niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 1949 - يىلدىن ئىلگىرى قەشقەردە

1949 - يىلدىن ئىلگىرى قەشقەردە ئىشلىتىلگەن پۇللار


 
مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى


  ھۆكۈمەتنىڭ خەزىنە چېكى ھېسابلىنىدىغان پۇل ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە قەغەز، كۈمۈش ۋە مىستىن ياسالغان ئۈچ خىل ئاقچا ئىدى.قەغەز ئاقچا - قەغەزدىن ياسالغان پۇل بولۇپ، بۇ خىل پۇل بىر ئۆلكىدە ئىككى خىل قوللىنىلغان، يەنى شىمالىي شىنجاڭدا)ئاقسۇ ۋىلايىتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە( خەجلىنىدىغىنى سېڭپيو)ئۆلكە پۇلى(دەپ ئاتالسا، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە خەجلىنىدىغىنى خاپيو)قەشقەر پۇلى( دەپ ئاتىلاتتى، خەلق تىلىدا قەغەز پۇل دېيىلەتتى.ئۆلكە پۇلى بىر سەرلىك بىر خىللا پۇل بولۇپ، ئادەتتە قىممەت جەھەتتە قەشقەر پۇلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى. بۇ خىل پۇلنىڭ پارچە بىرلىكى تۇچتىن ياسالغان يارماق بولۇپ، ئۇ ئۆز قىممىتى ۋە دائىرىسىدىلا ئۆتەتتى.قەشقەر پۇلى بىر سەرلىك ۋە تۆت تەڭگىلىكتىن  ئىبارەت ئىككى خىللا بولۇپ، ئۇنىڭ بىر سەرلىكى بىر سەر تاۋار كۈمۈش بىلەن تەڭ قىممەتكە ئىگە ئىدى. لېكىن خەلق ئىچىدە بىر سەر پۇل 16 تەڭگە ھېسابلانسا، ھۆكۈمەت ھېسابىدا 400 داچەن مىس پۇل قىممىتىگە ئىگە ئىدى.كۈمۈش ئاقچا - ئادەتتە تەڭگە پۇل دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تاۋار ئۆلچىمى بويىچە بىر سەر كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. بۇ خىل پۇلنىڭ پارچىلىرى بىر مىسقال، ئىككى مىسقال، ئۈچ مىسقال ۋە بەش مىسقالدىن ئىبارەت تۆت خىل بولۇپ، ئادەتتە بىر سەر كۈمۈش 10 مىسقال ھېسابلىناتتى.مىس ئاقچا- ئادەتتە بۇ پۇللارنىڭ پارچىسى بولۇپ، بىر داچەن، بەش داچەن، 10 داچەن، 20 داچەن دەپ تۆت خىلغا ئايرىلاتتى. 20 داچەنلىك پۇل ئادەتتە»تىيىن« دەپ ئاتىلاتتى.قەشقەر پۇلىنىڭ بىر سەرى ھازىرقى 10 يۇەن خەلق پۇلىغا تەڭ بولۇپ، پۇلنىڭ ئالدى تەرەپ يۈزىگە»بۇ تىيزا پۇل قەشقەر، خوتەن تەۋەلىكىدە ئۆتىدۇ« دېگەن خەت بېسىلغان بولسا، ئوتتۇرىسىغا»بۇ پۇل ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى، ھەر بىر سەرى 400 داچەنگە باراۋەر« دېگەن خەت بېسىلغان، ئارقا تەرىپىگە » بۇ تىيزا پۇل باج قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، يالغان پۇل چىقارغۇچىلار جازالىنىدۇ« دېگەن خەتلەر بېسىلغان. ئاخىرىغا پۇلنىڭ بېسىلغان ۋاقتى كۆرسىتىلگەن. قەشقەر تىيزىسىنىڭ تۆت تەڭگىلىكى ھەجىم جەھەتتە سەل كىچىكرەك بولۇپ، قىممەت جەھەتتە 100 داچەنگە باراۋەر، ئەمما خەتلىرى بىر سەرلىك پۇلنىڭكىگە تامامەن ئوخشايتتى. بىر سەرلىك قەشقەر تىيزىسىنىڭ قىممىتى شۇ چاغدىكى بىر سەر كۈمۈش تەڭگە بىلەن باراۋەر بولۇپ، خەجلىنىشتىمۇ پەرقلەنمەيتتى. لېكىن كۈمۈش تەڭگىنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولغاچقا، كىشىلەر قەغەز پۇلنى ساقلاشقا ئەپلىك دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلايتتى. شۇڭا بەزىدە پۇل سودىگەرلىرى )سەرراپ( گە كۈمۈش تەڭگە ئۈستىدىن ئىككى - ئۈچ داچەن پۇل بېرىپ، قەغەز پۇلغا ئالماشتۇرۇۋالاتتى. ئۇندىن باشقا ئۆلكە پۇلى جەنۇبتا ئۆتمەيدىغان، قەشقەر تىيزىسى شىمالدا ئۆتمەيدىغان بولغاچقا، جەنۇبتىن شىمالغا بارىدىغانلار قەشقەر تىيزىسىنى، شىمالدىن جەنۇبقا كەلگەنلەر ئۆلكە پۇلىنى مەلۇم باھادا پۇل سودىگەرلىرىگە ساتاتتى. دېمەك، پۇل بۇ مەزگىلدە بىر خىل تاۋارغا ئايلانغان بولۇپ، ئېلىش - سېتىش باھاسى مۇقىم ئەمەس ئىدى، يەنى پۇل ئالىدىغانلار كۆپ بولغاندا باھا ئەرزان، پۇل ئالىدىغانلار ئازايغاندا باھا قىممەت بولغانىدى. بۇ مەزگىلدە سىرتتىن كېلىدىغان ماللارنىڭ باھاسى مالنىڭ كۆپ كېلىش - كەلمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مال باھاسى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ياڭ زېڭشىن ھۆكۈم سۈرگەن 17 يىل ئىچىدە قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى مۇقىم ھەم تۇراقلىق بولۇپ كەلگەنىدى. جىن شۇرېن ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە پۇل مۇقىملىقى بىر مەزگىل داۋاملاشقان بولسىمۇ، 1931 - يىلىغا كەلگەندە باھا جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇشقا باشلىدى. يەنى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى ۋە كېڭىيىشى پۇل مۇقىملىقىنىلا ئەمەس، پۈتكۈل شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىمۇ بۇزۇپ تاشلىغانىدى. جىن شۇرېن قۇمۇل ئىنقىلابىنى باستۇرۇشتا زور ھەربىي چىقىمغا دۇچ كەلگەچكە قەغەز پۇلنى ھەدەپ بېسىۋەرگەچكە، جەمئىيەتتە پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىپ، قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، مال باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن. نەتىجىدە كىشىلەرنىڭ قەغەز پۇلغا بولغان ئىشەنچىسى سۇسلاپ، ئالتۇن - كۈمۈشكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇۋالغان ھەمدە قوللىرىدىكى ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى سىرتقا چىقارمىغان، مىس پۇللارمۇ ئارىدا كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالغان. 1932 - يىلىغا كەلگەندە، مال باھاسى بىراقلا ئۆرلەپ كېتىپ، قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىگە ماس كەلمەس بولۇپ قالغاچقا »پۇل قىممەت ئۆلچىمى« مەيدانغا چىققان.پۇل جىددىيچىلىكى تازا ئەۋجىگە چىققان كۈنلەردە »پارچە پۇل مەسىلىسى« ئوتتۇرىغا چىققان، پارچە پۇللۇق رولىنى ئوينايدىغان تىيىن - داچەنلەر بازاردا يوقاپ كەتكەچكە، تۆت تەڭگىلىك قەغەز پۇل سانى ئاز بولغاچقا پارچە پۇللارنىڭ ئورنىنى باسالماي، سودا - سېتىق ئىشلىرىدا پۇل قىيىنچىلىقى  تۇغۇلغان. مال ساتقۇچىلار بىلەن خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدا ھەركۈنى، ھەر سائەتتە دېگۈدەك جېدەل - ماجىرا بولۇپ تۇرغان. بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاش ئۈچۈن، شۇ چاغدىكى دوتەي مەھكىمىسى بىر مىسقاللىق قەغەز پۇل چىقارغان. 40 داچەن قىممىتىدىكى بۇ تىيزا شىۋېد مەتبەئەسىدە بېسىلغان بولۇپ، سانى چەكلىك ھەم نېپىز بولغاچقا، قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئىككى - ئۈچ قاتلىنىش بىلەنلا يىرتىلىپ كەتكەن. خەلق يىرتىلغان پۇللارنى چاپلاپ ئىشلەتسە سودا - سېتىقتا ئۆتمىگەن. دەسلەپتە ئازراق بېسىققان ماجىرا بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپەيگەن. بۇ ئەھۋال بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مال باھاسىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتكەن. بۇ چاغدا »سودىگەر« قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھۆكۈمەت چېرىكلىرى »پارچە پۇل مەسىلىسى« نى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. مەسىلەن: دۇكاندارغا بىر سەر )10 تەڭگە( پۇل بېرىپ، ئىككى تەڭگىلىك مال ئېلىپ، قالغان 14 تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستىغان، پارچە پۇللارنى ئاياپ ياكى پارچە پۇلى بولمىغانلىقتىن پۇل قايتۇرۇپ بېرەلمىگەنلەرنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغان، شۇنىڭ بىلەن دۇكاندارلار ئىلاجىسىزلىقتىن پارچە پۇل ئورنىغا پۈتۈن پۇللارنى ياكى پۇلنىڭ قىممىتىدىن نەچچچە ھەسسە ئارتۇق مالنى بېرىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاشقانسېرى، قەغەز پۇلنىڭ ئېتىۋارى قالمىغان، قولدىن قولغا ئۆتكەنلىرى پۇرلىشىپ، يىرتىلىپ كەتكەن. ھۆكۈمەت بانكىسى يىرتىلغان پۇللارنى دەسلەپتە يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، كېيىنچە بۇنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان. ھەتتا باج ئورۇنلىرىمۇ چاپلىغان، يىرتىق پۇللارنى ئالمايدىغان بولۇۋالغان. ئەھۋال شۇنداق داۋاملىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن »ياماق پۇل« سودىسى بارلىققا كېلىپ، بىر سەر يېڭى پۇلى بارلار بۇنى بىر نەچچە سەر ياماق پۇلغا ئالماشتۇرغان. بولۇپمۇ چېرىكلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ئىشىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرغان، يەنى ئىش ھەققى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن يېڭى قەغەز پۇللارنىڭ بىر سەرىنى بىر نەچچە سەر ياماق پۇلغا تېگىشكەن. ئەمما دۇكاندارلارغا بېسىم ئىشلىتىپ ياماق تىيزىنىڭ ئۆز قىممىتى بويىچە مال سېتىۋالغان. لېكىن ھۆكۈمەت چېرىكلەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئالدىنقى سەپكە بېرىشتىكى قىسمەن رولىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتىنى تىزگىنلىيەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن چېرىكلەر تېخىمۇ ئەشەددىيلىشىپ پۇلنى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان پاخال ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان. ھەمدە پۇلنى قىمار سورۇنلىرىدا پۇرلاپ يىرتىپ خەلققە كۆز - كۆز قىلغان. چېرىكلەرنىڭ مۇنداق قىلمىشىغا چىدىيالمىغان خەلق شۇ مەزگىلدىكى ھۆكۈمەتتىن نارازى ھەم بىزار بولغان. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر يولى ئېتىلىپ قېلىپ، ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان پۇل ئۈزۈلگەن. قەشقەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەت بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى سۈپىتىدە »ياماق تىيزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 400 داچەن، 100 داچەن دېگەن خەنزۇچە خەت ساق بولسىلا ئۆتۈۋېرىدۇ« دېگەن بۇيرۇقنى چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن قالايمىقانچىلىق بىر مەزگىل ئازراق ئوڭشالغان بولسىمۇ، كېيىن چېرىكلەر يەنە ئىشنى بۇزغان، يەنى ئىش ھەققى ئۈچۈن ئالغان يېڭى پۇللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرىقىدەك خەنزۇچە خەتلەرنى ئويۇپ ئېلىۋېلىپ، يىرتىق پۇللاردىن قوراشتۇرۇلغان ياماق پۇلنىڭ ئوتتۇرىسىغا چاپلىغان. خېتى ئويۇۋېلىنغان يېڭى پۇللارغا بولسا يىرتىق پۇلنىڭ مەلۇم خەتلىرىنى چاپلاپ قويغان. خەنزۇچە خەت بىلمەيدىغان بىچارە پۇقرالار يۇقىرىقىدەك ساختا پۇللارغا چېرىكلەرگە مال سېتىۋەرگەن. ئاخىرىدا بۇ پۇللارنىڭ قىممىتى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، ھەر ئىككىسى ساختا پۇل دەپ ئېلان قىلىنغان. لېكىن ۋەھشى چېرىكلەر يەنە ساختىلىقتىن قول ئۈزمەي پۇقرا، سودىگەرلەرنى بوزەك قىلىشقا باشلىغان، زۇلۇمغا چىدىمىغان سودىگەرلەر تىجارەتنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان.ئەھۋال شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ پۇلغا بولغان ئېھتىياج خەلقنى قىيناۋەرگەنلىكتىن، ھۆكۈمەت شىمالىي شىنجاڭدا ئۆتۈدىغان ئۆلكە پۇلىنى جەنۇبتىمۇ ئىشلىتىشكە يول قويغان. بىر سەر قەشقەر پۇلىغا تۆت سەر ئۆلكە پۇلى ئالماشتۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، شىمالنىڭ پۇلى جەنۇبقا كۆپلەپ كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنقىلاب يالقۇنى جەنۇبقىمۇ تۇتىشىپ، قەشقەردە بۇ يالقۇننى ئۆچۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىنغان بولسىمۇ، دەماللىققا كۈچ يېتىشمىگەنلىكتىن جەنۇبتىكى ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ دىۋىزىيە قوماندانى جىن شۇجى )جىن شۇرېننىڭ 2 - ئىنىسى( ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. جىن شۇجىنىڭ ئورنىغا قوماندان بولغان ماشاۋۋۇ يۇرت - يۇرتلارغا چېرىك ئالۋىڭى سېلىپ، يىغىلغانلارنى ئۇدۇللۇق شىمالغا ماڭدۇرغان. بۇنىڭ بىلەنمۇ ھاكىمىيەت پۇت تىرەپ تۇرالماي، 1933 - يىلى جىن شۇرېن تەختتىن چۈشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆلكە پۇلىنىڭ كۇرسى يەنە تۆۋەنلەپ ئۆتمەس بولۇپ قالغان. شۇڭا خەلق بۇ پۇلنى مازاق قىلىپ لەڭپاي دەپ ئاتىۋالغان. 1933 - يىلى 5 - ئايدا قەشقەر شەھرى ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن مەزگىلدىمۇ بازار ۋە مال باھاسى جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق يەنىلا ئېغىر ئىدى. لېكىن سابىت داموللىنىڭ ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، تەرتىپكە چۈشۈپ، مال مەنبەسى كېڭەيگەن، باھا بارا - بارا تۆۋەنلىگەن. چۈنكى بۇ چاغدا شىمالدىن كەلگەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدا پۈتۈنلەي ئۆلكە پۇلى بار بولغاچقا تۆمۈر سىجاڭ ئۆلكە پۇلىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەش سەر ئۆلكە پۇلىنى بىر سەر قەشقەر تىيزىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولۇدىغانلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغان.بۇنىڭغا ئۇلاپلا قەشقەر ۋالىيسى يۈنۈسبەگ سەئىدى يېڭى پۇل قۇيۇش ئىشىنى كەڭ كۆلەمدە باشلىغان. يېڭىدىن قۇيۇلغان پۇللار بىر سەرلىك كۈمۈش پۇل، 10 داچەنلىك ۋە 20 داچەنلىك مىس پۇل بولۇپ، بۇرۇنقى پۇللاردىن كىچىك ئىدى. 1933 - يىلى 8 - ئايدا تۇڭگان ماجەنساڭ بىلەن قىرغىز ئوسمان ئەلى بىرلىشىپ قۇرغان تەشكىلات تەرىپىدىن تۆمۈرسىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەر شەھرى سەككىز كۈن تۇڭگانلار قولىغا ئۆتكەن. بۇ مەزگىلدە تۇڭگانلار ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىكى مەبلەغلەرنى يېڭىشەھەرگە توشۇپ كەتكەن. ئەمما ئۇلار يېڭىدىن قۇيۇلغان پۇللارنى ئوتتۇرىغا چىقارغىچە ئۇيغۇر - قىرغىز بىرلەشمىسى شەھەرنى تۇڭگانلاردىن تارتىۋالغان. بىراق بىر قىسىم بۇلاڭچىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خەزىنىدىكى مال ۋە پۇللارغا قوشۇپ يېڭى قۇيۇلغان پۇللارنىمۇ بۇلاپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يېڭى پۇل ئىشلىتىلمەي تۇرۇپلا يوقاپ كەتكەن. بۇ پۇلدىن خەلق قولىدا ساقلىنىپ قالغانلىرى ھازىرمۇ ئاندا - ساندا ئۇچرايدۇ.1933 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ماجەنساڭغا قارشى يېڭىشەھەر مۇھاسىرىسى ئۇرۇشى بارلىققا كەلگەن. ماشاۋۋۇ يەنىلا يېڭىشەھەردە دوتەيلىك ئەمىلىدە بولۇپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى قامداش ئۈچۈن »ياغ تىيزا« دەپ ئاتىلىدىغان قەغەز پۇلنى چىقارغان. بۇ پۇل خام سۈرۈپ )يەڭبيو( نى ياغقا چىلاش ئارقىلىق ياسالغان بىر سەر ئۆلچىمىدىكى پۇل بولۇپ،  يېڭىشەھەرنىڭ ئۆزىدىلا بىر مەزگىل خەجلەنگەندىن كېيىن، 1934 - يىلنىڭ  باشلىرىدا قەشقەر قايتا تۇڭگانلار قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىدىمۇ خەجلىنىشكە باشلىدى. لېكىن قەشقەر خەلقى بۇ پۇلنى تازا ياقتۇرماي، سابىت داموللا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1933 - يىلى چىقىرىلغان قەغەز پۇل - ئاق تىيزىنى خەجلەشكە باشلىغان.  بۇ پۇل بازارغا يامان تەسىر كۆرسەتمىگەن.قىسقىسى، 1933 - 1934 - يىللىرى قەشقەردە ئىشلىتىلگەن پۇللار قەشقەر پۇلى، ئۆلكە پۇلى، ياغ تىيزا، ئاق تىيزا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان. قەشقەر پۇلى بىلەن ئۆلكە پۇلى 1939 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىتىلگەن، ياغ تىيزا، ئاق تىيزالار 1934 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.1939 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت »يۇەن«ياكى »دوللار« دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇەن، ئۈچ يۇەن، بەش يۇەن، بەش پۇڭ، 10 پۇڭ، 20 پۇڭ ۋە 50 پۇڭلۇق قەغەز پۇلنى چىقارغان بولۇپ، بۇ خىل پۇل 1940- يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىمۇ  بۇ پۇل يەنىلا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، مەركەز ۋە ئۆلكە تەرىپىدىن چىقىرىلغان »دۆلەت پۇلى« دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانچە خىل پۇللار ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، يەنە پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىققان. بۇ ئەھۋال تاكى 1949 - يىلىغىچە داۋاملاشقان. 1949 - يىلىدىن كېيىن بىرلىككە كەلگەن خەلق پۇلى بارلىققا كېلىپ بازار تەرتىپى ئوڭشالغان.
تەھرىرلىگۈچى: ئابلىز ئورخۇن

مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2001 - يىلى 4 - سان
bilqut
Posted: 2008-01-08 22:10 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي

Total 0.063519(s) query 3, Time now is:03-21 08:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation