ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 314
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-05-18
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-11 17:31

 ئالەم ئۇچقۇچىسى- سالىجان شەرىپوف

2004-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى، قازاقىستاننىڭ "بايقوڭۇر" ئالەم كىمىسى ئۇچۇرۇش مەيدانىدا، ئامرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جۇڭگولۇق خەنزۇ (ئوڭ تەرەپ) ئالەم ئۇچقۇچىسى焦立中 ، روسسىيەلىك ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى سالىجان شەرىپوف (ئوتتۇردىكى) ۋە روسسىيەلىك ھەربىي ئالەم ئۇچقۇچىسى پالكاۋنىك سارجىن ئەپەندىلەر بىرلىكتە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. بۇ ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى 2004-يىلى 10 -ئاينىڭ 14 -كۈنى يولۇچىلار ئالەم كىمىسىگە ئولتۇرۇپ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىگە پەن -تېخنىكىلىق تەتقىقات ۋە ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا يۈرۈش قىلماقچى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سالىجان شەرىپوف بىلەن焦立中ئەپەندىلەر خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېكىسكۇرسىيە ۋە تەتقىقات ئەزاسى بولۇپ بۇ قېتىم ئۇلار خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا 6ئاي خىزمەت قىلماقچى. روسسىيە گەرەجدانى بولغان ئۇيغۇر ئالەم ئۇچقۇچىسى سالىجان شەرىپوف ۋە ئامرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جۇڭگولۇق ئالەم ئۇچقۇچىسى焦立中 لار خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى موسكىۋا ۋاقتى كەچ سائەت 2دىن 8مىنۇت ئۆتكەندە ساق- سالامەت قايتىپ كەلگەن.








سالىجان شەرىپوف ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ 1964-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى تەرپىدىكى ئوش ۋىلايىتى ئۆزبېك مەھەلىسى ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىجان شەرىپوف ، ئاتىسى شاكىرجان شېرىپوف بىلەن تاتار ئانىسىنىڭ چوڭ ئوغۇلى.



2005-يىلى1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى سالىجان شەرىپوف بىلەن 焦立中لار ئالەم بوشلۇقىدا 5 سائەتتىن ئارتۇق پىيادە مېڭىش جەريانىدا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ روسسىيە بۆلۈمىنىڭ سىرتقى قەۋىتىگە بىر دانە گىرمانىيەدىن ياسالغان ماشىنا قول-بىلەك ۋە ئۈچ دانە ھەرخىل مىكرو ئورگانىزىملارنى تەجىربە قىلىدىغان ساندۇق ئورنىتىپ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىگە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قايتىپ كەلگەن.





مەركىزى يەردىن ئۇچۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئورۇنىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، بۇ قېتىمقى ئالەمدە پىيادە مېڭىش موسكىۋا ۋاقتى 10 دىن41 مىنۇتتا باشلىنىپ (بېيجىڭ ۋاقتى15دىن41مىنۇت ئۆتكەندە)،16دىن11مىنۇت ئۆتكەندە ئاياغلاشقان. ئەسلى پىلاندا بۇ قېتىملىق ئالەمدە پىيادە مېڭىش 10دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاش قارار قىلىنغان،15دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە ئاياغلاشتۇرماقچى بولغان ، ئەمما روسسىيەلىك ئۇيغۇر ئالەم ئۇچقۇچىسى سالىجان بىلەن ئامرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جوڭگولۇق ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ روسسىيىدە ياسالغان "ئورلەن -27-Mبەلگىلىك" يېڭى تىپتىكى ئالەم فورمىسىنى تۇنجى كىيىشى بولۇپ، ئامرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جوڭگولۇق ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم فورمىسىنى كىيىش ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن 19مىنۇت كېچىككەن، يەنە كېلىپ ئالەم بوشلۇقىدا پىيادە مېڭىش جەريانىدا ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن نەچچە مىنۇت ئارتۇق ۋاقىتنى سەرىپ قىلغانلىقى ئۇچۇن، ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش 25 مىنۇت كىچىكتۈرۈلۈپ ئاخىرلاشقان.





بۇ قېتىمقى ئالەم بوشلۇقىدا پىيادە مېڭىش خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقات ۋە ئېكىسكۇرسىيە ئەزاسى بولغان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىدا پىيادە مېڭىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە روسسىيىلىك ئۇيغۇر ئالەم ئۇچقۇچىسى سالىجان شەرىپوفنىڭ بولسا تۇنجى ئالەم بوشلۇقىدا پىيادە مېڭىشى، ئامرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جوڭگولۇق ئالەم ئۇچقۇچىسى 焦立中 نىڭ بولسا 5-قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىدا پىيادە مېڭىشى ھىسابلىنىدۇ. پىلان پويىچە ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى مۇشۇ يىلى 3-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا پىيادە مېڭىش ئېلىپ بارماقچى.



2005-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى موسكىۋا ۋاقتى كەچ سائەت 2دىن 8مىنۇت ئۆتكەندە "روس بىرلەشمەTMA-5" تىپتىكى يولوچىلار ئالەم كىمىسى 3 ئادەمنى ئېلىپ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن قازاقىستاننىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بىخەتەر قونغان.





مەركىزى يەردىن ئۇچۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئورۇنىنىڭ خەۋەر قىلىىشىچە روسسىيەلىك ئۇيغۇر ئالەم ئۇچقۇچىسى سالىجان شەرىپوف ئەسلىدىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن 4 مىنۇت كېچىكتۈرۈپ 24-كۈنى 22مىنۇت 45 سىكنۇت ۋاقىتتا ئۆز قولى بىلەن باشقۇرۇپ ئالەم كىمىسىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاجراتقان. ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئالەم كىمىسى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن تامامەن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئىتالىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋىتھولنىڭ ئالەم فورمىسىدا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئۇ ئامالسىز ئالەم فورمىسىنى سېلىپ تەكشۈرۈپ كاشىلىسىنى ئوڭشىغان، شۇڭا بۇ جەرياندا ئازراق ۋاقىت سەرىپ بولغان، ئەمما ئالەم كىمىسىنىڭ يەرگەن مۇۋاپىقىيەتلىك قونۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن.





ئالەم كىمىسى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ئۇچۇش ئېلىپ بارغان. 25 - كۈنى كەچ 1دىن 16مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم كىمىسى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ماتورنى ئوت ئالدۇرغان، ئالەم كىمىسى ئەسلى ئۇچۇش ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ يەرگە چۈشۈشكە باشلىغان. ئالەم كىمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمى 2دىن 8مىنۇت ئۆتكەندە قازاقىستاننىڭ ئارقالە شەھىرىنىڭ شىمالى 89 كىلومېتىر ئورنىغا سىللىق قونۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قونغان.



يەرگە چۈشكەن ئۇيغۇر سالىجان شەرىپوف، ئامرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جۇڭگولۇق خەنزۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېكىسكۇرسىيە ۋە تەتقىقات ئەزاسى بولۇپ، ئۇلار خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا جەمئىي 193كۈن خىزمەت قىلغان. ئۇلار 2 قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا پىيادە مېڭىش ئېلىپ بارغان،روسسىيەدىن ئۇچۇرۇلغان ئىككى يۈرۈش ئالەم يۈك-تاق ترانسىپورت ئالەم كىمىسىنى كۈتىۋالغان، 60 خىلدىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا تەجىربىسى ئېلىپ بارغان. ئىتالىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋىتھول بولسا خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت ئەزاسى.



يەرگە قايتىپ كەلگەنلەر ئىچىدە يەنە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا تەجىربە قىلىپ ئېرىشكەن ماتىرياللار ۋە سانلىق مەلۇماتلار، تەجىربىگە ئىشلىتىدىغان قۇلۇلە، قارا چىكەتكە، كىرپىكسىمان قۇرۇت قاتارلىقلار بار.
ئەركەم تورى
007
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1247
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-13
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-04-14
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-13 03:45
  خا خا خا.............

  دالىجان شارپوۋنۇ كىم دەيت ۇيغۇر دەپ،ال قىرغىز تۇقۇمۇ،تالاشا تۇرغان نەرسەنى تالاشقىلا قالجىرلار!!!..........
  مەن سىلەرگە بىلدىرىپ قويويۇن!!!  باشىڭار قىسىپ قالىپتىر
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1757
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 125
شۆھرىتى: 375 نومۇر
پۇلى: 1630 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-13 10:41
بىر چاغلاردا پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ كىشى ھەققىدە بىلىكتىمۇ ياكى بىلىۋالدىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداق تور بېكەتتە بۇنىڭ بىر ئويدۇرما ئىكەنلىكى ھەققىدە NASA تور بېتىدىن تەكشۈرۈپ تاپالمىغانلىقى ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇنى بۇ كىشىنىڭ بىكارچىلىقتا ئولتۇرۇپ ئىشلەپ قويغان PS ئەسىرى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بىر بايانىنى ئوقۇغاندەك قىلغان، لېكىن ھازىر تاپالماي قويدۇم، مۇنبىرىمىزگە بۇنداق ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئېنىق ئەمەس ياكى تۆۋەن بولغان نەرسىلەرنى يوللىمىساق، باشقۇرغۇچىلارمۇ سۈرۈشتۈرۈپراق تەستىقلىساق.
007
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1247
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-13
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-04-14
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-13 14:21
  مىنا مىنداي ىشەنچىلكسىز نەرسەلەر ۇلۇتتار ورتوسۇنداقى ئنسان تالاشۇۇچۇلۇقتۇ كەلتىرىپ قاتا قاراشتاردى جارىققا چىغارۇۇدا.
  مەن قىرغىز ۇۇلۇ بىر وق جانا ەلە سىلەرگە ايتا تۇرغانىم ادامدى تۇۇرا تاانىغان جۆن.


   
yol
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1797
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 355
شۆھرىتى: 533 نومۇر
پۇلى: 3575 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 538(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-13 14:27
qoute
2 - قەۋەتتىكى Ertoghrul 2008-01-13 10:41 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بىر چاغلاردا پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ كىشى ھەققىدە بىلىكتىمۇ ياكى بىلىۋالدىمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداق تور بېكەتتە بۇنىڭ بىر ئويدۇرما ئىكەنلىكى ھەققىدە NASA تور بېتىدىن تەكشۈرۈپ تاپالمىغانلىقى ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇنى بۇ كىشىنىڭ بىكارچىلىقتا ئولتۇرۇپ ئىشلەپ قويغان PS ئەسىرى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بىر بايانىنى ئوقۇغاندەك قىلغان، لېكىن ھازىر تاپالماي قويدۇم، مۇنبىرىمىزگە بۇنداق ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئېنىق ئەمەس ياكى تۆۋەن بولغان نەرسىلەرنى يوللىمىساق، باشقۇرغۇچىلارمۇ سۈرۈشتۈرۈپراق تەستىقلىساق.

يۇقىردىكى پىكىرگە مەنمۇ قۇشۇلىمەن. ئىلگىرى مەنمۇ قايسىبىر تور بېتتىن كورگەن ئىدىم. لىكىن ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس. قارىسام بىزنىڭ بۇ مۇنبىرىمىزگىمۇ يوللىنىپ قاپتىكەن. راس-يالغانلىقىنى بىلىش، ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بىلپ بېقىش، تۇنۇشنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىدىدە تەستىقلىغان ئىدىم. ئاران دىگەندە يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلار كۈرۈلۈپتۇ. مەقسىدىم: قامچىلاشقا تىگىشلىكلىرىنى قاتتىق قامچىلاش كىرەك، تارىخىمىزدىكى مەشھۇرلىرىمىزنىڭ رۇھى قورۇنۇپ قالمىسۇن!!!
ئەركەم تورى
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1793
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 169
شۆھرىتى: 270 نومۇر
پۇلى: 1575 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 785(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-03-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-13 14:32
مەنغۇ قىرغىزىستانلىق ئۆزبەك ئىكەن دەپ ئاڭلىغان،ئانداق ئىشەنچىسىز خەۋەرنى ئالدىراپ يوللىمايلى ماۋۇ ئورخونغا.
بىردەمدە ئاۋۇ قىرغىز قېرىندىشىمىز بىر مۇنچە <<ياخشى>>گەپ قىلىپ قويدى ئاينا!
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 425
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-13 16:33
ئەسسالامۇەلەيكۈم مەن ئوتكەن 2006 يىلى بۇ كىشى ھەققىدە مەلۇمات ئىزدىنىش قىلغانتىم، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس ئۆزبەك ئېكەنلىگىنى ئېيتىپ ماڭا <<www.astronaut.ru/>> تورىدىن جاۋاپ خەت كەلگەن ئېدى...
<<Отправитель: "Ivan A. Ivanov" <ivanov@astronaut.ru>
Тема: Re: вопрос можно?
Дата: Sun, 19 Mar 2006 16:43:22 +0300
Кому: Эмерен <emeren_net@rambler.ru>
Добрый день!
Спасибо за еще одно исправление!
Что касается Шарипова, то насколько я знаю, он по национальности
узбек. И сам себя он называл узбеком, и еще когда он только проходил
подготовку (ОКП), то Джанибеков называл Шарипова "космическим узбеком".

С уважением,
ИВан>>  بۇ خېتىدە شارىپوفنى ئۆزبەك دەپ يازغان...  جانىبەكوف ئۇنى "قاىنات ئۆزبىكى" دەتتى دەپ يىزىپتىكەن، ئۇ ئۇيغۇر
ئەمەس- ئۆزبەك...
مەنبە: http://forum.uyghurlar.biz/index.php?showtopic=1044&hl=%D1%E0%EB%E8%E6%E0%ED+%D8%E0%F0%E8%EF%EE%E2
====
Sharipow Salijan Shakirowich
8 Ayning 24küni 1964 yili üzgén shehiride tughulghan.
Qirghizstan.
Dadisi: sharipow shakirjan 1929 y.T. Pénside.
Anisi: sharipowa(tashmatowa) turghnay 1936 y.T. Penside.
Hedisi: Sharipova Matlyuba Shakir 1955 yili tughulghan doxtur, Uzgen nahiyesining
akimining orunbasari.
Akisi: Sharipov Qadijan Shakir 1957 yili tughulghan, ashpez
Akisi: Sharipov Qabiljan Shakir 1959 y.t.
Inisi: Sharipov Sadiqjan Shakir 1970 y.t.
Inisi: Sharipov Sobitjan Shakir 1972 y.t. qurulush injiniri
Singlisi: Sharipova Zul'fiya Shakir 1974 y.t. farmacevt (heptiyek ishleydu)
Ayali: Sharipova (Satqulova) Nasiba (Nadejda) Mawlyan 1964 yili tughulghan ekonomist
Qizi: Sharipova Nigora Salijanovna 1988 yili tughulghan.
Oghli: Sharipov Djaxangir Salijanovich 1992 yili tughulghan.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-13 22:10
ھە بۇ كىشى ئەسلىدە ئۆزبېك مىللىتىندىنكەندە . 007  دىگەن تورداشنى بىكارلا خاپا قىپتۇق دىسە . 007 گېپىڭىز توغرىكەن بۇ ئادەم ئۆزبېككەن .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1168
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 557
شۆھرىتى: 908 نومۇر
پۇلى: 5415 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-21
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-14 10:43
تۇران تېكىن ئەپەندى ياخشى قىپتۇ بىر ھېسابتا، بەرىبىر جەمىيەتتە ئېقىپ يۈرەتتى بۇ گەپلەر، بىر قىسىم ئادەملىرىمىز گەپ قىلغاندا ئاۋايلايدىغان بولدى ئەمدى، ئاۋۇ يەردە ئورخۇن باركەن دەپ!!!
yol
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1180
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 21
شۆھرىتى: 22 نومۇر
پۇلى: 210 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-28
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-03-19
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-14 17:07
ئىلگىرى بىرسىنى ئۇيغۇركەن دەپ شۇنداق ئىشلار بولغان ،بۇ قايسى مىللەتىن بولمىسۇن بىزگەيېقىن كىشىلەردۇر
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-14 22:05
كىملا بولمىسۇن بەرىبىر بىز بىلەن قېرىنداشكەنغۇ نمىە قىلىمىز تالىشىپ ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز......لارنىڭ ھەممىسى بىز بىلەن قېرىنداش!
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1421
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 13
شۆھرىتى: 14 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-10
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-04-15
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-10 21:11
    بىز ئۇيغۇرلار  قاچانمۇ ئۆزىمىز ئالەم كىمىسى ھەيدەپ ئالەم بوشلىقىغا چىقارمىز ھە!!؟
 
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 112
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-03-16
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-27 12:06
    ئۇنىڭ مەۋجۈتلىقىغا ئىشەنگەن ئىكەنمىز ،نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە بولغان گۇمانىڭلارنى بۇنچە تىز يوققا چىقىرىسىلەر ..قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن ..
 
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-27 12:39
nasimi112 ئەپەندى گەرچە قىرغىزىستاننىڭ ئوش رايونى ئۇيغۇرلار كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇرىدا تورداشلار ئېيتقان پاكىتلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك، ئەرتوغرۇل ئەپەندى تىلغا ئالغان ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتى ۋە ئەمەرەن ئەپەندى تىلغا ئالغان روسىيەنىڭ ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ جاۋاپ خېتى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە نىمىشقا ئۇنى ئۇيغۇر دەپ تۇرىۋالىمىز. پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش كېرەكتە.
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1575
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-06
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-04-02
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-18 22:52
  نىمە ؟خەۋەر يالغانما...............
ئەركەم تورى
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !