇسۇرمان »( مۇسۇلمان ) دەپ يېشىلگەن. مىنگو دەۋرىدە تەشەببۇس قىلىنغان ئاتالمىش « بەش مىللەت جۇمھۇرىيىتى » دىكى « خۇي » مۇ ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتەتتى.

رەتلەپ يوللىغۇچى : HALKQIL

مەنبە : ياڭ زېڭشىن - « سەۋەنلىكلىرىمىزدىن ساۋاقلار »، « شىنجاڭ تارىخى ماتىرياللىرى »
bilqut
Posted: 2008-01-04 16:19 | [ئاپتور]
iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

يھڭ زېڭشىننىڭ بۇ كىتابىنى ھەممە ئادەم بىر ئوقۇپ چىقىپ ئويلىنىپ باقسا دەپ ئويلايمەن.
1som
Posted: 2008-01-05 16:51 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تارىخى ئاتالغۇلار

Total 0.046891(s) query 4, Time now is:03-13 12:20, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation