Ay~chiwar
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قانخور جاللات توجو خېدىكى

ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﻰ 2 - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺋﯘ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻗﯘﯗﺭﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﺎﺑﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻍ - ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
ﺗﻮﺟﻮﺧﯧﺪﯨﻜﻰ 1884 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻣﻮﺭﺍﻱ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﺟﺎﻟﻠﻼﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ  ، ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﻧﯘﺭﻯ . ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺖ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﻮﮔﻮﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﻫﻪﻡ ﺳﺎﺩﺩﺍ . ﺗﻪﻟﻪﭘﭽﺎﻥ . ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﻮﺟﻮ ﺋﯩﯧﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺟﺎﭘﺎﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ
ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﻰ  . 1889 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﯗﺭﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ، 1902 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﭖ ، 1904 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . 1904 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﯗﺭﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﭖ ، 1905 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ - ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . 1907 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﯗﺭﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻟﯧﻴﺘﻨﺎﻧﺘﻰ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ . 1909 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ --- ﺳﺎﭼﯩﻜﻮ .
ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ~ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺟﺎﻟﻠﻼﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺳﺎﻣﻮﺭﺍﻳﭽﻪ ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯧﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ..... ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .
1928 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﯩﻴﯘﻥ ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ << ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺗﯜﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ >> ﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺟﺎﯓ ﺯﯗﻟﯩﻨﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯧﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ 1 - ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ << 18 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ >> ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1935 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . 1936 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻤﭽﯩﻚ ﺩﻭﯕﻐﯘﺭﯗﭖ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ 2000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ- ﺋﻮﻓﯧﺘﺴﯩﺮ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ . 1936 - ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﺧﯘﺍﯓ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 1936 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﺍ ، 160 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯧﭗ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺗﻮﺟﻮ ﺋﯩﯧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ....
  ﺭﺍﺳﺘﯧﻨﻰ ﺩﯦﺴﻪﻡ ، ﺑﯘ ﺟﺎﻟﻼﻟﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﺳﻪﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ..... ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ  ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﻼ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ .
ﻳﺎﭘﻮﻥ  ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﯩﺴﺎﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﻴﺎ ﯞﯗ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ 731 - ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . <<ﻗﯩﺴﯩﻢ  - 731 >> ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ  ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .....
    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ 3 ﭼﻮﯓ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺟﺎﻟﻼﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﯩﻨﯩﯔ  ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ << 18 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ >>  ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻗﯘﯗﺭﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ، ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯩﻨﺎﺕ ﺋﯩﯟﺍﺋﻰ ﺷﯩﺮﯗ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . << 731 - ﻗﯩﺴﯩﻢ >> ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﯘﻣﺎ ، ﺧﻮﻟﯧﺮﺍ ، ﮔﺎﻧﮕﯧﻨﺎ ، ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﻪ  ، ﻛﯧﺰﯨﻚ ، ﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻒ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ .
ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺋﺎﻻﻫﯧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﻗﻪﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﻫﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ، ﻓﺎﺭ - ﻓﻮﺭ ﺑﻮﻳﯘﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ  ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ  ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
<< 731 - ﻗﯩﺴﯩﻢ >> ﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ  ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .... ﺑﯘ ﻗﯩﺴﯩﻢ 1943 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭼﺎﯓ ﺩﯤ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯘﻣﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯜﺭﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ . 1942 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ~ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻮﺷﯘﺵ ﺟﯧﯖﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﻲ - ﻫﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ  ، ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .....

-----------------------
ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭ . ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﻤﯘ ﻗﯧﭽﯩﭗ  ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺗﻮﺟﻮﺧﯧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﻫﻪﻡ . 1946 - ﻳﯩﻠﻰ 11 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮ ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ، ﻳﯧﯖﻰ ﺯﯨﻠﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ، ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ (ﺳﺎﺑﯩﻖ) ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ، ﯞﻩ ﻓﯩﻠﯩﭙﭙﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ~ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻮﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﺍ 28 ﻧﻪﭘﻪﺭ 1- ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ 28 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ ؟ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ :
1. ﺗﻮﺟﻮﺧﯧﺪﯨﻜﻰ ، 2 . ﺧﯩﺮﺍﻧﯘﻣﺎ ﻛﯩﺌﯩﭽﯩﺮﯗ ، 3. ﺧﺮﻭﺗﺎ ﺧﯩﺮﻭﺗﺎﻛﻰ ، 4. ﻛﻮﻛﯘﺋﺎﻛﯩﺮﯗ ، 5. ﺋﺎﺭﺍﻛﻰ ﺳﺎﺩﺍﺋﻮ ، 6. ﺗﻮﺋﯩﺨﺎﺭﺍ ﻛﯧﻨﯩﺮﻭ ، 7 . ﺋﯩﺘﺎﮔﺎﻛﻰ ﺳﯧﺌﯩﺸﯩﺮﻭ ، 8. ﺋﯘﻣﯧﺘﺴﯘ ﺋﯘﻣﯧﭽﯩﺮﯗ ، 9. ﺧﺎﺗﺎﺷﯜﻧﯘﺭﻭﻛﯘ ، 10. ﻛﯩﻤﯘﺭﺍﺧﯧﺌﯩﺘﺎﺭﯗ ، 11. ﻣﺎﻧﺴﻮﺋﯩﻲ ﺋﯩﯟﺍﻧﻰ ، 12. ﻣﯩﻨﺎﻣﻰ ﺟﯩﺮﻭ ، 13. ﺗﺎﻛﯧﻔﯘﺟﻰ ، 14. ﻧﺎﻩﺍﻧﻮ ﺋﻮﺳﺎﻣﻰ ، 15. ﺳﺎﺗﻮﻛﺎﺗﺎﺋﺎﻛﻰ ، 16. ﺋﻮﻛﺎﺋﯩﻲ،  17. ﺗﻮﺭﯨﺘﺎ ﺷﯩﮕﯧﺘﺎﺭﯗ ، 18. ﺋﻮﺷﯩﻤﺎﺧﺎﺭﻭ ، 19. ﺷﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﺗﻮﺷﯩﺌﻮ ، 20. ﺷﯩﮕﯧﻤﺘﯩﺴﯘ ، 21. ﺧﯧﮕﺎﺷﯩﮕﯘ  ﺷﯩﮕﯩﺘﻮﻛﯘ ، 22. ﻛﺎﻳﺎﺋﻮﻛﯩﺘﻮﺑﯘ ، 23. ﺳﯘﺯﯗﻛﻰ ﺳﺎﺩﺍﺋﯩﭽﻰ ، 24. ﺧﻮﺷﯩﻨﻮﻧﺎﺋﻮﺷﯩﺴﺎ ، 25. ﺧﺎﺷﯩﻤﻮﺗﻮﻛﯩﻤﮕﻮﺭﻭ ، 26. ﺋﻮﻛﺎﯞﺍ ﻛﺎﺗﺎﺋﺎﻛﺎ ، 27. ﻛﯧﺘﻮ ﻛﻮﺋﯩﭽﻰ ، 28. ﺧﯩﺮﻭﻧﺎ ﺧﯩﺮﻭﺗﺎﻛﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ .
سوت مەيدانىدىكى توجو خېدىكى

ﺑﺎﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﻰ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ~ 1948 - ﻳﯩﻠﻰ 22 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .

مەنبە : تور مەھەللەم
bilqut
Posted: 2008-01-08 20:16 | [ئاپتور]
pidayi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-10

 

باشقىلارغا باھا بىرىشتە بىر تەرەپنىڭلا باھاسىغا قاراشقا بولمايدۇ.
1som
Posted: 2008-01-09 13:50 | 1 -قەۋەت
Erktekin
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-10-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

سىزگە نىسبەتەن قانخور جاللات بولسا يوپونلار ئۈچۈن مىللى  قەھرىمان ،ئەگەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمايىنە ،ياپونىيە غەلىبە قىلغان بولسا ھازىر بەلكىم "قانخور ستالىن " " قانخور پاتتون" دىگەندەك تېمىلارنى كۆرەر بولغايتتۇق ..............
Posted: 2008-01-10 10:54 | 2 -قەۋەت
qar-luq
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-19

 

مەسىلە نەدە دىگەن سوئال بىزنى ئويغا سالىدۇ.
بىز پەقەت ماتىرياللارنى كورۇش جەھەتتە بىر تەرەپنىڭلا يازغان ماقالىلىرىنى كورۇشكە مۇۋەپپەق بولغان.
بىزدىن كىيىنكى تارخ قانداق بولىدۇ بۇنى ھىشكىم ئالدىن ئالا دەپ بىرەلمەسلىكى مۇمكىن..
مەنچە مۇنداق پىكىر ياتىدۇ.
ۋاقىت پۇرسەت دىمەكتۇر..
ۋاختىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن سەرىپ قىلساق ،ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ،ئەجداتلىرىمىزغا سىستىمىلىك چۇشەندۇرۇپ بەرسەك،بىزگە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە باھا بېرىشكە ئالدىراپ كەتمىسەك دىمەكچى.
سوزۇمنى باشقىچە چۇشۇنۇپ قالماڭ.
Posted: 2008-01-10 16:19 | 3 -قەۋەت
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ياخشى تىما ئىكەن، دۇنيانى چۇشەنمەي تۇرۇپ ئۆزىنى  چۇشەنگىلى بولمايدۇ. قايسى بىر ئالىم "باشقىلارنىڭ تىلىنى بىلمىگەن ئادەم ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىمۇ ھەقىقى چۇشەنمەيدۇ" دەپ ئىيتىپتىكەن.
Posted: 2008-01-10 17:59 | 4 -قەۋەت
Kitab
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى Erktekin 2008-01-10 10:54 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
سىزگە نىسبەتەن قانخور جاللات بولسا يوپونلار ئۈچۈن مىللى  قەھرىمان ،ئەگەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمايىنە ،ياپونىيە غەلىبە قىلغان بولسا ھازىر بەلكىم "قانخور ستالىن " " قانخور پاتتون" دىگەندەك تېمىلارنى كۆرەر بولغايتتۇق ..............

بۇ يەردە يېزىلغىنى << جوڭگو تارىخى >> دىكى << جاللات>> لاردۇر .......
بىلىملىك بىلەرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدىكەن دېسە .
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-01-10 22:41 | 5 -قەۋەت
Hiyal0903
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

تارىخنى غەلبە قىلغۇچىلار مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ.  مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ بىلىدىغىنى غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ بەرگىنى بولىدۇ. .....................
bilik munbiri
Posted: 2008-01-13 19:51 | 6 -قەۋەت
nur123456
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-25

 

تۇجۇ خۇدكى قاللات ئەمەس ھەققى جاللات ستالن  گتلرمۇ جاللات ئەمەس شڭ شىسەي
Posted: 2008-01-14 16:52 | 7 -قەۋەت
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 65
شۆھرىتى: 66 نومۇر
پۇلى: 650 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

مەندە مۇنداق بىر ھىس تۇيغۇ كىلىپ قالدى، <<جاللات>> ئۇقۇمى بىلەم<<قانخور جاللات>> ئۇقۇمى، جالات ئۇلۇم ھۆكۈمىنى ئىجىرا قىلغۇچى، كاللا كىسەر دىگەن مەنىدىكى گەپمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا توجو خېدىكى ئۇنداق ئەمەس بۇلىدۇ.
  كىم قانداق جاللات؟ كىم ھەقىقى قانخور؟ كىمنىڭ كىمدە قان-قەرزى بار بۇلارنى يەنە 30~50 يىلدىن كېيىنكى يېزىلغان تارىخ ماتىرياللىرىدىن كۆرەيلى. ھە دىگەندە ئېغىزنى قويىۋىتىپ تىللاش ياخشى ئەمەس.
  خۇددى 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى نەنخۇ كۆلىدىكى قېيىقتا قۇرۇلغان جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى، ئەينى ۋاقىتتىكى ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيە گومىنداڭ پارتىيىسىگە نىسپەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا <<مىللى بۆلگۇنچى>> ، <<بىر ئوچۇم توپۇلاڭچى>>، <<باندىت>> ئىدى. لېكىن پارتىيىمىز خەلىقنى يېتەكلەپ قورال كۈچ بىلەن ھاكىميەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئۆز خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆزىنىڭ باندىت، مىللى بۆلگۇنچى، توپىلاڭچى ئەمەسلىكىنى نامايەن قىلدى.
  بۇ دەل كوسوۋو مۇستەققىلىقىنىڭ جەريانى بىلەن ئوخشاش گەپ.
Posted: 2008-03-06 18:18 | 8 -قەۋەت
wetenim
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

مەن بۇ زاتلارنى ھۆرمەتلەيمەن كەچۇرىلار دوستلار خاتا چۈشۇنۈپ قالمىغايسىلەر!!!
Posted: 2008-03-07 00:01 | 9 -قەۋەت
alijan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-18

 

ئۇرۇش تەلۋىسى توجو خېدىكى دىگەن كىتاپنى ئۇقىغان بولساڭلار بۇنداق ئىشلارنى تالاشمايتىڭلار. 
Posted: 2008-03-07 00:05 | 10 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.092233(s) query 4, Time now is:03-21 08:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation