udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 خوتەننىڭ گىلەمچىلىكى

خوتەننىڭ گىلەمچىلىكى
توختىنىياز تۇرسۇن
(خوتەن رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)

 خوتەن يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيىسىگە جايلاشقان ئۇزۇن تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. بۇ زېمىندا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۈيۈك تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ياراتقۇچىلىرى سۈپىتىدە، قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا يۇڭ توقۇمىچىلىق جۈملىدىن گىلەمچىلىكنى راۋاجلاندۇرغان.گىلەمچىلىك بىرخىل قول ھۈنەر سەنئىتى، گىلەم بولسا ھەم ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە بەدىئىي سەنئەت بۇيۇمى، ھەم ئىقتىسادىي قىممەتكە ۋە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تۇرمۇش لازىمەتلىكى ھېسابلىنىدۇ.خوتەندە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا قوي يۇڭىنى خام ئەشيا قىلىپ رەڭدار، كۆركەم، يەرلىك تۈسى قويۇق بولغان گىلەم توقۇش ھۈنەر - سەنئىتىنى كەشىپ قىلغان. گىلەمچىلىك ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ بارغان. بۇ ھۈنەر - سەنئەت ئۇستىلارنىڭ شاگىرت تەربىيىلىشى ئارقىلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلدى ۋە گىلەمنىڭ تۈرلىرى، گۈل نۇسخىلىرى، رەڭلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. تۆۋەندە خوتەن گىلەمچىلكىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
خوتەن گىلەمچىلىكىگە دائىر  ئەپسانە - رىۋايەتلەر
 گىلەم خوتەن خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ مەھسۇلى. خوتەن گىلەمچىلىكىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرىلا گىلەمچىلىك خېلى تەرەققىي قىلغانلىقى توغرىسىدا تارىخىي خاتىرىلەر ۋە ئەپسانە - رىۋايەتلەر بار. «گىلەمچىلىك پىرى -نەقشىۋەن پىرىم ئەپسانىسى»، «خوتەن گىلىمى − گۈلەم ئەپسانىسى»، «ياڭاق ھەققىدە يېڭى رىۋايەت» قاتارلىق ئەپسانە - رىۋايەتلەر ئەسىرلەردىن بىرى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. ئەپسانە - رىۋايەتلەردە بەدىئىي توقۇلما ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا، ئۇنى ھەقىقىي تارىخنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمىسىمۇ، ئو بىزنى بىرەر شەيئىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشى توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 گىلەمچىلىك پىرى − نەقشىۋەن پىرىم ئەپسانىسى
 بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا خوتەندىكى يۇرۇڭقاش دەرياسى بويى باھار تۈسىگە چۆمگەن بىر كۈندىكى چۈش ۋاقتىدا يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي قوش قاناتلىق دۇلدۇلغا مىنىپ، ئاسماندىن كىشىلەر ئارىسىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ مىنگەن دۇلدۇلنىڭ ئىگىرىگە رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان چىرايلىق گىلەم سېلىنغانىكەن، بۇ بوۋاي ئەرشتىكى گىلەمچىلىك پىرى بولۇپ، ئىنسانلارغا گىلەمچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن چۈشكەنىكەن )كېيىن كىشىلەر بۇ گىلەمچىلىك پىرىنى نەقشىۋەن پىرىم دەپ ئاتىغان(، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئىچىدە گۈزەل بىر قىز بولۇپ، ئىسمى گۈلەمخان ئىكەن. گۈلەمخان بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن سەمىمىي نىيەت بىلەن نەقشىۋەن پىرىمنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپتۇ. قىزچاق ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق گىلەم توقۇش ھۈنىرىنى ئوبدان ئىگىلىۋاپتۇ، ھۈنەرنى ئىگىلەپ بولغان كۈنى نەقشىۋەن پىرىم خوشلاشماستىنلا بۇلۇت يېرىپ ئەرشكە يېنىپتۇ. گۈلەمخان ئۆمۈر بويى گىلەم توقۇپ، ئۇستازىنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ۋە ھۈنىرىنى كېيىنكىلەرگە ئۆگىتىپتۇ. كېيىنكىلەر گۈلەمخاننىڭ ئۆمۈر بويى ھۈنەردىن قول ئۈزمىگەنلىكىنى ۋە بۇ ھۈنەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىپ قويغانلىق تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۆز يىپنى ئۆرۈش، يۇڭ يىپنى ئارقاق قىلىپ توقۇلغان بۇ سېلىنجىغا »گىلەم« دەپ ئات قويۇپتۇ①.
خوتەن گىلىمى − گۈلەم ئەپسانىسى
 خوتەن پادىشاھىنىڭ گۈلەم ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇ قىز ھەر خىل كەشتىلەرنى توقۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا قۇشلارنىڭ تىلىنىمۇ بىلىدىكەن. بىر كۈنى بۇ قىزنىڭ دادىسى ئۆز ۋەزىرلىرى بىلەن دەريا بويىدا تاماشا قىلىۋاتقاندا بىر قۇشنىڭ باشقا قۇشلارغا ئوخشىمايدىغان ئاۋازدا سايراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ، بۇنىڭغا ئەجەپلەنگەن شاھ ۋەزىرلىرىدىن: »بۇ قۇش نېمە دەپ سايراۋاتىدۇ؟ قۇشنىڭ تىلىنى كىم بىلىدۇ؟« دەپ سوراپتۇ، ۋەزىرلەر بۇ قۇشنىڭ تىلىنى ئۇنىڭ قىزىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قىزنى چاقىرىپ سوراپتۇ. شاھنىڭ قىزى يەنى مەلىكە: »بۇ قۇش ئايال كىشى شاھنى گاداي قىلىۋېتىشىمۇ،  گاداينى شاھ قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن، دەپ سايراۋاتىدۇ« دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ شاھ غەزەپلىنىپتۇ - دە، بىر گاداينى چاقىرىپ ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىپ: »مانا ئەمدى ئۇنى سەن شاھ قىلىپ باق« دەپ ئۇلارنى چۆلگە ھەيدىۋېتىپتۇ.گاداي چۆلدىن ئوتۇن تېرىپ توشۇپ بازارغا ئەكىلىپ ساتىدىكەن، تاپقان پۇلىغا ھەر كۈنى يىپ سېتىۋېلىپ ئايالىغا ئەكىلىپ بېرىدىكەن، گۈلەمخان ئېرى ئەكىلىپ بەرگەن يىپتىن ھەرخىل كەشتىلەرنى توقۇيدىكەن. ئېرى ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن، پەيدىن پەي ئۇ گىلەم توقۇشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىپ ئاجايىپ چىرايلىق، جۇلالىق گىلەملەرنى توقۇپتۇ، ئېرى بۇ گىلەملەرنى سېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كاتتا باي بولۇپ كېتىپتۇ. ئاخىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇرۇنقى گاداي  ئۆزى ئوتۇن ئاپىرىپ ساتقان شەھەرگە پادىشاھ بوپتۇ.بىر كۈنى گۈلەمخان دادىسىنى مېھمانغا چاقىرىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېرى شاھلىق سەلتەنىتى بىلەن قىزنىڭ دادىسىنى قوبۇل قىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن شاھ ھېلىقى قۇشنىڭ سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ شاھ ئەل - جامائەت ئالدىدا قىزى توقۇغان بۇ گىلەمگە ئۇنىڭ نامىنى بېرىپتۇ، شۇندىن باشلاپ خوتەن گىلەملىرىنىڭ ئايرىم تۈرلىرى گۈلەمخاننىڭ نامى بىلەن »گۈلەم گىلىمى« دەپ ئاتالغانىكەن②.
ياڭاق ھەققىدە رىۋايەت
 ئېيتىشلارغا قارىغاندا ياڭاق ئەڭ دەسلەپتە قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرىدىغان ئىلاھىي ئانىنىڭ خاسىيەتلىك مېۋىسى ئىكەنمىش. قەدىمكى ئۇدۇن دۆلىتى )ھازىرقى خوتەن( دە ئامانتۇر ئىسىملىك بىر يىگىت بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇدۇن دۆلىتىدىكى ئابرويلۇق خالۋاپ بولۇپ، تۈرلۈك - تۈمەن نۇسخىلاردا گىلەم توقۇيدىكەن. پادىشاھ ئۇنىڭغا گىلەم توقۇش ھۈنەر - سەنئىتىنى كېيىنكىلەرگە ئۆگىتىپ، ئۇدۇن گىلەمچىلىكىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇشنى ئەمىر قىلىپتۇ. ئامانتۇرنىڭ ئانىسى پادىشاھنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەپتۇ، ئەمما ئۇزاققا قالماي چارچاپ ھالىدىن كېتىپتۇ - دە، ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ. گىلەم توقۇشنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئىشى بولسا ئورۇندالماي قېلىۋېرىپتۇ. يىراق - يېقىندىن تەكلىپ قىلىپ كەلگەن داڭلىق تېۋىپلارنىڭ ھەممىسى پەقەت قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئىلاھى ئانىنىڭ خاسىيەتلىك مېۋىسىلا ئامانتۇرنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلىنى ساقايتالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەپسۇسكى ئىلاھىي ئانىنىڭ خاسىيەتلىك مېۋىسىنى ئادەمزاتنىڭ ئۈزۈشى مەنئى قىلىنغانىكەن. ئىلاھىي ئانا ھەر كۈنى ئىككى قاۋۇل دىۋىنى خاسىيەتلىك مېۋە دەرىخىنى قوغداشقا ئەۋەتىدىكەن، ئەگەر ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە بارسا خاسىيەتلىك مېۋىنى ئالالمايلا قالماستىن،  ئۆز جېنىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىكەن. ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئامانتۇرنىڭ ئانىسىنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ خاسىيەتلىك مېۋىنى ئېلىپ كېلەلىگەن كىشىنى ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ كېيىنكى پادىشاھى قىلىپ بەلگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە پەرمان جاكارلاپتۇ. ئامانتۇر پەرماننى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ئاشۇ خاسىيەتلىك مېۋىنى ئېلىپ كېلىپ ئانىسىنى ۋە ئۇدۇن گىلىمىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا بەل باغلاپتۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قىلماقچى بولۇشتىكى مەقسىتى ھەرگىزمۇ پادىشاھلىق تاجۇ - تەختىگە ئېرىشىش ئەمەس ئىكەن.ئامانتۇر يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى يۇرۇڭقاش دەرياسىغا بېرىپ، دەريا تېگىدىن ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغان بىر زۇلپىقارنى ئېلىپ چىقىپتۇ، ئاندىن كېيىن قاراقۇرۇم تېغىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئامانتۇر يەتتە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ مەنزىلگە يېتىپ كەپتۇ ۋە ئىلاھىي ئانىنىڭ دىۋىلىرى بىلەن ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ، ئۇلارنى يەڭگەندىن كېيىن ئۇدۇل خاسىيەتلىك مېۋە دەرىخىنىڭ يېنىغا كەپتۇ ... دەل شۇ چاغدا ئىلاھىي ئانا ئامانتۇرنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ ۋە ئامانتۇر ئىلاھىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئامانتۇر ئىلاھىي ئانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ قويۇپ، تولىمۇ خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ: ئەي شاپائەتلىك ئىلاھىي ئانا، مېنىڭ ئانام ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ گىلەمچىلىك ھۈنەر - سەنئىتىنى باشقىلارغا ئۆگىتىۋاتاتتى، ھازىر ئۇ كېسەل بولۇپ قېلىپ، ھاياتى ئېغىر خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئالەمدە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى پۈتۈن ئانىلارنىڭ روھى دېيىشىدىكەن، ھۆرمەتلىك ئىلاھىي ئانا، ئەگەر سىز مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ شۇ تاپتا سىز مېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسىڭىز مەيلى، لېكىن مەن خىسلەتلىك مېۋىنى ئانامغا ئاپىرىپ بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆلتۈرسىڭىز، مەن ئانامنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىم، ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ گىلەمچىلىكىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىم كېرەك! ئەگەر تەلىپىمنى قوبۇل قىلمىسىڭىز ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ!ئامانتۇرنىڭ بۇ تەسىرلىك سۆزلىرى ئىلاھىي ئانىنى چوڭقۇر ئويغا ساپتۇ. ئۇ چوڭقۇر خۇرسىنىپ قويغاندىن كېيىن، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ خاسىيەتلىك مېۋە دەرىخىنى ئامانتۇرغا تاپشۇرۇپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ئامانتۇرمۇ بۇ دەرەخنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپتۇ. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ھېلىقى خاسىيەتلىك مېۋە دەرىخى خوتەن دىيارىدا يەرلىشىپتۇ ۋە ئاينىشقا باشلاپتۇ. بۇ خاسىيەتلىك دەرەخنىڭ مېۋىسى كېيىنكى كۈنلەردە ياڭاق دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ياڭاقنى ئىتتىپاقلىق ۋە مېھرى مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدىغان بوپتۇ③.
خوتەن گىلەمچىلىكىگە ئائىت  يازما مەلۇماتلار

 جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلىرىدىن «قەدىمنامە» نىڭ بىر قىسمى بولغان «يۈيگۇڭ»، «جۇنامە. ۋاڭ شەرھى»، «ئىزاھنامە» قاتارلىق تارىخىي خاتىرىلەردە تارىم ئاھالىسىنىڭ گىلەمچىلىكى توغرىسىدا خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.ئېلىمىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا گىلەم «تادىڭ» دەپ خاتىرىلەنگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان شۈي شىن يازغان «ئىزاھنامە» دە: «چۈيشۇ، تادىڭ دېگەنلەر ... تەڭلىمات، گىلەم تىپىدىكى مالدۇر» ④ دېيىلگەن. «قەدىمنامە» نىڭ بىر قىسمى بولغان «يۈيگۇڭ» دېگەن كىتابتا: «تارىم ئاھالىسىنىڭ گىلەمچىلىك ھۈنىرىنى خېلى بۇرۇنلا ئىجاد قىلغان» نلىقى خاتىرىلەنگەن بولسا، «جۇنامە ۋاڭ خۇي شەرھى» دە بايان قىلىنىشىچە، «شاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى يى يىننىڭ پەرمانى بىلەن غەربتىكى قۇرۇم قاتارلىق جايلار باج- خىراج ئورنىدا ھەر يىلى شاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇلدارلىرىغا يۇڭ توقۇلما ماللار بېرىپ كەلگەن » ⑤ دەپ خاتىرىلەنگەن.«قەدىمكى نەغمىلەر. گەنسۇنىڭ غەربىگە ساياھەت» تە : «مېھمان تۆر ئۆيگە باشلىنىدۇ، زىلچا سېلىنىدۇ» ⑥ دېيىلگەن؛ »ئۈچ رايوننىڭ خانلىق خەرىتىسى، تۈگەنچە ئوردا« دېگەن كىتابتا: »يەرگە زىلچا - پالازلار سېلىنغان« ⑦ دېيىلگەن. نىيە ناھىيىسىدىن تېپىلغان كارۇشتى يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈكلەردىمۇ «خوتەن گىلىمى» دېگەن ناملار خاتىرىلەنگەن ⑧. سىما چيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر . شيا خانلىرى تەزكىرىسى» دە: «كۆنچىلىك قىلىدىغان، يۇڭدىن رەخت توقۇيدىغان، كۇنلۇن، شىجى، چۈسۇ، غەربىي رۇڭلار قاتارلىق غەربتىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسى يۈنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۆز كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللاندى» ⑨ دەپ يېزىلغان. «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە: چىڭ دەۋرىدە خوتەننىڭ ھۆكۈمرانلىرى خان ئوردىسىغا تارتۇق قىلىش ئۈچۈن گىلەم ئاپارغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بېيجىڭدىكى خانسارىيى مۇزېيىدا خوتەننىڭ «ئانار گۈلى»، «چاچما گۈل» نۇسخىلىق گىلەملىرى ساقلانماقتا10.
شۇ نەرسىگە دىققەت قىلىش كېرەككى، يۇقىرىدىكى خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنغان «غەربتىكى قاراقۇرۇم، كوئېنلۇن» دېگەن ئىسىملار ئەسلىدە بىر جاينىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ھازىرقى كۈندە «كوئېنلۇن» دەپ ئاتاۋاتقان تاغلارنى قەدىمدە «قۇرۇم تاغلىرى» دەپ ئاتايتتى. «قۇرۇم» ئەسلىدە تۈركچە نام بولۇپ، كېيىنچە خەنزۇ تىلىدا «昆仑» دەپ يېزىلغان. قارا قۇرۇم بولسا «喀喇昆仑» دەپ يېزىلغان. مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «قۇرۇم تاغ» نى «قۇرۇم قاشلىق تاغ»11 دەپ يازغان. «قۇرۇم قاشلىق تاغ» كېيىنكى مەزگىللەردە «كوئېنلۇن» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، لېكىن قاراقۇرۇم تاغلىرى يەنىلا ياۋروپا تىللىرىدا ئۆزگەرتىلمەي ئەسلى تۈرك تىلى بويىچە «قارا قۇرۇم» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. تارىختىن بېرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن كېرىيە دەرياسىنىڭ ئارىلىقى «قۇرۇم تاغلىرى» دەپ ئاتالسا، يەكەن دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى تاغلاردىن غەربىي چېگراغىچە بولغان تاغلار «قاراقۇرۇم تاغلىرى» دەپ ئاتالغانىدى. قەدىمكى خەنزۇچە، تۈركچە تارىخىي يازما مەنبەلەردە «كوئېنلۇن»، «قۇرۇم» دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ بۈگۈنكى خوتەن (ئۇدۇن) ئىكەنلىكىنى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ئالىملار ئېتىراپ قىلماقتا. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، خوتەننىڭ يۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرىدىن پالاز، زىلچا - گىلەم، كىگىز، چەكمەن قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ شيا سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئېلىپ بېرىلغان.يۇقىرىدىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن بۇنىڭدىن 2000 يىللار بۇرۇنلا خوتەننىڭ يۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرىدىن پالاز، زىلچا - گىلەم، كىگىز، چەكمەن قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
خوتەن گىلەمچىلىكى توغرىسىدا ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلار

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خوتەن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە قولغا كەلگەن گىلەم ئەۋرىشكىلىرى ۋە تارشا پۈتۈكلەر خوتەن گىلەمچىلىكىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. 1959 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى نىيە خارابىسىدا تۇنجى قېتىم ئارخېلوگىيىلىك قېزىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇلار بۇ قېتىملىق قېزىشتا بىر پارچە گىلەم ئەۋرىشكىسىنى بايقىغان. ئۇ مىلادىيە 25 − 220 - يىللار ئارىلىقىدىكى دەۋرگە مەنسۇپ بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىدا بايقالغان ئەڭ قەدىمكى گىلەم ئەۋرىشكىسى شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ قەدىمكى گىلەم ھېسابلىنىدۇ.12 1980 - يىل 12 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىن سابىت ئەخمەت، ئەخمەت رېشىت قاتارلىقلار بۇ خارابىنى 2 - قېتىم تەكشۈردى. تەكشۈرۈش جەريانىدا قومۇش، بورا، تېرە، كىگىز، پالاس، گىلەملەرگە ئوراپ رەتسىز كۆمۈلگەن جەسەتلەر تېپىلغان. بۇ يەردىن تېپىلغان بىر جەسەت ئورالغان گىلەم توقۇلۇش جەھەتتە ئالاھىدە بولۇپ، خۇددىي چىبەرقۇتقا ئوخشاش بىر يولى مويلۇق، بىر يولى مويسىز، مويىنىڭ ئۇچى كېسىلمەي، لۆڭگە مويىغا ئوخشاش ئىلمەك ھالەتتە توقۇلغان. بۇ گىلەم توقۇلۇش تېخنىكىسى ۋە سۈپىتىدىن قارىغاندا 1954 - يىلى مۇشۇ خارابە ئەتراپىدىن تېپىلغان، مىلادىيە 3 - ئەسىرگە تەئەللۇق گىلەمدىن خېلى ئىلگىرى تۇرىدۇ.13 1995- يىل 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق - ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ئاساس قىلىنغان جۇڭگو − ياپونىيە نىيە خارابىسىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتى نىيە خارابىسىدا 7 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە 3 - نومۇرلۇق قەبرىنى رەتلەش بىلەنلا ھەيران قالارلىق نەتىجە قولغا كەلدى. 3 - نومۇرلۇق تاۋۇت تاختايدىن ئۇزۇنچاق تۆت چاسا قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2.30 مېتىر، كەڭلىكى 0.90 مېتىر، ئېگىزلىكى 0.915 مېتىر كېلىدۇ. تاۋۇت ياغاچ مىقلار بىلەن مىقلاپ قۇراشتۇرۇلغان، تاختاينىڭ تۇتاشتۇرۇلغان جايلىرىغا سېغىز لاي سۇۋاپ ھىملانغان، تاۋۇت ئەتراپىغا 15 سانتىمېتىر كەڭلىكتە سامان، تېرىق پاخىلى قويۇلغان، تاۋۇت ئۈستىگە ئىككى پارچە رەڭلىك يۇڭ گىلەم يېپىلغان، ئۈستىدىكى گىلەم چىغ يوللۇق قىلىپ توقۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 2.63 مېتىر، كەڭلىكى 1.76 مېتىر. ئۇنىڭ ئاستىدىكى گىلەم رەڭدار گىلەم بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭ ئىچىگە ئادەم شەكلى چۈشۈرۈلگەن، بۇ گىلەمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.90 مېتىر، كەڭلىكى 1.26 مېتىر. گىلەم خېلى ياخشى ساقلانغان، رەڭلىرىمۇ ئۆچمىگەن. بۇ شىنجاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى گىلەملەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ گىلەم ھېسابلىنىدۇ.14 1984- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى  ئورنىدىكى خادىملار سامپول قەدىمكى قەبرىستانلىقىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش جەريانىدا قەبرىستانلىقتىن ياغاچتىن ياسالغان ھەر خىل بۇيۇملار، ساپال بۇيۇملار، يۇڭ توقۇلمىدىن تىكىلگەن كىيىم - كېچەك، ھەر خىل ھەر رەڭدىكى رەخت، گىلەم، كىگىز، يۇڭ پالاس، شايى، مەشۈت، ئوقيا، ئوق، مىس كۆرگۈ، ئۇرچۇق، يىك، تۈمۈر، ئورغاق، ياغاچ گۈرجەك، تارغاق، سۈزگۈچ، يەلپۈگۈچ، ھاسا قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى تاپقان. يۇڭ توقۇلمىلار ئىچىدە پالاس، گىلەملەر خېلى كۆپ، پالاسلار ئۆز رەڭگىدە سىيدام توقۇلغان بولۇپ، جەسەت يۆگەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. گىلەملەر رەڭدار توقۇلغان بولۇپ، تۆت خىلغا يېتىدۇ. ئىگەر - توقۇم بىلەن توقۇلغان ھالەتتە كۆمۈلگەن 61Mنومۇرلۇق ئات ئىگىرىنىڭ ئۈستىگە cm73  چوڭلۇقتىكى گىلەم يېپىلغان. گىلەمنىڭ تۆت بۇرجىكىدە چۇچىسى بار. بۇ يادىكارلىقلار مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردىن مىلادىيە 3 - ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەرگە تەئەللۇق يادىكارلىقلار بولۇپ، روشەن دەۋر خۇسۇسىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن. بۇ گىلەملەر قەدىمكى ئۇدۇن گىلەمچىلىك تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ15.
كارۇشتى يېزىقىدىكى 222 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: »بەش شى adini ئۇرۇق تېرىغىلى بولىدىغان بىر پارچە akri يەرنى، يەنە بىر بۆلەك تېرىغىلى بولىدىغاب بەش شى aaini يەرنى بىر كىشىگە تەقدىم قىپتۇ. تەقدىم قىلغۇچى 10 مۇل قىممىتىدىكى بىر پارچە يىرىك گىلەمدىن ئىبارەت رەھمەت سوۋغىسىغا ئىگە بولىدۇ . 16  432- نومۇرلۇق ھۆججەتتە: «مەلۇم بىر چاغدا خانىش بۇ جايغا كەلگەندە بىر تىللا سوراپتۇ، بۇ جايدا ئالتۇن بولمىغاچقا، مەن قاتارلىقلار ئالتۇن ئورنىغا 31 غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى بىر گىلەمنى بەردۇق».17  579 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە: «بىر مىلغا 10 شى ئۇرۇق تېرىغىلى بولىدىغان بىر پارچە يەرنى سېتىپ ھەققىگە 12 مۇلغا يارايدىغان، 13 غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى بىر گىلەمنى ئاپتۇ» 18 دېيىلگەن. 592 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە: «بىر قىزنى سېتىپ ئۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن 30 مۇلغا يارايدىغان بىر تۆگە، بىر پارچە ئۇدۇن گىلىمىگە ئېرىشىپتۇ»19دېيىلگەن.
خوتەن قويى ۋە خوتەن گىلىمى
 خوتەن گىلىمى خوتەن قويىنىڭ يۇڭى بىلەن پاختىنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلىدۇ.ئۇزۇن مۇددەتلىك شەرق، غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقە جەريانىدا سىرتنىڭ ياخشى نەسلىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىش، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق، خوتەن قويىنىڭ يەرلىك ئىكېئولوگىيىلىك مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ھازىرلىنىپ، پەيدىنپەي بۈگۈنكى خوتەن قويىدىن ئىبارەت بۇ ئېسىل نەسىل شەكىللەنگەن.خوتەن قويى قۇرغاقچىلىق، ئىسسىق ۋە تېمپېراتورىدىكى كۈچلۈك ئۆزگىرىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ھەرخىل ئوت - چۆپ بىلەن باققىلى بولىدىغان، چۆل - جەزىرىدە ياشىيالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. خوتەن قويىنىڭ يۇڭىدىن توقۇلغان خوتەن گىلىمى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەۋزەللىك، خوتەن خەلقىنى بېيىتىشنىڭ مۇھىم يولى. شۇڭا خوتەن قويى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چارۋىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 1959- يىلى نىيە ناھىيىسىدىكى نىيە خارابىسىدىن بىرقانچە گىلەم پارچىسى تېپىلغان. نىيە خارابىسىدىن چىققان كارۇرشتى يېزىقىدىكى تارىشا پۈتۈكتە خوتەن گىلىمى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ماددىي نەرسىلەر ۋە ماتېرىياللار خوتەن گىلىمىنىڭ ئاز دېگەندە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكلىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان خوتەن گىلىمى پارچىلىرىنىڭ خام ئەشياسى خوتەن قويىنىڭ يېرىم يىرىك يۇڭى بولۇپ، بۇنىڭدىن شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا خوتەندە يېرىم يىرىك يۇڭلۇق قوي بېقىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.خوتەن قويىنىڭ جۇغى كىچىكرەك بولۇپ، چىداملىق كېلىدۇ. كۆپىنچىسىنىڭ گەۋدىسىنىڭ رەڭگى ئاق، باش قىسمى ۋە تۆت پۇتىنىڭ رەڭگى ھەرخىل رەڭدە بولىدۇ. خوتەن قويىنىڭ يۇڭى ئاساسلىقى ئىنچكە يۇڭ، ئىككى تىپلىق يۇڭ ۋە يىرىك يۇڭ دەپ ئايرىلىدۇ ھەمدە ئاز ساندىكى قىلپاڭ يۇڭمۇ بولىدۇ، يۇڭى بۈدرە، ئۇزۇن، ئىلاستىكىلىقى كۈچلۈك، چىڭ كېلىدۇ، يۇڭنىڭ ئاقلىق دەرىجىسى ياخشى، پارقىراق، كېلىدۇ، ساپ يۇڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، %70 ئەتراپىدا بولىدۇ.خوتەن قويىنىڭ يۇڭىنىڭ تەركىبىدە %90 مۈڭگۈزسىمان ماددا، %40 ئەتراپىدا كاربون بار. قوي يۇڭى تالاسىدىكى مۈڭگۈزسىمان ماددا مالېكۇلىسى 18 − 21 خىل ئامىنو كىسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇرەككەپ، يۇقىرى مالېكۇلىلىق بىرىكمىدىن ئىبارەت. يۇڭ تالاسى تومراق، سۈركىلىشكە چىداملىق، تۈز، ئاسان سۇنمايدۇ. تەركىبىدىكى ماي مىقدارى مېتىس قوينىڭكىدىن ئازراق، بولۇپ، تەخمىنەن %8 − %9 ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا رەڭ سۈمۈرۈشچانلىقى ۋە رەڭ تۇتۇپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتى ياخشى. بۇ خىل يۇڭدا توقۇلغان توقۇلمىلارنىڭ تىۋىتى ياتمايدۇ. دۇنياغا داڭلىق خوتەن گىلىمى ئەنە شۇ يېرىم يىرىك خوتەن قويىنىڭ يۇڭىدىن توقۇلىدۇ. خوتەن گىلىمىنىڭ بۇنداق داڭق چىقىرىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ توقۇلۇش ھۈنەر - سەنئىتى، مىللىي ئۇسلۇبىدىن باشقا، خوتەن قويىنىڭ يۇڭىدىن توقۇلغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ يۇڭدا ئېتىلگەن كىگىزمۇ ناھايىتى چىداملىق بولىدۇ.
خوتەن گىلىمىنىڭ سودىدا تۇتقان ئورنى

 خوتەن قەدىمدىن تارتىپ شەرق  بىلەن غەربنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن. جاڭ گۇڭدا ئەپەندى بىلەن رۇڭ شىنجياڭ ئەپەندى يازغان «خوتەن، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى زاماندىكى ئۇدۇنغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» ناملىق ئەسەر بىلەن يىن چىڭ يازغان «ئۇدۇن ۋىسا خانلىقىنىڭ نەسەبنامىسى ھەققىدە مۇھاكىمە» ناملىق ئەسەر ۋە خوتەن رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە قولغا كەلگەن ماددىي بۇيۇملاردىن قارىغاندا، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 8 - ئەسىرلەردە خوتەندە دېھقانچىلىق بەرپا بولغان20. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇدۇن، ئۇزۇنتات، نىيە، رۇڭلۇ، چىرا، گۇما قاتارلىقلار دېھقانچىلىق باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، شەھەر بەگلىكلىرىنى قۇرغان ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى جەھەتتە دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە يولغا قويغانىدى. «شىزاڭ تەزكىرىسى» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، «خوتەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا ئوتلاق كۆپ بولۇپ، دول، ھاڭگى قاتارلىق جايلار ناھايىتى ياخشى چارۋىچىلىق رايونى ئىدى. نىيە قەدىمكى شەھەر خارابىلىكى ۋە سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرىدىن قارىغاندا، خەن دەۋرىگە كەلگەندە خوتەننىڭ يېزا ئىگىلىكى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ھازىر تېرىلىۋاتقان ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ ۋاقىتتا تېرىلغان بولۇپ، بۇغداي ئەڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتى ھېسابلىناتتى»21. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە خوتەندە يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ قول ھۈنەرۋەنچىلىك دېھقانچىلىقتىن يەنىمۇ ئايرىلىپ چىقىپ، ئايرىم كەسىپلىشىشكە يۈزلەنگەن. يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملار بۇنى تەستىقلايدۇ.خوتەننىڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى سودىسىدا قاشتېشى ۋە يىپەك بۇيۇملاردىن باشقا يەنە كىگىز، گىلەم، ھەرخىل يۇڭ توقۇلمىلار، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. سامپۇل قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان يۇڭ رەخت، پالاس، گىلەملەر قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىلا يۇڭ توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى خېلى مۇكەممەل ئىگىلەپ بولغانلىقىنى دەلىللەپ بەرسە، كارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغان ۋەسىقىلەر يۇڭ توقۇلما ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ سودا - تىجارەتتىكى ئورنىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. نىيە ناھىيىسىدىن تېپىلغان كارۇشتى يېزىقىدىكى 432 -، 579 -، 592 - نومۇرلۇق تارىشا پۈتۈكلەردە گىلەم سودىسى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان. مەسىلەن: 592 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە: «بىر قىزنى سېتىپ، ئۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن 30 مولغا يارايدىغان بىر تۆگە ۋە بىر پارچە ئۇدۇن گىلىمىگە ئېرىشىپتۇ»22دېيىلگەن. 579- نومۇرلۇق ھۆججەتتە: «يەر سېتىپ گىلەم ئالغان»23 لىقى خاتىرىلەنگەن. يۇقىرىدىكى ۋەسىقىلەردىكى مەلۇماتلاردىن قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى بولغان گىلەمنىڭ سودا - تىجارەت پائالىيىتىدە كەڭ تۈردە ئالماشتۇرۇلىدىغان تاۋارغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.خوتەن گىلىمى ئېلىمىز بىلەن ھەرقايسى ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇن چەت ئەللىك سودىگەر ۋە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلماقتا. ھازىر خوتەن گىلىمى ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، شۋيېتسارىيە، شىۋىتسىيە، بىلگىيە، ئىتالىيە، مېكسىكا، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا سېتىلىپ خېلى يۇقىرى شۆھرەت قازاندى.
خوتەن گىلىمىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى

 خوتەن گىلىمى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، گىلەمچىلىك ھۈنەر- سەنئىتى يېڭىلاندى، رەڭ نۇسخىلىرى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى، گىلەمنىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى.ئىلگىرىكى گىلەملەر يېقىنقى دەۋردىكى گىلەملەرگە ئانچە ئوخشىمايتتى، گىلەمگە ئىشلىتىلىدىغان يىپ قوي يۇڭىدىن ئىگىرىلەتتى، يىپ ئۆسۈملۈك يىلتىزى، پوستى، چېچىكى، يوپۇرمىقى شۇنىڭدەك بەزى قېزىلما بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ بويىلاتتى. گىلەمنىڭ گۈل - نەقىشلىرى ۋە رەڭگى ئاددىي ئىدى، بۇ خىل ئاددىي يۇڭ توقۇلمىلار ئىگەرگە يېپىلاتتى ۋە مەسچىتلەرگە سېلىناتتى. ئۇيغۇرلار ئۇنى «پالاس» دەپ ئاتايتتى، كېيىن بىرقانچە قېتىملىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھازىرقىدەك يۇقىرى سۈپەتلىك گىلەم مەيدانغا كەلدى. گۈل - نەقىشلىرى ۋە رەڭگىگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلىدىغان بولدى.ئازادلىقتىن ئىلگىرى خوتەن گىلەمچىلىكىدە يەككە ئىشلەپچىقىرىش ئاساس قىلىناتتى، مەھسۇلاتىمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەت خوتەن گىلەمچىلىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، يەككە گىلەمچىلەرنى تەشكىللەپ گىلەمچىلىك كارخانىسى قۇردى. كېيىن خوتەن، لوپ ناھىيىلىرىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى گىلەمچىلىك كارخانىلىرى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى دۆلەت كارخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىلەمچىلىك زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، ناھىيە بازارلىرىدىمۇ گىلەمچىلىك كارخانىلىرى قۇرۇلدى، گىلەم مەھسۇلاتى كۈنسايىن ئاشتى. 1979 - يىلى بىر يىلدا 66 مىڭ 800 كۋادرات مېتىرغا يەتتى. 1980- يىلدىن بۇيان گىلەمچىلىك ھۈنەر - سەنئىتى يېڭىلىنىپ، گىلەمنىڭ رەڭ - نۇسخىلىرى ئۆزگەرتىلدى، خىلى كۆپەيتىلدى. گىلەمنىڭ ئۆرۈش قاتارى 360 تىن 540، 720، 900 گە يەتكۈزۈلۈپ، كۆپ قاتارلىق سۈپەتلىك گىلەملەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى.ھازىر گىلەملەر ئوتتۇرا ۋە ئالىي دەرىجىلىك گىلەملەرگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. خوتەن گىلەمچىلىك كارخانىسىنىڭ گۈل نۇسخىلىرىنى لايىھىلەش بۆلۈمىدىكى خادىملار ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشى بىلەن گىلەم توقۇش ھۈنەر - سەنئىتى جەھەتتە زۆرۈر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشتىن تاشقىرى، گۈل نۇسخىلىرىنى لايىھىلەش جەھەتتە دادىل يېڭىلىق ياراتتى. ئۇلار قەدىمكى، ھازىرقى، جۇڭگونىڭ ۋە چەت ئەلنىڭ گىلەمچىلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق، ئويما رەسىم، بىناكارلىق نەقىشلىرىنى گىلەم نۇسخىلىرىنى لايىھىلەشتە قوللىنىپ، گۈل نۇسخىلىرىنى يېڭىلاپ، كىشىلەر ياقتۇرىدىغان نەپىس، كۆركەم نۇسخىلارنى لايىھىلەپ چىقتى. ھازىر خوتەن گىلىمى مەملىكەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
خوتەن گىلىمىنىڭ نۇسخىلىرى ۋە  گۈزەللىك ئىستېتىكىسى
 خوتەن گىلىمىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ توقۇلۇپ كېلىۋاتقان نۇسخىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقلىرى كەلكۈن نۇسخا، چاچما نۇسخا 1، چاچما نۇسخا 2، ئانار گۈل نۇسخا، پاختا نۇسخا، بەش چېچەك نۇسخا، شام نۇسخا، ئىران نۇسخا، ئەدىيال نۇسخا، لوڭقا نۇسخا، يۇلتۇز نۇسخا، جەيناماز نۇسخا، قالماق ئىران نۇسخا، پالاس ئەدىيال نۇسخا، پەتنۇس ئەدىيال نۇسخا قاتارلىق ئون نەچچە نۇسخا ئىدى، ھازىر تۈر، شەكىل، نۇسخىلىرى كۆپىيىپ 70 خىلغا يەتتى.خوتەن گىلىمىنىڭ نۇسخىلىرى ئۆزىگە خاس مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە. تۆۋەندە تارىختىن بۇيان توقۇلۇپ كېلىۋاتقان گىلەم نۇسخىلىرى ۋە بۇ نۇسخىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.كەلكۈن نۇسخا
بۇ ئومۇملاشقان گىلەم نۇسخىلىرىنىڭ بىرى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇ نۇسخا گىلەم نۇسخىلىرىنىڭ تۇنجىسى ھېسابلىنىدۇ. كەلكۈن نۇسخىدا سۇ ئۆركىشىدىن چىققان ھەرخىل گۈللەر ئاساس قىلىنغان. بۇ نۇسخا ئاساسەن سۇنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە نامايان قىلىدىغان، سۇ بولغاندا ھەممە جانلىقلار گۈل- گىياھلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى، گۈللەپ ياشنايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇسخىدىن ئىبارەت.كەلكۈن نۇسخىلىق گىلەم ئىككى خىل بولۇپ، ئىككى ئاي گۈللۈك، بەش ئاي گۈللۈكتىن ئىبارەت بولىدۇ. نەقىش شەكلى ۋە قۇراشتۇرۇلۇش جەھەتتە ئاساسەن تۆت تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى بىلەن ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، توساق رامكا ئىچىگە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇراشتۇرۇلغان. نەقىشلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى رەتلىك ۋە قانۇنىيەتلىك، ئوچۇق، جانلىق، كەڭكۇشادە، بىر - بىرىگە تۇتاشقانسېرى كېڭىيەلەيدۇ.
چاچما نۇسخا
بۇ  نۇسخىنىڭ تۈرى ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ. كىشىلەر تارىختىن بۇيان ئۆزى بىلگەن نەرسىلەرنى نەقىشلەشتۈرۈپ خالىغانچە گىلەمگە چۈشۈرۈپ توقۇغانلىقتىن، نۇسخا تۈرى كۆپەيگەن ۋە ئەسلى نۇسخا ئۆزگەرتىلىپ يېڭى شەكىل ھاسىل قىلىنىپ چاچما گىلەم نۇسخىسى كۆپەيتىلىپ، بۇ خىل گىلەم نۇسخىسى ئون نەچچە خىلغا يەتكۈزۈلگەن.بۇ نۇسخىلار مەركىزى ماسلاشقان نەقىش، تەڭپۇڭ مۇستەقىل نەقىش، بۇرجەك نەقىش ۋە قىرغاق نەقىشلىرىدىن تۈزۈلگەن. چاچما نۇسخىلىق گىلەملەرنىڭ ئىچى گۈل قىسمىغا كۆپىنچە بەش ياكى يەتتە دانە ماسلاشقان نەقىش (ئايگۈل) شەكلى ئوتتۇرىسى ۋە ئەتراپىغا چاچما ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نۇسخا مەركىزىدىكى ماسلاشقان نەقىش ۋە يۇمىلاق رامكا ئىچىدىكى نەقىشلەر سىرتقا قاراپ ئىنتىلگەن، مەركەزدىن قاچما ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بەزىلىرى چاچما ئايگۈل شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەركەزدىكى يۇمىلاق رامكا ئىچىگە چۈشۈرۈلگەن. بەزىلىرىدە گىلەم مەركىزىگە تەڭپۇڭ مۇستەقىل نەقىش شەكلى چۈشۈرۈلگەن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، چاچما شەكىللىك نۇسخىلارنىڭ نەقىش ئۆزگىرىشى كۆپ، ئەركىن، جانلىق بولۇپ، تۈز ۋە ئەگرى سىزىقلار ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.چاچما نۇسخىلىق گىلەم كىشىلەرگە قىزغىنلىق، خۇشاللىق، كۆتۈرەڭگۈ ھېسسىيات بەخىش ئېتىدۇ، مەركەزنى يەنى ئوردا - ساراينى قوغداش، مۇھاپىزەت قىلىش، زىننەتلەش، گۈل - چېچەككە ئوراش مەنىسىنى بېرىدۇ.
ئانارگۈل نۇسخا
بۇ نۇسخا چۈلۈك ئانار نۇسخا، شاخ ئانار نۇسخا دەپ ئىككى خىل نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى نۇسخىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش بولۇپ، ئانار دەرىخىنى نامايان قىلسىمۇ، لېكىن نەقىش قۇراشتۇرۇلۇشىدا مەلۇم ئوخشىمايدىغان جايلىرى بولغاچقا، ئىككى خىل نام بىلەن ئاتالغان.ئانارگۈل نۇسخا نەقىش شەكلى جەھەتتىن ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى بىلەن قۇراشتۇرۇلغان، قانۇنىيەتلىك، رەتلىك، كەڭ كۇشادە نۇسخا بولۇپ، ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا كېڭىيەلەيدۇ. كىشىگە بىرئاز جىمجىت، ئېغىر - بېسىق تۇيغۇ بېرىدۇ.
پاختا نۇسخا
بۇ نۇسخا ئىككى خىل بولۇپ، ھەر ئىككىلى ئوخشاش شەكىلدىكى ماسلاشقان نەقىش بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزىلىپ، ئۈچ دانە ماسلاشقان نەقىش قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئارىلىقلىرى تەڭپۇڭ مۇستەقىل نەقىش شەكلى بويىچە تولدۇرۇلۇپ، ئەگرى ۋە تۈز سىزىقلاردىن پايدىلىنىپ قۇراشتۇرۇلغان. بۇ ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلىنى ئالغان نۇسخا بولۇپ، كانارىلىرى ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان، نەقىشلەر قىرغاق نەقىشىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئۆزگەرتىلىپ قۇراشتۇرۇلغان. نەقىش ئۆزگىرىش پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، پۈتۈنلەي كېۋەز غۇزىسى، چېچىكى، يوپۇرمىقى ۋە شېخى قاتارلىقلار نەقىشكە ئايلاندۇرۇپ قۇراشتۇرۇلغان.بۇ نۇسخا پاختىنى نامايان قىلىدىغان، كىشىلەرگە خۇشاللىق، كۆڭۈل ئازادىلىك، مول ھوسۇل تۇيغۇسى بېرىدىغان، بىرقەدەر جانلىق، ھەرىكەتچان نۇسخا ھېسابلىنىدۇ.
بەش چېچەك نۇسخا
بۇ خىل نۇسخا گۈل، غۇنچە، شاخ، يوپۇرماق قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، تۆت تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى بويىچە قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، خوتەننىڭ قەدىمكى گىلەم نۇسخىلىرىنىڭ بىرى. بەش چېچەك نۇسخىنىڭ تۈرى بىر نەچچە خىل بولۇپ، نۇسخا ئۆزگىرىشى كۆپ، ئەركىن، جانلىق، كۆپىنچە تېگى كۆك ۋە قارا، يوپۇرماق شەكلى يېشىل، گۈللىرى سېرىق رەڭدە توقۇلىدۇ.
شام نۇسخا
بۇ نۇسخا چىراغقا سىمۋول قىلىنغان. بۇ قەلئە ياكى ساراينى يورۇتۇش، كۆركەملەشتۈرۈش  مەنىسىدىكى گىلەم نۇسخىسى بولۇپ، شام نۇسخا دېگەن نام بىلەن ئاتالغان، بۇ نۇسخا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خوتەندە توقۇلۇپ يۇقىرى ئابرويغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.بۇ نۇسخا رەتلىك، قانۇنىيەتلىك، ماسلاشقان مۇستەقىل نەقىش، بىر - بىرىگە باغلانغان، تۆت تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى بىلەن قۇراشتۇرۇلغان، ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى قىرغاق نەقىشىگە ئۆزگەرتىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈز سىزىقلىق نۇسخا بولۇپ، گىئومېتىرىك شەكىللەردىن تۈزۈلگەن جانلىق، ھەرىكەتچان نۇسخىلارنىڭ بىرى.
ئىران نۇسخا
بۇ ئەسلى ئىران گىلەملىرىنىڭ نۇسخىسى بولۇپ، خوتەن خەلقى ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى گىلەمچىلىكتە قوللىنىپ كەلمەكتە.بۇ خىل نۇسخىدىكى گىلەمنىڭ نەقىش شەكلى ئىككى توچكىلىق تۆت تەرەپكە داۋاملاشقان مۇستەقىل نەقىش شەكلى بويىچە قۇراشتۇرۇلغان. قىرغاق نەقىشلىرى بىلەن ئىچ گۈل نەقىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن گىئومېتىرىك شەكىلدە تۈزۈلگەن.
ئەدىيال نۇسخا
بۇ ئاساسەن ئادەتتىكى ئەدىيالغا تەقلىد قىلىپ قۇراشتۇرۇلغان نۇسخا بولۇپ، ئەگرى سىزىقلىق ئەركىن مۇستەقىل نەقىش شەكىللىرى بويىچە قۇراشتۇرۇلغان. ئەدىيال شەكىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پالاس ئەدىيال، پەتنۇس ئەدىيال، قەغەز ئەدىيال، يەتتە دادان (گۈللۈك) ئەدىيال، ئوتتۇز قادان (گۈللۈك) ئەدىيال دېگەندەك بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ ۋە بىرنەچچە خىل نام بىلەن ئاتىلىدۇ.بۇ خىل نۇسخىلار قىزىل گۈل، ئەتىرگۈل، مۇدەنگۈل قاتارلىق بىرنەچچە خىل گۈل شەكلى ۋە يېڭى گۈل شەكلى بويىچە شۇنىڭدەك تۈز ۋە يۆگەلمە ئەگرى سىزىقلاردىن قۇراشتۇرۇلغان. بۇ خىل نۇسخىدا رامكا ئىچىگە ئېلىنغان قىرغاق نەقىشلىرى بولمايدۇ، گىرۋىكىگە كىچىك قىرغاق نەقىشى چۈشۈرۈلگەن. رەڭلىرى ئوچۇق بولۇپ، كۆلەڭگۈ مۇناسىۋىتى بىلەن ماسلاشقان. بۇ كىشىلەرگە قىزغىنلىق، خۇشاللىق تۇيغۇسى بېرىدىغان، بۈك - باراقسان ئېچىلغان گۈللەر ۋە چىمەنزارلىق مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدىغان نۇسخىدۇر.     
لوڭقا نۇسخا
بۇ تامغا ئاسىدىغان گىلەم نۇسخىسى بولۇپ، لوڭقا، گۈل، شاخ، يوپۇرماق قاتارلىقلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن نۇسخىدىن ئىبارەت. بۇ نۇسخا ئەسلىدە ئەگرى سىزىق شەكلىدە بولۇپ، كېيىن گېئومېتىرىك شەكىلگە ئۆزگەرتىلگەن. نەقىشلىرى قىرغاق نەقىشى ئىچىگە ئەركىن، مۇستەقىل قۇراشتۇرۇلغان، بۇ ئەركىن تولدۇرما نەقىشلىرى بولمىغان نۇسخا بولۇپ، كىشىگە ئەركىن، جانلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق تۇيغۇ بېرىدۇ.
يۇلتۇز نۇسخا
 بۇ كېچىدىكى ئاسمانغا سىمۋول قىلىنغان، دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ تەپتەكشى، بىر خىل بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان نۇسخىدىن ئىبارەت. بۇ نۇسخا ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىشنى قىرغاق نۇسخا قىلىپ، قايتىلانغان نەقىش شەكلىنى قوللىنىپ، چوڭ چاقماق كاتەكچىلەر ئۈستىگە ئالتە توچكىلىك چاچما چېكىت شەكلى بىلەن چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل نەقىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ چېكىتلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق تۆت تەرەپكە داۋاملاشتۇرۇش يولى بىلەن قۇراشتۇرۇلغان، ئەگىرى، تۈز سىزىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن، بىرقەدەر كۆركەم، جىمجىت نۇسخىدۇر.
جەيناماز نۇسخا
بۇ نۇسخىدىكى گىلەملەر كۆپىنچە ناماز ئۆتەش ياكى تامغا ئېسىش ئۈچۈن توقۇلىدۇ. بۇ خىل گىلەمنىڭ نەقىشلىرى كۆپىنچە مىھراپ شەكلىدە قۇراشتۇرۇلىدۇ، بۇ بىردىن بەشكىچە مىھراپ شەكلى چۈشۈرۈلگەن زەدىۋال شەكىللىك گىلەم نۇسخىسى بولۇپ، گۈللىرى كۆپىنچە ئۈستى تەرەپكە قارىتىپ چۈشۈرۈلىدۇ، مىھراپ سىرتىدىكى گۈللەر )ئۈستى تەرىپىدىكى گۈللەر( ئاستى تەرەپكە قارىتىلغان، گۈللىرى بىرقەدەر جىمجىت تۇيغۇ بېرىدىغان رەڭلەر بىلەن لايىھىلەنگەن.
مەنزىرە نۇسخا
بۇ خىل نۇسخىدىكى گىلەملەرنىڭ گۈل نەقىشلىرىنى لايىھىلەشتە مەنزىرىسى گۈزەل جايلار ئۆرنەك قىلىنىدۇ، تۈرلۈك تەسۋىرىي سەنئەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساس قىلىنغان. بۇ خىل گىلەملەردە كۆپىنچە تاغ - دەريا ياكى كۆل، شارقىراتما، ئورمان، گۈللۈك، چىمەنزارلىق مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ. مەنزىرە نۇسخىلىق  گىلەملەر تامغا ئېسىپ ئۆينى زىننەتلەش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن، بۇ خىل گىلەم ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىلسا ئادەم خۇددى گۈزەل تەبىئىي سەيلىگاھتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئوبراز نۇسخا
بۇ خىل نۇسخىدىكى گىلەملەرنىڭ نەقىشلىرىدە ئادەم ياكى ھايۋان، ئۇچار قۇشلارنىڭ ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. ئوبراز نۇسخىلىق گىلەملەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئوبراز ئوبيېكتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەسۋىرىي ئوبراز نۇسخا ۋە ھەقىقىي ئوبراز نۇسخا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.تەسۋىرىي ئوبراز نۇسخا: بۇ نۇسخىدا تاغ، يايلاق، ئورمان، دەريا، كۆل، قۇم بارخانلىرى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىدۇ، ئۇچۇۋاتقان قۇش، سۇدا ئۈزۈۋاتقان غاز، ئۆردەك، ئوتلاۋاتقان بۇغا، ئارام ئېلىۋاتقان ياكى ئولجىغا خىرىس قىلىپ تۇرغان شىر، يولۋاس، قۇملۇقتا كېتىۋاتقان كارۋان قاتارلىقلار تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ خىل نۇسخىدا ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. تەبىئىي مەنزىرە كۆرۈنۈشى ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ھەقىقىي ئوبراز نۇسخا
بۇ خىل نۇسخىدا تارىختا ئۆتكەن رىئال شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئومۇمەن كانارى نەقىشلىرى چىقىرىلمايدۇ، پەقەت ئاددىي سىزىق كانارىلارلا چىقىرىلىدۇ. تەگ رېڭى ئاساسەن سۇس بولۇپ، ئاساسىي ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇلىدۇ. ستالىن، ماۋ زېدۇڭ، سۇن جۇڭشەن، جياڭ زېمىڭ، جياڭ جيېشى قاتارلىق  مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان گىلەملەر مۇشۇ تۈرگە مەنسۇپ. بۇ خىل نۇسخىدا مۇئەييەن تارىخىي دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسىي خاھىشچانلىق ئىپادىلىنىدۇ.
خاتىرە نۇسخا
خاتىرە نۇخىلىق گىلەملەر چوڭ - چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخي پاكىتلارنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان گىلەم تۈرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل نۇسخىدىكى گىلەملەرنىڭ گۈل - نەقىشلىرى ۋە يارىتىلغان ئوبراز جەھەتتە مۇقىم ئەندىزە بولمايدۇ. رىئال سىياسىي ئېھتىياج ياكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي خاھىشى بويىچە لايىھىلىنىپ توقۇلىدۇ. بۇ خىل گىلەمنىڭ كانارى قىسمى گۈل - نەقىشلەر بىلەن بېزىلىدۇ. لېكىن كانارىنىڭ ئىگىلىگەن ھەجىمى چوڭ بولمايدۇ. ئىچ گۈل قىسمىغا ئاساسىي مەقسەتنى ئىپادىلەيدىغان شەكىل توقۇپ چىقىرىلىدۇ. مەسىلەن: مىنگو دەۋرىدە توقۇلغان «جۇڭگونىڭ مەمۇرىي رايونلار خەرىتىسى» ناملىق گىلەمدە جۇڭگونىڭ شۇ چاغدىكى دۆلەت، ئۆلكە چېگىرىسى ۋە ئۆلكە ناملىرى توقۇپ چىقىرىلغان24.
شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىگە سوۋغا قىلىنغان خاتىرە گىلەمدە شىنجاڭدا بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان 13 مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان 13 كىشىنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە قىزغىن تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان نۇرغۇن گىلەم نۇسخىلىرى لايىھىلىنىپ توقۇلماقتا. بۇ گىلەملەرنىڭ بەزىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.
خوتەن گىلىمىنىڭ نەقىشچىلىكى

 تۇرمۇشتىكى نەرسىلەرنى زىننەتلەش خاراكتېرىنى ئالغان بارلىق شەكىللەر نەقىش دېيىلىدۇ. نەقىشلەر تەكشى بەتلىك نەقىش، ئابيوملۇق نەقىش، ياغاچ ئويما نەقىش دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ نەقىشلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكا ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى تەكشى بەتلىك نەقىش شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ.خوتەن گىلىمىنىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرىدا ئاساسەن كانارا نەقىشلىرى ۋە ئىچ گۈل نەقىشلىرىدىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش گۈل نەقىش سىستېمىسى بولىدۇ. كانارا نەقىشلىرى گىلەمنىڭ تۆت تەرىپىنى قورشاپ تۇرغان كانار سىزىقلىرى ۋە بۇ سىزىقلار ئوتتۇرىسىدا ھاسىل بولغان كانارا يوللىرىغا چۈشۈرۈلگەن گۈل - نەقىشلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ھەر بىر پارچە گىلەمنىڭ كانارا گۈللىرى كۆلىمى بىلەن ئىچ كۆلىمى مۇئەييەن تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. كىچىك گىلەملەردە ئادەتتە بىرلا كانارا يولى بولىدۇ. گىلەم چوڭ بولغانسىرى كانارا يوللىرىمۇ كۆپىيىدۇ. كۆپ كانارىلىق گىلەملەردە كانارا يوللىرىدىكى نەقىشلەر تەكرارلانمايدۇ. تەكرارلاش زۆرۈر بولسا، سىممىترىك ھالەتتە تەكرارلىنىدۇ (يەنى يانداش بولغان ئىككى كانارىنىڭ گۈللىرى چوقۇم يەڭگۈش چۈشىدۇ)، ھەربىر كانارا يولىدىكى نەقىش يەككە گۈل ئېلېمىنتلىرىدىن تەركىب تېپىشىمۇ، بىرقانچە گۈل ئېلېمېنتىدىن تەركىب تېپىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن بۇلارنىڭ تەكرارلىنىشى قانۇنىيەتلىك بولۇپ، ھەربىر كانارا يولى تاللىۋېلىنغان نەقىش نۇسخىسىنىڭ ئىككى تەرەپكە داۋاملىشىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.گىلەم كانارىلىرىغا چۈشۈرۈلىدىغان ھەربىر گۈل ئېلېمېنتى تۇمارچە، مىدىق، پاختا دېگەندەك خاس ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. ھەربىر كانارا شۇ كانارا نەقىشىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي گۈل نامى  (مەسىلەن: تۇمارچە كانارا، پاختا كانارا، چىراغ كانارا دېگەندەك ناملار) بىلەن ئاتىلىدۇ.خوتەن گىلىمىنىڭ ئىچ گۈل نەقىشلىرى گىلەمدىكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان گۈل - نەقىش سىستېمىسى بولۇپ، ئىچ گۈل - نەقىشلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆپ ئۆزگىرىشلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بەزى گىلەملەرنىڭ ئىچ گۈل قىسمىدا ئاساسىي نەقىش ۋە قوشۇمچە نەقىشلەر بولىدۇ. مەسىلەن: چاچما نۇسخا گىلەملەردە بىر ياكى بىرقانچە ئاساسىي گۈل بولىدۇ، بۇنداق گۈللەر «ئايگۈل» دېيىلىدۇ. قوشۇمچە گۈللەر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئايگۈلنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.بەزى گىلەملەرنىڭ ئىچ گۈللىرىنى تەشكىل قىلغۇچى گۈل گۇرۇپپىلىرى تەڭداش مۇناسىۋەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، گۈل - نەقىشلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ھەرخىل بولسىمۇ، ھەممىسى بىرخىل ئوبرازنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق گىلەملەر گۈل - نەقىش ھاسىل قىلىشتا ئۆرنەك قىلىنغان شەيئىنىڭ نامى بىلەن قوشۇپ ئاتىلىدۇ. پاختا نۇسخا گىلەم، يۇلتۇز نۇسخا گىلەم، ئانار گۈل نۇسخا گىلەم، لوڭقا نۇسخا گىلەم قاتارلىقلار مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ.
رەڭ ۋە بوياقچىلىق

 ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەرقانداق توقۇلما بۇيۇم رەڭدىن ئايرىلالمىغىنىدەك، گېلەمچىلىكمۇ رەڭدىن ئايرىلالمايدۇ. بوياقچىلىق گىلەمچىلىكنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.بوياقچىلىق تەبىئىي نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ بوياش ۋە ئادەتتىكى رەڭ بىلەن بوياش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. تەبىئىي نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ يۇڭ يىپ بوياش خوتەن خەلقىنىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ ۋە جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى. ئۇلار رەڭ كەشىپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، رەڭ ماددىسىغا باي ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى، مېۋىسى، پورى، قوۋزىقى، يىلتىزى، مېۋە پوستى ھەم تۆمۈر دېتى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، يۇڭ يىپنى ھەر خىل رەڭدە بوياپ گىلەم توقۇغان.يۇڭ يىپ بوياش ئادەتتە كىسلاتاسىز رەڭ بىلەن بوياش ۋە كىسلاتا ۋاسىتىلىق رەڭ بىلەن بوياش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. كىسلاتا ۋاسىتىلىق رەڭلەر كىسلاتا ئىشلەتمىسە بولمايدىغان رەڭلەر بولۇپ، بۇ خىل رەڭلەرگە مۇۋاپىق مىقداردا كىسلاتا قوشۇلمىسا يۇڭ يىپ رەڭنى ياخشى ئىچمەيدۇ. شۇڭا يۇڭ يىپلارنىڭ كىسلاتالىق ماددىلارنى ئۆزىگە تارتىش خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ رەڭلەرنى بىرلىكتە سىڭدۈرۈپ بوياش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە رەڭگە كىسلاتا قوشۇلمىسىمۇ يۇڭ يىپ رەڭنى ياخشى ئىچىدۇ، لېكىن نەرسىلەرگە يۇقۇپ قېلىش، تاراپ كېتىشكە ئوخشاش يېتەرسىزلىكى بولىدۇ. شۇڭا كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن رەڭ بارا - بارا ئەسلى رەڭگىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ خىل يېتەرسىزلىك رەڭگە قوشۇمچە ماتېرىيال قوشۇش ۋە يۇڭ يىپنى رەڭ بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت قاينىتىش ئارقىلىق تۈزىتىلىدۇ. بولۇپمۇ زەڭگەر، زۆتىنە، كۆك رەڭلەرنى ئىشلىتىپ يىپ بويىغاندا قوشۇمچە ماتېرىياللارنى ۋاسىتە قىلىپ بوياشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. رەڭ بىلەن يىپنىڭ قايناش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك. يۇڭ يىپنى ئادەتتىكى رەڭلەرگە كىسلاتالىق ۋە ئىشقار تەركىبى بار نەرسىلەرنى قوشۇپ بوياشقىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بويىغاندا رەڭنىڭ يۇقۇش، ئۆز رەڭگىنى ساقلىيالماسلىقتەك يېتەرسىزلىكىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ. لېكىن ئادەتتىكى رەڭلەرگە كىسلاتا قوشۇپ بوياپ توقولغان گىلەملەرنى خىمىيىلىك ئۇسۇل بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى گىلەمنى يۇغاندىن كېيىن رەڭلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىقىپ كېتىدۇ، رەڭ تاراپ كېتىدۇ ۋە چۇچىلىرىمۇ رەڭ ئىچىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق رەڭلەر يۇيۇلمايدىغان ئادەتتىكى گىلەملەرگىلا ئىشلىتىلىدۇ. يۇڭ يىپ بوياشقا ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەر شاپتۇل چېچىكى، كاۋا چېچىكى، سېرىق، قىزىل، زۆتىنە، پوررەڭ، قارا رەڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز ئارا قوشۇپ ئىشلىتىش ۋە رەڭ مىقدارىنى ئاز - كۆپ قوشۇش ئارقىلىق كۆپلىگەن رەڭ تۈرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدىكى رەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرى شاپتۇل چېچىكى، سېرىق، زەڭگەر، زۆتىنە، ئۇنىڭدىن قالسا كاۋا چېچىكى، قارا رەڭدىن ئىبارەت. بۇ بىرنەچچە خىل رەڭ بولسىلا ھەممە خىلدىكى رەڭ تۈرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: شاپتۇل چېچىكى رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ قوشۇلسا كاۋا چېچىكى رەڭگى بولىدۇ؛ سېرىق رەڭگە شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدىكى رەڭ كۆپرەك قوشۇلسا قىزىل رەڭ بولىدۇ؛ سېرىق رەڭ بىلەن زەڭگەر رەڭ قوشۇلسا يېشىل بولىدۇ. ئاز - كۆپ قوشۇش ئارقىلىق مايسىرەڭ ياكى توق يېشىل رەڭلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. زۆتىنە رەڭنى مىقدارى جەھەتتىن ئاز- كۆپ ئىشلىتىش ئارقىلىق زۆتىنە كۆك، ھاۋا رەڭ، ئاچ ھاۋا رەڭ ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. ھاسىل بولغان بۇ خىل رەڭلەرنى يەنە ئاز - كۆپ قوشۇش ئارقىلىق رەڭ خىللىرىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رەڭ تۈرى بويىچە ئىككى ياكى تۆت خىل رەڭدىن پايدىلىنىپ ئاز - كۆپ قوشۇپ ھەر خىل رەڭ ھاسىل قىلىپ يۇڭ يىپ بويىلىدۇ.گىلەم يىپىنى بويىغاندا ئادەتتە يەرلىك ئۇسۇلدا قازاندا قاينىتىپ بوياش ياكى بوياش ماشىنىسىدا پار ئارقىلىق بوياش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. مەيلى بوياش ماشىنىسىدا بويالسۇن ياكى يەرلىك ئۇسۇلدا بويالسۇن ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاشلا بىرخىل تېخنىكىلىق ئۆلچەم قوللىلىنىلىدۇ. ماشىنىدا بوياش يەرلىك ئۇسۇلدا بويىغانغا قارىغاندا بىرقەدەر ئىلمىيرەك، ئىشەنچلىك ۋە سۈپەتلىك بولۇپ، سۇنىڭ مىقدارى ۋە تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش بىرقەدەر ئوڭاي، بوياش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولىدۇ. ماشىنىدا بويىغاندا رەڭ يۇڭنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئوبدان سىڭىدۇ.بوياقچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار يەرلىك بوياقچىلىق سايمانلىرى ۋە زامانىۋى بوياقچىلىق سايمانلىرى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. يەرلىك بوياقچىلىق سايمانلىرى مىسقال، جىڭ، قازان، چىلەك، داس، نوغۇچ تاياق، قەنە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. زامانىۋى بوياقچىلىق سايمانلىرى تارازا، مىنزوركا، تېرمومېتىر، خىمىيىۋى ئانالىز سايمانلىرى، كىلو، يۇڭ يىپ بوياش ماشىنىسى، سۇسىزلاندۇرۇش ماشىنىسى، قۇرۇتۇش ماشىنىسى ياكى قۇرۇتۇش ئۆيى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2003 – يىللىق 4- سان.
bilqut
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-08 22:51 | [ئاپتور]
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئىشچانلىقى بىلەن تۇركى خەلقلەرنىڭ گىلەم مەدىنىيىتىنى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە قىلغانلىقىدىن سۇيىنىمەن. خوتەن گىلىمىنىڭ دۇنياغا داڭلىق تۇركىيە گىلىمى بىلەن بىرگە تىخىمۇ تەرەققى قىلىشى ۋە دۇنياغا يۇزلىنىشىگە تىلەكداشمەن.
1som
Posted: 2008-01-10 17:45 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ھۈنەر - كەسپ

Total 0.087012(s) query 4, Time now is:03-21 08:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation