TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ تارىخى تەرەققىياتى

1. شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى
شىنجاڭ ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگىنى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. دېڭىز قاتنىشى پەيدا بۇلىشتىن بۇرۇن شەرىق بىلەن غەرىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە بېرىپ- كىلىشلەرنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ يىپەك يۇلى ئارقىلىق بولغان. يىپەك يۇلى غەرىپ بىلەن شەرىق ئۇتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۇمۇرى ۋە سودا يۇلى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە غەرىپ بىلەن شەرىق ئوتتۇرىسىدىكى مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە تارقىتىش يۇلىغا ئايلانغان. ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم مەدىنىيەت ھادىسلىرىدىن بىرى بولغان دىن قەدىمدىنلا يىپەك يۇلىنى بويلاپ غەرىپتىن شەرىققە ۋە شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ئۆز-ئارا تارقالغان. يىپەك يۇلىنىڭ تۈگىنى بولغان شىنجاڭ تەبىئى ھالدا شەرىق ۋە غەرىپ دىنلىرىنىڭ تارقىلىدىغان ۋە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان جايى بۇلۇپ قالغان.
شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇيۇملىرىدىن مەلۇم بۇلىشىچە تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ غەرىق ۋە غەرىپتە گۈللىنىشكە باشلىغان بەزى دىنلار يىپىك يۇلىنى بويلاپ ئۈزلىكسىز تۈردە شىنجاڭغا تارقالغان. سىرىتتىن كىرگەن بۇ دىنلار شىنجاڭنىڭ ئۈزىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان ئىپتىدائى دىنلار بىلەن بىرگە كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەدىرىجى شەكىللەندۈرگەن. ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ۋە ھۈكۈمران سىنىپلارنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. بەزى دىنلار ھۈكۈمران سىنىپلارنىڭ بېسىمى بىلەن يۇقالغان، بەزى دىنلار ھۈكۈمران سىنىپلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا گۈللەنگەن. ئەسلىدە بار بولغان دىنلار يۇقۇلۇپ، يېڭى دىنلار تارقىلىشقا باشلىغان. مەيلى قايسى خىلدىكى دىننىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە يۇقىلىشى، ئورنىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىنەزەر شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ھازىرغىچىلىك ساقلىنىپ كەلماكتە. ئىلگىرىكىسىنى قۇيۇپ تۇرايلى، ھازىرقىسىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ھازىر شىنجاڭدا ئاساسلىقى ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى (تىبەت بۇددا دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، تويىن دىنى قاتارلىق 6 خىل دىن بار. شامان دىنىنىڭ بەزى مىللەتلەر ئارىسىدا ھېلىھەم خېلى كۈچلۈك تەسىرى بار.

2. شىنجاڭدىكى ئىپتىدائى دىنلار ۋە شامان دىنى
ئىپتىدائى دىن ئىپتىدائى جەمىيەتنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرى پەيدا بلغان بۇلۇپ، ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بىر خىل دىنى فورماتسىيە. دىنمۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە كەڭ تارقالغان بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسە. قەدىمقى دەۋىردىكى شىنجاڭدىكى ئاھالىلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۆز-ئۈزىنى بىلىش ھەققىدىكى خاتا قاراشلىرى ئىپتىدائى دىنى ئاڭنى ۋە چۇقۇنۇش قائىدىلىرىنى پەيدا قىلغان. چۈش كۈرۈش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە روھ قارىشى پەيدا بولغان. كىيىنچە ئىپتىدائى جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر تەبىئەتنى تۇنۇش ۋە تەبىئەت ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا تەبىئەتتىكى ئاجايىپ، غارايىپ ، رەڭگا-رەڭ ھادىسىلەردىن يەنى ئۆزگىرىشچان تەبىئەت ھادىسلىرىدىن قورققاچقا ۋە ئۇلارنى چۈشەنمىگەچكە خاتا ھالدا تەبىئەت دۇنياسىدىمۇ ئادەمنىڭكىگە ئوخشاش روھ بار، ھەممە نەرسىدە روھ بۇلىدۇ دەپ قارىغان. نەتىجىدە تەبىئەتتىكى ھەر خىل نەرسىلەرگە چۇقۇنۇش كىلىپ چىققان. شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئاھالىلارنىڭ تەبىئەتكە چۇقۇنۇش ئۇبىكىتلىرى ناھىيىتى كەڭ بولغان. يەنى ئاسمان، زىمىن، ئاي، كۈن، شامال، يامغۇر، چاقماق، سۇ، تاغ، ھايۋان، ئۈسۈملۈك، دەل-دەرەخ، زىرائەت قاتارلىق تەبىئەتتىكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قەدىمقى كىشىلەرنىڭ چۇقۇنۇش ئۇبىكتى بولغان.
كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە مەخسۇس دىنى مۇراسىملارغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان كاھىنلار ۋە قامانلار بارلىققا كەلگەن. بۇ ۋاقىتتىكى ئىپتىدائى دىن قاماننىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەۋىدىن قامان دىنى ياكى شامان دىنى دەپ ئاتالغان. شامان دىنى شىنجاڭدىكى قەدىمقى مىللەتلەر ئىچىدە ئىنتايىن كەڭ تارقالغان بۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە شامانلار ئىنتايىن يۇقىرى ئۇرۇنغا ئىگە بۇلۇپ، ئۇلار قەبىلىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپلا قالماستىن ھەتتا ھەربى يۈرۈش قىلىش، جەڭ قىلىشلاردىمۇ تەڭ ماڭغان. ھەربى ئىشلارغا ئارىلاشقان. ھەمدە ئىلاھتىن قۇشۇنىنى ئامان-ئېسەن ساقلاشنى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى تىلەشكەن. شامان دىنى قەدىمقى زاماندا شىمەلى ئاسىيا يايلاقلىرىدا كەڭ تارقالغان ئىپتىدائى دىن ئىدى. ئۇ چاغدا ئىپتىدائى جەمىيەت يىمىرلىشكە يۈزلەنگەنلىكتىن كەسپى داخان، پىرىخونلار بارلىققا كەلگەن. ئادەتتە تۇڭگۇسلار (مانجۇ) ئۇلارنى قامان ياكى شامان دەپ ئاتاشقان. بۇنىڭ مەنىسى ھاياجانلىنىپ تېنىم تاپمايدىغان ئادەم دىگەن بۇلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كەسپى پائالىيىتى سەكرەپ يۈرۈپ باخشىلىق قىلىش بولغاچقا شۇنداق نام بىلەن ئاتالغان.

3. ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى شىنجاڭدىكى دىنلار
زوروئاستىر (زەردۇشت) دىنى
زەردۇشت دىنى – قەدىمقى پىرىسسىيەدە بارلىققا كەلگەن زوروئاستىر (ئاتەشپەرەسلىك دىنى) دىنىنىڭ ئاتىلىشىدۇر. بۇ دىن ئوتقا تۇلىمۇ چۇقۇنغاچقا زەردۇشت دىنى دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە زوروئاستىر پىرىسسىيەنىڭ شەرىقى (بۈگۈنكى ئافغانىستاندىكى بەلەخ) دە بۇ دىننى ئىجات قىلغان. بۇ دىن ئوتنى يۇرۇقلۇق ۋە ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغاچقا مەخسۇس ئوتقا چۇقۇنۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ دىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا ، يەنى بۇندىن 2400 يىل بۇرۇن شىنجاڭغا كىرگەن. ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن بۇ دىننىڭ تەسەرى بارا- بارا يۇقالغان. ئەمما بىر خىل مەدىنىيەت سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ئىتىقات قىلغان مىللەتلەر ئارىسىدا بۇ دىننىڭ ئىزنالىرىنى كۈرۈشكە بۇلىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق تارىختا ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئىتىقات قىلغان مىللەتلەر تا بۈگۈنگىچە ئاتەشپارەسلىك دىنىنىڭ ئوتقا تىۋىنىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئاتەش دىنىنىڭ مۇھىم بايرىمى بولغان "نۇرۇز بايرىمى" مۇ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
بۇددا دىنى:
بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىرگىچە قەدىمقى ھىندىستاندا پەيدا بولغان بىر خىل دىن. بۇ دىننىڭ ياراتقۇچىسى شىمالى ھىندىستاندىكى كاپلاۋاستو دۆلىتى(ھازىرقى نېپال چېگرىسى ئىچىدە) نىڭ شاھزادىسى گائۇتاما سىددارتا دىگەن كىشى بۇلۇپ، ئۇ بۇددا مۇرۇتلىرى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ "ساكيامۇنى" (ساكيا قەبىلىسىنىڭ زاھىتى ياكى ئەۋلىياسى) دەپ ئاتالغان. بۇددا دىنى پەيدا بولغاندىن كىيىنكى بىر نەچچە ئەسىرگىچە ئۆز جايىدىلا تارقالغان. كىيىن دۆلەت دىنى بولغاندىن كىيىن قوشنا دۆلەت ۋە رايۇنلارغا تارقىلىشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردە بۇددا دىنى كەشمىر ئارقىلىق ئەڭ بالدۇر شىنجاڭنىڭ ئۇدۇن رايۇنىغا كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتىرا ئاسىيا ئارقىلىق سۇلىغا كىرگەن. شۇنىڭدىن كىيىن بۇددا دىنى يىپەك يۇلىنىڭ جەنۇبى شىمالىنى بويلاپ بۈگۈنكى چەرچەن، چارقىلىق، يەركەن، قارغىلىق، كۇچا، ئاقسۇ، قارا شەھەر، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان. بۇددا دىنى ئۈچ چوڭ دۇنياۋى دىن ئىچىدە شىنجاڭغا ئەڭ بۇرۇن تارقالغان دىن بولغاچقا ، ئىسلام دىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا شىنجاڭدا تارقىلىش ۋاختى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ، ئىتىقاتچىللىرى ئەڭ كۆپ بولغان، ئىجتىمائى تەسىرى ئەڭ زور بولغان دىندۇر.
تويىن دىنى:
تويىن (داجاۋ-تەرىقەت) دىنى جۇڭگۇنىڭ ئەنئەنىۋى دىنى. ئۇنىڭ ئەڭ ئالى ئىتىقادى- تەلىمات، يول، ئۇسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن تويىن دىنى دەپ ئاتالغان. تويىن دىنى مىلادى 2- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى دىنى ئىتىقادى بىلەن سېھرىگەرلىك، ئەۋلىيا، ئەنبىيالارنىڭ ئالدىن بىشارەت بىرىش ئاساسىدا تەرىقەتچىلەر تەلىماتى بىلەن خۇاڭ لاۋئىددىيىسىنىڭ (بەزى كىتاپلاردا لاۋزى ئىدىيىسى دەپمۇ ئېلىنىدۇ) ئۆز-ئارا بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەن. تويىن دىنى شىنجاڭغا تەخمىنەن مىلادى 4- ئەسىردىن 5- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇلار بىرقەدەر مەركەزلەشكەن قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئەۋىج ئالغان.
مانى دىنى:
مانى دىنى ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن پىرىسسىيىنىڭ يەنە بىر قەدىمقى دىنى. مانى دىنى مىلادى 3- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پىرىسسىيىلىك مانى دىگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. ھەمدە پىرىسسىيەدە بىر مەزگىل گۈللەنگەن. مانى دىنىنى پىرىسسىيە ھۈكۈمرانلىرى ۋە زەردۇشت دىنى مۇرۇتلىرى يامان كۆرگەنلىكتىن زەربىگە ئۇچرىغان ھەمدە مانى ئۆلتۈرۈۋىتىلەەن. بۇنىڭ بىلەن مانى مۇرۇتلىرى تەرەپ-تەرەپكە تاراپ كەتكەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن مانى مۇرۇتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى مانى دىنىنىڭ ئىككىنچى ماكانى بۇلۇپ قالغان. 6- ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە مانى دىنى مۇرۇتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىلىپ سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، مانى دىنى شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىغان. ئەمما شىنجاڭدا ئۇمۇميۈزلىك تارقىلالمىغان.
نىستورى دىنى:
نىستورى دىنى نىستورى مەزھىپىنىڭ ئاتىلىشى. نىستورى مەزھىپى خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، مۇشۇ مەزھەپنىڭ ياراتقۇچىسى – نىستورى دىگەن كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ دىن بەزىدە پىرىسسىيە دىنى ، يەنە بەزىدە مىشكا دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا ئەڭ دەسلەپتە تارقىلىپ كىرگەن خىرىستىيان مەزھىپىدۇر. نىستورى دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقالغان ۋاختى تەخمىنەن مىلادى 6- ئەسىرلەردە بۇلۇپ، مانى دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقالغان ۋاختى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش. مانى دىنىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلاردىن نىستورى دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغانلار كۆپرەك بولغان. بۇ دىننىڭ تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭ بولغان.

4. ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن دىنلار
ئىسلام دىنى:
ئىسلام دىنى مىلادى 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تارقىتىشى بىلەن ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى مەككىدە دۇنياغا كەلگەن. 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىسلام دىنى ئەرەپلەرنىڭ سىرىتقا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىستىلا قىلىش ھەركەتلىرىگە ئەگىشىپ سىرىتقا تارقالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەرەپلەر تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندىن كىيىن تەدىرىجى ئىسلاملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئەمما تاڭ سۇلالىسى، تۈرۈكلەر، ئەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىبەت تۈپەيلى ئىسلام دىنى دەرھاللا شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرەلمىدى. پەقەت 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاتۇش جامەسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى بىلەن ئاندىن شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىدى. لىكىن بۇمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. پەقەت 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئىسلام دىنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئۇمۇملىشىپ ، ئاساسلىق دىن بۇلۇشتەك ئۇرۇنغا ئۆتتى. ئەمما بۇنىڭغا 6 ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى.
كاتولۇك دىنى:
كاتولۇك دىنى بولسا خىرىستىيان دىنىدىكى ئۈچ چوڭ مەزھەپنىڭ بىرى. تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا بىلگىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىدىكى دىن تارقاتقۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا كىلىپ دىن تارقاتقان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كاتولۇك دىنى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلەردە كاتولۇك دىنى چىركاۋلىرى قۇرۇلغان.
خىرىستىيان دىنى:
خىرىستىيان دىنى بىلەن كاتولۇك دىنى ئوخشاش دىگۈدەك ۋاقىتتا شىنجاڭغا كىرگەن. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان خىرىستىيان دىنى خىرىستىيان دىنىدىكى يەنە بىر چوڭ مەزھەپ – پىروتىستانت دىنىنىڭ مەخسۇس ئاتىلىشى. يەنى "ئەيسا دىنى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1882- يىلى شىۋىتسىيە خىرىستىيان دىنى جەمىيىتىدىكى دىندارلار قەشقەرگە كىلىپ ، قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، دىن تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1921- يىلىغا كەلگەندە جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلىرىدا كىڭەيگەن. شىڭشىسەي دەۋرىگە كەلگەندە قاتتىق چەكلەنگەن. شىڭشىسەي دەۋرىدىن كىيىن يەنە باش كۈتۈرگەن.
پىراۋۇسلاۋىيە دىنى:
پىراۋۇسلاۋىيە دىنى روسلار بىلەن بىرگە شىنجاڭغا كىرگەن. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چار پادىشاھنىڭ زۇلىمىغا چىدىمىغان بەزى روسلار شىنجاڭغا كۈچۈپ كىرگەندە پىراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان روسلار بۇ دىننى شىنجاڭغا ئېلىپ كىرگەن. دەسلەپتە شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى پىراۋۇسلاۋىيان دىنى دىنى مۇرۇتلىرى بۇلۇپ، روھانىيلار يوق ئىدى. كىيىنكى بىر قانچە قېتىملىق تەڭسىز شەرتنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن چار روسسىيە شىنجاڭدا دىن تارقىتىش ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن روسسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان. روسلا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا چىركاۋ قۇرغان. بۇ دىن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا تارقالمىغان بولغاچقا ھازىرغىچىلىك روسلار ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.
[ بۇ يازما TuranTekin تەرىپىدىن 2007-11-19 12:11 دە ]
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-18 23:22 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا دىن

Total 0.211252(s) query 3, Time now is:12-05 16:49, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation