بۇ بەتتىكى يازما : قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى» بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى»

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار غا يۆتكەلدى (2008-02-03)
قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى»
(بايانلار ۋە ۋەقەلەرنىڭ يىل دەۋرى)

ئابلەھەت كامالوف(قازاقىستان)


قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى» («سېلېنگا مەڭگۈ تېشى» ياكى «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۇيغۇرلار دەۋرىگە مەنسۇپ ئەڭ چوڭ ئابىدىلەردىن بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيادىكى 2 - ئۇيغۇر قاغانلىقى (744 − 840)نىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان(ئەسلى ئىسمى بايان چۇر، 747 − 759 - يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان)نىڭ قەبرە تېشى ھېسابلىنىدۇ.  مەڭگۈ تاشتىكى خانلىق قۇرۇلغان دەسلەپكى دەۋرنىڭ ھەربىي، سىياسىي تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك خاتىرىلەر خانلىق تارىخىغا ئائىت ھەرقانداق تىلدىكى باشقا مەنبەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى قىسىم ھاياتىنى قايتا گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەنلىكى بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە مەڭگۈ تاش تېكىستى مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كىرىلگەن ھەمدە قەدىمكى تۈرك ۋە  ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئالىملار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېلىنگەن بولسىمۇ① مەڭگۈ تاشنىڭ تېكستولوگىيىلىك تەھلىلىگە چېتىشلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى تەل - تۆكۈس ھەل بولۇپ كەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1970 − 1980 - يىللاردا ئۇيغۇرلار دەۋرىگە تەئەللۇق يېڭى مەڭگۈ تاش تېكستلىرىنىڭ موڭغۇلىيىدە بايقىلىشى ئالىملارنى مەڭگۈ تاشنىڭ ئۇ ياكى بۇ بۆلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇلۇشىغا يېڭىچە نەزەردە قاراشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەرگە بېرىلگەن ئىزاھلارغا مەقسەتلىك تۈزىتىلمىلەرنى تولۇقلاشقا ئۈندىمەكتە. شۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىدىن بايقالغان «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» س . گ . كىلياشتورنىيغا «شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى» نىڭ بىر قىسىم قۇرلىرىنى (شەرقىي يۈز 19 -، 20 - قۇرلار) تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرۇپ بەردى②.
مەسىلىنىڭ بىرى شۇكى، «شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى»دىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھەربىي، سىياسىي تارىخىنى ئۈنۈملۈك يورۇتۇپ بېرىشتە يورۇتۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق دەل ۋەقەلەرنىڭ يىل دەۋرىدىكى  مۇرەككەپلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. مەڭگۈ تاشتا بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ يىل دەۋرىنى ئېنىقلاشتا تەتقىقاتچىلار مەڭگۈ تاشنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىپ قالغان ۋە 12 مۆچەل ئاساسىدا ئىپادىلەنگەن خەنزۇچە - تۈركچە كالېندارنى ئاساس قىلىپ كەلدى③. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلەنگەن يىلنامە جەمئىي يەتتە (س . گ . كلياشتورنىينىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىنى بويىچە بولغاندا جەمئىي سەككىز) بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى 743 - يىلى (قوي يىلى)، ئاخىرقىسى 757 - يىلى (توخۇ يىلى).
مەڭگۈ تاشنىڭ مەزمۇنى دەرۋەقە مۇشۇ ئىككى يىلنامە ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تۇنجى يىلنامە مەڭگۈ تاشنىڭ ئەڭ بېشىدىكى قۇرلاردا كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، 12 مۆچەلدىكى ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئەمەس، بەلكى بايانلارنىڭ باش قەھرىمانى  ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ  يېشى شەكلىدە بېرىلگەن: «تۈرك ئېلىگە 26 يېشىمدا.... بەردى»④. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»دىن مەلۇم بولىدۇكى، خۇددى تالات تېكىن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، مەڭگۈ تاشتا خاتىرىلەنگەن كېيىنكى يىلنامە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ يىلان يىلى (741 – يىلى) 28 ياشقا تولغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادە قىلىدۇ )«يىگىرمە سەككىز يېشىمدا يىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى قالايمىقانلاشتۇردۇم»⑤.بۇ خاتىرە ئەل ئەتمىش 26 ياشقا كىرگەن ۋاقىتنىڭ 739 - يىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دەل مۇشۇ يىلى ئۇيغۇر قاغانى ئەلئەتمىشنىڭ ئاتىسى كۆل بىلگە قاغان «شاد» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
بۇنىڭ بىلەن «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»دىكى بايانلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان تۇغۇلغان ئېنىق ۋاقىتنىڭ 714 - يىلى (قەدىمكى تۈركلەر ياش ھېسابلىغاندا بالا تۇغۇلغان ۋاقىتنى ئەمەس، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قورساق يېشىنى باشلىنىش ئۆلچىمى قىلىدۇ) ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلىدۇ. مەڭگۈ تاشنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى مەلۇماتلار ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىت (757 – يىلى)دىن خېلىلا كېيىنكى ۋاقىتلارغا ئائىت بولۇپ، بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئورنىتىلغانلىقى بىزگە مەلۇملۇق. جۇڭگو مەنبەلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قاغان 759 - يىلى يازدا ۋاپات بولغان. شۇنداق بولغاندا بۇ مەڭگۈ تاشتىكى بايانلارنىڭ ئومۇمىي يىل دەۋرى  20 يىل (739 - 759 – يىلغىچە) بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ مەڭگۈ تاشتا ئەل ئەتمىش قاغان ھۆكۈمرانلىق قىلغان 747 - 759 - يىللارغا مەنسۇپ ۋەقەلەر ئەڭ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ.
مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېنىق نام قويۇلغان يەتتە (سەككىز) يىلنامە ئاي، كۈنلىرىگىچە ئېنىق بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى ئاساسەن يىل، ئاي، كۈننىڭ مەلۇم بىرقىسمى شەكلىدىلا ئەسكەرتىلگەن. يەنە بەزىدە ئۇ ياكى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ۋاقتى نەچچىنچى كۈنى ئىكەنلىكىگە قەدەر ئېنىق بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قايسى يىلغا تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئەسكەرتىش يوق. بۇ ئەھۋال شۈبھىسىزكى، مەڭگۈ تاشتىكى بايانلارغا مەلۇم ئىزاھلارنى بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كونكرېتلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان نۇرغۇن ۋەقەلەر بولۇپ، ئۇلار تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ھازىرغا قەدەر نەقلەشتۈرۈلگىنى يوق.
خۇددى ل . بازېن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك مەزكۇر مەڭگۈ تاشتىكى بايانلارنىڭ  قاتتىق يىلنامىلىك تەرتىپتە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى  ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق مەڭگۈتاشلاردىكى ئۆزگىچە ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرىدۇر⑥. مەڭگۈ تاش ئاپتورىنىڭ ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، مەڭگۈ تاشتىكى يىلنامىلەرنىڭ نەق ئۆزىگە  قاراپ مۇئامىلە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى 743 -، 745 -، 750 -، 751 (752) -، 755 -، 757 - دىن ئىبارەت يەتتە (سەككىز) يىلنامىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مەلۇم تەرتىپكە ئىگە. بايانلاردىكى بۇخىل ئالاھىدىلىك كىشىگە «شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى»نىڭ ئۆزى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەۋرىنىڭ تارىخىي يىلنامىسى ئىكەن، دېگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ.ساقلىنىپ قالغان قىسمەن يىلنامىلەرنىڭ بەزىلىرىدە ئاي ياكى كۈن كۆرسىتىلگەن، كۆپ قىسمىدا يەنە ئاي بىلەن كۈن تەڭ كۆرسىتىلىش ھادىسىسى مەۋجۇت، ئەمما بۇلاردا كونكرېت يىل تىلغا ئېلىنمىغان (مەسىلەن: «ئاندىن سەككىزىنچى ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۈرۈشكە چىقتىم»). ئېھتىمال مەڭگۈ تاشتا يېزىلغان بارلىق ۋەقەلەردە تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ يىلنامىلەرنىڭ تەرتىپىگە ئاساسەن ئىشلىگەن جەدۋىلىمىز بۇ مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرەلىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ يىلنامىلەر ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن تاشقا چېكىلگەن.
مەڭگۈ تاشنىڭ شىمالىي يۈزىگە ئويۇلغان ۋەقەلەرنىڭ يىل دەۋرى ھەققىدە ئاساسەن ھېچقانداق مەسىلە يوق. بۇ يۈزىدىكى تېكىست 747 - يىلىغا مەنسۇب ۋەقەلەر ھەققىدىكى بايان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. تېكىستنىڭ توغرا ۋە ئېنىق بولغان يىلنامىسىنى تۇرغۇزۇشتا قىيىنچىلىق ئەڭ ئېغىر بولغىنى مەڭگۈ تاشنىڭ شەرقىي يۈزى ھېسابلىنىدۇ. 13 - 18 - قۇرلاردىكى مەلۇماتلار 747 -  ۋە 750 - يىللار ئارىلىقىغا مەنسۇپ بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ يىل دەۋرىنى 747 -، 748 -، 749 - يىلىدىن ئىبارەت ئۈچ يىلغا مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ مەلۇماتلار ھەققىدىكى ئانالىز ئېنىق كۆرسىتىلگەن يىللار قاتارىغا 749 - يىلنى قويۇشقا  بولىدىغانلىقىنى يېتەرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇ بايانلاردا تۇنجى ئۇيغۇر ھۆكۈمرانى كۆل بىلگە قاغاننىڭ 747 - يىلدىكى ۋاپاتىدىن كېيىنلا ئۇيغۇر قاغانلىقىدا باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش ئەھۋالى سۆزلىنىدۇ. مەڭگۈ تاش تېكىستىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يىلى سەككىز ئوغۇزلارنىڭ ياغلاقارلارغا قارشى توپىلىڭى يۈزبەرگەن، ئۇنىڭغا توققۇز تاتارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تاي بىلگە تۇتۇق باشلامچىلىق قىلغان. بۇ توپىلاڭ ئۈچ يىلغا يېقىن داۋاملىشىپ، 749 - يىلنىڭ ئاخىرىدا خان قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. جۇڭگو مەنبەلىرىدە 749 - يىلنىڭ 10 - ئېيى تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي ئاستانىسى بولغان چاڭئەنگە توققۇز ئوغۇزلارغا مەنسۈپ بايىرقۇلارنىڭ تاي بىلگە تۇتۇق باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. قارىغاندا ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بىلەن بولغان تۇتۇشۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان  بۇ شەخس تاڭ  ئوردىسىنىڭ ياردىمىنى كۆزلەپ كەلگەن بولسا كېرەك⑦. ئاخىرقى ئۈچ يىلنامىدىكى ئۇچۇرلار توپىلاڭچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلگەن يىللاردىكى ئۇرۇش ۋەقەلىرىگە مەنسۇپ. مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن قارىغاندا، بۇ ئۇرۇشلار 750 - يىلنىڭ ئالدىدا يۈزبەرگەن، چۈنكى ئۇرۇشلار ھەققىدىكى باياندىن كېيىن كېلىدىغان جۈملە «شۇنىڭدىن كېيىن يولۋاس يىلىدا (750 – يىلى)» دەپ باشلىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگو مەنبەلىرىدىكى تاي بىلگە تۇتۇقنىڭ ئەلچىلىككە كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خاتىرە بىلەن تولۇق ماس كېلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيانچىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئاخىرقى چېكىنى  بېكىتىۋالغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇرۇشلارنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ كۆرۈشنى لايىق تاپتۇق. كۆرسىتىلگەن ئايلار (جەدۋەلگە قاراڭ) بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى بىر يىلدا يەنى 749 - يىلى يۈزبەرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. سەككىز ئوغۇزلار بىلەن بولغان ئۈچ قېتىملىق جەڭ ۋەقەسىنىڭ بىر يىلغا تەئەللۇق ۋەقەلەر قاتارىدا توپلىنىپ بايان قىلىنغانلىقى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ناۋادا بۇ بىر يىل خان قوشۇنى ئۈچۈن ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان يۈرۈش يىلى دەپ پەرەز قىلىنسا، ئۇ ھالدا شۇنچە تەپسىلىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق جەڭ ئەھۋالى ئەل ئەتمىشنىڭ ھىمايىچىلىرىگە تولىمۇ پايدىسىز بولغان بۇ ۋەقەنىڭ بىر يىلدىكى ۋەقەلەر قاتارىدا بايان قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش قىيىن ئەمەس.
مەڭگۈ تاشنىڭ يىل دەۋرىنى ئېنىقلاش زۆرۈر بولغان باشقا قىسىملىرى شەرقىي يۈزىنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرى (20 - 23)، پۈتۈن جەنۇبىي يۈزى (25 - 35) ۋە غەربىي يۈزىنىڭ 40 - 41 - قۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەڭگۈ تاشنىڭ بۇ بۆلەكلىرىدە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر تېكىستتە كۆرسىتىلگەندەك 752 - يىلى (ئەجدىھا يىلى) ۋە 755 - يىلى (قوي يىلى) ئارىلىقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر بۇ ئەھۋالنىڭ 752 -، 753 -، 754 - يىللارغا مەنسۇپ بولۇشى مۈمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەڭگۈ تاشنىڭ مۇشۇ قىسمىدىكى ھەر بىر يىلغا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ سالمىقى 11 -، 5 -، 8 -، 11 -، 8 -، 10 - ئاي دېگەن تەرتىپ بويىچە بارغانسېرى يەڭگىللەپ بارىدۇ. ئېنىقكى، كۆرسىتىلگەن ئايلارنىڭ تۇنجىسى بولغان 11 - ئاي ئالدىنقى يىلنامە كۆرسىتىپ بەرگەندەك 752 - يىلغا تەۋە. كېيىنكى ئۈچى يەنى 5 -، 8 -، 11 - ئايلار «ئوتتۇرانچى يىل» بولغان 753 - يىلغا، ئاخىرقى ئىككى ئاي بولغان 8 -، 10 - ئايلار 754 - يىلغا تەۋە ئىدى. مەڭگۈ تاشنىڭ بۇ قىسمى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار، باسمىللار، تۈركەشلەر، يېنسەي قىرغىزلىرى، چېكلار قاتارلىقلارغا قارشى تۈرلۈك بويسۇندۇرۇش يۈرۈشلىرىنى بايان قىلىشقا بېغىشلانغان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ۋاقتى نۆۋەتتە ئېنىق مەلۇملۇق. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بولچۇ دەرياسى بويىدا قارلۇقلار بىلەن سۇقۇشقان ۋاقتى 752 - يىل 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى؛ ئۆتۈكەندە تۈركەشلەر  ۋە قارلۇقلار بىلەن تۇتۇشقان ۋاقتى 753 - يىل 5  - ئاينىڭ 26 - كۈنى؛ باسمىللارغا قىلىنغان يۈرۈش 754 - يىل 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى؛ قارلۇقلارغا قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق يۈرۈش 754 - يىل 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى؛ قارلۇقلار ۋە باسمىللارنىڭ رەسمىي بويسۇندۇرۇلغان ۋاقتى 754 - يىلنىڭ ئاخىرى. جۇڭگو مەنبەلىرىدە 754 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ «باسمىللارنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ بىر قەبىلىسى قىلىپ  بويسۇندۇرغانلىقى، بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن تۇتۇق تەيىنلىگەنلىكى»⑧ قەيت قىلىنغان.مەڭگۈ تاشنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرى ھەققىدىكى بايانلارغا ئۇغۇزلارنىڭ توپىلىڭى قىستۇرۇپ ئۆتۈلىدۇ. ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان مۇنداق دەيدۇ: «ئون بىرى ....... سانچىدىم. ئۆز .... خەلقىم ئارىسىغا قايتىپ كەلدىم. ئېرلۇن ۋە تالاقىمىندا قوغلاپ يېتىشىۋالدىم. بۇرۇن تابغاچتىكى ئوغۇز ۋە تۈرك خەلقى ‹ئۇلاردىن ئايرىلىپ› يولغا چىقىپتۇ، ئۇ يەردە قوشۇلدى. ئۇ يەردە بەگلەر ...... مېنىڭ قوشۇنۇم ئۈچ ....... تۇغ ......... بەش يۈز كىشىلىك تولۇق قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر بىر - ئىككى قېتىم شىددەت بىلەن كەلدى. ئۇ چاغدا تەڭرى ۋە يەر دېدەك - قۇللىرىمنى، خەلقىمنى ساقلىدى، ئۇ يەردە سانچىدىم ....... ئۇ يەردە خەلق (ماڭا) بۇيسۇندى ....... قېچىپ قارلۇقلارغا قوشۇلدى»، خۇددى ك. سېگلېدى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، نەقىل كۆرسىتىلگەن بۇ قۇرلاردا سۆز جۇڭگودىن يايلاققا قايتىۋاتقان مەشھۇر تۈرك تۆرىلىرىدىن ئابۇز يابغۇنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىغا چېتىشلىق ۋەقەلەر ئۈستىدە بولۇۋاتاتتى⑨. جۇڭگو مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئابۇز يابغۇ 742 - يىلى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تاڭ سۇلالىسى چېگرىسىغا ھەيدىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركلەرنىڭ ۋەكىللىك ئاقسۆڭەكلىرىگە مەنسۇپ ئىدى. ئابۇز يابغۇ توققۇز ئوغۇزلارنىڭ «ئابۇز» ‹خەنزۇچە 阿布思› ئۇرۇقىدىن بولۇپ، 742 - يىلدىن ئېتىۋارەن تاڭ سۇلالىسىگە خىزمەت قىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن، 742 - يىلغا كەلگەندە تاڭ سۇلالىسىنىڭ زور ئابرويلۇق لەشكىرىي ئىشلار قوماندانى ئەن لۇشەن بىلەن زىتلىشىپ قېلىپ قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ يايلاققا قېچىشقا مەجبۇر بولدى10. ئابۇز يابغۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى تېررىتورىيىسىدە ئومۇميۈزلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەت مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ خېلى يىللارغىچە تۇرۇپ قالدى. بۇ يەردە ئۇ توققۇز ئۇغۇزلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بىلەن قارشىلاشتى. ئابۇزنىڭ قاغانلىق تېررىتورىيىسىدە خېلى بىر مەزگىلگىچە دەۋران سۈرەلىشى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ بۇ مەزگىلدە غەرب ۋە شىمال يۆنىلىشلەردىكى  ئۇرۇشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەمما قاغاننىڭ قوشۇنلىرى ئابۇزغا قارشى ھەرىكەتنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى، پاكىتلارمۇ ئابۇزنىڭ 752  - يىلى 9 - ئايدا تاڭ دۆلىتىنىڭ چېگرىسىغا بۇلاڭ - تالاڭ مەقسىتىدە بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»دىكى خاتىرىگە قارىغاندا ئابۇز يابغۇ 753 - يىلى 5 - ئايدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان11. ئۇيغۇرلاردىن يېڭىلگەندىن كېيىن ئابۇز يابغۇ غەربتىكى ئالتاي قارلۇقلىرى ئارىسىغا قاچتى، ئەمما ئۇلار ئابۇزنى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. كېيىنچە، يەنى 754 - يىلى ئابۇز توپىلاڭچى قاتارىدا چاڭئەن شەھىرىدە چېپىپ تاشلاندى. 
«شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى»دىكى 755 - يىلدىن كېيىنگە تەۋە قىسمەن ۋەقەلەرنى قەدىمكى جۇڭگو مەنبەلىرىگە تايىنىپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەن لۇشەن توپىلىڭى (657 – يىلى)دىن تارتىپ ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىدە يۈز بەرگەن ئىچكى ۋەقەلەرگە پائال ئىشتراك قىلغان. بۇ ئەھۋال جۇڭگو مەنبەلىرىدە تەپسىلىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەپسۇسكى، مەڭگۈ تاشنىڭ ئاخىرقى قىسمى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولغاچقا بايانلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىگە كۆپ ياردەملەرنى بېرەلمەيدۇ. مەڭگۈ تاشنىڭ بۇ قىسمىدىكى بايانلارنىڭ يىل دەۋرى ھەققىدە بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنغان «قوي يىلى» (755 – يىل) دېگەن ئۇچۇردىن 9 - ئاينىڭ 755 - يىلغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىنىڭ 756 - يىلغا تەۋە ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرالايمىز. «توخۇ يىلى» (757 – يىلى) دېيىلگەن ۋاقىتتىن كېيىنكى ۋاقىتلار 757 - يىلدىن 759 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان مەزگىلگە توغرا كەلسە كېرەك. بۇ ۋەقەلەردىن ئاي تەرتىۋى كۆرسىتىلمەي 20 -، 21 -،23 - كۈنى دەپلا خاتىرىلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن 757 - يىلغا ئەمەس، 758 - يىلغا ياكى 759 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا دۆلەتلىك نىكاھ مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىشقا ئائىت ۋەقەلەردىن كېيىن تىلغا ئېلىنىدۇ: «شۇنداق قىلىپ، كەلدى. ئىككى قىزىنى (سوۋغا قىلىپ) بەردى....... بېرىپتۇ». بۇ قېتىمقى نىكاھنىڭ تېخىمۇ توغرا ۋاقتى جۇڭگو مەنبەلىرىدە بېرىلىدۇ. كېيىنكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن توپىلاڭچىلارنىڭ قولىدىن چاڭئەن ۋە لوياڭدىن ئىبارەت ئىككى پايتەختنى قايتۇرۇۋالغان (757 – يىلى) تاڭ ئىمپېراتورى سۇزۇڭ قىزلىرىدىن نىڭگو مەلىكىنى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغانغا ياتلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەل ئەتمىشنىڭ ئوغلى  ئىدىكەن(بولغۇسى بۆگۈ قاغان)گە بۆگۈ قەبىلىسىدىن چىققان ئابرويلۇق سانغۇن، تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بۆگۈ خۈەي ئېننىڭ قىزىنى ياتلىق قىلغان. ئەمما، مەڭگۈ تاشتىكى ئۇيغۇر قاغانىغا خاتۇنلۇققا  بېرىلگەن ئىككى قىز ھەققىدە گەپ بولغان قۇرلاردا ئۇلار تىلغا ئېلىنمايدۇ. جۇڭگو مەنبەلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، نىڭگو مەلىكىگە ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلاردىن تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغان لى جەمەتىنىڭ ئايال ۋەكىللىرى قاتارىدا دۇنخۇاڭ بېگى لى چېنشېڭنىڭ ئىنىسى شاھزادە لى يۈەننىڭ قىزىمۇ بار ئىدى. ئۇ ئارقا - ئارقىدىن ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ۋە بۆگۈ قاغانغا خانىش بولدى. ئەل ئەتمىش قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن (759 – يىلى) تاڭ ئوردىسىغا قايتىپ كەتكەن نىڭگو مەلىكىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۇنى «كىچىك نىڭگو مەلىكە» دەپ ئاتىغانىدى. ئۇ ئوردۇبالىقتا  تاكى 791 - يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ياشىدى12. «كونا تاڭنامە»گە ئاساسلانغاندا نىڭگو مەلىكە، كىچىك نىڭگو مەلىكە ۋە بۆگۈ خۇەيئېننىڭ قىزى قاتارلىقلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان ئەلچىلەر توپى 758 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئوردۇبالىققا يول ئالغان13. بۇنىڭدىن مەڭگۈ تاشتا ئېيتىلغان ئوخشاش مەزمۇندىكى باياننىڭ ۋاقتى 758 - يىل 9 - ئايلارغا تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ، دۆلەتلىك نىكاھتىن كېيىنلا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ۋاقتى بولمىش «2 - ئاينىڭ 16 – كۈنى» 758 - يىلغا تەۋە ئەمەس، دېگەن گەپ. چۈنكى بونداق بولغان بولسا بايان ئوتتۇرا يولدا ئۈزۈلۈپ قالاتتى. دېمەك، مەڭگۈ تاشتىكى ئاخىرقى يىلنامە 759 - يىلغا مەنسۇپ. 
يۇقىرىدا ئېنىقلاپ ئۆتۈلگەن يىلنامىلەر ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھەربىي، سىياسىي تارىخىغا مەنسۇپ مۇھىم ۋەقەلەردىن قاراپ چىقىشقا قادىر بولالىغانلىرىمىزدۇر. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەنلەردىن بۇ بىر قىسىم ۋەقەنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇلار قارلۇقلار ۋە باسمىللارغا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرۈشتىن كېيىنكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەلىبىلىك تىكلىنىشىگە چېتىلىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ، زور دەرىجىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز، مەڭگۈ تاشنىڭ جەنۇبىي يۈزىگە قوشۇمچە قىلىنغان «بەن ئىتدىم. بۇنچا بىتىگ........ بىتىگ بىتتىم» دېگەن قۇردىكى مەلۇماتلاردۇر. س.ي. مالوفنىڭ ئەسىرىدە بۇ قۇرنىڭ تەرجىمىسى سۈپىتىدە گ.رامستېد 1914 - يىلى ئىشلىگەن مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ رۇسچە: «مەن سالدىم. پۈتۈك....... پۈتۈك پۈتتۈم» دېگەن تەرجىمىسىنى تەكرارلىغان14. بۈ  تەرجىمە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، نەقىل كەلتۈرۈلگەن مەلۇمات بۇ يەردە پۈتۈنلەي باشقا مەڭگۈ تاش ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ: ئەسلى تېكىستتە «پۈتۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا «بۇ» دېگەن ئالماش يوق. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا بىر مەڭگۈ تاش تىكلەنگەنلىك ھەققىدىكى مەلۇمات «شىنە - ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى»نىڭ 753 - يىللاردىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان يېرىگە قىستۇرۇلغان (753 - يىل 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قارا بۇلاقنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلغان قارلۇقلار ۋە باسمىللارغا قارشى جەڭ بىلەن 457 - يىل 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بولغان لەشكىرىي يۈرۈشنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىت). يەنە كېلىپ بۇنىڭ 753 - يىلدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە سۆز بولۇۋاتقان بۆلەكتە بولغىنىغا قارىغاندا بۇ مەڭگۈ تاشنى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن تەخمىنەن 753 - يىلى ئورنىتىلغان »تېرخىن مەڭگۈ تېشى« بولۇشى مۈمكىن، دەپ قىياس قىلىش مەنتىقىگە تولىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ئىزاھلار:
① گ.ئى.رامستېد: «شىمالىي موڭغۇلىيىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە رۇنىك يېزىقىدىكى ئىككى مەڭگۈ تاش» - «فېننو - ئوگۇر جەمئىيىتى ژۇرنىلى» خېلسىنكى 1913 - يىل. 30 - جىلد 3 - سان. 11 - 63 - بەتلەر.
② س.ي.مالوف: «موڭغۇلىيە ۋە قىرغىزىستاندىن تېپىلغان قەدىمكى تۈركچە يادىكارلىقلار» موسكۋا 1959 - يىل. 10 - بەت؛ س . گ. كىلياشتورنىي: «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» − «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» 1980 - يىللىق 3  - سان. 
③ ل.بازېن: »قەدىمكى تۈركلەردە ياش ئۇقۇمى» − «چەت ئەل تۈركولوگىيىسى» موسكۋا 1986 - يىل 1 - توپلام. 361 -، 378 - بەتلەر.
④ س.ي.مالوف: »موڭغۇلىيە ۋە قىرغىزىستاندىن تېپىلغان  قەدىمكى تۈركچە يادىكارلىقلار» 34 -، 38 - بەتلەر.
⑤ س . گ . كىلياشتورنىي: «تېرخىن مەڭگۈ تېشى».
⑥ ل.بازېن: «قەدىمكى تۈركلەردە ياش ئۇقۇمى».
⑦تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ: ئابلەھەت كامالوف: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹تېرخىن مەڭگۈ تېشى›دىكى بايىرقۇ قەبىلىسىگە ئائىت بايانلارغا ئىزاھ» − «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1993 - يىللىق 6 - سان. 6 − 11 - بەتلەر. 
⑧ «كونا تاڭنامە» 195 - جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» 2 - بەت. شاڭخەي. 1936 - يىل.
⑨ ك.سېگلېدى: «گەردىزى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى (مىلادى 746 − 780) ھەققىدە» − «ۋېنگىرىيە شەرقشۇناسلىقى» 1973 - يىل 27 - توم.
10، 11«ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» 216 - جىلد. 6910 -، 6918 - بەتلەر. بېيجىڭ 1956 - يىل.
12 «كونا تاڭنامە» 195 - جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» 10 - بەت.13ك.ماكېرراس: «ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى» كانبېررا 1968 - يىل. 17 -، 18 - بەتلەر.
14 گ.ئى.رامستېد: «سېلىنگا مەڭگۈ تېشى قانداق تېپىلغان؟ − ‹سېلىنگا مەڭگۈ تېشى›نىڭ يەشمىسى» − «روسىيە ئىمپېرىيە جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ تروئىس كياختنىسكى شۆبىسى». سانت - پېتربورگ. 1914 - يىل 15 - توم. «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى خەۋەرلىرى» (رۇسچە) 1994 - يىللىق 6 - سانىدىنتەرجىمە قىلغۇچى: قۇربان تۇران تەھرىرلىگۈچى: ئابلىز ئورخۇن

مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2003 – يىللىق 4- سان
bilqut
Posted: 2008-01-07 21:09 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

مەن 1985-__1988- يىللاردا نەشر قىلىنغان 'تەڭرىتاغ "ژورنىلىنىڭ سانلىرىدا سوۋېت ئۇيغۇر يازغۇچىسى خىزمەت ئابدۇللىننىڭ "ئوتلۇق چەمبەر" دېگەن تارىخى رومانىنى ئوقۇغان، ئۇنىڭدا ئورخۇن پادىشاھلىرىغا ياتلىق قىلىنغان تاڭ مەلىكىلىرىگە ئائىت ۋەقەلەر يېزىلغان. ئورخۇن بىلەن تاڭنىڭ مۇناسىۋىتى بەدىئى يول بىلەن ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن، ئۇنى ئوقۇسا كىشى تارىختىكى نۇرغۇن چىگىىش مەسىلىلەرگە ئاز-تولا بولسىمۇ جاۋاب تاپقاندەك بولىدۇ.  بولۇپمۇ ئۇ مۇشۇ "شىنە--ئۇسۇ "مەڭگۈ تېشىغا مۇناسىۋەتلىك تولۇقلىما بولالايدۇ.
مەن ئۇنى ئورخۇن تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ ئېسىل ئەسەر دەپ قارايمەن.
قىززىققۇچىلارنىڭ 1985--------1988غىچە بولغان ئارىلىقتىكى "تەڭرىتاغ " ژورنىلىنىڭ ھەر قايسى سانلىرىنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
(كەچۈرۈڭلار، مەنبە ھەققىدىكى ئۇچۇرۇم مۇشۇنداق چولتا بولۇپ قالدى، بەك ئۇزاق يىل بولۇپ كەتكەچكە  يادىمدا قالماپتۇ، ئۆزەمنىڭمۇ بۇ روماننى قايتا ئوقۇپ چىقىش ئارزۇيۇم بار. يېقىن ئارىدا مەنبەنى تېپىپ قالسام، بۇ تور بېتى ئارقىلىق تورداشلارغا خەۋەر بېرىمەن.)
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-01-08 01:04 دە قايتا ]
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-08 00:59 | 1 -قەۋەت
Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2008-01-08 14:27 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يادىكارلىقلىرىمىز

Total 0.103958(s) query 4, Time now is:03-21 08:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation