Nazimi
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تەرجىمھالى



قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى (زۇڭتۇڭى)
نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېفنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى


قازاقچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: نازىمى
 
نۇرسۇلتان نازاربايېف 1940-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قەشقىلەڭ ناھىيىسى شامالغان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قاراغاندا مىتاللۇرگىيە كومبىناتى (شىركىتى) گە قاراشلىق يۇقۇرىي تېخنىكا ئوقۇش ئورنىنى پۈتتۈردى. ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ، خەلقئارالىق ئىنژېنېرلىك ئاكادىمىيېسىنىڭ، روسسىيە فېدېراتسىسىسى جەمىيەت پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. ئەل فارابى نامىدىكى قازاقىستان مەملىكەتلىك مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى. بېلارۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى. لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى.

1960 - 1969-يىيللىرى: قاراغاندا مېتاللۇرگىيە زاۋۇدىدا ئىشلىدى.

1969 - 1973-يىللىرى: قاراغاندا ۋىلايىتىنىڭ تېمىرتاۋ شەھىرىدە پارتىيە ۋە كومسومول (ياشلار ئىتتىپاقى) خىزمەتلىرىدە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى.

1973 - 1977-يىللىرى: قاراغاندا مېتاللۇرگىيە كومبىناتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى (شۇجىسى).

1977 - 1979-يىللىرى: قاراغاندا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، 2-سېكرېتارى.

1979 - 1984-يىللىرى: قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى. 1984 _ 1989-يىللىرى: قازاق س س ر (قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى) مىنىستېرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى.

1889 - 1991-يىللىرى: قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنجى سېكرېتارى، بىرلا ۋاقىتتا يەنە 1990-يىلى 2-ئايدىن 4-ئايغىچە قازاق س س ر يۇقۇرىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولدى.

1990-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى.

1991-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈنجى قېتىم قازاقىستان جۇمھۇر رەئىسىنىڭ ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. سايلام نەتىجىسىدە نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېف يۇقۇرىي ئاۋاز بىلەن (98.7%) قوللاشقا ئېرىشىپ، غەلىبە قىلدى.

1995-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئومۇمىي خەلق راي سىناش نەتىجىسىدە ن.ئە.نازاربايېفنىڭ رەئىس جۇمھۇرلۇق ئىمتىيازى 2000-يىلىغا قەدەر ئۇزارتىلدى.

1999-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق سايلىمى نەتىجىسىدە ن.نازاربايېف 79.78% ئاۋازغا ئېرىشىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بولۇپ قايتا سايلاندى.

2005-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سايلىغۇچىلارنىڭ 91.5 پىرسەنتلىك قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بولۇپ قايتا سايلاندى.

نازاربايېف جانابلىرى يەنە قازاقىستان خەلقلەر ئاسسامبلېيەسى* (*«مىللەتلەر كېڭىشى» دېگەن مەنىدە - نازىمى) نىڭ رەئىسى.

قازاقىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي باش قوماندانى.

دۇنيا قازاقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى.

 

خانىمى - سارا ئالپىس قىزى نازاربايېۋا خەلقئارالىق «بۆبەك» بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ رەھبىرى.

رەئىس جۇمھۇرنىڭ 3 قىزى بار: چوڭ قىزى دارىيغا نۇرسۇلتان قىزى - قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى مەجىلىسى*نىڭ ۋەكىلى. (*مەجىلىس : پارلامېنتنىڭ تۆۋەنكى پالاتاسىنى كۆرسىتىدۇ - نازىمى). سىياسەت پەنلىرى دوكتورى. ئىككىچى قىزى دىنارا نۇرسۇلتان قىزى - ن.ئە.نازاربايېف نامىدىكى مائارىپنى قوللاش فوندىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۈچىنجى قىزى ئالىيا نۇرسۇلتان قىزى - سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «ئېلىتستروي» قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ باشلىقى. 



Қазақстан Республикасының Президенті Н.Ә.Назарбаев

1940 жылғы 6 шілдеде Алматы облысы Қаскелең ауданы Шамалған ауылында дүниеге келген.

1967 жылы Қарағанды металлургия комбинаты жанындағы жоғары техникалық оқу орнын бiтiрдi. Экономика ғылымдарының докторы.

Қазақстан Республикасы Ұлттық ғылым академиясының, Халықаралық инженерлік академияның, Ресей Федерациясы әлеуметтік ғылымдар академиясының академигі. Әл-Фараби атындағы Қазақ мемлекеттік ұлттық университетінің құрметті профессоры. Беларус ғылым академиясының құрметті мүшесі. М.В. Ломоносов атындағы Мәскеу мемлекеттік университетінің құрметті профессоры.

1960 – 1969 жылдары - Қарағанды металлургия зауытында жұмыс істеді.

1969 – 1973 жылдары – Қарағанды облысы Теміртау қаласындағы партия-комсомол жұмыстарында жауапты қызметтер атқарды.

1973 – 1977 жылдары - Қарметкомбинаттың партком хатшысы.

1977 – 1979 жылдары - Қарағанды облыстық партия комитетiнiң хатшысы, 2-хатшысы.

1979 – 1984 жылдары - Қазақстан КП Орталық Комитетінің хатшысы. 1984 – 1989 жылдары – Қазақ КСР Министрлер Кеңесiнiң төрағасы.

1989 – 1991 жылдары – Қазақстан КП ОК бiрiншi хатшысы, 1990 жылғы ақпан-сәуір аралығында Қазақ КСР Жоғары Кеңесiнiң төрағасы болды.

1990 жылдың сәуірінен – Қазақстан Республикасының Президенті.

1991 жылдың 1 желтоқсанында тұңғыш рет Қазақстан Президентінің жалпыхалықтық сайлауы өтті. Сайлау нәтижесінде Нұрсұлтан Әбішұлы Назарбаев басым дауыспен (98,7%) жеңіске жетті.

1995 жылдың 29 сәуірінде жалпыхалықтық референдум нәтижесінде Қазақстан Республикасы Президенті Н.Ә.Назарбаевтың өкілеттігі 2000 жылға дейін ұзартылды.

1999 жылдың 10 қаңтарында өткен жалпыхалықтық сайлаудың нәтижесiнде Н. Назарбаев 79,78% дауыс алып, Қазақстан Республикасы Президентi болып қайта сайланды.

2005 жылдың 4 желтоқсанында сайлаушылардың 91,5 процент дауысын алып, Қазақстан Республикасының Президенті болып қайта сайланды.

Қазақстан халықтары ассамблеясының төрағасы.

Қазақстан Қарулы Күштерінің Жоғары Бас Қолбасшысы.

Дүниежүзілік қазақтар қауымдастығының төрағасы.

Жұбайы – Сара Алпысқызы Назарбаева. Халықаралық «Бөбек» балалар қайырымдылық қорын басқарады.

Президенттің үш қызы бар: Дариға – Қазақстан Республикасы Парламенті Мәжілісінің депутаты, саясат ғылымдарының докторы; Динара – Н.Ә.Назарбаев атындағы білімді қолдау қорын басқарады; Әлия – бизнеспен айналысады, «Элитстрой» құрылыс компаниясын басқарады.


( كونا مۇنبەردىن يۆتكەلدى )


ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

يۇقۇرقى مەزمۇنلار قازاقىستان رەئىس جۇمھۇ ىنىڭ رەسمىي تور بېتى «ئاق ئوردا» (www.akorda.kz) دىكى قازاقچە مەنبەدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. تېما ئېگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي، باشقا تور مۇنبەرلىرىگە يۆتكەپ پايدىلىنىش قارشى ئېلىنمايدۇ!

ئېھتىرام بىلەن: نازىمى
 
bilqut
Posted: 2008-01-07 18:50 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » قېرىنداش مىللەتلەر

Total 0.066775(s) query 3, Time now is:03-21 08:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation