بۇ بەتتىكى يازما : ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر - كەسپكە دائىر ئاتالغۇلار ھەققىدە بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر - كەسپكە دائىر ئاتالغۇلار ھەققىدە

    ھۈنەر -كەسپ بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى، ھۈنەر - كەسپ ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىش مىللى مەدەنىيەتنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ ، شۇنداقلا شۇ ھۈنەر - كەسپلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى، يىل دەۋرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.
  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر - كەسپ ئاتالغۇلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەنگەن بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تۇراقلاشقان مىللىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن . ئەنە شۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر -كەسپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاساسى بارلىققا كەلگەن ۋە تەدرىجى راۋاجلىنىپ مۇكەممەلشكەن.
   تۆۋەندە تىلىمىزدىكى  ھۈنەر - كەسپكە  ئائىت قىسمەن ئالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى :

                     1 -- تۆمۈرچىلىككە ئائىت قىسمەن ئاتالغۇلار 

  1) ئاتەشكۈ  _____  تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىكى ئوچاقنىڭ شامال كۆزىنى ئاچىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
  2) پوتال  ______ ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيۇم.
  3) تولۋۇر ____  تۆمۈرچىلىكتە تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر.
  3) تېكىنەك ___  تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
  4) تىغچى ____  ئات ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا ، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم.
  5) جەندىر ____  تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاب.
  6) جۈپتەك ____ ئىنچىكە ۋە كىچىك نەرسىلەرنى قىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ.
  7) دوكپايە ____ تۆمۈرچى ، تاقىچىلار ئىشلىتىدىغان بىر خىل سەندەل، " مىخ سەندەل" دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
  8) سەندەل ____ تۆمۈرچىلەر تۆمۈرنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقاياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىرنەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋاب.
  9) سىركا ____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئوچىقى.
  10) قەللە ____  قەلەي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى، تۆمۈر ئەسۋابلارنى پاياتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
  11) قۇيۇچ ___ پولات، گاڭ.
  12) قىسقاچ ___ چوغلانغان تۆمۈرنى قىسىپ ئالىدىغان قايچىسىمان تۆمۈر ئەسۋاب.
  13)قىلات ____  چاقلانغان پىچاقنىڭ بىسىدىكى سۈيى يانغان ناھەيىتى نېپىز قىسمى.
  14) كۆرۈك ___  تۆمۈرچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەپ يالقۇنلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، كۆپىنچە ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىغان قاپسىمان پۈۋلەش ئەسۋابى.
  15) گوشا ____  چۆگۈننى قاپقاق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جايى، ئاستى گىرۋەكلىك بولىدۇ.
  16) مورىگۈل ___  تۆمۈرچىلىكتە يوغانراق تۆمۈرلەرنى قىسىدىغان قىسقۇچ.
  17) ئوچاقنەيزە ___  ئىككى تەرىپىدىن شامال ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى.

              2 - موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت بىر قىسىم ئاتالغۇلار

  1)ئاپقۇت ___  كۆن ۋە خۇرۇم قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ پاشنا ئۈستىدىكى تاش بىلەن ئەستەر ئارىسىغا ئېلىنىدىغان قاتۇرما. كۆپىنچە تارىشا ياكى قېيىش چەمىدىن ئىشلىنىدۇ. بەزى جايلاردا " ئاخپۇت " مۇ دېيىلىدۇ.
  2) ئاپقۇتچى ___  ئاپقۇت ياسىغۇچى ، تەييارلىغۇچى كىشى، ئاپقۇت ساتقۇچى كىشى.
  3) بەلچە ____  ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
  4) بۈرەندە ___  موزدۇزلارنىڭ كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان، تىغى ئاي شەكىللىك ، ئەگرى ساپلىق ئەسۋابى.
  5) بىگىز ___  موزدۇزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ، مېتالدىن يىڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب.
  6) ئۆكچە ___  ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسى.
  7) پاشنا ___  ئاياغ كىيىمنىڭ تاپىنىغا قويۇلىدىغان ، چەم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان قاتۇرما، ئۆكچە.
  8) پالقان __  ئاياغ كىيىمنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي.
  9)پوركاپ ___  ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىپ، پاشنىسىنى مىخلايدىغان دۆگىلەك ياغاچ كالتەك.
  10) تۆمۈنە ___  ئۇچى نەيزىسىمان ، ئۆتكۈر كېلىدىغان ، يىپنى ئىلىپ تارتىدىغان تۆشۈكى بار، تۇتقۇچلۇق چوڭ بىگىز.
  11) چەتنو ___  ئامبۇرنىڭ بىر خىلى.
  12) چوپسا ___  خۇرۇم، چەم قاتارلىقلارنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.
  13) دىستە ___  ئاياغنىڭ پاشنىسى.
  14) مۇلغۇي ___  موزدۇزنىڭ شىلىمى .
  15) سەيدۇ ___  تېرە، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان پىچاق.
  16) كاسىۋال ___  ئۈچ قىرلىق ئېكەك.
  17) دەستەك ___  ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان ، باشلىقىغا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى.
  18) ئۇلتاڭ ___  ئاياغ كىيىمنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى، دەسسىلىدىغان يېرى؛ تاپان، چەم.
  19) نال ___  ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمنىڭ ئۇچىغا قېقىلىدىغان تۆمۈر بۇيۇم، كىچىك تاقا.
  20) ئىسمائىلتاپ ____  موزدۇزلۇقتا يىپنى ئىلىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
  21) يانتوقا ___  ئاياغ كىيىمنىڭ ئاياغنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان تەرەپتىكى توقىسى.
  22) روپچىك ____  موزدۇزلۇقتا ئىچ چەم بىلەن باشلىقنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تىكىلىدىغان تاسما.
  23) دەزگىل ____  موزدۇزچىلىقتا تىكىلىدىغان كۆن ، خۇرۇم قاتارلىقلارنى قويۇپ، ئۈستىدىن باستۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان تاسما.
  24) دۇپىي ___  موزدۇزلۇقتا ئاياغنى چەملەش ، مىخلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، شەكلى پۇتقا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىنى يەرگە ياكى كۆتەككە قېقىپ قويۇدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
  25) كوۋا ___  موزدۇزلار رەختنى تۈزلەش، چىڭداش، پاشنا قاتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ، تاپىنى كەڭ مېتال ئەسۋاب.

           3 - موزدۇزلۇقتا چەتتىن كىرگەن ئاتالغۇلار

1)   بەتىنكە ___  [رۇسچە] كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلگەن قىسقا قونچلۇق ئاياغ.
2) باجىڭگىر ___  [رۇسچە] كۆن، خۇرۇمدىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق ، بوغقۇچلۇق ئاياغ، قونچلۇق توپلەي.
3) بوتىي ____  [رۇسچە] ئاياللار ۋە بالىلار كىيىدىغان قىسقا قونچلۇق، قونچىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ۋە بوغقۇچلايدىغان يېرىگە تېرە تۇتۇلغان قىشلىق ئاياغ.
4) توپلەي ___  [رۇسچە] ئەر -ئاياللارنىڭ يازلىق ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئومومى نامى.
5) چوسۇنكا ___  [رۇسچە] قونچى ئىگىز، باشلىقى خۇرۇم ، تاپىنى چەمدىن ئىشلەنگەن پاشنىلىق  پىيما.
6) شىبلىت ____  [رۇسچە] خۇرۇمدىن تىكىلەەن ئەرەنچە كۈزلۈك، ئەتىيازلىق ئاياغ.
7) موما خەي ___  [خەنزۇچە] رەختتىن تىكىلگەن قىشلىق ئاياغ كىيىمى.

  مەنبە: " تىل ۋە تەرجىمە " ژورنىلى 2007-يىل 4- سان

                      ئاپتورى: غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
                                                                      (يوللىغۇچى تەرىپىدىن قىسقارتىپ رەتلەندى )

 
  
 
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-01-11 00:34 دە قايتا ]
bilqut
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-11 00:27 | [ئاپتور]
TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئەسلىدە بەتىنكە، توپلەي، شىبلىت دىگەنلەر رۇسچە ئىكەندە!؟
1som
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2008-01-11 13:26 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ھۈنەر - كەسپ

Total 0.065361(s) query 4, Time now is:03-21 08:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation