Emeren
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 موللا بىلال نازىمىي

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz تەرىپىدىن بىرىكتۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى (2008-01-07)

Molla Bilal Nazimi
موللا بىلال نازىمىي (1825 - 1900)




ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۈنلەردە بولسۇن، يامان كۈنلەردە بولسۇن ئەدەبىيات، سەنئەتسىز ياشىغان ئەمەس. ئىلى ئىنقىلاۋى ۋە ئىلى سۇلتانلىغى دەۋرىدىمۇ، بىر گۇرۇھ ئەدىپلەر بىلەن سەنئەتكارلار يېتىشىپ چىققان ۋە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.
موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە 1864- يىلى ئىلىدىكى قوزغىلاڭ مىللىي - ئازاتلىق كۈرەشنىڭ قاتناشقۇچىسى.
ئىلى سۇلتانلىغى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئوردىدا موشۇ سۇلتانلىقنىڭ باش كاتىۋى بولغان. موللا بىلال 1825-1900 ياشىغان ۋە ئىجادىي پاالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ "بەيتۇللاھ" مەدرىسىسىدە ئوقۇپ، بىلىم ئالغان. ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ گۆزەل ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، شېىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپ، سۆيگۈ - مۇھەببەت ماۋزۇسىدىكىلىرىك شېىرلارنى يازغان.
تۇرمۇشتىكى سەلبىي ھادىسىلەرنى تەنقىت قىلىدىغان ھەجۋىي شېىرلارنىمۇ يېزىپ يۈرگەن.
كېيىنىرەك خەلىق ئىچىدىن چىققان رېال قەھرىمانلارنى پروتوتىپ قىلغان "نازۇگۇم"، "چاڭموزا يۈسۈپخان" كەبى داستانلارنى يازغان ئاخىرىدا 1864 - 1866 جىللىرى ئىلىدا بولۇپ ئۆتكەن مىللىي - ئازاتلىق قوزغىلاڭنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان "غازات دەر مۈلكى چىن" ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئېپىك داستاننى يازغان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنىڭ تىلى راۋان، ھىسسىياتى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ھەر جەھەتتىن خەلىققە يېقىن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ غەزەللىرى بىلەن بېيىتلىرى كەڭ خەلىق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەن. ۋەتەنپەرۋەر شائىر 1881 - 1882 - يىللاردىكى چوڭ كۆچ - كۆچ دەۋرىدە ئۆز يۇرتىدا قېلىشنى خالىغان ئېدى. كېيىن ئىلىنى ئۆتكۈزىۋالغان مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىلاجىسىز ئەھۋالدا يەركەنت تەۋەسىگە كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى جىللىرىنى ياركەنتتە ئۆتكۈزۈپ، 1900 جىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

© سابىت ئۇيغۇرىي، "ئۇيغۇرنامە" كىتاۋىدىن، 358 - بەت.



Molla Bilal Nazimiy




Uyghur xelqi yaxshi künlerde bolsun, yaman künlede bolsun edebiyat, sen'etsiz yashighan emes. Ili ingqilawi we Ili sultanlighi dewridimu, bir guruh edipler bilen sen'etkarlar yétiship chiqqan we ölmes eserlerni yézip qaldurghan.
Molla Bilal molla Yüsüp oghli uyghur xelqining ataqliq shairi, shuning bilen bille 1864-jili Ilidin qozghilang milliy - azatliq küreshning qatnashquchisi.
Ili sultanlighi qurulghandin kéyin Ordida moshu sultanliqning bash katiwi bolghan. Molla Bilal 1825-1900 yashighan we ijadiy paaliyet bilen shughullanghan. U Ghulja shehiride tughulup "Beytullah" medrisiside oqup, bilim alghan. U yash waqtidin bashlap gözel edebiyatqa qiziqip, shéiriyet ijadiyiti bilen shughullanghan. Deslep, söygü - muhebbet mawzusidiki lirik shéirlarni yyazghan.
Turmushtiki selbiy hadisilerni tenqit qilidighan hejwiy shéirlarnimu yézip jürgen.
Kéyinirek xeliq ichidin chiqqan réal qexirmanlarni prototip qilghan "Nazugum", "Changmoza Yüsüpxan" kebi dastanlarni yazghan Axirida 1864 - 1866 jilliri Ilida bolup ötken milliy - azatliq qozghilangni ekis ettüridighan "Ghazat der mülki Chin" chong hejimlik épik dastanni yazghan. Molla Bilal eserlirining tili rawan, hissiyati chongqur, mezmuni mol, her jehettin xeliqqe yéqin bolghanliqtin, uning ghezelliri bilen béyitliri keng xeliq ichige tarqilip ketken. Wetenperwer shair 1881 - 1882 jillardiki chong köch - köch dewride öz yurtida qélishni xalighan édi. Kéyin Ilini ötküziwalghan manju - xitay emeldarlirining Ili uyghurliri üstide élip bériwatqan wehshiyane zulumlirini körgendin kéyin ilajisiz ehwalda Yerkent tewesige köchüp chiqishqa mejbur bolghan. Ömrining axirqi jillirini Yarkentte ötküzüp, 1900 jili 75 yéshida alemdin ötken.

© Sabit Uyghuriy, "Uyghurname" kitawidin, 358 bet.

Молла Билал Назимий
(1825 - 1900)

Уйғур хәлқи яхши күнләрдә болсун, яман күнләдә болсун әдәбият, сәнъәтсиз яшиған әмәс. Или иңқилави вә Или султанлиғи дәвридиму, бир гуруһ әдипләр билән сәнъәткарлар йетишип чиққан вә өлмәс әсәрләрни йезип қалдурған.
Молла Билал молла Йүсүп оғли уйғур хәлқиниң атақлиқ шаири, шуниң билән биллә 1864-жили Илидин қозғилаң миллий - азатлиқ күрәшниң қатнашқучиси.
Или султанлиғи қурулғандин кейин Ордида мошу султанлиқниң баш кативи болған. Молла Билал 1825-1900 яшиған вә ижадий паалийәт билән шуғулланған. У Ғулжа шәһиридә туғулуп "Бәйтуллаһ" мәдрисисидә оқуп, билим алған. У яш вақтидин башлап гөзәл әдәбиятқа қизиқип, шеирийәт ижадийити билән шуғулланған. Дәсләп, сөйгү - муһәббәт мавзусидики лирик шеирларни йязған.
Турмуштики сәлбий һадисиләрни тәнқит қилидиған һәжвий шеирларниму йезип жүргән.
Кейинирәк хәлиқ ичидин чиққан реал қәхирманларни прототип қилған "Назугум", "Чаңмоза Йүсүпхан" кәби дастанларни язған Ахирида 1864 - 1866 жиллири Илида болуп өткән миллий - азатлиқ қозғилаңни әкис әттүридиған "Ғазат дәр мүлки Чин" чоң һәжимлик эпик дастанни язған. Молла Билал әсәрлириниң тили раван, һиссияти чоңқур, мәзмуни мол, һәр жәһәттин хәлиққә йеқин болғанлиқтин, униң ғәзәллири билән бейитлири кәң хәлиқ ичигә тарқилип кәткән. Вәтәнпәрвәр шаир 1881 - 1882 жиллардики чоң көч - көч дәвридә өз юртида қелишни халиған еди. Кейин Илини өткүзивалған манжу - хитай әмәлдарлириниң Или уйғурлири үстидә елип бериватқан вәһшиянә зулумлирини көргәндин кейин илажисиз әһвалда Йәркәнт тәвәсигә көчүп чиқишқа мәжбур болған. Өмриниң ахирқи жиллирини Яркәнттә өткүзүп, 1900 жили 75 йешида аләмдин өткән.

© Сабит Уйғурий, "Уйғурнамә" китавидин, 358 бәт
bilqut
Posted: 2008-01-06 22:31 | [ئاپتور]
bares
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئاجايىپ تالانتلىق شائىر ئىكەندۇق .شىئېرلىرىنى ئۇقىسا كىشىگە يۇقىرى بەدئىي زوق ئاتاقىلىدۇ .ئاران مەندە نەچچە پارچە شئىرلىرى بار .....
1som
Posted: 2007-12-31 16:09 | 1 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

  ئەڭ يېڭى ماتىرىيالدىن كۆرۈشۈمچە ، موللا بىلال غۇلجىدىكى << بەيتۇللا>> مەدرىسىسىدە ئەمەس ، بەلكى كونا قورغاستىكى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى يېنىدىكى <<بەيتۇللا >>دېگەن مەدرىستە 11 يىل ئوقۇغان ئىكەن. ئۇ 1825-يىلى تۇغۇلغان، 1900-يىلى ۋاپات بولغان، بۇنى شائىر بىلەن زامانداش بولغان، ئۇنىڭ تۇغقىنى ھەم شاگىرتى مەرھۇم ئابدۇمۇتالى خەلپەم(1867__1960) دەلىللىگەن.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەي دېگەنلەرگە <<ئىلى دەرياسى>> ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 2- سانىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-01 16:32 | 2 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى udun 2008-01-01 16:32 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
  ئەڭ يېڭى ماتىرىيالدىن كۆرۈشۈمچە ، موللا بىلال غۇلجىدىكى << بەيتۇللا>> مەدرىسىسىدە ئەمەس ، بەلكى كونا قورغاستىكى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى يېنىدىكى <<بەيتۇللا >>دېگەن مەدرىستە 11 يىل ئوقۇغان ئىكەن. ئۇ 1825-يىلى تۇغۇلغان، 1900-يىلى ۋاپات بولغان، بۇنى شائىر بىلەن زامانداش بولغان، ئۇنىڭ تۇغقىنى ھەم شاگىرتى مەرھۇم ئابدۇمۇتالى خەلپەم(1867__1960) دەلىللىگەن.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەي دېگەنلەرگە <<ئىلى دەرياسى>> ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 2- سانىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ يېڭى گەپكەن ، شۇ ماقالىنى ئوقۇپ باقساق بولغىدەك .
Posted: 2008-01-01 17:14 | 3 -قەۋەت
Emeren
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى udun 2008-01-01 16:32 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
  ئەڭ يېڭى ماتىرىيالدىن كۆرۈشۈمچە ، موللا بىلال غۇلجىدىكى << بەيتۇللا>> مەدرىسىسىدە ئەمەس ، بەلكى كونا قورغاستىكى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى يېنىدىكى <<بەيتۇللا >>دېگەن مەدرىستە 11 يىل ئوقۇغان ئىكەن. ئۇ 1825-يىلى تۇغۇلغان، 1900-يىلى ۋاپات بولغان، بۇنى شائىر بىلەن زامانداش بولغان، ئۇنىڭ تۇغقىنى ھەم شاگىرتى مەرھۇم ئابدۇمۇتالى خەلپەم(1867__1960) دەلىللىگەن.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەي دېگەنلەرگە <<ئىلى دەرياسى>> ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 2- سانىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەسسالامۇەلەيكۇم، مەن پەتەربۇرگتا بولغاچقا مەندە ئىمكان يوق ئۇنى ئوقۇشقا، ئېغىر كۆرمىسىڭىز بىر يوللاپ قويسىڭىز رازى بولار ئېدىم... مەن رازى-ئاججا رازى
Posted: 2008-01-08 01:04 | 4 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 4 قەۋەتتىكى (Emeren) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەسسالامۇەلەيكۇم، مەن پەتەربۇرگتا بولغاچقا مەندە ئىمكان يوق ئۇنى ئوقۇشقا، ئېغىر كۆرمىسىڭىز بىر يوللاپ قويسىڭىز رازى بولار ئېدىم... مەن رازى-ئاججا رازى

سىزنىڭ بۇ تەلىپىڭىزنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قاندۇرۇشقا تىرىشىمەن. پات يېقىندا يازما بىلەن يۈز كۆرۈشىسىز .
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-08 01:18 | 5 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.121712(s) query 4, Time now is:03-21 08:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation