ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
niyazdixan
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
---|
ئەلەمنىڭ ئورنىغا قەلەم كەتتى مامۇت غازى ( ش ئۇ ئا ر يېزا ئىگىلىك بانكىسى ياشانغانلار باشقارمىسىدىن ) چىڭ سۇلالىسى 1759 -يىلى پۈتكۈل شىنجاڭنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، يەرلىك ئەمەلدارلارغا دۆلەتتىن مائاش بېرىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ۋىلايەت - ناھىيە دەرىجىلىك ھاكىمبەگلەرگە تېرىلغۇ يەر ۋە ئەمگەك كۈچى ئاجرىتىپ بەردى. تۆۋەندە خىزمەت قىلىۋاتقان بەگ، يۈزبېشى، ئونبېشى، قۇربېشى، مىراببەگ، پاششاپبەگ، شاڭيو، بازاربېگى قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى بولمىغاچقا، پۇقرالارنى قاقتى - سوقتى قىلىپ جان باقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرى شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان مانجۇ، خەنزۇ ئەمەلدارلار ھەممە ئىشنى قول ئاستىدىكى يەرلىك بەگلەرگە قويۇپ بېرىپ، ئۆزلىرى ئۆيدىن چىقماي ئەتىدىن - كەچكىچە ئەيشى - ئىشرەت ۋە كەيپ - ساپا بىلەن كۈنىنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭدىن پايدىلانغان مائاشى يوق ئەمەلدارلار تىل بىرىكتۈرۈپ، يۇقىرىدىن چۈشكەن ئالۋان - سېلىقنى خالىغانچە كۆپەيتىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەچكە، زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلق ۋەكىل سايلاپ، ناھىيىنىڭ ئامباللىرى ئۈستىدىن يۇقىرىغا ئەرز -شىكايەت قىلىشقا باشلىدى.1818 - يىلى يېڭىسار ناھىيىسىگە قاراشلىق ھەرقايسى يېزىلارنىڭ يۇرت كاتتىلىرى ناھىيىگە يىغىلىپ، ئۈچ ئاي يېڭىسارنى، ئۈچ ئاي قەشقەر كوناشەھەرنى سورايدىغان جاڭ ئامبال ئۈستىدىن جاڭجۈنگە ئەرز قىلماقچى بولدى. يېڭىسارغا كېتىپ بارغان ۋەكىللەر چاغرا دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەندە، قەشقەرگە ماڭغان ئامبال بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئامبال مەپىدىن بېشىنى چىقىرىپ يېنىدىكى تەرجىمانىدىن "بۇ نېمە ئاەملەر" دەپ سورايدۇ، تەرجىمان "يېڭىسارغا يىغىلىپ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن جاڭجۈنگە ئەرز قىلىشقا كېتىپ بارغان ئۆكتىچىلەر" دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئامبال مەپىنى دەررۇ كەينىگە ياندۇرۇپ، يېڭىسارغا قايتىپ كېلىپ يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئىشقا سېلىپ بىر زىياپەت تەييارلايدۇ. ئۆكتىچىلەر ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەي زىياپەتكە كىرىپ تاماق يەۋاتقاندا، چېرىكلەرگە تون - سەرپاي كۆتەرتكۈزۈپ ئامبال كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ ئۆكتىچىلەرگە تازىم قىلىپ سۆزلەشكە باشلىغاندا، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان دەۋاگەرلەرنىڭ باشلىقلىرى ئامبالنى تىللايدۇ. نەيرىڭىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى پەملىگەن ئامبال دەرھال چاپاننى تەتۈر كىيىپ، 120 دىن ئارتۇق دەۋاگەرنى تۇتۇپ قاماپ قويىدۇ. 10 كۈنچە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 21 كىشىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغانلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇلاردىن سەككىز كىشىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۆت كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىجرا قىلماقچى بولىدۇ. بۇ تۆت كىشىنىڭ بىرى ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەلەم ھاجى دېگەن باي كىشى ئىدى. ئاخشىمى گۇندىپاي ئەلەم ھاجىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرىدۇ. ئاندىن "مېنى تونۇدۇڭمۇ؟" دەپ سورايدۇ.- ياق - دەپ جاۋاب بېرىدۇ قورقۇپ كەتكەن ئەلەم ھاجى. گۇندىپاي:- سەن مېنى تونۇمىدىڭ، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن، پىلالدىكى دۈشەنبە بازىرىدا گۆرۈخانا ئاچقان خەنزۇنىڭ بالىسى بولىمەن، سېنىڭ داداڭ بىزگە ئولتۇرۇدىغان ئۆي، گۆرۈخانا ئاچىدىغان دۇكان بەرگەنىدى. مەن پىلالدا چوڭ بولغان، كىچىكىمدە ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئويناپ، سىلەرنىڭ تىلىڭلارنى ئۆگىنىۋالغان، ئۆزۈڭگە بېرىلگەن جازانى ئاڭلىدىڭ، قانداق قىلاي دەيسەن؟ - دېيىشىگە، ئەلەم ھاجى يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ تەييارلاپ قويغان 25 سەر تەڭگىنى گۇندىپاينىڭ ئالدىغا قويۇپ:- بۇ مېنىڭ ئالدىن بەرگەن كاپالىتىم بولسۇن، مېنىڭ جېنىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالسىلا پۈتۈن مال - دۇنيايىمنى ئۆزلىرىدىن ئايىمايمەن، ماڭا رەھىم قىلسىلا غوجام - دەپ يالۋۇرۇشقا باشلايدۇ. گۇندىپاي:- پىلالدا ئىسمى سېنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئادەم بارمۇ؟- دەپ سورايدۇ. ئەلەم ھاجى:- ئۇنداق ئادەم يوق، لېكىن بىزنىڭ مەھەللىگە تۇتاش چوقۇر ھويلا دېگەن يەردە قەلەم ئىسىملىك بوي - تۇرقى ماڭا ئوخشاپ كېتىدىغان، مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر ئادەم بار- دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.گۇندىپاي تاڭ ئاتقىچە قەلەم ئاكىنى يېڭىسارغا ئېلىپ كېلىپ، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئورنىغا ئەلەم ھاجىنىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ "ئەلەم دەپ سورىسا< مەن شۇ > دەپ جاۋاب بېرىسەن" دەپ ئۆگىتىپ سولاپ قويىدۇ. ئەلەم ھاجىغا قەلەم ئاكىنىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ" سەن بىر نەچچە ئايغىچە پىلالغا كەلمەي، باشقا يەردە جان ساقلا " دەپ ئۇنى سولاقتىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئەلەم ھاجى تونۇش - بىلىشلىرىدىن پۇل قەرز ئېلىپ، ئۆزىنى بىللە ئېلىپ چىققان ئىككى چېرىككە بىرمۇنچە پارا بېرىپ، يەنە 20 سەر تەڭگىنى گۇندىپايغا بېرىپ قويۇشنى تاپىلاپ يېڭىساردىن قېچىپ كېتىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن بىگۇناھ دېھقان قەلەم ئاكا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان تۆت كىشى قاتارىدا ئەلەم ھاجىنىڭ ئورنىغا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. جازا مەيدانىغا يىغىلغانلار ئىچىدە ئەلەم ھاجىنى تونۇيدىغانلار ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنىڭ ئېتىلغانلىقىنى كۆرۈپ غۇلغۇلا قىلىشىدۇ. كېيىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئامبال قەلەمنىڭ ئايالى سوپىيەخاننى چاقىرتىدۇ. سوپىيەخان يېتىم قالغان ئۈچ بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ ئامبال بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئامبال سوپىيە خانغا پۇل ۋە كىيىم - كېچەك بېرىپ:- بۇندىن كېيىن سەندىن ھېچقانداق ئالۋان - سېلىق ئېلىنمايدۇ، خاتىرجەم بول - دەپ قايتۇرۇۋېتىدۇ. بىراق بۇ غۇلغۇلا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئاقىۋېتىدىن چۆچۈگەن ئامبال خاتىرجەم بولالماي، ئاۋۋال پارىخور گۇندىپاينى ئېتىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزىمۇ زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىدۇ.ئەنە شۇندىن بېرى خەلق ئارىسىدا " ئەلەمنىڭ ئورنىغا قەلەم كەتتى " دېگەن ئىبارە تارقىلىپ يۈرمەكتە. تەھرىرلىگۈچى: پولات ھېمىت مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2001 – يىلى 4 – سان |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
udun
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
Ghunche
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
pinhanmoon
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
uiguria
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
palwan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 4695ـ كۆرۈرمىنى
arslan711
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|