Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ۋاپاتى

قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ۋاپاتى
سېيىت ياسىن
(قەشقەر شەھەرلىك 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن)

 





 ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ جانكۆيەرى، ئۇيغۇر سەھنە تىياتىرچىلىقىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد يېتەكچىسى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ۋاپاتىغا بۇ يىل توپتوغرا 45 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان بىباھا تۆھپىسى، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىش فرونتىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئاقسۇغا ئەسكەر تارتىپ باي ۋە ئونسۇ ناھىيىلىرىنى ئىشغال قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇشىغا قوشقان تۆھپىلىرى كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.
مەن 1955 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق مەمۇرىي مەھكىمىدە ۋە 1956 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق پارتكومدا ئاددىي مۇلازىمەتچىلىك خىزمىتى قىلغانىدىم. بۇ جەرياندا ھەر كۈنى دېگۈدەك مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتىم. ئىشخانىلارنى تازىلاش ۋە يىغىنلاردا چاي قۇيۇش جەريانىدا مەرھۇمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە قىممەتلىك تەربىيىسىنى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ تۇراتتىم. مەرھۇمنىڭ شۇ چاغدىكى ھەردائىم ئىللىق تەبەسسۈم يېغىپ تۇرىدىغان چىرايى، ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان قەيسىرانە روھى تا ھازىرغىچە ئېسىمدىن كەتمەيدۇ. مىڭ ئەپسۇسكى، بۇ سۆيۈملۈك ئىنسان 1956 - يىل 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق خىزمىتىنى ئۆتەۋېتىپ، 46 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشتى.
مەرھۇمنىڭ كېسەل بولۇش ۋە داۋالىنىش جەريانى
مەرھۇم قەددى - قامىتى كېلىشكەن، بۇغداي ئۆڭ، دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇدىغان، ئۈستى - بېشىغا كاستيۇم - بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقاپ، پاكىز، رەتلىك يۈرىدىغان پەزىلەتلىك كىشى ئىدى. چىرايىدىن ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيتتى. 1956 - يىلى قىشتا ئۇشتۇمتۇت يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، سىرتقا تولا چىقماي، ئىشخانىسىنىڭ ئايرىم بۆلمىسىدە ئارام ئالىدىغان، تاماقنى مۇدىرلار ئاشخانىسىدىن ئايرىم ئەتكۈزۈپ يەيدىغان بولدى. مەرھۇمنىڭ ئىشخانا خىزمەتچىسى نۇرئەلاخان تاماق ۋە چاي يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. كېسەل سەۋەبىدىن شۇ يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۆتكۈزگەن چاغانلىق چاي زىياپىتىگىمۇ قاتنىشالمىدى. ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ قالدى. سابىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ 3 - شۇجىسى چى گو، مەھكىمە مۇدىرى مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوف قاتارلىقلار پات -پات يوقلاپ تۇردى، ھەمدە جىددىي داۋالاشنى ئورۇنلاشتۇردى.
قەشقەر 1 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەن دوختۇر، داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇرلاردىن ئابدۇرېشىت قارى ھاجى، سابىق مىللىي ئارمىيە 13 - دىۋىزىيىسىنىڭ ئاتاقلىق دوختۇرى خاسىنوف ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى مەرھۇمنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا مەسئۇل بولدى. بولۇپمۇ دوختۇر خاسىنوف ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ داۋالىدى. مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى خالىدە خانىم كېچە - كۈندۈز يېنىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. شۇنداقتىمۇ مەرھۇمنىڭ يۈرىكى ئۇزۇن يىللىق جاپالىق كۈرەش ۋە تۈرمىلەردىكى دەھشەتلىك قىيناشلار تۈپەيلىدىن ئېغىر زەخمىلەنگەچكە، ياخشىلىنىش تۈگۈل كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشقىلى تۇردى. تېنىمۇ ئاجىزلاپ كەتتى. دوختۇر خاسىنوف قايتا - قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمارنىڭ يۈرەك قىسمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ، نەپەسلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقى، شۇڭا كىسلارود بىلەن نەپەسلەندۈرۈش كېرەكلىكى ھەمدە يۇقىرىدىن يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ، ئورتاق دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەينى چاغدا قەشقەردە زاپاس كىسلارود بولمىغاچقا، ئەھۋال ئۈرۈمچىگە مەلۇم قىلىندى. تۆت كۈندىن كېيىن، خوجىلىق باشقارما باشلىقى ھەسەن مەسۈم بىلەن ئىشخانا مۇدىرى ھاجى نۇر ھاجى بىزنى ئېلىپ ئايرودرومغا چىقتى. ئايروپىلاندىن بىر رۇس ئايال مۇتەخەسسىس ۋە ئىككى خەنزۇ مۇتەخەسسىس چۈشتى. رۇس ئايال ئالمۇتىدىن بىر تۇڭ كىسلارود ئالغاچ كەلگەنىكەن. ماشىنىدا مەمۇرىي مەھكىمىگە ئېلىپ كەلدۇق. ئۇلار كېسەلنى قايتا - قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق قويۇلغان دىئاگنوز ۋە تەكشۈرۈشنىڭ توغرا بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇلار كېسەلنى كىسلارود بىلەن نەپەسلەندۈرۈپ، ئەڭ ياخشى دورا، ئوكۇللارنى ئىشلىتىپ ئەستايىدىللىق بىلەن داۋالىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، قاسىمجان قەمبىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ ، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان بولدى. ھېلىقى رۇس ئايال:«بۇ كېسەل ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، كۆپرەك ئارام ئالسۇن، ئالدىراپ خىزمەتكە چۈشمىسۇن، تەلەپ - ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇڭلار، كەيپىياتى خۇشال تۇرسۇن، تامىقى ۋاقتىدا ۋە تەرتىپلىك بولسۇن» دېگەنلەرنى تاپىلاپ قايتىپ كەتتى.قاسىمجان قەمبىرىمۇ مەمنۇن بولۇپ:«ھەقىقەتەن ئۇستا دوختۇرلار ئىكەن، ئۇلار داۋالىغاندىن كېيىن ئاغرىق قويۇپ بەردى، ئۆزۈممۇ خېلى يەڭگىللەپ قالدىم، تالا - تۈزگىمۇ چىقالايدىغان بولدۇم» دەپ خېلى روھلىنىپ قالدى. ئەمما بۇنداق ياخشىلىنىش ئۇزاققا بارمىدى. بۇ ۋاقىتلىق ياخشىلىنىشنىڭ شۇم ئەجەلنىڭ سىگنالى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىكەنمىز.قاسىمجان قەمبىرى كۆز يۇمغان قايغۇلۇق دەقىقىلەر1956 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاخشىمى مەرھۇمغا نۆۋەتچى دوختۇر خاسىنوف، مەمۇرىي مەھكىمە ئىسلاھات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياقۇپ ھاجىلار ھەمراھ بولۇپ ياتقانىدى. خىزمەتچى ئابلىز توخسۇن، شوپۇر سېيىت ھەسەنلەر سىرتتا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. قاسىمجان قەمبىرى شۇ كېچىسى بىئارام بولۇپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىغانىدى . مەرھۇم سەھەردە ئازراق چاي ئىچكەندىن كيىن، خاسىنوف ۋە ياقۇپ ھاجىلار مەرھۇمنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتمىسۇن دەپ سىرتقا چىقىپ تۇرغانىدى. ياقۇپ ھاجىنىڭ خىزمەتچىسى ئابلىمىت ئاكا مەرھۇمغا چاي ئېلىپ كىرگەندە مەرھۇم ئۈستەل ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانىكەن، ئابلىمىت ئاكىنى كۆرۈپ «بىر ئاز بىئارام بولۇۋاتىمەن، ياقۇپ ھاجىنى چاقىرىڭ» دەپتۇ. ئابلىمىت ئاكا مەرھۇمنىڭ شوپۇرى سېيىت ھەسەننى ياقۇپ ھاجىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتىۋېتىپ، قايتا ئىشخانىغا كىرگەندە مەرھۇم ئىككى بىلىكىگە بېشىنى قويۇپ، ئۈستەل ئالدىدا يېتىپ قالغانىكەن. كۆزى يۇمۇلۇپ، ئاغزىدىن كۆپۈك ئېقىۋاتقانىكەن. ئابلىمىت ئاكا دەرھال دوختۇرنى چاقىرىپ كىرىدۇ ھەمدە ئەھۋالنى ھاجى نۇر ھاجىغا خەۋەر قىلىدۇ.ياقۇپ ھاجى، ھەسەن مەسۇملار كىرگەندە دوختۇرلار مەرھۇمنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ تەكشۈرۈۋاتاتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈرەكنىڭ سېلىشتىن توختىغانلىقى مەلۇم بولدى. غەم - ئەندىشىدە تۇرغانلار كۆز ۋە قۇلاقلىرىمىزغا ئىشىنەلمەي قالدۇق. قاتتىق يىغا - زارە ۋە دات - پەريات باشلىنىپ كەتتى. مەرھۇمنىڭ بىمەزگىل ۋاپات بولۇشى قەلبىمىزنى قاتتىق ئۆرتىگەچكە ئۆزىمىزنى تۇتالماي يىغا - زارە قىلىشتۇق. مەرھۇمنىڭ كۆز يۇمغان ۋاقتى 1956 - يىل 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سەھەر سائەت يەتتە ئىدى. ھايال ئۆتمەي مەرھۇمنىڭ ئايالى خالىدە خانىم، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى سەلىمە تالىپ، شەرىپە خانىم، ھەسەن مەسۇم ۋە ئۇنىڭ ئايالى رۇقىيەلەر يېتىپ كەلدى. ئادەمنىڭ يۈرەك - باغرىنى ئېزىدىغان يىغا - زارە تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ھەش - پەش دېگۈچە مەمۇرىي مەھكىمە ھويلىسىدىن قەشقەر سەھرالىرىغىچە تارقالدى. ھەسەن مەسۇم ۋە ھاجى نۇر ھاجىلار بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيە مەسئۇللىرىدىن مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوف، تيەن جۇڭ، خەلپەت سۈزۈك ھاجىيوف، گوپىڭ، چى گولارغا يەتكۈزدى. ئۇلار دەرھال يېتىپ كېلىپ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.
مۇدىر مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوف باشچىلىقىدا يۇقىرىقى كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن دەپنە قىلىش ھەيئىتى قۇرۇلدى.قايغۇلۇق خەۋەر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، ھەربىي رايون، 5 - كورپۇس (سابىق مىللىي ئارمىيە) شىتابى، 5 - كورپۇسنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە تۇرۇشلۇق دىۋىزىيە ۋە پولكلىرى، ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىغا، ئالمۇتا ۋە تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەۋەر قىلىندى.يۈكسەك ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئاخىرەتكە ئۇزىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىندى.قەشقەر ئاپاق خوجا مازىرى يېنىدىكى ئۈجمىلىك باغ مەرھۇمغا ئاخىرەتلىك جاي قىلىپ تاللاندى.ھەسەن مەسۇم مەرھۇمنىڭ شوپۇرى سېيىت ھەسەننى ئاتۇشنىڭ سۇنتاغ يېزىسىدىكى تۇغقانلىرىغا خەۋەر قىلىشقا ھەمدە ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى، ئاتاقلىق ئۆلىما ئابدۇرېشىت ئەلەمنى مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈپ بېرىشكە چاقىرىشقا ئەۋەتتى. قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇرېشىت ئەلەممۇ دەرھاللا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا مەرھۇم ياتقان مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ ئىچى - تېشى ھازىدارلار ۋە مەرھۇمنىڭ دوست - يارانلىرى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئەتراپنى قاتتىق يىغا - زارە قاپلىغانىدى. ئابدۇرېشىت ئەلەمنىڭ دۇئا - تەگبىر ئۇقۇشى ۋە نەسىھەت قىلىشى بىلەن يىغا - زارە سەل پەسىيىپ، مېيىت مەھكىمە ئىشخانىسىدىن شامالباغدىكى ئائىلىسىگە يۆتكەلدى.ئاخىرەتلىك ئىشلار تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى، كونكرېت ئىشلارغا خەلپەت سۈزۈك ھاجىيوف، ھەسەن مەسۇم، ھاجى نۇر ھاجىلار مەسئۇل بولدى. مۇسىبەت باغاقلىرى تەييارلىنىپ ئىدارە - ئورگان، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرگە تارقىتىلدى.رەھبەرلەر ۋە كېلىدىغان ۋەكىللەرگە مەخسۇس ھازىدارلىق كىيىمى تەييارلاندى. بىر قىسىم ئۇزۇن تون ۋە بەقەسەم تونلار سەنئەت ئۆمىكىدىن ئارىيەت ئېلىندى. مەرھۇمنىڭ ئۆلچەملىك سۈرىتى چوڭايتىلدى. ئىستىقامەت ئۈچۈن ناۋايخانىلارغا نان بۇيرۇتۇلدى. شۇ كېچىسى قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرمۇ مەرھۇمنىڭ سۈرىتىنى چوڭايتىپ نامازغا ئېلىپ چىقىشقا تەييارلاندى. لوزۇنكىلار ئېسىلدى. قەشقەر شەھىرى چوڭقۇر قايغۇ ۋە ماتەمگە چۆمدى. شۇ كۈنى كەچتە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەزىيە تېلېگراممىسى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ئابدۇللا زاكىروف ۋە ئىبراھىم تۇردىلار باشچىلىقىدىكى تەزىيە ئۆمىكىنىڭ 4 - چىسلا قەشقەرگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش يېتىپ كەلدى. 1956 - يىل 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مەرھۇمنىڭ باغدىكى ھويلىسى ھازىدار رەھبەرلەر، جامائەت ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ھەسرەتلىك يىغا - زارە ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. بولۇپمۇ 5 - كورپۇس 13 - دىۋىزىيىسىنىڭ ئاجايىپ كېلىشكەن ھەربىي فورما - سېرىق ھەربىي پەلتو ئۈستىگە ئاق باغلىغان كوماندىرلىرى «ياش كەتكەن قوماندان، دۈشمەن ئالالمىغان جېنىڭنى ئەزرائىل ئالدىمۇ قوماندان ...» دېگەندەك مەرسىيىلەرنى ئوقۇغىنىچە رەتلىك ، مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كىرىپ مەرھۇمنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنى ئېتىپ يىغلاشتى. 13 - دىۋىزىيە قەشقەر 37 - پولكىنىڭ جەڭچىلىرى قارىلىق باغلاپ، چەكسىز قايغۇ - ھەسرەت بىلەن ھېيىتگاھ مەيدانىدا سەپتە تۇردى. ھازىدارلار، رەھبەرلەر ۋە ناماز ئەھلى مەرھۇمنىڭ دىدارى بىلەن ئاخىرىقى قېتىم دىدارلىشىپ رازىلاشقاندىن كېيىن، ئابدۇرېشىت ئەلەمنىڭ دۇئا - تەگبىرى بىلەن سابىق مىللىي ئارمىيىنىڭ سەككىز جەڭچىسى بىر كوماندىرنىڭ قوماندانلىقىدا تاۋۇتنى ئاستا كۆتۈرۈپ، ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن ھېيىتگاھ مەيدانىدىكى قەشقەر تىياتىر سەھنىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. چۈنكى نامازغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئادەم ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغاچقا، جامەگە سىغمايتتى. مېيىت نامىزىغا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ داخىل بولۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ناماز مەيداننىڭ ئۆزىدىلا چۈشۈرۈلىدىغان بولدى. پېشىن نامىزىدىن كېيىن مەرھۇمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى. ھېيىتگاھ مەيدانى ۋە ئەتراپتىكى يوللار نامازخانلار بىلەن تولغانىدى.ھەيۋەتلىك ماتەم مۇراسىمى مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ھېيىتگاھ مەيدانىدا ھەيۋەتلىك ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. سەھنە مەركىزىگە مەرھۇمنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلدى. مەيدانغا يىغىلغان ئادەم دولقۇنى بولۇپمۇ 37 - پولكنىڭ كوماندىر، جەڭچىلىرى ھازىدارلىق كىيىملىرىنى كىيىپ قاتتىق سۈكۈتتە تۇردى. بىراق، ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان ئايروپىلان ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىگەچكە، بىر ئاز تەخىر قىلىشقا توغرا كەلدى. شۇ ئارىلىقتا مەكتەپ بالىلىرى «قاسىمجان قەمبىرى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات، مائارىپنىڭ پېشىۋاسى، سەنئەتكارلارنىڭ ئۇستازى قاسىمجاننىڭ ياتقان جايى گۈل بولغاي، ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي...» دېگەنلەرنى دىكلاماتسىيە قىلىپ ئەھلى جامائەتنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىۋەتتى.چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئابدۇللا زاكىروف باشچىلىقىدىكى تەزىيە ئۆمىكى ھازىدارلىق كىيىملىرى بىلەن ئۆكسۈپ يىغلىغان پېتى مۇراسىم مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. ماتەم مۇراسىمى باشلاندى. مۇراسىمغا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى خەلپەت سۈزۈك ھاجىيوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئابدۇللا زاكىروف، ئىبراھىم تۇردى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 2- ۋە 5 - كورپۇس (سابىق مىللىي ئارمىيە) لىرى ھەمدە 13 - دىۋىزىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ چى گو، گوپىڭ، زوچى، تيەن جۇڭ، مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوف ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى قاتارلىقلار تەزىيە سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوف تەزىيە نۇتقى سۆزلەپ مەرھۇمنىڭ كۈرەش، ئىنقىلاب، ئىجادىيەت ئىچىدە ئۆتكەن قىسقا ھەم ئەھمىيەتلىك ھايات مۇساپىسىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.ئارقىدىن ئابدۇللا زاكىروف تەزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ مەرھۇم بىلەن غۇلجىدا كۆرۈشكەندىن بېرى قايتا كۆرۈشەلمىگەنلىكى، مەرھۇمغا ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى نامىدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈدىغانلىقى، مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن تەرەپ - تەرەپلەردىن كەلگەن تەزىيە تېلېگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. تېلېگراممىلار ئىچىدە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، 5 - كورپۇس شىتابى، 5 - كورپۇس (سابىق مىللىي ئارمىيە) نىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە تۇرۇشلۇق پولكلىرى، بېيجىڭدىن بۇرھان شەھىدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجىلاردا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرى قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تېلېگراممىلىرى بار ئىدى.ماتەم مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەخسۇس تىكتۈرۈلگەن كۆك يوپۇق يېپىلغان تاۋۇتنى 5 - كورپۇسنىڭ سەككىز ئەسكىرى قىلىچنى تىك كۆتۈرگەن كوماندىرنىڭ قوماندانلىقىدا ئاستا كۆتۈرۈپ يەرلىككە قاراپ ماڭدى. تاۋۇت ئالدىدا سابىق مىللىي ئارمىيە 13 - دىۋىزىيىسىنىڭ بەل - بويۇنلىرىغا ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان مىژگان ئاسقان 40 جەڭچىدىن تەركىب تاپقان ھەربىي ئوركېستىرى رەت - رەت تىزىلىپ ھەيۋەتلىك ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. تاۋۇتنىڭ ئەتراپىدا قوراللىق جەڭچىلەر مىلتىقلىرىنى ئوڭ قولىدا يەردىن سەل - پەل ئېگىز كۆتۈرگەن پېتى ماس قەدەم بىلەن ماڭاتتى. تاۋۇت كەينىدىن رەھبەرلەر ۋە ھازىدارلار كۆز يېشى قىلىپ ماڭاتتى. سان - ساناقسىز ئادەم دولقۇنى تاۋۇت كەينىدىن ھەزرەت يولىغا ئاقماقتا ئىدى. تاۋۇتنىڭ ئالدى ۋە كەينىگە 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاق پاڭچو تۇتماق بەلۋېغى تارتىلغان بولۇپ، بىر ئۇچى تاۋۇتتا، يەنە بىر ئۇچى جامائەتتە ئىدى. جامائەت نۆۋەت بىلەن تۇتماقنى تۇتۇپ مەرھۇم بىلەن ۋىدالىشاتتى. تاۋۇتنى ئۇزىتىش سەپىرى خۇددى بىر ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. ئاياللار ۋە ئۇششاق بالىلارمۇ ئىشىك ئالدى، ئۆگزە ۋە دەرەخ باشلىرىغا چىقىپ ماتەمگە جور بولۇشاتتى. بولۇپمۇ ھەربىي ئوركېستىرنىڭ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق ماتەم كۈيى كىشىلەرنى ئىختىيارسىز يىغىغا سالاتتى.ھازىدارلار قوشۇنى تۆشۈك دەرۋازىدىن ئۆتكەندە، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلىرى مەرھۇمنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، يىغا - زارە بىلەن توپقا قوشۇلدى. ئوركېستىرنىڭ بىردەم ماتەم مۇزىكىسى، بىردەم مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭ مارشى مۇزىكىسىنى ئورۇندىشى كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ لەرزىگە سالاتتى. مەرھۇمغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۈتكۈل خەلق، ھەتتا ياشانغان رەھبەرلەر، ئاۋام ۋە ئۇششاق بالىلارمۇ تۆت كىلومېتىرلىق كاتاڭ، توپىلىق يولنى پىيادە بېسىپ قەبرىستانلىققا يېتىپ كەلدى. قوشۇن ئاپاق خوجا مازىرىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان ئاۋات، بەشكېرەم ۋە قوغان تەرەپتىن كەلگەن جامائەتمۇ سەپكە قوشۇلۇپ كەتكەچكە، تاھارەت ئېلىشقا شەربەت كۆلىدىن سۇ ئېلىشمۇ تەسلىشىپ، قىستا - قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتتى.
مەرھۇمنىڭ جەسىدى ئاپاق خوجا مازىرىنىڭ شىمالىدىكى ئۈجمىلىك باغنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى پاك زېمىنغا دەپنە قىلىنىپ دۇئا - تەگبىر ئوقۇلدى. تۇپراق بېشىدا ئۈچ - كېچە كۈندۈز دۇئا - تىلاۋەت قىلىندى. سابىق مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر بەن ئەسكىرى تۇپراق بېشىدا 15 كۈن نۆۋەت بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ قوغدىدى.مەرھۇم دەپنەقىلىنغان بۇ جاي ھازىر ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلاندى.
 دەپنىدىن كېيىنكى ئىشلارمەرھۇم يەرلىككە قويۇلغاندىن كېيىنكى ئىشلار پۈتۈنلەي ئۆرپ - ئادەت بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. تۇپراق بېشىدا خەتمە قۇرئان ئوقۇلۇپ، چوڭ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈلدى.مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى بارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەر ئۈچ كۈن توختىتىلدى، كىنو - تىياتىر قويۇلمىدى.جاي − جايلاردىن كەلگەن تەزىيە تېلېگراممىلىرى مەرھۇمنىڭ شانلىق ھايات مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە «جەنۇبىي تيانشان گېزىتى»(ھازىرقى «قەشقەر گېزىتى») دە كەڭ كۆلەمدە ئېلان قىلىندى.
تەھرىرلىگۈچى: ئابلىز ئورخۇن
مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2001- يىللىق 4- سان
bilqut
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2008-01-08 17:23 | [ئاپتور]
pidayi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-10

 

قاسىمجان قەمبىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى .
قاسىمجان قەمبىرىنىڭ تۈرمە ھاياتى يەنى ئاتالمىش < مەدىنىيەت ئىنقىلابى> نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش تەپسىلاتىنىمۇ بىلىپ باقساق.
1som
Posted: 2008-01-08 19:55 | 1 -قەۋەت
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
1 - قەۋەتتىكى pidayi 2008-01-08 19:55 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
قاسىمجان قەمبىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى .
قاسىمجان قەمبىرىنىڭ تۈرمە ھاياتى يەنى ئاتالمىش < مەدىنىيەت ئىنقىلابى> نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش تەپسىلاتىنىمۇ بىلىپ باقساق.

ئەپەندىم تېمىنى تەپسىلىراق كاللا قويۇپ ئوقۇمايلا ئىنكاس يېزىپسىز ھە، قاسىمجان قەمبىرى « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » باشلىنىشتىن ئون يىل بۇرۇنلا ۋاپات بولغان، ھەم ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى جۇڭگودا تېخى چوڭراق كۆلەمدىكى سىياسىي ھەركەتلەر ئېلىپ بېرىلمىغان. ھەممىلا ئىشنى ئۇنداق « مەدەنىيەت ئىنقىلابى »غا دۆڭگەپ تۇرىۋالمايلى. ھېسسىياتقا تايانماي پاكىتقا قارايلى.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2008-01-08 20:07 | 2 -قەۋەت
mustabit
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-09

 

مىللى ئارمىيە جەڭچىللىرىنىڭ مىيىت ئۇزۇتۇش جەريانىدىكى پالىيەتلىرىنى ئوقىغان ۋاختىمدا ۋۇجۇدۇم ئىپتىخارلىق ، ئۆكۈنۈش ،ھەسرەت بىلەن لەرزىگە كەلدى .
Posted: 2008-01-08 21:21 | 3 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 323
شۆھرىتى: 330 نومۇر
پۇلى: 3290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

ئۇ ئادەم بەك ئۇلۇغ ھەم  كاتتا شەخىس ئوخشايدۇ - ھە! 
Posted: 2008-01-09 01:49 | 4 -قەۋەت
pidayi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-10

 

كەچۈرۈڭ مەن خاتالىشىپتىمەن .
قاسىمجان قەمبىرى قاچان نىمە سەۋەپتىن تۈرمە ئازابى تارتىدۇ
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-01-13 16:58 | 5 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

قاسىمجان قەمبىرى شېڭشىسەي ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا تۈرمىگە تاشلانغان يەنە ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭنىڭ ھەمكارلىقى بۇزۇلغاندا تۈرمىگە كىرگەن ، بۇ يەردىكى دېيىلگىنى شۇ ۋاقىتلاردىكى تۈرمە ئازابى .
bilik munbiri
Posted: 2008-01-13 20:57 | 6 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.125148(s) query 4, Time now is:03-21 08:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation